باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-10 11:08 | ئاپتور: ئايزىت | مەنبە: ئىجادى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق

قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق


(ھىكايە)


ئايزىت


     ئازاپلىنىشقا تىگىشلىك ئىنسانلار ئۈچۈن ئازاپلىنىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئۆزگىچە لەززەت.
     مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاچچىق يۈتىۋاتىمەنمۇ؟ ياكى ئۆزەم ئۈچۈنمۇ ؟ كاللامدا ئىنىق بىر قارار يوق.ب ىراق كۆڭلۈم ئۆلگۈدەك يېرىم.
     مەن ئۇنى بۇنداق سەبىي ھەم ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ،  ئۇنىڭ دەردىنى تارتىمەن دەپ ئوڭۇمدىمۇ ھەتتاكى چۈشۈمدىمۇ ، ئەقەللىسى بىرەر يېرىم دەممۇ پەقەت ۋە پەقەت ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. 
      تۇلىمۇ ئەپسۇس... ئۇنىڭ ئۈچۈن دەردىدە ئۇشبۇ كۈنلەردە مىڭ ئۆلۈپ تىرىلىۋاتىمەن.
     دەردىمنى ئاللاھ ، بىر ئۆزەم بىلىمەن. بەلكىم ئۇنىڭ يۈرىكى بىر پارچە سېسىغان گۆش بولمىسا ئىدى، ئۇمۇ بىلەر. چۈنكى يۈرەك يۈرەكنىڭ بەختتىن دۈپۈلدەپ سوقۇشىنى بىلەلمىسىمۇ ھىجراندىن ، ئەلەملىك چارىسىز ھەم كۈچلۈك تىترىشىنى سىزەلەيدۇ ئەمەسمۇ!؟
     مەن باش –ئاخىرى چىقماس چەكسىز خىياللار ئىلكىدە قىينىلۋاتىمەن.ئ ىككىمىزنىڭ ئىجىل، ئىناق مۇھەببەتلىك كۈنلىرىمىزنى تولا ئەسلەپ ئەقلىمدىن ئادىشايلا دەپ قالدىم. ئۇنىڭ كۆزۈمچىلا باشقىلارنىڭ بولۇپ كىتىشىگە قىيالماي ئاخىرى ئۆلىۋىلىش قارارىغا كەلدىم.
     ھاياتلىقتا ياشاشنىڭ يوللىرى كۆپ بولغىنىدەك ، ئۆلىۋېلىشنىڭمۇ يوللىرى بەك كۆپ. مۇڭ باسقان غېرىب ھۇجرامنىڭ ئىشىك –دەرىزىسىنى چىڭ تاقاپ دورا يەپ ئۆلىۋالايمۇ ؟ ياكى بىنادىن ئۆزەمنى تاشلىۋالايمۇ؟
     ئاھ...! ئۇنداق قىلسام بىچارە ئانامنى خەلق ئالەم ئالدىدا قارا يۈز قىلۋەتمەمدىمەن. توك تۇتۇپ ،سۇغا غەرىق بولۇپ... ياق،ياق،ياق ھىچقايسىنى تاللىيالمىدىم. توغرىسى جۇرئەت قىلالمىدىم. ھاراقنى ھىققىچە ئىچىپ غەرىق خالىغانچە يول يۈرۈپ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاش يولدا ماشىنىغا سوقۇلۇپ... شۇنچە كۆپ ئۆلىۋىلىشنىڭ يوللىرىدىن بىرەرىدىمۇ ماڭالماي ئاخىرى يەككە- يىگانە، ئاچچىق ھاراق ئىچىپ قاچان، قانداقلارچە قايتىپ كەلگىنىمنىمۇ بىلمىدىم. ئۇخلاپ قاپتىمەن.
     ئاتەش قۇياشنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئوتلۇق ئاپتىۋى يۈزۈمگە چۈشكەندە چۆچۈپ ئويغۇنۇپ ھەيرانلىقتا كىچىككىنە دەرىزىدىن سىرتقا قارىدىم.
قۇياش ئۇپۇقتىن يەنىلا مەغرۇر چىقىپتۇ. يەرشارى يەنىلا ئۆز ئوقىدا غەمسىز ئايلىنىۋىتىپتۇ. قارىسام كۆيۈمچان ئاپام مەن ئۈچۈن چاي دەملەپ پايپىتەك بولىۋىتىپتۇ. ئاخشامقى بىمەنىلىكمدىن، خىياللىرىمدىن ئەندىكىپ كەتتىم. ئاپامنىڭ لەۋلىرىمنى، يۈرىكىمنى كۆيدۈرگۈچى ئىسسىق چىيىدىن ئىتتىك-ئىتتىك ئوتلاپ ئۆزەمنى دۇنياغا قايتا يىڭى تۆرەلگەندەك ھىس قىلىپ ، گۈزەل بۇرۇنقىدىنمۇ نەچچە مىڭ ھەسسە گۈزەل ئارمانلارنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. چۇنكى بۇ دۇنيادا مەن قەدىرلەشكە تىگىشلىك نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ ئىدى.


شىنجاڭ ئاياللىرى 8-سان

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY