باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-18 01:55 | ئاپتور: سائادەت ساتتار | مەنبە: تۇرپان گېزىتى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

تەقدىر

تەقدىر

(ھىكايە)

سائادەت ساتتار

    زۇمرەتخان ئانا ئوغلىنىڭ (ئاپا كەچتە ئۆيگە ئەزىز مىھماندىن بىرنى باشلاپ كىلىمەن، ئىدىيىڭىزدە ۋە داستىخىنىڭىزدا ئانچە-مۇنچە تەييارلىق قىلىپ قويارسىز جۇمۇ؟) دەپ ھەييارلىق بىلەن ئەركىلىشىدىن ھەممىنى چۈشەنگەن بولسىمۇ بازارغا بېرىپ لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ يۈرگىنىدە بېشىدا پەقەت بىرلا خىيال ئەگىيتتى. ‹قانداقراق قىزدۇ ھە؟ توۋا بۇرۇنقى زامانلاردا قېينى ئانىمىزنى ئەمەس تويىمىز بولماقچى بولغان يىگىتنىمۇ نىكاھتىلا كۆرەتتۇق، بۇ جاھان نىمە بوپ كەتتى، تېخى ئۆتكەندىلا پاتەمخاننىڭ ئۆيىگە بىر قىزنىڭ ھىچقانداق رەسمىيەت ۋە نىكاھسىزلا كىرىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ياقامنى چىشلىگەن ئىدىم، بۇ قىزغۇ ماڭا سالام بەرگىلىلا كېلىدىكەن ، شۇنداقتىمۇ نىمىدىگەن ئەپسىزلىك بۇ؟ كىم بىلىدۇ، شەرمىي-ھايا دىگەننى بىلمەيدىغان داپشاقتىن بىرسىمۇ تېخى؟... ياق، خۇدايىم بۇيرىسا ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ، ئىلاھىم شۇ يالغۇز ئوغلۇمنىڭ بەختىنى بېرەر، تويىنى، پەرزەنتىنى كۆرگىلى نىسىپ قىلار......) دەپ ئىچىدە نىمىلەرنىدۇر ئويلىغاچ چوڭ-كىچىك خالتا، بولاقلارنى كۆتۈرۈپ ئابتۇبۇس بېكىتىگە كىلىپ تۇرغان زۈمرەتخان ئانا تۇيۇقسىزلا يېنىدا بېلەت ساندۇقىغا تاشلىغۇچەك پارچە پۇل يوقلىقىنى ئويلىدى ۋە جىددىيلىشىپ ئەتراپقا قارىدى، قېرىشقاندەك يېقىن ئەتراپتا نە مىلىچ ماللار دۇكىنى نە تاللا بازارلىرى كۆرۈنمەيتتى. ئۇ يانچۇقلىرىنى يەنە بىر رەت ئاقتۇرغان بولسىمۇ ئەڭ تۆۋەن پۇلى ئون يۈەنلىك پۇل بولۇپ چىقتى. ئۇ ئون يۈەن پۇلنى تۇتۇپ تۇرۇپ بېكەتتىكىلەرگە سەپسېلىپ چىقتى ۋە نېرىراقتا تۇرغان زىلۋا بىر قىزنىڭ يېنىغا باردى.

    - قىزىم قارىسام ئۇيغۇركەنسىز، مۇمكىن بولسا مۇشۇ پۇلۇمنى بىر پارچىلاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، بىرەر نەرسە ئېلىپ پارچىلاي دىسەم،  بۇ ئەتراپتا ساپلا كىيىم-كېچەك ساتىدىغان چوڭ سارايلار باركەن..... 
    قىزچاق موماينىڭ جىددىيلىشىپ سۆزلەۋاتقان ھالىتىگە مىھرىبانلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپ.
    -بولدى چوڭ ئانا ، مەندە ئىككى يۇەن پارچە پۇل بار . ئاپتۇبۇسقا چىقىۋەرسىلە ، بېلەت ھەققىلىرىنى مەن ئۆزۈمنىڭكى بىلەن قوشۇپ سېلىۋىتەي. - دىدى ۋە موماينىڭ ئۇنداق قىلسا قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئوڭايسىز ئېيتىلغان سۆزلىرىگە چۈشەنچە بەرگەچ ، ئۇنىڭ قولىدىكى سومكىلاردىن ئىككىنى ئېلىپ موماينى يۆلەشتۈرگەچ ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بېلەت ساندۇقىغا ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئىككى يۈەن پارچە پۇلنى سېلىۋەتتى.
    باشقىلار بوشىتىپ بەرگەن ئورۇنغا جايلىشىپ ئولتۇرىۋالغاندىن كىيىن زۇمرەتخان ئانا ئابتۇبۇس تۇتقۇچىنى چىڭ تۇتۇپ ، دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ تۇرغان قىزغا قايتىدىن زەن سېلىپ ئانىلىق مىھرى بىلەن سۆيۈنۈپ قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى ۋە ئىچىدە <نىمىدىگەن مىھرى ئىسسىق، مۇلايىم، چىرايلىق قىز بۇ؟ خۇدايىم مىنى مۇشۇنداراق قىزلارغا ئانا بولغىلى نىسىپ قىلغىيدى.... > دەپ تىلىدى.
    زۇمرەتخان ئابتۇبۇستىن چۈشۈۋېتىپ بايىقى قىزنىڭمۇ مۇشۇ بېكەتتە چۈشكىنىنى ۋە ئۇدۇلدىكى تاللا بازىرىغا كىرىپ كىتىۋاتقىنىنى كۆردى ۋە < ئۆيى مۇشۇ ئەتراپتا ئوخشايدۇ، كىمنىڭ قىزىكىن بىر سۈرۈشتۈرۈپ باقايچۇ، ھازىرقى قىزلارنىڭ ئىچىدىمۇ مۇشۇنداق قېرىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان سەمىمى، مۇلايىم قىز باركەن دىسە...> دىگەنلەرنى ئويلاپ قايسى كۈنى ئابتۇبۇستا بىر قىزنىڭ باشقىلار ياشانغانلارغا ئورۇن بوشىتىپ بېرىشىنى ئەسكەرتسە <ئوھۇش، قېرى بولسا ئۆزىگە مىنىڭ ئاناممىتى ئۇ؟ > دەپ چىچاڭشىپ دېرىزە تەرەپكە گۆلىيىپ قاراپ ئولتۇرىۋالغانلىرىنى ئېسىگە ئالدى ۋە ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى.
    ئانا لازىمەتلىكلەرنى شىرەگە تىزغاچ ، ئوغلىغا بۈگۈن بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتقىنىدا ئوغلىنىڭ يانفونى سايرىدى. 
    - ئاپا ئۇ كەپتۇ، مەن چىقىپ باشلاپ كىرەي –دەپ ئالدىراپ چىكەتكەن ئوغلىنىڭ كەينىدىن سۆيۈنۈش ۋە ئەندىشە ئارىلاش قاراپ قويۇپ بېشىنى چايقىغان موماي، چاي تەييارلىغىلى كىرىپ كەتتى.
    - ئاپا بۇ سەلىمە بولىدۇ.
    چەينەكنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەلگەن موماي قىزغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى.
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم- دىگەن سۆزنى دۇدۇقلاپ ئاران دىيەلىگەن قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ، قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىلىرى قايتىدىن ئوت ئالغان ھالدا ھايا بىلەن يەرگە قارىۋالدى.
    موماينىڭ ئالدىدا قورۇنۇپقىنە تۇرغان بۇ ئوماق قىز دەل ئاپتۇبۇس ساندۇقىغا موماي ئۈچۈن بىر يۈەن تاشلىغان، مومايغا تاتلىق سۆيۈنۈش بېغىشلىغان بايىقى قىز ئىدى.


تۇرپان گېزىتى2011-يىلى3-ئاينىڭ30-كۈنىدىكى سانىدىن

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY