باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-10 09:22 | ئاپتور: زوردۇن سابىر | مەنبە: ئەدەبىيات 3- كىتابتىن | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

دولان ياشلىرى

دولان ياشلىرى

زوردۇن سابىر

(1)

جۇۋان ئايلام،چوكان ئايلام،
سېنىڭ مەھەللەڭگە بارمايمەن.
سېنىڭ مەھەللەڭگە ماڭغاندا ،
شاپاشلاپ زادى ھارمايمەن.


     پالتاخۇن ھەر ۋاقىت تامىقىدىن كېيىن مۇشۇ قوشاقنى ئېيتاتتى.سىم باياۋان،بوم باياۋان،خۇدەك باياۋان مۇقاملرىنى ئېيتقاندا ئاقۋاش،قارا كۆز،ئۇزۇن چاچ ئاسىخان موماي قىلىۋاتقان ئىشىنى توختىتىپ،زوقى بىلەن تىڭشايتتى.بەزىدە ئەگىشىپ غىڭشىپمۇ قوياتتى.جۇلا مۇقامىغا سېلىپ ئېيتقاندا بولسا ،ئاسىخاننىڭ يۈرەكلىرى ئويناپ كېتەتتى.ئۇ ئىختىيارسىز قىزلىق مەزگىلى بىلەن خوشلاشقان كۈنىنى ئەسلەيتتى!
     سېكىلەك قويغان چېچىنى 16ئۆرگەن 16ياشلاردىكى گۈزەل قىزچاقنى ئات كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ،ئېغىزدۇرۇق جايغىيىدىن ئىككى يىگىت تۇتۇۋېلىپ،ئاتنى يېتىلەپ ماڭدى.ئاسىگۈل چۈمپەردە ئىچىدە تۇرۇپ كەينىدىكى ھارۋىدا ئولتۇرۇشقان يىگىتلەرنىڭ قالۇن،غىجەك،دولان راۋابى ۋە داپلارنى چېلىپ ئېيتقان جۇلا مۇقامىنى ئاڭلاپ ماڭدى.ئۇ كۈنى گويا پۈتۈن دولانلىقلار بىرلىشىپ جۇلا مۇقامىغا توۋلاپ ،ئاسىخاننى كۆچۈرۈپ ماڭغاندەك بىلىنگەنىدى. يىگىتلەر قىزنى ئاشۇنداق قىلىشىپ ھوجرىسىغا ئۇزىتىپ كېلىشتى.ئۆيگە كەلگەندە ،ئۇنى ئاتتىن چۈشۈرۈپ،تۆت بۈرجىكىنى تۆت قاۋۇل يىگىت تۇتۇپ تۇرغان كىگىزگە تاشلىدى.يىگىتلەر كىگىزنى يۇقۇرى-تۆۋەن سىلكىشتى.ئاسىگۈل شۇ كىگىز ئۈستىدە پالتاخۇن بىلەن تنۇجى قېتىم ئىرماش-چىرماش بولغانىدى..........
     تويى بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا ،يەنە مەرىكە بولدى.قىزنى قولىدىن يېتىلەپ ئاتا -ئانىلىرى ھەغدا ۋە كۆپچىلىك توپلانغان سورۇنغا ئېلىپ چىقتى.ئاتا-ئانىلىرى بۇغداي،قوناق،پاختا ئېلىپ چىقىپ،قىزنىڭ بېشىدىن ئۆرۈدى-دە، ئۇنى سازچىنىڭ ئالدىغا قويدى.بۇ چاغدا مۇڭلۇق جۇلا مۇقامى ئېتىلدى.قىز ئۇسۇلغا تەكلىپ قىلىندى.قىز سورۇنغا چۈشكەندە ،يىگىت بېشى ئۇنىڭ يۈز ياغلىقىنى ئېلىۋەتتى.مەيداندىكىلەر "ۋاي "دەپ قېلىشتى.شۇندىن تارتىپ ئۇنىڭ يۈزى يېپىلماي كېلىۋاتىدۇ.ئانىسى ئۆرۈپ قويغان 16ئۆرۈم چېچى ئىككى ئۆرۈم بولۇپ ئۆرۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ.ئاسىخان قىزلىق ھاياتىدىن مۇشۇ جۇلا مۇقامى تەنتەنىسى بىلەن ئەنە شۇنداق خوشلاشقان،45يىلدىن بېرى تالاي مەشرەپلەرنى،تالاي تويلارنى كۆرۈشتى.لېكىن ئۇسۇل بىلەن ناخشىغا بولغان تەشنالىقى زادىلا قانمىدى. 
 بوۋاي ھەر ۋاق تامىقىدىن كېيىن غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاندا ،موماينىڭ جېنى يايراپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ. 
بۈگۈن پالتاخۇن قازاندا قايناۋاتقان كوجىغا يالت قىلىپ قاراپ قويدى-دە،جۇلا مۇقامىنى باشلىۋەتتى.مەزىلىك توخۇ گۆشى،كۆكۋاش قوناق سۈتى بىلەن ئېتىلگەن كوجا بوۋاينىڭ ياخشى كۆرىدىغان تامىقى ئىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ، جۇلا مۇقامىنى كۈندىكىدىن ئۈنلۈكرەك ۋە ھېسسىياتلىق قىلىپ ئېيتتى.موماي كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ بوۋىيىغا قارىدى-دە،سۇپىغا تاۋار كۆرپە سالدى. 
ئەجرى بىلەن ئەتكەن تامىقىنى بىر ئۆيلۈك جەم بولۇپ ،ئىشتىھا بىلەن يەيدىغانلىقىغا موماينىڭ كۆزى يەتتى.شۇڭا ئۇ خۇشال ئىدى.ئۆيگە كىرىپ كىتاپ ئوقۇۋاتقان ئوغلىنىڭ جەينىكىگە نوقۇدى-دە:
- تۇرغىن بالام، ئاش پىشتى،_ دەپ پىچىرلىدى.
ئوغلى قوپال ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى:
- كەچكىچە مۇقام، كەچكىچە ناخشا!-دېدى ئۇ ئانىسىغا ئالىيىپ، _ قۇلاق -مىڭەمنى يەپ كەتتىڭ يا!
كىتاپ ئوقۇشۇڭغا دەخلى بولدىمۇ _يا بالام،_دېدى ئانىسى يېلىنىش بىلەن ئوغلىغا تەلمۈرۈپ،_ماقۇل ،ئېيتمىسۇن،45يىل ئېيتىپتۇ،كۆڭلىمىزنىمۇ ئېچىپ بولغان بىز،سەنلا خۇشال بولساڭ سېنىڭ دېگىنىڭ بولسۇن،داداڭ ناخشا ئېيتمىسۇن!
_ ئېيتمايمىشمەن تېخى!_ دېدى بوۋاي ئاچچىق بىلەن ئايلىنىپ،_ناخشا ئېيتمىغانغا خۇشال بولسا ،مەن ئۆلگەندە خۇشال بولۇۋالسۇن،بۇنىڭ بەدىنىدە دولانلىقنىڭ قېنى يوق!
_ نېمە؟_دېدى ئوغلى چېچىلىپ،_ دۇنيادىكى ئىلغار مەدەنىيەتنى بىلمەيسەن.دولانلىقنىڭ كونا مۇقامىنى يېڭى دەۋرگە تاڭماقچى بولىسەن،بۇ گۈزەل باغقا كاۋا تېرىغاندەكلا بىر ئىش.
_ شۇنىڭغا خاپا بولدۇڭمۇ تېخى بالام!_دېدى ئانىسى تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئوغلىنى سىپاپ،_بولدى ،دېگىنىڭ بولسۇن،داداڭمۇ ئېيتمىسۇن،مەنمۇ خۇشال بولمايلا قوياي،قاپىغىڭنى ئېچىپ يۈرگىنە ئوغلۇم!
ئانىنىڭ ئۆز خۇشاللىقىنى ،راھىتىنى ئوغلىغا ئاتا قىلىشى ھەتتا ئوغلىنىڭ بىر مىنۇتلۇق ئارامى ئۈچۈن ئۆزىنى ئېغىر ئازاپلارگىمۇ تۇتۇپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكى،ياش يىگىتنىڭ يۇمشاتقان ۋە ئۇنى مەجبۇرەن بولسىمۇ كۈلۈمسىرەتكەنمۇ بولار ئىدىيۇ ،بىراق بوۋاي ئۆزىنى بېسىۋالالمىدى:
_ شۇنداقلىقىڭدىن ساقىلىڭ بىر باغ بېىدەك بولغىچە لايىق تاپالماي يۈرىسەن! بىلەمسەن،مېنىڭ بايلىقىممۇ،خۇشاللىقىممۇ ناىشا بىلەن ئۇسۇل،ناخشىسىز،ئۇسۇلسىز ئۆتكەن كۈنۈم سىرتماقتا تۇرغاندەك ئازاپلىق! سەن تېخى پۈتۈن دولانلىقنى زېرىكتۈرگېنىڭنى ئاز دەپ مېنىمۇ گۆرگە ئىتتىرمەكچىمۇ؟ مېنىڭ پۇشتۇمدىن تامغان بولساڭ كاۋا-پاۋا دەيدىغان گەپلەرنى دولان دەرياسىغا ئېقىتىۋەت!دولانلىقتەك ئادەم بول!
_ ئازار بەرمىسىلە ! مېنى ئايىسىلا !_موماي كۆزىگە ياش ئېلىپ بوۋايغا يالۋۇردى،_ مۇنداقمۇ بالا ئەمەستى،بىلىكىگە قىزىل تاقاپ،ئۇنىمۇ-بۇنىمۇ كونا دېگۈزۈپ ،ئۇسۇل بىلەن ناخشىغا ئۆچ قىلىپ قويدى بالىنى،مىجەزىمۇ بۇزۇلدى......
بوۋاي ساقىلىنى تۇتاملاپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى.چۈنكى ئۇ 45 يىللىق ھەمرىيىنى قانداق كۆيۈپ-پىشىپ ئالغان بولسا ،ھېلىمۇ شۇنداق ياخشى كۆرەتتى.ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلماسلىققا بوۋاي بىقۇۋۋەت ئىدى.ئۇ ھويلىغا چىقتى.موماي ئۇنى كۆرپىگە ئولتۇرغۇزدى.ئۇلارنىڭ كۆزى ھامان ئوغلىدا ئىدى،ئۇغلى ئورنىدىن تۇردى-دە،ۋېلسىپىتنى دوڭغاسلىتىپ تالاغا ماڭدى.موماي ئۇنى توسىدى:
_ ئوغلۇم...... سېنى دەپ توخۇ يۇڭزىلاپ،كۆكۋاش ئېزىپ......_لېكىن ئوغلى ھويلىدىن چىقىپ كەتكەن ئىدى.
_ بالىنىڭ مىجەزى يوق،ئۈچ-تۆت كۈن بولدى،غىزاسىمۇ كېمىيىۋاتىدۇ،_دېدى ئانا كۆز يېشىنى يەڭلىرى بىلەن ئېرتىپ تۇرۇپ،-بىكارغا ئازار بەردىلە!
_نېمە مىجەزى بولمايتتى،بىرەر قىزغا كۆيۈپ قالغان گەپ!بۇ يىل 27 ياشقا كىردى.ئۇنىڭ بىلەن تەڭلەرنىڭ بالىلىرى ئىڭەككە تاقاشقىدەك بولدى.ۋاي شور پىشانەم!مەھەللىنىڭ نى-نى قىزلىرى ئۇنىڭغا كۆز تاشلىدى.قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ يانغاندا بىزنىڭ ئىشىككە كېلىپ ھېرىپ قالىدىغانلار ئاز بولدىمۇ؟ئالتۇندەك قىزلار چىلەكلىرىنى قويۇپ،بىزنىڭ ئىشىككە تەلمۈرۈپ قاراشتى.لېكىن سېنىڭ بۇ كەنجەڭ ئۇسۇل ئوينايدىكىنەي،ناخشا ئېيتىدىكەنەي دەپ ئۇلارغا سىڭايان قاراۋەردى.مانا ئەمدى تۆت بالىسى بار جۇۋانلار چېغىدا ئۇنىڭغا كۆز قىرىنى سالمايدۇ.ئۇ ئاغرىماي كىم ئاغرىسۇن،ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولسام ئۆلۈپ قالاتتىم!
_قويسىلا ،_ دېدى موماي روھى چۈشۈپ يەرگە قاراپ .
_ئەجەپ پىشانىمىز كاجكەنغۇ تاڭ!....
ساندۇقتىكى سارجىلارغا نەچچە قېتىم كۈيە چۈشتى،ھازىر بولسا مەخسۇس قېيىن ساندۇق ياسىتىپ قىممەتلىك تويلۇقلارنى ساقلاۋاتىدۇ،موماي ياقۇت كۆزلۈك ھالقا،ئۈزۈكلەرنى ھەر كۈنى ئېرتىپ پاقىرىتىپ قويىدۇ.كۆرسەتمىگەن قولۇم-قوشنىلارمۇ قالمىدى.قول سائىتىنى ھەر كۈنى بىر قېتىم ماڭغۇزۇپ تىڭشاپ كۆرىدۇ.قوتاندىكى بېقىلغان قويلارنى نەچچە قېتىم ئىلاجىسىز سويۇۋەتتى.باغ تەرەپكە يانداش قىلىپ ياسىغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆينىڭ باسما زەدىۋاللىرىنى نەچچە تارتىپ ،نەچچە ئالدى،ئانار گۈللۈك بىر جۈپ گىلەمنىمۇ موماي نەچچە قېتىم يايدى، قاقتى......
_ئىككى ئېغىز ئۆينى بۇزۇۋېتىمەن ،_دېدى بوۋاي كوجىنى كۆڭۈلسىز سۈمۈرۈپ قويۇپ،_ئۈچ قېتىم ۋادەك(قۇرما تام)نى يېڭىلاپ توقۇدۇق،10 يىل بولدى،پالتاخۇننىڭ ئوغۇل تويىنىڭ داۋرىڭى چىققىلى!قانچىلىغان قېرىلار توي ئېشىغا ئېغىز تېگەلمەي ئۆلۈپ كەتتى.ئەمدى يېڭى تويلارنى سانىغاندا ھېچكىم بىزنى ئېغىزغا ئالمايدىغان بولدى خوتۇن،مەن چىدىمىدىم.جامائەتكە نەزىر قېلىۋېتىمەن.مەرىكىسىز ئۆيدىن گۇندىخانا ياخشى.سېنى ئاياپلا ھازىرغىچە كەلدىم خوتۇن،بۇ ئازاپنىڭ چېكى ھىچ كۆرۈنمەيدىيا......
ئۇ خۇرسىنىپ ئۇلۇغ-كىچىك تىندى.
_ ئاسىدەمگە ئەلچى كىرگۈزۈپ باقساقمىكىن،ئەجەپ ئۇز،بەلەن بالا بوپتۇ!_دېدى ئاسىخان بوۋايغا يالۋۇرغاندەك تەلمۈرۈپ.
_ ئاسىدەمگە ئەلچى كەتمەيدۇ،_دېدى بوۋاي جوشنا تامنى شەرەت قىلىپ،_ ئۈچ ئاچا-سىڭىلمۇ بىر-بىرىدىن ئۇز ،بەلەن بالىلار بولغان ئىدى.قوشناڭ قايسى قىزىنى ئاياپ قويغان،ئۆزلىرى ئېغىزلانغانىدى،_يا! گەپ كەنجەڭدە.بىرىنى كەچكىرگىچە ئۇسۇل ئوينايدىغان ئوغلاق دېدى،بىرىنى ئاغزى بېسىلماي ناخشا ئېيتىدىغان ۋىتۋالداق سېغىزخان دېدى،يەنە بىرىنى راۋاپ چالىدىغان ئەركەك-زەدەك دېدى.
_ئاسىدەم تېخىمۇ شوخ،_ دېدى ئانا قىزنىڭ ئىسمىنى زوق بىلەن تىلغا ئېلىپ،_بۇ يىللا ئۆگزىدىن ئۆگزىگە سەكرەيدىغىنى قويۇپتۇ.بايا قارىسام قۇدۇقتىن ئىككى چىلەك سۇنى ئېلىپ كېتىپ بارىدۇ،ئاغزىدا ناخشا،دولىسى بىلەن پۇتى ئۇسۇلغا كېتىۋاتىدۇ.ئۆزۈمچىلا كۈلۈپ تاشلاپتىمەن!.....سىىلىچە بىزنىڭ كەنجىۋاي كىمگە كۆيگەندۇ _ھە؟
_قەمەردەك چۈشىدە شەمشى جانانغا كۆيۈپ قالغاندۇ،360يىللىق يولغا بېرىپ دېۋىلەر شەھرىدىن شەمشى جاناننى ئەكەلگىچە سېنىڭ بىلەن مېنىڭ تېنىمىز توپا بولۇپ،توپىسىدىن كېسەك قۇيۇپ ياسىغان ئۆيلەرمۇ ئۆرۈلۈپ بولىدۇ خوتۇن!..........
تۈزۈك گەپ قىلسىلى-يا!_ دېدى موماي خاپا بولۇپ.
ئۇلارنىڭ گېلىدىن مەزىلىك كوجىمۇ ئۆتمىدى......


(2)


كەنجى ئۆيدىن چىقتى-يۇ،ئەمما نەگە بېرىشىنى بىلمىدى.ۋېلسىپىتنى بولۇشىغا تېپىپ،گۇڭشى مەدەنىيەت ئۆيىگە كەلدى.ئۇ مەدەنىيەت ئۆيىدە رەسىم سىزىش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى،ئىچ پۇشۇقىدىن قۇتۇلماقچى ،ئەڭ موھىمى ،پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئۆرتەۋاتقان بىر يوشۇرۇن ئوتنىڭ ئازابىدىن ئازراق بولسىمۇ پانا تاپماقچى بولدى.........ئۇ رەسىم جازىسىنىڭ ئالدىغا كەلدى،قولىغا موبىنى ئېلىپ رەسىمگە قارىدى.خۇشاللىق تەنتەنىسى قىلىۋاتقان گۇڭشى ئەزالىرى _ئۆزى سىزىۋاتقان سۈرەتتىكى ئۇنىڭغا قاراپ مازاق قىلىپ كۈلۈۋاتقاندەك،بولۇپمۇ ئاۋۇ ئۇششاق ئۆرۈمە چاچلىرى ئۈستىگە گۈللۈك دوپپا كىيىۋالغان 17-18ياشلاردىكى گۈزەل قىزچاق كەنجىنى مەنسىتمەي كۈلۈۋاتقاندەك بىلىنىشكە باشلىدى.ئۇ پەلكۈچنى ئاق بوياققا چىلىدى.قىزنىڭ يۈزىنى بويىۋېتىش ئۈچۈن قولىنى ئاپاردى.قىز يەنىلا كۈلۈپ تۇراتتى.كەنجىنىڭ پەلكۈچ تۇتقان قوللىرى تىترىدى.
_ ئاسىدە!......_ دېدى ئۇ سۈرەتكە قاراپ پىچىرلاپ ،_بۇ سۈرەتنى مېمىشقا ئاسىدەگە ئوخشىتىپ سىزغاندىمەن،بىرەر يۈز ئادەمنىڭ سۈرىتى ئىچىدە يالغۇز سەنلا ئوبرازلىق، جانلىق سىزىلىپسەن،بۇ نېم ە ئىش؟......_جاۋابى ئاددى بۇ سۇئالغا ئۇنىڭ جاۋاپ بەرگۈسى كەلمەيتتى.جاۋاپ ئورنىغا ئۈچ كۈن بۇرۇنقى كىچىككىنە ئىشنى ئەسلەپ قويۇش يېتەرلىك،بۇ كەنجى ئۈچۈن ھەمكۆڭۈللۈك ھەم ئازاپلىق بولسىمۇ ،گەرچە.....


**** **** **** ****


كەنجىنىڭ دوستى مۆمىنجان ئايالىنى قويۇۋېتىپ ئۈچ كۈن ئۆتمەيلا كەنجىنىڭ ھوجرىسىغا كەلدى:
_ نېمىشقا ئايالىڭنى قويۇۋەتتىڭ!_دېدى كەنجى ئۇنىڭدىن رەنجىپ.
_ راستىنى ئېيتايمۇ؟
_ يالغىنىمۇ بارمۇ تېخى؟
_ ئۇنداق بولسا ئاڭلا! مەن 48يۈەن مائاش ئالىدىغان تېخنىك بولۇپ قالدىم.گۇڭشېنىڭ ئېلىكتىر ئىشلىرى مېنىڭسىز يۈرۈشمەيدۇ،ئايالىمچۇ؟ دەرتمەن مەشرىپىدە تېپىشىپ قالغان بىر قېرى قىز.ئوينىغان ئۇسۇلى بىلەن پوتا ئويۇنىدا ئېيتقان بېيىتلىرىگە قاراپ كۆيۈپتىكەنمەن،ئەمدى قارىسام بىر يۈك بولدى.ئالداپ-سالداپ خېتىنى بەردىم.ئەمدى چېكىپ يۈرۈپ ئالىمەن، پۇل دېسە بار، قولۇمنى نەگە سۇنسام شۇ يەرگە يېتىدۇ.
_نۇمۇس ئەمەسمۇ؟_دېدى كەنجى ئاچچىق بىلەن،_مۇنداق قىلساڭ مۇھەببەت دېگەننىڭ قانداق قىممىتى بولىدۇ ساڭا؟
_ ئەخمەق،_دېدى مۆمىنجان ئۇزۇن چاچلىرىنى كەينىگە تاشلاپ،_ئەر كىشىدىمۇ مۇھەببەت بولامدۇ،كۆيۈپ-پىشىش قىزلارنىڭ ئىشى،ئەرنىڭ ئىشى تاللاش،كۆرۈپ قالىسەن،ئون كۈنگە قالماي مۇنۇ قوشناڭ ئاسىدەمنى قولغا چۈشۈرىمەن.ئۇنى قولغا چۈشۈرۈۋالسام پۈتۈن خەقنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ قالىدۇ.نېمىشقا دەمسىنا، سەۋەبى:بىرىنچىدىن،ئۇ قىز ئەقىللىق؛ ئىككىنچىدىن،كۆرۈپ تۇرىسەن چىرايلىق؛ئۈچىنچىدىن،مائاش ئالىدۇ، تۆتىنچىدىن.......
_بولدى قىل! مەن سېنى ئادەم دەپ دوست بولۇپ يۈرۈپتىمەن،باشقىچە بىرنېمە ئىكەنسەن؟
مۆمىنجان كەنجىنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىنى كۆرۈپ چۆچۈدى-دە:
_پاھ،سېنىڭ تەۋازلىقىڭنى،چاقچاق،يالغان ئېيتتىم.راستىنى ئېيتسام ،مەن ئۇزۇندىن بېرى ئاسىدەمگە كۆيۈپ يۈرۈۋاتىمەن،بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەكىرگىنە،قىز مېنى كۆرسىلا كىيىكتەك ئۈركۈپ قاچىدۇ!
_ نېمىشقا؟
_ كۆزلىرىمنى ئۈزەلمەي قالىمەن-دە.
شۇ سۆھبەتتىن كېيىن كەنجى ئاسىدەمگە كۆز سالىدىغان بولۇپ قالدى.مۆمىنجان ھەر كۈنى كېلىۋەردى.كەنجى ئاسىدەنى بۇ كاززاپ يېڭىلدۈرۈپ كەتمىگىيدى، دەپ ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى.بىر كۈنى ئاسىدەنىڭ مۆمىنجانغا چىلەك بىلەن سۇ چاچقىنىنى كۆرۈپ قالدى-دە، قىزغىنىش ھەم قىزنى مۆمىنجاندىن ساقلاپ قېلىش نىيىتى بىلەن :«ئۇ خوتۇنىنى قويۇۋېتىپ قىزلارغا كۆز سالالايدۇ-يۇ،مەن نېمىشقا قورقىمەن، مەنلا ئېغىزلانسام ئاسىدە جەزمەن ماقۇل كۆرىدۇ.قېنى ئۆزۈمنى بىر سىناپ كۆرەي،قىزلارنى جەلپ قىلالىغۇدەك يىگىتلىك كۈچۈم تۈگىدىمۇ-يوق!»دەپ ئويلىدى.
قىز-يىگىتلەر قۇدۇق بېشىسد سۆزلىشىدۇ،چاقپەلەكنى تالاشقان بولۇپ ،بىر-بىرىنىڭ بىلەكلىرىنىن تۇتۇشۇپ،ياشلىق تىلەكلىرىنى بايان قىلىشىدۇ.كەنجى چىرايلىق ياسىنىپ،پاكىز يۇيۇنۇپ،ئەپكىشىنى مۈرىسىگە سېىلىپ قۇدۇق بېشىغا باردى. ئۇ ئاسىدەنىڭ چىلەك كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرگەنىدى.كەنجى قۇدۇق كاجۇسى ئۈستىدە تۇرۇپ چاقپەلەك پېقىرىتىۋاتقان قىزغا قاراپ:
ـ ئاسىدە، نېمانداق بىر قولۇڭغا بىلەيزۈك، بىر قولۇڭغا سائەت تاقىۋالدىڭ؟ـدېدى.كۈندە نەچچە قېتىم دىدارلىشىپ ،ئايلار ئۆتسىمۇ بىر ئېغىز گەپ قىلمايدىغان سىپايى يىگىتنىڭ سۇئالى قىزنى ھەيران قالدۇردى.
ـ پاھ، كەنجى ئاكا، سىزمۇ قىزلارغا سەپ سالىدىكەنسىز -ھە؟ـدېدى قىز شوخلۇق بىلەن چاچلىرىنى كەينىگە تاشلاپ.
ـ بىلەيزۈكىڭگە قاراپ بالىمىكىن دېسەم ،سائەت تاقاپسەن، چوڭ بولغان ئوخشىمامسەن؟
ـ كىنوغىمۇ، مەشرەپكىمۇ بارماي كۈن ئۆتكۈزگىنىڭىزگە قاراپ بوۋاي بولۇپ قالدىمىكىن دېسەم تېخى قىزلارغا زەڭ قويۇپ يۈرۈپسىز، ياش ئوخشىمامسىز؟
ـ تولا شېتىلىلىق قىلماـ دېدى كەنجى قىزنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋېلىپ، ـ بىردەمدىن كېيىن چىتنىڭ يېنىغا كەلگىنە،ساڭا بىر موھىم گېپىم بار،كېلەمسەن؟
ـ مۇشۇ يەردە يېرىمىنى بولسىمۇ ئېيتىڭ!ـدېدى قىز قولىنى تارتىپ.
ـ ماقۇل، گەپنىڭ بېشى شۇ، ئۇسۇل ئويناشنى، ناخشا ئوقۇشنى تاشلايسەن!
ـ پاھ، تېخى!ـ دېدى قىز يانپېشىغا ئۇرۇپ،ـھېلىمۇ ياخشى كۆزلىرىڭنى ئويۇپ ،ماڭا بېرىسەن ،دېمىدىڭىز،ھا-ھا-ھا......قېنى ئاندىن كېيىنچۇ؟
ـ قالغىنىنى چىت تۈۋىدە ئاڭلايسەن!......
كەنجى بېغىغا چىقتى.چىت قىلىپ تىكىلگەن جىگدىلەرنى ئاخىرىغىچە ماڭدى.ئاسىدە كۆرۈنمىدى.چىتلار ئارىسىدىن بوينىنى سوزۇپ ھويلا ۋە باغلىرىغا قارىدى.ئاسىدە يوق.ئۇقىزنىڭ ئەخمەق قىلغانلىقىدىن خاپا بولۇپ ياندى.تۇيۇقسىزلا ئامۇت دەرىخى ئۈستىدىن بىر تال توڭ ئامۇت چۈشتى ۋە كەينىدىنلا قىزنىڭ جاراڭلىق كۈلكىسى ئاڭلاندى:
ـ ھە، ئېيتىڭ،ـدېدى قىز ئامۇت شېخىدىن پەسكە قاراپ تۇرۇپ،ئۇ يىگىتنىڭ كۆزىگە شاخلار ئارىسىدىن غىپ-پال كۆرۈنگەن ئايدەك بىلىندى،ـ ئۇسۇل بىلەن ناخشىنى تاشلاپ نېمە قىلىمەن؟
ـ تۆۋەن چۈش، ساڭا ۋارقىراپ ئېيتىدىغان گەپمىدى ئۇ؟
ـ ئېيتىڭ،ـدېدى قىز،ـ مۇشۇ شاختا ئولتۇرۇپ قۇشلار بىلەن بىللە ئاڭلاي.
يىگىت ئۆز بېشىغا ساڭگىلىغان ئامۇت شېخىغا قارىدى.
ـ شاخ يېرىلىپ بېغىمغا چۈشسىغۇ گەپمۇ لازىم بولمايتتى......ئاسىدە.....ساڭا بىر يىگىت ئاشىق بولۇپ قاپتۇ.لېكىن سېنىڭدىن ئۇسۇل ئوينىماسلىقنى ،ناخشا ئوقۇماسلىقنى تەلەپ قىلىدىكەن!ـ دېدى كەنجى تەكەببۇرلۇق بىلەن گەپنى ئوچۇق قىلىپ.
قىز پۈتۈن مەھەللە ئاڭلانغۇدەك قاقاقلاپ كۈلدى.
ـ بىلىمەن،ـ دېدى ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،ـ ناخشا بىلەن ئۇسۇلنى يامان كۆرىدىغان ئادەم مەھەللىمىزدە بىرلا!سىز ئۇنىڭغا ئېيتىپ قويۇڭ.ئۇنىڭ قىزىققۇچىلىكى يوق. دولان قىزلىرى ئۇنىڭغا بۇت ،دەپ لەقەم قويۇپتۇ.ھا-ھا-ھا........ قىز شۇنى دېدى -دە،شاختىن سەكرەپ چۈشۈپ كېتىپ قالدى.كەنجى تۇرغان يېرىدە قېتىپ تۇرۇپلا قالدى.ئۇ قىزدىن بۇنداق جاۋاپنى كۈتمىگەن ئىدى.
ئەتىسى گۇڭشې بويىچە ئىلغار ياشلارنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنى بولدى. يىغىندىن كېيىن دولان مەشرىپى بولدى،كەنجى ئاساسلىق نەمۇنچىلارنىڭ بېرى بولغاچقا،گۇڭشې رەھبەرلىرى ئالدىدىن كېتىشنى ئەپ كۆرمىدى.مەشرەپتە مۆمىنجان ئاسىدەنى ئۇسۇلغا تارتتى.ئۇلار بىر-بىرىگە بېقىشىپ ئوينىدى.مۆمىنجان كەنجىگە قاراپ-قاراپ قويدى.كەنجىنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر خىل ئوت يېنىشقا باشلىدى.ئۇنىڭ كۆزىگە ئالدىدا ئۆسكەن ئاسىدە بىر كۈندىلا تەڭدىشى يوق چىرايلىق، ھەركەتلىرى نەپىس،ئاۋازلىرى يېقىملىق باشقىچىلا بىر سىرلىق قىزغا ئايلىنىپ قالدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ كەنجىنىڭ ئۇيقۇسى كېمەيدى،تامىقى ئازايدى،گەپ خۇشياقمايدىغان ،خىيالچان بولۇپ قالدى. ئۇ يېرىم كېچىدە بېغىغا چىقىپ ،چىت تام ئارىسىدىن ئاسىدەلەرنىڭ بېغىغا،ھويلىسىغا ۋە ئۆي دەرىزىلرىگە ئۇزاق قارايدىغان بولۇپ قالدى.

**** ***** ***** **** *****


ئۇ قىزنىڭ سۈرىتىگە ئۇزاق تىكىلىپ قارىدى.ئاق بوياق بىلەن بويىۋېتىش ئورنىغا موبىنى قارا بوياققا تەككۈزۈپ،ئۇنىڭچىرايلىق قۇلاقلىرىغا ياراشقان سېكىلەكلىرىنى قېنىڭ بويىۋىدى،قىزنىڭ ئالتۇن ھالقا ئاسقان قۇلىقى خۇددى قويۇق يوپۇرماقلار ئارىسىدىن ماراپ تۇرغان چىرايلىق غۇنچىغا ئوخشاپ قالدى.
«ئاسىدە،سېنىڭ قايسىلا ئەزايىڭنى سىزسا بىر سەنئەت،بۇ رەسىم نەشر قىلىنىپ قالسا،نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سېنى كۆرگىسى كېلىشىدىن قورقىمەن......» ئۇ ئاسىدە بىلەن خىيالىدا مۇڭدىشىپ،قولىدىكى موبىنى رەسىم جازىسى ئۈستىدە يورغىلاتتى.قانچىلىك ئىشلىگىنى بەلگىسىز.دادىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا ئېسىگە كەلدى:
ـ ئۆزۈڭ يېمىسەڭ مەيلى،-دېدى دادىسى ئۇنىڭغا قاتتىق ۋارقىراپ تۇرۇپ،ـ ئاناڭمۇ غىزا يېمىسە،ماڭ ،ئاناڭنى ئايا بالام! ماڭ يۈگۈر،تامىقىڭنى يە،ئاندىن كېيىن مەتيا راۋاپنىڭ پېشىگە يېپىش،ساڭا ئۇسۇل ئۈگىتىپ قويسۇن.
كەنجى ئورنىدىن تۇردى.ئىشخانىغا كەچكى تاماقتىن كېيىن رەسساملار،تاماشىچىلار كىرىشكا باشلىغانىدى.ئۇ دادىسىدىن خەلقى-ئالەم ئالدىدا بىرىگە ئاشىق بولۇپ يۈرگىنىمنى ئاشكارىلاپ قويمىغىدى،دەپ ئەنسىرەپ تالاغا چىقىپ كەتتى.
دادىسى ئوغلىنىڭ كەينىدىن قاراپ خۇرسىندى:
ـ ھەي ، ياشلىق! ئاشىقلىق نېمە كويغا سالمايدۇ-ھە؟

(3)


ئارىدا بىر ھەپتە ئۆتتى.كەنجىنىڭ ياڭاقلىرى چاپلىشىپ ،كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتتى.ئۇ ئەتىگەن تۇرۇپ ئېتىزغا كېتەتتى.چۈشتىمۇ كەلمەيتتى.كەچتە كېلىپلا چالا-بۇلا غىزالىنىپ مەدەنىيەت ئۆيىگە كىرىپ رەسىم سىزىش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزەتتى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا ماختىغۇچىلارنىڭ ئاۋازلىرىمۇ، مەسلىھەتچىلەرنىڭ پىكىرلىرىمۇ سوغاق ۋە يېقىمسىز ئاڭلىناتتى.كىمدۇ بېرى ، ھېلىقى قىزنىڭ سۈرىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
_ ئاسىدەگىلا ئوخشىتىپ قويۇپسەنغۇ ،_ دېگەندىلا ئۇ بېشىنى كۆتىرىپ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەيتتى ۋە:
_ ئاسىدەدىن باشقا چىرايلىق قىز يوقمىدى ؟_دەپ قوياتتى.
_ بولدى ،چەتئەللەرگە چىقىرىلىدىغان دېھقانلار رەسىملىرىگە سېنىڭ ئۇ رەسىمىڭ تاللىنىدۇ.يۈر، دۇنيادا سىزىشتىنمۇ كۆڭۈللۈك ئىشلار بار، مەن سېنى سەگىتىپ ئەكېلىمەن!_ پاكار بويلۇق، خۇشپېئىل يىگىت ئۇنى بىلىكىدىن تۇتۇپ تالاغا سۆرىدۇ.
_مەتيا ئاكا، چىشىمغا تەگمىگىنە!_دېدى كەنجى ئۇنى سىلكىپ تۇرۇپ،_ سېنى كۆرسەم 40 يىللىق قوقۇغۇم ئۆرلەپ، سېرىق تۈكلىرىممۇ تىك بولۇپ كېتىدۇ!
_ مېنىڭمۇ سېنى كۆرسەم جەھلىم قاتىدۇ.لېكىن داداڭنىڭ تەلىپى،ئاناڭنىڭ ئىلتىماسى،قېرىلارنىڭ رايىغا بېقىپ قايتىدىن سېنى دولانلىق قىلىشقا بەل باغلىدىم!
_ سېنىڭسىزمۇ مەن دولانلىق!_دېدى كەنجى ،ئۇنىڭ يېپىشقان قوللىرىنى سىلكىپ تۇرۇپ،_سېنىڭ دەسسىگەن يېرىڭگە ئايىغىم تەگسە، پۇتلىرىمنى يۇيۇپ ياتىمەن مەتيا،يېتەر.قوللىرىمنى خېلى بىزەپ قىلدىڭ. ئەمدى يىراقراق تۇرغىن!
مەتيانىڭ قوللىرى ئىختىيارسىز تىترىدى،كەنجى قانچە قېتىم بۇ گەپنى قىلدى:سېرىق ناخشا-ئۇسۇل تارقاتقۇچى،فېئودالىزىمتەرغىباتچىسى دەپ سازايى قىلغاندىم ۇ،چوڭ يىغىندا سۆزلىگەن سۆزلىرىدىمۇ،مىنبىڭ ليەنجاڭى نامى بىلەن قىلغان ئايرىم سۆھبەتلىرىدىمۇ،ئۈرۈمچىدە نەزەرىيە كۇرسىغا بېرىپ كېلىپ ياشلارغا قىلغان ئۈگىنىش دوكلاتلىرىدىمۇ،كەنجى ھامان مەتيانى بىرمۇ ياراملىق يېرى يوق،ئەمگەكتە،ئۈگىنىشتە،ئەخلاقتا ھەتتايۈرۈش-تۇرۇشتىمۇ سەپتىن چىققانلارنىڭ ۋەكىلى قىلىپ كۆرسەتكەنىدى.مۇشۇ بىر يىلدىن بېرى مەتيا كەنجىنىڭ ئەيىلەشلىرىدىن خېلى قۇتۇلۇپ قالغانىدى.مانا بۈگۈن يەنە ئاڭلىماقتا.
مەتيا ئەلىمىنى ئىچىگە يۇتۇپ كۈلۈمسىرىدى:
_ ھەي پالتاخۇن ئاكا،سېنىڭ بىلەن دوست بولغىنىمغا ئەمدى پۇشايمان قىلىۋاتىمەن،بۇنداق بالاڭ بارلىقىنى نېمىشقا دائىم ئېسىمدىن چىقىرىپ قويىمەن ھە؟ئۇستازىم پالتاخۇننىڭ يۈز خاتىرىسى جۇمۇ،مەن سېنى سەگىتىپ قويىمەن، يۈر!
قاۋۇل مەتيانىڭ ئامبۇردەك قوللىرى كەنجىنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇۋالغان ئىدى. ئۇ كەنجىنىڭ نالىسىگە، قارشىلىقىغا قارىماي، ئۇنى ئۆيدىن باغقا سۆرەپ چىقتى.ئۇلار باغدىكى شاتۇت دەرىخىنىڭ ئاستىدا زوڭزىيىشتى.
_ نېمە قىلماقچىسەن مەتيا؟
_ سېنى دولان ياشلىرىنىڭ قاتارىغا قايتۇرۇپ كەلمەكچىمەن.
_ قانداق قىلىپ؟
_ ساڭا ئۇسۇل ئۈگىتىمەن!
كەنجى ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى_ دە:
_ نېمە؟ سەن ئۈگىتەمسىنا؟ بىلىپ قويغىن، سېنىڭ ئىزىڭ چۈشكەن توپىدىن بىر چاڭنىمۇ بەدىنىمگە قوندۇرمايمەن.سەن كىم؟ داڭلىق ئاقنانچى،سەن بىرى خورەك تارتىپ بەرسىمۇ ئۇسۇلغا چۈشىسەن! مەن سېنىڭدىن ئۈگىنەمدىمەن؟
_ دېگەنلىرىڭ راست ئۇكام،مەن ھورۇن، مەن لايغەزەل،ئەمگەكتىن قاچاتتىم،ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ،داپ چېلىپ يۈرگىنىمگە 33 يىل بولۇپ قالدى،يەنە بىلىپ قوي، مەن مۇشۇ ناخشا-ئۇسۇلنى دوست تۇتۇپ، يەنە 33 يىل ياشىيالايمەن.ئۆلگەندە نامىزىمغا 10 ئۆستەڭلىك يەرنىڭ ئادىمى كېلىدۇ.سەن شۇ چاغدا مەتيانى تىللىغان ئاغزىڭغا كاچات ئۇرىسەن بالا!
مەتيانىڭ چىن يۈرىكىدىن چىققان بۇ سۆزلىرى كەنجىگە تەسىر قىلدى.ئۇ يەنە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.دېمىسىمۇ مەتيانىڭ ئەيىپلىرىنى يېپىپ تۇرغانمۇ ئاشۇ ناخشىسى بىلەن ئۇسۇلى ئىدى.
_ مەتيا ئاكا ،سەن بۇندىن كېيىنمۇ ئاقنانچى بولۇپ ئۆتۈۋېرەمسىنا؟ ئۇ ئەيىبىڭنى تۈزەتمەمسىنا؟
_لېكىن ئەيىپ تۈزىتىشتە سەندىن قالمايمەن ئۇكا،مەنمۇ بىلدىم.ئەمگەكسىز ھايات لەززەتسىز بولىدىكەن.مېنى ئاقنانچى دەيدىغان يالغۇز سەنلا قالدىڭ.مېنىڭ ئەيىبىمنى ئارتۇقچىلىقىم يېپىپ كېتەلەيدۇ،- دېدى مەتيا كەنجىنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ،_ سېنىڭ ئەيىبىڭنىچۇ؟ئەمگەكتىكى ئىلغارلىقىڭ، خوتۇن-قىزلارغا كۆز سالماسلىقىڭ،يالغان ئېيتماسلىقىڭ،ئۇستا رەسساملىقىڭ، خىزمەتلەردىكى ئاكتىپلىقىڭ،قولۇڭنىڭ ئەپلىكلىكى،ئاتا-ئاناڭغا كۆيۈنۈشۈڭ، كىتاپلارغا بېرىلىشىڭ، يەنە ئاللىقانداق ياخشىلىقلىرىڭ زادىلا ياپالمايدۇ.نېمىشقا؟سەن دولان ياشلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى بىر پەزىلىتىدىن مەھرۇمسەن.سەن سەنئەتنى خورلايدىغان ياۋايى تەبىئەتلىكلەرنىڭ خىلىدىنسەن!شۇنىڭ ئۈچۈن سېنى قىزلار ياراتمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ سېنى ياخشى كۆرمەيمەن.بۈگۈن داداڭ بىلەن ئاناڭمۇ سەندىن نەپرەتلمەكتە....
كەنجىنىڭ بېشى چۈشتى.ئۇنىڭ قۇلىقى تۈۋىدە ئاسىدەنىڭ" قىزلار سىزنى بۇت دەيدۇ، ھا ھا ھا ....."دېگەن كۈلكىسى جاراڭلىغاندەك، دادىسىنىڭ" بەدىنىڭدە دولانلىقنىڭ قېنى يوق" دېگەن سۆزلىرى گۈكىرىگەندەك بىلىنىشكە باشلىدى.
كەنجى يېرىم كېچىدە ئۆيگە قايتىپ كەلدى . ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتمەكچى بولىۋېدى ، ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا سۇپىدا ياتقان ئاتا-ئانىسى تۇيۇپ قالدى :
__ كەلدىڭمۇ بالام ! __ دېدى مېھرىبان ئانىسى يىنىك ئۇچ تارتىپ .
__ مەتيا سېنى ئىزدەپ نەچچە رەت كەلدى ، __ دېدى پالتاخۇن تام تەرەپكە ئۆرۈلۈۋېتىپ ، __ سېنى قىمار ئويناشقا دەۋەت قىلمىغاندىكىن نېمانچە گەدەنكەشلىك قىلىسەن ، بالاموي !
دادىسىنىڭ ئۇيقۇسىرىغانلىقتىن گاراڭ-گۇرۇڭ چىققان ئاۋازىدىن رەنجىگەنلىكى بىلىندى . كەنجى ھۇجرىسىغا كىرمىدى ، چاقىسىنى ئاستا ئېچىپ باغقا چىقتى . باغنىڭ ئارقا تەرىپى ئەترەتنىڭ چوڭ بېغىغا تۇتىشاتتى ، ئۇ ، ئەترەتنىڭ ، ئۆزىنىڭ ۋە ئاسىدەلەرنىڭ باغلىرى تۇتىشىدىغان بىر بۇلۇڭغا كىلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇردى ، ئۇ ، قوشنىسىنىڭ بېغىغا قاراپ چوڭقۇر ئۇھ تارتتى دە _ : « ئاسىدە ، سەن تۆنۈگۈن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ مۆمىنجان بىلەن پاراڭلاشتىڭ ھە ، ھەتتا قاقاقلاپ كۈلدۈڭ ،مىنىڭ جېنىمغا تىگىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭمۇ ياكى .... » دەپ پىچىرلىدى .
ئۇنىڭ باشلىرى غۇڭۇلدايتى ، كۆزلىرىگە ئىمىر-چىمىر بىر نىمىلەر كۆرۈنەتتى ، ئۇ ھازىر بارلىق بارلىق شىرىن خىياللاردىن قۇتۇلۇشنىلا ئويلايتى ، چۈنكى نەچچە كۈندىن بېرى مەيلى كېۋەزگە ئىشلىسۇن ، مەيلى رەسىم سىزسۇن ، مەيلى يالغۇز خىيال سۈرۈپ ئولتۇرسۇن ، ئاسىدە بىلەن بىللە بولغاندا قىلىشىدىغان شىرىن سۆزلەر ، كەلگۈسىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغاندا قىلىشىدىغان ئىشلار ....، قىسقىسى ، ئۆزى شىرىن ھايات دەپ دەپ ھېسابلىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلاپ بولغان ، ھەتتا نەچچە قايتۇرۇپ ئويلىغان ، بۇ خىياللار ھېسابىغا ئانىسىنىڭ ئارامىنى ، دادىسىنىڭ خۇشلۇقىنى قاچۇرغانىدى .
__ بالام ! ... بالام ! ... __ ئانىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
__ ئۇ ئەترەتنىڭ بېغىغا چىقىپ كەتتى __ ، دېدى دادىسى ئەسنەپ تۇرۇپ ، __ ئارقىدىكى چاقسا غىچىرلىغاندەك قىلدى __ .
__ بالا كۆيگەن بولسا ئاسىدەگە كۆيدى ، __ دېدى ئانىسى تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن ،
__ ئاسىدەگە كۆيگەن بولسا ... ، __ دېدى پالتاخۇن بىردىنلا خۇشال بولۇپ ، __ ياخشى بوپتۇ ، ئۇسۇل ئوينىسۇن ، شوخ بولسۇن ، شۇ چاغدا ئاسىدە كەنجەڭگە ياق دىمەيدۇ ، لېكىن كەنجەڭ ئۇنى قىلالمايدۇ ، ئاسىدە ئۇنى ياقتۇرمايدۇ ! ...
پالتاخۇن ئېغىر خۇرسىندى ،
__ ياقتۇرۇپمۇ قالار ، ئىسسىقچىلىق چۈشۈپمۇ قالار ... __ دېدى ئانىسى مىشىلداپ يىغلاپ ،
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرغان كەنجى يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى ، « نىمە بوپتۇ ، ئاتا-ئانامنى ، شۇ قاتاردا ئۆزەمنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ ، مەتيا راۋاپتىن ئۇسسۇل ئۆگەنسەم نېمە بوپتۇ ... » دەپ ئويلىدى ۋە شەپە بىلدۈرمەستىن ئېرىق ئىچى بىلەن ئەترەتنىڭ بېغىغا چىقىدىغان چاقسا تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كەتتى ...

(4)


پاراسەتلىك چەۋەنداز ئاساۋ ئاتنى كۆندۈرگەندەك ، سەۋرىلىك يىگىت تەكەببۇر قىزنى ئاخىر ئۆزىگە قاراتقاندەك .... مەتيا راۋاپ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە سەۋىرچانلىقىنىڭ مىۋىسىنى كۆردى . كەنجى بغگغن كەچقۇرۇن ھاراق ، سامسا ، توغاچلارنى ئېلىپ ئۇنى يوقلاپ كەلدى .
__ ئۇسسۇل ئوينىغانغا ئاسىدە ماڭا تىگىدىغانلا بولسا ، مەن ئۆگىنەي ، بېشىم بىلەن مېڭىپ بولسىمۇ ئۆگىنەي ، __ دېدى كەنجى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرۇپ ، __ مەتيا ئاكا ، ئەمدى تاقىتىم تۈگىدى ، ئۈچ سوتكا بولدى ئۇخلىمىغىلى ، گېلىمدىن سوغوق سۇدىن باشقا ھېچنەرسە ئۆتمەيدۇ ، ئاناممۇ مېنىڭ بىلەن تەڭلا قۇرۇپ كېتىۋاتىدۇ ، دادممۇ ئانامغا قاراپ تۈگىشىپ كېتىۋاتىدۇ . تۆنۈگۈن يەنە مەشرەپ بولدى ، مېنى بۇ ھالغا سالغان قىز قېرىشقاندەك مۆمىنجان بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشتى . ئۇلار بېقىشىپ ئوينىۋېدى ، يۈرۈكىمگە سانسىز تىغلار سانجىلغاندەك بولۇپ كەتتى ، مەتيا ئاكا ، دېگىنىڭنى قىلىپ بېرەي ، ماڭا ئۇسسۇل ئۆگەت ، لېكىن بىرىگە تىنما ، پىشقان ئالما شېخىدىن ئۆزى چۈشكەندەك ، ۋاقتى-قەرەلى كەلگەندە مەن ئۆزۈم سەكرەپ چۈشىمەن !__
مەتيا پىيالىگە ھاراقنى تولدۇرۇپ قۇيدى ۋە يۇمشاق بۇرۇتلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ قاقاقلاپ كۈلدى . ئۇ كەنجىنىڭ سارغىيىپ كەتكەن يۈزىگە قاراپ تۇرۇپ :
__ سەنمۇ كۆڭلۈڭ تارتمىغان ئىشقا ئۆزۈڭنى مەجبۇرلاۋاتىسەن ، مەنمۇ قونچاققا قېتىق ئىچكۈزگەندەكلا بىر ئىش قىلىۋاتىمەن ، لېكىن ياخشى نىيەت بىلەن دارغىنى ئىرغىتساڭمۇ ئېتىكىڭگە مېۋە چۈشىدۇ ئۇكام ، قېنى ئەمسە باشلايلى ، مەتيا ئاكاڭ پالتاخۇنكامنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بىر كۆتۈرۋېتىدۇ ، قېنى ، خوشە !
ئۇ ھاراقنى ئىچتى ، سامسىنى يېدى ۋە كەنجىنى بېغىدىكى كۆلچەكنىڭ يېنىغا ئېلىپ چىقتى . ئۇ قولىغا داپنى ئېلىپ :
__ ئەمسە سىم باياۋاندىن بدشلايمىز __ دېدى دە ، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بار ئاۋازى بىلەن مۇقامنى باشلىۋەتتى :
يارىمنىڭ ئېتى ئايخان ،
ئايغا كۆيىدۇ بۇ جان .
كىيگەن كۆڭلىكى ئەتلەس ،
تۈگمىسى سەدەپ مارجان .
مۇقام تۈگىگەندىن كىيىن ئۇ ئالدىرماي ئۇسسۇل باشلىدى . ئۇنىڭ قىسقا پۇتلىرى رېتىملىق ئاۋاز بىلەن يەرگە ئەپچىل تىگەتتى ، ئۇ ، ئاۋال بىر خىل ھەركەتنى كەينى-كەينىدىن تەكرارلاپ كەنجىنىڭ بىلىكىدىن تۇرىۋېلىپ ئۆز ئىزىنى دەسسەتكۈزۈپ ماڭدى ، كەنجى ئىچ-ئىچىدىن خورلۇق ھىس قىلدى . چۈنكى ئۇ يىگىت بۇلۇپ يىتىلگەندىن تارتىپلا ئۇسسۇل ناخشىلارنى يامان كۆرۈپ كەلگەن . ئۇنىڭغا بۇنداق ھەركەتلەر ، بايىقى قوشاقلار سەنئەت ئەمەس ، بىر خىل ھاقارەتلىك ئىشتەك بىلىنەتتى . ئۇ 1966 - يىلى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىنى تۈگەتتى ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئۆگەنگەن قايسى بىر كىتابىدا بۇنداق سەنئەت بار دەيسىلەر ، كىتابىدىلا ئەمەس ، ئۇنىڭ خەلق ئەسكىرى ، ئىلغار زىياكىي ياش ، ئۆگىنىش نەمۇنىچىسى دىگەندەك ناملارغا ئېرىشىشىدە ، ياكى ئۆز ناھىيىسىدە ، ۋىلايىتىدە ، ھەتتا ئۈرۈمچىدە بۇلۇپ ئۆتكەن نەزەرىيە ئۆگىنىش كۇرۇسلىرىنىڭ قايسىبىر دەرسىدە بۇنداق دولان ئۇسسۇلىنى «ئىنقىلاپ ئۈچۈن پايدىلىق» دەپ تىلغا ئاپتىكەن . شۇنى ئۆز نۆۋىتى بىلەن ئېيتىپ قويۇشقا بولىدۇكى ، كەنجى سەنئەت نەزىريىلىرىنىمۇ خېلى ئۆگەنگەن . سەنئەتتىن سىياسەتنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرۇشى لازىم .... دادىسىنىڭ كونىنى ياقلايدىغانلىقى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە
بۇرۇن سېرىق دەپ قارالغان بەزى نەرسىلەرنىڭ سەھنىگە چىقىۋاتقانلىقى .... ئۇنىڭ تىلىنى قىسقا قىلىپ قويىۋاتىدۇ . ئەڭ مۇھىمى ئۇسسۇل بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاسىدەنىڭ ئۇنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى .... خىپ : « مەتيا ، ساڭا ھاجىتىم چۈشەر دەپ ئويلىمىغان بولغىيتىم ، مانا قارا ، مانا قارا ھايات دىگەن ئادەمنى نىمىلەرگە موھتاج قىلمايدۇ _ ھە ، ... » ئۇ بېشىنى تۇتۇپ قىرغاققا ئولتۇرىۋالدى ، مەتيا كەينىگە قاراپمۇ قويماي ھەدەپ ئۇسسۇل ئوينىماقتا ، ئۇ كەنجىنىڭ ئولتۇرىۋالغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى .
كەنجى بۇ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئادەمگە نەپرەت بىلەن قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتلىرىنى ئەسلىدى :
.... كەنجى 1966 - يىلى كۈزدە ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلدى ، ئۇ ، مەيدىسىگە « فىئودالىزىم تەرغىباتچىسى» دىگەن قەغەز مەيدىسىگە چاپلانغان ، بېشىغا ئېگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن ئادەمنى سازايى قىلىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە كەلدى . ئۈستى بېشى توپا-چاڭغا مىلەنگەن «تەرغىباتچى» كەچقۇرۇن كەنجىلەرنىڭ ئۆيىگە كىردى ، كەنجى ئۇنىڭدىن يىرگىنىپ :
__ نېمە لازىم ساڭا ؟ __ دەپ ھومايدى
__ كەلگىن مەتيا ، __ دېدى دادىسى كەنجىگە ئالىيىپ قۇيۇپ ،__ كەلگىن ، ساڭا غىزا ئېلىپ قويدۇم ، يۈر ئۆيگە !__
كەنجى دادىسىغا نارازى بولدى ، « فىئودالىزىم تەرغىباتچىسى» دېگەن نام بېرىلگەن ئىكەن ئۇنى بۇسۇغىغا يولاتماسلىق كېرەك ئىدى ، دادم نادانلىقىدىن ئۇنىڭغا شەپقەت قىلىۋاتىدۇ ، دەپ ئويلىدى ئۇ .
دادىسى يالغۇز قالغاندا :
__ جەمىيەت تۈكۈرۈپ تاشلىغان نەرسىلەرنى ئەتىۋارلايدىكەنسەنغۇ دادا ، ئۇ بىر جەمىيەتنىڭ سۈپۈرۈندىسى تۇرسا ، __ دېدى .
دادىسى 15 ياشلىق ئوغلىغا :
__ ناخشى-ئۇسسۇل ، ساز ئۈچۈن گۇناھكار بولىدىغان بولسا مەنمۇ گۇناھكار ، سەنمۇ گۇناھكارنىڭ بالىسى ، نېمىشقا دەمسىنا ئ؟ قانچە گۇناھ بولسا بولسۇن ، ناخشا بىلەن ئۇسسۇلسىز ئۆتكەن كۈنۈم ئاچ قالغان كۈنۈمسىنمۇ بەتتەر كۆڭۈلسىز .... __ دېدى . كەنجىنىڭ ئۇ كۈنى مەتيانى كۆرەر كۆزى بولمىسىمۇ ، دادىسىنىڭ كۆڭلىنى دەپلا ئۇنى ئۆيدە قوندۇردى ... 1971 - يىلى كەنجى ئىلغار خەلق ئەسكىرى ، ئىلغار ئىتتىپاق ئەزاسى ، ئىلغار زىيالىي ياش ناملىرى بىلەن دوكلات قىلىش ئۈچۈن كوممۇنىلارغا باردى . ئۇ يىراق بىر كوممۇنىدا جۇل-جۇل كىيىملىك ، قولتۇق تاياق تاينىۋالغان مەتيانى كۆردى . مەتيا كەنجىنى كۆرۈپ :
__ داداڭغا سالام دەپ قوي ، مەتيا تېخى ھايات ،__ دەپ ۋارقىرىدى ، كەنجى ئۇنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلغانلىقىنى بىرى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ دەرھال ئۆزىنى دالدىغا ئالدى . شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ناھىيىنىڭ تەشۋىقات ئورنى ئۇيۇن قۇيۇپ بېرىۋىدى ، ئۇيۇن تېخى يېرىمىغا بارا - بارمايلا ، ئادەملەر تارقىلىشقا باشلىدى . خەلق ئەسكەرلىرى ئادەملەرنى قورال بىلەن توسۇپمۇ توختىتىپ قالالمىدى ، توساتتىن شۇ يەردە راۋاپلىق مەتيا پەيدا بولۇپ قالدى .
__ چال ! مەتيا مانا سەنئەت دىگەن،__ دېيىشتى كۆپچىلىك تۇشمۇ-تۇشتىن . مەتيا ئۆزى تۈزگەن قوشاقلارنى دولان مۇقامىغا سېلىپ ئوقۇۋېدى ، كۆپچىلىك بىردىنلا بارىكاللا ئېيتىشىپ ئۇنى ئورىۋالدى . كۆپچىلىك ئۆزلىكىدىنلا مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى . ئادەملەر ئۆي-ئۆيدىن ، نە-نەلەردىن كىلىشىپ سەيناغا پاتماي قېلىشتى ،.... بىردىنلا قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى پەيدا بولۇشتى دە ، مەتيانى باغلىدى .
__ سېرىق ناخشا ئېيتىپ فىئودالىزىمنى تەشۋىق قىلدى ،__ دېدى بىر خەلق ئەسكىرى .
__ كوممۇنىنى ماختاپ ناخشا ئېيتتىغۇ ،__ دېدى بىر دېھقان مەتيانى ماختاپ .
__ ئاھاقى سېرىق ! __ دېدى ھېلىقى ياش تەكەببۇرلۇق بىلەن گىدىيىپ ،__ فىئودالىزىمنىڭ مەدىھنامىسى!...
كەنجى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ سۆزىنى چىن كۆڭلىدىن ماقۇل كۆردى ، چۈنكى ئۇنىڭ سادىق ، ئەمما نادان ۋۇجۇدىغا سىڭگەن تەربىيە ئۇنىڭدا ئاجايىپ بىر قارا كۈچ پەيدا قىلغانىدى ، بۇ قارا كۈچ ئۇنىڭغا ھەتتا پەرىجە-يەكتەك كىيگەنلەرنىمۇ سەت ۋە يىرگىنىچلىك قىلىپ كۆرسىتەتتى . كەنجى سۆزلىمەكچى بولدى ، لېكىن دادىسىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈنلا مەتيانى ئۇچۇق قارىلىمىغانىدى ، ئۇ مەتيانى تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن كۆپچىلىكتىن مۇنۇ سۆزلەرنى ئاڭلىدى :
__ ئەكسىلئىنقىلاپچى دەپ بىر يىل قامىدى ، ئۇرۇپ پۇتلىرىنى چېقىۋەتتى ، گۇناچى نېمىكىن ؟ ناخشا ئېيتقان ، ساز چالغان شۇنچە چوڭ گۇناھمىكەن ؟
__ ئاغزىمىزنى تىكىۋېتەيلى ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئۇسسۇللىرىمىزنىمۇ ئويناتقۇزمامدىكەن ؟
...........
كەنجى خىيالدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان مەتياغا قدرىدى ، مەتيا دولان ئۇسسۇلىنى تەرلەپ-پىشىپ ، زوق بىلەن ئوينىماقتا ئىدى .
بىر ، ئىككى ، ئۈچ .... ھە ، مانا بۇ چېكىتمە ، ئۈچ ماڭدامدىن كىيىن بېقىشىمىز ، دەسسە ھە ! .... ئاۋال چېكىتمىنى ئۆگىنىمىز ... مانا سىزىپ قويدۇم ، قېنى دەسسە ، ۋوي ، سول پۇتنى ئاۋۋال ...
__ مەن سەھنىگە چىقمىغاندىكىن ئانچە مۇنچىلا ئۆگىنىپ قويسام بولدى !__ دېدى كەنجى مەتيانىڭ قولىدىن قوللىرىنى تارتىپ .
__ نېمە دىدىڭ ؟ سەن مەتيادىن ئۆگىنىدىكەنسەنۇ ، تېخى ئانچە مۇنچىلا ئۆگەنمەكچىما ؟ پالتاخۇن ئاكا پۈتۈن دولان بويىچە بىرىنجى ئۇسسۇلچى . داداڭغا يارىغۇدەك ئۆگەتمىسەم قايسى يۈزۈم بىلەن ئۇنىڭغا قارايمەن ؟ ئەكە پۇتۇڭنى ، مۇنۇ سىزىلغان يەرگە دەسسە ! چېكىتمىنى بىر ھەپتە ، سەنەمنى بىر ھەپتە ، سەنەقەسىنى بىر ھەپتە ، سىيرىلمىنى 10 كۈن ئۆگىتىمەن . بىر ئايدىن كىيىن تۇلۇق ئۇسسۇلچى بولۇپ چىقىسەن . پۇتۇڭ كەلمىدى ، باشقىدىن دەسسە ، ھە ، .... غۇلىچىڭنى كەڭ كەرىگىن ، كۆكرىكىڭنى ئالدىغا چىقار ، ھەمراھىڭ بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ بېقىشىسەن ...
ئۇ كەنجىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ، ئۇ ياق بۇ ياققا ماڭغۇزدى ، تىزىنى ئەگدى ، پىشانىسىدىن نوقۇدى ،... كەنجىنىڭ پۇتلىرى تالدى ، پۈتۈن ئەزايى چىلىق-چىلىق تەرلىدى ، ئۇ قاتتىق تەبىئەتلىك يىگىت بولغاچقا ، چىشىنى چىشىغا چىشلەپ مەتيانىڭ دىگىنى بويىچە قىلىۋەردى .... تاڭ يورۇشقا ئاز قالغاندا ، مەتيا ئۇنىڭ مۆرىسىگە قولىنى قۇيۇپ :
__ يالغۇزمۇ ئويناپ باقتىڭ ، پۇتلىرىڭ خېلىلا كىپقالدى ، لېكىن ھەركىتىڭ قوپالراق ، سىلىق ھەركەت قىل ، سەن ئۇسسۇلغا چۈشكەندە پۈتۈن دولانلىق ھەيران قالىدىغان بولسۇن ، كۆرگۈچىلەر ، « پالتاخۇن ئۆلسىمۇ ئۇسسۇلى ئۆلمەيدىكەن » دىيىشسۇن ، مەن سېنى ئاشۇنچىلىك ئوينايدىغان قىلىپ چىقمىسام مەتيا بولماي كىتەي ، ئەتىگەنلىككە يەنە مۇشۇ يەردە ئۇچرىشىمىز ، خەيىر ! __ دېدى .
ئەتىگەنلىكى كەنجى ئىشتىھا بىلەن تاماق يىدى ، بۇنى كۆرۈپ پالتاخۇن بىلەن ئاسىخان بىر-بىرىگە قارىشىپ كۈلۈمسىرەشتى .

(5)

تۇرمۇش ئاشۇنداق ، خوشاللىق بىلەن خاپىلىقنىڭ كەلمىكىمۇ ، كەتمىكىمۇ تۇيۇقسىز بولىدۇ .
ئوغلىنىڭ تۇيۇقسىز ناخشا ئېيتقىنىنى ئاڭلىغان ئاسىخان ھە دىگەندە ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمىدى . ئۇ چۆنەكلىك ئارىسىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ نېرىغا قارىدى . راستىنلا ئوغلى كەنجى رەسىم سىزىدىغان جازىسىنى چىنار دەرىخىگە يۆلەپ قۇيۇپ ، چالا سىزىلغان رەسىمگە قاراپ غىڭسىپ ناخشا ئېيتىۋېتىپتۇ . موماي بېشىنى ئىرغىتىپ ئۆزىچىلا پىخىلداپ كۈلدى ، لېكىن ئوغلىنىڭ نېمىگە خوشال بولغىنىنى بىلەلمىدى . تۆنۈگۈن ئۇنىڭ سىزغان رەسىمىنى تاللاپ بېيجىڭغا ئرلىپ كىتىپتۇ ديىشىۋىدى ، شۇنىڭ خوشاللىقىمىدۇ ؟ ياكى ئۇلارنىڭ تەجرىبە ئېتىزىنىڭ بۇغدىيى موسىغا 840 جىڭدىن ھۇسۇل چىقىپتۇ دېۋىدى ، شۇنىڭ مۇكاپاتىنىڭ خوشاللىقىمىدۇ يا ؟ بۇنداق ئىشلارغا خوش بۇلۇپ ناخشا ئېيتىدىغان بولسا ھەر يىلى مۇكاپاتلىنىدۇ ، ھەر يىلى ماختىلىدۇ ، شۇ ۋاقىتلاردا ناخشا ئېيتمدسمىدى ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغلى ناخشا ئېيتسىمۇ « 3 چوڭ ئىنتىزام 8 دىققەت » ناخشىسىنى ياكى « ئىنتېرناتسىئونال » نى ، ناھايتى ئېچىلىپ كەتكەن كۈنلىرى لى يۈيخې نىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتتاتتى ، بۈگۈنكىدەك دولان مۇقامىغا غىڭشىپ :
چىللاڭ توخۇم ، چىللاڭ توخۇم ،
يارىم ئويغانسۇن .
لەۋلىرىدىن چىشلىۋالاي ،
چۈچۈپ ئويغانسۇن ....
دەپ ناخشا ئېيتىپ باققان ئەمەس ، بۈگۈن نىمە بولدى ياكى تېگى يوق خىياللار بالىنى ئېلىپ قويمىغاندۇ ؟...
ئاسىخاننىڭ بېشىدىن بىر چىلەك سوغوق سۇ قۇيۇلغاندەك بولدى . ئۇ ئىختىيارسىز ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى : « ئالما قېقى ، ئارچا ياغىچى ، قوي يېغى بىلەن بۇي سېلىۋىتەيمۇ يە ؟ » دەپ پىچىرلىدى ئانا پەرىشان بۇلۇپ ، ئانا ئورنىدىن تۇرۇشىغا ئوغلى ئۆزىچىلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە پەلكۈچ تۇتقان قولىنى ھاېادا پۇلاڭلىتىپ ، پۇتلىرىنى ئىگىشتۈرۈپ سەنەمگە دەسسىگىلى ، كۈلۈمسىرەپ چىنار دەرىخىگە بېقىپ ، ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئوينىغىلى تۇردى . ئانا قورققىنىدىن ياقىسىنى تۇتۇپ بىر نىمىلەرنى پىچىرلاپ ئوقۇپ ھۈرگىلى تۇردى . ئوغلى ئەمدى غۇلاچ تاشلاپ سەنەقەسكە ئايلىناي دىۋىدى ، بىردىنلا قوشنا باغدىن قىز بالىنىڭ قاتتىق كۈلكىسى ئاڭلاندى . ئۇشتۇمتۇت ۋە جاراڭلىق چىققان بۇ كۈلكە ئاۋازىدىن ئاسىخان ئاچا تېخىمۇ چۈچۈدى ۋە بېشى ئايلىنىپ ، ياش نەشپۈت كۆچىتىگە يۆلىنىپ قالدى .
__ شەيتان ! __ دېدى كەنجى پىشقان ئاناردەك قىزىرىپ چىت كەينىگە بوينىنى سۇزۇپ قاراپ ، لىكىن قىزنىڭ كۈلكىسى بارغانسىرى يىراقلاپ كەتكەنىدى ، ئاسىخاننىڭ بايىلا قورقۇنچ بىلەن تىترىگەن ۋۇجۇدى ئەمدى بىر خىل ھاياجان ۋە خوشاللىق لەززىتىدىن مەست بۇلۇپ ئاستا سىلكىندى : « بالامنىڭ تازا جۈپتىتىڭ ئاسىدە ،__ دېدى ئانا پىچىرلاپ ،__ كۆزۈم تەگمىسۇن ، بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئىسسىقچىلىق چۈشكەندەك قىلىدۇ ....» ئانا ئوتاۋاتقان چۆنىكىنى تاشلاپ ، ئۆز خوشاللىقىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن قوشنىسىنىڭ __ ئاسىدەنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردى ...
ئارىدىن يەنە 10 كۈن ئۆتتى . ئاسىخان ئوغلىنىڭ كېچىدە باغدا تۇرۇپ ئېيتقان ئۈنلۈك ناخشىسىنى ئاڭلاپ ، خوشاللىقىنى يېنىدىكى ھەمراھى پالتاخۇنغا پىچىرلاپ تۇرۇپ مەلۇم قىلدى :
__ بالا ئاسىدەگە كۆز سېلىپ يۈرىدۇ ، قىزنى دەپ ناخشا ئېيتىدىغان ، ئۇسسۇل ئوينايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ . قايسى كۈنى ئەپكەشنى كۆتۈرۈپ سۇغا كىتىۋاتىدۇ ، ئىككى پۇتى بىلەن دولىسى ھە دەپ سەنەمگە قىمىرلاۋاتىدۇ ...
__ ۋېلىسپىت ئۈستىدە تۇرۇپمۇ ئۇسسۇل ئوينايدىغان بولۇدۇ تېخى ،__ دېدى پالتاخۇن،__ دولان ئۇسسۇلىنى ئۆگىنىشكە ئىخلاس قىلدىمۇ ، بولدى ، ئەمدى ئۇسسۇل ، ناخشا دېسە پۈتۈن بەدىنى قىمىرلاپ كىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ تېخى ...
__ تۈزۈك گەپ قىلسىلىيا !...
__ ھېچ بولمىسا مىنىڭچىلىك خۇمارى بولسۇن ، دولان ياشلىرى دولان ئۇسسۇلىنى بىلمىسە بىزگە ئازاپ ...__
ئۇ يەنە نىمىلەرنى دەر ئىدىكى ، بىردىنلا باغدىن ندخشد ئاۋازى كەلدى :
يار كىلىپ گۈلدەستە تۇتسا ،
تار كىلۇر دۇنيا ماڭا .
جان دىلىمدىن ئەتىۋاردۇر ،
شۇ گۈلى رەنا ماڭا ! ...
__ ھىم ! __ دېدى پالتاخۇن ئاق بۇلۇتلار ئارىسىدىن كۈلۈپ چىقىۋاتقان ئايغا قاراپ ،__ ئاسىخان ، بالاڭنىڭ تويىغا قانچە ئۆستەڭلىك يەرنى ئېيتىمىز ؟...
كۈنلەر يېزىغا باياشاتلىق ، باغلارغا رەڭ ، ئېتىزلارغا سوۋغا ، ئادەملەرگە خوشاللىق تەغدىم قىلىشىپ ، يۈگۈرشۈپ تېز ئۆتۈشتى . مەكىت ئېتىزلىرى كېۋەزدىن ، ئاشلىقتىن ، باغلىرى ئېسىل مېۋىلەردىن بېرىدىغان ئىنئاملىرىنى بېرىپ بۇلۇشتى . ئەمدى ئەزالار ئۈچۈن كۆڭۈللۈك تويلار ، جۇشقۇن مەرىكىلەر مەئىشەت بىلەن تولغان داستىخانلىرىنى كەڭ ئاچماقتا .... ئۇسسۇل ۋە ناخشا پەسلى يىتىپ كەلدى .
__ ئاسىخان ، تەييارلان ! ئەيىپ ئەمەس ، ھېلىقى بىر ئاتنىڭ پۇلىغا ئالغان كۈمۈش چاتقاڭنى ئاس ، ئەتە تويكەن !
__ كىمنىڭ تويىكەن شۇنچە ؟
چوڭ ئەترەتنىڭ !__ دېدى پالتاخۇن تەنتەنىلىك ۋارقىراپ ،__ بىزنىڭ چوڭ ئەترەت پاختا بىلەن ئاشلىق سېتىپ بېرىشتە ناھىيە بويىچە بىرىنجى بوپتۇ ، نۇرغۇن مۇكاپات ئاپتىمىز . شۇنىڭ خوشاللىقىغا چوڭ توي قىلغۇدەكمىز ، مەشرەپكە پۈتۈن ناھىيەدىن ۋەكىللەر كىلەرمىش !...
__ ئېسىت ، كەنجىنىڭ يوقلىقىنى ، ئېسىت ،__ دېدى ئانا ھەسرەت بىلەن ،__ بار بولغان بولسا كۆكسى قارنى ئېچىلىپ قالار ئىدى ...
.... لېكىن بۇ چاغدا كەنجى مەھەللىدىن يىراقتا ، دولان دەرياسىنىڭ بويىدا يېتىپ قوپۇپ يېڭى ئۆستەڭگە تاش ياتقۇزماقتا ئىدى ، ئۇ ، زەربىدار گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى بولغاچقا قول ئاستىدىكى 24 نەپەر يىگىتنىڭ ئىشىغىمۇ ، تۇرمۇشىغىمۇ قارىشى لازىم ئىدى ، ياشلار مەھەللىسىدىكى تويغا ئۈلگۈرۈپ بېرىشى ئۈچۈن ، ئامال-چارە ئىزدەپ بىر بىرى بىلەن تالاشماقتا ئىدى .
__ چالا قالغىنىنى تويدىن كىيىن پۈتتۈرۋېتىمىز !__ دېدى بىر يىگىت قولىدىكى تاشنى تەرگە تاشلاپ ،__ سەن كەنجى مەشرەپ دىسە بېشىڭ ئاغرىيدىغان ئادەم ! بىزنىڭ ھالىمىزغا نەدىن يىتەتتىڭ ، سېنى گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا سايلاشتا مۇشۇ ئەيىبىڭ بىلەن ھېسابلاشماپتىمىز ، ھېلىھەم بولسىمۇ ، يولداشلار ، مەن كەنجىنى گۇرۇپپا باشلىقلىقىدىن ئېلىپ تاشلاشقا قول كۆتۈرىمەن . شۇنداق قىلمىساق بىز تويدىن قۇرۇق قالىمىز .
__ ئالتە سائەت قاتتىق ئىشلىسەك ۋەزىپە تۈگەيدۇ ،__ دېدى يەنە بىر يىگىت ھېساپلاپ كۆرۈپ،__ يەنە ئالتە سائەتتە بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت توققۇز بولىدىكەن ، سائەت توققۇزدا يولغا چىقساق 47 كىلومېتىر يولنى ...
__ پىيادە ماڭساق 10 سائەتتە بېسىپ بولىمىز ، ئۇنداقتا تويدىن كىيىن ناغرا ، قېتىق تۈگىگەندە زاغرا يىگەندەك يىگەندەك بىر ئىش بولىدۇ ...
__ قول تىراكتۇرى بولغاندا ئىدى ، سائەت 11 دە يىتىپ بارساقمۇ ئاخىرقى ئۇسسۇلغا بولسىمۇ ئۈلەۈرەتتۇق ...
__ نېمىلا بولمىسۇن ۋەزىپىنى تۈگەتمەي قايتمايمىز ،__ دېدى ئاخىرى كەنجى ئىشتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ،__ بىزگە ئۆگۈنلۈككە توي بولىدۇ دەپ ئىككى كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرغان ، چوڭ ئەترەتتە جاۋاپكارلىق يوق ، ئۆزىمىز ئۈلگۈرتەلمىدۇق .
__ ئۆزىمىز دەيسەنغۇ كەنجى ؟__ دېدى ھېلىقى كەنجىنى گۇرۇپپا باشلىقىدىن ئېلىۋېتىشكە قول كۆتۈرىمەن دىگەن يىگىت خاپا بۇلۇپ ،__ توشۇغۇچىلار تاشنى ئۈلگۈرتەلمىدى ، بولمىسا بۈگۈن ئەتىگەن تۈگەيتى ، شۇلار تويغا دەخلى قىلدى ، شۇنىڭ ئۈچۈن چالىسىنى شۇلار تۈگەتسۇن ، مەن شۇ تاپتا ماڭىمەن ، ۋېلىسپىت بىلەن 3 سائەت چاپسام تويغا ئۈلگۈرۈپ بارىمەن !
ھېلىقى يىگىت قىرغاققا چىقتى .
__ ۋېلىسپىت بارلار ماڭايلى !__ دەپ يەنە بىر يىگىت قىرغاققا چىقتى .
__ سەن كەنجى ، بىزدىن رەنجىمە ،__ دېدى ھېلىقى يىگىت ۋارقىراپ تۇرۇپ ،__ شۇنداق چوڭ تويدا بىر ئۇسسۇلغا چۈشىۋالمىساق ، بۇنداق تۇرمۇشنىڭ نىمە لەززىتى بولىدۇ ؟ سېنىڭدىن باشقا قالغان 23 ىمىزنىڭ ئايالىمىز بار . 23 چوكاننىڭ كۆزى مۇشۇ تەرەپتە تۇرسا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھەللىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇسسۇلچىلىرى بىز تۇرساق ، كىچىككىنە ئىشنى دەپ قانداقمۇ چوڭ تويغا سوغوقچىلىق سالغىلى بولسۇن ، ماڭايلى ، تۈگىدى دەپ بارايلى ، چالىسىنى ئەتە چۈشتىن كىيىن كىلىپ يۈگىتىۋېتىمىز !
شۇ چاغدا قاتناش گۇرۇپپىسىدىكى يىگىتلەر ئېشەك ،كالىلىرىنى قامچىلاپ توپا چاڭ تۇزۇتۇپ مېڭىشتى ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلى بولغان مۆمىنجان ۋېلىسپىتتە سىڭايان ئولتۇرۇۋېلىپ :
__ كەتتۇق ، ھەي تاشچىلار ، ئاياللىرىڭلار بىز بىلەن ئۇسسۇل ئوينايدىغان بولدى ، رەنجىمەڭلار ئەمسە ھە !__ دەپ قۇيۇپ چاڭ توزۇتۇپ چىقىپ كەتتى .
__ توختاش ئۆلۈمتۈكلەر !__ دەپ ۋارقىرىدى بايىقى يىگىت غەزەپ بىلەن ،__ سەنلەر تاشنى ئۈلگۈرتۈشۈپ بەرمەي ، بىزنى تۈنۈگۈن يېرىم كۈن بىكار قىلىپ قۇيۇشتۇڭ ، شۇنىڭ كاساپىتى ...
لېكىن ئۇلاردىن بىرىمۇ قايرىلىپ قويمىدى ، تاشچىلار مۆمىنجاننىڭ گىپى بىلەن خېلىلا غۇدۇرىدى . 10 غا يېقىن يىگىت چالىسىنى كىيىن قىلىمىز دەپ ۋېلىسپىتلىرىگە يۈگۈرۈشتى ، كەنجىنىڭمۇ ۋېلىسپىتى بار ، ئۇنىڭمۇ كەتكۈسى بار ، لېكىن يالغاندىن تۈگەتتۇق دەپ بېرىشقا ئۇ ئادەتلەنمىگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ ئەترەت باشلىقلىرىنىڭ يۈزىگە قاراشمۇ بىر گەپقۇ، لېكىن بارمىسا مۆمىنجان بۈگۈن ئاسىدەنى جەزمەن ئۇسسۇلغا تارتىدۇ . بىر يېرىم ئايدىن بېرى ئاسىدەنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ئۆگەنگەن ئۇسسۇللىرىنى ئەمدى قاچان ئوينايدۇ ! مەتيا ئۇنى ھازىر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرغاندۇ .
يىگىتلەرنىڭ بىر قىسىمى مېڭىشقا تەييارلاندى ، بىر قىسىمى كەنجىنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرىدۇ ، كەنجى كۆپچىلىككە قارىدى :
__ يولداشلار ، مېنىڭمۇ ئوتتەك بارغۇم بار ،__ دېدى ئۇ ،__ لېكىن يولداشلار يەنە ئالتە سائەت جىددى ئىشلىسەك ئىش تۈگەيدىكەن ، لىكىن بىز بارغۇچە توي تاياردىكەنۇ ... مەن يالغان ئېيتالمايمەن ، ۋەزىپىنى تۈگەتمەي قايتالمايمىز ! كېتىمەن دېگۈچىلەرنى توسۇشقا ئاجىزمەن .
ئۇ ، گەپ تۈگىدى دەپ ئۆز ئىشىغا ئېڭىشتى ، قىرغاقتىكىلەردىن بىر قانچىسى قايتىپ چۈشتى . يەنە بىر نەچچىسى بولسا مۆمىنجان كەتكەن تەرەپكە قاراپ ۋېلىسپىتلىرىنى غۇيۇلدىتىپ قۇيىۋەتتى .

(6)

كوممۇنا ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى تېرەكلىك مەيدان كۈندۈزدەك يورۇغان ، ۋاسكىتبول گارىغا ۋە دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىغا ئېسىپ قۇيۇلغان لامپۇچكىلارنى پەرۋانىلەر ئايلانماقتا . لامپۇچكا يورۇقىدا نۇرلانغان چىرايلاردىن كۈلكە ۋە شاتلىق ياغماقتا ، بالىلار ئۇ ياقتىن بۇ ياققا يۈگۈرۈشمەكتە ، چىرايلىق يەكتەك ۋە چاپانلىرىنى كىيىشكەن قېرىلار بىر-بىرى بىلەن قىزغىن ۋە تەنتەنىلىك كۆرۈشمەكتە ، ئالىيېشىل كىيىشكەن ئاياللار ، قىزلار ئۆز توپلىرى بىلەن مەيدان تەرەپكە ئالدىراپ مېڭىشماقتا .
__ راستلا چاتقا سېلىۋاپلا ،__ دېدى ئاسىخاننىڭ قوشنىسى ، يەنى ئاسىدەنىڭ ئانىسى ئاسىخاننىڭ جاراڭلاپ تۇرغان كۈمۈش چاتقىسىنى شەرەت قىلىپ .
__ ئاسمىخان ئۇ كىشى خاپا بولغىدەك !__ دېدى ئاسىخان ،__ ئۇ كىشىنىڭ زورى بىلەن ئىلىۋالدىم .
__ ئۇسسۇلغا چۈشەملە ؟
__ پالتاخۇن چۈشۈرمەي قويارمۇ ؟__ دېدى ئاسىخان قاپاقلىرىنى سۈزۈپ ،__ قايسىبىر مەشرەپتە ئۇ مىنى تارتمىغان .
__ مەنمۇ چۈشىمەن ، چۈشمىسەم قىزلىرىم قويمايدۇ ...
شۇ چاغدا چدچلىرىنى ئۇششاق ئۆرۈگەن ، ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ ، چاچلىرىغا گۈللەرنى قىسقان ئاسىدە ئۇلارنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كەلدى - دە ، قولىدىن تارتىپ ،__ بۇلۇڭلار ، قېرىلارغا گېلەم ، يىكەنداز سېلىندى ، سىلەرنى جايلاشتۇرۇپ قوياي ،__ دەپ ئالدىراتتى . ئاسىخان ئۇلۇغ كىچىك تىندى-دە :
__ ئېسىت بالام ، كەنجاخۇننىڭ يوقلۇقى ، بار بولغان بولسا كۆملۈم توق بولار ئىدى ...
__ ۋاي ، قوشنا ، ئوغۇللىرى بولغان بىلەنمۇ بۇنداق مەشرەپلەردىن ئۆزىنى قاچۇراتتى ، كۆڭۈللىرى يېرىم بولمىسۇن ، پالتھخۇن ئوغۇللىرىنىڭ يوقلۇقىنى ھېلىلا ئۇنتۇلدۇرىدۇ ، كۆردىلىمۇ ، ئەنە ، ساز چېلىنماي تۇرۇپمۇ سەنەمگە دەسسىگىلى تۇرۇپتۇ .
__ سۈرەتكە ئېلىۋاتىدۇ ،__ دىيىشىپ بالىلار پالتاخۇن تەرەپكە يۈگۈرۈشتى ، پالتاخۇن ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئوينىماقتا ، راستىنلا ئۇنى بىرى سۈرەتكە ئالماقتا ئىدى . ئاسىخانلار گىلەم ئۈستىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشتى ، مەيدان ئادەمگە لىق تولغان ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىكى ئۈستەلگە مېۋىلەر ، قۇغۇنلار تىزىلغان ... لېكىن مەشرەپ تېخى باشلانمىغانىدى . ئاسىخان كەينىدە ئۆرە تۇرغانلارنى گەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇردى .
__ نىمىشقا باشلىمايدىغاندۇ ؟
__ مەتيا راۋاپقا قاراپ تۇرۇپتىمىش .
__ ئۇ نەگە كەتكەندۇ ؟
__ ئۆستەڭگە تاش ياتقۇزىۋاتقانلارغا ماشىنا ئېلىپ كىتىپتۇ .
__ ئەجەپ ئادەم ھە ! ئەمگەك دېسە بۇرۇن بېشى قاتاتتى ، بىر يىل بولدى ئېغىر ئەمگەك قىلغانلار بىلەن دائىم بىللە ...
ئاسىخان بىردىنلا خۇشال بولۇپ ئاسىدەنىڭ ئانىسىنىڭ بېقىنىنى نۇقۇدى :
__ قوشنا ، كۆرۈپ تۇرسىلا ، مىنىڭ كەنجاخۇن بالام بۈگۈن قىزلىرىنى ئۇسسۇلغا تارتىدۇ !
__ سىلىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قولىدىن شۇ ئىش كەلسە ئىگەكىم بار ، ئاسىدەنى ئوغۇللىرىغا ئەتىلا ئۆتۈنىمەن ... ھا - ھا - ھا ...
* * * * *
بۇ چاغدا كەنجىنىڭ ئىشىمۇ تۈگىگەن ، ئۇ يىراقتا قالغان مەھەللىسىگە قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى ، كەچكىچە ئىشلەپ ھارغىنىغا قارىماي بۇ چۆلدە قالغان 10 نەچچە يىگىتنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەيتى . ئۇلار مەيۈسلەنگەن ، روھسىزلانغان ، بىر-بىرى بىلەن گەپ قىلىشقىمۇ رايى بارمايتى .
__ ماشنىلاشقان بولساقمۇ ماشىنىدا بىر سائەتتە يىتىپ بارار ئىدۇق . ھەي ، بىزنىڭ قالاقلىقىمىز ...
__ ماشنىلاشقان بولساق ، دۈمچىيىپ قول بىلەن تاش تىزىشتىنمۇ ، گۈرجەك بىلەن ئۆستەڭ كولاشتىنمۇ قۇتۇلغان بولاتتۇق ... ھەي ...
__ مەن يوق ئايالىم چۇقۇم يىغلىدى جۇمۇڭلار ، مەن بولمىسام ئۇ ئوينىمايدۇ ، ئۇسسۇل ئوينىيالمىسا ھۆڭرەپ يىغلايدۇ __ ...
__ دەرتمەن مەشرىپىدە تېپىشقان دەۋاتاتتىڭ ، ئەجەپ قالتىسكىنا !...
__ بىر كەنجىنىڭ يول قارايدىغان ئادىمى يوق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەشرەپ بىلەنمۇ خۇشى يوق ، ئارىمىزدا كۆڭلى يېرىم بولمىغان بىرلا ئادەم باركەن جۇمۇڭلا ،__ ...
كەنجىنىڭ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغۇسى يوق . راستىنى ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ كۆڭلى ھەممىدىن يېرىم ، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى ئوت ئىچىدە يانماقتا ، ئۇ خۇددى گۇناھسىز تۈرمىگە كىرىپ قالغان ئادەمدەك تىت-تىت بولماقتا ... ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ مەھەللىسى تەرەپكە قارىدى ، شۇ تەرەپتىن بىر دەرەخنىڭ قارىسى بولسىمۇ كۆرۈنسىدى كاشكى ،... شۇ تاپتا مەشرەپ باشلاندى ، ئەنە ، مۆمىنجان پار-پۇر ياسىنىپ ئاسىدەنىڭ ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى ، ئەنە ، ئۇلار بېقىشىپ ئوينىدى ، ئەنە ، سەنەمگە چۈشتى ، ئاسىدەنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى ھەتتا مۆمىنجاننىڭ يۈزلىرىگە تەگدى ،... كەنجى ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى ،... ئۇ خۇددى ھەرە چېقىۋالغان توپاقتەك تىپىرلىدى ...
__ ماشىنا ، ماشىنا !__ بىرى ۋارقىرىدى ، كەينىدىن كۆپچىلىك ۋارقىرىدى :
__ ماشىنا ، بىزنى ئېلىپ كەلگىلى ماشىنا كەلدى ! ھەممەيلەن شۇ ياققا يۈگۈرۈشتى ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن كەنجىمۇ بار كۈچى بىلەن يۈگۈردى ...
__ چىقىڭلار ، تېز چىقىڭلار ماشىنىغا !__ دەپ ۋارقىرىدى مەتيا بېشىنى كابىنكىدىن چىقىرىپ ، __ سىلەرنى ھەممە ئۇنتۇسىمۇ مەن ئۇنتۇمايمەن . نېمىشقا دەمسىلەر ؟ ھەممىڭلار ئۇسسۇل دېسە جان بېرىدىغانلار ، بۇنداقلارنى قاتناشتۇرماي ئۆتكۈزگەن مەشرەپ تۇز سالمىغان كوجىدەك بەتتام بولىدۇ . مەتيانى بىلمەمسىلەر تېخى ؟ مەن ھازىر ئاقنانچى مەتيا ئەمەس ، ئەمگەكچى مەتيا . شۇنىڭ ئۈچۈن مەشرەپنىڭ مېغىزىنى ئېغىر ئىش قىلغانلار چاقسۇن دەپ ماشىنا ئېلىپ كەلدىم .

 * * * * *

ئاسىدەنىڭ يەنە ئۈمۈدى ئۈزۈلدى ، قارا تەلپەك كىيگەن بىرى مۇقامنى باشلىۋەتتى . لابادا ئۇنىڭ ناھىيەدىن كەلگەن مۇقامچى ئىكەنلىكى بايا ئېيتىلغانىدى . مانا ئەمدى مۇقام تۈگەپ قالۇن ، غىجەك ، دولان راۋابلىرىدىن چىققان يېقىملىق ساز كىشىلەرنى ئۇسسۇلغا چىللىماقتا ، ئەنە ، بىرىنجى بوپ مەيدانغا پالتاخۇن چۈشتى ، ئاسىخان ئۇنى ئىچىدە كايىدى : ئوغلى چۆللەردە بوينى قىسىلىپ يۈرسىمۇ خۇشال بولىۋېرىدىكىنا ، مېنى ئۇسسۇلغا تارتىپ كۆرسۇنا قېنى ...
لېكىن ئاسىخاننىڭ كايىشلىرى بىكار بولدى . پالتاخۇن ھەييارلىق بىلەن ئايلىنىپ كىلىپ ، ئاسىخاننىڭ ئالدىدا بىر تىزىنى پۈكۈپ تەكلىپ قىلىۋىدى ، ئاسىخان يېڭى توي بولغاندەك خۇش بۇلۇپ ئورنىدىن تۇردى ، كەڭ ئەتلەس كۆڭلىكىنى يەلپۈتۈپ ، بوۋايغا بېقىپ ئۇسسۇل ئوينىدى . موماي كىملەر بىزگە زەن قۇيىۋاتىدىكىن دەپ قارىۋىدى ، مەيدان ئۇسسۇلچىلار بىلەن تۇلۇپتۇ . بوۋاي - مومايلار ، قىز - يىگىتلەر ، بالىلارمۇ جۈپ - جۈپى بىلەن ئويناۋېتىپتۇ ، سەنەقەسكە ئايلانغاندا ، پۈتۈن مەيدان ئۇسسۇلچىلار چەمبىرىكى بىلەن لىق تولدى . سىيرىلمىغا چۈشكەندىلا ، ئاسىخان بوۋايغا قاراپ كۈلۈپ قۇيۇپ مەيداندىن چىقىپ كەتتى . خوشاللىق ئورنىغا ئاسىخاننىڭ كۆڭلى غەش بولدى ، سەۋەبى ، شۇنداق چوڭ سورۇندا ئوغلى كەنجى يوق ئىدى .

 (7)

ئاسىدە لابادىن تۇيۇقسىز مەتيانىڭ تۇنۇش ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى ، مەتيا جۇلا مۇقامىغا توېلىماقتا ئىدى . مۇقام تۈگىشىگىلا مەيداندا چىرايلىق كىيىنگەن بىر يىگىت پەيدا بولدى . يىگىت ئالدىراپ بېرىپ ، ئۇچۇشقا تەمشەلگەن قارلىغاچتەك تەقەززا بۇلۇپ تۇرغان ئاسىدەنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلدى . قىز ھەيران بۇلۇپ كەينىگە داجىدى ، مەيداندا كۈلكە كۆتۈرۈلدى ، مەتيا ئاۋازىنى تېخىمۇ كۆتۈرۈپ ناخشا ئېيتتى:
ئالمىنىڭ تاياقىمۇ ،
بىيىنىڭ تاياقىمۇ ،
قۇلۇم ئىشقا بارمايدۇ ،
يارنىڭ ئىشتىياقىمۇ ؟ ....
ئاسىخان كۆرۈپ تۇردى ، ئاسىخانلا ئەمەس ، پۈتۈن مەيداندىكىلەر كۆرۈپ تۇردى . ئاسىدە ئاناردەك قىزاردى ، ئالقانلىرى بىلەن يۈزىنى ياپتى-دە ، بىردىنلا يىنىك ھەركەت قىلىپ مەيدانغا چۈشتى ، يىگىت ھازىرغىچە ئەرلەر ئىچىدە كۆرۈلمىگەن بىر خىل سىلىق ۋە چىرايلىق ھەركەت بىلەن چېكىتمىگە دەسسىمەكتە ، ئاسىدە __ يۇرتنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۇسسۇلچى قىزىمۇ يىگىتنىڭ نەپىس ھەركەتلىرىگە ماسلىشىپ ، ئاددى شەكىللەرنىمۇ ئەۋرىشىم ، نازۇك قىلىپ كۆرسەتمەكتە ئىدى . بۇلۇپمۇ ئىككى ياش ھەر قېتىم بېقىشقاندا ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن زوقلىنىش ۋە تەشنالىق ئوتلىرى ئۇچقۇنداپ چىققاندەك بىلىنەتتى ،
__ ماۋۇ كارامەتنى كۆرۈڭ ،__ دەپ ياقىسىنى تۇتتى ئاسىدەنىڭ ئاپىسى ئاسىخانغا قاراپ ،__ شۇنچە ھۈنەر ئوغۇللىرىنىڭ ئىچىگە قانداقمۇ سىغقاندۇ ؟...
__ ئوغلۇم ،__ دېدى ئاسىخان ئورنىدىن تۇرۇپ ھاياجان بىلەن ،__ كۆرۈۋال ، ئاسىدەنى قانغۇچە كۆرۈۋال ...
__ قوپسىلا ئاسىخان ،__ دېدى پالتاخۇنمۇ ھاياجان بىلەن تەزىم قىلىپ ،__ ئۆمرۈمدە بۈگۈنكىدەك كۆڭۈللۈك مەشرەپ كۆرمەپتىكەنمەن ، قارا ، كەنجىمىزنىڭ پۇت-قوللىرىنى ئېلىشى دادىسىنى نېمىدىگەن دورىغان ...
ئۇلار ئوغۇللىرىنى چۆرىدەپ چېكىتمىگە دەسسىدى ، لېكىن كەنجىنىڭ ئۇلارغا قارارغا كۆزى يوق ئىدى . كەنجى ئۇلاردىن بەك ھاياجانلانغانىدى . ھەر قېتىم ئايلىنىپ كىلىپ قىزغا قارىغاندا قىزنىڭ زىلۋا ، تال چىۋىقتەك ئەۋرىشىم بەللىرى ، ئويناق قارا كۆزلىرى ، ھىمىرىلگەن ئوماق لەۋلىرى ... بۆلەكچىلا گۈزەل ۋە يېقىملىق ئىدى . ئۇ ئاسىدەنى خىيال قىلىدىغان بۇلۇپ قالغاندىن بېرى بىرمۇ قېتىم قىزنى مۇشۇنچىلىك گۈزەل قىياپەتتە كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ باققان ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭغا ئالدىدا بېقىشىپ ئويناۋاتقان قىز ھېلىقى قوشنىسىنىڭ قىزى ئاسىدە بولماستىن ، بەلكى چۆچەكلەردىكى مەشۇقلاردەك ، باتۇرلارنى جېنىدىن كىچىشكە مەجبۇر قىلغان لىۋەن ، دورانالاردەك بىلىنىشكە باشلىدى . قىزنى شۇنچە قانغۇچە كۆرۈشكە پۇرسەت بەرگەن دولان ئۇسسۇلىغا ئىچ-ئىچىدىن رەھمەت ئېيتتى ، قىزنى شۇنچە گۈزەل قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئۇسسۇللارنىڭ ئىجادچىسى بولغان ئەجدادلىرىغا بىردىنلا ھۆرمىتى ئاشتى ، ئاسىدەنى چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان ئۇسسۇل ئەلۋەتتە كەنجىنىمۇ باشقىلارغا شۇنچە چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدىغاندۇ ، يۈزلىگەن دىللار شۇ تاپتا زوق ۋە ھەۋەس ئىلكىدە مەست بۇلۇپ ، بۇ بىر جۈپ ياشقا قاراۋاتقاندۇ ... كەنجى سەنەمگە كۆچكەندىن كىيىن ، تېخىمۇ راھەتلەندى . قىزنىڭ ئۇششاق چاچلىرى ئۇنىڭ بويۇنلىرىغا ، يەلكىلىرىگە تىگىپ تۇراتتى ، ئۇلار ئايلانغاندا دولىلىرى بىر-بىرىگە سۈركىلىپ كېتەتتى . مەتيانىڭ يېقىملىق ناخشىسى ، قالۇن ، غىجەك ، دولان راۋابىنىڭ ئاۋازى قوشۇلغاندا ، ئۇنىڭغا رېتىملىق ئۇرۇلغان داپ قۇشۇلغاندا چىقىدىغان تاۋۇشچۇ ؟ بۇ تاۋۇش ئەمەس ، پۈتۈن مەيداندىكىلەرنى خوشاللىققا قوزغىغۇچى ، پۈتۈن مەيداننى تەۋرەتكۈچ كۈچ بۇلۇپ سېزىلمەكتە . بۇنداق كۈچنى كەنجى مۇشۇ كۈنگىچە ھېچ يەردە ، ھېچقانداق بىر مۇزىكا ئەسۋابىدىن ئاڭلاپ باققان ئەمەس ، ئۇ 10 يىللىق ئۆمرىگە ئېچىندى ، ئەۋرىشىم چاغلىرى ، ھېسياتقا باي مەزگىللىرى گۈزەللىك بىلەن قارشىلىشىپ ئۆتۈپ كىتىپتۇ . ئۆتكەن ئۆمرىنى پۇشايمان بىلەن قايتۇرىۋالغىلى بولمايدۇ . ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىنكىسىنى قەدىرلەش كېرەك ...
كەنجى شۇ خىياللار بىلەن سەنەقەسنىمۇ تۈگەتتى ، ئۇنىڭ مەيداندىن چىققۇسى كەلمەيتى ، شۇڭا سىيرىلما باشلاندى . ئۇ مەتيانىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە تېز ۋە چاققان ئايلىنىپ ئوينىدى ، قىز ھەر قېتىم پىرقىراپ ئۇنىڭغا قارىغاندا ، ئۇ ئەڭ چىلىق ۋە يېقىملىق ھەركەت بىلەن قىزنى كۈتۈۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى ، ئۇلار گۈللەر ئارىسىدىكى بىر جۈپ كېپىنەكتەك شۇنچە تېز ۋە يېقىملىق پىقىراشتى . مانا ، بۇ ئۇيۇن ئەۋجىگە چىقتى ، مەيداندا ئەڭ ماھىر ئۇسسۇلچىلارلا جۈپ-جۈپ بولۇشۇپ پىرقىراشماقتا ، پۈتۈن مەيداننى ھاياجان ۋە قىزغىنلىق ئورىۋالغان ، « ياشا » ، « بەللى » ، «قايناپ » دىگەن ئاۋازلار تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ تۇرىدۇ . لېكىن كەنجى سىيرىلما ئۇسسۇلىنىڭ ئەڭ نازۇك شەكىللىرىنى كۆرسىتىشكە بېرىلىپ كىتىپ مەيداندا يالغۇز ئاسىدە بىلەنلە قالغىنىنى سەزمەي قالدى . ئۇ نېمىلەر بولۇۋاتقىنىنى ، كۆپچىلىك نېمىلەر دەۋاتقىنىنى سەزمەيتى . سىيرىلمىغا شۇنچە چىرايلىق . شۇنچە سەنئەتلىك ئويناۋاتقان بىر جۈپ ياش پۈتۈن مەيداندا ھەۋەس ، زوقمەنلىك ۋە ئىلھام قوزغىغانىدى ، ئاخىرقى مۇقام ئېيتىلىپ ، ئۇسسۇل ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ، مەتيا يالغۇز داپ بىلەنلا ئىككى ياشنى مەيداندىن چىقارماي تۇتۇپ تۇرماقتا ئىدى . كانايدىن «مەشرەپ تامام » دەپ ئېلان قىلىندى . لېكىن خەلق تارقالمىدى .
ھاياجانلانغان پالتاخۇن مەيدانغا چىقىپ ، ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈردى :
__ قانمىدۇق ، بولۇپمۇ دولان ياشلىرى قانمىدى ، رۇخسەت قىلساڭلار ، ئەتە كەچ يەنە بىر ئاخشام مەشرەپ ئۆتكۈزسەك ، 10 ئۆستەڭلىك يەرنى مەشرەپكە تەكلىپ قىلىمەن ، مەشرەپ مېنىڭ نامىمدىن بولىدۇ . ھەر ئۆستەڭلىك بىردىن بۇكەل چىقىپ بىردىن قوي تاپشۇرىۋالسۇن ، ئۇسسۇلغا راسا بىر قانايلى ، بۇلۇپمۇ دولان ياشلىرى راسا بىر قانسۇن ...
مەيداندا ئۇنىڭغا جاۋابەن كۈچلۈك چاۋاك كۆتۈرۈلدى ...


1979 - يىلى ، مەكىت

( مەنبە : تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات زۆرۈر دەرسىلىك 3- كىتابتىن ئېلىندى. )

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • مەنمۇ بەك ياقتۇرمەن ماۋۇ ئەسەرنى .ھەققەتەن ئېسىل.........ئۆچۈرۈش2011-7-3 05:14[3 نۇمۇر]بەخىت
  • ئېسىل ئەسەردە بۇ . . . .
    ئەجرىڭىزگە رەھمەت !
    ئۆچۈرۈش2011-6-13 17:28[3 نۇمۇر]سەھرا
  • تولۇق  ئوتتۇرا  مەكتەپتە بۇ   ئەسەرنى بەك  ياختۇرۇپ  ئۆگەنگەن   ، ھېلىمۇ  شۇنداق  ياخشى  كۆرىمەن  .ئۆچۈرۈش2011-6-10 14:07[3 نۇمۇر]گۈلۈم
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY