باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-17 04:04 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: قەلىمىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

توي

توي

ئاينۇر دولقۇن


   
بۈگۈن تويدا ئايمىنىساخان ئەلەمگە لىق تويدى. بۈۋىھەجەر خېنىمنىڭ زەھەردەك گەپلىرى ئۇنىڭ غۇرۇرىغا قاتتىق تەگدى. بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ دېگەننى باھانە قىلىپ تويدىن بۇرۇنلا ياندى.
    - توۋا، بۇ كەمدىكى كىشىلەر نېمە بوپ كەتتى-ھە! خىيالىدا قىزىمنى ئۇنىڭ ھېلىقى كۇسپۇرۇش، لېڭىشىق ئوغلىغا بېرىمەن دەپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ قاپتۇ-دە. كۆرۈپ قويسۇن، قىزىمنىڭ تويىنى قانداق قىلىمەنكىن. ئىمتىھاندىن ئۆتسە نېمە بولدى، ئۆتەلمىسە نېمە بولدى. يەنىلا بىزنىڭ ئەرلىرىمىزنىڭ جىگىرى بار، ھەقىقىي ئەركەكلەر جۇمۇ. ئەر كىشى دېگەن ئالغان خوتۇنىنى باقمامدۇ. شۇنداق ماز پاينەك ئوغلىنى ماختاپ كەتكىنىنى ...
    ئانىسىنىڭ ئىشىكتىن كىرىپلا قايناپ كەتكىنىنى كۆرگەن گۈلقىز بىر پىيالە سوغۇق چاي قۇيۇپ ئانىسىنىڭ ئالدىغا قويدى.
    - نېمە بولدى ئانا، كۆڭۈللىرىگە كەلگۈدەك بىر ئىش بولدىمۇ؟
    - ھېچ ئىش.
    گۈلقىز ئانىسىنىڭ چىرايىغا قاراپ سەل ھودۇقۇپ قالدى-دە، پىشايۋاننىڭ تۈۋرۈكىگە يۆلىنىپ، ئانىسىنىڭ بىر نېمە دېيىشىنى كۈتۈپ تىت-تىت بولۇپ ئولتۇردى. ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ ، قاش-كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان چوڭ قوي كۆزلۈك بۇ قىز تولىمۇ زىلۋا، نازۇك كۆرۈنەتتى. ئىسىمى-جىسمىغا لايىق بەرق ئۇرۇشقا ئۈمتىلىۋاتقان گۈلدەك بۇ قىزنى كۆرگەنلا كىشىنىڭ ئىچى ئىللىق بولۇپ قالاتتى. بىرەر ئايدىن ئاشتى گۈلقىز خىلىلا تارتىلىپ ئورۇقلاپ، گەپ-سۆزلىرى ئازلاپ، ئۆيدىن چىقماي كىتاپ ئوقۇپلا ئولتۇرىدىغان، گۈل تىكىدىغان، بىر كىم گەپ سورىمىسا جاۋاپ بەرمەيدىغان بولۇپ قالدى.
    6-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەن گۈلقىز 9-ئايدا ئېلىنغان ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتېھانىغا قاتناشتى. ئومۇمىي نومۇرى نومۇر سىزىقىغا يەتسىمۇ، لىكىن تاللىغان كەسىپى- ماتېماتىكىدىن ئالغان نومۇرى ئۆلچەمگە يەتمەي، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى. بۇ ئىشقىمۇ مانا بىر ئاي بولدى. ئىشىكتىن چىقسا مەھەللىدىكىلەر، ئۆيگە كىرگەنلەرمۇ «ئىمتىھاندىن ئۆتەلىلىمۇ؟» دېگەن گەپنى سورايتتى. شۇنچە يىل ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىنى خەجلەپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەمدىلىكتە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسە، باشقىلارغا قاراپ تۇرۇپ «ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدىم» دېيىش ھەر قانداق كىشىگە تولىمۇ ئەلەم بولىدىغان ئىشتە! ھېلىمۇ گۈلقىز كۆپ چاندۇرمىدى، ئۆيدىكىلىرىمۇ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ تۇردى، گۈلقىزنىڭ ئالدىدا ئىمتىھان توغۇرلۇق سۆز قىلىشتىن ئېھتىيات قىلدى.
    - بالام! سىزدىن بىر گەپنى سوراي. راستچىللىق بىلەن جاۋاپ بېرىڭ.
    ئانىسىنىڭ بۇنداق جىددى تەلەپپۇزدا سورىغان سۇئالىدىن گۈلقىز سەل تەمتىرەپ قالدى ۋە «ھە»دەپ باش لىڭىشتتى.
    - يۇقارقى مەھەللىدىكى ھەجەرخاننىڭ ئوغلى مۇراتنى تونۇمسىز؟
    گۈلقىزنىڭ يۈرىكى قارت قىلىپ قالدى. گۈلقىز مۇراتنى تونۇيدۇ. بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ بېرىش-كىلىشى بار، ئۇنداقكەن ئەلۋەتتە تونۇيدۇ-دە. ئۇلارنىڭ تونۇشىدىغىنىدىن ئانىسىنىڭمۇ خەۋىرى بار تۇرۇپ سورىشى گۈلقىزنى تەمتىرىتىپ قويدى.
    - ھەئە.
    - دېمەكچى بولغىنىم ئادەتتىكى تونۇشمۇ ياكى خېلى تونۇشامسىلەر؟
    ئانىسىنىڭ تەلەپپۇزىدىن چىقىۋاتقان مەنىنى دەرھال ھېس قىلىپ يەتكەن گۈلقىز ئىنتايىن قىزىرىپ كەتتى. قانداقمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى دېيەلەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسىنىڭ بۇنداق سورىشىدىن ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى يوقتەك تۇرىدۇ. بىراق، گۈلقىز ھازىرغا قەدەر ئۆيدىكىلىرىنى ئالداپ باقمىدى. زادى قانداق قىلىشى كىرەك؟
    - ھەجەپ بۇنداق سوراپ قاللىغۇ ئانا. بىرەر ...
    - گەپنى ئەگىتمەي گىپىمگە ئۇدۇل جاۋاپ بېرىڭ. مەقسىتىمنى چۈشەنگەنسىز؟
    - ئادەتتىكى تونۇش ... 
    - ئەمسە ياخشى. بۇندىن كىيىنمۇ شۇنداق بولسۇن بالام. بۈگۈن بۈۋىھەجەرخان شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ ئالدىدا قىلچە يۈزۈمنى قىلماي «ئايمىنىسا خانىم، گۈلقىزمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ قالغان بولسا، ئوغلۇم مۇراتجانغا ئىلىپ بىرەتتىم»دەيدۇ. مۇشۇمۇ گەپمۇ؟ ئەجىبا مەن ئۇنىڭغا «قىزىمنى بېرەي» دەپ كەينىگە كىرىۋاپتىمەنمۇ؟ توۋا، مەن «ماقۇل قىزىمنى بېرەي» دىسەم ئاندىن ئىلىپ بېرەر ئۇ ماڭقىسىغا. بۇرۇن بىر يەرگە كەلسەكلا «ۋاي قۇدا بولىمىز» دەپ يۈرەتتى. ئەمدى ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ. ئوغلىمۇ بىر چوڭ ئىش قىلىپ كەتتىمۇ، ناھايىتى تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ قالدى. بولمىسا بىلىم جەھەتتىن سېلىشتۇرساق ئۇ سەندىن تۆۋەن تۇرسا تۇرىدۇكى، ئۈستۈن تۇرمايدۇ. 26يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىپتىمەن، ھەممە كىشى «ۋاي ئايمىنىسا خانىم» دەپ شۇنچە ھۆرمىتىمنى قىلىدۇ، بۈگۈنكىدەك ئىزا-ئاھانەتكە ئۇچرىغىنىم يوق. سەن يالغۇز قىزىم، كۆزۈمنىڭ گۆھىرى تۇرساڭ ... ئۇ خەق ئىدارە باشلىقى بولسا نېمە بوپتۇ؟
    بۇ گەپنى ئاڭلىغان گۈلقىزنىڭ بېشىدىن كىرگەن بىر ئوت تاپىنىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى. ئۇ ئانىسىنى بىلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بۈگۈنكىدەك خاپا بولغىنىنى، باشقىلارنى ئۇنداق سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىگىنىنى تۇنجى قىتىم كۆرۈشى. دېمەك، ئانىسى گۈلقىز بىلەن مۇراتنىڭ ئىشىنىڭ ئىس-بۇسىنى ئاڭلاپ قالغان گەپ. شۇڭا، بۇ گەپلەرنى گۈلقىزغا دەپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويدى.
    ئايىمنىسا خانىم بىلەن پەرھات مۇئەللىم ئىككىسى بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلار ئىدى. ئۇلار بىر-بىرىگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، لىكىن مۇھەببىتى ئۆز-ئارا ئايان ئىدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئايىمنىسا پەرھات مۇئەللىمنى دەپ يۇرتى خوتەنگە قايتماي قەشقەردە قالدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي توي قىلدى. ئۇلار توي قىلىپ 7يىلغىچىمۇ بالىلىق بولالمىدى، ئايىمنىسا تېۋىپلارغا كۆرۈنۈپ ، كونىلىق قىلىپ يۈردى. ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئېشىپ توي قىلىپ توققۇز يىل بولغاندا ئايمنىسانىڭ بويىدا قالدى. بىراق، بالا ئالتە ئاي بولا-بولمايلا بويىدىن ئاجراپ كەتتى. ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قىتىم بالا چۈشۈپ كېتىپ، تۆتىنچى قېتىمدا گۈلقىزنى تۇغدى. ئايىمنىسا گۈلقىزنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچە نۇرغۇن جاپالارنى چەكتى. گۈلقىز سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى، پەرھات مۇئەللىم ماشىنا ۋەقەسىدە ۋاپات بولدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئايىمنىسا پەرھات مۇئەللىمگە بولغان مۇھەببىتىنىمۇ قوشۇپ، گۈلقىزنى كۆز قارچۇغىدەك ئاسراپ چوڭ قىلدى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتتى. قىزى ئۇنىڭ ئۈچۈن جاھاندىكى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن تۇراتتى. شۇڭىمىكىن بۈۋىھەجەر خېنىمنىڭ گېپى ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئاچچىقىنى كەلتۈردى.
    بۇ گەپ گۈلقىزغا كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرىجىدە ئېغىر كەلدى. ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگىنى ئۈچۈن ئۆكۈنگەن، بىراق بۇ قىتىم ئۇ ئىنتايىن ئازاپلاندى. گۈلقىز مۇراتنىڭ ئاپىسىنى ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۈۋىھەجەر خىنىم ئۆزىنى خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئايالى دەمدىكىن ياكى بۇرۇندىن شۇنداق ھالى چوڭمىكىن، ئىشقىلىپ ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايتتى. گۈلقىزنىڭ دادىسى پەرھات مۇئەللىم بىلەن مۇراتنىڭ دادىسى ئابلەت جۈجاڭ يېقىن دوستلاردىن بولغاچقا بۇ ئائىلىنىڭ بۇرۇندىن قويۇق بېرىش-كىلىشى بار ئىدى. پەرھات مۇئەللىم تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ئابلەتنىڭ ئاغىنىسى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى دەپ تۇل خوتۇن، يېتىم ئوغۇللارغا قىلغان ياردەملىرىنى خاتا چۈشەنگەن بۈۋىھەجەر ئايىمنىسا بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئىككى ئائىلىنىڭ ئالاقىسىنى سۇسلاشتۇردى. بالىلار چوڭ بولغاندىن كىيىن توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراقلاردا ئانچە-مۇنچە كۆرۈشۈپ قىزغىن دوستلاردەك پاراڭلىشىپ قوياتتى. مانا، بۈگۈنكى توي سورۇنىدا مۇراتنىڭ ئانىسىنىڭ دېگەن گېپى گۈلقىزنىڭ شېرىن چۈشلىرىنى ۋەيران قىلدى. ئۇ ھەممە ئەيىبنى ئۆزىدە قويدى. ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ مۇقىم ئىش ئورنىغا ئېرىشەلمىگەنلىكنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ چوڭ گۇناھى!  راست، شۇنچە يىل ئوقۇغان ئادەم نېمىشقا ئۆتەلمەيدۇ. گۈلقىز توختىماي ئۆزىنى ئەيىپلەيتتى. ئايىمنىسا خانىم بۇ گەپلەرنى ئالدىراپ قىزىغا دېگىنىدىن سەل پۇشايمان قىلىپ قالدى. قىزىنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، ئۆيدىن ئاڭلىنىۋاتقان ئېسەدەش ئاۋازلىرىدىن ئانىنىڭ باغرى ئۆرتەندى، يۈرەكلىرى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كەتتى. «ئاھ! جىنىم قىزىم، داداڭنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولغان يۈرىكىمنى يەنىمۇ كۆيدۈردۇڭغۇ».
    گۈلقىز مۇرات بىلەن ئالاقىنى قەتئىي ئۈزۈشكە بەل باغلىدى. بىراق، ئويلىسىلا تىنىقى توختاپ قالىدىغاندەك بىئارام بولاتتى. ئۇلار ئىككىسى تەڭ ئالىي مەكتەپتە ئۆتكەن. ئانچە-مۇنچە تەتىلدە ئۆيگە قايتقاندا بىر-بىرىنىڭ ئۆيىگە چاقىرشىپ قوياتتى. شۇنداق چاغلاردا مۇراتنىڭ ئانىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا «گۈل قىزىمنى كېلىن قىلىمەن جۇمۇ، ئەتكەن لەڭمەنلىرىنىڭ ئوخشىغىنىنى، ھازىرقى قىزلار تاماقنى جايلاپ ئېتەلمەيدۇ، گەپ قىلسا ماۋۇ چوڭ كېلىنىمدەك ‹مەن مەكتەپتە تاماق ئېتىشنى ئەمەس، دەرس ئۆگەنگەن› دېيىشلىرىچۇ تېخى» دېگەندەك گەپلىرى ئۇلارنى باغلاپ قويغان ئىدى. مۇرات ئانچە-مۇنچە گۈلقىزنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ ئۇنىڭغا يەيدىغان ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئىلىپ بېرەتتى. بىرگە بازارغا چىقىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋالاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار تەبئىيلا بىر-بىرىنى ياقتۇرۇپ قىلىشتى. گۈلقىز مۇراتنى ئوبدان بىلىدۇ، مۇراتتا ئانىسىغا قارشى چىقالىغۇدەك يۈرەك يوق. ھەجەپ مۇشۇنداق توخۇ يۈرەكنى ياخشى كۆرۈپ قالدى دېسە!
    گۈلقىز ئانىسى ئۆيدە بار چاغدا تىلفۇن ئالالمايتتى. مۇراتمۇ ئامال بار تىلفۇن ئۇرغاندا قىزلارغا تىلفۇننى ئالغۇزاتتى-دە، گۈلقىز تۇرۇپكىنى قولغا ئالغاندا ئاندىن تىلفۇننى قولغا ئىلىپ ئۆزى پاراڭلىشاتتى. ئادەتتە، مەدەنىيەت مەركىزىدىكى قىرائەتخانىدا ئۇچرىشاتتى، بىر-بىرىگە يازغان خەتلىرىنى كىتابنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ سۇنۇشاتتى-دە، شۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق پاراڭلىشاتتى. قىرائەتخانىدىن چىققاندا بولسا ناتونۇشلاردەك ئۆز يولىغا راۋان بولاتتى. قايىسى كۈنى ئانىسى گەپ قىلغاندىن كىيىن گۈلقىز تىلفۇنمۇ ئالمىدى، قىرائەتخانىغىمۇ بارمىدى. بىر ھەپتە ئۆتكەندە ئۇ دوستى ئارقىلىق مۇرات كىرگۈزگەن خەتنى تاپشۇرۋالدى. خەتتە گۈلقىزدىن زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى، ھەر قانداق ئىش بولسا چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازغان ئىدى. گۈلقىز ئاددىيلا قىلىپ جاۋاپ خەت يازدى-دە، ئۇنى كونۋىرىتقا سېلىپ دوستى ئارقىلىق مۇراتقا ئەۋەتتى.
    مۇرات تولىمۇ كەمسۆز، بىراق گۈلقىزنىڭ ئالدىدا خېلىلا گەپتان، شوخ يىگىت. ھەپتىدىن بىرى گۈلقىز بىلەن كۆرۈشەلمەي تىت بولغان مۇرات كونۋىرىتنى كۆرۈپ بەك خۇش بولدى ۋە رەھمەت ئىيتىپ، ئۇدۇل ياتاق ئۆيىگە كىرىپلا كونۋىرىتنى ئاچتى. كونۋىرىتتىن مۇراتنىڭ گۈلقىزغا بەرگەن سۈرەتلىرى، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا سوۋغا قىلغان ئالتۇن ئۈزۈكى ۋە بىر پارچە خەت تۇراتتى.
    «بىز بىرىمىزگە ماس كەلمىگۈدەكمىز، مەن ئاللىبۇرۇن سىزنى ئۇنتۇشقا بەل باغلاپ بولدۇم، بۇ نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بېرەي. سىزگە بەخت تىلەيمەن». 
    خەت مانا مۇشۇنداقلا تۈگىگەن ئىدى. مۇرات نېمە بولغىنىنى بىلەلمىدى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن ھەيران قالدى-دە، گۈلقىزنىڭ دوستى ئارقىلىق گۈلقىزنى چاقىرتتى. گۈلقىز ئۆزى چىقماي، دوستى ئارقىلىق يۈز بەرگەن ئىشلارنى مۇراتقا يەتكۈزدى.
    مۇرات ئىمتىھاندىن ئۆتۈشى بىلەنلا ئانىسى ئۇنىڭغا لايىق تاللاشقا چۈشكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇرات ئانىسىغا گۈلقىز بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. ئانىسى گۈلقىزنىڭ خىزمەت ئورنى يوقلىقىنى ئىيتىپ، بۇ تويغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق مۇراتنىڭ چىڭ تۇرۇۋالغىنىنى كۆرۈپ، تويدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا قەستەن ياپما گەپلەر بىلەن ئايىمنىساخانىمغا قۇدا بولۇش ئىشىنىڭ سۇغا چىلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدى. ئارقىدىنلا ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق باشقارمىسىنىڭ باشلىقى مۇسا چۇجاڭنىڭ قىزى گۈلزىرىپەمگە ئەلچى قويۇپ ئۈلگۈردى.
    - ماڭا قارا بالام مۇراتجان. مەن سىنى خېلى ئەقىللىق دېسەم ئەقلىڭ گەجگەڭگە ئۆتۈپ قالغىلى تۇردىغۇ ئەمدى. بىز كىمۇ، ئايىمنىساخانلار كىمۇ؟ پەقەت داداڭ بىلەن پەرھاتجانلارنىڭ ئەينى چاغدىكى دوستلۇقى يۈزىسىدىنلا سالامۇلەيكۇم دېيىشىپ قويۇمىز ئۇ خەقلەر بىلەن. يىڭنە يەۋالغاندەك تۇرىدىغان ھېلىقى قىزىنىڭ نەرىگە ئاشىق بولغانسەن جىنىم بالام. توي دېگەن ئاددى ئىش ئەمەس، ھازىرغىچە تېخى خىزمەت ئورنى يوق. تۈزۈكرەك خىزمىتى بولسا بوپتۇ كۆڭلۈڭنى دەپ ئېلىپ بېرەي دېسەم.
    - ئانا، خىزمىتى بولمىسا نېمە بوپتۇ، ئۆيدە تۇرۇپ خىزمىتىڭنى قىلغاچ، سىلەرنى كۈتسە بولمىدىمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ... 
    - ئۇنداق دېگەن بىلەن بولمايدۇ بالام. ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا سەن بىر ئادەمنىڭ مائاشى بىلەن بىر ئۆي چۆرگىلىمەيدۇ. خوتۇن خەقمۇ ھە-ھۇ دېمىسە بولمايدۇ.
    - خىزمىتى، مائاشى يوق كىشىلەرمۇ ياشاۋاتىدىغۇ بۇ جاھاندا. مەن ئۇنى باقالايمەن.
    - ۋىيى ما پوچى غوجامنىڭ گېپىنى! - باياتىن بېرى سىلىق گەپ قىلىۋاتقان بۈۋىھەجەر خىنىم ئەمدى رەسمى ئاچچىقى بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى.- نېمە قوۋۇرغامنى ئىگىدىغاندۇ بېقىپ چوڭ قىلىپ قويسا. كۈچۈكۈم-كۈچۈكۈم دېسەم بىشىمغا مېنەمدىكىنە؟! بىزنىڭ ئائىلا قانداق ئائىلە بىلەمسەن بۇنى؟ نەدە دادىسى يوق يېتىم ئوغلاق بىلەن توي قىلساڭ، تۇل خوتۇن قانچىلىك ئىززىتىڭنى قىلاتتى.
    - ئۇنداق دېمە ئانا گۇناھ بولىدۇ. ئۆلۈم-يېتىم دېگەن ھەممىمىزنىڭ بىشىدا بار ئىش. كىمنىڭ يېتىم بولۇۋالغۇسى بار بۇ جاھاندا؟
    - بىزمۇ كىچىك ئادەملەر ئەمەس، ئالدىمىزغا داستىخان سېلىپ، ۋاي دەپ ھۆرمىتىمىزنى قىلالمىسا خەلقىئالەم ئالدىدا كىشىنىڭ يۈزىنى پوق قىلىدۇ. ئۆزۈڭچە چوڭ بولۇپ قالغاندەك گىپىمىزنى ئاڭلىماس بولۇپ قالدىڭما؟
    - ئانا، بىزنىڭ ئۆيدىمۇ سىڭلىم- بىر قىز بار. ئۇنچە دەپ كەتمىگىن.
    - ھۇ ئەقىلسىز! سىڭلىڭ جۇمۇ ئۇ سىنىڭ. سەن مىنى يۈرەك زەردى قىلىپ....
    بۈۋىھەجەر خىنىم يۈرىكىنى تۇتقىنىچە تامغا يۆلىنىپ قالدى. مۇرات ئىتتىك كىلىپ ئانىسىنى يۆلىدى-دە، جىددى قۇتقۇزۇشقا تىلفۇن قىلدى. 
    دوختۇرخانا. بۈۋىھەجەر خىنىم يەنىلا مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئوغلىنى قايىل قىلماقچى بولدى-دە، ساقايسىمۇ ئېغىر كىسەل قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ قىمىرلىماي يېتىۋىلىپ، مۇراتنى كۆرگەن ھامان ھېلى يېلىنىپ، ھېلى بېسىم ئىشلىتىپ ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. مۇرات قاتتىق گاڭگىراپ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.
    بىر ئاي بولدى. گۈلقىز ئۆيدىن تالاغا چىقمىدى. ئايىمنىساخانمۇ ھېلىقى ئىشتىن كىيىن گۈلقىزغا ئارتۇق گەپ قىلمىدى. «بوپتۇ بالام، ئوقۇپ بىلىملىك بولۇۋالدىڭىز. خىزمەت بولسا تېخى ياخشى بولمىسا مەيلى. ئۆيدە ئۆگىنىش قىلىپ تۇرسىڭىز، كىلەر يىلى يەنە ئىمتىھان ئالغۇدەك، بەرسىڭىز بولىدۇ»دەپ تەسەللىي بىرەتتى. ئەشۇ بىر پارچە خەتتىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلدى. گۈلقىزمۇ ناھىيىگە يېقىن بىر يېزىدىكى يەسلىدە ئىشلەپ بېرىشنى ئوقۇشتى. بۇ ئارقىلىق ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنتۇيالايتتى. گۈلقىزنىڭ بۇ دۇنيادا ئانىسىدىن باشقا ھېچبىر ئادىمى يوق، ئانىسى ئۈچۈنمۇ گۈلقىز جېنىدىن ئەزىز. ئەگەر ئۇلار توي قىلسىمۇمۇراتنىڭ ئانىسى بۇ خىل ئەھۋالدا گۈلقىزنى ئادەم ئورنىدا كۆرىشى ناتايىن، گۈلقىزنىڭ ئانىسىمۇ كۆپ رەنجىشلەرگە ئۇچرايدۇ. مۇرات ئالدىرىسا تويىنى قىلىۋەرسۇن، گۈلقىزنىڭمۇ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بىرسى باردۇ. ئانىسى شۇنچە يىل گۈلقىز ئۈچۈن قان-تەر تۆكتى، ئەمدى گۈلقىز ئۆز كۆڭلىنى دەپ، ئانىسىنىڭ دېلىغا ئازار بەرسە بولمايدۇ.
    گۈلقىز قەددىنى تىكتى، يەسلىدە بالىلار بىلەن بىرلىكتە كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتكىنىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتى. مۇراتنى ئانچە-مۇنچە ئۇچرىتىپ قالاتتى-دە، كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتەتتى. گۈلقىز بۇرۇنقىدىن كۆپ بەردەم بولۇپ كەتتى. بۇرۇن ئۇنى كۆرۈپ قالسا ياكى ئېسىگە كەلسىلا يىغلايتتى. ئەمدىلىكتە ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ، ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغان بولدى. گۈلقىز ئىشلەۋاتقان يەسلى شۇ كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن قوشنا ئىدى. گۈلقىز كىلىشتىن بۇرۇن، يەسلىدە شۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ياسىن مۇئەللىم بالىلارغا دەرس ئۆتكەن. گۈلقىز كەلگەندىن كىيىن، ئۇ مەكتەپكە چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ، لىكىن ھەر كۈنى بىر قانچە ۋاق بالىلارنى يوقلاپ تۇراتتى. خىزمەتكە قاتناشقىنىغا تۆت يىل بولغان بۇ ياش مۇئەللىم گۈلقىزنى ياقتۇرۇپ قالدى. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ ياسىننى گۈلقىزغا چېتىۋىلىپ، خىجىل قىلىپ قوياتتى.
    مارت ئايلىرى يېتىپ كەلگەندە، كەنتلەردىكى يەسلىلەرگە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانى ئېلىندى. گۈلقىز بۇ ئېمىتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتتى ۋە ئەسلىدىكى ئىشلەۋاتقان يەسلىگە تەقسىم قىلىندى. گۈلقىز ئەمدى باشقىچە بىر ئادەم بولۇپ قالغان ئىدى.
    گۈلقىز بىلەن ياسىننىڭ تويى ھەققىدىكى تۈرلۈك پاراڭلار بىر نەچچە كۈندىلا خەقلەرنىڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلاندى.
   - ۋاي، تويلۇقىغا كىتاب ساپتىمىش، ئۇ نەچچە ئون مىڭ كويلۇق كىتابمىش.
   - نەدە ئۇنداق قىممەت كىتاپ بارمىش. پوقنى يەپتۇ شۇنداق دېگەن ئادەم . ئالتۇنمىكەن يا قەغەزمىكەن ئۇنىڭ بېتى؟ 
   - جەمئىي ئون نەچچە كىتابمىش. چوڭلۇقى ساندۇقتەك كىلەرمىش.
    - قارىغان ئاتام زامانىسىدىن قالغان ئاسارە-ئەتىقە ئوخشايدۇ.
    - ئېسىت پۇل؟ ئىششەك قەغەزنىمۇ تويلۇق قىلىپ سالاغان بار؟ توي قىلغان قىزنىڭ بېشى ئىششىپ قاپتۇ.
    - ھەجەپ خەقكەنسىناۋا. نېمانداق بىلىمنى سۆيۈش دېگەننى چۈشەنمەيسەن. قىزلىرىمىزنىڭ ھەممىسى كىيىم-كىچەك بىلەن ئالتۇن-كۈمۈشكە، گىرىم-بويۇملىرىغا دۈم چۈشسە ئاندىن بېشى ساق بولامدا. ئىسىل قىز بالىكەن ئااشۇ، يىگىتنىڭمۇ تەلىيى كەپتۇ.
    - ياق، دەيمەن. قانداق كىتابتۇ ئۇ؟
    - ... 
    مانا مۇشۇنداق پاراڭلار گۈلقىز بىلەن ياسىن مۇئەللىمنىڭ تويىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرۋەتكەندەك قىلاتتى.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY