باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-14 02:42 | ئاپتور: رىزۋانگۈل يۈسۈپ | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

بەخت ساھىلى

بەخت ساھىلى
 
رىزۋانگۈل يۈسۈپ
 
مەن تۇپراق ئۈستىدە تىك تۇرغان ھالىتىمدە كۆزۈمنى ئاچتىم . تۇنجى كۆرگىنىم ئايىقىم ئاستىدا يېيىلىپ ياتقان چەكسىز كەتكەن قۇمساڭغۇ تۇپراق بولدى. مەن تۇپراقتىن ئاپىرىدە بولدۇم دەپ ئويلىدىم كۆڭلۈمدە.مەن تۇپراقنى ئاتا دەپ ئاتىدىم.                                      
ئۈستۈمدە قۇياش پارلاپ تۇراتتى ، مەن تۇرغان بۇ زىمىن شۇنچىلىك ئىللىق ھەم راھەتلىك ئىدى. مىنىڭ بۇ زىمىنغا تىزلا مېھرىم چۈشۈپ قالدى. ئەتراپىمدىكى چەكسىزلىككە پارلاۋاتقان قۇياشقا زوق بىلەن ئۇزاق تىكىلىپ قارىدىم. قۇلىقىمغا تولىمۇ يىراقتىن مۇزىكىدەك ئاجايىپ يېقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى . مەن ئىختىيارسىز ھالدا قەدەملىرىمنى شۇ تەرەپكە يۆتكىدىم . مەن ئەشۇ ئاۋازغا ئەگىشىپ مېڭىۋەردىم. قۇياشمۇ ماڭا ئەگىشىۋاتقاندەك ئۈستۈمدە پارلاپ تۇراتتى. قانچىلىك ماڭدىمكىن، قۇياش ئاسمان بېتىدىن ئاستا-ئاستا پەسلەپ ئوتقاشتەك قىزارغىنىچە تۇپراق قوينىغا كىرىپ كىتىۋاتقاندا مەن ئىختىيارسىز توختاپ ھاڭۋاققىچە قاراپ تۇرۇپ قالدىم. قۇياشنىڭ مەن بىلەن بۇنداق خوشلىشارىنى پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن . ئاسمان بىتى ئاستا-ئاستا قارىيىشقا باشلىدى . ئۆزۈمنىڭ بىردىنلا قۇياشسىز ياشىيالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. قۇياش پېتىۋاتقان تەرەپكە قاراپ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۈگۈردىم . ئەمما ھەر قانچە قىلساممۇ ئۈلگۈرەلمىدىم . قۇياش گويا ماڭا قىيمىغاندەك بەكلا ئاستا تۇپراق قوينىغا كىرىپ كەتتى . مەن ھاسىرغىنىمچە قۇياش پاتقان تەرەپكە قارىغىنىمچە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدىم. بىردىنلا بار ئاۋازىم بىلەن توۋلاپ ۋاقىرغۇم كەلدى. ئىچ-ئىچىمدىن سەلدەك يىغا قاپسىدى. مەن بىردىنلا ئۆزۈمنىڭ ئاجايىپ ئاجىز بىقۇۋۇللىقىمنى ھېس قىلىپ قالدىم . توۋا، مەن شۇنچىلىك ئاجىز يارالغاندىمەنمۇ؟مىنىڭ بىردىن-بىر ھەمراھىم بولغان قۇياشنىمۇ تۇتۇپ قالالمىدىم . قۇياش بولمىسا، يورۇقلۇق بولمىسا مىنىڭ بۇ زىمىندا ياشىغىنىمنىڭ نېمە ئەھمىيىتى ؟ مەن گويا قايتىدىن تۇپراق قوينىغا قايتىپ كەتمەكچى بولغاندەك تۇپراققا ئاستىلا قىيسايدىم. تۇپراق نەمخۇش ھەم ئىللىق ئىدى . ئۇ مىنى ئىللىق باغرىغا ئالدى . مەن تۇپراققا يۈزۈمنى يېقىپ كۆزلۈرۈمنى يۇمدىم .                          
ماڭا كىمدۇر بېرى ئۇياتچانلىق بىلەن تىكىلىپ قاراۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ئاستا كۆزۈمنى ئاچتىم يۇ، كۆز ئالدىمدىكى مۆجىزىدىن ھەيرانۇ ھەس بولۇپ قاراپ قالدىم . ئۈستۈمدىلا سانسىزلىغان نۇر توكچىلىرى جىمىرلاپ تۇراتتى . بايا قارايغان ئاسمان بېتى ئەمدىلىكتە سۈتتەك سۈزۈلۈپ نۇرلىنىپ كەتكەن ئىدى . ئەشۇ سانسىز لىغان پارقىراق نۇر توكچىلىرى (مەن ئۇنى يۇلتۇز دەپ ئاتىدىم ) ئارىسىدا يۇپيۇمىلاق تولغان ئاي ماڭا ئۇياتچانلىق بىلەن تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى . ئايغا قاراپ پۈتۈن ۋۇجۇدىمدىغا ئاجايىپ تاتلىق بىر شىرنىلىك تاراپ كەتتى . ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل ، لاتاپەتلىك ، سېھىرلىك ئىدىكى مەن ئاينىڭ ھۆسنىنى تاماششا قىلىش ئۈچۈن كىيىنكى تالاي كېچىلەرنى ئۇيۇقسىز ئۆتكۈزۈدىغانلىقىمنى تەسەۋۋۇر قىلدىم.  ئاي ھەمرا بولغان بۇ سېھىرلىك كىچە تىزلا ئاخىرلاشتى . ئاسمان بېتى سۈزۈلۈشكە باشلىغاندا ئاي ماڭا قىيمىغان ھالدا يۇلتۇزلارنى ئەگەشتۈرۈپ خوشلاشتى .   قۇياش تۇپراقتىن قايتا كۆتۈرۈلىگىنىدە مەن ھاياجانلىق تىنىقلىرىم بىلەن ئۈن-تۈنسىز تىكىلىپ تۇردۇم . تۈنۈگۈن قۇياشتىن ئايرىلىپ قالدىم دەپ بىكار لا ئاھ ئۇرۇپتىمەن . بۈگۈن ئۇ تېخىمۇ نۇرلۇق جەزبىدار ھالەتتە ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ . مېنى ئاپىرىدە قىلغان مۇنۇ تۇپراقنىڭ بۇنچىلىك مۆجىزىدار ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن . ئۇ قۇياشنى ھەر كۈنى كەچ ئۆز قوينىدا ئارام ئالدۇرۇپ ئەتىسى تاڭ بىلەن تەڭ تېخىمۇ نۇرلۇق ھالەتتە تەۋەللۇت قىلىدىكەن . بۇ ئانا تۇپراق قۇياش ، ئاي يۇلتۇزلارنىڭمۇ ئانىسى ئىكەن.  مەن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئانا تۇپراقنى يېنىش يېنىشلاپ سۆيدۈم . سەجدە قىلدىم . ئانا تۇپراققا ھەمدۇ سانا ئېيتتىم ، مىنىڭ ئانا تۇپراققا ھەمدۇ سانا ئېيتتىم ، مىنىڭ يۇرۇقۇم قۇياش پارلاپ تۇراتتى . ئېيتقۇسىز خۇشاللىققا ھەم خاتىرجەملىككە تولغان ئىدى . مەن يەنە تۈنۈگۈنكى مۇزىكىدەك يېقىملىق ئاۋاز چىققان تەرەپنى كۆزلەپ مېڭىپ كەتتىم.
 ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋېرىپ ئۆزۈمنى بىر ئېقىن بويىدا كۆردۈم . مەن ئاڭلىغان يېقىملىق مۇزىكا ئاۋازى ئەشۇ ئېقىندىن چىقىۋاتاتتى . بۇ ئېقىننىڭ سۈيى ئاجايىپ سۈزۈك ئىدى ،كۈن نۇرىدا جىمىرلاپ كۆزنى چاقنىتاتتى . سۇ ئاستىدىكى رەڭلىك تاشلار يۇلتۇزلاردەك يېنىپ تۇراتتى. مەن ئېقىن بويىدا ئولتۇرۇپ سۈزۈك سۇدىن تويغىچە ئىچتىم ، بەدىنىمگە سالقىن بىر نۇر ئېقىپ كىرگەندەك راھەتلەندىم . ئەتراپقا قارىدىم ، ئەتراپ ياپيېشىل توغراقزارلىق ئىدى . ئەتراپتا يەنە خىلمۇخىل ياۋا مىۋىلەر ساڭگىلىشىپ تۇراتتى . بىر تال ياۋا ئالمىنى ئۈزۈپ ئاۋايلاپ چىشلىدىم ، ئالما چۈرۈك تەمى سەل قىرتاق ئىدى . شۇنداقتىمۇ قويماي يەۋەتتىم، ئۇرۇقىنى بولسا قولۇمغا ئېلىۋالدىم .  مەن بىر كىچىنى توغراقزارلىقتا ئۆتكۈزدىم ، توغراقزارلىق سالقىن ئىدى ، توغراق يوپۇرماقلىرىنىڭ شىۋىرلاشلىرىغا سۇنىڭ شىلدىرلىشى جۆر ئىدى . مەن توغراق يوپۇرماقلىرى ئارىسىغا مۆكۈپ ئولتۇرۇپ ئاينىڭ مىنى ئىزدىشىدىن راھەتلەندىم. تاماششا قىلدىم ، تاڭ سەھەردە مەن قۇياش بىلەن تەڭلا ئېقىن بويلاپ يۈرۈپ كەتتىم . مىنىڭ ئۆزۈم ئاپىرىدە بولغان بۇ زىمىننى تولۇق كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى .  ماڭا كۈندۈزى قۇياش ، كېچىسى ئاي يۇلتۇزلار ھەمراھ ئىدى . مەن سەپىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم، ئالدىمغا ئۇچرىغان ھەرقانداق مىۋە ۋە گىياھنىڭ ئۇرۇقىدىن بىر جۈپتىن ئېلىۋالدىم . مەن ھېچنىمە ئۈنمەيدىغان تاقىر ساي جىلغىلارنى بېسىپ ئۆتتۈم . كۆپ-كۆك سۇلار دولقۇنلاپ تۇرغان بىپايان دېڭىزنى ، مەۋج ئۇرۇپ كۈۋەجەپ ئاقىدىغان دەريالارنى تاماششا قىلدىم . مەن ئۈچۈن زىمىندىكى ھەممىلانەرسە يېڭى ئىدى . مەن ئالدىمغا ئۇچرىغان ھەر قانداق نەرسىنى قانغىچە كۆرۈۋېلىشىم كېرەك ئىدى . بىپايان دېڭىز ساھىلىغا يەتكىنىمدە ئالدىمغا بىر جۈپ ئاق كەپتەر ئۇچۇپ كەلدى . ئۇلار مىنىڭ ئىككى مۈرەمگە قوندى . مەن ئۇلارنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئىسسىق  پەيلىرىنى يېنىش يېنىشلاپ سۆيدۈم . چۈنكى بۇلار مەن زىمىندا كۆرگەن تۇنجى ھاياتلىق ئىدى . 
 – بىز سىزگە ھەھراھ بولغىلى كەلدۇق ،- دېدى ئۇلار چۇرۇقلاپ مەن بەك خۇش بولدۇم . ئۇلارنى مۈرەمگە قوندۇرۇپ سەپىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم .  مىنىڭ ئەمدىكى سەپىرىم تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بولۇشقا باشلىدى . ئالدىمغا ھەر كۈنى دېگۈدەك خىلمۇ-خىل ھايۋانلار ، ئۇچار قۇشلار ئۇچراپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا جۈپ- جۈپتىن ئىدى . كەپتەر قۇلۇقۇمغا ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ ئۈلگۈرەتتى . مەن بىردىنلا قىزىقسىنىپ سورىدىم :                                     
- نىمىشقا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر جۈپ ، ھەتتا سىلەر ئىككىڭلارمۇ بىر جۈپ ئىكەنسىلەرغۇ؟
- ئالەمدىكى ھەممە نەرسە جۈپ- جۈپى بىلەن يارالغان . بۇ نەسىل قالدۇرۇش ئۈچۈندۇر . جۈپ بولمىسا نەسىل قالدۇرغىلى بولمايدۇ .                                            
مەن كەپتەرنىڭ جاۋابىنى ئويلىنىپ قالدىم . دەسلەپ دىققەت قىلماپتىمەن.  راستىنلا ئالەمدىكى ھەممىلا نەرسە ھايۋانات ، ئۇچۇر –قۇش ، دەل-دەرەخ ، گۈل-گىياھ ھەتتا قۇرت-قوڭغۇزلارغىچە جۈپ-جۈپى بىلەن ياشايدىكەن . كۆڭلۈم بىردىنلا مەيۈسلۈككە تولدى ، نىمىشقا ئالەمدىكى ھەممىلا نەرسە جۈپى بىلەن ، پەقەت مىنىڭلا جۈپتۈم يوق ؟ سەپەردىن رايىم قايتتى ، بىردىنلا ئۆزۈم تۇنجى كۆز ئاچقىنىمدا كۆرگەن قۇمساڭغۇ تۇپراقنى ، سۈزۈك ئېقىننى، بىپايان توغراقزارلىقنى سېغىنغىنىمنى ھېس قىلدىم . كەپتەرلىرىم بىلەن خوشلىشىپ ئەشۇ ئېقىن بويىنى كۆزلەپ يۈرۈپ كەتتىم .  ئېقىن بويىغا يىتىپ كەلگىنىمدە كۈن ئولتۇرۇشقا ئازلا قالغان ئىدى . مەن كۈننى مەيۈسلۈك بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدۇم . سۈزۈك ئېقىن بويىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتىم . مېنى نىمىشقىدۇر ھېچنىمە خۇشال قىلالمايتتى . ئاينىڭ مۇھەببەتلىك قاراشلىرىمۇ مىنى ئەمدى ھاياجانغا سالالمايتتى ، ماڭا بىر نەرسە ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر نەرسە كاملىق قىلىۋاتاتتى. 
 ئەتىسى تاڭ بىلەن تەڭ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم . ئېقىننىڭ بۇ قېتىدىكى نەمخۇش تۇپراققا ئۆزۈم يىغىۋېلىپ كەلگەن دەل-دەرەخ ، گۈل-گىياھلارنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىدىم ، ئارىسىغا ئېرىق ئېلىپ سۇ باشلىدىم . كۆچەت سەل يوغىنىغاندا كۆچەت تۈۋىنى بىر -بىرلەپ قومۇرۇپ چىقتىم . پەقەت ئىشلار ماڭا كۆڭۈل غەشلىكلىرىمىنى ئۇنتۇلدۇرالايدىغاندەك باش كۆچۈرمەي ئىشلىدىم . كۈننى –تۈنگە ئۇلاپ ئىشلەۋەردىم .  ئۆزۈم سەزمەيلا قالدىم ، بىر مۆجىزە يۈز بەردى بۇ يەردە ئاجايىپ گۈزەل بىر باغ ئاپىرىدە بولدى . بۇ باغ بارا-بارا شۇنچىلىك گۈزەللىشىپ كەتتىكى، ھەتتا ئۆزۈمنىڭ كۆزىمۇ قامىشىپ قالاتتى . بۇ باغقا ئالەمدىكى جىمى مىۋە-چىۋىلەرنىڭ ، گۈل-گىياھلارنىڭ سەر خىلى بار ئىدى . بۇ باغدا تۈرلۈك ئۇچار –قۇشلار ، رايىش ھايۋانلار ھەتتا قۇرت-قوڭغۇزلارغىچە شۇنچىلىك بىخىرامان ۋە خۇشال ياشايتتى . بۇ ، بۇ باغ ئېرەمنى جەننەت دەپ ئاتىدىم . 
 

ئەسكەرتىش : خۇشدىل تور بېتىگە يوللانغان رىزۋانگۈل يۈسۈپ ئەسەرلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقۇقى خۇشدىل تورى ۋە شۇ ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، تور بېتىمىزدىن  باشقا بېكەتلەرگە بىردەك يوللاشقا بولمايدۇ.  باشقا بېكەتلەر بىزدىن خالىغانچە كۆچۈرىۋالغان بولسا مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. پەقەت ئۇلىنىش قىلىشقىلا رۇخسەت! بېكىتىمىزدىكى ئىجادىي ئەسەرلەرنى ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ خالىغانچە خۇشدىل تورىدىن يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY