باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-14 11:09 | ئاپتور: رىزۋانگۈل يۈسۈپ | مەنبە: ئىجادى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

بەخت سەپىرى

بەخت سەپىرى

(ھېكايە )

رىزۋانگۈل يۈسۈپ

 

     بالىلىق چاغلىرىمدا مۇشۇ يۇمشاق قۇملارنى دەسسەپ مەكتەپكە ماڭاتتىم. قۇملار ئايىغىم ئاستىدا غىرىسلاپ مۇزىكىدەك يىقىملىق ئاۋاز چىقارسا ، مەن خۇددى پايانداز ئۈستىدە كېتىۋاتقان مەلىكىلەردەك خۇشال بۇلاتتىم. ئىللىق شامال يۈزلىرىمنى ، چاچلىرىمنى سۆيەتتى. گۇگۇم چۈشسە ، ئوتقاشتەك قۇياش قۇملۇق بېتىنى ئاستا-ئاستا ئۇياتچان قىزنىڭ رومىلىدەك قىزغۇچ رەڭگە كىرگۈۈپ ،ئەتراپنى بىر ئۇلۇغ سۈكۈنات ئۆز قوينىغا ئالاتتى . مەن بۇرۇنقىدەكلا ھەممىگە ئۈن-تىنسىز قاراپ تۇراتتىم، گويا نېمىنىدۇر كۈتىۋاتقاندەك ...

     كېچە ئاسمىنى شۇنچىلىك سېھىرلىك ، ئاي نۇرى قۇم ساھىلدا ئۈزۈپ يۈرەتتى. قۇملار ئاللىبۇرۇن شېرىن ئۇيقۇسىنى باشلىغان، مەنمۇ قۇم ساھىلدا سوزۇلۇپ يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتىم. تاڭ شامىلى ھەممىنى ئويغاتتى. قۇملار سۇز شاۋىلدايتتى. مەن شۇ مىنۇتتا چەكسىز بەختكە چۆمۈلدۈم. بىردىنلا ئۆزەمنىڭ ھازىرغىچە زارىقىپ كۈتكىنىمنى ھېس قىلدىم. قۇياش قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرسىدىن ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. مۇشۇ دەقىقىدە مەن كۈتكەن مۆجىزە يۈز بەردى. ئۇ ئۇدۇل تەرىپىمدىن گويا ئاشۇ قۇياشتىن تۆرەلگەندەك قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگىنچە ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى . قۇملار ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا چايقىلاتتى. مەن ئۇنى ھەتتا چۈشۈمدىمۇ كۆرۈپ باقمىغانىدىم. شۇنداقتىمۇ ئۇنى تونىۋالدىم. ئۇنىڭ چىرايىمۇ ، تۇرقىمۇ ، قەدەملىرىمۇ سالماق ئىدى. ئۇ كۈلۈمسىرىمىدى، پەقەت نۇ رئىچىدە تۇرۇپ ئۈن-تىنسىزلا ماڭا قولىنى ئۇزاتتى. مەن ئىككىلەنمەيلا قولۇمنى بەردىم. ئۇنىڭ قوللىرى شۇنچىلىك كۈچلۈك ھەم ئىللىق ئىدى. بىز قول تۇتۇشقىنىمىزچە قۇم ساھىلىنى بويلاپ مېڭىپ ، شاد-خۇراملىق ئىچىدە سەپەرگە ئاتلاندۇق. بىزنىڭ سەپىرىمىز تولىمۇ ئۇزۇن ئىدى. بۇنى ھەر ئىككەيلەن بىلەتتۇق. توغراقلار قۇم ساھىلىنىڭ بىردىنبىر زىننىتى ئىدى. ياشىرىپ تۇرغان توغراقلار ياش ئانىنىڭ سۇمبۇل چاچلىرىغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ئالتۇندەك سارغايغاندا قۇملۇقتا ۋايىغا يەتكەن بىر گۈزەللىك جىلۋىلىنەتتى. يامغۇر ياققان بىر كۈنى ئۇ ماڭا توغراق ياغىچىدىن ئەپچىلغىنە بىر ئۆي ياساپ بەردى. بۇ ئۆيۈمنىڭ يېنىدىن تارىم دەرياسىنىڭ كىچىككىنە ئېقىنى ئېقىپ ئۆتەتتى. بىز مۇشۇ ئېقىن بويىدا ئولتۇراقلشىپ قالدۇق. يىللار ئۆتتى، ئاشۇ كىچىك ئېقىن بويىدا بىر توپ بالىلار ئوينايدىغان بولدى. ئۇلار غەمسىز كۈلەتتى، قىقاس-چۇقان سالاتتى. قۇملار ، توغراقلار ھەم كىچىككىنە ئېقىن شاد -خۇراملىققا چۆمەتتى. بىز ئاشۇ ئېقىن بويىدا ئولتۇراقلشىىپ قالدۇق ...   

 

«يېشىل ئارمان »ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.

 

ئەسكەرتىش : خۇشدىل تور بېتىگە يوللانغان رىزۋانگۈل يۈسۈپ ئەسەرلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقۇقى خۇشدىل تورى ۋە شۇ ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، تور بېتىمىزدىن باشقا بېكەتلەرگە بىردەك يوللاشقا بولمايدۇ. باشقا بېكەتلەر بىزدىن خالىغانچە كۆچۈرىۋالغان بولسا مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. پەقەت ئۇلىنىش قىلىشقىلا رۇخسەت! بېكىتىمىزدىكى ئىجادىي ئەسەرلەرنى ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ خالىغانچە خۇشدىل تورىدىن يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • داۋامىنى ئوقۇشقا بەكمۇ قىزىقتىم،تىلى نېمانچە تاتلىق!ئۆچۈرۈش2011-6-14 17:49[3 نۇمۇر]ھەۋەس
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY