باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-20 10:27 | ئاپتور: تىمتاس | مەنبە: قەلەم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

بۇ راست بولغان ۋەقە!

بۇ راست بولغان ۋەقە!

تىمتاس


    نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇنتۇلىدۇ. ئەمما قان بولۇپ زەرداپقا ئايلانغان نەرسىلەر ئۇنتۇلمايدۇ. شۇنداق مەن ئۇنتۇشنى ئىزدەپ يۈرسەممۇ ئۇنتالمايدىغان بۇ ھېكايەمنى قىزىمغا، ئوغلۇمغا ھەتتا ئايالىمغا دەپ بەرمىگەن. بىراق سىلەرگە سۆزلەپ بەرگۈم كەلدى.
    بوۋا دىگەن ھەربىر سۆزنى ئاڭلىغىنىمدا شۇنداق بىرخىل چۈشكۈنلۈك مېنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالىدۇ؟ نۇرغۇن ئادەملەردىن مەندىن ئاشۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىكى ھېسسىياتىمنى سوراپ باقسا نېمە دەپ جاۋاب بېرەرمەن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. بىراق مەن ئاشۇنداق «بوۋا» دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا تولاراق يادىمغا كېلىپ قالىدىغان كىچىك چاغلىرىمدىكى ئەسلىمىلىرىمگە سىڭىپ كەتكەن ئاشۇ مومامنىڭ سۇلغۇن چىرايىنى ئەسلەپ قەلبىمدە مومامغا ئىچ ئاغرىتىش بىلەن كۆكلەپ قالغان ئاتالمىش بوۋامغا شۇنداق ئۆچ بولىمەن.
    كىچىك چاغلىرىم بولسىكەن، بىر ئەمەس ئىككى بوۋام ئىككى مومام بار دەپ ساۋاغداشلىرىم ۋە دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا ماختانغۇم بولسىمۇ، ئانامدىن ھەر قېتىم «بوۋام، قېنى؟ بوۋام تۈگەپ كەتتىما ياكى ئۇ ھايات بولسا قېنى؟ نەدە؟ ئانا قاچان بوۋامنىڭ ئاشۇ ئالتۇندەك ساقاللىرىنى سىلاپ بېقىشقا، مېھرىلىك كۆزلىرىگە تىكىلىشكە، يانچۇقىدىن چىقىرىپ بېرىدىغان كەمپۈتلەرگە ئېرىشىمەن؟» دىسەم ئانام كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە قاراپ «سەن چوڭ بولغاندا بىلىسەن بالام، بوۋاڭ تولىمۇ مۇلايىم، ئۇ سەندەك بىر تاللا نەۋرىسى بولغانلىقىدىن خەۋرى بولغان بولسا چوقۇم ساڭا ئەڭ تاتلىق كەمپۈتلەر بىلەن ئەڭ مېزىلىك سامسىلارنى ئەكىلىپ بېرەتتى. ئۇ يىراق يەردە ھايات، ئەمما ھازىرچە كېلەلمەيدۇ؟» دەپ بىر – بىرىگە زىت سۆزلەرنى قىلىپ مېنىڭ يەنە بىر قېتىم سوئال سورىشىمغا ئىمكان بەرمەيتتى. مەن شۇندىلا ئانامنىڭ كۆزلىرىدە پارلاپ قالغان ياش تامچىلىرىنى كۆرۈپ ئارتۇقچە سوئال سورىماتتىم. مومامدىن ئەگەردە شۇنداق سوئال سوراپ سالسام، يىراق – يىراقلارغا تىكىپ تۇرۇپ «ئېيتىۋاتقان چۆچىكىمدىن توختاتسا ئېزىپ كېتىمەن، ساڭا بىر كۈنى دەپ بېرىمەن»، دەپ قوياتتى. بەزەندە مومامنىڭ قولىدا ھۆرى كۆتۈرلۈپ تۇرغان بىر نەچچە سامسىنى كۆرۈپ قالسام «بوۋام كەپتۇ ھە!» دەپ مومامدىن بوۋامنى ماڭا كۆرسەتمىگەنلىكىدىن رەنجىتتىم. بۇنداق ۋاقىتتا داۋاملىق مومام مېنى بەزلەپ «ئۇ كېلىدۇ، ساڭا بۈگۈنكى ۋە ئۆتكەندە ئەكىرىپ بەرگەن نەرسىلەرنى بوۋاڭ ئەكەلگەن» دەپ قوياتتى. بۇنداق ۋاقىتتا مەن بالىلىقىمغا سىڭىپ كەتكەن بوۋامنىڭ ئەڭ يىرىك قوللىرىنىڭ بېشىمدا ئويناپ تۇرغانلىقىنى سىزەتتىم.
    ئادەم مەڭگۈ كىچىك تۇرسا، بالىلىققا سىڭىپ كەتكەن ئەڭ سەمىمىي ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ تۇرسا قانداق ياخشى بولاتتى. ئۇ چاغدا كىچىك بالىلارنىڭ كاللىسى ئۆزىگە چۇشلۇقلا نەرسىلەرنى تەپەككۇر قىلىپ ئارتۇقلىرىنى ئويلاشقىمۇ چولىسى تەگمەيدىكەن ئەمەسمۇ؟ مەن بەزىدە ئانامنىڭ مېنى ئالداپ كەلگەنلىكىدىن، مومامنىڭ مېنىڭ بوۋام ۋە مومام بولۇپ قەلبىمدە ئاجايىپ بىر ئارمانلارنى يىلىنجاتقانلىقىدىن پەخرىلىنىپ تۇراتتىم ئەمەسمۇ؟ چوڭ بولۇپ ئاستا – ئاستا ئالدىنىۋاتقان قەلبىمدە ئانام ۋە مومامغا ئاجايىپ بىرخىل قاراش مەندە مەۋجۇت بولۇشقا ئەگىشىپ ئاشۇ ئاق ساقاللىق بوۋامنى دائىمما سىغىنىپ تۇرىدىغان. بۇرۇنقىدەك يۇشۇرۇشقا ئىمكان بەرمەيدىغان تۇيغۇلۇرۇم مېنى ئۇنى ئىزدەپ تېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى. مەن ئاخىرى ئاشۇ قەلبىمدە يالىد قىلىپ يېنىپ قالغان ئارزۇلىرىمنى ھەمرا قىلىپ ئانام ۋە مومامغا ئۇلار ئېتىراپ قېلىشنى خالىمايدىغان بىر ھەقىقەتنى بىلدۈردۈم. ئۇ بولسىمۇ، مېنىڭ چۈشۈمدىكى بوۋامنى قايتا بۇ ئۆيدە سادىر قىلىش. ئانام بىلەن مومامغا ئۇنى ئىزدەيدىغانلىقىمنى ئېيتقىنىمدا ئۇلاردىن يۇشۇرۇن ئۇنىڭ ئىز – دىرىكىنى قىلىپ كۆرۈشمىگەن ئادىمىم قالمىغاندا ۋە ياكى ئۇنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنى تېپىپ ئۇلارغا يەتكۈزگىنىمدە بولسا، مومام ماڭا ئاجايىپ بىرخىل تەشۋىشتە قاراپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئانام بولسا مېنىڭ يۈزۈمگە بىر كاچات ئۇرۇپ مومامدىن كەچۈرۈم سورىغىنىچە مومامنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى. مومام، يۇم يۇم تۆكىلمەكتە، ئانام مومامدىن مەن ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىماقتا. مەن نېمە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا تىكىلمەكتىمەن. شۇ ۋاقىت دادام كىرىپ مومامنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كەچۈرۈم سورىغاندا بولسا مەن دۇنيادىكى ئەڭ يامان ئىشنى قىلغاندەك دادامنىڭ قاتتىق ۋارقىرىشى بىلەن ئانامنىڭ ئايىغىغا يىقىلدىم. مومام دادامنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ ئۇنىغا ئېسىلىپ بارلىق ئازابلىرىنى ئاشۇ يىغىلىرى بىلەن چىقىرۋەتمەكچى بولغاندەك ئۈن سېلىپ يىغلاۋاتىدۇ. ئانام مېنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ يىغلىماقتا. بىردەملىك يىغا – زاردىن كېيىن ھويلىمىزغا توشۇپ كەتكەن بىر مۇنچە ئادەملەرنىڭ تەسەللىسى بىلەن دادام ئورنىدىن تۇرۇپ يىغلىغان خوشنىلارغا ئۆزىرخالىق ئېيتىپ دەرۋازىنى چىڭ تاقىغىنىچە، ھويلىمىزنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، قىش ياز ھورى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان دەريا بويىغا ئېلىپ كېلىپ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئاشۇ ئاپپاق ساقاللىق بوۋام ھەققىدە مۇنۇلارنى ئېيتتى.
    ئەسلى سەن چوڭ بولغاندا ھەممە ھەممىنى دەپ بېرىش قارارىدا يۈرگىنىمگە ئۇزۇن بولدى. مەنمۇ مۇشۇ ئۆيگە ئىچ كۈيئوغۇل بولۇپ كىرگىنىمدە تۇنجى قېتىم موماڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇۋېلىپ، بوۋاڭ توغرۇلۇق شۇنداق دەپ بەرگەن، بۇ ناھايىتى ئۇزۇن يىللارنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار ئىكەن. بوۋاڭ بىلەن موماڭ چوڭلارنىڭ زورى بىلەن توي قىپتۇ، ئەسلى مۇشۇ مەھەللىدە چوڭ بولغان موماڭنىڭ تولىمۇ ناھادىر كەلگەن بىر لايقى بار ئىكەنتۇق. مانا مۇشۇنداق چوڭلارنىڭ رازىلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى قوشۇلۇپ قاپتۇ. شۇ زامانلاردا بوۋاڭنىڭ بىر قارا ئېتى بولۇپ داۋاملىق ئەتىگەندە چېپىپ چىقىپ كەتسە، كەچتە يېرىم كېچە بولغاندا قايتىپ كېلىدىكەندۇق. بىر ئاي، بىر يىل ئۆتكەندە موماڭ ئاناڭنى يەڭگىپتۇ. مۇشۇ كۈنگىچە كەلگىچە بوۋاڭنىڭ بىر قېتىم ئېللىق كۈلۈشىگە نائىل بولمىغان ئاناڭ ئاجرىشىپ كېتىشنى دائىما ئويلىسىمۇ، بىراق ئېغىزىدىن چىقىرىپ باقىمەپتىكەن. ھەمدە ئاتا – ئانىسىنىڭ يۈزىنى دەپ بولسىمۇ، بۇ بىر ئائىلىنى ئائىلە قىلىپ ئۆتۈش ئىستىكى داۋاملىق ئۇنى بېىسپ ئۇنى ئېزىپ تۇرىدىكەن. مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئاناڭ تۇغۇلۇپ 40 كۈنگىچە قارىسىنى كۆسەتمىگەن بوۋاڭ، تۇيۇقسىزلا كېلىپ موماڭ بىلەن ئاجرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تالاق قىلىپ كېتىپ قاپتۇ. ئەمدىلا قىرىقىدىن چىقىپ قىزىنى دەپ ھەممە ھەممىنى ئۇنتۇشقا باشلىغان موماڭ ئۈچۈن بۇ بەك ئېغىر كېلىپ ئاشۇ ياشىغىنىچە چىشىنى چىشىغا چىشلەپ ئۈمىدىنى بىردىن بىر ئاناڭغا باغلاپ ئۆتۈپتۇ. ئاي ئۆتمەي داداڭ يىراق سەپەرگە چىقىپ كەتكەنلىك خەۋىرى بىلەن ئۆيگە قىز تەرەپ قىلغان ئۆينىڭ جابدۇقلىرى سېلىنغان ھاۋا يېتىپ كېلىپتۇ. بىر كۈنلەردە پۇشايمان يەرسەن دەپ ئويلىغان موماڭنىڭ ئۈمىدى ئۈزۈلگەن بولسىمۇ، يىغا – زار ئىچىدە قاقشىغان ئۇلۇغ موماڭ ۋە بوۋاڭ ئارقا – ئارقىدىن بىر ئاي ئىچىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپتۇ. بىردىن بىر بالا بولغان موماڭ، مانا مۇشۇ ئۆينى تۇتۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئاناڭنى چوڭ قىلىش جەريانىدا تالاي كۈلپەتلەر بېشىغا كېلىپ ، خارلانغان ۋاقىتلىرى كۆپ بوپتۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئۇ بۇ ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى بىرىدىن بىر ئاناڭغا يۈكلەپ جاپا – مۇشاقەتتە ئاناڭنى چوڭ قىلىپ ماڭا تۇتقۇزۇپتۇ. ئۇ ئاناڭنى چوڭ قىلىش جەريانىدا بوۋاڭنى تالاي ئىزدىگەن ئىكەن، دېرىكىنى قىلىپمۇ، ئاناڭنى كۆرسىتپمۇ، بوۋاڭنىڭ مېھرىلىك بېقىشىغا، ئاناڭنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئەركىلتىشىگە يارىماپتۇدەك. موماڭ ناھايىتى قەيسەر ئايال، ئۇ ئاناڭنى ساق – سالامەت ماڭا بەردى، ئاناڭنىڭ كۈيۈمچانلىقى، تەلەپكارلىقى ھەممىسىدە موماڭنىڭ سۈلكىتى بار. موماڭ يەنە ماڭا ‹ئوغلۇم، قىزىمنىڭ بىر تامچە يېشى مېنىڭ بىر يىللىق ئۆمرۈم، ئۇ تا مۇشۇ كۈنگە كەلگىچە مېنىڭ كۆڭلۈمنى دەپ دادىسىنىڭ تارىخىنى سوراپ باقمىدى، ئۇ دادىسىنىڭ سۈرئىتىنى كۆرگەن، نەچچە يېنىغا ئاپارسام تىزلىنىپ تۇرۇپ قىزىمغا دادىلىق مېھرىىنى بېرىپ قۇيۇشىنى تىلىسەممۇ مېنى ئىتتىرىپ ،ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويغانلىرىنى كۆرگەن بولغاچقا، بىرەر قېتىم دادام دەپ ئالدىمدا چاقىرىپ باقمىدى، تالاي دادىسى توغرۇلۇق سۆز ئاچقىنىمدا ئۆزىنى چەتكە قاقتى. شۇڭا قىزىمنىڭ دىلىنى رەنجىتمەي ئۆتىسىڭىزلا ئۇ سىزنى بېشىدا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ.› دېگەن ئىدى. موماڭ ئاناڭغا توي قىلىش تەكلىۋىپىنى قويغان ھەر قانداق ئادەمگە ئىچ كىيئوغۇل بولۇپ قېلىشىنى تەلەپ قىلپتۇ. بۇرۇنقى بىزنىڭ زامانىمىزدا ئىچكۈيئوغۇل بولۇپ كىرىش نۇمۇس ھېسابلىناتتى. شۇنداق بولۇشىغا ئەگىشىپ مەن ئاناڭنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىپ قالدىم. ئانام - دادامنىڭ قاقشاشلىرىنى قايرىپ قۇيۇپ ئاناڭ بىلەن توي قىلىپ بۇ ئۆيگە كىردىم. مانا سەن تۇغۇلدۇڭ، سەن ئارقىلىق رىشتىمىز دىلىمىز يۇرۇپ تولىمۇ ئىناق ئۆتتۈق.
    - دادا، بوۋامنىڭ ئاشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا مومام مۇشۇنداق ياش تۆكەمدۇ؟ بۇنداقمۇ قىلىش كەتمەيدىكەنغۇ؟
    - ئوغلۇم، بەلكىم موڭاڭنىڭ قەلبىدە ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىنى بوۋاڭدىن كۆرسە كېرەك. پەقەت مەن شۇنچىلىك بىلىمەن. – دېدى دادام، بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ. مەن ئەتراپقا ئۈمىدسىز قارىدىم. مېنىڭ ئەزەلدىنلا ئاپپاق ساقاللىق ئاشۇ بوۋامنى كۆرگۈم ئۇنىڭ مېرىلىك كۆزلىرىگە تىكىلگۈم كېلەتتى. دادام قولۇمدىن يىتىلەپ ئۆيگە ئەكىرىدى. ئۇڭغىچە مومام بىلەن ئاناممۇ يىغىدىن توختاپ يەرگە سەرەڭگە بىلەن جىجاپ ئولتۇرۇپتىكەن. مومام مېنى كۆرۈپ يېنىغا چاقىردى دەپ بارىغا باستى. مەن مومامغا پەقەت ‹موما، كەچۈرۈڭ، ئەمدى بوۋامنىڭ گېپىنى قىلمايمەن، ئۇنى ئىزدىمەيمەن› دېدىم. شۇنداق قىلىپ مومامنىڭ ۋە ئانامنىڭ چىرايلىرى كۈلۈپ يەنە ئەسلىگە كېلىپ قالدى. ئائىلە كەيپىياتىمىزمۇ يەنىلا بىرخىل. بىراق تۇيۇقسىز چىققان بىر ئىشتىن كېيىن مومامنىڭ بوۋامنى يەنىلا يولدۇشۇم، قىزىمنىڭ دادىسى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ھىز قىلىپ مومامغا ھۆرمىتىم ئاشتى. بوۋامنىڭ ئاپپاق ساقاللىرىنى سىلاش ماڭا نىسىب بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مېھىرلىك تىكىلگەن كۆزلىرىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. مەنمۇ پەخرىلىنىپ ‹بوۋا› دەپ ئۇنىغا ئېسلىيالىدىم. ئۇ شۇنداق تۇيۇقسىز بىزنىڭ ئۆيدە پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تۇيۇقسىز چۆكۈپ كەتتى. ئۇ ئەزەلدىنلا بىزنىڭ ئۆيدە مەۋجۇتتەك موماممۇ، ئاناممۇ تولىمۇ رايىش بولۇپ قالدى. ئاشۇ كۈنى دەرۋازىدىن يىغلىغىنىچە دولىسىغا چاپاننى ئارتىپ كىرگەن بىر ئادەمدىن كېيىن ئۇ مېنىڭ بوۋام بولۇپ ئاتالدى. ئاشۇ كۈنى مومامنىڭ بۇ ئادەمگە قاراپ غەزەپلىنىش ئارىلاش ئىنتىلىشىنى كۆرگەندەك، ئانامنىڭ بۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلىشىدىن كېيىن ئۇنىڭ دادا ناملىق بۇ مېھىرنىڭ چۆلدەرپ يەنىلا بىر ئادەمنىڭ تولدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئويلاپ قالدىم. مەن شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بوۋامغا ئەركىلەشتىن بەكرەك ئانامنىڭ ئايىغى چىقماس ئىشلارنى قىلىپ دائىما كۈلۈپ تۇرىشىدىن بۇرۇنراق ئۇنى ئۆيگە ئەكەلمىگەنلىكىمدىن ئەبسۇسلاندىم. مانا بىزنىڭ ئۆي بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك شادلىققا چۆمدى. مانا بىزنىڭ ئۆي خوشاللىق ئىچىدىن خۇشاللىق ئىزدىيەلىدى. بىراق مەن دائىما بۇ ئادەمنىڭ ساقال يوق يۈزىگە تىكىلىپ قاراپ ئۇنىڭ ماڭا قارىغاندىكى كۆزلىرىدە ھىيلىگەرلىكنىڭ نۇرلىرىنىڭ چاچراۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ قالىمەن. بىراق بۇ تۇيغۇم بىردەملىك، شۇنداق بولۇشىغا ئەگىشىپ مەندە يەنە بىر شۈبھە كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە كەتتىم. داۋاملىق مومام ۋە بوۋام ۋە ئاتا – ئانىلىرىمدىن ھال سوراپ تۇردۇم. ئوقۇش مەۋسۇمۇم توشۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. بوۋام ۋە مومام، دادام ۋە ئانام ماڭا تولىمۇ سۆيۈملۈك تۇيۇلدى. ئۇلارنىڭ ئالدىمغا كۆكرەك كېرىپ چىقىشىدىن بۇ دۇنيادا مېنىڭ ئەڭ ئەزىز ئادەملىرىمنىڭ يېنىمدا ماڭا ئامانلىق تىلەۋەتقانلىقىدىن پەخىرلەندىم. بىراق ئۆيگە كېلىپ ئىككى ئۈچ كۈنلەرىدن كېيىن، بوۋامنىڭ كەچ كەچ قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھىىز قىلدىم. بۇنداق ۋاقىتتا مەن بوۋامنى مومامدىن سورىسام مومام ئاچچىق كۈلۈپ قوياتتى. مەن بوۋام كىرگەندە ئۇنىڭ قوللىرىنى قىسىپ تۇرۇپ نېمە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سورىدىم. ئۇ پەقەت بىكار زىرىككەنلىكىنى، شۇڭا كوچىنىڭ دوخمۇشىدىكى كورت ئويناپ ئولتۇرغان بالىلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى شۇنداق ئولتۇرۇپ كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. مەنمۇ مومامغا ئوخشاش ئاچچىق كۈلدۈم. بىر ئاي تەتىل ۋاقتىممۇ توشۇپ مەكتەپكە ماڭماقچى بولۇپ ئالدىراپ تەييارلىقتا بولۇپ كەتتىم. ئەتىسى ماڭىمەن دەپ نەرسىلىرىمنى قاتلاۋاتسام، ئىشىك ئېچىلىپ بوۋام يۈگىرىپ كىرىپ ئۆزى ياتىدىغان ئۆيگە كىرىپ كەتتى. شۇ زامات قەلبىمدە بىر شۈبھە قەد كۆتۈرلۈشىگە ئەگىشىپ يېقىنىڭ ياقى ئانامنىڭ ئېغىر ئۇھسىنىشلىرىنىڭ جىقايغانلىقىنى ئويلاپ ئولتۇرسام. ئۆيگە بىر نەچچە كوچىمىزدىكى مەن دىمەتلىك ئەسكى قىمارۋاز دەپ نامى چىققان بارلىلار. يۈگۈرۈپ ئۆيدىن چىقتىم. موماممۇ ئاناممۇ ھەتتا يېڭىلا مەجىتكە كەتكەن داداممۇ يۈگىرىپ كىرگەن ئىدى. ‹ھە، بىرەر ئىش بارمىدى، بالىلىرىم› دېدى مومام، ئاق ياغلىقىنى تېخىمۇ پىشانىسىگە چۈشۈرۈپ. ‹ھە، ھېلىقى قېرى قېنى، ئۇنى ئۆيگە ئەكىلىۋىلىپ نېمە قىلىلا چوڭ ئانا› دېدى ئىچىدىكى بىرسى، مەن كىمنى دەۋاتقانلىقىنى شۇ زامات بىلدىمدە، مۇشلۇرۇم تۈرۈلۈپ كەتتى. ‹كىمنى دەۋاتىسەن، كىم ئۇ قېرى دېگەن ئاغزىڭغا بېقىپ سۆزلە ھە!› دېدى دادام، مېنىڭ قۇلۇمنى تۇتۇپ. ‹داۋۇتكامچۇ، ئۇ بايا بىرمۇنچە پۇل ئۇتۇۋالغان ماخمۇت بىلەن تىكىشىپ، ئەمدى ئوينىمايمەن دەپ كىرىپ كەتتى. ماڭا بىرمۇنچە قەررىز ئىدى.› دېدى مەھەللىمىزنىڭ دوخمۇشىدا دۇكان ئاچىدىغان سەمەت دېگەن بالا.‹ھە، بالام، نېمە دەيدىغانسەن، ئاشۇ 70 ياشنىڭ قارسىنى ئېلىپ قالغان ئادەم، خاتالاشتىڭمۇ؟› دېدى ئانام، كۆزلىرىگە ياش ئەگىشىپ قالغان مومامنى يۆلەپ تۇرۇپ. ‹ۋەي، ھەدە، راست. مۇشۇ ئۆيگە كېلىۋالغاندىن بېرى شۇنداق ئويناپ ئۇتتۇرۇپ يۈرۈۋەردى.› دېدى ماخمۇت. مەن بىردە دادامغا، بىردە غال غال تىترەپ تۇرغان مومامغا بىردە بايىلا بوۋام كىرىپ كەتكەن ئۆيگە قارىدىم. شۇنداق قىلىپ دادامنىڭ ئىككى ئېغىز سۆزى بىلەن ئۇلارمۇ چىقىپ كەتتى. ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرۇپ قالغان ئانامغا قارىغىنىمچە، ئارانلا بېقىنىنى تۇتۇپ قالغان مومامنى يۆلىگىنىمچە ئۆزەم ياتىدىغان ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدۇم. دادام ئاچچىق ئاچچىق تاماكا چەكمەكتە، ئانام مۆل – مۆل يىغلىماقتا. مەن بوۋام بايا كىرىپ كەتكەن ئۆيگە كىردىم. ئۇ تۈگۈلگىنىچە يوتقاندا ياتاتتى. ‹بوۋا، بۇ قانداق گەپ ئەمدى!› دېدىم، ماڭا بىر يىلنىڭ ياقى بوۋا بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئادەمدىن يا نەپرەتلىنىشنى يا ھىسداشلىق قىلىشنى بىلمەي.‹بالام، بۇ يەرگە چىقە!› دەپ چاقىردى ئانام. ھويلىغا چىقسام، ئانام ماڭا تەشۋىشلىك كۆزلىرىدە قاراپ ئەتە ماڭىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، بالدۇراق يېتىشىمنى، بۇ ئىشلارنىڭ ئاستا - ئاستا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ياخشى ئوقۇشۇمنى جېكىلەپ ياتىدىغان ئۆيۈمگە ئەكىرىپ قويدى. مومام ئۈنسىز ياتماقتا. ئۇنىڭ قوللۇرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ‹موما، بۈگۈن مېنىڭ يېنىمدا يېتىڭە› دېدىم. مومام كۆزلىرىنى تەسلىكتە ئېچىپ ماقۇل دېگەندەك گۆشسىز ئىڭىكىنى لىڭشىتتى. ئۇيان بۇيان ئۆرۈلۈپ ئاران دېگەندە ئۇخلاپ قالغاندەك قىلغانلىقىمنى بىلىمەن. شىپىر ئاۋاز بىلەن مومام چىقىپ كەتتى. مەن ئاخشامقى ئىشلارنىڭ مومامغا تەسىر قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاستا ئايىغىمنى كىيىپ ئاياغ تېۋىشى ئۇزاقشىپ، يەنە بىر ئۆينىڭ ئىشكى ئېچىلغىچە بولغانغىچە تۇردۇمدە، يەنە بىر ئۆينىڭ چىرىغىنىڭ سۇز يېنىغلىق، كىملەرنىڭدۇر گۇدۇرلاشقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ شۇ دەرىزە يېنىغا باردىم.
    -‹ مەن خاتا قىلىپتىمەن،›- بۇ بوۋامنىڭ ئاۋازى ئىدى. ‹مېنى نېمە قىل دىمەكچى سەن، مېنى مۇشۇنداق ئازابتا، كۈتۈشتە بىر ئۆمۈر قېنىدىڭ، يەنە قانچىلىك قىنايسەن، سەن ھەممە ھەممە تۈگىدى دەۋاتاتتىڭ. نەۋرەڭ، ماۋۇ يات ئوغلۇڭ ئالدىدا خىجىل بولمىدىڭمۇ؟ سەن ئۆز ۋاقتىدا مېنى ئۇتتۇرۇپ پۇشايمان يىمىدىڭمۇ؟ ئېيتە!› بۇ مومامنىڭ ئاۋازى ئىدى. ‹- گۈلسۈمخان، مەن تاشلىغان، تاشلىغان، بىراق شۇ ھەۋەس، ھەۋەس.›- دەيتتى بوۋام بوغۇق بوغۇق ئاۋازدا.- مەن مۇشۇ كەمگىچە قىزىڭ ئالدىدا بىرەر قېتىم داداڭ ئەسلى مېنى ئۇتتۇرۋەتكەن دەپ باقمىدىم، بىرەر قېتىم دادام- ئانام مۇشۇنىڭ قەرزىنى تاپشۇرۇپ بولۇپلا ئۇ دۇنياغا كەتتى ئۇلارنىڭ قان – قەرزى بار دەپ باقمىدىم. مەن يەنە سېنىڭ ئاشۇ پەسكەشلىكلىرىنى ئېغىزىمغا ئېلىپ باقمىدىم، سەن بىلەمسەن، قىزىڭ تۇنجى تىلى چىقىپ ‹ دادا› دېگەندە قانچىلىك ئازابلانغانلىقىمنى، بىلەمسەن، قىزىمىز ئۈچۈن مەن ھەممە ھەممىگە بەرداشلىق بەرگەن، ئۇتتۇرۇلغانغا سەن تەن بەرگەن بىلەن مەن تەن بەرمەي سېنى يەنىلا ھالال تەككەن يولدۇشۇم دەپ يۈرگەن ئىدىم› - مومام جانسىز ئاۋازلىرى بىلەن يىغلىماقتا. يۈرىكىم تەۋرەنمەكتە. مەنمۇ دەرىزە تېشىدىن ئۈنسىز ياش تۆكمەكتىمەن.‹ ئاڭلا، داۋۇت، مەن ھەممە ھەممىگە بەرداشلىق بەردىم. قىزىڭنى ئايا، كىيئوغلۇڭنى ئايا، مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ياشالمىغان مەھەللىدە باللىرىڭنىڭمۇ يۈزىنى كۆتۈرگىسىز قىلىۋەتمە. يۇرتلىرىدىن يىراق – يىراق كەتكۈزمە، سەندىن ئۆتۈنەي، قېرىغاندا بولسىمۇ، ياخشى نام ئاتاق بىلەن كەت، تۆت ئادەم جىنازاڭنى كۆتۈرۈپ ئاۋۇ ئىككى مېتىر يەرگە ئاپىرىپ قويىدىغانغىمۇ يارا›
    - گۈلسۈمخان، قانداق قىلىمەن، كۆنۈپ قاپتىمەن. مېنىڭ مۇشۇ بىر قىزىمدىن باشقا نېمەم بار، ئۇ كەلسەم قوچىقىنى ئاچتى، بىلىمەن سەن ماڭا ئۆچ بىراق، مەن مۇشۇ قېرىغاندا نەگە بارىمەن.›\
    - ‹شۇنى بىلەمسەن، داۋۇت، مەن بۇرۇنراق ئۆلگەن بولسام، سەن يەنە مۇشۇ ئۆيگە كېلىپ مۇشۇنداق سورۇقچىلىق قىلامتىڭ؟ قىزىڭ سېنى بىزنى تاشلىۋەتكەن دېمەي باغرىغا باستى، شۇنداق بولغاندىن كېيىن بۇ قىمار دېگەن نەرسىدىن ۋا زكەچسەڭ بولمامدۇ؟. 
    - مەندە ئامال يوق، بۇ بىر ھەۋەس، مېنىڭ قېنىم بىلەن كىرگەن ئىكەن، شۇ گۆرگە كىرگىچە بىركە كېتىدىغان ئوخشايدۇ.
    مومام ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى. ئۇڭغىچە، ئاناممۇ ئاۋۇ ئۆيدىن چىقىپ مېنىڭ مۇزلاپ كەتكەن بىلەكلىرىمدىن چىڭڭىدە ئۆزىگە تاتتى. مەن ئانامنىڭ باغرىغا چۆكتۈم، ئۇ غال غال تىترەپ يىغلىماقتا، ئۇنىڭ تامچىلاۋاتقان ياشلىرى يۈرۈكۈمگە ئاققاندەك كۆزلىرىم ياشقا تولماقتا. ئانامنى چىڭڭىدە قۇچاقلىدىم، ئۇنىڭ بەدەنلىرىدىن تاراۋاتقان سۈت ھېدىنى ھىدلىدىم. ئۇنى چوڭ بولغاندىن تارتىپ ئوقۇشقا ماڭغىچە بولغان ئارىلىقلاردا مانا مۇشۇنداق قۇچاقلىۋالاتتىم. ئانامنىڭ قولىنى تارتىپ ئۆيگە ئەكىرىپ ئولتۇرغۇزدۇم، ئۇنىڭ بۇقۇلدىغان يىغا ئاۋازى توختاي دېمەيتتى. مەن ئۇنى قانداق بەزلەشنى بىلمىدىم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بوۋامنىڭ بىزدىن ئايرىلىشى بولغان پەيىتلەردە بوۋامغا بارغانسېرى قورقۇش ئىچىدە يىقىنلىشىپ خېلىلا ئىچەكىشىپ قالغانلىق سەۋەبىمدىنمۇ، ھازىر مەن پەرىشتە سۈپەت كۆرىدىغان مومامنىڭ بۇ نىدالىرى ئالدىدا تولىمۇ قايمۇقماقتىمەن. ئالدىمدىكى جوزىغا قاراپ سۈكۈتتە قانچىلىك ئولتۇرغۇنۇمنى، ئانامنىڭ مۈرەمگە ئۇرۇپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىشى بىلەن ناماز ۋاقتىنىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدىم. ئەتتىگەندە توۋلىغان ئەزان ئاۋازى، ناھايىتى سۈزۈك. بوۋاملار بار ئۆينىڭ ئىشكى ئېچىلىپ بوۋام شىپىرلىغىنىچە چىقىپ كەتكەنلىك شەپىسى، ئاندىن دادامنىڭ تاماكىدىن يۆتەلگەن ئۇزۇن يۆتىلى، موماننىڭ جۆگۈنگە تۇربىدىن سۇ چۈشۈرگەن ئاۋازى پۈتۈن خىياللىرىمغا مەركەزلىشىپ، ھەربىر ئىش ھەرىكەتلەرنى كۆزىتىشكە قادىر تەپەككۇرۇم مېنى ھېچنەسە ئويلاشقا قويمايتتى. مەنمۇ ئاستا ئورنۇمدىن قوپۇپ تېشىغا چىقتىم. تېشى تېخىچە ئۆز قاراڭغۇلىقىغا جۆر بولغان ئاياغ تېۋىشلارنىڭ گۇرۇڭلىغان ئاۋازلارنىڭ ئىلكىدە، تولىمۇ خاتىرجەمسىز تۇيۇلاتتى. مەنمۇ دادامنىڭ ھويلىدا ماڭا قاراپ قويۇشى بىلەن ئانام تەڭشەپ بەرگەن چۆگىندىكى سۇنى كۆتۈرگىنىمچە باغ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتىم. باغ تەرەپكە چىقىشىم بىلەن شىلدىرلاپ ئاققان سۇ ئاۋازىدىن باشقا باغ تەرەپكە ياندۇرغان چىراقنىڭ سۇز نۇرىدا يالىت – يۇلىت قىلىپ تۇراتتى.
    ناشتىنىمۇ شۇنداق بىر جىمجىتلىقتا قىلىپ بۇلۇپ ئاخشام سالمىغان كىيىملىرىمنى سومكىغا سېلىپ مېڭىشنىڭ تەييارلىقىغا چۈشتىم. ماشىنا سائەت 7 دە قوزغىلاتتى. شۇنداق قىلىپ دەرۋازا ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ چىققان مومام، بوۋام ، ئانام ۋە دادام ھەممىسى مېنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ دولامغا ئۇرۇپ قويدى. مەن ماڭدىم، خۇددى ئاخشامدىن تارتىپ مېنىڭ يۈكىم ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك ماڭدىم. تۇرۇپ مومامغا قايتا ئېسىلىۋالغۇم كەلدى، ئۇنىڭ ئاپپاق ياغلىقلىرىغا كۆزلىرىنى باسقانلىقىنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئۈنسىز سالدى.
    شۇنداق قىلىپ مەكتەپكىمۇ كەۋالدىم. كۈندە ئۆيدىن ئەھۋال سوراپ تۇردۇم. ھەممىسى شۇنداق بۇرۇنقىدەكلا، بىراق مېنىڭ تېلفوننى ھەر قېتىم ئۇرغاندىكى تەشۋىشىم ئۆزەمگە ئايان.
    تەتىل ۋاقتىممۇ توشتى. بۇ ئارىلىقتا مومام تولا چۈشۈمگە كىرىپ مېنى ئارامىمدا قويمىدى. ھەر تېلفون ئۇرۇپ مومامنى چاقىرىپ قويۇڭە ئاۋازىنى ئاڭلاي دىسەم ئانام، بالام ئۇ نامازدا، بالام ئۇ پالانى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە كەتتى، ئۇ ئۇخلاپ قالدى دىگەندەك جاۋابلارغا ئېرىشتىم. شۇنداق بولسىمۇ كۈندە ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرغان ئانام ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئەنسىرەشلىرىمگە داۋا بولدى.
    بۈگۈن ئاجايىپ بىرخىل سىغىنىشتا ئون سائەتلىك يولنى بېسىپ، مەھەللەمنىڭ توپىلىق كوچىلىرىدا چامادىنىمنى سۆرىگىنىمچە كېتىپ بارىمەن. ئايىغىم ئاستىدىكى توپىلار پۇرقىرغىنىچە ماڭا سالام قىلىدۇ. يول بويىدىكى دەرەخلەر شامالنىڭ لەرزان مۇزىكىلىرىدا ئۇسسۇل ئويناپ مېنى تەبرىكلەۋاتىدۇ. غۇر – غۇر ئۇرۇلغان شاماللار ماڭا ئانامنىڭ، مومامنىڭ ھىدلىرىنى ئەكىلىپ تېزراق قەدەم ئال ئۇلار ئالدىڭدا دەپ ھارغىن قەدەملىرىمنى ئىتتىكلەشتۈرىدۇ. دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ ئەتراپقا قارىدىم. بىزنىڭ قورۇ شۇنداق جىمجىت. دەرۋازىنىڭ قوش قانتىنى ئۇلۇغ ئاچتىم. بۇرنۇمغا ئۇرۇلغان ماينىڭ پۇرىقى ماڭا كىچىك ۋاقتىمدا يىگەن ساڭزا – بۇغۇرزاقلارنى ئەسلەتتى. دەرۋازىنىڭ ئېچىلغىنىنى كۆرگەن ئانام، بېشىدا ئاپپاق ياغلىق، دادام يان تەرەپتىكى كارۋاتتا ئولتۇرغان ئىكەن. ئانام مېنى كۆرۈش بىلەن ئۆزىنى ماڭا ئېتىپ يىغلاپ كەتتى.
    - موماڭ، ساڭا ئامراق ئىدى بالام، بىر تال نەۋرەم كۆز قارچۇغۇم دەيتتى ھەجەپ، كۆز يۇمغىچە سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاتاپ، بەرمىدى بىزگە پۇرسەت- ئانام، ئانام، مانا ئامراق نەۋرەڭ كەلدى- ئانامنىڭ قوشاق ئېتىپ يىغلاشلىرىغا قاراپ خۇدۇمنى يوقاتتىم. قانداقتۇر بىر مۇدھىشلىق مېنى باستى. قانداقتۇر بىر خىيال مېنى چۆچىتتى. قانداقتۇر بىر يوقىتىش مېنىڭ بۇرنۇمنى ئېچىشتۇرۇپ بۇ رېئاللىق دەپ توۋلىدى. ئاۋازىمنى قويۋىتىپ يىغلاۋاتىمەن. مېنى بەزلەپ قانچىلىغان قوللار سوزۇلدى. قانچىلىغان مۈرىلەر مېنى ئۆزىگە تارتتى. بىلمەيمەن. شۇنداق ئادەم بىر كۈنلەردە كېلىدىغان مۇشۇنداق بىر يوقىتىش ئالدىدا گاڭگىرايدىكەن. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ماڭ ئېيتىلمىغان بۇ كېتىش، بۈگۈن راستنىنلا ماڭا ئېغىر كەلدى. پۇشايمان ياشلىرىم يۈزلىرىمدە ئوينىدى. ئاشۇ جان تالىشىپ مېنى چاقىرغاندا موما، مەن كۈلۈپ ئۆزەمنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۈرگەندۈرمەنمۇ، قايسى بىر ناخشىغا جور بولۇپ يۈرگەندىمەنمۇ؟ قايسى بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە مۇزىكىغا سىڭايان دەسسەپ يۈرگەندىمەنمۇ، ئانام زار – زار يىغلاۋاتقاندا مەن نېمە قىلىۋاتقان بولغۇيدۇم. ئانامنىڭ كۆڭلىگە مەلھەم بولغۇدەك سوئال سورىماي، سېنى سوراپ ئانامنىڭ روھىنى تېخىمۇ قاغجىراتقان بولغۇيدۇممۇ؟ ياتقان يېرىڭىز جەننەتتە بولسۇن موما. ئەلەملىك پۇشايمانلىرىم مېنى قويارغا جاي يوقتەك دەلدەڭشىتمەكتە. مومام ياتقان ئۆيگە كىرىدىم. ئۇنىڭ ھىدلىرى سىڭىپ كەتكەن ئۆي ماڭا مومامنى يەنە ئەسلەتتى. ئۇنى باغرىمغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم باسقىنىم بولۇپ قالىدىغانلىقىنى شۇ چاغ ھىز قىلغاندۇرمەنمۇ؟ مومام مەندىن ئايرىلىشقا مېنىڭ يۈزىنى كۆرەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرەپ ياش تۆككەنمىدۇ؟ ئاھ پۇشايمان، ئا كېچىكىش.
    - مەن نەچچە كۈنگىچە ئانامغا، دادامغا تاپا قىلىپ ئۆتتۈم. شۇڭغىچە پەيدا بولمىغان بوۋامدىن زارلىنىش ئىچىدە ئۆتتۈم. ئانامدىن تولا سوراپ جاۋاب ئالالماي، دادامغا يېلىنىپ سوئال سورىيالماي يۈردۈم. مانا مومامغا 4 ئاي بوپتۇ. بۈگۈن مەن تۇپراق بېشىغا چىقتىم. مومامنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرۇپ ياش تۆكتىم. ئۇنى قانچىلىك سىغىنغانلىقىم ھەققىدە شىۋىرلىدىم. ئاللا ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلىشىنى تىلىدىم. شۇنداق تىلەكلەر ئوتتۇرىسىدا بوۋامنى سىغىندىم. ئانامدىن دادامدىن ئۇنىڭ جاۋابلىرىنى ئالالمىغانلىقىم ئۈچۈن مەھەللە دوخمۇشىغا تۇنجى بولۇپ باردىم. دوخمۇشتا داۋاملىق ئولتۇرىدىغان ماخمۇت كۆرۈنمەيتتى. كىملەردىدۇر توپا باسقان ئورۇندۇقتا سۇنايلىنىپ ئولتۇراتتى. مەن ئۇلارغا سالام قىلىپ قۇيۇپ دۇكان ئىچىگە كىردىم. دۇكاندا سەمەت يوق بولۇپ ئۇنىڭ سىڭلىسى ماڭا تىكىلگىنىچە ئېرىنچەكلىك بىلەن سالام قىلدى.
    - ئاكىڭىز يوقما!
    - يوق، ئۇنى تۇتۇپ كەتتى.
    - ھە، تۇتۇپ كەتتى- ئەجەبلىنىپ سورىدىم قايتا ئۇ قىزدىن.
    - سىلەر بەك يۈسسىز ئىكەنسىلەر توۋا، بىلمىدىڭىزمۇ؟ بوۋىڭىز تۇتۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاشۇ سەمەت دادامنى بۇ ئۆرەككە ئىتتىرگەن دەپ ئانىڭىز ئەرزى قىلىپ ئاكامنى تۇتقۇزۇۋەتتى. قانداق، سىز ناماقۇل بولغىلى كەلگەنما!- 
    - ھە، نېمە دەيسىز، مېنىڭ بوۋام، قالايمىقان سۆزلىمەڭ، ئاكىز بىلەن بوۋامنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى؟- دېدىم تەشۋىشلىك كۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا تىكىپ، كاللامدا پەيدا بولغان ئۆتكەنكى ئىش مېنى چۆچىتتى.
    - ۋۇي، قىمارخورنىڭ نەۋرىسى، ئاناڭ بىلەن بىرىكىپ ئەمدى نېمە قىلاي دىيىشىسەن، ھېلىمۇ سىلەرنى ئەرزى قىلمىدۇق. چىقە ماۋۇ دۇكاندىن- دېگىنىچە قاياقتىندۇر يېتىپ كەلگەن، سەمەتنىڭ ئاپىسى ئايتۇرەم ماڭا دىۋەيلىدى.
    نېمە بولغىنىنى كاللامدا شۇنداقلا پەرەز قىلدىمدە، ئەلەمدە ئانا – بالىغا قاراپ قۇيۇپ ئوقتەك چىقىپ كەتتىم. ئۆيگە قانداق كىرگىنىمنى يوللارنى قانداق باسقىنىمنى بىلمەيمەن. شۇنداق كىرىپ ماڭا قاراپ ئۇھسىنغان ئانامنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا چەكچەيدىم.
    - ئانا، ئېيتىڭە، بوۋام يەنە ئويناپ تۇتۇلۇپ قالدى، شۇنداقمۇ، زادى نېمىشقا ئۇ قول ئۈزمەيدۇ. زادى نېمىشقا- دېدىم ئانامنىڭ قولىنى چىڭڭىدە تۇتۇپ. ئانام ماڭا ئېسىلىپ قايتىدىن قوشاق قېتىپ يىغلاپ كەتتى. يۈرۈكۈمدە ياش تۆكمەكتە. بىر ۋاقىت ئۆتكەندە ئانام يىغىدىن توختاپ، ماڭا ئاستا – ئاستا سۆزلەشكە باشلىدى.
    - ئوغلۇم، بوۋاڭ شۇنداق ئادەمكەن، سەن ئەقلىڭنى بىلىپ بوۋاڭنى تاپماقچى بولۇپ سورىغىنىڭدا مەن سېنى ئۇرغان، قولۇمغا قاراپ بىر تال ئوغلۇمنى ئۇرغىنىمغا قولۇمغا كۆيدۈرگە چىقسىكەن دەپ تىلىگەن ئىدىم. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا بىر يەرلىرىمدىن ئانامنىڭ ئاچچىق كەشمىشلىرىگە سىڭىپ كەتكەن ئاشۇ بالىلىقىمدىكى يۈز كۆتۈرمەي ياشىغانلىقىم يادىمغا كەلسە مەندە ئاشۇ ئادەمنى بالىسى بولۇپ قالغىچە ئۆلۈپ قالسامچۇ دەيتتىم. ئەمما مېنىڭ بىردىن بىر ئۈمىد چىرىغىم سانىلىدىغان موماڭ ئىدى. ئۇ شۇنداق ماڭا ئېغىز يېرىپ بىر نەرسە دېمىگەن بىلەن. خوشنىلارنىڭ بالىلىرى مېنى تىللىغاندا «ھەي، قىمارۋازنىڭ بالىسى، سېنى ئاناڭنى داداڭ ئۇتتۇرۋەتكەن، سېنىڭ داداڭ تۈرمىلەردە ياتقان مەينەت ئادەم» دېسە يىغلاپ كېتەتتىم. بىراق ئانامدىن مۇشۇ كەمگىچە شۇنداقمۇ دەپ سوئال سورىيالمىغان ئىدىم. چۈنكى ئانام ئەمەس، ئانامنىڭ يېقىن دوستى بىر كۈنى ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتسام بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ دادامنىڭ بىزنى ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن تۈرمىگە كىرىپ ياتقانلىقىنى يەنە چىقىپ يەنە كىرىپ يۈرگەنلىكىنى، بىزنى ئۇتتۇرۋەتكەندە، بوۋام مومام بىزنى 15 كۈندە قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، قان يىغلاپ ئۆيدىكى بارلىق نەرىسلەرنى تۆلەپ قەرز ئېلىپ بىزنى قايتۇرۇپ كېلىپ ئەتىسى ئارقا – ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى، ئانامنىڭ تېخى يېقىندىلا قەرىزلەرنى تۆلەپ بولغانلىقىنى، شۇڭا ھەرگىز يىغلاپ دادام ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىقىمىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. مەن دەسلەپ ئىشەنمىگەن، كېيىن ئانامنىڭ 40 ياشنىڭ ئۆپچىرىسىنى ئالماي، ئاقارغان چاچلىرىنى، ئىگىلگەن بەللىرىگە قاراپ، كۆزلىرىدە ساقىپ قالىدىغان ياشلىرىغا قاراپ ئىشەنگەن، مەھەللىدە ھىچكىمگە ئارىلاشماي يۈرىشىگە قاراپ يىغلىغان ئىدىم. كېيىنچە كۆنۈپ قالدىم. توۋا ئەسكى بولسىمۇ دادا مېھرى ئاجايىپ بولىدىكەن. شۇنداق مەنمۇ توي قىلىپ داداڭ بىلەن تۈرمىگە دادامنى يوقلاپ بارغان، ئۇنىڭ ئالقىنىغا ئىسسىق ياشلىرىمنى تۆككەن ئىدىم. كېيىن بوۋاڭ چىققاندىن كېيىن سەن تېپىشنى قارار قىلغان مەزگىللەر ئىدى. ئۇ ئۆيۈمگە كەلگەندە مەن قارشى ئالدىم. قىلچە ئانامنىڭ كۆڭلىنى دېمەپتىمەن. بالام. ئۇ مەيلى، داداڭ ئەمەسمۇ؟ دەپ ياش تۆككىنىدە بىلمەپتىمەن. شۇنچىلىك بېقىپ مېنى قاتارغا قوشۇپ ئەمدى بىر خاتىرجەم بولغاندا تاپقان دادامدىن روھىي ئوزۇق ئىزدەپ يۈرۈپتىمەن. ھازىر ئويلىسام بەك پۇشايمان يەيمەن. ئانامغا يۈز كېلەلمەيمەن. – ئانام بۇقۇلداپ يىغلىماقتا. مەن ئولتۇرۇپتىمەن، مەڭزىمنى ياش يۇيماقتا.
    - ئوغلۇم، شۇنداق قالغان ئىشلار شۇنداق ماڭغان، ئاشۇ كۈنى دادامنى قوغلاپ كىرگەنگىچە دادامنىڭ كوچىلاردا بۇرۇنقى سەنىنىمىگە دەسسەپ يۈرگەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم. بىراق دادا ئەمەسمۇ ئوغلۇم. مەن بىلمەسكە سالغان، ئانامنىڭ ئەلەملىك كۆزلىرىگە خىتابىم ئارقىلىقلا جاۋاب ئىزدىگەن ئىدىم. مانا شۇنداق موماڭ تۈگەشتىن بىر كۈن بۇرۇن بوۋاڭ سايىماخۇننىڭ بېغىدا قىمار ئويناپ ئولتۇرۇپ، ساقچى ماشىنىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەممسى قېچىپتۇ، بوۋاڭدىن باشقىلار ياش بولغاچقا تامدىن ئارتىلىپ چۈشۈپ قېچىپ كېتىپتۇ. بىراق بوۋاڭ 70 ياشقا كىرگەندە قانداقمۇ تامدىن ئارتىلالىسۇن، شۇنداق ئارتىلاي دەپ تامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئارتىلالماي ئاقرىسىغا يىقىلىپ ئىشتانلىرى يىرتىلىپتۇ، شۇنداق ھالەتتە يېقىلغان يېرىدىن ساقچىلار قولىغا كويزا ساپتۇ. بۇ خەۋەر بىزگە كەلگەندە، مەن ھويلىدا ئىدىم. موماڭ ئىشىك تۈۋىدە ئىدى. ئۇ ئاڭلاپلا ئارقىسىغا يىقىلدى مەن يە ئانام يە دادام دەپ يىغلىشىمنى بىلمىدىم ئوغلۇم، ئانامنى يۆلەشتۈرۈپ، ئۆيگە ئەكىردۇق. ماشىنا چارقىرىپ دوختۇرغىمۇ ئاپاردۇق. ئۇ ئەتىسى تاڭ سەھەردە ھوشىغا كېلىپ سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىردى. قايتا قايتا ئاندىن جان ئۈزدى. مەن قايسىسىغا يىغلايمەن بالام. يۆلەنچۈكۈم يوق، زار – زار يىغلىدىم. يەتتىسىنى بەردۇق. ئەتىسى داداڭ بىلەن ساقچىخانىغا بېرىپ بوۋاڭنى كۆرگىمىز بارلىقىنى ئېيتتۇق. ياق، ئۇنىمىدى. شۇنداق بولسىمۇ يالۋۇردۇق. چۈنكى ئۇنىڭ قېنى مېنىڭ تومۇرۇمدا بار ئىدى بالام. نەپرەتلەنسەممۇ ئۇ مېنى بۇ دۇنياغا ئاپىردە قىلغان ئىكەن. شۇنداق كۈنلەردە سەن تولا تېلفون قىلدىڭ. مەن سۈكۈت قىلدىم. ساڭا دىيىشنى راۋا كۆرمىدىم. چۈنكى موماڭ تۈگەشتىن نەچچە كۈن ئىلگىرى ‹ئەگەر ئۆيدە بىر ئىش بولسا، ھەرگىز نەۋرەمگە دېمەڭلار. ئۇ ياخشى ئوقۇپ يۈزىمىزنى يۇرۇق قىلسۇن› دەيتتى. شۇ ۋەجىدىن ساڭا ئېيتمىدۇق. بىراق مەن چىدىمىدىم ئوغلۇم. قايسىسىغا يىغلايمەن. مۇشۇنداق شور پىشانە بولۇپ بىر ئۆمرۈمدە باشقىلارغا تىكىلىپ قاراش پۇرسىتى بەرمىگەن دادامغىمۇ، ياكى مېنى ۋاقىتسىز تاشلاپ كەتكەن ئانامغىمۇ.-ئۆزەمنى تۇتالمىدىم، يىغلاۋاتىمەن. يۈگۈرۈپ چىقىپ بوۋامنى ئىزدەپ تېپىپ ئەڭ مېھرىبان نەرسەمدىن ئايرىدىڭ دەپ ياقىسىنى سىققۇم، خەپ دەپ ئۆزەمنى تىللىغۇم كەلدى. بىراق مەن ھېچقانداق قىلالمىدىم. چۈنكى مەن ئانامنىڭ بالىسى ئىدىم. ئۇنىڭ ئالەمچە مېھرىگە تەشنا قەلبىدە دادىسىغا لەنەت ئوقۇيالمايتىتىم. شۇنداق مەنمۇ قىمارۋازنىڭ نەۋرىسى ئىدىم.
    كۈنلىرىم مومامنى ياد ئېتىش، ئۇنىڭ تۇتقان ھەربىر نەرسىلىرىگە ئېزىلىپ قاراش بىلەن ئۆتتتى. بۈگۈن ئادەتتىكىدەك مومامنىڭ تۇپراق بېىشغا چىقىپ ئۈنسىز قىرائەت قىلدىم. قاقشىدىم، يىغلىدىم. پۇشايمان قىلدىم. كەتكەنلەرنىڭ ئارقىسىدىن كەتكىلى بولمىغاندەك مەنمۇ قورساق ئاچسا يەپ يۈرىۋەردىم دەپ ئازاب چەكتىم. ئۇزۇن ئۇلتۇرۇپ بىزنىڭ ئۆي بار كوچىغا كەلدىم. كوچا ئاجايىپ بىر خىل مۇڭدا ماڭا باقماقتا. قاياقتىندۇر يىغا ئاۋازى، يۈرىكىم ئاقتى. كۆزلىرىم بىزنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغان ئادەملەرگە باقتى. يۈگۈرۈپ دېگۈدەك سالاممۇ قىلماستىن ئاجايىپ بىرخىل تەشۋىشتە دەرۋازىدىن كىرىدىم. دادام كېلىپ ماڭا ئېسىلدى .‹بوۋاڭ كەتتى ئوغلۇم، ئۇ دۇنيادا نېمە كۆردى ئوغلۇم›، قۇلاقلىرىم مېنى ئاڭلىماسلىققا چاقىرغان ئاشۇ سۆز تەكرارلانماقتا. كىمدۇر بىرى مېنى يېتىلەپ ئۆيگە ئەكىردى. ئانام ماڭا ئېسىلىپ يىغلىماقتا. مېنىڭ كۆزلىرىم يۇمۇلماقتا. كىملەردۇر مېنى باغرى تاش دەپ تىللىماقتا. ئۇھ دېدىم. ئىچىمدىن ئاجايىپ بىر شاۋقۇنلۇق ئۇھ چىقىپ كەتتى.
    ھويلىغا كىمدۇر باشلىدى. بېلىمىزگە ئاپپاق نەرسىلەر چېگىلدى. باشلىرىمغا دوپپا كىيدۈرۈلدى. ئۆزەمنى بىلمەيمەن. مېنىڭ بارلىق نېرۋىلىرىم ئۆلگەندەكلا، نېمە دەپ ئېغىز ئېچىشنى، قانداقلارچە ئەتراپىمدا يۈرگەن ئادەملەرگە قاراشنى بىلمەيمەن. جىنازا ھويلىغا كرىشى بىلەن مەن سەگىگەندەك بولدۇم. ئېسىمنى ئاستا – ئاستا ئەسلىگە كەلدى. بۇغۇلۇپ قالغان ياشلىرىم تۆكىلدى.‹ۋاي بوۋا، ۋاي بوۋا، ساڭا قانماي كەتتىڭمۇ تازا، مەن سېنى بوۋام دەپ ئېسىلالمىدىم. بوۋام دەپ تېخى قانالمىغان ئىدىمغۇ› ئاۋازىم كۆكىرەپ چىقماقتا. توۋا ئادەم دېگەن شۇنداقمۇ ئاقكۆڭۈل كېلىدىكەن. مەندە نەچچە ۋاقىتتىن بېرىقى پۇشايمان بوۋامغا ئۆچلۈكۈم يوقۇلۇپ جىنازىنى ھېچكىمگە بەرمەي ھويلىدىن ئەچىقتىم. تاكى ئەتتىگەندە كەلگەن تۇپراق بېشىغا ھايالمايلا چىقتىم. ئادەملەر يۈگرىشمەكتە. مومامنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈلمىگەن ئىدىم. بوۋامنىڭكىنى ھىچكىمگە بەرمىدىم. مومامغا پۇشايمان قىلىپ يىغلاپ يۈرگەن ئىدىم. بوۋامنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ كۆرەلمىدىم. خۇددى تاشلاپ كېتىشكە بىراقلا دىيىشكەندەك ئۇلار كەتتى. ئۇلار مېنىڭ قەلبىمدە ئەمدى ئېرىشىشكە تېگىشلىك تۇنۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ كەتتى. شۇنداق ياخشى دەپ نام ئالغانلارمۇ، يامان دەپ ئىز قالدۇرغانلارمۇ يەنىلا ئاشۇ ئىككى مېتىر يەرگە كەتتى. بوۋامدىن نەپرەتلەنگەن بولساممۇ، ئۇ كەتكەندە ياش تۆكتىم، ئۇنى باغرىمغا بېسىپ ساقىلىنى سىلىيالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇندۇم. ئۇنىڭغا يەتتە كەتمەن توپا تۆكتىم. تاكى ماڭغىچە مومام بىلەن يانداش قۇيۇلغان ئاشۇ توپىسى قۇرۇمىغان بوۋامغا جەننەت ئاتا قىلىشىنى تىلىدىم. ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ، كۆڭلىگە ئىساب بېرىشىنى تىلىدىم. بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئانامنى قۇچاقلاپ ئۇلتۇرۇپ ئۇنىڭ پۇشايمان ئىچىدە قالغان كۆڭلىگە تەسەللى بېرەلمىدىم. ئۇنى پەقەت ئۆزىنى ئاسىرشى ھەققىدە تاپىلىيالىدىم. شۇنداق مەنمۇ مانا قىرانلىق ۋاقتىمغا يەتتىم. بىراق بوۋامنىڭ ئىزىنى بويلاپ يۈرمەي دادامدەك قەد كۆتۈرۈپ يۈردۈم. نامىمغا قېتىلىپ كەلگەن قىمارۋاز دېگەن لەقەمدىن يات شەھەردە قالدىم. ھازىر مېنى ھېچكىم قىمارۋازنىڭ نەۋرىسى. ئوغلۇمنى ھەرگىز قىمارۋازنىڭ ئەۋرىسى دېمەيدۇ. چۈنكى توپا چۈشتى نام بىلەن ئاتاق كەتتى. بىراق كۆڭۈللەرگە ئىز سالغان شۇ ھېكايىلەر قالدى. مەن ئوغلۇمغا ئېتىپ بەرمىدىم. مەن قىزىمغا ئاناڭنىڭ ئانىسى، دادىسى ناھايىتى ئۇلۇغ ئادەملەر دىيەلىدىملا خالاس.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY