باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-12 07:08 | ئاپتور: گۈلجەننەت مۇھەممەت | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

بىر شاپىلاق

بىر شاپىلاق

ھېكايە

گۈلجەننەت مۇھەممەت
 

تاراس ! قىلىپ تەككەن بىر شاپلاق زاڭىقىمدىن ئوت چىقىرىۋەتتى.
نېمىنى خاتا قىلدىم، نېمىگە بۇنچە تاياق يەۋالىمەن.  
مېنى ئۇرغان ئادەم دەل دادام،  دادام مېنى ئايالى ئۈچۈن ئۇرىۋالدى.  ئاشۇ ئايالىنى ياخشى كۈتۈش ئۈچۈن، ئايالىدىن چىقىرالمىغان  ئاچچىقىنى مەندىن چىقىرىش ئۈچۈن ئۇرۋالدى.
كۆزۈمدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۈلمەكتە. كوچىدىكى ھەممە نەرسە خۇددى مەندىن نېمە بولدۇڭ دەپ سوراۋاتقاندەك قىلاتتى.
يۈزۈمنىڭ ئاغرىقى توختىمىغاندەك يۈزۈمنى توختىماي سىلايتتىم. دەل مۇشۇ پەيىتتە نەچچە يىل كۆرۈشمىگەن بىر دوستۇم مېنى سىلكىپ چاقىرىدى:
- رەنا، رەنا!
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم. مەن ئالمان –تالمان كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم،  قانداقمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالاي. يىغلاپ كەتتىم. نەدىمۇ يوشۇرۇپ تۇرالاي بۇ غەشلىكىمنى....
بىز بىر ئېسىل بېزەلگەن ئاشپۇزۇلنىڭ ئەڭ چېتىدىكى بىر  ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردۇق.
دوستۇم  ناھايىتىمۇ مولچىلىق قىلىپ تاماقلارنى بۇيرىدى. ئۇ  يەنە ئىچىملىكلەرنىمۇ بۇيرۇپتۇ.  ئۇ «چاك» قىلىپ تاماكىدىن بىر تۇتاشتۇرۇپ، ئاچچىق بىرنى ئىچىگە تارتتى- دە، سۆزىنى باشلىدى:
ـ ئالە ئاداش،" ئاۋۋال تائام ئاندىن كالام" گەپ قىلىدىغانغىمۇ كۈچ كېتىدۇ،  قۇرۇق يىغلاۋەرمە...ئالە ، ئالە!- دەپ  مېنىڭ ئالدىمدىكى كىچىك  تەخسىگە تاماقلاردىن بىر- ئىككى چوكىدىن سېلىشقا باشلىدى.
مەن شۇنچە  زورلاپ  تاماققا ئىشتىھالانغان بولساممۇ، لېكىن تاماق گىلىمدىن ئۆتمىدى.
ـ ئاداش، يىگۈم كەلمىدى،  سەل تۇرۇپ يەي - دەپ قولۇمدىكى چوكىنى قويدۇم.
دوستۇم گۈپپىدە قىلىپ بىر  رومكا ھاراقنى ئىچىۋەتتى.
ئۇنىڭ ئىچكەن ھارىقى ئاچچىق ئەمەسمىدۇ، چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپمۇ قويمىدى.
ـ سىلەردەك ياشىسام نېمانداق ياخشى - ھە! ئەركىن، ئازادە، نېمە قىلىمەن دېسەڭلار شۇنى قىلىسىلەر- دېدىم مەن ئۇنىڭغا ھەۋىسىم بىلەن قاراپ.
دوستۇم مەندىن ئالىدىغان ئۆچى باردەك قاتتىق ۋارقىرىدى:
-نېمە؟!  
ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە قاراۋاتقاندەكلا ھېس قىلىپ كەتتىم ھەم دېگەن سۆزۈمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم.  
ئۇ سۆز باشلىدى:
- سەنغۇ داداڭدىن يەپسەن  بىر  شاپىلاقنى،  داداڭ ئۇرغانغا نېمە بوپتۇ،  ئۇ سېنىڭ داداڭ،  مەن ئاشۇنداق يېمەيدىغان شاپىلاقلاردىن نەچچىنى يەپ  خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلدىم، مېنى ئۇرغان ئادەم مەن سۆيگەن ئادەم،  مېنىڭ دادام ياكى ئاپام بولغان بولسا، مېنى شۇنداق ئۇرۇپ تىللاپ، مېنى كونترول قىلىپ باشقۇرغان بولسا، مەن مۇشۇنداق بىر كۈننى كۆرمەس ئىدىم. بۇ قانداق كۈن ......  مېنى مۇشۇلارنى ئۆزى خالاپ قىلىدۇ دەمسەن.... ؟ - ئۇنىڭ كۆزىدىن ياشلار قۇيۇلدى....
-مەن ياشاۋاتقان مۇھىت مۇشۇنداق مۇھىت، مەن بۇنى قىلمىسام، مەن خەقنىڭ تايىقىدا ئۆلۈپ كېتىشىم مۇمكىن، مەن خەققە سېتىلىپ كەتكەن، خەق خالىسا مېنى دەپسەندە قىلىدۇ، خالىسا مېنى ئۇرىدۇ، خالىسا تىللايدۇ،  يەنە بىر  بالاممۇ بار،  مەن ئۇ بالامنى  ياخشى تەربىيىلەيمەن دەپ مۇشۇنى ئامالسىز قىلىۋاتىمەن،  ئىسمىمنى ئوڭشاپ يازالمەيمەن،  بالامنىڭ مەندەك يارامسىز بولۇپ قىلىشنى خالىمايمەن،  مەن دېگەن تۈگەشكەن بىر ئايال مەن لاياقەتلىك ئانىمۇ بولالمايمەن.
- بىر شاپىلاق يېگەنگە نېمە بوپتۇ؟ سەن دېگەن  ياغ ئىچىدىكى بۆرەك،  سەن ئەڭ ياخشىسى  يوقىلاڭ خىياللارنى  قىلماي،  قانداق قىلسام دادامنىڭ كۆڭلىنى  ئالىمەن دېگەنلەرنى ئويلا،  شۇنى بىلىپ قويغىنكى ، ئۇلار بىزلەرنى چوڭ قىلدى، ئۇلارنىڭ بىزنى ئۇرۇپ تىللىشى ھەقلىق، ئۇلارنىڭ بىزدە ھەققى بار.  مېنىڭ سىلەرگە ھەۋىسىم كىلىدۇ جىنىم دوستۇم.
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يەنە بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك قىلىپ، قاتتىق بىر ئۇھسىنىپ قويدۇم ۋە  دوستۇمنىڭ سۆزلىرىدىن سۆيۈندۈم  ۋە ئۇنىڭ  مۇشۇنداق  قايغۇ-ئەلەملىرىگە ھېسداشلىق قىلغۇم كەلدى.
دوستۇم ئىككىمىز خۇشال خۇشلاشتۇق.  مەن ئۆيگە يېنىپ كەلدىم.
دادام،  ئاپاملار  تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ، داداممۇ  ئۆزىنىڭكىنى خاتا بىلىپ قالغاندەك،  ماڭا شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى.  مەنمۇ چاندۇرماي بۇ قىزغىن كەيپىياتقا قىزغىنلىق قوشتۇم.  ئىچىمدە :
- تاس قاپتىمەن شەيتان سەنىمىگە ئۇسۇل ئوينىغىلى .... - دېدىم.
مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY