باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-9 16:13 | ئاپتور: تۇرنىسا رەھىم | مەنبە: قەلەم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئوۋچى

     چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغان چاغ ئىدى. بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ، بوش ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردۇم. ئاشپۇزۇلدا ئادەملەر كۆپ ئىكەن. ئالدىمدىكى ئۈستەلدە ئەللىك ياشلاردا بار سالاپەتلىك بىر ئەر بىلەن 22 ياشلاردىكى ياسانچۇق بىر خېنىم غىزالىنىپ ئولتۇرغان ئىكەن. بىزلەر ناتۇنۇش بولغاچ،ئۇلارغا پەرۋامۇ قىلماي، تامىقىمنى بۇيرۇتۇپ، چاي ئىچكەچ ساقلاپ ئولتۇردۇم. قۇلىقىمغا ئالدىمدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغانلارنىڭ پارىڭى كىرىپ تۇراتتى. سالاپەتلىك ئەر ياسانچۇق خېنىمنىڭ كۆزىنىڭ بالىخانىسىغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ:
       —ئامرىقىم، سىزنى بىر كۈن كۆرمىسەم، مەن ئۈچۈن شۇ كۈن ھارام بولىدۇ.
       —ۋىيەي، نېمە دەيدىغانسىز جېنىم. ئۆيىڭىزدە قورۇق باسقان ھېلىقى بارغۇ؟

      —قويۇڭە ئۇنى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا يا نازاكەت، يا خۇلق دېگەنلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ، خۇددى ياغاچ كۆتەكنىڭلا ئۆزى. يېنىمدا پۇشۇلداپ ئۇخلاپ ياتقاندا، مەن سىزنى خىيال قىلىپ تاڭ ئاتقۇزىمەن.
       —سىزنىڭ بۇ گېپىڭىزگە ئىشەنمەيمەن،—قىز قاش-قاپاقلىرىنى سۈزۈپ سۆزلەۋاتاتتى. سىزگە ئۇ بىر نېمىڭىزنى يولغا سېلىۋېتىڭ دەپ نەچچە قېتىم دېدىم، لېكىن سىز ئۇنىڭدىن كېچەلمەيسىز.
       —ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ،—بۇ سالاپەتلىك ئەرنىڭ يېلىنىپ قىلىۋاتقان سۆزى ئىدى ،—بالىلارنىڭ تويىنى قىلىدىغانغا ئاز قالدى. بۇنداق ۋاقىتتا ئۇنى يولغا سېلىۋەتسەم بولماس. بىراق سىز خاتىرجەم بولۇڭ، توينى ئۆتكۈزۈپ بولۇپلا، ھەممە ئىشنى توغۇرلايمەن.
        —بولىدۇ،—دېدى خېنىم نازلىنىپ تۇرۇپ،—مەن سىزنى كۈتىمەن، مەن سىزنى سۆيىمەن.
        —ما گېپىڭىز يۈرىكىمنى بېسىپ تۇرغان بىر تاشنى ئېلىۋەتكەندەك ئاراملىق بەردى، –دىدى ئەر سەت ھىجىيىپ تۇرۇپ، ئاندىن يانچۇقىنى كولاپ، بىر سوۋغاتنى خېنىمنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ تۇرۇپ :
       —ئامرىقىم، بۇنى سىز ئۈچۈن ئالغان ئىدىم، ياقتۇرارسىزمۇ؟
       —بۇ نېمە؟—دېدى خېنىم سوۋغاتنى ئالدىراپ ئېچىپ، ئاندىن— ۋىيەي، ئالتۇن بىلەيزۈك! —دېگىنىچە ئەرنىڭ يېنىغا كېلىپ، شۇنچە ئادەمنىڭ ئىچىدە نايناقلاپ تۇرۇپ بوياق باسقان لەۋلىرىنى ئەرنىڭ ساقال باسقان يۈزلىرىگە تەگكۈزدى. بۇ چاغدا ئەر ئەتراپتىكىلەردىن سەل خىجىل بولدىمۇ قانداق، خېنىمغا قاراپ:
       —سەل تەخىر قىلىڭ ئامرىقىم، بۇ يەردە ئادەملەر كۆپ، ئېسىل ياتاق ئېلىپ قويدۇم، تاماق يەپ بولۇپ.....ھى...ھى...ھى....
       ئۇلارنىڭ سۆھبىتى شۇ تەرىقىدە داۋام قىلماقتا. مەن بۇ ھەقسىز كىنودىن زېرىكىپ، تاماقنى يالتىراق خالتىغا سېلىپ، بىئاراملىق ئىچىدە ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ كەتتىم. يول بويى ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ كېتىپ بارىمەن. كۆز ئالدىمدا ئائىلە، بالىلار يەنە ۋاپاسىز ئېرى ئۈچۈن گۈلدەك ياشلىقىنى قۇربان قىلىپ، ھاردىم، تالدىم دېمەي جاپا چېكىۋاتقان يۈزلىرى قورۇق  بىر ئايالنىڭ يىغلاپ تۇرغان سىماسى پەيدا بولدى.
           ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ، بىر ساۋاقدىشىم بىلەن چىمەنزار ئاشپۇزۇلىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇپ ئولتۇرغان ئىدۇق. ھېلىقى خېنىم باشقا بىر ئاشىقى بىلەن ئاشپۇزۇلغا كىرىپ، يېنىمىزدىكى ئۈستەلگە ئورۇنلاشتى. ئۇلار بىر–بىرىگە تويماي بېقىپ سۆھبەتنى باشلىدى.
          —باشلىق ئاكا، سىزنى بەكمۇ سېغىندىم. يېقىندىن قارىڭىزنىمۇ كۆرسەتمەيسىزغۇ؟— بۇ ھېلىقى خېنىمنىڭ نازلىنىپ قىلغان سۆزلىرى ئىدى.
          —ئامرىقىم، مەنمۇ سىزنى بەك سېغىندىم. شۇ خىزمەت ئالدىراش، سىز بىلەن كۆرۈشكىلىمۇ چىقالمىدىم. بىراق ھەر كۈنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدە سىزنى ياد ئېتىپلا تۇردۇم.
          —شۇنداقمۇ؟مەن ئىشەنمەيمەن.—خېنىمنىڭ ئاۋازى قېيدىغاندەك چىقاتتى.
         —قانداق قىلسام ئىشىنىسىز؟ بولمىسا پىچاق بىلەن يۈرىكىمنى تىلىپلا بېرەي.—خېنىم تىرناقلىرى ئۇزۇن ئۆسكەن قوللىرى بىلەن ئەرنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ تۇرۇپ:
         —بولدى جېنىم، مەن ئىشەندىم. سىز بولمىسىڭىز مەن ياشىيالمايمەن،—دېدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن ئەر خېنىمنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ :
         — مەنمۇ شۇنداق،—دېدى. ئاندىن يانچۇقىدىن بىر سوۋغات قۇتىسىنى ئېلىپ خېنىمغا سۇنغاچ سۆزىنى داۋام قىلدى،—بۇنى بۈگۈن ئاتايىن سىز ئۈچۈن ئالغان ئىدىم، ياقتۇرارسىزمۇ؟—خېنىمنىڭ كۆزلىرى سوۋغاتنى كۆرۈپ ئوت چاقناپ كەتتى-دە، نازلىنىپ تۇرۇپ:
         —ياقتۇرىمەن. سىز بەرگەن ھەممە نەرسىنى ياقتۇرىمەن،—دىدى . ئاندىن ئالدىراش سوۋغات قۇتىسىنى ئېچىپ، چىرقىراپ كەتتى،—بېرلىيانت ئۈزۈك!—ئۇ ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا كونا ئادىتى بويىچە ھايانىمۇ ئۇنتۇپ، ئەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ......
         —ئامرىقىم ئالدىرىماڭ، مەن ھەممە ئىشلارنى توغۇرلاپ قويدۇم. بەش يۇلتۇزلۇق.....تاماق يەپ بولۇپ، قانغۇچە ئوينايلى ھە؟—ئەر شەھەر ئالغاندەك خۇشال بولۇپ سۆزلەۋاتاتتى.
        —مېنى قاچان ئەمرىڭىزگە ئالىسىز؟—خېنىم قاش-قاپاقلىرىنى سۈزۈپ، سەل ئاچچىقلانغاندەك قىياپەتتە ئورنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى،—ئۆيىڭىزدىكى ھېلىقى سەتنى قاچان يولغا سالىسىز؟
        —ئاز قالدى ئامرىقىم، مەنمۇ ئالدىراۋاتىمەن. ئەمما يېقىندا ئىدارىدە سايلام بولماقچى، بۇنداق چاغدا ئاجراشسام، كىيىنكى ئىستىقبالىمغا تەسىر يېتىپ قالىدۇ. شۇ سايلام ئاخىرلاشسىلا، ئىككىمىزنىڭ كۈتكەن گۈزەل كۈنلىرى بىزگە قۇچاق ئاچىدۇ.—ئەر سەل يېلىنىپراق سۆزلەيتتى.
        —بوپتۇ ئەمىسە، مەن سىزنى ساقلاي. بىراق مېنىڭ سەۋرى–تاقىتىمنىڭمۇ چېكى بار جۇمۇ؟
        —بىلىمەن، سىز خاتىرجەم بولۇڭ،—ئەر خېنىمنىڭ قولىنى سىلاپ سۆيۈپ قويدى،—سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن، چىن دىلىمدىن سۆيىمەن. بۇ ئالەمدە بىرەر ئايالغا سىزگە ئاشىق بولغاندەك بولۇپ باقمىغان مەن. سىزسىز ياشىيالمايمەن.
         ئۇلارنىڭ سۆھبىتى داۋام قىلماقتا. ساۋاقدىشىممۇ بۇ تېتىقسىز سۆھبەتتىن بىزار بولدى بولغاي، ماڭا باشقا ئۈستەلگە يۆتكىلىش تەكلىپىنى بەردى. بىز ئۇلاردىن يىراقراق بوش ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇق. تاماقلىرىمىزمۇ كەلتۈرۈلدى. لېكىن چىۋىن يەۋالغاندەك بىئاراملىق ئىچىدە غىزاغىمۇ ئىشتىھا يوق ئىدى.
        تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىگىدە ئارىدىن خېلى ۋاقىتلار ئۆتۈپ، 8-مارت ئاياللار بايرىمى ھارپىسىدا، مەن ئايالىمغا سوۋغات ئېلىپ بەرمەكچى بولۇپ زەرگەرخانىغا كىرىپ ئالتۇن ئۈزۈك كۆرۈپ تۇراتتىم. ھېلىقى خېنىم باشقا بىر پۇلدارنى قولتۇقلىغىنىچە بۇ دۇكانغا كىرىپ كەلدى. پۇلدار بايۋەتچە كېرىلىپ تۇرۇپ، قىممەت باھالىق زىننەت بۇيۇملىرىنى تولىمۇ سېخىيلىق بىلەن خېنىمغا ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. بۇ ئوۋچى خېنىم بولسا ئەركىلەپ، سۈركۈلۈپ رەھمەت ئېيتاتتى. مەن ئۈزۈكنىڭ پۇلىنى تۆلەپ دۇكاندىن چىقىۋېتىپ، ئىشىك ئالدىدىكى ئەخلەت چىلىكىدە چىرىگەن ئەخلەتكە دانلىق، دانلىق بىر قانچە چىۋىن ئولىشىپ، گۇژۇلداپ بايرام بولغاندەك تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، خىيالىمغا ئاللىقانداق بىر خىياللار كەلدى-دە، ئارقامغا بۇرۇلۇپ، ھېلىقى خېنىمغا قاراپ قويدۇم. ئاندىن يىرگەنگەندەك تېز–تېز قەدەملىرىم بىلەن دۇكاندىن چىقىپ كەتتىم.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY