باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-21 05:30 | ئاپتور: رىزۋانگۈل يۈسۈپ | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئاق كەپتەر

ئاق كەپتەر


رىزۋانگۈل يۈسۈپ


    ئۇنى مەھەلىدىكىلەر "مەتنىياز كەپتەرۋاز"دېيىشەتتى. ئۇنىڭ ھەركۈنى سەھەردە تۇنجى بولۇپ قىلىدىغان ئىشى كەپتەر ئۇچۇرۇش ئىدى. ئۇنىڭغا كەپتەرلەرنىڭ ئاسمانغا پۇررىدە كۆتۈرلۈپ ، تەرەپ-تەرەپكە چېچىلىشى، يەنە پۇررىدە ئۆگزىگە قونۇپ ، چېچىپ قويغان دانلارنى چۇقۇلاپ يېيىشلىرى، چۆرىسىدە دىك-دىك سەكرەپ يۈرۈشلىرى بەكلا كۆڭۈللۈك تۇيۇلاتتى. بۇنداق چاغلاردا بالىلىرىغا تاماق بېرىۋاتقان كۈيۈمچان باغرى يۇمشاق ئاتىلارغا ئوخشاپ كېتەتتى.
    ئۇنىڭ كەپتەرلىرى ئارسىدا ئۈنلەمچى دەمدەرلەرمۇ ، موللاقچىلارمۇ ، ئىشقىلىپ كەپتەرنىڭ ھەرقانداق تۈرى تىپىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئۈنلەشلىرىمۇ ، ئۇچۇشلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايتتى. ئۇ كەپتەرلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرمىسىمۇ ، ئۈنلەشلىرىگە قاراپلا قايسى كەپتەر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايتتى. ئۇ ئىسىگە كەلگەندىن بېرى ئۆزىنى كەپتەرلەر بىلەن تەڭ تۇغۇلۇپ ، تەڭ چوڭ بولىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتى. ئۇنىڭ بالىلىق ، ياشلىق چاغلىرىمۇ كەپتەرلەر بىلەن باغلىنىپ كەتكەنىدى. ئۇ ياز كۈنلىرى ئۆگزىدە يىتىشقا ئامراق ئىدى.

17ياش چاغلىرى ، بىر كۈنى ئۆگزىدە ئاسمانغا قارىغىنىچە ياتاتتى. ئاجايىپ چىرايلىق ئايدىڭ كېچە ، ئاي يورىقىدا ھەتتا يۇلتۇزلارمۇ خىرەلىشىپ كۆرۈنمەي قالغانىدى، ئۇنىڭ يۈرىكىدە نازۇك بىر تۇيغۇ ھېلىدىن- ھېلىغا يېنىپ ئۆچۈپ ، ياشلىق سەزگۈلىرى ئويغىنىشقا باشلىدى. كەپتەرخانىدىن كەپتەرلەرنىڭ بۇقۇلداشلىرى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كۆزى سەلگىنە ئۇيقىغا ئىلىنىشىغا ، بىر ئاق كەپتەر پۇررىدە ئۇچۇپ كېلىپ تەكىيگە قوندى. ئاي نۇرىدا بۇ كەپتەر سۈتتەك ئاقىرىپ كۆرىنەتتى. كەپتەرلەر ئارىسىدا بىر نەچچىلا تۇم ئاق كەپتەر ، ئۇلار ئۇنىڭ ئەڭ ئامراق ، ئەتىۋارلىق كەپتەرلىرى ئىدى.
    - مېنى كۆرگىلى كەپسەندە ئامراق كەپتىرىم،- ئۇ كەپتەرلەرنى ئاۋايلاپ قولىغا ئېلىپ باش –كۆزىگە سۆيۈپ قويدى. كەپتەر ئۇنىڭغا رايىشلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى. تۇرقى خۇددى مۇلايىم ، ئوماق قىزلارغىلا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ كەپتەرگە بەكلا مەستلىكى كەلدى ۋە ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا كەپتەرگە قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى،-سەن بىر قىزبالا بولۇپ قالغان بولساڭ قانداق ياخشى بولاتتى –ھە، ئۆزەڭدەك ئاپپاق ، لەۋەن ، گۈزەل بىر قىز . شۇنداق بولغان بولساڭ ، مەن سېنى چىن قەلبىمدىن سۆيۈپ قالاتتىم ... 
    كەپتەر تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قولىدىن پۇررىدە ئۇچۇپ كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، ئاندىن قاتتىق بىر سىلكىنىۋىدى ، بىر تال پىېيى ئاستا لەيلەپ ئۇنىڭ تەكىيىسى ئۈستىگە چۈشتى. ئۇ ھەيرانۇ - ھەس بولۇپ قاراپ قالدى. تەكىيى يېنىدا ئۇچىسىدا ئاپپاق كۆڭلەك بار ، بەكلا چىرايلىق بىر قىز ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇ قىزنىڭ گۈزەللىكىدىن مەست بولۇپ كەتتى. ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە سۈكۈت ئىچىدە قېتىپ قالغاندەك جىمجىت ئىدى. قىز ئۇنىڭغا قاراپ تاتلىق كۈلۈمسىرىدى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا قىزنىڭ قولىنى ئاستا تۇتۇپ ئۆزىگە تارتتى. قىزى لىككىدە كۆتۈرۈلۈپ ئۇنىڭ يوتقىنىغا كىردى. ئۇنىڭ بەدىنىنى يۇمشاق مامۇق پەيلەر غىدىقلىدى. كېچە ئاسمىنى شۇنچىلىك يورۇق ئىدى، ئۇ ئۆزىنى سۈزۈك بىر نۇر ئارىسىدا ئاستا ئۈزىۋاتقاندەك بەكلا راھەت ھىس قىلدى ...
    ئۇ كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە ئاران ئويغاندى. كەپتەر گۇگۇھلاپ ئۇنى سېغىنىپ چاقىرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئىتتىك ئورنىدىن تۇردىيۇ ، ياستۇقى يېنىدىكى بىر تال پەينى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپلا قالدى. بۇ ئادەتتىكى كەپتەر پېيىگە ئوخشىمايتتى. سۈتتەك ئاق ، سۈزۈك، پارقىراق ئىدى. پەينىڭ ھەربىر ئىنچىكە تالالىرىدىن نۇر تۈكۈلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ پەينى ئاۋايلاپ قولىغا ئالدى. كېچە كۆرگەن چۈشى ئېسىگە كەلدى. ئاق كەپتەرنىڭ قانات قاققان ھالىتى، قىزنىڭ تاتلىق كۈلۈمسىرىشى، ھەممىسى خۇددى راستەكلا.
    ئۇ ئالدىراپ ئۆگزىدىن چۈشتى. ئانىسىدىن پاكىز لاتا سوراپ ، پەينى لاتىغا ئاۋايلاپ ئوراپ ، كۆڭلىكىنىڭ مەيدە يانچۇقىغا سالدى، ئاندىن ئىتتىكلا كەپتەرخانىغا كىردى. كەپتەرخانا غۇۋا يورۇق ئىدى. كەپتەر پەيلىرى ئۇچۇپ يۈرەتتى. كەپتەرلەرنىڭ بەزىلىرى كۇۋۇكىدا ، بەزىلىرى قونداقتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى ئاۋۋال ئاق كەپتەرلەرگە چۈشتى. بىر قانچە ئاق كەپتەر ئۇنىڭغا رايىشلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئۇلار بىر-بىرىدىن ئوماق ، چىرايلىق ئىدى. ئۇ كەپتەرلەرنى بىر- بىرلەپ قولىغا ئېلىپ ، باش –كۆزلىرىگە سۆيۈپ ئەركىلىتىپ ، ئاستا قويۇپ بەردى، ئاندىن كەپتەرلەرنى ئۇچۇرۇش ئۈچۈن يەنە ئۆگزىگە چىقىپ كەتتى.
    شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ ھېلىقى بىر تال پەينى يېنىدىن پەقەت ئايرىمىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى تەسۋىرلىگۈسىز بىر تەشنالىقتا يېنىشقا باشلىدى. ئۇ ھەر كۈنى بالدۇرلا ئۆگزىگە چىقىۋالاتتى، ئاي قاراڭغۇسىدىمۇ ، ھاۋا تۇتۇلغان كۈنلەردىمۇ چىقاتتى. ئاشۇ چۈشنى قايتا كۆرۈش ئۈمۈدىدە بالدۇرلا كۆزىنى يۇمۇپ ياتاتتى. ئەمما قېرىشقاندەك كۆپىنچە تاڭ ئاتقۇچە ئۇخلىماي تولغىنىپ چىقاتتى، ھەر قانچە قىلىپمۇ ئاشۇ چۈشنى قايتا كۆرەلمىدى. ئەمما، ئۇ قىزنى خىيالىدا كۆرۈپ تۇرىدىغان بولدى. ئۇ ھەر كۈنى ئاخشىمى ھېلىقى بىر تال پەينى قولىغا ئېلىپ ئاۋايلاپ سۆيگىنىدە ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر توپ ئاق كەپتەر ئۇچۇپ كېلەتتى. قىز ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئۇنىڭغا تاتلىققىنە كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى. ئۇلار بىر-بىرىگە تويماي قارىشاتتى. تۈن بويى مۇڭدۇشۇپ چىقاتتى. ئۇ قىزنى ئۆزىگە تارتىپ باغرىغا باساتتى... ئۇنىڭ خىيالى شۇنچىلىك ئېنىق ئىدىكى ، ئۇ بارا-بارا ئاشۇ قىزنى راستىنلا رېئاللىقتا مەۋجۇتتەك ھىس قىلىپ ، كەپتەرلىرىگە تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ تۇيغۇسىدا دائىم ئاشۇنداق بىر تال پەي، قىز ھەم ئۇنىڭ كەپتەرلىرى گىرەلىشىپ بىرلىشىىپ كېتەتتى. ئۇ كەپتەرلىرىگە سۇنىڭ سۈزىكىنى، تېرىقنىڭ پاكىز تازلانغىنىنى بېرەتتى. كەپتەرلەرنى ئەركىن قويىۋېتىشكە ئامراق ئىدى. ئەزەلدىن كەپتەرخانىنىڭ تۈڭلۈكىنى تاقىمايتتى. كەپتەرلەرنىڭ قونداقلىرىنى تازا ئىگىزگە ياساپ بېرەتتى. كەپتەر ئۇچۇرغاندا كەپتەرلەرنىڭ ئېگىز ئۇچۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
    - ئۇچۇڭلار بايقۇشلىرىم، تازا ئېگىز ئۇچۇڭلار! مۇشۇ ئۇچقانچە يىراق-يىراق جايلارغا بېرىپ ، خۇشال ئويناپ ، دانلاپ كېلىڭلار!
    ئۇ ھەر قېتىم كەپتەر ئۇچۇرغاندا شۇنداق دەيتتى. گويا كەپتەرلەر ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشىنەلەيدىغاندەك بۇ گەپنى قايتا –قايتا ئۈنلۈك تەكرارلايتتى.
    ئۇنىڭ كەپتەرلىرى بىردىنلا شىددەت بىلەن كۆپىيىشكە باشلىدى. ئاق كەپتەرلەرمۇ جىقلاپ كەتتى. كەپتەرلەر كەپتەرخانىغا پاتماي قېلىشتى. ئۇ دەسلەپ تۆت-بەش جۈپ كەپتەرنى ئۆزىنىڭ يېقىن ئاغىينىلىرىگە بېقىشقا بەردى. كېيىن مەھەلىدىكى ھەممە ئۆيلەرگە ئىككى-ئۈچ جۈپتىن تارقىتىپ بېرىۋەتتى. ئەمدى ھەممە ئۆيلەردىن كەپتەرلەرنىڭ بۇقۇلداشلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بولدى. كەپتەرلەر تېخىمۇ ئەركىن بولۇپ كەتتى. ئۇلار خالىغان جايلاردا دانلىشىپ يۈرەتتى. ئادەملەرنىڭ بېشىغا ، مۈرىلىرىگە قونۇپ ، قوللىرىدىكى نان ئۇۋاقلىرىنى بەخىرامان چۇقۇلاپ يېيىشەتتى. مەھەللىدىكى ھىچكىم كەپتەرلەرگە چېقىلمايتتى ، ھەتتا كىچىك بالىلارمۇ كەپتەرلەر بىلەن ئوينىشاتتى.

******* ******** **********

    مەھەللىدە پاتمىخان ئىسىملىك بەكلا بەتبەشىرە سەت بىر قىز بار ئىدى. ئۇ قۇنەك باخشىنىڭ يالغۇز قىزى بولۇپ ، خەقلەر ئۇنى "قۇنەك باخشىنىڭ ئالۋاستى خوتۇندىن تاپقان بالسىى" دېيىشەتتى. پاتمىخان مەتنىيازغا كۆيۈپ قالغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ چىرايىنىڭ سەتلىكىنى ، مەتنىيازنىڭ ئۆزىنى ياراتمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئەمما ، ئۇنىڭ يۈرىكىدىكى كۆيۈك ئوتىنىڭ پەسىيىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ مەتنىيازغا ئىسسىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۆزىنى خېلى ياساپ –تۈزەپ ، چىرايلىق كىيىنىپ ، مەتنىيازنىڭ ئۆيى، ئېتىزلىقى ، خامىنى ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈردى. ئەمما ، مەتنىياز ئۇنىڭغا سۆز تاشلاش تۈگۈل ، كۆز قىرىنىمۇ سېلىپ قويمىدى. ئۇ ئىسسىتقۇ- سوۋۇتقۇ قىلىشنى بىلەتتى. بۇنى باخشى دادىسىدىن ئۆگىنىۋالغانىدى. ئۇ مەتنىيازغا ئاتاپ ئىسسىتقۇ قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئاۋال بىر كاللەك ناۋاتقا ئىسسىتقۇ ئوقۇدى. بۇ ناۋاتنى ھەر قانداق بىر ئەركىشى يەپلا قالسا ، گەپ يوق پاتمىخاننىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ ، ئايىقىغا باش قوياتتى. ئۇ مىڭبىر ئاماللارنى قىلىپ ، ھېلىقى ناۋاتنى مەتنىيازغا بەردى. ئىككى كۈن ئۆتۈپمۇ مەتنىياز ئۇنى ئىزدەپ كەلمىدى. مەتنىيازنىڭ ناۋاتنى يىگەن –يېمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىدى. "ناۋاتنى يىمەي تاشلىۋېتىپتۇ-دە، ھۇ قاقۋاش " دەپ ئويلىدى ئۇ.

    ئىسسىتقۇ –سوۋۇتقۇنىڭ خىلمۇ –خىل ئۇسۇلى بار ئىدى.ئۇ مەتنىيازغا ئوخشىتىپ بىر تۆمۈر قونچاق ياسىدى. ئاندىن ئوچاقنىڭ ئاستىنى كولاپ ئۇنى كۆمدى.ئوچاققا ھەر قېتىم ئوت قالىغادنا تۆمۈر قونچاق قىزىش بىلەن مەتنىيازنىڭ يۈرىكىمۇ قىزىپ ،پىژىلداپ كۆيۈپ چىدىيالماي مېنى ئىزدەپ كىلىدۇ دەپ ئويلايتتى ئۇ. ئۇ ئوچاققا ئۇدا ئىككى كۈن توختىماي ئوت قالىدى. ئەمما ، مەتنىيازنىڭ يۈرىكى قىزىش تۈگۈل ، ئۇنىڭ قارىسمۇ كۆرۈنمىدى. ئۇ جىلە بولدى. ئاچچىقلىنىپ ساراڭ بولايلا دەپ قالدى. نېمە ئىش بۇ؟ شۇنچە كارامەتلەر ئەجەپ ئۇنىڭغا كار قىلمىدا !؟ ئۇ ئالاھىدە ئادەممۇ ؟
    ئىش ئەپلەشمىگەنسېرى ئۇنىڭ مەتنىيازغا بولغان ئىشقى تىخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ئۇ ئاخىرى دادىسىغا يالۋۇردى. قۇنەك باخشى چاپاق بىسىپ كەتكەن كۆزىنى يۇمغىنىچە قىزىنىڭ يالۋۇرىشىغا جىممىدە قۇلاق سالدى، ئاندىن قاراڭغۇ قازناق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. بىر ھازادىن كېيىن قازناق ئۆيدىن چىپىلداپ تەرلىگەن، ھارغىن ھالدا چىقىپ قىزىغا دېدى:
    -بولدى قىل قىزىم ،مەتنىيازغا ھەر قانداق ئىسسىتقۇ –سۇۋۇتقۇ ھەم قەست كار قىلمايدۇ،ئەمدى نىيىتىڭدىن يان!
    -نېمىشقا ،دادا؟-ئۇ ئۆپكىدەك ئېسىلىپ يىغلايدىغاندەكلا تۇراتتى.
    -نىمىشقا دەمسەن؟مەتنىيازنىڭ مەشۇقى بار ئىكەن، گۈل يۈزلۈك پەرىزات مەشۇقى بار ئىكەن. قەلبىدە سۆيگۈ بار ئادەمگە ھەر قانداق قەست كار قىلمايدۇ، بىلەمسەن؟ ئەمدى ئاۋارە بولما ! -قۇنەك باخشى پېشىنى قىقىپ يەنە قازناق ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
    پاتمىخان جايىدا ئۇزاققىچە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىچى بىر نەرسە تاتلاۋاتقاندەك ، چېقىۋاتقاندەك ئىچىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ گېپى بەك قاتتىق تەگدى. ئۇ ئەمدى مەتنىيازنى ئۇنتۇپ كەتسۇنمۇ؟مەتنىيازنىڭ قەلبىدە باشقا بىر قىزغا سۆيگۈ بولسا ،ئۇنىڭ يۈرىكىدە مەتنىيازغا كۆيىۋاتقان ئوت سۆيگۈ-مۇھەببەت ئەمەسمىكەن؟
    پاتمىخان نەچچە كۈنگىچە گاراڭ ھالەتتە يۈردى. ئۇنىڭ يۈرىكى ھىلىھەم پىژىلداپ ئېچىشىپ تۇراتتى. ئۇ ئەمدىلىكتە كۆڭلىدە ھەرخىل شۇم پىلانلارنى تۈزۈپ ، شۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كويىغا كىردى. مەتنىيازنىڭ ياۋاش، مۆڭرەك بىر ئاكىسى بار ئىدى. پاتمىخان ئاۋۋال مەتنىيازنىڭ شۇ ئاكىسىنى قولغا چۈشۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
    پاتمىخان ئۇنى خامانلىقتا يالغۇ ز ئولتۇرغان يېرىدىن تاپتى.
    -يالغۇ زئولتۇرۇپسەنغۇ ؟-پاتمىخان ئۇنىڭغا يىقىنلاپ كېلىپ سورىدى.
    -ئۆيدىكىلەر تويغا كەتكەن. مەن خامانغا قاراۋاتىمەن،-مەتقاسىم جاۋاپ بەرگەچ ئۇنىڭ بەتبەشرە چىرايىدىن قورقۇپ سەلگىنە كەينىگە داجىدى.
    -مەندىن قورقۇۋاتامسەن؟ قورقما ! يالغۇز ئولتۇرۇپتىكەنسەن، سېنى يالغۇز زېرىكىپ قالدىمىكىن دەپ كەلدىم. مە،ئۈزۈم يېگەچ ئولتۇر.
    پاتمىخان يانچۇقىدىن بىر ئوچۇم قۇرۇق ئۈزۈمنى ئېلىپ مەتقاسىمنىڭ ئالقىنىغا قۇيۇپ بەردى، ئاندىن ئۇنىڭغا سىڭا كۆزىدە قارغاچ نېراراقتا ئولتۇردى. مەتقاسىم قولىدىكى ئۈزۈمگە قارىدى. ئۈزۈم بەكلا پاكىز قۇرۇتۇلغانىدى، ۋىلىلداپ پارقىراپ ،ئېغىزغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەتقاسىمنىڭمۇ سەل قورسىقى ئېچىپ ھەم زېرىكىپ ئولتۇراتتى. شۇڭا ،ئارتۇقچە ئويلانمايلا ئۈزۈمنى يىيىشكە باشلىدى. پاتمىخان مەتقاسىمنىڭ ئۈزۈمنى يىگىنىنى كۆرۈپ ئىچىدە كۈلۈپ قويدى ۋە كاسسىنى تولغىغىنىچە مەتقاسىمنىڭ خامىنىدىن يىراقلاشتى. ئەتىىسى پۈتۈن مەھەللىگە "مەتقاسىم پاتمىخان چاپاققاق كۆيۈپ قاپتۇ"دېگەن گەپ تارقىلىپ كەتتى. 
    دېمىسىمۇ مەتقاسىم پاتمىخاننىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى ئەگىپ ، پاتمىخاننى بىردەم كۆرمىسە چىدىيالمايدىغان بولۇپ قالغاندى.
    -مېنى نىكاھ ئوقۇتۇپ ئەمرىڭگە ئال !-دېدى پاتمىخان.
    -ماقۇل،-مەتقاسىم ئۇنىڭ ھەر قانداق شەرتىنى شەكسىز ئورۇندىغۇدەك ھالغا يەتكەنىدى.
    ئۇ ئاتا-ئانىسىغا پاتمىخاننى نىكاھىغا ئالدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، ئۇلار پەقەت قوشۇلمىدى: 
    -جىن –ئالۋاستىلار بىلەن ئەسرالىشىدىغان ئۇ پاخمىۋاش چاپاققا بىزنىڭ ئۆيدىن ئورۇن يوق ،-دەپ گەپنى كېسىۋەتتى ئۇلار.
    ھەپتە ئىچىدىلامەتقاسىم ئورۇقلاپ ،چىرايى ساماندەك سارغىيىپ ، قۇرايدەكلا بۇلۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسىنىڭ ئىسسىتقۇنى ياندۇرۇش ئۈچۈن قىلمىغان ئامالى قالمىدى. مەتقاسىم يەنىلا كۈيۈك ئوتىدا پۇچۇلانماقتا ئىدى. ئۇنىڭ كۈن بويى مەيدىسىنى نەم يەرگە يىقىپ ئاھ ئۇرۇپ ياتقىنى ياتقانىدى.
    ئامال بولمىدى. ئاخىر پاتمىخاننى مەتقاسىمغا نىكاھلاپ ئۆيىگە ئەكىرىشتى. پاتمىخاننىڭ كۈتكىنىمۇ شۇ ئىدى. ئۇ بۇ ئۆيدە ئۆزى كۆيۈپ يۈرگەن مەتنىيازنى كۈندە دېگۈدەك كۆرەلەيتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ، مەتنىيازنىڭ مەشۇقىنىڭ كىملىكىنى بىلىش ئىدى. ئۇ ئۇزاققىچە تىمسىقلاپ ، مەتنىيازنى پايلاپ يۈرگەن بولسىمۇ ،ھىچ نەرسىنى بىلەلمىدى. بىر كۈنى پاتمىخان مەتنىيازنىڭ بىر تال كەپتەر پېيىنى ئاۋايلاپ سىيلاپ ، مېھرى بىلەن قاراپ ئولتۇرغىنىنى تاسادىبىي كۆرۈپ قالدى. كېيىنچە ئۇ بۇنداق ھالەتنى بىر قانچە قېتىم كۆرگەندىن باشقا ،مەتنىيازنىڭ پەينى بەكمۇ ئەتىۋارلاپ يىپەك قولياغلىققا ئوراۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرۈپ، ئاشۇ كەپتەر پىيىنىڭ مەتنىياز ئۈچۈن بەكلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پىكىر –خىيالى ئاشۇ پەينى قولغا چۈشۈرۈشتىلا قالدى. پەينى قولغا چۈشۈرسىلا ئۇنىڭ ئىشلىرى ئوڭغا تارتىشى مۇمكىن ئىدى.
    پاتمىخان سەۋىرچانلىق بىلەن پەيت كۈتتى. بىر كۈنى مەتنىيازنىڭ خىيالى تۇرغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى:
    -ئىنىم ،كۆڭلىكىڭىزنى سېلىپ بېرىڭە ، مەن يۇيۋىتەي،-دېدى ئۇ يۇمشاق ئاۋازدا.
    مەتنىيازنىڭ كۆڭلىكى سەل كىرلشىىپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ كۆڭلەكنىڭ سول تەرەپ مەيدە يانچۇقىدىكى يىپەك ياغلىققا ئوراقلىق ھېلىقى پەينى ئېلۋىلىشنى ئۇنتۇپ ،كۆڭلىكىنى ئىتتىكلا سېلىپ پاتمىخانغا بەردى. پاتمىخان پەينىڭ بۇنداق ئاسان قولغا چۈشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ ھاپىلا –شاپىلا باغقا كىردى ۋە يانچۇقىدا ساقلاپ يۈرگەن سەرەڭگىنى ئىلىپ پەيگە ئوت ياقتى. شۇ دەقىقىدە مەتنىيازنىڭ يۈرىكى چىممىدە قىلىپ ئاغرىپ كەتتى.كۆڭلىكىنىڭ مەيدە يانچۇقىدا ئۇنتۇلۇپ قالغان پەي دەرھال ئېسىگە كەلدى. ئەمما، ئۇ كېچىككەنىدى. پەي كۈيۈپ كۈلگە ئايلىنىۋاتاتتى.
    تۇيۇقسىز كەپتەرخانىغا ئوت كەتتى. ئۇ كەپتەر خانىغا قاراپ يۈگۈردى. كەپتەرخاننىڭ ئىشىكىنى زەربە بىلەن تىپىپ ئىچىۋەتتى. ئەمما، گۈرۈلدەپ كۆيىۋاتقان ئوت ئارىسىدىن ئىچكىرگە كىرىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. كەپتەرلەر تۈڭلۈكتىن پالاقلىغانچە قېچىپ چىقىۋاتاتتى. بەزىلىرى قاپقارا ئىسلاشقان ،بەزىلىرىنىڭ پەيلىرى كۆيگەنىدى. ئۇلار جان-جەھلى بىلەن ئۇچۇپ ، تەرەپ-تەرەپكە ، يىراقلارغا كېتىشتى.
   كەپتەرخانا كۆيۈپ كەتتى. قوشنا –قۇلۇملار ھە-ھۇ دىيشىىپ ئوتنى ئۈچۈرۈشمىگەن بولسا ، ئۇنىڭ ئۆيلىرىمۇ كۆيۈپ تۈگەيتتى. ئۇنىڭ ئامراق كەپتەرلىرى ئۇچۇپ كېتىشتى. كەپتەرخانا ئورنىدا پەقەت كۆيۈپ كەتكەن كەپتەر پەيلىرى قالدى.
    ئۇ ئەس-ھۇشىدىن ئايرىلغاندەك جىملا قاراپ تۇراتتى. بۇ ئىشلار بىر دەھشەتلىك چۈشكە ئوخشايتتى. ئۇ بۇلارنىڭ راستتىنلا بىر چۈش بۇلۇپ قېلىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ بىردىنلا ھۆڭگىرەك ئېتىپ يىغلاپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ ئەر بولۇپ يىتىلگەندىن بۇيانقى تۇنجى يىغلىشى ئىدى. ئۇ تا بۇ كەمگىچە بۇنچىلىك ئۈمۈدسىزلىنىپ باقمىغانىدى.
    -ئاھ، كەپتەرلىرىم ، مېنى كەچۈرۈڭلار! سىلەردىن ياخشى خەۋەر ئالالمىدىم،كەپتەرخانىغا ئوت كەتتى. راستىنلا تۇيۇقسىز بولدى. سەۋەبىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم. گاڭگىراپ قالدىم. مېنى ئەپۇ قىلىڭلار! مېنى تاشلاپ كەتمەڭلار! مەن سىلەردىن ئايرىلالمايمەن ...
    گويا كەپتەرلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدىغاندەك ، چۈشىنەلەيدىغاندەك ،ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ تازا ۋارقىراپ ،ئۈنلۈك سۆزلىدى. سۆزلەپ-سۆزلەپ پىغانى سەل بېسىققاندا ، ئاندىن بېشىنى تىزىغا قويۇپ جىممىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
    تۇيۇقسىز كەپتەرنىڭ قانات قاققان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ئىتتىكلا بېشىنى كۆتەردى. ئۇنىڭ بېشى ئۈستىدىلا بىر كەپتەر پەيلىرى ئىسلىشىپ قارىيىپ كەتكەن بىر ئاق كەپتەر قانات قاققىنىچە تۇراتتى.


تامام

" يىشىل ئارمان " ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • مەن بۇرۇن رىزۋانگۈلنىڭ بىر ئالۋاستى تەسۋىرلەنگەن ھىكايىسىنى ئوقۇغان ، ئۇژمىمۇ، ئۈرۈكمۇ ئىشقىلىپ بىر دەرەخقە ئائىت ، بۇ قىتىم كەپتەرگە ئائىت بولسا چوقۇم پەرىشتە ، رىزۋانگۈل يۈسۈپنىڭ ئەسەرلىرى بەكلا يىقىشلىق ، تىلى بىر خىل نىمە دىسەم بولا نەسىردەكلا يىقىملىق ، ئادەمنىڭ بەكلا ئىسىدە قالىدىكەن ، مەن يىشىل ئارمان دىگەن كىتابىنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن ، بولسا ۋاقىت چىقرىپ باشقا ئەسەرلىرىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسا ، مەن كۇتۇپخانىغا بىرىپ باقتىم ، رىزۋانگۈل يۈسۈپنىڭ يىشىل ئارمان ناملىق كىتابى يوق ئىكەن .  
    ئىجاىيىتىڭىزگە يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.
    ئۆچۈرۈش2011-7-18 20:17[3 نۇمۇر]ئەخمەق
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY