باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-12 06:07 | ئاپتور: گۈلجەننەت مۇھەممەت | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

مەن ئاجراشتىم

مەن ئاجراشتىم

گۈلجەننەت مۇھەممەت

(ھېكايە )

«ئاجرىشىش» نېمانچە ئېسىل نام بۇ، ۋاقتى كەلسە خەقلەر پۇلغىمۇ سېتىۋالالمايدۇ....

بۈگۈندىن باشلاپ ئەركىنلىككە چىقتىم. باشقۇرىدىغان خوتۇنمۇ يوق، نەگە بارىمەن دېسە شۇ يەرگە بارالايمەن. پۇلۇمنىمۇ ئەركىن خەجلىيەلەيمەن ....

ۋاھ ۋاھ ! ئەجەپ يېنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم....

شۇنداق قىلىپ مەن بىر قانچە ئاجراشقان دوستلىرىمنىمۇ ئىزدەشكە باشلىدىم. ئۇلارمۇ بويتاقلار بولۇپ، بەزىلىرى خوتۇنلىرىدىن بىزار بولۇپ ئاجراشقان، يەنە بەزىلىرى خوتۇنلىرىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بولماي ئاجراشقان، يەنە بەزىلىرى تۇرمۇشتىكى ئۈچىنچى شەخىس تۈپەيلى ئاجراشقانلار ئىدى. ئۆزۈمنى ئېيتسام، خوتۇنىمنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرى كۆزۈمگە سىغمايدىغان، ئۇنى كۆرسەم سەپىرايىم ئۆرلەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۆي تۇتۇشتىن زېرىكىپتىمەن. ئادەم شۇنداق بولىدىكەن. يوققا ئىنتىلىدىغان، قولغا كەلگەندە زېرىكىدىغان. بۇ نىكاھ تۇرمۇشى دېگەن سىرتىدىكىلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈسى كىلىدىغان، ئىچىدىكىلەرنىڭ سىرتىغا چىققۇسى كىلىدىغان قورغانغا ئوخشايدىكەن. خۇددى مۇشۇنىڭدەكلا مەن بۈگۈن بۇ قورغاندىن چىقىۋالدىم. بۈگۈن تېلېفونلىشىپ، ئۇچۇرلىشىپ دېگەندەك بۈگۈن بىر دوستىمىزنىڭ ئۆيىدە يىغىلىش قىلدۇق.

بۇلارنى ئارىسىدا ئاجراشمىغان لېكىن ئايالى تۆگەپ كەتكەن بىر ئاغىنىمىزمۇ بار ئىكەن.

-ئاداش خوتۇن يوق قانداق بىلىنىۋاتىدۇ ؟ - دېدى ماڭا بىر رومكا ھاراقنى قويۇپ، سۇنۇپ.

-ھېچقانداق. بەك پەيزە ! -دېدىم مەن ساراڭلاردەك ھېجاراپ.

ھېلىقى ئايال تۈگەپ كەتكەن ئاغىنىمىز سۆز باشلىدى:

-بەك خوشال ئوخشىمامسەن ئاغىنە. بالاڭ بارمۇ؟

-بار ، ئىككى -  دېدىم مەن ھەممەيلەنگە بىر قۇر قارىۋېتىپ.

-سەن ئالدىڭما؟

-ياق مەن ئالمىدىم، ئىككىلىسىنى ئاپىسى ئېلىۋالدى. - دېدىم سەيدىن بىر چوكىنى ئالمان ئاغزىمغا سېلىۋالدىم.

-ئىككىلىسى سېنىڭ بالاڭدۇ؟-  ئۇ بۇ سۇئالنى سورىغان ھەممەيلەن ئۆز-ئارا مەنىلىك قارىشىپ قويدى. مەن يەنىلا بۇلارغا پەرۋاسىزلا:

-ھەئە ئەلۋەتتە مېنىڭ بالامدە..

-نېمىشقا ئاجراشتىڭ؟

-چىقىشالمىدۇق ، ئاجراشتىم ....

-پۇشايمان قىلمامسەن؟

-نېمىگە پۇشايمان قىلىمەن، ئوغۇل بالا دېگەن پۇشايمان قىلمايدۇ ! - دېدىم يوغان سۆزلىگەندەك قىلىپ.

-شۇنداقمۇ ؟ - دېدى ئۇ ئالدىدىكى چاينى بىر يۇتۇم ئوتلىدى.

-ئەمدى يەنە بويتاق يۈرمەسسە ...

-ياخشىراقى ئۇچرىسا ئالىمەن، بولمىسا مۇشۇنداق يۈرىيمەن.

-يەنە كۆڭلۈڭگە ياقمىسا يەنە ئاجرىشىپ باشقىنى ئالىمەن دەپ ئويلايدىكەنسەندە؟

-ئەجەبا سەن ئۇنداق قىلمامسەن؟

بۇلۇڭ تەرەپتە ئولتۇرغان يەنە بىر ئاغىنىمىز:

- بۇنى توي قىلىۋالغىن دېسەك رەت قىلىۋاتىدۇ، شۇنداق ياخشى قىزلارنى تونۇشتۇرساقمۇ ئۇنىمىدى. ھازىرغىچە قىزىم دەپ ياشاپ كىلىۋاتىدۇ. بۈگۈنمۇ بۇ يەرگە ئاران چىللاپ كەلدۇق.

-ھە، مۇنداق دە . - دېدىم سەل ھەيران قىلىپ.

ئارىمىزدىكى ئەڭ شوخ بىرەيلەن :

- ھەي ئاغىنىلەر خوتۇن ھېلى سوراقنى باشلىۋەتمىسۇن، مەن بالدۇراق قايتمىسام بولمايدۇ، سىلەرگە بىر ئىككى پەدە چېلىپ بېرەي قانداق؟ - دېدىم.

ھەممەيلەن چاۋاك چالدى.

ئۇ ناخشىسنى ئېيتىۋەردى. مەن شۇنداق بىغەم ئادەملەردەك بۇ سازلارغا، ھاراقلارغا مەست بولۇپ كەتتىم. مۇشۇنداق قىلىپ مېنىڭ ھاياتىمدىكى يەنە بىر قېتىملىق بويتاقلىق تۇرمۇشۇم باشلاندى. بۇنداق ناخشا چىقىدىغان سورۇنلاردىن بېرى كىلەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. ھەر كۈنى ھاراق ئېچىپ مەست بولۇپ كېتىمەن. ھەتتا خىزمەت ئورنۇمدىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم. كۈنۈم كۈندىن-كۈنىگە ئارقىغا دەسسەشكە باشلىدى. مېنى تېخىمۇ بەك قەھەتچىلىك باستى. مۇشۇ يوسۇندىلا نەچچە ئاينى ئۆتكۈزىۋېتىپتىمەن.

بۈگۈن ئۆيدە ئولتۇرۇپ يالغۇز ئولتۇرۇپتىمەن. كۈلدان لىق تولغان ئىدى. مەن يەنە شۇ لىق تولغان كۈلداننىڭ ئۈستىگە تاماكا كۈلىنى قاقتىم. مەن قاپاقتەك بولۇپ كەتكەن بېشىنى سىلايتتىم، ھېلىقى ئاغىنىمىزنىڭ گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاشقا باشلىدى.

-بەك خوشال ئوخشىىمامسەن ئاغىنە. بالاڭ بارمۇ؟

- بالىنى سەن ئالدىڭما؟

-ئىككىلىسى سېنىڭ بالاڭدۇ؟

-نېمىشقا ئاجراشتىڭ؟

-پۇشايمان قىلمامسەن؟

بۇ سۇئاللار ئاغرىق بېشىمنى تېخىمۇ چىڭقىلدۇرۋەتتى.

ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە بىر قۇر سەپ سالدىم. ئۆينىڭ ئىچى شۇنچىلىك رەتسىز، بىر يەردە پايپاق، بىر يەردە ئىشتان، ئۈستەل ئۈستىدىكى رومكىلار، بوتولكىلار قالايمىقان يىقىلغان ئىدى.

ئايالىم بار ۋاقىتتا بۇنداق ئەمەس ئىدى. ئۆيگە كىرسەم ھەر زامان ئىسسىق تاماق، رەتلىك ئۆي، خۇشال كەيپىيات بار ئىدى. مۇشۇ تۆت ئايدىن بېرى ھەتتا باللىرىمنىمۇ كۆرمەپتىمەن. ئايالىم ھەر ۋاقىت مېنى سۈرۈشتە قىلىپ تۇراتتى. مېنى كونتىرول قىلىپ قالايمىقان بەتخەجلىك قىلىشىمنى خالىمايتتى. ھازىر ئويلاپ كۆرسەم ئۇنىڭ توغرا ئىكەن. ئۇ مېنى دەپ مۇشۇ ئائىلىنى دەپ شۇنداق قىلغان ئىكەن. ئۇ شۇنچىلىك ئاددىي ساددا يۈرەتتى. ئەتكەن تاماقلىرى شۇنچىلىك تەملىك ئىدى. ئەمدى ئويلىسام تۇتامى يوق بىر ئىشلارنى دەپ ئاجرىشىپتىمىز.  ئايالىمىنىڭ:

- بالا يېتىم قالىدۇ، ئۆتۈپ كېتەيلى-دەپ يالۋۇرۇشلىرىغا ئەجەپ قارىماپتىمەنغۇ؟ مەنمۇ بىر ئەركەكمۇ؟ ئەقلىم نەگە كەتكەن مېنىڭ؟

ھازىر مەن نېمە بولدۇم، چوڭچىلىق قىلىپ باشقىلارغا خەجلىگىنىم بىلەن خەق ماڭا نېمە قىلىپ بەردى. ئاشۇ ئاغىنىمىزگە شۇ ۋاقىتتا ساراڭلاردەك بەرگەن جاۋابلىرىمغا ئەمدى ئاچچىقىم كىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئاغىنىمىز ئەسلى مېنىڭ ئەخمەقلىق قىلىۋاتقىنىمنى ھېس قىلغان چېغى....

ئاشۇ ئاغىنىمىزنىڭ نېمىشقا ھازىرغىچە توي قىلماي، قىزى بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى مەنمۇ ھېس قىلدىم. ئۇ ئايالىنى ۋە قىزىنى ئۆزىدىن بەك سۆيىدىكەن.

مەن بۈگۈن پۇشايمان قىلدىم. ئاشۇ يېنىكلىك بىلەن چىقارغان قارارىمنىڭ مېنى بۇ كۈنگە قويغانلىقىغا پۇشايمان قىلدىم.

مەن نە يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ باراي، خەپ، خەپ دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە لەنەت ئوقۇپ.

قانداقتۇر بىر كۈچ مېنى:

-ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇلار ساڭا مۇھتاج، سەنمۇ ئۇلاردىن ئايرىلالمايسەن، ئۇلار سېنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىڭ، يۈرەك پارىلىرىڭ!- دەپ ئۈندەۋاتاتتى.

شۇنىڭ بىلەن مەن بېشىمنى سەل سىلكىۋېتىپ تۇردۇم-دە ، ئۆيلەرنى ئۆز خاھىشىمچە يىغىشتۇرۇپ تازىلىدىم. ئاندىن ئايالىم ئۆز ۋاقتىدا توي قىلغان خاتىرە كۈنىمىزگە ئاتاپ ئالغان كاستۇم بۇرۇلكىنى كىيدىم. ئىشىكنى تاقاپ مېڭىپ ئۇلارنى ئەكىلىۋېلىش نىيىتىدە يولغا چىقتىم.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY