يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-10 11:24 | ئاپتور: ئايزىت | مەنبە: ئىجادى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
يۈرەكتىكى كومىدىيە
يۈرەكتىكى كومىدىيە
ئايزىت
باشقىلار ئاشىق –مەشۇقلار بايرىمىدا تونۇشۇپ ، بىر-بىرىگە كۆڭلى چۈشۈپ مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنى ئاجايىب رومانتىكىلىق ئىچىدە مەستانىلىك بىلەن باشلىغان، كونا قەدىناس مۇھەببەتلەر مۇھەببەتنىڭ شېرىنلىكىدىن مەست بولۇپ سۆيگۈنىڭ ھىچنىمە بىلەن تەڭ قىلغىلى بولمايدىغان تەڭداشسىز كۈچ-قۇدرىتىدىن شاتلانغان شۇ مىنۇتلاردا مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىم.
بەلكىم ھىچكىممۇ تۇرمۇشىدا مەن ئۇنۇڭ بىلەن مۇھەببەتلەشكەندەك ،باشقىلارنىڭ رەشىك ،ھەۋەسلىرىنى قوزغىيالمىغاندۇ؟شۇنداقلا مەن ئايرىلغاندەك "ئۆزەم تاپقان بالاغا ،نەگە باراي دەۋاغا"قىلمىغاندۇ!؟
نادىرەئىككىمىزنىڭ قىزغىن ،قىيالماسلىق ئىلكىدە ئۆتكەن ئىككىمىزنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر قىز-يىگىتنىڭ ئىختىيارسىز مۇھەببەتتىن ئىبارەت پايانى يوق،باھاسى يوق ،ئۇلۇغ ھەم ئاددى،سىرلىق ھەم ئادەتتىكىدەك ئالەم بىنا بولغاندىن بىرى كىشىلەر قەلبىنى ئۆزىگە لال قىلىپ بەزىدە شېرىن ھەم ئازاپلىق،يىقىملىق،قىيىن،ئاچچىق ھەم قىرتاق تەمنى تىتىغۇسى كىلىپ بىزگە مەپتۇن بۇلۇپ بىلىپ -بىلمەي بىردەم كەينىمىزدىن ماڭغان ،كۆزلىرى بىلەن ئۇغۇرلۇقچە بىزنى شەرەتلەپ، بەزىلىرىنىڭ ھەسەتلىك،يەنە بەزىلىرىنىڭ قىزىقىشتا،ئازبىر قىسىملىرىنىڭ بىزگە بەخىت تىلەپ... كۆزئىشارىتى قىلىشقان. ئىشقىلىپ كۆيۈپ، كۆيۈشۈپ ئىجىل كۆيۈملۈك كۈنلىرىمىز ئىسىمگە چۈشسىلا ئۇنىڭغا ياكى ئۆزەمگە يۈكلەپ قويۇشنى پەقەت بىلەلمەيدىغان زەرىچە نەپرەت پۈتكۈل ۋوجۇدۇمنى قاماللاپ مىنى قىلچە كۆزگە ئىلماي يۈرىكىمنى ئاچكۆزلەرچە مەغرۇر يەيدۇ.
ھازىرقىدەك كۆز ئالدىمدادەل ئاشق-مەشۇقلار بايرىمى كۈنى مەن ئۇنىڭغا ئىدارىدە نۆۋەتچى ئىكەنلىكىمنى دىگىنىمدە ، ئۇ بۇرۇنقىدەك قېيداپ ئاچچىقلانماي ئىشقا بېرىشىمنى دىگەن، يېڭىدىن ئىدارىگە كىلىپ مىنى بىردىنلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان قىز بىلەن غەمسىز مەستخۇشلۇق ئىلكىدە كوچا بىشىدا ئايرىلىشقا قىيالماي تۇرغىنىمدا ، ئۇنىڭمۇ ناھايىتى قاملاشقان بىر يىگىت بىلەن نەق شۇ يەردە مەن كەبى تۇرۇشى...
توۋۋا... توۋۋا. ئاھ !جاھان نىمە مۇنچە تاردۇ!!؟
تونۇش كۆزلەر دەقىقە ئىچىدە قانداق ئۇچراشقان بولسا شۇنداق باشقا يۆتكەلدى.
ئادەملەر شالاڭ، كوچا چىراقلىرى ئەتراپنى كۈندۈزدەك يورۇتقان، دەرەخلەر جىمجىت، مۇلايىم، تەمكىن .قويۇلغان گۈللەر يالغان كۈلگەندەك تەبەسسۇمسىز ، لىۋىدە شەبنەم يوق كۆرگەن ئادەمگە ساختىدەك مۇزدك تۇيغۇ بىغىشلايدىغان قاراشقىلا بىزەككە قويۇلغان گۈللەر بار پىيادىلەر يولىدا نىشانسىز كىتىۋاتمەن.
مەركىزى شەھەرنىڭ قويۇق ئىسلار بىلەن قاپلانغان ، كۈمۈش ئاينى تاماشا قىلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان نە بۇلۇت، نە يۇلتۇزنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان بۇلغانغان ئاسمىنىغا ئايلانمىدىن ئۆتكۈچە مەقسەدسىز قاراپ يۈرىكىمگە ئاستا پىچىرلىدىم.
يىغلىما كۆڭلۈم، دىلىلغۇللۇقتا قىينالمىغىن ، پەقەتلا ئىسىڭدە مەھكەم تۇتقىنكى، ئىككى قەلىبتىكى ئوخشاش كومىدىيە تىراگىدىيەگە ئايلاندى.
مەنبە.شىنجاڭ ئاياللىرى 8-سان
- مەزمۇن قاتارى
-
- تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
- ئىنكاس يوللاش
- تەۋسىيە