باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-21 00:22 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئاق شارپا

ئاق شارپا


ئاينۇر دولقۇن


    كۆزلىرىم ئۆكسىسىمۇ كۈلكەمنى جاراڭلىتىپ ئۇنىڭ بىلەن ياندىشىپ كىتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ سۆيگەن قىزى ئۈچۈن سوۋغا تاللىشىپ بىرىش ئۈچۈن كىتىۋاتىمەن. ساراڭ قىز، ئۇ ساڭا ئەمەس، ئۆزى كىچە-كۈندۈز ئويلاپ يۈرگەن، يۈرىكى ئىشقىدا چوغلانغان، شىرىن ئۇيقۇلىرىنى تەرك ئەتكۈزگەن بىر قىز ئۈچۈن سوۋغا تاللىماقچى بولىۋاتىدۇ. سەن ئۇنىڭغا ئۆزەڭنىڭ بىلىش دائىرىسىدە ئەڭ ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرىۋاتىسەن، بىراق ئۇنىڭ ھەر بىر سوۋغا بويۇمىنى قولغا ئالغاندا ئۇ توغۇرلۇق سۆزلەشلىرى يۈرىكىڭنى ئوت ئۈستىدىكى قىلدەك كۆيدۈرۈپ ماڭىدۇ. يېغا ياماشقان قارچۇقلىرىڭنى رەڭگارەڭ بويۇملارغا تىكىپ دىل سىرلىرىڭنى ئۇنىڭ كۆزىدىن مەھرۇم قىلىشنى ئىستەيسەن. ياق، ئۇ سىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان دىل قارارىڭنى بىلسە بولمايدۇ، سەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك يۈرۈشۈڭ كىرەك!!!

    قىز بالا بولماقنىڭمۇ مۇشۇنداق تەس يەرلىرى باركەن گاھىدا. سەنمۇ ئوخشاشلا ئادەم، يۈرىكىڭدە سۆيگۈ ۋولقانىنىڭ ئورۇن ئىلىشى مۇقەررەر بولسىمۇ،لىكىن سەن ئىزھارلارغا يىراق ئىكەنسەن. بىرىنى سۆيۈش نومۇس قىلغۇدەك ئىش بولمىسىمۇ، يەنە ۋۇجۇدۇڭنىڭ قات-قىتىدىن ئۆرتىگەن نومۇس كۈچى سىنى توسۇپ قويىدىكەن، مۇھەببىتىڭنى يۈرىكىڭنىڭ قات-قىتىگە يوشۇرۇپ، ياپراقتەك تىتىرەپ تۇرغان ئاجىز ۋۇجۇدۇڭنى ئاجايىپ كۈچ ئىلىكىدە بەردەم تۇتىدىكەنسەن. ئىھتىمال، بۇمۇ ئىپادىلىگۈسىز گۈزەللىكتۇر. 

    بارى بىلەن تۇرمۇش ۋە مۇھەببەت توغۇرلۇق بەس مۇنازىرىلەردە بولساقمۇ، بىراق ئۆزىمىزنىڭ يۈرەك سىرلىرىمىز توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقماپتىكەنمىز. ئۇ بىر قىزنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى ئىيتىتى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن تەمتىرىگىنىمنى بىلدۈرۈپ قويماسلىقىم كىرەك ئىدى. بۇنىڭغا قانچىلىك غەيرەت كىرەك-ھە! بۇنى پەقەت سۆيگۈ ئەھلىلا بىلەلەيدۇ... رەستىلەرنى قىزغىن پاراڭلار ئىلكىدە ئايلىنىۋاتىمىز. مەن ئۇ قىزنىڭ خاراكتىرىنى، نىمىلەرنى ياقتۇرىدىغىنىنى سوراپ ماڭىمەن، چاقچاق ئارلاشتۇرۇپ ئۇنىڭغا قىزنى دەررۇ چاپلاپ قويىمەن، ئاندىن چاندۇرماي ئۇ تەرەپتىكى رەستىلەرگە بىر نىگاھ تاشلاپ قويغان بولۇپ ئۇنىڭ چىرايىغا، ئىنكاسىغا دىققەت قىلىمەن. بىر نىگاھتا نېمىنى بىلگىلى بولىدۇ، دەپ سورىغانلار چوقۇم يۈرىكىدە ئىشىق ئوتى يىنىپ باقمىغانلار. ئەنە شۇ بىر نىگاھ يۈرەكلەرنى ئايرىلماس قىلىپ بىر ئۆمۈرلۈك تەلپۈنۈشنى ئاپىرىدە قىلىشى، ئەنە شۇ بىر نىگاھ تىنىچ كۆل سۈيىدەك سۈزۈك دىللارنى چايقىتىپ دولقۇنلارنى ياسىشى، ئەنە شۇ بىر نىگاھ ئۆزۈڭ سۆيگەن ئادىمىڭنىڭ شۇ دەمدىكى قايغۇ-شاتلىقلىرى، ئەس-ھېسلىرىنى سۈرەتكە ئىلىپ خىياللىرىڭغا تۆكۈشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ مۇھەببەتلىك نىگاھ... ئۇنىڭ ھاياجاندىكى چىرايى، كىچىك بالىلاردەك قىزىرىشى، قىزلارنىڭ زىننەت بويۇملىرى سېتىلىدىغان رەستە تۈۋىگە خىجىللىق ئىلكىدە ئاستا كىلىشلىرى، ھەر بىر قىتىم قىزنى تىلغا ئالغاندىكى تىتىرىگەن ئاۋازى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان ئۇ قىزغا نىسپەتەن ھەسەتنى قوزغايتى. ئاھ، نە ئازاپ ھە! ئۆز كۈشەندەڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىققۇ بۇ. ئۇ قىز قانداق رەڭنى ياخشى كۆرىدۇ، خاراكتىرى قانداقراق، قانداق نەرسىلەرنى سوۋغا قىلسىڭىز بەكرەك ياقتۇرىدۇ، كەسپى نېمە، چېچى ئۇزۇنمۇ... دېگەندەك سۇئاللار ئارقىلىق ئۇنىڭغا مەسلىھەت بىرىشكە ئۇرۇنىۋاتقان قىياپەتكە كىرۋىلىۋاتقان بولساممۇ، لىكىن بۇ سوئاللىرىم ئارقىلىق ئۇنىڭ قانداق قىز ئىكەنلكىنى بەكمۇ بىلگۈم بار ئىدى.

    نۇرغۇن تاللاش ۋە ئىككىلىنىشلەردىن كىيىن سوۋغىنى ئالدۇق. ئۇ قانداق ئوراش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى.

    -ئارىسىغا خەت سالارسىز ھەقىچان؟

    -ۋاي راست، ماۋۇ ئىش بار تىخى. يازاي.

    -ئورايدىغان قەغەزنى ياخشى تاللاڭ. سىرتىدىكى بەلگىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. ئورالغاندىن كىيىن تاقىلىدىغان گۈلنىڭ رەڭگىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئۇنتۇماڭ.

    -راست، بۇنداق ئىشلارمۇ بار تىخى. رەھمەت جۇمۇ سىزگە.

    -ھېچقىسى يوق، تۈزۈت قىلىش كەتمەيدۇ. 

    مەن ئۇنىڭدىن ئاستا ئايرىلدىم، ئېغىر قەدەملىرىم يۈرىكىمنى بېسىپ تىنىقلىرىم تەسلىشىپ بارغاندەك قەدەملىرىم كەينىگە، ئۇنىڭ يېنىغا داجىيتى. ياق، قارىما كۆزۈم، ئۇنچە ئاسىي ئىسيانكار بولما،ئۆتۈنەي قارىما. مانا مۇشۇنداق چاغدا كىشى ئۈچۈن ئۆزىنى يېڭىش ھەقىقەتەن تەس بولسا كىرەك. ئارىلىق بىر بىكەتلىك يول بولسىمۇ ماشىنىغا چىقىپ كەتتىم، چۈنكى ئۇنىڭدىن تىزرەك يىراقلىشىپ كىتىشىم كىرەك ئىدى. ئاھ، يۈرەك! نېمىشقا ئۆزۈڭگە تەئەللۇق بولمىغان يۈرەكنىڭ تورىغا ئېلىنىپ قالغانسەن، مانا ئەمدى جان تالىشىۋاتقاندەك تىپىرلاپ كەتكىنىڭنى قارا.

    كۈنلەر ھەر ئىككىمىزگە تولىمۇ تەسىتە ئۆتۈۋاتىدۇ. چۈنكى، ھەر ئىككىلىمىز ھېلىقى قىزنىڭ- كۈشەندەمنىڭ خېتىنى كۈتۈۋاتاتتۇق. ئۇ ئۆزى بىر قانچە رەت كۆرگەن ئۇ قىزنىڭ كويىدا »شائىر« بولۇپ كەتتى. مەنمۇ ھەم ئۇنىڭ كويىدا شائىر بولۇپ كىتىۋاتاتتىم. ئۇ يازغانلىرىنى ئالدىمغا ئېلىپ كىلەتتى-دە، كۆرۈپ بېقىشىمنى، ئۇ قىزغا قانداق تەسىر بېرىدىغىنىنى پەرەز قىلىپ بېقىشىمنى سورايتتى. مەن يەنە شۇ كۈلكىلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا بارىكاللا ئىيتاتتىم، ئۇ قىز ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىرىدىن قەلبىدە سۆيۈنۈش ھاسىل قىلاتتىم. بەزى جايلىرىنى قىز يۈرىكىنى تىتىرەتكۈدەك چىقىرىشقا ھەمكارلىشاتتىم. مەنمىغۇ شىئىرنى قاملاشتۇرۇپ يازالمايمەن، دوراپ جىجاپ باققىنىم بىلەن. ئۇنىڭ ماڭا كۆرسىتىشتىكى مەقسىتى قىزنىڭ ئىنكاسىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى بىلىش ئىدى. مەن شىئىرنى ئوقۇغاندىن كىيىنكى ھېسياتلىرىمنى زوق-شوخ بىلەن سۆزلەيتىم، ئۇنىڭ بۇ ئەسەرنى باشقا بېرىغا يازغىنىنى ئۇنتۇپ، ئۆزۈمگە يازغاندەك ھېس قىلىپ كىتەتتىم-يۇ، دەرھاللا، ئۇ قىزمۇ چوقۇم مەندەك ھاياجانلىنىدۇ، دەپ ئۆز سىرىلىرىمغا قالقان قوياتتىم. ئۇ قىزنىڭ خىتىگە قانداق جاۋاب بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتاتتى، مەنمۇ ھەم قىزنىڭ جاۋابىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتىم. ئىسيانكار، شەخسىيەتچى تۇيغۇلىرىمدا جاۋاب ئورنىغا قىزنىڭ توي باغىقى كىلىشىنى ئۈمىد قىلىپمۇ قالاتتىم. ھەي مەن نېمانچە ساراڭ ھە!

    بارى مېنىڭمۇ بىر قىز بالا ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ئىدى. ئۇنىڭ ئىڭىكىنى يۆلىگەن پېتى خىيالغا چۆكۈشلىرىنى ئويلىسام، يەنە ھېلىقى قىزغا بولغان كۈندەشلىكىم يۈرىكىمنى تىرنىلايتى، بىئارام بولاتتىم. تىخىمۇ ئەلەملىكى ئەشۇ تىرنىلاشلارنى بىلىندۈرمەي ئۇنىڭ يېنىدا ئاۋالقىدەك غەمسىز، پەرۋاسىز يۈرۈش ئىدى. ئۆزۈمنى تارتىشنى ئويلىساممۇ، يەنە شۇ سىرلىرىمنىڭ ئاشكارىلىنىپ قىلىشىدىن قورقاتتىم، مۇھىمى ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق دوستانە ئۆتۈشتىن ئايرىلىپ قىلىشنى خالىمىسام كىرەك. «باغلاپ قويسا تۇرمايدۇ، كۆڭۈل دېگەن ساراڭنى» دېگەن مىسرالار ھەجەپ توغرا ئىيتىلىپتىكەن، خەققە باغلانغان كۆڭۈللەرگە باغلىنىپ قالغىنىنى بۇ بىغۇبار كۆڭلۈمنىڭ.

    ھەجەپ قىسمەتلەركەن ھە بۇ. سىز بويىغا يېتىپ قالغان بىرەر قىزنىڭ نېمىشقىمۇ چوڭراق بولۇپ قالمىغاندىمەن دېگىنىنى ئاڭلىغانمۇ؟ مانا، مەن ھازىر شۇنداق ئويلاپ قىلىۋاتاتتىم. چۈنكى ئۇ ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا، سىزدەك ئۇششاق بالىلار بۇنى چۈشەنمەيسىلەر، كىچىك بالىدە سىز، دېگەندەك سۆزلەرنى دېىيىش ئارقىلىق مېنىڭمۇ يۈرىكىمدە مۇھەببەتنىڭ بارلىقىنى، ئويغانغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تاشلايتى. نەرىم كىچىك ھە مېنىڭ، كىلەر يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىمەنغۇ، ئۇنىڭدىن پەقەت ئۈچ ياش كىچكىقۇ؟ ئىھتىمال تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۈچ يىل جەمئىيەتتە ياشاش، سودىگەرچىلىك قىلىش، جاھان كىزىش ئۇنى پىشىپ يىتىلدۈرگەندۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە مەن بىر كىتاب خالتىسى، بەكلا ساددىدۇرمەن. شۇنداق چاغلاردا يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا پوزۇر كىيىنىپ توزدەك گۈزەل قىياپىتىنى كۆز كۆز قىلغاندەك قەددىنى تىك تۇتۇپ، سۇس كۈلۈمسىرەپ، كۆز قىرلىرىدا تاماقلارغا نەزەر تاشلاپ قويۇپ، لەۋ گېرىمىنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن ئىھتىيات قىلىپ تاماقلارنى ئېغىزىغا ئاۋايلاپ سالىدىغان نازۇك، تەكەببۇر قىزلار؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا توختىماي قىززىق گەپلەرنى قىلىپ ئۇلارنىڭ قاقاقلاپ كۈلۈشىگە تەلمۈرىۋاتقان، قىزلارنىڭ قاچىسىغا توختىماي قورۇما ۋە گۆشلەرنى سېلىۋاتقان، ھەر بىر قىلىقىنى قىزنىڭ كۆڭلىگە ياققانمىدۇ، دېگەندەك ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسىنى كۆزىتىپ ئولتۇرغان، خۇددى ئۇستا خۇشامەتچىلەردەك ئىگىلىپ كەتكەن يىگىتلەر كۆز ئالدىمغا كەلىسە راستىنلا بىئارام بولۇپ قالىمەن. مانا، كۆز ئالدىمدىكى بۇ بارىچۇ؟ قىزنىڭ ئالدىدا ئەمەس، ئۇنى خىيال قىلسىمۇ ئۆزىگە ئوخشىمايلا قالىدۇ. بۇ قانداق جاھان ھە، بىراۋلار مەن ئۈچۈن، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ بولسا...

    ئىككى ئاي ئۆتكەندە جاۋاب كەلدى. ئۇ خۇشاللىقىدا بۇ جاۋابنى ھەممىدىن بۇرۇن ماڭا كۆرسەتتى. ئۇ ھاياجاندا پوسۇلكىنىڭ ئېغىزىنىمۇ ئاچمىغان ئىدى. 

    -ئىچىدىن نېمە چىقار دەپ ئەنسىرەپ ئاچالمايۋاتىمەن دىسە. توۋا، سىز ئىچىپ بېرىڭە!

    -مېنى كىچىك بالا دەيسىز تىخى. چوپچوڭ يىگىت تۇرۇپ بىر قىز ئەۋەتكەن پوسۇلكىنى ئاچالمىغاندىكىن سىزمۇ تايىنلىقكەنسىز. ئەكىلىڭە مەن ئاچاي.

    -بىسىمىللا دەپ ئېچىڭ.

    -ۋاي ئانام. تاماق يىگەندە يوق بىسسىمىللانى ئەمدى دەمسىز؟ توختاپ تۇرۇڭ.- مەن سىرىتقا ماڭدىم.

    -نەگە بارىسىز؟

    -تاھارەت ئىلىپ چىقاي. يەنە ھارام بولۇپ قالمىسۇن ماۋۇ پەرىشىتىڭىز ئەۋەتكەن نەرسە.

    -سىزمۇ بەك چاقچاقچىكەنسىز. بولدى ئېچىڭە.

    مۇشۇنداق چاقچاقلار بىلەن پوسۇلكىنى ئېچىشقا تەمشەلدىم. ئۇنىڭ قولى تىتىرەۋاتاتتى، بىراق، مىنىڭچۇ؟ يۈرىكىم تېتىرەۋاتقاندەك ئېغىزىمغا قاپلىشىپ قالغاندەكلا قىلاتتى. ئۇنىڭ ئىچىدىن نېمە چېقىشىنى بىلمەيمەن. بىراق ھېسلىرىم تولىمۇ مۇرەككەپ. ئۇنىڭ تەلمۈرگەن كۆزلىرىگە قاراپ تۇيۇقسىز ئىچىدىن چىققان نەرسىنىڭ ئۇنى ئۈمىتسىزلەندۈرمەسلىكىنى تىلىدىم. بوپتۇ، بۇلار مۇرادىغا يەتسۇن، قىزنىڭمۇ دىلى ئېرىگەي، ئەگەر بۇ قىز ئۇنى ياخشى كۆرمىسە ئۇ ئازابلىنىدۇ ھەم ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىشىمۇ ناتايىن. نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۇ بىر ئوتتا كۆيگەن بولسا مەن ئۈچ ئوتتا- كۈندەشلىك، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ ئازابلانغاندىكى ئىلاجىسىز ھالىتىدىن تۇغۇلغان تەڭ دەرت تارتىش ئوتىدا كۆيدۈم. شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئالىيجانابلىق ئوتتۇرىسىدا تالاي كۆرەشلەرنى قىلدىم. مانا مۇشۇ دەقىقىدە ئاجايىپ ئالىيجاناپلىق ھەممىدىن غالىپ كەلگىنىنى ھېس قىلدىم-دە، تۇيۇقسىز يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم. ئۇلار مۇرادىغا يەتسۇن. مانا مۇشۇنداق تىلەكلەر ئىچىدە پوسۇلكىنى ئاچتىم. قەھرىتان قىش سوغۇقىدا پوسۇلكىنىڭ ئىچىدىن ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئىللىتقۇچى گۈلخان، يېڭى يىللىق بىر سوۋغا-ئاپئاق شارپا تۇراتتى. بۇنىڭ مەنىسى ماڭا ئايان. بۇ شارپا قىزنىڭمۇ ئۇنىڭغا مەيلىنى بىلدۈرگىنى ئىدى. توۋا، قىنى بايىقى ئالىيجانابلىقىم؟ تۇيۇقسىز لاسسىدە بولۇپ قالدىم. ئۇ خۇشاللىقتا كۆكتە پەرۋاز قىلغان بولسا ئەكسىچە مەن قايغۇ دەرياسىغا چۆكۈپ كەتتىم. ھىچقاچان بۇنداق ھىسياتلىرىمنى چىرايىمغا چىقارمايتىمغۇ؟ بىراق بۇ قىتىم ئۇنداق بولمىدى. ئۈن-تىنسىز ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا، شارپىنى بوينىغا ئوراشلىرىغا، كىچىك يەشىكنىڭ ئىچىدىن يەنە بىرەر تال قەغەز-خەت چىقىپ قالارمىكىن دەپ ئاختۇرۇشلىرىغا قاراپ ئىچ-ئىچىمدىن يىغا ئۆرلىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ماڭا قارىغۇدەك ھەپسىلىسىمۇ يوق ئىدى. زىيادە خۇشاللىق ۋە زىيادە خاپىلىق كىشى كۆزىنى ئىتىپ قويىدۇ، دېگەنگە شۇ كۈنى تولۇق ئىشەندىم. ئۇ ھەتتا مېنىڭ چىقىپ كەتكىنىمنىمۇ تۇيمىدى. مەن شۇ چىقىپ كەتكەنچە يېنىپ كىرمەسلىكنى ئويلىغان ئىدىم. بىراق، تازلىق ئۆيىدە يۈزۈمنى مۇزدەك سۇدا يۇيۇۋەتتىم، كۆزياشلىرىم بىلەن سۇنىڭ قوشۇلۇشىدىن مەنا ئىزدىگەندەك ئۇدۇلدىكى ئەينەككە، مەڭزىم ۋە پىشانەمدىن چۈشۈۋاتقان سۇ تامچىلىرىغا قاراپ بىردەم تۇردۇم-دە، يۈزۈمنى يەنە بىر قىتىم سوغۇق سۇدا يۇيۇۋىتىپ سىنىپقا قايتىپ كىردىم. يەنە شۇ شوخ كۈلكەم بىلەن ياشلار لىغىرلاپ تۇرغان كۆزۈمنى بېزەپ قايتىپ كىردىم.

    -مۇبارەك بولسۇن بارىجان. ھەممە نېمىڭىز بار بولۇپ كىتىدىغان بولدى ئەمدى. ئىسمىڭىزنىمۇ ياخشى قويۇپتىكەن ئاتا-ئانىڭىز ، ھەممە نېمىسى تەل، بار بولسۇن دېگەنكەندە. مانا، مۇھەببەتكە ئېرىشكەندىن كىيىن ھەممە نېمىڭىز تەل بولىدۇ. ئىشىنەمسىز؟

    -ئىشىنىمەن جۇمۇ. جادۇگەر خانىش زەھەرلەپ ئۆلتۈرۋەتكەن قار مەلىكىمۇ ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشسىلا قايتىدىن ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ ئەمەسمۇ. ئۇ ئالامەت چۆچەككەن جۇمۇ. بۇ خۇشاللىقىمىز ئۈچۈن مەن سىزنى مېھمان قىلاي، يۈرۈڭ!!

    قانداقمۇ بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز بولسۇن، بۇ سېنىڭ خۇشاللىقىڭ مېنىڭ قايغۇمغۇ بارى. مەشھۇر كىشىلەر، مۇتەپپەككۇرلارمۇ خاتالىشىدىغان ئوخشايدۇ. ئۇلار «ئۆزى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنىڭ قايغۇسى قايغۇ، خۇشاللىقى خۇشاللىق بولىدۇ» دېيىشىدىكەن. بىراق، مەن ھازىر ئۇنداق بولمىدىمغۇ؟ يا مەندىكىسى ھەقىقىي مۇھەببەت ئەمەسمىدۇ يا. ئۇ شۇنداق خۇشال بولىۋاتسا، مەن شۇنچىلىك ئازابلىنىۋاتاتتىم.

    ئۈن-تىنسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. ئەمدى ئۇ توختىماي سۆزلىگەچ شارپىنى بوينىغا ئورۇۋالدى، مەن بولسام شارپىنى ئىلىپ كەلگەن كىچىك يەشىكنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدىم. باشقا چاغدا ياندىشىپ ماڭغان بولساق ئەمدىلىكتە مەندە ئۇنىڭغا يىتىشىۋالغۇدەك ماغدۇر يوقتەك شۇنچە ئىتتىك ماڭساممۇ يەنە كەينىدە قىلىۋاتاتتىم.

    -ماۋۇ يەشىكىنى ساقلاپ قويارسىز مۇقەددەس بويۇم قىلىپ. 

    -راست، راست. ئەكىلىڭ! بەك ئەقىللىق جۇمۇ سىز.

    ئەقىللىق بولغاننىڭ نېمىگە پايدىسى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بىلەن تاماق يىگۈم كەلمەي قالدى. ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق مېڭىۋىرىشكە ماغدۇرۇم يەتمەيدىغاندەك قىلاتتى، بەلكىم سىرلىرىمنىڭ ئاشكارا بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئاجىز بولۇپ قىلىشىنى خالىمىغاندىمەن.

    -بارى، ئۇ قىزنىڭ سىزنى تونۇيدىغان دوستلىرى بارمۇ؟

    -ھەئە، قانداق دەيسىز؟

    -دېمەكچىمەنكى مۇشۇ يەردە سىزنى تونۇيدىغان دوستلىرى دېمەكچى.

    -ھەئە، بىرى ئەمەس ئۈچى بار. نېمە بولدى. بىرەر ئەقىل كىلىۋاتامدۇ يا. ھەجەپ كالۋاكەنمەن. ئۇ قىزغا يېڭى يىللىق سوۋغا سالماپتىكەنمەن ئەمەسما. ماڭا سوۋغا تاللىشىپ بېرىڭ. ھازىرلا تىز پوچتا قىلىپ سېلىۋىتەي. ئۆگۈنلۈككە يېڭى يىل، ئۈلگۈرىدۇ.

    -ياخشى ئويلاپسىز. بىراق، مېنىڭ بىشىم ئاغرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئالدىنقى قىتىم جىق نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ قويدۇمغۇ. شۇلاردىن بىر قانچىسىنى يېڭى يىللىق سوۋغىغا تەييارلاپ قويغان ئىدىڭىزغۇ. ئۆزىڭىز بېرىۋىرىڭە.

    مەن بوغۇزۇمغا كەپلەشكەن يىغا ۋە «قىزنىڭ دوستلىرى ئىككىمىزنىڭ داۋاملىق بىرگە يۈرگىنىنى كۆرسە، قىزنىڭ قۇلىقىغا يەتسە گەرچە ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ھىچقانداق مۇناسىۋەت بولمىسىمۇ، ئۇ قىز بۇ يەردە ئەمەس، خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن يەنە» دېگەن گەپلىرىمنىمۇ دېمەي يۇتۇۋەتتىم. چۈنكى بۇ سۆزنى دېسەم ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداقلا ئادا-جۇدا بولۇپ كىتىدىغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتىم. بۇ ئاپئاق شارپا مىنىڭ بارىغا بولغان مۇھەببىتىمنى دارغا ئېسىپ، ئۇنىڭغا قارلىق ۋە قەبرىسىنىڭ تۇغى بولۇپ يىتىپ كەلدى ئەمەسمۇ. قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتاتتىم.

    -ئالدىنقى قىتىم كۆرگەنلىرىم بەك ئاددى، ئەرزان نەرسىلەر بولۇپ قاپتۇ. قايتا كۆرەيلى، ئىسىل، قىممەت، مەنىلىك نەرسىلەرنى ئالايلى.

    -قاراڭ بارى. ئەگەر قىز سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە ئۈچ مولۇق سېغىز ئىلىپ بەرسىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ سوۋغا قىلغان ئالتۇن ئۈزۈكلىرىنى ئۇنىڭغا تەڭ قىلمايدۇ.

    -دېگىنىڭىزغۇ توغرا. ھەي كىچىك بالىدە سىز. ئۇ دىگەن مۇھەببەتتىكى غايىۋى ئۇقۇم. سىز كىچىك بولغاچقا بىلمەيسىز. قىممەت نەرسە ئالمىسام بولمايدۇ.

    -كىچىك بالىلار نەرسە تاللىيالمايدۇ، ئۇلار كىرىپ قونچىقىنى ئوينىغاچ ئۇخلاپ قالسۇن. سىز مۇھەببەتنى چۈشىنىدىغان چوڭلارنى تىپىپ چىقىپ ئىلىڭ- ئۇنىڭ مىنى يەنە كىچىك دېيىشى زىتىمغا تەككەن ئىدى. بۇ مېنىڭ تۇنجى قىتىم ئۇنىڭغا مۇشۇنداق قاتتىق تەلەپپۇزدا گەپ قىلىشىم ئىدى.

    -ما ئۇششۇقنى. نەرىڭىز ئاغرىۋاتىدۇ. ئاۋال دوختۇرغا كۆرىنىڭ. مەن سىزنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ بولۇپ، ياتىقىڭىزغا ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن ئۆزۈم چىقىپ ئالاي. 

    -بولدى. ئۇنچە ئېغىر ئەمەس.

    -نازلانما گۈزەلىم، دېگەن ناخشىنى ئوقۇيمەن جۇمۇ. يۈرىڭە!

    ساڭا ئۆچمەن بارى. نېمىگە گۈزەلىم دەپ ناخشا ئوقۇغۇدەكسەن-ھە! سېنىڭ گۈزەلىك زادى كىم؟ سىنىڭ ئاددى چاقچاقلىرىڭنىڭ يۈرىكىمگە قانچىلىك تەسىر قىلىدىغىنىنى بىلسەڭچۇ كاشكى. ئەمدى ئىككىنجى سىنى كۆزۈم كۆرمىسۇن. مەن گەپ قىلمايلا ياتاق تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

    - نەگە دەيمەن، قۇلاق گەپنى ئاڭلىدىمۇ يا؟

    - قىزنىڭ دوستلىرى ئىككىمىزنىڭ داۋاملىق بىرگە يۈرگىنىنى كۆرسە، قىزنىڭ قۇلىقىغا يەتسە گەرچە ئىككىمىز ھىچقانداق ئويلىمىساقمۇ ئۇ قىز بۇ يەردە ئەمەس، خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن يەنە. چۈشەندىڭىزمۇ گىپىمنى. سىز چىقىۋىرىڭ- مەن ئاخىرى دېيىشنى خالىمىغان بۇ گەپنى دەۋەتتىم. چىرايىمغا كۈلكە يۈگۈرتۈشكە ماغدۇر يوق، ھەممىسى مانا مەن دەپلا چىرايىمغا چىقتى. بىراق، يىغىدىن ئۆزۈمنى تۇتۇۋىلىشقا تىرىشتىم.

    - نېمە؟ سىلەر قىزلار نېمانچە مۇرەككەپ. ئىككىمىز يۇرتداش، ساۋاقداش، يەنە يىقىن دوستلاردىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشتا قوشقان تۆھپىڭىز كۆپ. نېمىلەرنى دەپ يۈرۈيسىز. ئەگەر شۇنداق قىلسا، ئۇ قىزنىمۇ پوش دېمەيمەن.

    ئۇنىڭ گەپلىرى راست ياكى يالغان بولسۇن، سۆيۈنۈپ قالدىم. بۇرۇنقىلار ئاياللارنى ئۆچكە يىغى دەپ بىكار ئىيىتمىغان ئىكەن، مانا بىردەمدىلا ئۇنىڭ گىپىگە ئېرىپ كەتتىم. شۇندىمۇ رەھمەت سىزگە دېگىنىمچە كەينىمگىمۇ قارىماستىن ياتاققا قاراپ ماڭدىم، ئۇنىڭ چاقىرغان ئاۋازى يىراقتا قالدى. ياتاققا كىرىپلا يوتقىنىمغا پۈركىنىپ قولياغلىقىمنى چىڭ چىشلىگىنمىچە ئىسەدەپ يىغلاپ كەتتىم. ياتاقداشلىرىمنىڭ كارۋىتىغا قاراپ باقتىم، ئۇلارنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغاندىن كىيىن ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ يىغلاشقا باشلىدىم. تىلفۇننىڭ سىمىنى تارتىۋىتىپ، ياتاقنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقاپ قانغۇچە يىغلىدىم. پاھ، يىغلاش نېمىدىگەن ھوزۇر-ھە!

    خىياللىرىم تولىمۇ چېگىش، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتىم. ئاخىرى يەنىلا ئاستا-ئاستا ئۆزۈمنى چەتكە ئېلىشنى توغرا تاپتىم. ئەتىسى ئۇنىڭ بىلەن ئىللىقىنە سالاملاشتىم. ئۇمۇ ھەم ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىزغىن كۆرۈشتى. بۈگۈن ئۇ ھېلىقى ئاق شارپىنى ئورىۋالغان ئىدى. دەرس ۋاقتىدا ئۇنىڭغا كىچىك باغاقچىگە خەت يىزىپ ئۇنىڭغا بەردىم.

    -تۈنۈگۈنكى ئىشنى كەچۈرۈڭ. بىر دوستۇم بىلەن رەنجىشىپ قالغان، كۆڭلۈم پاراكەندە ھەم سەل بىشىم ئاغرىپ بىرگە بازارغا بارالمىدىم. سوۋغا ئىلىپ سالدىڭىزمۇ؟

    -ئالدىم. لىكىن سىزگە كۆرسىتىۋىتىپ ئاندىن سالاي دەپ سالمىدىم. چۈشتىن كىيىن سالىمەن. سومكامدا بار. خىتىمنىمۇ كۆرۈپ بىقىڭ، كىچىدىن ئۇخلىماي دېگۈدەك يازدىم. چۈشتە سىزنى مىھمان قىلاي، تۈنۈگۈن تەبرىكلىيەلمەي قالدۇق.

    بىز دەرس ۋاقتىدا تاكى مۇئەللىم بايقاپ قالغىچە كىچىك باغاقچىلەر ئارقىلىق پاراڭلاشتۇق. بارى، سەن بۇ ئىشلارنى قەستەن قىلىۋاتامدىغانسەن، مېنىڭ ساڭا بولغان مەيلىمنى بىلىپ مىنى نىيىتىدىن يانسۇن دەپ ھەممىنى ماڭا كۆرسىتىۋاتامدىغانسەن ياكى مېنى يېقىن دوستۇم دەپ ئويلاۋاتامدىغانسەن. ئەجىبا تۈنۈگۈنكى سەۋەبسىز كۆڭۈلسىزلىكمدىنمۇ ھېچنېمىنى بىلەلمىگەنسەنمۇ-ھە!

    چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن، ئۇ ماڭا خەت ۋە سوۋغىنى كۆرسەتتى. ئۇ قىزغا قىپقىزىل پورتمالدىن بىرنى ئىلىپ ئىچىگە قوشيۈرەك قاتلانغان رەڭلىك قەغەزنى سالغان ئىدى. خەتنى ئوقۇپ چىقتىم.

    «ئەسسالامۇئەلەيكۇم سۆيۈملۈك چىۋەرگۈل، ياخشىمۇسىز! يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! ئاپئاق دىلىڭىزدەك ئاپئاق شارپىنى بوينۇمغا ئورىغان چېغىمدا ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم دەپ سانىدىم. كۆكتە لەرزان پەرۋاز قىلىۋاتقان، ئۆز گۈلى يىنىغا كىتىۋاتقان بۇلبۇلدەك، رىۋايەتلەردىكى گۈل ۋەسلىگە يىتەلمەيدىغان بىچارە بۇلبۇل ئەمەس بەلكى شان قۇچقان بۇلبۇلدەك، شاھىنشاھدەك ھېس قىلدىم، رەھمەت سىزگە! ماڭا مۇشۇنداق ئالەمچە بەختنى ئاتا قىلغىنىڭزغا رەھمەت. كېچىدىن كۆزۈمگە ھېچ ئۇيقۇ كەلمىدى، شۇڭا كىچىدىن كارىدورغا چىقىپ سىزگە ئاتاپ «يارىم بولمىسۇن» دېگەن ناخشىنى ئوقۇپ ئۈن لىنتىسىگە ئالدىم ۋە ئۇنىمۇ قوشۇپ بىللە ئەۋەتتىم. ئۇنىڭدىكىسى دەل مېنىڭ ئەھدىمدۇر. ماڭا ئىشىنىڭ چوقۇم سىزنى بەختلىك قىلىمەن. سوۋغىلىرىمنى ئاددى بولسىمۇ قوبۇل قىلارسىز. تەتىلدە بىرىپلا سىزنى ئىزدەيمەن. سىزگە تىلفۇن ئۇراي دىسەم ئۆيىڭىزگە ئۇرۇشتىن خىجىل بولدۇم، باشقا ئالاقىلىشىدىغان نومۇر بولسا ئىيتىپ بىرىڭ!

 خەير، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. سىزنى سۆيۈپ : بارى»

    ئەسلى ئۇ ناخشىنى مۇشۇ قىز ئۈچۈن ئوقۇيدىكەندە. لىكىن، مەن ئۇنى ماڭا ئوقۇپ بىرىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قانچىلىك شىرىن خىياللارغا چۆممىدىم-ھە؟ كۆڭلۈم تولىمۇ يىرىم بولدى. ئەمدى مەندە تۇيغۇلىرىمنى يوشۇرغۇدەك ماغدۇر قالمىغاندەك ئىدى. ئۇ ناخشا ئېلىنغان لىنتىنى ئۇنتۇپ قالغىنىنى ئىسىگە ئىلىپ ياتاققا چىقىپ كەتتى. مەن ئەمدى تەن بەرگەن ئىدىم. تەن بەرمەيمۇ نېمە ئامال؟ ئۆيدىكىلەرنىڭ دېگىنىگە قوشۇلاي ئەمدى.

    بارى چىقمايۋاتاتتى. بىر سائەتچە ئولتۇرساممۇ ھېچ چىقمىدى. ياتىقىغا تىلفۇن ئۇردۇم. ئۇ تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا «پوتمالنى سىزگە سوۋغا قىلىۋىتەي، خەتنى يىرتىۋىتىڭ بولدى» دەپلا قويۇۋەتتى. نېمە بولغاندۇ دەپ ئەنسىرىسەممۇ قايتا تىلفۇن ئۇرمىدىم. شۇندىن كىيىن ئۇ ئۈچ كۈن ئاغرىپ يىتىپ قالدى. مەن ياتاقداشلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا تاماق كىرگۈزۈپ تۇردۇم. بىراق، بىر ئىش بولغانلىقىنى پەمىلىگەنىدىم. چوقۇم ئەشۇ قىزغا مۇناسىۋەتلىك. ھەپتىدىن كىيىن ئاخىرى بۇ تۈگۈن يېشىلدى. بارى ياتاققا لىنتىنى ئىلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتكەن كۈنى مەكتەپتىن ئومۇمىيۈزلۈك چوڭ تازلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياتاق تازلىقىنى تەكشۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلغان ئىدى. ياتاقتىكىلەر ياتاق تازىلاش داۋامىدا ھېلىقى مۇقەددەس يېشىكنىمۇ چۇۋۇپ، ساتىدىغان قەغەز قاتارىدا قويۇپ قويۇپتۇ. ئۇلار يېشىكنىڭ ئاستىدىن چۈشكەن بىر پارچە خەتنى تېپىۋىلىپ ئوقۇپتۇ. خەت ئېگىسى خىلىل ئىسىملىك بىرى ئىكەن. بارى ياتاققا كىرگەندە ئۇلار خەتنى بارىغا بېرىپ، يەشىكتىن تاپقانلىقىنى ئىيتىپتۇ. خەتتە قىزنىڭ خىللىغا بولغان كۆڭلى، ئۇنىڭغا قانچىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىپ شارپا توقۇغانلىقى، ئۇنى مەڭگۈ كۈتىدىغانلىقى، يەنە بىر قانچە يەردىكى شىرىن ئەسلىمىلىرى، يىگىتنىڭ كەپسىز دوستلىرى كۆرۈۋالمىسۇن دەپ خەتنى ئادەت بويىچە يېشىك ئاستىغا يوشۇرۇپ قويغانلىقى... يىزىلغان بەش بەتلىك خەتكەن. دېمەك، يەشىك سىرتىدىكى ئادىرىس چوقۇ خاتا چاپلانغان، بۇ زادى كىمنىڭ سەۋەنلىكىدۇ؟ لىكىن قىزنىڭ بارىغىمۇ خەت يازغانلىقى ئېنىق.

    ئۇ بۇلارنى دەۋىتىپ ياتاقداشلىرى ئالدىدا ئىنتايىن خىجىل بولغانلىقىنى دەپ يىغلاپ تاشلىغۇدەك بولۇپ كەتتى. مېنىڭمۇ يۈرىكىم ئىچىشىۋاتاتتى، مۇشۇ دەقىقىلەردە ھېلىقى ئاق شارپا گەرچە بوينىدا بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ نەپىسىنى سىققاندەك ھېس قىلىۋاتقان بولسا كىرەك. دەرھال ئۇنىڭغا بىر شارپا توقۇپ بېرىش خىيالىمغا كىلىپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم ۋە ساق بىر كىچە كۈندۈزدە بىر ئاق شارپىنى توقۇپ پۈتتۈرۈپ ئوراپ، ئۇنى تاماققا چاقىرىدىم ھەم شارپىنى سوۋغا قىلدىم.

    -بارى. يىقىن دوستىڭىز سوۋغا قىلسىمۇ بولار شارپىنى. مەڭ بۇنى، بۇمۇ ئاق شارپا. گەرچە يېڭى يىلدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ. ھە راست، بىر ئىشنى دىسەم كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ. تۈنۈگۈن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ چىۋەرگۈلنىڭ ئالاقىلىشىش ئادىرسىنى تاپتىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بولغان ئىشنى ئىيىتتىم. ئۇ قىز ھاڭ-تاڭ قالدى ۋە «تىز پوسۇلكىنىڭ ئۈستىگە چاپلىنىدىغان ئادىرىس يېزىلغان قەغەزنى خاتا چاپلاپ سالغان ئوخشىمامدىمەن، بارىغا بولسا ماڭا ئەۋەتكەن سوۋغىسىنى قايتۇرغان ھەم رەھمەت ئىيتىپ چىرايلىق رەت قىلغانلىقىمنى بىلدۈرىدىغان مەنىدىكى خەتنى يېزىپ سالغان. مېنىڭ دېيىشكەن ئادىمىم بار ئىدى. بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ، بارىدىن كەچۈرۈم سورايمەن» دەيدۇ، كۆڭلىڭىزدىن چىقىرۋىتىڭ. چىۋەرگۈلدىنمۇ باشقا ياخشى قىزلار نۇرغۇن بۇ جاھاندا. بەك تۈگىشىپ كەتمەڭ. ئورۇقلاپ ئۇستىخان بولايلا دەپسىز بىر ھەپتىدە.

    -رەھمەت. ئاق شارپىدىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم.

    -يىلاندىن قورققان، ئارغامچىدىن قورقۇپتۇ دېگەندەك ئىش بولدىغۇ بۇ. سىڭلىم توقۇپ بەردى دەپ ئويلاپ ئورىۋىلىڭ. دائىم كىچىك بالا دەيسىزغۇ مېنى. 

    ئۇنىڭ مۇڭلۇق كۆزلىرى كۆزلىرىمگە تۇيۇقسىز تىكىلىپ قالدى.

    شۇنداق! بىر نىگاھ يۈرەكلەرنى ئايرىلماس قىلىپ بىر ئۆمۈرلۈك تەلپۈنۈشنى ئاپىرىدە قىلىشى، ئەنە شۇ بىر نىگاھ تىنىچ كۆل سۈيىدەك سۈزۈك دىللارنى چايقىتىپ دولقۇنلارنى ياسىشى، ئەنە شۇ بىر نىگاھ ئۆزۈڭ سۆيگەن ئادىمىڭنىڭ شۇ دەمدىكى قايغۇ-شاتلىقلىرى، ئەس-ھېسلىرىنى سۈرەتكە ئىلىپ خىياللىرىڭغا تۆكۈشى مۇمكىن. ئۇنىڭ بۇ مۇڭلۇق بىر نىگاھى ئىككىمىزنى مەڭگۈلۈك ھەمراھلاردىن قىلىپ قويدى. ئىككىمىز قانداقتۇر ئەھدى-قەسەملەرنى بېرىشمىدۇق، «يۈردۇق» دېگەن ئاتالغۇلار بىلەن مۇناسىۋىتىمىزگە رەڭ بەرمىدۇق، ھەتتاكى بىر-بىرىمىزگە كۆڭۈلمۇ ئىزھار قىلىشىدىغان سۆزلەرنى قىلىشىپمۇ باقمىدۇق. بىراق، بىز بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلماس بىر جۈپلەردىن بولۇپ قالدۇق. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر يىلغا يەتمەيلا ساۋاقداشلار ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ توي قىلغىنى بارى بىلەن ئىككىمىز بولدۇق. يېڭى ئۆيىمىزگە كۆچۈپ كىرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ چامادانىدىن مەن توقۇپ بەرگەن ھېلىقى ئاق شارپا چىقتى. بۇ شارپىغا ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇ بۇ يىلقى تۇنجى قار ياغقاندا ئەشۇ شارپىنى ئوراپ ئىشقا ماڭدى. ئۇنى ئۇزۇتۇپ ئۆيگە كىرىۋىتىپ، يانچۇقۇمغا ئۇنىڭ قارلىق تاشلاپ قويغىنىنى بايقىدىم.

قاردا قارلىق تاشلىدۇق،
يامغۇردا مەشرەپ باشلىدۇق.
بۇ كۆڭۈلنىڭ خۇشلۇقىدىن،
خوتۇنغا قارلىق تاشلىدۇق.
چىدىسا قوي بىسىپ پولۇ ئەتسۇن،
چىدىمىسا ئۆيدە دۇمبا كۈتسۇن.


    -قايسى قوينى باسىمەنكىن كالۋا، قوي گۆشى دېمەمدۇ-مەن كۈلۈپ كەتتىم. تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم جىرىڭلاپ قالدى.

    -خوتۇنمۇ. 

    -ياق، سۆيۈملۈك رەپىقىڭىز.

    -ۋاي قېرىغاندا نېمە دەيدىغاندۇ. خوتۇن بولدۇڭلا ئەمدى.

    -ئەسكى.

    -قارلىقنى كۆردۈم. قانداق شاكىلاپ ئىلىپ بارىمەن. «ئالاي»نىمۇ؟

    -«ئالاي»نى ئىلىپ بولۇپ، يەنە كىمنى ئالاي دېگەن. ئۇنى يېمەيمەن.

    -ئەمسە قانداق شاكىلات يەيسىلەر. ھەجەپ توي قىلماستا «ئالاي»نى ئېلىپ بەرسەم تويماي يەيتۇققۇ. 

    -دەۋر ئالماشتى. باشقىسىنى ئەكىلىڭ!

    -بوۋاقلارنىڭ بۇلمىقىنى ئەكىلەي. قورساقتىكى ئوغلۇم بابۇر يەيدۇ ...



2008-يىل 17-دىكابىر سەيشەنبە

ئۈرۈمچى

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY