باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-21 00:27 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئوتتۇز ياشلىق قىز

ئوتتۇز ياشلىق قىز

ئاينۇر دولقۇن


    ئەسلى ئۇنىڭ قانغۇدەك ئۇخلىۋالغۇسى، يېڭى بىر كۈننى، يېڭى بىر يېشىنى باشقىچە روھلۇق ھەم ئۈمىد بىلەن كۈتۈۋالغۇسى بار ئىدى. بىراق... بىراق ئۇنىڭ ھاياتىدا بۇ كۈننىڭ قىممىتى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ، بۇرۇنقى خۇشاللىقنىڭ ئورنىنى، غەم-قايغۇ ۋە ئېغىر بىسىم ئالدى. يەنىلا بۇرۇنقى مۇشۇ كۈنلىرىگە ئوخشاش سائىتى چىللىماستىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، تېزىغا ئىڭىكىنى قويۇپ ئۇزاق خىيال سۈرۈپ ئولتۇردى. كۈنلەر نېمىدېگەن رەھىمسىز!

    ئۇ بۇرۇن تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشنى، تۇغۇلغان كۈنى يېتىپ كەلگەندە يېقىن دوستلىرىنىڭ تەبرىكلىرىنى ئاڭلاپ، سوۋغىلىرىنى تاپشۇرۋىلىشنى ھاياتىدىكى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك كۈنلەرنىڭ بېرى دەپ قارايتى. بىراق، ھازىر بىر يىلدا ئۇ ئەڭ قورقىدىغان كۈن دەل بۈگۈن. ئوتتۇز ياش، بىر قىز ئۈچۈن ئوتتۇزدىن ئىبارەت بۇ سان ھەقىقەتەن تولىمۇ قورقۇنچلۇق. شۇ ئەمەسمۇ؟ بىر چاغدا ئۇ باشقىلارنىڭ ئېغىزىدا «ئوت كەتكەن توغراق» دېگەن ناملاردا تەرىپلەنگەن، تەمەدە يۈرگەن يىگىتلەرنى بىلىپمۇ ئۈلگۈرۈپ بولالمىغان، قىزلار بولسا ئۇنىڭ كەينىدىن ھەسەت ۋە ھەۋەس ئىلكىدە تىل تامىشتقان ئىدى. ئەجەبا، ئۇ كۈنلەر ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تارىخقا ئايلىنىپ قالغانمىدۇ-ھە! مانا ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە، ئۇ شۇنچىلىك تەنھا. ئەتراپىدىكى تونۇشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ «ئۆمۈرلۈك ئىشى»-تويى توغرىسىدا بۇرۇنقىدەك قىزغىن سۆز-چۆچەك قىلىپ كەتمەيدۇ. بىراق، ئانىسى- بولۇپمۇ ئۇنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئانىسى خۇددى بۇ دۇنياغا باشقىلار ئۈچۈنلا كەلگەندەك باشقىلارنىڭ نېمىلەرنى دېيىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كىتىدۇ. بۇرۇنقىدەك قىزىنى قىستاش ۋە تەڭقىسلىقتا قويۇشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ، ئۇنىڭ مەيلىگە قويۇپ بېرىدۇ. ھېلىمۇ ئانىسى ئاز كۈچىدىمۇ؟ غۇرۇرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا قىزىغا لايىق تېپىشنى پۇرىتىپ ئۆتتى. ئەلۋەتتە، تېرىشچانلىقلارمۇ بىكارغا كەتمىدى، ئۇنىڭغا ئاز بولمىغان لايىقلار چىققان بولسىمۇ، رەت قىلىپ كەلدى. مانا، تۇيۇقسىز ھايات ئىشىكىنى چەككەن ئوتتۇز ياش ئۇنىڭ نۇرغۇن ئارمانلىرىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇۋەتكەندەك ئىدى. ئون سەككىز-يىگىرمە دېيىلسە ھەممىنىڭ ئېغىزىدا ياشلىقنىڭ قايماق چاغلىرى تەرىپلىنىدۇ. بىراق ئوتتۇزچۇ؟ ئاياللارنىڭ تولىدىغان ۋاقتى دەپ سۈپەتلىنىدۇ. ھەي!

    ئۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ ئورنىدىن تۇردى-دە، دەرىزىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سىرىتتىكى ئاپئاق قارلارغا قارىدى. ھەر قىتىم ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە زىمىن مۇشۇنداق ئاپئاق لىباسىنى كىيىپ، سۈر-نازاكىتى بىلەن ئۇنىڭغا باقىدۇ. بۇرۇن ئۇ ئاپئاق قارلارنى ئۆزىنىڭ يېڭى يېشىغا قىلىنغان ئىسىل سوۋغا-گۈزەل تىلەكلەر دەپ ئويلايتى. بۈگۈنچۇ؟ ئۇنىڭ ياشلىقىنىڭ ھازىسىنى تۇتۇۋاتقان بىپايان زىمىنمۇ؟ يازغۇچى-شائىرلار ياشلىق دېگەن يۈرەكتە بولىدۇ، دېيىشىدۇ. ئۇنىڭ يۈرىكى ياشمىدۇ ياكى قېرىپ كەتكەنمىدۇ؟ چوقۇم قېرىپ كەتتى. ياش يۈرەك دېگەندە ئوتلۇق مۇھەببەت، كۈچلۈك ھاياجان ۋە قىزغىنلىق بولمامدۇ، ئۇنىڭ يۈرىكى بولسا بىر پارچە مۇز-خۇددى شىمالىي مۇز ئوكياندىن ئېزىپ كىلىپ قالغان بىر كاللەك مۇز!

    ئۇنىڭ تۇنجى قىتىم قارلاردىن رايى ياندى. بۇرۇنقىدەك سىرىتقا يۈگۈرۈپ چىقىپ ھىچكىمنىڭ ئىزى تەگمىگەن جايلارغا دەسسەپ ھەر خىل شەكىللىك «ئىز» چىقارغۇسى، قار بوۋاي ياساپ ئۇششاق بالىلار بىلەن ئوينىغۇسى كەلمەي قالدى. ئەسلى ئۇ بۇ يېشىدا ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن ئوينىغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە! ئۇنى تېرىكتۈرىدىغان يەنە بىر ئىش بار تېخى. تولۇقسىزدا بىرگە ئوقۇغان دوستى ئالمىرەنىڭ قىزىمۇ دەل مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈندە تۇغۇلغان. ھېسابلاپ باقسا بۇ يىل 12ياشقا كىرىدۇ. راست ئىكەن، «ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ» دېگىنى ھەق ئىكەن.

    ئۇ پەردىنى يېپىۋەتتى-دە، دەرىزىنىڭ ئالدىدىن كۆڭۈلسىز ئايرىلدى. قانداق قىلسا بولار، قانداق قىلىپ سانسىز قۇرۇتلار غاجاۋاتقان يۈرىكىنى سەل-پەل ئارام تاپقۇزار؟ مانا، ئۇنىڭ يانفونى تاڭ ئاتقانلىقىنى، سەھەر سائەت ئالتە بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سايراپ كەتتى. ئۇ ئاستا قولىغا يانفونىنى ئالدى-دە، ئۇنىڭغا ئۇزاق قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئېتىۋەتتى. بۈگۈن ئۇنىڭ ھېچقانداق كىشى بىلەن كۆرۈشكۈسى، ھېچقانداق شەكىلدىكى تەبرىكلەرنى قوبۇل قىلغۇسى، باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن ئۆزىنىڭ ئوتتۇز ياشقا كىرگەنلىكىنى ئاڭلىغۇسى يوق. مەيلى، كىلىدىغان ئۇچۇرلار كىلىۋەرسۇن، ئۇنى ئەسكە ئالغان كىشىلەر ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىۋەرسۇن، بىراق، ئۇ بىرەر قىتىم بولسىمۇ بۇ جاھاندىن خالىي ھالدا ئۆز خىيالىدا ئەركى بويىچە ياشاپ باقسۇن.

    ئۇ يۇيۇنۇپ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ غەم-قايغۇلىرىنى، قەلبىدىكى كىرلەرنى يۇيۇپ چېقىرۋەتكۈسى كەلدى. دىكابىر ئايلىرىدا مۇنچىنىڭ ئىسسىق سۇلىرى نېمىدېگەن راھەت. بىراق، ئۇنىڭ مەڭزىنى كۆيدۈرۈپ، يۈرىكىنى ئېچىشتۇرۋاتقان ياشلار ئۈستىدىن چۈشۈۋاتقان سۇلارغا، ئىسەدەشلىرى سۇنىڭ شارقىراشلىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى. سۇ ئۇلۇغ، ئۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى پاكلىيالايدۇ. بىراق، روھ، يۈرەككە كەلگەندە ئۇمۇ ئامالسىز قالىدىكەن. بىچارە، نېمانچە يۈرەكنى ئېزىپ يىغلايدۇ. سۇ، سۇ ئۇنى مۇشۇنداق يىغلىتىدۇ. بىر تامچە سۇمۇ، بىرەر ئېقىن ياكى دەريامۇ ئۇنىڭ ئازاب دەرياسىغا غەرق بولۇشىغا كۇپايە. ئۇنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى گۈزەل ئەسلىمىلەر سۇ بىلەن باشلانغان، قەلبىدىكى ئوتلۇق، پاك مۇھەببىتىگە سۇ گۇۋاھ بولغان، تالاي سىرلىرى ۋە پىچىرلاشلىرى سۇلار قوينىغا سىڭگەن، يەنە شۇ سۇلار ئۇنى ئۆزى سۆيگەن ئادىمىنىڭ قەلبىدىن يۇيۇپ چىقىرۋەتكەن، ئۇنى ئۇنتۇلدۇرۋەتكەن. شۇڭا ئۇ سۇغا شۇنچە ھېرىس شۇنچە ئامراق، شۇنچە ئۆچ شۇنچە بىزار...

    ئۇ ھاياتىدىكى، چۈشلىرىدىكى، ئارزۇلىرىدىكى قاملاشقان شاھزادىسىنى ھەرگىزمۇ ھېلىقى ئىگىز بويلۇق، قىسقا قوڭۇر بۈدۈر چاچلىرى ۋە چوڭ كۆزلىرى، قاڭشارلىق بۇرنى يۈزىگە خوپ ياراشقان، ھاكاۋۇر يىگىت بولىدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغان. ئوغۇللارغا ھاكاۋۇرلۇق يارىشامدۇ، قىزلارغا يارىشىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ تۇنجى بولۇپ دىققىتىنى تارتقىنى دەل بۇ «ئىگىز بوي»نىڭ ھاكاۋۇرلۇقى بولسا كىرەك. قىززىق جاھان بۇ. ئۇ دەل مۇشۇ «ئىگىز بوي» تەرىپىدىن ئالداندى.

    -كەچۈرۈڭ. بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم. شۇڭا... 
    -شۇنداقمۇ؟ بۇ كۈندە قىلىدىغانغا ئىش تاپالماي قىلىپ چىقارغان قىلىقمۇ بۇ؟ قانچىلىك جىددىيلىشىپ كەتكىنىمنى بىلەمسىز؟ ئالدامچكەنسىز ھە! 
    -شۇنداق دېمىسەم نېمە دەيمەن. 
    -ئۆينىڭ نومۇرىنى قانداق تاپتىڭىز؟ 
    -خاتىرىڭىزدىن كۆرۈۋالغان.
    -قاچان؟ مۇنداق رازۋىتچىكلىك ھۈنىرىممۇ بار دەڭ تېخى.
    -ئۆتكەندىچۇ. سىزنىڭ قولىڭىزدىن ئالغانغۇ مەن. 
    -ھە. ئەستە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىڭىز بەك يۇقىرىكەن.
    -تۇغۇلغان كۈنۈمگە بىرەر سوۋغا بەرمەمسىز؟

    ئۇ بۇ سۇئالدىن ھاڭۋېقىپلا قالدى. توۋا، نەدىمۇ بۇنداق قاراپ تۇرۇپلا سوۋغا تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولسۇن. قېنى ئۇنىڭ بايىقى ئاچچىقى. شامالدىن كىيىنكى بوراندەك تاراپلا كەتتىغۇ.

    -مەن يا بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئكەنلىكىنى بىلمىسەم. سوۋغا تەييارلىيالمىدىم. مەندىن تاما قىلماي، باشقىلار بەرگەن سوۋغاتلارغا شۈكرى قىلىپ تۇرۇڭە. 
    -مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى سىڭلىمدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. 
    -ھە... ئەمسە مەن باشقا كۈنى تولۇقلاپ بېرەي. بۈگۈن ئېغىزىمدا بولسىمۇ تەبرىكلەپ تۇراي. 
    -ماڭا بىر ئىش قىلىشىپ بېرىڭە ئەمسە؟ 
    - چاتاق يوق. نېمە ئىش؟
    -مەن بىلەن بىرگە تاماق يېيىشىپ بېرىڭ.

    ئەسلى بىرگە تاماق يېيىش ئادەتتىكى بىر ئىشقۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى ئۇ تېخى شۇ چاغقىچە يالغۇز ئۆزىلا بىر ئوغۇل بالا بىلەن بىرگە تاماق يەپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تونۇش-بىلىشلەر كۆرۈپ قالسا گەپ تېپىشى تۇرغانلا گەپ.

    -كەچۈرۈڭ. مەن... 
    -سىز بايا ماقۇل بولغانغۇ؟! لەۋزىڭىزدىن يېنىۋالماقچىمۇ؟ ياكى بىزدەك ئاددى كىشىلەر بىلەن تاماق يېسىڭىز سالاپىتىڭىزگە دەخلى يېتەمدىكەن يە.

    ئوھۇي، بۇ ماۋۇ «ئىگىز بوي» ھاكاۋۇرنىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپمۇ؟ 

    -بوپتۇ. بىراق، مېنىڭ تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بار تەبىئىي بىرەر جايغا بارغۇم بار.

    تۇغۇلغان كۈن خەقنىڭمۇ ياكى ئۇنىڭ. بۇنداق گەپ قانداقسىگە ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەندۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ تۇنجى قىتىم بىر ئوغۇل بالا بىلەن گۈزەل دەريا بويىدا، ياپيىشىل چىملار ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بىرگە «دالا تامىقى» يىدى. شاكىلاتنىڭ قاپلىرىنى قەدەھ قىلىپ، مېۋە شەربەتلىرىنى ئىچىپ ئولتۇردى. ئۇ يېنىدىكى بۇ «ئىگىز بوي»دىن قىلچە ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ ھېس قىلمىدى ئەكسىچە ئۇنىڭ بولغىنى ئۈچۈن خاتىرجەم سۇ كەچتى. بالىلاردەك تاقلاپ ئوينىدى. ئۇلار تەبئىيلا سۇ چېچىشىپ، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، دەريا ياقىسىدىكى نەم قۇمغا قەدەملىرىدە «گۈل چېكىپ» ئويناشتى. ئۇ «ئىگىز بوي»غا سۇ چېچىپلا قاچقان چېغىدا، تۇنجى قىتىم قولىنى بىر ئوغۇل بالا تۇتۇۋالدى. شۇنچىلىك قاتتىق تۇتۇۋالدىكى، ئۇنىڭ بىلەكلىرى ئاغرىغىنىدىن ۋايساپ كەتتى ھەم خىجىللىقتىن ئاناردەك قىزىرىپ كەتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇ «ئوغۇل بالىنىڭ قولىمۇ گۆش، قىز بالىنىڭ قولىمۇ گۆش تۇرسا، ئوغۇللار بىلەن قىزلارنىڭ قول تۇتۇشۇشى قاسساپنىڭ گۆش تۇتقىنىغا ئوخشاشلا ئىشقۇ» دېگەن قارىشىنىڭ خاتالىقىنى، ئوغۇللارنىڭ قولىنىڭ «گۆش» ئەمەس «ئوت» ئىكەنلىكىبى بىلدى. قولىنىڭ ئاغرىغىنىنى باھانە قىلىپ كىتىمىز دەپ تۇرۇۋالدى. راست، شۇ چاغدا ئىنتايىن چىرايلىق ھاۋاغا كۆز تەگكەندەكلا تۇيۇقسىز كەلگەن قارا بوران ئۇلارنى بۇ گۈزەل ماكاندىن توزۇتىۋەتكەن ئىدى. راست، ئەشۇ قارا بوراندا بىر ھىكمەت بار ئىكەندە. مانا، بۈگۈن ئۇ دەقىقىلەر گۈزەل چۈشكە، قايتىلانماس ئەسلىمىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەشۇ سۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ يۈرىكى «ئىگىز بوي»غا باغلىنىپ قالغان....

    ئۇ مۇنچىدىن چىقىپ ئاستا ئەينەك ئالدىغا كەلدى. كۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى ئىنچىكە سۇس ئىككى تال قورۇق يېقىن كىلىپ قارىمىسا بىلىنمەيتى. ئۇ ئادەتتە ئىنتايىن سۇس، يوقنىڭ ئورنىدىلا گىرىم قىلاتتى. بۈگۈن ئەستايىدىل تۈجۈبىلەپ گىرىم قىلدى. ئاياللار شۇنداق، كۆڭلى يېرىم چاغلاردا قاملاشتۇرۇپ گىرىم قىلسا ھەم ئۇنىڭغا ياراشتۇرۇپ بىرەر قۇر كىيىم كىيسە كۆڭلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. ئۇ چېچىنى كۈندىكىگە ئوخشىمايدىغان ھالەتتە، كەينى تەرىپىگە چىرايلىق تۈرمەكلىۋالدى. يېڭى ئالغان قاپقارا سومكىسىنى. ئىگىز قونچلۇق قارا ئۆتۈكىنى، ئايىغى ئۆتۈكىنىڭ گىرۋەكلىرىگە تېگىشىپ تۇرغان قىپقىزىل سوكنا پەلتۇسىنى، چاچلىرىدا لاۋۇلداپ تۇرغان ياقۇت كۆزلۈك چاچ تۈرگۈچلىرىنى تاماشا قىلدى، بىر-بىرىگە ماسلاشقان ياكى ماسلاشمىغانلىقىنى باھالىدى. ئەينەكتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان بۇ سۈرەت ياشلىقى بەرق ئۇرۇپ تۇرغان قىز ئەمەس بەلكى ھەقىقەتەن تولغان، گۈزەل ئاياللارنىڭ سۈرىتى ئىدى. 

    قارلار نەشتىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى تىرنىلايدۇ، شاماللار قۇلاق تۈۋىدە غەزەپ بىلەن ھۆركىرەيدۇ، كىچىككىنە يۈرىكى سوغۇقتىن دىر-دىر تىتىرەيدۇ. بىچارە ماشىنىلار مۇزلىغان يۈرەكلەرنى بىر-بىرىگە قىستاپ تىزىپ تىنىمسىز ئالغا ماڭىدۇ، سوقۇلغان مۈرىلەر، ئۇچراشقان كۆزلەر بىر-بىرىگە سوغۇق تىگىشىپ قويۇپلا يوللىرىغا راۋان بولۇشىدۇ. ۋېۋىسكىلارغا يالىڭاچلا چاپلاپ قويۇلغان زەڭگەر كۆزلۈك گۈزەللەر بۇ سوغۇقنى ھېس قىلالمايدۇ، ئۇنىڭغا مۇھەببەت بلەن قارىغان نىگاھلارغىمۇ ياكى غەزەپلىك قاراشلارغىمۇ لەۋلىرىنى سوزۇپ، ھاياسىزلارچە تىكىلىپ تۇرۇۋىرىدۇ. نېمىگە تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدا بۇنداق ھاڭۋېقىپ تۇرۇۋېرىسەن، قىز بالا تۇرۇپ بىرسىنىڭ يالىڭاچ رەسىمىگە قاراپ تۇرسا سەت ئەمەسمۇ؟ بىراق، «باشقا ئاياللارنىڭ دېگەنلىرى راست ئىكەن. ئەرلەر دەل مۇشۇنداق رەسىملەرنىڭ كەينىدىن كىتىدىغان بولغاچقىلا... ھەي بولدىلا، بۈگۈن ھېچكىمدىن ئاغرىنماي، بۈگۈنۈڭنى خۇشھال ئۆتكۈزگىن. »

    شۇنچە قاچقانسىرى ھەجەپ ئۇچرايدۇ ھە بۇ تونۇش دېگەن. بايىلا ئۇنىڭ بىلەن ئەھۋاللىشىپ، «نېمانچە چىرايلىق بولۇپ كەتتىڭىز. تونۇمايلا قاپتىمەن. خۇش خەۋەر بار ئوخشىمامدۇ» دەپ مەنىلىك ھېجىيىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ئايال ئۇنىڭ ئانىسىنڭ خىزمەتدىشى. خەقنىڭ نېمە كارى ھە! خۇش خەۋەر بولسا مۇشۇ «تىڭ تىڭچى» ئايال بىلمەي قالارما؟ نېمىشقا ھەممە خەقنىڭ ئەس-يادى ئۇنىڭ بىلەنلا قالىدۇ. باشقىلارنىڭ ئۇنى ئۇنداقكەنەي، مۇنداقكەنەي دەپ باھا بېرىشكە نېمە سالاھىيىتى بار؟ ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئاققاندا قولياغلىق سۇنىدىغان بېرىنىڭ تايىنى يوق، چىرايلىق كىيىنىپ سەل خۇش بولۇپ قالسىلا ھەممىنىڭ كۆزى، سۆزى ئۇنىڭدا. «ياراتقۇچى بىز خەقنى يارىتىشقا كەلگەندە باشقىلارنىڭ كەينىدىن گەپ تاپىدىغان ھۈجەيرىمىزگە بەكرەك سېخىي بولۇپ كەتكەنمۇ نېمە؟ دەپ قالىمەن گاھىدا. ئاھ، توۋا قىلدىم. ھەجەپ گۇناھلىق خىياللارنى قىلىپ قالدىما. ئانام بۇ گېپىمنى ئاڭلاپلا قالىدىغان بولسا بولدى... ئوتتۇزغا كىرسەم نېمە بوپتۇ؟ تېخى قىرىققا كىرىپ كەتكىنىم يوق. قىرىققا كىرسەممۇ نېمە بوپتۇ. ». ئۇ ئۆز خىيالىدا ئۆزى بىلەن ئەشۇنداق ممۇڭدىشىپ چىقتى... 

    ئۇ يول بويىدىكى دۇكانلارغا، سېتىلىۋاتقان ئىسسىق ساقلاش كىيىملىرىگە، تىنماي ئۆتۈشىۋاتقان ماشىنىلارغا، نېمىلەرگىدۇر ئالدىراپ كىتىۋاتقان كىشىلەرگە، جاڭجاڭ سوغۇقتا يالاڭئاياق بالىسىنى قۇچىقىدا ئولتۇرغۇزىۋېلىپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە قول سوزۇۋاتقان تىلەمچى ئايالغا... ھەممە نەرسىگە قاراپ ماڭدى. بەخت دېگەن نېمە؟ ئەجەبا، ئاياللار بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن چوقۇم ئەرگە تىگىشى كىرەكمۇ؟ ئەرگە تەگكەن تۇرۇقلۇق ئۆز بەختىدىن ۋايسايدىغان، كەچكىچە ئەرلەرنى ۋاپاسىزدىن ۋاپاسىزغا، بۇزۇقتىن بۇزۇققا چىقىرىپ تىللاپ كىتىشىۋاتقان ئەشۇ خوتۇنلار بەختلىكمۇ؟ ئۇلارنىڭ بەخت توغرىسىدىكى ۋەز-نەسىھەتلىرى ئۇنىڭ مېڭىسىنى قوچۇيدۇ. ئىشخانىغا كىلىدىغانلا بولسا، شۇ گەپ شۇ غەيۋەت.

    -ۋېيەي مۇنىرە سىڭلىم. بىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇشلارغا، تويلارغا بارسىڭىزچۇ، نۇرغۇن ئەرلەر سىزنىڭ تاللىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، دەيمەن.
كىتابلا ئوقۇپ، باشقىلار مەندەك ياشىمايدىكەن دەپ ياراتمىسىڭىز، سورۇنلارغا ئارلاشمىسىڭىز قانداق بولىدۇ. بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئكتۈپ كەتمەڭ يەنە!
    -ئوقۇرىڭىزنى ئۇنچە ئىگىز قىلىۋالماڭ. كەچكىچە يېڭىلىق يارىتىمەن، دەپلا ئاۋارە بولۇپ يۈرسىڭىز، مۇشۇنداق قاتاردىن قالىدىغان گەپ.
    -ئەرلەر بولمىغانغا ياشىيالماي قالامدۇ؟ پۇل دېسە پۇل، ئۆي دېسە ئۆي، تاغدەك ئاتا-ئانىسى، بىر بەلەن خىزمىتى بار، مائاشى ئۆزىگە يېتىپ ئاشىدىغان تۇرسا نېمە قىلىدۇ چاكارلىقنى پۇلغا سېتىۋىلىپ.
    -ئۇنداق بولسا، ئاجىرشىپ كەتسىڭىز بولمىدىما خان. 
    -باللىرىمنىڭ دادىسىكەن، دەپلا ئاياپ قويىمەن. بولمىسا مۇنىرەنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا ياخشى. يا باشقۇرىدىغان ئادەم يوق، باردىڭ-كەلدىڭ دېمەيدۇ...
    -ھويت خان. «ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ بولسۇن، ئېيىق بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن» دېگەن گەپ بار.
    -ھايۋاناتلار باغچىسىغا بېرىپ ئۆي تۇتۇۋالمىسىلا يەنە جۇمۇ!
    -ھازىرقى ئەرلەرنىڭ ئېيىقتىن نېمە پەرقى؟
    -ھاھاھاھاھ، ھى ھى ھى ھى ھى ...
     دەريا بويىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئۇلار كۆپىنچە تىلفۇن ئارقىلىقلا كۆرۈشۈپ تۇردى. ئېنىقراقى بىر قانچە قىتىم پاراڭلاشقاچ بىرگە تاماق يىگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قىز كۆرۈشۈشكە پۇرسەت بەرمىدى. «ئىگىز بوي» ئۇنىڭ ھاياتىدا قانچە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان شۇنچە تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى. ئۇ بىرەر يىلنى تولىمۇ تەستە ئۆتكۈزدى. شۇنداق، ئۇ بارا بارا «ئىگىز بوي»نىڭ ئۆزى كۈتكەن شاھزادىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. مۇھەببەت شۇنداق بولامدىغاندۇ-ھە. كەلگۈسى تۇرمۇشىنى خىيال قىلسىلا مۇشۇ «ئىگىز بوي»نىڭ ئۇنىڭ خىيالىدىكى ئۆيىدە، ئاشخانىسىدا، ياتاق ئۆيىدە... ئۇنىڭ خىياللىرىنىڭ، ئارمانلىرىنىڭ ھەممە يېرىدە پەيدا بولۇپ تۇرۇۋالىدۇ. ئۇ بەلكىم ھاياتىدا تۇنجى قىتىم بىرەر ئوغۇل بالا بىلەن ئالاقە قىلىشى تۇنجى قىتىم بولغاچقا شۇنداقتۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ.

    -سىز بىر چەتئەللىك كىنو ئارتىسىغا بەك ئوخشايسىز. 
    -شارۇنخانغىما؟ 
    -ۋاي ياق. سىز يا ئۇنداق قارا ئەمەس، ئاق تۇرسىڭىز.
    -سىلەر قىزلار ئەگەر ئوغۇللارچەتئەللىككە، كىنوئارتىسىغا ئوخشىمىسا ياخشى كۆرمەمسىلەر.
    -مەن ئۇنداق دېمىدىمغۇ؟
    -ئەمسە ياخشى كۆرەمسىلەر؟
    -ھە؟! 
    -مېنى ياخشى كۆرەمسىز ؟
....

    بۇ دىئالوگلارنى ئۇ ئەبەدىي ئۇنتۇپ قالمايدۇ. چۈنكى بۇ ئۇنىڭ يىگىرمە ئۈچ ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، «ئىگىز بوي»ئۇنىڭغا «سوغۇق تىگىپ قالمىسۇن دەپ» ئىىىسىق ساقلايدىغان بىز يۈرۈش كىيىمنى سوۋغا قىلغاچ دېگەن سۆزلىرى ئىدى. ئۇلار مۇشۇ قىتىمقى ئۇچرىششتىن بۇيان يولدا تاسادىپىي ئۇچىرشىپ، كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا قايتا كۆرۈشۈپ باقمىدى. ئۇ تۇنجى قىتىم ئۆزىنىڭ تولىمۇ ساددىلىقىنى ھېس قىلدى. ئەجەبا، ئۇ «ئىگىز بوي» مېنى ياخشى كۆرەمسىز دەپ سوراپ بولغۇچە «جېنىم بىلەن» دەپ جاۋاپ بېرەلمىگىنى ئۈچۈنمىدۇ؟

    ۋاقىت ئۇ چاغلاردا تولىمۇ ئاستا ئۆتەتتى. بىر كۈننى كەچ قىلىپ ئەتىنى كۈتۈۋىلىشمۇ شۇنچىلىك ئۇزاق بىر جەريان ئىدى. ھەر كۈنى تىلفۇن كۈتۈش، ئۇچۇر كۈتۈش، «ئىگىز بوي»نىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش، دىدارىنى بىر كۆرۈشكە قانچىلىك تەشنا بولمىغان. بىراق، ئۇ ئۆزى ئىزدەشكە جۈرئەت قىلالماي، كۈتۈشكە بەل باغلىغانىدى. ئۇ ھەرگىزمۇ كۈتۈشلىرىم ئەبەدىي بولىدۇ، دەپ ئويلىمىغان، پەقەت پات ئارىدا ئۇ مېنى ئىزدەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. ساق بىر ئايدا ئۇ زور غەيرەتكە كىلىپ ئۇچۇر يازدى.

    -«ياخشىمۇسىز. كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بوپتۇ. نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش» 
    - «مەن يۇيۇنۇش بىلەن ئالدىراش. كاللامدىكى داتنى يۇيۇپ چىقىرۋىتەي دەيمەن» 
    -«مېنىمۇ دات قاتارىدا كاللىڭىزدىن يۇيۇۋەتمەكچىمۇ؟» 
    -«سىز دات ئەمەس، لىكىن يۇيۇۋىتىشىم كىرەك. ئەڭ ئاخىرقى قىتىم خوش.»

    «ئەڭ ئاخىرقى قىتىم خوش»؟ بۇ بىر ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش بىلەن باراۋەرغۇ؟ زادى نېمە بولدى، ئۇ نېمىنى خاتا قىلدى؟ «ئۆزى كەلگەن يارەي، ئۆزى كەتكەن يارەي» دېگەندەكلا بىر ئىشقۇ بۇ. رەھىمسىز ئەبلەخ، نېمىشقا بىر قىزنىڭ ھىسىياتىغا ئېغىر چاقچاق قىلىدۇ. ئۇ «ئۆيدىكىلەرنىڭ زورى»نى قايتۇرالمايلا، ھاياتىدىكى ئۆمۈرلۈك ئىشىغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قايتا-قايتا تىلفۇن قىلغان بولسىمۇ، مۇزلىغان يۈرەك ئېرىمىدى. ئۇ «ئىگىز بوي»دىن، بار ئەرلەردىن نەپرەتلەندى. شۇنىڭدىن قانچە «لايىق»لار بىلەن كۆرۈشكىنى ئېسىدە يوق، لېكىن ھېچقايسىسى بىلەن «كىلىشىپ»قالمىدى. ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ سۆ-چۆچەكلىرىدن قورقۇپمۇ، نەچچە قېتىم تەۋەككۇل قىلاي دېدىيۇ، ھاياتىغا چاقچاق قىلىشنى خالىماي، قەلبىدىكى مەنزىلىگە قاراپ دادىل قەدىمىنى ئېلىۋەردى.

    شۇنداق تەقدىر ئۇنچە تەڭسىزمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ ھەقىقىي غايىسىدىكىدەك يىگىت ئۇچرىغاندا بولسا، قىز ئۇ ياقنىڭ كۆڭلىدىكى بولماي قالدى، توغرىراقىنى ئېيتقاندا «ياخشىلارنىڭ ئىگىسى بار ئىكەن». ئۇمۇ ياخشىغۇ، نېمىشقا ئۇنىڭ «ئىگىسى» يوق؟ قىسقىغىنە بەش-ئالتە يىلدا ئۇنىڭ ھاياتىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، يېشىنىڭ چوڭىيىپ بېرىۋاتقىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندىمۇ، خىزمىتىدە نۇرغۇن ئۇتۇقلار بارلىققا كەلدى، كىچكىرەك بولسىمۇ ئەمەل تۇتۇپمۇ ئۈلگۈردى، بوش ۋاقىتلىرىدا نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇدى، ئۆز تەقدىرىنى ئىزدەشتىن بىر مىنۇتمۇ ۋاز كەچمىدى. بىراق، بۇرۇن شۇنچە ئاستا ئۆتكەن ۋاقىتقا ئەمدىلىكتە نېمە بولغاندۇ. بىغۇبار بىر قىزنى بىردەمدىلا ئوتتۇز دېگەن ياشنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ تاشلىدىغۇ.

    -ئاداش راستىنلا ئەشۇ سەھراغا كىتەمسەن؟ 
    - ھەئە. 
    - بىر يىل ئاز ۋاقىتمۇ؟ ساراڭمۇ سەن؟ باشلىق بولۇشنى ئويلاپ قالدىڭمۇيا؟ 
    - ياق، مەن بۇنداق مۇرەككەپ، ساختا مۇناسىۋەتلەردىن زىرىكتىم.
    - سەنچە ئۇ يەردە بۇنداق ئىشلار يوقمۇ؟
    - يوق، بار بولسىمۇ بۇنچە ئەمەس. سەھرانىڭ قوينى،، خەلقىمۇ ماڭا شۇنچە تەبئىي تۇيۇلىدۇ.
    - كىتابنى كۆپ ئوقۇسىمۇ بولمىغۇدەك. «ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت».
    - مەن قارار قىلىپ بولدۇم.
    - بۇ جاھىللىقىڭنىزە...
    ...

    ئۇ بىر كۈن مەقسەتسىز ئايلىنىپ يۈرۈپ، قاراڭغۇ چۈشكەندە ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئىشىك تۈۋىدە «مۇنىرە تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن»دېگەن خەتلەر يېزىلغان باغاقچە چاپلانغان بىر دەستە گۈل ئۇنى كۈتۈۋالدى. ئۇ پوچۇركىلارنى تونۇدى. تۇيۇقسىز يۈرىكى شۈررىدە ئېرىپ كەتكەندەك بولدى. ئەمدى، ئۇ قاچانغىچە «ئىگىز بوي»نىڭ سايىسىغا ئەگىشىپ يۈرۈيدۇ. «سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغۇچە، سېنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول» دېگەن توغرىدە. ئۇ گۈلنى ياتاق ئۆيىدىكى تومپۇچكىغا قويدى-دە، تىلفۇننى ئاچتى. ئوخشاش بىر نومۇردىن ئارقا-ئارقىدىن «تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن. سىزنى، سىزنىڭ قايتىپ كىلىشىڭىزنى كۈتىمەن»دېگەن ئۇچۇر يەتتە قىتىم يوللانغان ئىدى. ئۇ ئاخىرى بۇ نومۇرنى باستى. بېسىلىۋاتقان نومۇرلارغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ تەقدىرىمۇ يېڭىچە بىر ھاياتقا قاراپ قەدەم بېسىۋاتقاندەك ئىدى...

    ئۇنىڭ تويى توغرىسىدا بولىنىدىغان پاراڭلارنىڭ ئورنىغا«ساراڭ»لىقى توغرىسىدىكى پاراڭلار ئەۋجىگە چىقتى. ۋىلايەتتە ئىشلەيدىغان بىر قىز ئۆزى تەلەپ قىلىپ، يىراق بىر چەت يېزىنىڭ كۈتۈپخانىچىلىق ئىشلىرىنى تىخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە، چېنىقىشقا بارىمەن، دەپ يۇقىرىغا ئىلتىماس سۇنغان ئىدى، تەستىقلاندى. ئۇنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭ ئەتىسىنى- يېڭى يېشىنىڭ ئىككىنجى كۈنىنى گۈزەل بىر ماكان، ئاقكۆڭۈل كىشىلەر كۈتۈۋالاتتى. بۇلارنى ئويلاپ ئۇ خىلى يېنىكلەپ قالدى. چۈنكى بۇ مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ئۇنى جاق تويغۇزغان ئىدى. ئۇ نەرسە-كىرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ، سەپەرگە تەييارلاندى. 

    چوڭ شەھەردىن سەھرايى قىيامەتكە خىزمەتكە كىلىدىغان بىر قىز توغرىسىدىكى پاراڭ بۇ يېزىغا ئۇنىڭدىن بۇرۇن يىتىپ كەلدى.

    -ئوتتۇزغا كىرگەن قىزمىش. 
    -قىز؟ 
    -ھە. توي قىلمىغانمىش.
    -توۋا، ئوتتۇزغا كىرىپمۇ توي قىلمىغان قىرى قىز كىلەمدىكەن؟ 
    -يوغان شەھەرنىڭ راھىتىدىن كېچىپ بۇ يەرنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسا چوقۇم بىر ئىش بار.
    -جازالانغانمۇ يە.
    -بىزنىڭ باشلىق ئۇنداق دېمىدى. بەك ماختاۋاتىدىغۇ.
    -ماختاپ قويىدۇ-دە ئەمدى.
    -نېمىشقا بۇ يەرنى تاللاپ قالغاندۇ؟ 
    -تىگىدىغان يىگىتى مۇشۇ يەردىدۇ يا.
    -يىگىت؟ ئوتتۇزغا كىرىپ قالغاندا يىگىت ئالامتى؟
    -ئەمسە ئەرلىرىگە ئوبدان ھەزى بولالا.
    -بۇمۇ بار گەپ. شەھەرنىڭ قىزلىرى بوش ئەمەس...
    ...

 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY