باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-16 03:54 | ئاپتور: سائادەت ساتتار | مەنبە: تۇرپان گېزىتى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

نوركا

نوركا

 
سائادەت ساتتار
 
 ئايىغى چىقماس قاتار چايلار بىلەن ئانچە خۇشۇم يوق بولسىمۇ يەنىلا خىزمەتداشلارنىڭ كۈچلۈك دەۋىتى بىلەن ئامالسىز قۇشۇلغان بۇ سەپتىن ھەمىشە ئازادىلىك ھىس قىلالمايتتىم.ھەر قېتىمقى قاتار چايغا بېرىشتىن بۇرۇن بېشىمغا تاغ يىقىلاتتى.بىر قېتىم كىيىپ بارغان كىيىمنى قايتا كىيىپ بېرىش چايداشلىرىمنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ(بىچارىلىك)ھىساپلىناتتى.ئۇلار خۇددى قانۇنىيەتتەكلا ھەر قېتىم يېڭى كىيىم ئالماشتۇرۇشتىن سىرت،چاچ پاسون،زىبۇ-زىننەت،قول سومغا،يانفۇنلىرىغۇچە ئالماشتۇرۇپ بېرىشاتتى ۋە ئۆز-ئارا كۆز-كۆز قىلىشىپ،ماختاپ-ئۇچۇرۇشۇپ كىتىشەتتى.ئۆيدىن چىقىشتىن بۇرۇن كىيىم-كېچەكلىرىمنى تاللاپ بولالماي ھېرىپ كەتكىنىمنى ئاز دەپ سورۇنغا بېرىپلا چايداشلىرىمنىڭ ماڭا قارىغاندىكى نەزىرىدىن نىمىلەرنىدۇر بايقىماقچى بولۇپ تېخىمۇ زىللىشىپ كىتەتتىم.
-مۇشۇ ھال رەڭلىك كىيىملەر زادى ئادەمنى سىمىز كۆرسىتىپ قويىدۇ جۇمۇ؟-دەپ گەپ باشلىدى زىۋەرە بېشىمدىن پۇتۇمغۇچە بىر قارىۋېتىپ.-ئۆتكەندە كىيىپ كەلگەن چېغىڭىزدىلا دەي دىۋىدىم كۆڭلىڭىزگە كىلىپ قالمىسۇن دەپ دىمىسەم بۈگۈن يەنە كىيىۋاپسىز شۇڭا دەۋەتتىم .
ئۇنىڭغا مەنسىتمەسلىك بىلەن مۇنداقلا قاراپ قويۇپ زورىغا كۈلۈپ قويدۇمدە جايىمغا كىلىپ ئولتۇردۇم.
مىنى ئوڭايسىزلىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولدىمۇ ئەيتاۋۇر رىزۋان چېچىمنى ئارقىغا تاراپ قۇيۇپ-چېچىڭىز ئەجەپ جانلىق جۇمۇ سىزنىڭ زىبا ھەدە دىدى،خوشامەت ئارىلاش ھىجىيىپ.
ئۇنىڭغىمۇ زورىغا كۇلۇپ قويۇپ ئولتۇرىۋەردىم.
قورۇمىلار تارتىلىپ،ئىچىملىكلەر ئايلىنىشقا باشلىدى.قىز-چوكانلار ئوخشاشلا كىيىم-كېچەك،ئەر دەردى،بالا دەردى.....دىگەن تېمىلاردا چاۋۇلدىشىپ سۆزلەيدىغىنى كۆپ،تىڭشايدىغىنى ئاز ئالىتاغىل توۋلىشىپ ئولتۇرىشاتتى.گەپنىڭ كۆپرەگىنى يەنىلا زىۋەرە قىلاتتى.ئۇ ياشتا بىزدىن سەل چوڭ بولسىمۇ ياسىنىشقا بەك ئەھمىيەت بېرەتتى.كىچىككىنە بۇ ناھىيىمىزدىكى جەننەت سەتەڭنىڭ مودا كىيىملەر دۇكىنىغا كەلگەن يېڭى كىيىملەر ئۇدۇللۇق ئۇنىڭ ئۇچىسىغا چىقماي قالمىغىنىنى ئاز دەپ بەزىدە ئۈرمچىدىن ھەتتا ئىچكىرىلەردىن زاكاس قىلدۇرۇپ ئەكەلدۈرگەن كىيىملىرى ئۇنىڭ ھەر بىر چايدىكى پەخىرلىك سۆز نۇقتىسى ئىدى.
-نىمىشقىكىن مۇشۇ بىرەر ئاي يېڭى كىيىم كىيمىسەم يىغا باسىدىغۇ تاڭ مىنى-دەپ يوپكىسىنى تۈزەشتۈرۈپ قويۇپ سۆز باشلىغان زىۋەرەنىڭ گېپىنى بولۇپلا رىزۋان:
-سىزگىمۇ چۇ زىۋەرە ھەدە بەك كىيىم يارىشىدۇ.بىزمۇ سىزنىڭ مۇشۇنداق يېڭىلىق ئېلىپ كىلىشلىرىڭىزگە كۆنۈپلا قاپتۇق.سىزگە قاراپ بىزمۇ ياسىنىشنى ئۆگىنىۋاتىمىزغۇ مانا؟بەزىدە سىزگە قاراپ ئولتۇرۇشتىنمۇ ھوزۇر ئالىدۇ كىشى.-دەپ خوشامەت قىلغىلى تۇردى.
-نىسىگە ياسىنىپ غادىيىپ ئولتاغاندىن ئاددى كىيسىمۇ مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ ياشىغان ياخشى-دەپ غودۇرىدى يېنىمدا ئولتۇرغان مەلىكە مەنلا ئاڭلىغۇدەك بوش ئاۋازدا.
ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ نەچچە ۋاقىتتىن كۆڭلۈمدە (زىۋەرە ھەدەمنىڭ كىيىملىرىگە ئىككەيلەننىڭ مۇئاشى يىتەمدىغاندۇ؟)دىگەن سۇئاللىرىمغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم.
-ۋاي جېنىم سىڭلىم،ئايال كىشى دىگەنچۇ كىيىم بىلەن ياشىرىپ كىيىم بىلەن ئۆمرى ئۇزىرىدۇ.-دەپ بوينىنى قاقتى زىۋەرە-تۆت كۈنلۈك بۇ ئالەمدە كىيىۋالغىنىمىز،ئويناپ-كۈلىۋالغىنىمىز قالىدۇ.ياشلىق دىگەن غەنىيمەت.كىيىن مىڭ ياسانساقمۇ بىكار.ئەركىشى دىگەنمىچۇ ئازراق كەيمىدىڭ دەپ ئۇرۇشقىنى بىلەن ياسىنىپ چىقسىڭىز كۆزىنى ئۈزەلمەي ھىجاراپ قالىدۇ،پاخمىباش يۈرۈپ بېقىڭە تۆت كۈندە ئەمەن تېتىپ ئەرسىز قالىسىز،شۇڭا ئەركىشى دىگەنگە ھە دەپ قويۇپ ئۆزىمىزنى تاشلىماي يۈرگىنىمىز ياخشى.كىيمەي،يىمەي ئازراق پۇللۇق قىلىپ قويسىڭىز تېخى خارىكى ئۆسىدۇ ھەر قانداق ئەرنىڭ شۇڭىچۇ پاتتىڭىدىن قەرزدە باستۇرۇپراق ياشىغىنىمىز تۈزۈك.
-گەپنىغۇ شۇنداق دەيمىز زىۋەرەم لېكىن بىر ئۆي دىگەندە ھەممە ئىشنىڭ بار مەسلىھەت بىلەن نورمال بولغىنى ياخشى،-دەپ بوش ئاۋازدا ۋەزنىلىك قىلىپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى ئاسىيە.-ھازىرغۇ بالىلار كىچىك تاپقىنىمىزنى كىيىپ،ئويناپ ئۆتەرمىز ئالتە كۈندە بالىلار بەس-بەستە چوڭ بولغىلى تۇرسا ئۇقۇتىدىغان گەپ،ئىشقا ئورۇنلاشتۇردىغان گەپ،چوڭ بولسا ئۆيلەپ،تالالىق قىلىدىغان گەپ،ئۆي دىگەندە ئاغرىق-سىلاق بولمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ،بىرەرسىمىز چوڭراق كېسەل بولۇپ قالساق ئۆيدە ئازراق ئېشىنچە ئىختىساد بولمىسا باشقىلارغا چىراي سارغايتىدىغان گەپ....
ئۇنىڭ گەپلىرى خۇشياقمىغان زىۋەرە بىزارلىق چىراي ئىپادىسىنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن ئالدىدىكى قورۇمىنى مىلەپ ئولتۇراتتى....
سورۇندىن تارقاپ چىققاندىمۇ زىۋەرە ئۇچىسىدىكى نوركا پەلتوسىنىڭ 3-نوركىسى ئىكەنلىكىنى،نىمە ماركىلىق ئىكەنلىكىنى رىزۋانغا چۈشەندۈرۈپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆلەپ كىتىۋاتاتتى.ئۇدۇلىمىزغا كىلىپ توختىغان تاكسىدىن چىرايىنىڭ ئۆڭسۈلى قالمىغان ياسىن ئاكا چۈشۈپ ئۇنىڭغا ئۇدۇل قاراپ كەلدى ۋە:-
-نىمانچە ئۆزۈڭنى بىلمەيدىغان نىمىسەن؟8 مىڭ يۇەنلىك نەرسىنىمۇ بىرەر ئېغىز مەسلىھەت سېلىپ قويماي ئالامسەن؟ماۋۇ ئۆينى قانداق تۇتىمىز زادى؟-دەپ قەھرى بىلەن ۋاقىرىدى.
زىۋەرە دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ بوش ئاۋازدا –بولدى قىلىڭە ئۆيگە بارغاندا دىيىشىلى قىزلارنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدۇ-دىدى ئەركىلەپ تۇرۇپ.
-ياق!!مەن مۇشۇ كەمگۈچە ئۇلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھۆرمىتىڭنى قىلىپ كەلدىم.لېكىن سەن مىنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلدىڭمۇ؟بۈگۈن ئاشۇ چاي سورۇنىڭغا كىرىپلا گېپىمنى ئۈزۈپ باشقا خۇتۇنلارغا ئىبرەت قىلاي دىۋىدىم سەل كىچىكىپ قاپتىمەن.
-نىمە؟!ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپلا بۆرە تېرىسىنى كىيگەن زىۋەرە بەللىرىنى تۇتۇپ،قاشلىرىنى ھىمىرىپ ۋاقىرىدى-مەنچۇ سېنى ئەر دەپ تەككەن!نىمە كىيگۈم كەلسە كىيەرمەن،نىمە يىگۈم كەلسە يەرمەن دىمىسەم ساڭا تىگىپ نىمە قىلاتتىم؟خۇتۇنۇڭنىڭ كىيگىنىگە چىدىمىغان ئادەم خوتۇن ئالىمەن دىگۈچە ئىشىڭنى قىلساڭ بولمامتى؟تېخى بۈگۈن قەستەن يۈزۈمنى تۆككىلى كەلگەن يەرلىرىڭما بۇ؟قېنى تۈكۈشۈپ باقامدۇق؟چىدىمىساڭ خېتىمنى بېرىپ يولۇڭغا ماڭ!
-ھە خوپ بەللى مەن مۇشۇ گەپنى دىيىشكىلى كەلگەن ئەجەپ ياخشى ئۆزۈڭ دىدىڭ.بۇنداق روناق تاپمايدىغان ئۆينى سەندەك باشباشتاق بېشەم بىلەن تۇتقاندىن تۇتمىغان ياخشى!مەنمۇ سەندەك ھىچكىمگە ۋاپا كەلمەيدىغان نۇمۇسسىزدىن ئاللىقاچان زېرىككەن.ھەر قىشتا بىردىن نوركا كىيىشكە چىدايسەنۇ كېسەلچان ئانامغا بىر چاقلىق ئورۇندۇق ئېلىپ بېرىلى دىسەم ئۆينى بېشىڭغا كىيىپ ئۇرىشىسەن...بولدى بەس!!ئەتىگەنلىككە مەھەللە كومىتىتىدا ساقلايمەن بېرىپ خېتىڭنى ئېلىۋال!
ياسىن ئاكا ئۆرۈلۈپلا چوڭ-چوڭ چامداپ كىتىپ قالدى.ھەممىمىز تۇرغان جايىمىزدىلا تۇرۇپ قالدۇق...
نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ياسىن ئاكىنىڭ  يۈزى تۆۋەن،ئاددى-ساددا  ئايالدىن بىرنى ئەمرىگە ئېلىپ ئەكەلگىنىدىن خەۋەر تاپتۇق، كىيىن  ئۇ ئايالنىڭ قىيىن ئانىسىنىڭ چاقلىق ئورۇندۇقىنى ئىتتىرىپ كوچا ئايلاندۇرۇپ يۈرگىنىنىمۇ كۆردۇق.
 
تۇرپان گېزىتى2011-يىلى2-ئاينىڭ2-كۈنىدىكى سانىدىن
 
مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY