باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-9 21:04 | ئاپتور: ئۆمەرجان ئوبۇل | مەنبە: "تۇرپان"ژورنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئايالىنى گۇڭگىلاشتۇرۇش

ئايالىنى گۇڭگىلاشتۇرۇش  

 ئۆمەرجان ئوبۇل ئۆزتۇغ
 
    ئون سەككىز يىل ئۆي تۇتقان خوتۇن__ ئون سەككىز يىل سالماي كىيگەن تامبال، ئون سەككىز يىل ھەر كۈنى بىر خىللا تەم بىلەن يېگەن غىزا، ئون سەككىز يىل تەكرار-تەكرار كۆرۈپ، ھىچقانداق يېڭىلىقى قالمىغان رەڭسىز كىنو، ئون سەككىز يىل تامغا ئېسىپ قويۇلۇپ، كۈندە قاراۋېرىپ ئۆڭۈپ كەتكەن سۈرەت... مانا ئەمدى ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتساڭمۇ گويا ئۆزۈڭنىڭ قولىنى تۇتقاندەك، لەۋلىرىگە ھەرقانچە ئەستايىدىللىق بىلەن سۆيسەڭمۇ خۇددى قولۇڭنىڭ دۈمبىسىگە سۆيگەندەك، ئەڭ رومانتىك بىر خىل تۇيغۇ ئىچىدە قارىساڭمۇ ئۈجۈر-بۈجۈرىگىچە ھەممىلا يېرى تونۇش بولۇپ كەتكەن قەدىمىي ئىشىككە قارىغاندەك ھىچقانداق لەززەت ھىس قىلمايسەن، يا سۆيۈنمەيسەن، يا ھاياجانلانمايسەن، يا بىرەر قېتىم ئەرىش سەيلىسى چۈشى كۆرگەندەك شېرىن تۇيغۇ قوينىغا چۆممەيسەن... قورساق جېنىدا لەغمەننى كۈندە يەۋەرسەڭ سۇيۇق ئاش، چۆچۈرە، پولۇ، كاۋاپ، جۇۋاۋا دېگەنلەرنى سېغىنىدۇ يۇ، ئەمما بۇ خوتۇن دېگەن... لېكىن بۇنداق دەپلا ئون سەككىز يىل ئۆي تۇتقان، ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولغان خوتۇندىن تەل-تۆكۈس ۋاز كەچكىلى بولمايدۇ- دە؟ ئاھ خۇدا مەن زادى نېمە بولغاندىمەن، قاچاندىن باشلاپ مۇشۇنداق غەلىتە تۇيغۇلار كاللامنى چىرمىۋالغاندۇ، ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان قۇرۇتلار ھە دېگەندە ئۇستىخانلىرىمنى، روھىمنى غاجىلاپ نېمىگە ئايلاندۇرۇپ قويماقچىدۇ. بۇرۇن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە سۆيۈملۈك ۋە ھەر كۈنى يېڭىدىن –يېڭى تۇيغۇلارغا ئەسىر قىلىدىغان شۇنچە چىرايلىق ئايال ئەمدى نېمە دەپ كۆزۈمگە سىغمايدىغان بولۇپ قالغاندۇ؟
    - ئەرلىكىڭنىڭ ئىسيان كۆتۈرگەنلىكى. 
    - ئىنتىلىشلىرىڭنىڭ ئۇلغايغانلىقى.
    - كوچا چىراقلىرىدەك رەڭگارەڭلىككە تولغان قىزلارنىڭ قان تومۇرلىرىڭنى غاجىلاشقا ئورۇنغانلىقى.
    - ئەركىن دۇنيانىڭ ساڭا ئاتا قىلغان يېڭىچە لەززىتى. 
    - ..........
    بۇلارغا تازا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. چۈنكى ئايالىم ئەينى چاغدا مەن ئۈچۈن ھەممىدىن گۈزەل ۋە بەلكى باشقىلار ئۈچۈنمۇ چوقۇنۇشقا ئەرزىيدىغان بىباھا ۋە سۆيۈملۈك قىز ئىدى. شۇنچە نۇرغۇن قىزلار ئارىسىدىكى بۇ سۆيگۈ پەرىشتىسىنى، مۇھەببەت ئىلاھىنى، گۈزەللەرنىڭ گۈزىلىنى ناھايىتى ئۇزاق مەزگىل قوغلۇشۇپ روھىمغا ئەسىر قىلغان ، مۇھەببەت بېغىمغا كۆندۈرگەن. ھەتتا ئۇنى قىزغىنىش تۈپەيلى ئەڭ يېقىن دوستلۇرۇممۇ ماڭا شۇنچە كېرەكسىز ۋە ئىشەنچسىز بولۇپ تۇيۇلغان. راست ئۇ ئاشۇ چاغلاردا مەكتەپتىكى قىزلارنىڭ سەرخىلى بولۇپلا قالماستىن، ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ تەرىپلىنىدىغان مەكتەپ گۈلى ۋە مەكتەپ گۈزىلى ئىدى. ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا تەلەپ قويۇش ئۈچۈن پىلان قۇرۇشقانلارنىڭ بىرەرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدا گەپ تېشىشىكە جۈرئەت قىلالماي، غىتىنى قىسىشقا مەجبۇرى بولاتتى. بەلكىم ئۇ ھازىرمۇ شۇ قەدەر گۈزەل بولسا كېرەك. چۈنكى ئۇ ئەسلىدىنلا روھى بىلەن تېنى بىرلەشكەن، ۋۇجۇدىدىن ھەقىقى گۈزەللىك نۇرلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان قىز ئىدى. بۇنداق روھى گۈزەل ئادەملەرنىڭ ئۇنداق ئاسانلا جەزبىدارلىقىنى يوقۇتىدىغانلىقىغا ھىچكىم ئىشەنمەيدۇ. لېكىن ئۇنىڭغا ئون سەككىز يىل بولدى. ئون سەككىز يىل ئۆي تۇتقان خوتۇن __ ئون سەككىز يىل يېنىڭدىن ئايرىماي ساقلىغان تۇمار بولغان تەقدىردىمۇ بەرىبىر كونىرىدۇ. بەلكىم ئون سەككىز يىل سالماي كىيگەن شىلەپىدەك يېڭىلىق تۈسىدىن يىراقلىشىدۇ. ئۆزۈمنى ھەرقانچە تۇتۇشقا تىرىشساممۇ، روھىم يەنىلا ھە دېگەندە ئاشۇ شىلەپە ئىچىدىن قېچىپ چىقىشقا ئورۇنىدۇ. مەن زادى نېمە بولدۇم، مېنى شۇنداق تۇيغۇلار چاڭگىلىدا قىستاۋاتقان نەرسە زادى نېمىدۇ؟ 
    - ئۇ شەيتان.
    - ئۇ جاھاننىڭ خۇنىكلىكلىرىدىن تۆرەلگەن، ۋەيلۇن دوزاخنىڭ ئەلچىسى بولمىش چىشى ئالۋاستى. 
    - ئىككىلەنمەي قاتارىمىزغا قوشۇل. بۇنداق شەيتان ۋە ئالۋاستىلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا سەن نەگىلا بارما ئۇ بەرىبىر سېنى تېپىۋالىدۇ.
    - يۈرۈكىڭنى خام پېتى يەيدۇ. 
    - يەتتە باشلىق يالماۋۇز كەبىي تۈۋرۈككە ئېسىپ، تاپىنىڭدىن تۆشۈك ئاچمىسىمۇ، ئۆزى تۇيدۇرماي ئاچقان تۆشۈكلەردىن قانلىرىڭنى بىر-بىرلەپ شوراپ تۈگىتىدۇ.
كاللام گاراڭلا بولۇپ كەتتى. روھىم چىقىپ كېتىۋاتقان ئادەمدەك بارغانچە خارامۇشلۇق پاتقىقىغا پاتىمەن. ئۆزۈمنى مەڭگۈلۈك بىر نوقتىغا باغلاپ قوياي دەيمەنۇ يەنىلا شۇ نۇقتىنى تاپالماي ئېغىر ئازاپ قوينىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك بولىمەن. 
    - نېمە دەپ ئۆزۈڭنى ئالدايسەن. شۇنچە كۆپ يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ھېچ ئىككىلەنمەي نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ بولدى. ھاڭدەك ئېچىلىپ تۇرغان ئىشىكلەر، تاغدەك دۆۋلىنىۋاتقان شىشىلەر، كونا بازىدىكى دۆۋە-دۆۋە كېيىملەردەك بارغانچە كۆپۈيىۋاتقان كۆڭۈلكەش قىزلار، تۇرخۇنلاردىن چىقىپ ،شەھەر ئاسمىنىنى غۇۋالاشتۇرىۋاتقان ئىس-تۈتەكلەر كەبى تەنلەردىن ئايرىلىپ لەيلەپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان روھلار... سەنمۇ بەرىبىر ئاشۇ ئېقىمغا كىرىشىڭ كېرەكقۇ؟
    - نېمە چارە بار؟ 
    - ئەخمەق ئىكەنسەن، ئەڭ ياخشىسى ئايالىڭنى گۇڭگىلاشتۇرغىن. 
    - نېمە، بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ 
    گۇڭگىلاشتۇرۇش دېگەن سۆز دەسلەپتە ماڭا تولىۇ بىمەنە، تولىمۇ قاڭسۇق تۇيۇلۇپ، ئۆزۈمنى ئۇنداق قىلىش قولىدىن كەلمەيدىغانلاردەك ھىس قىلدىم. چۈنكى بۇ سۆز بىر ئاڭلىماققا چۈشۈنىكسىزدەك تۇيۇلاتتى. لېكىن كېيىن ھەممىنى ھىس قىلپ يەتتىم.
    - دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق رەسىمنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىممەتلىك بولۇپ كەتكىنىنى بىلەمسەن؟ بىلىشىڭ كېرەك، سىر پەقەت ئۇنىڭ گۇڭگا بولغىنىغا مەركەزلەشكەن.
    - داڭلىق شېئىرلارچۇ؟ 
    - ئۇمۇ ئوخشاشلا.
    - داڭلىق ھېكايىلارنىمۇ شۇنداق دېمەكچىمۇسەن؟
    - ئەلۋەتتە شۇنداق، سەن ۋەقەلىكنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ۋە بەلكى بېشىدىكىسىنى ئاخىرغا، ئاخىردىكىسىنى بېشىغا، ئوتتۇردىكىسىنى ھىچكىم پەزەزمۇ قىلىپ باقمىغان جايغا قويساڭ، ھەربىر پىكىرنى ئوتتتۇرغا قويغاندا، ئوقۇرمەنلەر ئاسانلا بايقىۋالالايدىغان ئاددىي تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس، بوۋاقنىڭ تەپەككۇرى بىلەن بوۋاينىڭ خىيالىنى، قىزلارنىڭ گۈزەللىكى بىلەن شەيتاننىڭ ھىيلىسىنى، مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئۇنىڭ ئاللىقاچان يەر يۈزىدىن يوقالغانلىقىدىن ئىبارەت گىرەلەشمە تەسەۋۋۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ يازساڭ ئاندىن ئۇنىڭ قىممىتى، جەلىپكارلىقى ئاشىدۇ دېگەن گەپ.
    ھەممىنى چۈشەنەنگەندەك بولدۇم. ئويلاپ باقسام خەلقىمىز تارىختىن بۇيان ئون نەچچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ جىق ئەسىرلەردىن بۇيان شېئىرنى ھېسسىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ جېنى دەپ ياشاپ كەپتۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇمۇ خۇددىي يىگىرمە ئەسىر سالماي كىيگەن تامبالدەك كونا بىلىنىشكە باشلىغاندا، كىمنىڭمۇ ئۇنى بىرلا چۆرۈپ تاشلىۋەتكۈسى كەلسۇن دەيسىز؟ ئەڭ ياخشى چارە يەنىلا گۇڭگىلاشتۇرۇشكەن، گۇڭگىلاشمىسا ئۇنىڭ لەززىتىمۇ بولمايدىكەن، قىممىتىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن. ئىش قىلىپ قانچە سىرلىق ، قانچە گۇڭگا بولسا ئادەمنى تېخىمۇ جەلىپ قىلىدىغان گەپكەن. بۇنىڭ ئالدىدا خوتۇننى گۇڭگىلاشتۇرۇش دېگەن قانچىلىك ئىشتى دەيسىز، مەندەك ھايات دوقمۇشىدا گاڭگىراپ قالغان تالايلىغان كىشىلەر ئۈچۈن خوتۇنىنى گۇڭگىلاشتۇرۇشتىنمۇ ئاقىلانە قۇتۇلۇش يولى بولمىسا كېرەك، ئۇنىڭسىزمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئېرىنى گۇڭگىلاشتۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنى يوق دېسىمۇ ھىچكىم ئىشەنمەيدىكەنغۇ؟
    ھەئە، مەنمۇ ئاخىرى خوتۇننى گۇڭگىلاشتۇرۇش يولىنى تاللىدىم، تازا ھىس قىلىپ يەتسەم ئۇ ئۇنچىۋالا سىرلىق ئىشمۇ ئەمەسكەن ، خۇددىي باشتىكىسىنى ئاخىرغا، ئوڭىنى تەتۈرسىگە، راستىنى يالغىنىغا، بەزى رومانتىكلارنىڭ قارىشىدىكى توختام سۇدەك تىنىچلا ئۆتۈدىغان ھاياتنى خاتىرجەمسىزلىككە، خۇشاللىقنى كۆز يېشىغا ئارلاشتۇرۇپ، تۇرمۇش تەرتىۋى دېگەننى خالىغانچە بۇززىلا بولىدىغان گەپكەنغۇ؟
    دەسلەپتە ئىشنىڭ تازا ئېپىنى بىلىپ بولالماي، ئايالىمنى مەلۇم ئىش بىلەن كەڭرى كوچىغا قويىۋېتىپ، يىراقلاردىن قاراپ، ھەتتا دۇربۇن بىلەن قاراپ كۆزۈتۈش بىلەن لەززەت ھىس قىلدىم. كېيىنچە مۇنچىنىڭ تېمىغا كىچىك بىر تۆشۈك ئېچىپ قويۇپ، ئۇ يۇيۇنىۋاتقان ۋاقىتتا ناھايىتى دىققەت بىلەن قاراپ ھوزۇرلۇنۇشنى ئادەت قىلدىم. ئويلاپ باقسام بىزنىڭ مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىمىزدىكى بىرەر ھەپتىدە بىرەر قېتىم كۆرۈشۈش، پات-پات خەت يېزىشىپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىش، باشقىلار بىلەن مۇڭدۇشۇپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، قانلار قىزىپ، يۈرەكلەر ئۆرتۈنۈپ كېتىشتەك ئىشلار يۈز بېرىدىغان ئاشۇ چاغلار مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا تولىمۇ سىرلىق، كۆڭۈللۈك، ھەم گۇڭگا بولغان چاغلىرىمىزكەن. ئەلۋەتتە ئۇ چاغلاردا بىز چەكلەنگەن رايونغا كىرەلمىگەن، چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان بولغاچقا، ھەممە ئىشلار ئاشۇنداق گۇڭگا ، كۆڭۈللۈك، سۆيۈملۈك، لەززەتلىك تۇيۇلغان بولسا كېرەك، مۇشۇ خۇلاسىگە كەلگەندىن كېيىن ئىشلاردا نۇرغۇن ئۆزگۈرۈشلەر بولۇپ كەتتى.
ئون سەككىز يىل ئۆي تۇتقان خوتۇن بىر قارىساڭ ئون سەككىز يىل توختىماي ھەيدىگەن ئېشەك ھارۋىسىغا ئوخشايدۇ. لېكىن زاماننىڭ تەرەققى قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئېشەك ھارۋىسىنى ماشىنىغا، ئايرۇپىلانغا ئالماشتۇرغىلى بولغىنى بىلەن ئون سەككىز يىل ئۆي تۇتقان خوتۇننى بىر كېچىدىلا ياۋرۇپالىقلاردەك ئاجايىپ-غارايىپ كېيىنىپ، چاچلىرىنى ئالا- بۇلىماچ بوياپ، قاش، كۆزلىرىنى كۆكەرتىپ، زىلۋا پاچاق ۋە كاسسىلىرىنى بازارغا سېلىپ يۈرۈيدىغان زامانىۋى گۈزەللەرگە ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ دېگەن ئىككى بالىنىڭ ئانىسى، مۇھەببەتنى، چىن سۆيگۈنى ياراتقان كونا مەبۇد، بىراق يەنە نېمە دېگەن بىلەن كونا دېگەن بەرىبىر كونىلىقىنى قىلىدۇ، ئۆزىنى يىگىرمە ئىككى ياشلىق سەتەڭلەردەك ياش ۋە شاش، ئاجايىپ سىھىرگە تولغان قىلىپ كۆرسىتەلمەيدۇ، ھەم ساڭا ئۇنداق لەززەتنى ئەسلا ئاتا قىلالمايدۇ. شۇڭا ئۇنى ئەپچىل چارە بىلەن گۇڭگىلاشتۇرۇش كېرەك. مانا ھازىر ئىشلار خېلى ئەپلىشىپ قالدى، ھەر كۈنى ئىمكان بار ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچرىشىپ قېلىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇش ئۈچۈن كېچە سائەت ئون ئىككى، بىرلەرگىچە سىرىتلاردا ھاراق سورۇنى، رەڭلىك سورۇن دېگەنلەردە ئولتۇرۇپ ، ئىشىكنى ئەپچىللىك بىلەن ئېچىپ كىرىمەن-دە، ئۆزۈمنىڭ ئايرىم خانىسىگە كىرىپ شېرىن ئۇيقۇنى باشلايمەن، ئەتىسى ئۇ ئىشقا كەتكەن چاغلاردا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈز-كۆزلىرىمنى چالا-پۇچۇق يۇيۇپلا ئىدارىغا ماڭىمەن- دە، چۈشكىچە بولغان ۋاقىتنى ئايالىمغا تىلىفۇن قىلىش، شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن مۇھەببەت ئىزھار قىلىش، ئۇچۇر يوللاش بىلەن ئۆتكۈزىمەن. بەزى چاغلاردا بىرنەچچە پارچە سۆيگۈ خېتى يېزىپ پوچتا ئارقىلىق ئۇ ئىشلەيدىغان ئىدارىگە يوللاپمۇ قويىمەن.
    مانا ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك توردا ئۇچرىشىدىغان بولدۇق، ھەيھات بۇ قىززق ئىشنى قاراڭ ، راستىنى ئېيىتقاندا ئايالىم ئۆزىگە توردا شۇنچە شېرىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىۋاتقان سۆيۈملۈك ئەرنىڭ مەن ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئەمما مەن ئۇنىڭ مەخپى نومۇرىنى، توردا سۆزلىشىدىغان ئىكىنچى بىر ئىسمىنى تولۇق بىلىدىغان بولغاچقا ئۆز ئايالىمغا ئىزھار قىلىۋاتقان رومانتىكلىققا تولغان كۆڭۈل كەچمىشلىرىمدىن تولىمۇ رازى. لېكىن بارا-بارا ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ يۈز تۇرانە كۆرۈشىدىغان ۋاقتىمىز ھەقىقەتەن ئازلاپ كەتتى، ئارىمىزدىكى بوشلۇق شۇنچە چوڭۇيۇپ، بىر نۇقتىدىن ئىككى تەرەپكە قاراپ يول ئالغان يولۇچىدەك بىر-بىرىمىزدىن يىراقلىشىپ كەتتۇق. تازا دىققەت قىلسام ئۇ بىرىگە سەۋدايىلارچە ئاشىق بولۇپلا قالغاندەك تۇيۇلىدۇ، ھەر كۈنى ئۈستەل ئالدىدا بىر-ئ ىككى سائەتلەپ ئولتۇرۇپ، تۈجۈپىلەپ گىرىم قىلىدۇ، ياسىنىشقىمۇ زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، مەندىن رۇخسەتسىزلا ئاللىقانداقتۇر جاقا جۇمباق كىيىملەرنى سېتىۋېلىپ، يېشىغا، بەدەن ھالىتىگە ھىچبىر ماس كەلمىگەن سىياقتا كىيىنىپ، گويا ھېلىلا بىرسى بىلەن كۆرۈشىدىغان ئادەمدەك نېمىلەرگىدۇر تەقەززا بولىدۇ، كىملەرنىدۇر سېغىنغاندەك قىلىدۇ، نەلەرگىدۇر ئالدىرايدۇ. لېكىن كەچتە ئۆيگە قايىتقاندا ئەتىگەنكى روھىي ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان، كۆزلىرىدىكى ھىسىيات سۇسلاشقان، ئۈمىد نۇرلىرى ئۆچكەن ھالدا ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ. « توردا كۆرۈشۈشكە ۋەدە بەرگەن ئادىمى بىلەن ئۇچرىشالماپتۇ- دە كاساپەت، ئۆزىنى شۇنچە تەقەززا قىلغان ئادەمنىڭ مەن ئىكەنلىكىنى بىلسە نېمە بولۇپ كېتەر، يىراق بىر ئۆتمۈشتىن بۇيان كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ، چۈشىدىمۇ، ئوڭىدىمۇ ئالەمچە گۈزەللىك ئاتا قىلىپ كېلىۋاتقان غايىبانە بىر روھنىڭ باشقا بىرسى ئەمەس ، ئۆزىنىڭ ئېرى ئىكەنلىكىنى چۈشەنسە ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەرمۇ يە؟ لېكىن ئۇ ئويلاپ باقسام ئۇنداقلارغا ھىچ ئوخشايدىغانلاردىن ئەمەس، قارىساڭ كۆزىدىمۇ، سۆزىدىمۇ، يۈزىدىمۇ ھېچبىر ساتقىنلىق ، خائىنلىق ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيدۇ. ناۋادا توردىشىنىڭ ئېرى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە تېخىمۇ خۇشال بولىدىغاندەك، ھەقىقى ئېرىشىدىغان نەرسىگە ئەمدى ئېرىشپ، ئەڭ زور خۇشاللىق قاينىمىغا چۆكىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىم.يەنىلا ئۇنى گۇڭگىلاشتۇرۇش، تۇرمۇش رېىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش يولىدا خالىغانچە رول ئېلىشقا باشلىدىم.
ئون سەككىز يىل ئۆي تۇتقان ئايال بىر قارىساڭ ئون سەككىز يىللىق جۇدۇندا قاتقان مۇزدەك شۇنچە سوغاق ھەم شۇنچە يېقىمسىز كۆرۈنىدۇ. ئەمما شۇنداق دەپلا ئىككى بالىنىڭ ئانىسىنى بىمەھەل تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ.
    - سىرتتىن تازا نازاكەتلىك، خۇلقىسى ياماندىن بىرنى، ياكى بىر-بىرىگە ئۇقتۇرماي بىرقانچىنى تېپىۋېلىپ، ئىچ پۇشۇقۇڭنى چىقار، كۆڭلۈڭنى بۈيۈكلۈككە كۆتەر، بىراۋ ماڭغان يولنى سەنمۇ ماڭ، ئايالىڭنى بولسا ئون سەككىز يىللىق ئاسارە-ئەتىقە سۈپىتىدە ئۆيۈڭدە ساقلاپ قوي، شۇنداق قىلساڭ كاۋاپمۇ، زىخمۇ كۆيمەيدىغان ناھايىتى پەيزى ئىش بولىدۇ. 
    - ياق، ئۇنى ئوتۇڭدا كۆيدۈر. 
    - مۇھەببىتىڭدە ئەللەيلە. 
    - ...
    ئىككى تاش ئاراشلىرىدا قىسىلىپ، تەلۋە ھىسىيات جاڭگىلىدا تېنەپ يۈرپ بەكلا قىينىلىپ كەتتىم، كۆزۈمدىن ئۇيقۇ، ئىشلىرىمدىن بەرىكەت، روھىمدىن ئىمان قېچىشقا باشلىدى. شۇندىلا ئۆزۈمنى قايتىدىن دەڭسەپ كۆرۈپ، يەنىلا گۇڭگىلىشىشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە چارە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم- دە، ھاراق كوچىسىغا بېشىمچىلا چۆكۈپ كەتتىم.
كوچىلارنىڭ ئەڭ مەينەت، ئەڭ خالىي، ئەڭ يىراق جايلىرىغا جايلاشقان پاكار تاملىق، تولىمۇ قىستاڭ ياسالغان ئايرىم خانىلىق قاۋاقخانىلار، كىچىك، كىچىك دەرىزىلىرىدىن غۇۋا نۇر چۈشۈپ، چۈشكە ئايان بولىدىغان قەبرىستاندەك كۆرۈنىدىغان تولىمۇ گۇڭگا ئۆي ئىچى، قىزغۇچ رەڭدە ياسالغان چوڭ-كىچىك ئەينەك ئىستىكانلار، قىزىل، كۆك، يېشىل، قارا سېرىق، سۆسۈن رەڭ جۇلالىرى چاقناپ تۇىدىغان ھەرخىل شەكىلدىكى ھاراق بوتۇلكىلىرى، ئاق ياكى قىزىل، قىزغۇچ رەڭدە بولىدىغان ھاراقلار... ھەممىسى تولىمۇ گۇڭگا بىر ھالەتتە كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ يۇ، يەنىلا ئۇ روھىمنىڭ يۈكسەكلىك ئىچىدە نامايەن بولىشىدەك تولىمۇ سىرلىق تۈسكە كىرىپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك مېنى يەنىلا گۇڭگۇلۇق، قاراڭغۇلۇق قوينىغا باشلايدۇ. 
    -  خوشە ئىچتۇق. 
    - ئىچىپ بولۇپ ... 
    - ۋەيىت...
    قاقاھلاپ كۈلكە كۆتۈرۈلىدۇ، رومكىلار لىقلىنىدۇ، قىزغۇچ ياكى ئاق رەڭلىك سويۇقلۇق ھىچبىر توسقۇنلۇقسىزلا كانايلارغا تۆكۈلۈپ، قورساقلارغا سىڭىپ، تومۇرلارغا ئېقىپ، ئاقىۋەتتە يەنە كاللىنى گۇڭگا، تولىمۇ گۇڭگا بىر بوشلۇققا سۆرەيدۇ.ئۇنىڭدىن كېيىن قاچانلاردۇ بىر يەرلەردە كۆرگەندەك ئەمما ناتونۇش بولغان، بىر قارىساڭ يۈرەكنىڭ يېغىنى يېگىدەك گۈزەل، يەنە بىر قارىساڭ ئىتنىڭ يالىقىدەك شۇنچە بەترەڭ، يەنە بىر قارىساڭ، دىۋانىنىڭ خۇرجۇنىدەك مەڭگۈ تويماس كۆرۈنىدىغان ، جىنغىمۇ، ئالۋاستىغىمۇ، پەرىزاتقىمۇ، ئادەمگىمۇ ئوخشىمايدىغان خىلمۇ-خىل ئايال زاتى سېنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىشقا باشلايدۇ، گويا چۈش كۆرگەندەك، ياكى شەيتان ئاتلىغاندەك غۇۋا بىر لەززەت قوينىغا چۆكۈسەن، ھەممە نەرسە__ ئۆزۈڭ، ئايال، ھايات، ھاراق، ئۆي ، كارۋات دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى گۇڭگا كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ، پۈتكۈل مەۋجۇدلۇق گۇڭگىلىق ئاغزىغا يالماپ يۇتۇلىدۇ.
    ئاقىۋەتتە تۇرمۇش رېتىمى تېىخىمۇ قالايمىقانلىشىپ، ھەممە مەۋجۇتلۇقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. 
    - ئۇ كىم؟ 
    - ئۈچۈنچى شەخىس.
    - قاچانقى گەپنى قىلىسەن ، ئۈچۈنچى شەخىس دېگەن كونىرىغان ئۇقۇم.
    - ئۇنداق بولسا مۇھەببەت.
    - گۇڭگا مۇھەببەت، ئايالىنى گۇڭگىلاشتۇرغاندىن كېيىنكى ھاسىلات دېگىن.
     راسىت ئىكەن. تۇرمۇش قانچە قالايمىقانلاشقانسېرى ئايالىم ماڭا شۇنچە گۇڭگا ھەتتا ناتونۇش كۆرۈنۈشكە باشلىدى، مېنىڭ ئۇنى كۆرۈشكە ۋاقتىم يوق، كۈنلىرىم دېگۈدەك ئىدارىدە، قاۋاق، جودەيسۇ، رىستۇران، رەڭلىك سورۇنلاردا ئۆتىدۇ. ئايالىمنىڭمۇ مېنى كۆرۈشكە ئەسلا رايى يوق، كۈنلىرى ياسىنىش، ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئولتۇرۇپ گىرىم قىلىش، توردا ئاللىكىملەر بىلەندۇر مۇڭدۇشۇش، خيال دەرياسىغا غەرىق بولۇش بىلەن ئالدىراشلا ئۆتكەندەك قىلىدۇ . بىردىنلا سەل چۆچىگەندەك قىلدىم. ئەجەبا ئۇ ئىلگىرىغۇ كىملىگىنى بىلمەي تۇرۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك مەن بىلەنلا سۆزلىشەتتى، شېرىن، تاتلىق سۆزلىرىنى ماڭىلا ئېيتاتتى، قانداقتۇر بىر تەسەللىيگە، مۇھەببەتكە، ھىسىياتقا تەقەززا ئىكەنلىگىنى يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتاتتى، مانا ھازىر مېنىڭ تورغا چىقمىغىنىمغا، ئايالىمنى گۇڭگىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ياخشى چارىسىنى تېپىۋالغىنىمغا خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى. ئەمدى قوپۇپ ئۇ كىملەر بىلەن سۆزلىشىۋاتىدىكىنە، ياكى بىرەرىنى تېپىۋالغانمىدۇ؟
    بىردىنلا جۇدۇنۇم ئۆرلەپ، قانلىرىم يۈزۈمگە تېپىشكە باشلىدى. شۇ ئاچچىقتا ئاچچىقنى ئاچچىق بىلەن ئالماق بولۇپ، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ يەنە ھىلىقى گۇڭگا جايغا قاراپ يول ئالدىم. 
    - سۆيۈملۈكۈم، ئۇنداق ئاچچىقلىنىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيتى، بەلكىم ئۇ سىزنىڭ روھىڭىز بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندۇ، سىز دېگەن ئۆزى تۇرماق سايىسىمۇ مىڭ يىگىتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئاجايىپ جەلىپكار ئادەم تۇرسىڭىز، تولا چالۋاقاپ، ئۆزىڭىزنى ئۇپراتماي كېلىڭە ئىككىمىزمۇ تازا كېلىشتۈرۈپ، تازا ئوخشۇتۇپ، تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ تۇرۇپ بىر قېتىم ، ياق، يۈز، مىڭ قېتىم سۆزلىشەيلىكى، ئىشلار مەڭگۈ ئېسىمىزدىن كۆتۈرۈلمىگىدەك بولسۇن.
    - ...
    كىمدۇر بىرى ئاشۇنداق زىل ھەم نازاكەتلىك ئاۋاز بىلەن مېنى باغرىغا چىللايدۇ، كۆڭلۈمنى ئوۋلايدۇ، يۈرەكلىرىمنى يايرىتىدۇ.
    - ئادەمنىڭ كۆڭلىنى مانا ماۋۇنىڭچىلىك بولسىمۇ ئۇتۇشنى بىلمەيدىغان سەندەك بىر نېمە يەنە كىم بىلەنمۇ سۆزلىشەلەيتىڭ، كىممۇ سېنى مۇنچە پەپىلەيتى، راسىت سەن ئەزەلدىن مېنىڭ روھىم بىلەن سۆزلىشىپ كېلىۋاتقان ئوخشايسەن ھە، ئەخمەق خوتۇن! سەن بەرىبىر مېنىڭ ئاشۇ كونا، بەكمۇ كونا روھىم بىلەن مەڭگۈ سۆزلىشىپ قال، مەن بولسام سېنى گۇڭگىلاشتۇرۇپ، لەززەت پەيزىنى سۈرەي ... 
    شۇ قارارغا كېلەلىگىنىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، ئېغىر بىر يۈكنى ئۈستۈمدىن چۆرۈپ تاشلىغاندەك، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر پارچە ئەنگۈشتەرنى ھاپاشلىغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. كۆڭلۈم يەنە ئەمىن تاپتى، ئۇنىڭغا بولغان ئارتۇقچە گۇمانلىرىم ئاللىقاياقلارغىدۇر يوقالدى.
    ئون سەككىز يىل ئۆي تۇتقان خوتۇن__ ئون سەككىز يىل چايناپ ئازراقمۇ تەمى قالمىغان سېغىز، ئون سەككىز يىل ھىچقانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماي ئولتۇرغان قەدىمىي ئۆي. ئەمما ئۇنى تاشلىۋەتكىلى، ئۈمىد رىشتىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزىۋەتكىلى بولمايدۇ، بالىلارنى يېتىم قىلىشنىڭ ئازراقمۇ ھاجىتى يوق. بەلكىم ئەڭ توغرا ئۇسۇل مۇشۇنداق ئۇسۇللار بىلەن ئۇنى گۇڭگىلاشتۇرۇش بولسا كېرەك.
    قاچاندۇر بىر چاغدا مەلۇم زۆرۈرىيەت بىلەن ئۆيگە كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن دۇقۇرشۇپ قالدىم، قارىسام ئۇ راستىنلا ماڭا ناتونۇش ھەم گۇڭگا كۆرۈندى. لېكىن تازا سىنچىلاپ قارىسام كۆزلىرى چولپان، يۈرىكى ۋولقان بولۇپ يېنىۋاتقان، يۈزلىرى ئاي، بەدەنلىرى مەجنۇن بولغان ھالەتتە نامايەن بولۇپ تۇراتتى. راسىت ئۇ ھەقىقەتەن گۈزەللىشىپ كەتكەن ئېدى. ھىسىياتىم، مۇھەببىتىم، روھىم، سەزگۈلىرىم ئۇنىڭ ئەتراپىدا غۇۋا بىر مەۋجۇدىيەتكە ئايلىنىپ، پەرۋانىدەك ئايلىناتتى، يۈرۈكىمنى نېمىدۇر بىر نەرسە غاجىلاپ، تەنلىرىمنى قانداقتۇر بىر ھارارەت ئوتتەك قىزىقلىق ئىلكىگە ئېلىپ، گۇڭگا بىر سۆزنى ئېيتىشقا ئالدىرىتاتتى.
    - مەن ئوقۇشقا بارىدىغان بولدۇم. - دېدى ئۇ چىھرىدىكى بىپەرۋا تۇيغۇنى سەل ئەستايىدىل پوزىتسىيەگە ئۆزگەرتىپ،- بالىلارنى دادام، ئاناملار ئوقۇتۇپ تۇرىدىغان بولدى، سىزگە تازا بىر يايراش پۇرسىتى بېرىپ، ئۆزۈمنىمۇ ئەركىن بىر بوشلۇقتا پەرۋاز قىلدۇرۇپ كېلەي دېدىم، يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن ماڭماقچىمەن. شۇڭا سىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغاچ، بەزى نەرسىلىرىمنى ئېلىۋالاي دەپ كېلىشىم... ئۈرۈمچى دېگەن چوڭ شەھەر، نى- نى گۇڭگا نەرسىلەر مېنى كۈتۈپ تۇرغان بولىشى مۇمكىن ، قارىشىمدا داۋالغۇش بولۇپ، بىرەرى بىلەن گۇڭگا بىر جايدا پەيزى قىلىشقا 1 توغرا كەلسە ئېرىم بارتى دەپ، ئىككىلىنىپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، يەنىمۇ چوڭقۇرراق ئويلاشنى خالىسىڭىز زۆرۈر تېپىلغاندا مۇنۇ ئاجرىشىش ئىلتىماسىغا قول قويىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. 
    - مەن قانداق قىلىمەن دەۋەتتىم؟ - بوغۇلغاندەك، ئازابلانغاندەك، چىدىمىغاندەك كەيپىياتتا. كۆزۈمدىن بولسا ئىختىيارسىز ھالدا بىرقانچە تامچە ياش سىرغىپ چۈشۈپ مەڭزىمنى ھۆل قىلىۋەتتى. راستىنى ئېيىتقاندا ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان كۈن ئاتلاتماي ئىچكەن ھاراق، قىلغان ئويۇن-تاماششىلار بەدىنىمنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، بىرەر ئىشلارغا تۇيۇقسىز كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغان ئىدى. 
    - سىز؟ ئۇ بىر ھازالىق سۈكۈتتىن كېيىن تەئەجۈپلەنگەن ھالدا سۇئالىمغا جاۋاپ بەردى. __ سىز دېگەن قالتىس ئادەم، يەنە بۇرۇنقىدەك، كىملەرگىدۇر ساختا خەت يېزىپ، كىملەرنىڭدۇر تېمىغا تۆشۈك ئېچىپ مارىلاپ، توردا كىملەرگىدۇر ئاشىق بولۇپ، كىملەرنىڭدۇر ئاشىقلىقىدىن ھوزۇر ھىس قىلىپ، بىرنى ئالداپ، بىرىگە ئالداشنى ئۆگۈتۈپ، قاينام تاشقىنلىق سورۇنلاردىن يەتكىچە ھوزۇر تېپىپ ياشاۋېرىسىز. بۇ قانچىلىك ئىشتى دەيمەن سىزگە ؟ - ئۇ ئاچچىق تەنە، چوڭقۇر روھى ئازاپ ئارلىشىپ كەتكەن ئەنە شۇ گەپلەرنى دېگەندىن كېيىن ، مەيۈسلەنگەن، يۇپ-يۇمىلاق قارا كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا چىقىپ كەتتى. ئارقىسىدىن ھاڭۋاققىنىمچە قاراپ قالدىم، بەلكىم ناھايىتى ئۇزاق، ناھايىتى ئۇزاق قارىدىم، ھەتتا ئۇنىڭ گۈلدەك سىماسى كىچىكلەپ، كىچىكلەپ، چېكىتكە ئايلانغانغا قەدەر قارىدىم. كۆردۈمكى شۇ تاپتا ئۇ مەندىن يىراقلاپ، تولىمۇ غۇۋا، تولىمۇ گۇڭگا بىر بوشلۇققا سىڭىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ كىملەر بىلەندۇر يانمۇ-يان قول تۇتۇشۇپ، ئويۇن-تاماششاغا يەتكۈچە تويۇنغان سىرلىق شەھەرگە كېتىۋاتاتتى . تۇرمۇش تولىمۇ گۇڭگالىشىپ، تولىمۇ قالايمىقانلىشىپ، ھىچ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز مەۋھۇم بىر نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتى. شۇ ھالدا تازا دىققەت قىلسام، ئايالىمنىڭ كىملىكىنى، تۇرمۇشنىڭ نېمىلىكىنى، ھەتتا ئۆزۈمنىڭمۇ كىملىكىنى تونىمىغۇدەك ھالغا كېلىپ قاپتىمەن. راسىت مەن كىم،؟ گۇڭگىلىشىپ كەتكىنى ئۇمۇ ياكى مەنمۇ، ياكى بىز بىرلىكتە تاللاپ تازا ۋايىغا يەتكەندە كىملەرگىدۇر ئۆتۈنۈپ بەرگەن سۆيۈملۈك ھاياتمۇ؟
    ئۇ كەتتى، تۇرمۇشۇم تولىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى، بۇرۇن سۇدەك سىڭگەن ھاراقلار ئەمدى ئاسانلا مەست قىلىپ قويۇدىغان، جىقراق ئىچكەندە بىر ھەپتىلەپ خىزمەتكە بارالمايدىغان، ئەينى چاغلاردا ماڭا كانىدەك چاپلىشىپ، ھۆر-پەرىلەردەك نازلىنىپ، جېنىمنى ئېلىپ جاڭگالدا قويغان نازىنىنلار بىرەر قېتىممۇ سايىسىنى كۆرسەتمەيدىغان كۆڭۈلسىز، بەكمۇ كۆڭۈلسىز ھالەت شەكىللىنىپ قالدى. باللىرىمنى ئۆيگە ئەكىلىۋېلىپ، ئۇلاردىن تەسەللىي تاپماقچى، ئۇلارغا بۇرۇن بېرەلمىگەن مىھرىمنى ئەمدى بەرمەكچى بولدۇم، لېكىن ئۇلار مېنىڭ قېشىمدا بىر ھەپتىچە تۇرۇپلا يەنە چوڭ ئانا، چوڭ دادىللىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالدى. خىزمەتداشلىرىم ئارىسىدا مېنى شۇنچە چوڭ بىلىدىغان، كەسىپتىكى ئىقتىدارىمغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن قارايدىغان نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك دوستلار بولىدىغان، بىردىنلا شۇلاردىن پاناھلىق ئىزدەپ، ئارىسىغا قايتىپ كەلمەكچى بولدۇم، لېكىن ئىشلار ھەرقانچە قىلساممۇ بۇرۇنقىدەك ئىزىغا چۈشمەيتتى.
    ئاخىرقى ھىساپتا ئايالىمغا ھەقىقى سېغىنىش، ھەقىقى سۆيگۈگە تولغان خەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن يېزىشقا باشلىدىم. يۈرۈكۈم بىردەمدە مۇز ھالىتىدىن شۇررىدە ئېرىپ كېتىدىغاندەك، بىردەمدە قان، زەرداپقا ئايلىنىپ تۆكۈلىدىغاندەك قىلاتتى. قەلەمنى ھەر بىر قۇر ئۈستىگە قويۇپ، مۇھەببەت دېگەن سۆزنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن يازغىنىمدا تەنلىرىمگە، ۋۇجۇدۇمغا قوشۇلۇپ پۈتۈن دۇنيا تىترەيدىغاندەك قىلاتتى.
    ئون سەككىز يىل ئۆي تۇتقان خوتۇن- ئون سەككىز يىل توختىماي ۋاراقلانغان كونا كىتاپ، ئون سەككىز يىل توختىماي چىكىلداپ ماڭغان تام سائىتى. لېكىن ئۇنداق دەپلا ئۇنى تاشلىۋەتكىلى، ئالماشتۇرىۋەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ بەرىبىر ئىككى بالىنىڭ ئانىسى. ئەڭ مۇھىمى ئۇ مۇھەببەتنىڭ، گۈزەللىكنىڭ، خاتىرجەملىكنىڭ، بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان ئىككى يۈرەكنىڭ ئاشۇ كونا كىتاپتىكى ھەر بىر ئەقىل دۇردانىلىرىدىن ئوزۇق ئېلىپ، سائەتنىڭ توختىماي چىكىلداشلىرىدىن رېتىم ھاسىل قىلىپ، بۈيۈك مەنزىلگە يەتكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى.
    ئايالىمغا ئون نەچچە پارچە خەت يېزىپ بولغان ، قەلبىم ئۈمىدسىزلىككە تولغان، روھىم مالىمان بولۇپ، تېخىمۇ گۇڭگىلىشىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ جاۋاپ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.
    ئون سەككىز يىل ئۆي تۇتقان ئەر- ئەگەر ئۇ ھەقىقى ئەر بولماي مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان، ئەسلىنى ئۇنتىغان ، سۆيگۈدىن، پاك مۇھەببەتتىن يىراقلاشقان، ئەقەللىيسى ئۆزىنى شۇنچە ئۇلۇغلاپ سۆيگەن، قەدىرلىگەن ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىن يىراقلىشىپ، ۋاپا، ساداقەت، ئەخلاق دېگەنلەرنى گۇڭگىلاشتۇرۇپ بارغان بولسا ئۇ ئون سەككىز يىل تاۋلىنىپ، پولاتقا ئەمەس، كېرەكسىز داشقالغا ئايلانغان رودىدىدۇر. ئون سەككىز يىل ئەجىر قىلىپ يازسىمۇ ئاخىرقى ھىساپتا ۋاقىتسىز ياققان بىر قېتىملىق يامغۇرغا بەرداشلىق بېرەلمەي ھەممە خېتى ئۆچۈپ كەتكەن كىتاپتۇر، ۋە بەلكى پۇشايمان خاتىرسىدۇر. ئون سەككىز يىل پەدەزلىسە پارقىراپ گۈزەللىشىدىغان ئالتۇن بولماستىن ، بارغانچە ئۆچۈپ، رەڭگى ئۆڭۈپ، قىممىتىنى يوقاتقان ئەخلەت يارماقتۇر. ئون سەككىز يىل ئىشلەتسىمۇ بىلىنىپ، ئۆتكۈرلىشىپ بارماي، بارغانچە داتلىشىپ، گاللىشىپ بارغان ئەسكى قەلەي پىچاقتۇر...
    ئوقۇپ- ئوقۇپ، نەزىرىم ئاخىرقى قۇرلارغا يەتكەندە ۋۇجۇدۇم ئىختىيارسىز لەرزىگە كەلدى. كۆزلىرىمگە لىققىدە تولغان ياش ئۈستەل ئۈستىگە سىرغىپ چۈشۈپ، ئەتراپنى يەنە بىر قېتىم گۇڭگىلاشتۇرغاندەك، ھەممە نېمە مەندىن يىراقلاشتۇرغاندەك ، ھەممە ماڭا، مەن ھەممىگە ناتونۇش بولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ئەتراپتىكى كائىنات، پۈتكۈل دۇنيا، پۈتكۈل ئادەملەر ئاستا-ئاستا مەندىن يۈز ئۆرۈپ، تولىمۇ غۇۋا بىر بوشلۇققا سىڭىپ كېتىۋاتاتتى.
    - ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن. 
    - سىز ئەمدى ئۆلۈڭ!
    - ياق مېنىڭ ئۆلگۈم يوق، سىزدىن ئايرىلىپ قالغۇم يوق. 
    - ئۇنداقتا ئون سەككىز يىللىق ھاياتنى يەنە بىرقېتىم سۈرەتلەپ بېقىڭ، ئۇنىڭغا چوقۇم ۋىجدانىڭىز، چىن يۈرەك سۆزىڭىز، ئادىمىيلىكىڭىز سىڭگەن بولسۇن.
    ھەئە، مەن بۇ ھاياتقا قايتىدىن تەبىر بېرىشكە باشلىدىم. ئۇنىڭغا مۇھەببەتمۇ، گۈزەللىكمۇ، ۋاپا، ساداقەتمۇ، ۋىجدان، مەسئۇلىيەت، سەمىمى تۇيغۇمۇ، ئەڭ ئېسىل ئەخلاقمۇ سىڭگەن ئىدى.
    ئون سەككىز يىل ئۆي تۇتقان ئايال- ئون سەككىز يىل پەرۋىش قىلىپ ئېچىلدۇرغان خۇش پۇراق گۈل، ئۇنىڭ بەرگىلىرى، ئۇنىڭ پۇراقلىرى شۇقەدەر ۋايىغا يەتكەنكى ئۇ بولمىسا ھاياتنىڭ لەززىتى، ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى، تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكى بولمايدۇ.
    ئون سەككىز يىل ئۆي تۇتقان ئايال- ئون سەككىز يىل كۆڭۈل قويۇپ ياسالغان مۇقەددەس تۈۋرۈك، ئۇ يىقىلسا بالىلارنىڭ چىھرىدىكى كۈلكە، دۇنيانىڭ چىھرىدىكى كۈلكە، ئەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى خاتىرجەملىك يوقۇلىدۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت يىمىرىلمەس بولغاندىلا شەرمى- ھايا، ئەخلاقى- پەزىلەت، ئائىلىنىڭ بۈيۈك ئوبرازى، ئىپپەت- نومۇس پەردىلىرى مۇستەھكەم ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇ پارە-پارە قىلىنغان ئەينەككە ئايلىنىپ، ھەر بىر پارچىسىدا ھىچكىم ئويلاپ باقمىغان بالايى ئاپەتلەرنىڭ، شۇملۇقلانىڭ، شەرمەندىچىلىكلەرنىڭ ئەكسىنى كۆرسۈتىدۇ.
    مەن ئاخىرقى ھىساپتا خەتەرلىك، ھەم قورقۇنۇچلۇق بىر چۈشتىن ئويغانغاندەك، جىددىي پەيىتتە يەنە ھۇشۇمنى تېپىۋالغاندەك قىلدىم. ھەممە نەرسىلەر سەھەر قۇياشىنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا قايتىدىن جۇلالىنىپ، گۇڭگالىقتىن روشەنلىككە، سوغاقلىقتىن ئىللىقلىققا، مەۋھۇملۇقتىن گۈزەللىككە قاراپ كېڭىيىپ بېرىۋاتاتتى. ئۈمىد يەنە قايتىدىن تۇغۇلىۋاتاتتى.

مارالبېشى ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۆمەرجان ئوبۇل
مەنبە: "تۇرپان" ژۇرنىلى2010-يىل3-سان
 

 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY