باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-21 00:35 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئۆزگىرىش

ئۆزگىرىش

ئاينۇر دولقۇن


    ھۆرىگۈل بۈگۈن پۈتۈن بىر كۈن تىلفۇننى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگەندى. شۇنچە قىلسىمۇ ئېسىدە تۇرمىغانسىرى ئۆزىگە ئاچچىقى كىلەتتى.

    -توۋا، قېرىپ كەتتىممىكىن دېسەم چوڭ بالام ئەمدى تېخى 6-سىنىپقا چىقتى. بىر كىم كىلىپ«قانچە ياشقا كىردىلە» دەپ سورىسا يا جاۋاب بېرەلمەيمەن. ئانامدىن مەن قاچان تۇغۇلغان دەپ سورىسام«تاڭ بالام، قاچان تۇغۇلغان بولغىيتىڭكىن، تازا بىلمەيمەن. سەن چوڭ ئاچام ھەۋىخاننىڭ گۈلزار دېگەن قىزى بىلەن بىر يىلدا تۇغۇلغان» دەيدۇ. ئۇ گۈلزارغا قارىسامغۇ كىچىك قىز بالىدەك، چوڭ بالىسى ئەمدى تېخى ئۈچ ياشقا كىردى. جاپا ئادەمنى مۇشۇنداق قېرىتىۋەتسە كىرەك. ۋاي قوۋۇرغامەي، ئۇ گۈلزارخاننىڭ مېنى ھۆرىگۈل ئاچا دېيىشلىرىنى قانداق قىلاي. بوپتۇ، گۈلزارغۇ ئوقۇدى، مائاشى بار خىزمەتچى، ياسىنىپ چاچلىرىنى ئاتتۇرۇپ يۈزىنى مايلىۋالسىلا كىچىك قىز بالىدەك چىرايلىق تۇرىدۇ. لىكىن، مەن بىلەن باشقا تەڭتۇشلىرىم بىلەن بىر يەردە تۇرساممۇ ئۇلارنىڭ ئانىسىدەك كۆرۈنىمەن. چېكىلىرىمگە ئاق كىرىپ، ھېلى قويغان نەرسەمنى ھازىر تاپالماي گاراڭدەكلا بولۇپ قالدىما توۋا. ماۋۇ تىلفۇن دېگەن نېمە ھەممە ئادەمدە بار ھازىر، خەقمۇ رەسىمگە تارتىپ ناخشا قويۇپ قىلالايدىكەن. مەنچۇ؟ بىر كۈن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئاران دېگەندە تىلفۇن ئۇرۇش بىلەن تىلفۇن كەلسە ئېلىشنى ئۆگەندىم. مەكتەپ يۈزى كۆرگەن بولساممۇ بۇنچە بوپ كەتمەستىم ھە!

    ھۆرىگۈل ئەينەك ئالدىغا كىلىپ ئاستا ياغلىقىنى ئېلىپ، بۈدرە چاچلىرىغا قاراپ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالدى. « ما خوتۇن نېمە قىلىپ قويدى چېچىمنى. خۇددى سېمىز قوينىڭ قۇيرۇقىدەكلا قىلىپ قويۇپتىغۇ. باشقا خەققە ياراشقان بىلەن ماڭا ياراشمايدىغان ئوخشايدۇ جۇمۇ بۇ بۈدرە دېگەن نەرسە. بولدىلا ياغلىقىمنى ئارتىۋىرەي. گېرىم بويۇملىرى دېگەنمۇ زەھەردىن قىممەتكەنغۇ. ئۆمرۈمدە بەش موچەنگە ئوسما ئالماي ئۆزۈم تېرىپ ئاندىن قويغان خوتۇنمەن. قولۇم يېرىلسىمۇ قوينىڭ قۇيرۇق مېيىدا ياغلىۋىلىپلا يۈرۈۋىرەتتىم. قانداق بېر نېمە ماۋۇ لاك دېگەن، كىرپىك ئۇزارتىدۇ دەپ 15 كويغا ئالغۇزدى. كۆكتات بازىرىنىڭ ئالدىغا چىقسام 15كوي دېگەنگە كىچىكرەك توخۇدىن بىرنى بېرەتتى. شۇنى بېسىپ باللىرىمغا پولۇ ئېتىپ بەرسەمچۇ كاشكى. يا قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىسەم.

    ھۆرىگۈل تۈنۈگۈن يان كوچىدىكى قوشنىسى قۇندۇزئاي بىلەن بازارغا كىرىپ، 100يۈەندىن ئارتۇق پۇلغا گېرىم بويۇملىرى، 250يۈەنگە بىر يوپكا-چاپان ئالدى. بازاردىن قايتاشىدا بىر گېرىمخانىغا كىرىپ 45يۈەنگە چېچىنى بۈدرە قىلدۇردى.

    -ھەجەپ خوتۇن جۇمۇ سەن. مەن ئەر كىشى بولساممۇ سەندەك چېڭگىز خوتۇننى تاشلاپ كىتىمەن زادى. ساڭا دېسەمچۇ ئادىشىم، ئېرىڭ دېگەن شوۋاگەدەنگە قارا، ئۆزۈڭنى بىر كۆرسىتىپ قويۇپ ياخشى قىلدىڭ. توي قىلىپ مۇشۇ چاغقىچە ئېرىڭغا بىرەر رەت ئۈنلۈك ۋارقىراپ باقمىغان بولغىيتىڭ؟

    -ياق. توۋا دېگىنە قۇندۇز، ئەر كىشى تۇرسا ئۇ. لىكىن، تۈنۈگۈن ساراڭ بولۇپ قالغان ئوخشايمەن. ئۇنى نېمىلەرنى دەپ تىللىدىمكىن، يانچۇقىدىكى پۇلنى ئېلىۋىلىپلا ئىشىكتىن ئىتتىرىپ چىقىرۋىتىپتىمەن. بۈگۈن بىردەمدىلا 500كويدەك پۇلنىڭ ھەشكاللىسىنى چىقىرۋەتتىڭغۇ سەن. ئۇمۇ تەستە تاپىدىغان تۇرسا. تۈنۈگۈنمۇ ئۆيگە كىرمىگەن، بۈگۈنمۇ كىرمىسە قانداق قىلارمەن؟

    -مېڭەڭنى قاغا چوقۇۋالدىمۇ سېنىڭ. كىرمىسە دەپ كەتكىنىنى. ھەي! بۇرۇن كىرەمتى؟ ئاۋۇ مومايغا ئۆگىنىپ قالغاندىن بۇيان كۈندە ئۆيگە كىرەمدۇ. نۆۋەت بىلەن كىرىۋاتقاندۇ؟ پۇلىغا ئېچى ئاغرىپ كەتكىنىنى ماۋۇ كالۋانىڭ. ھەي، سەن خەجلىمىسەڭ ئاۋۇ خوتۇن خەجلەيدۇ ئۇ پۇلنى.

    -ئىشقىلىپ ...

    -تولا ئىچىمنى سىقمىغىنا. ئەتە ئۇ چايغا مەريەكمۇ بارىدۇ. شۇڭا، راۋۇرۇس بېرىپ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەت.

    -ئەمسە مەن بارمايمىكىن.

    -نېمىشقا ئەمدى؟ 

    -ئۇ خوتۇننى كۆرە كۆزۈم يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە چاي ئوينىغىمنى دادام بىلسە رەنجىپ كىتىدۇ.

    -داداڭغا دېمىسەڭ قانداق بېلىدۇ. ھەممە يەردە سېنى كۆرەپ تۇرامتى يا.

    -دادام كۆرمىسە، خۇدايىم كۆرۈپ تۇرىدۇ ئاداش.

    -سەن... مەن گەپ قىلسام بولمايدۇ قارا. گۇناھلىرىمنى تارتىپ بولالمايۋاتقاندا. ئىشقىلىپ ئەتە بېرىپ ئاۋۇ قېرى بۇزۇقنىڭ ئەدىبىنى بېرىمىز. چۈشەندىڭمۇ؟ بۈگۈن ئەگەر ئېرىڭ قايتىپ كەلسە قانداق قىلىشنى بېلىسەنغۇ؟

    -بولدى، قۇندۇزئاي. مەن ئۇنداق قىلىقلارنى قاملاشتۇرالمايمەن.

    -ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشنىمۇ بىلمەمسەن. ئىشىكتىن كىرىپ بولغۇچە نېمە يەيلا، قايتا تاماق ئېتەيمۇ يا تاماقنى ئىسسىتىپ كىرەيمۇ دەپ پەرۋانە بولۇپ كەتمەي، ئۇنىڭغا گەپ قىلماي تۇرساڭلا بولدى. ئەگەر ساڭا گەپ قىلسىمۇ پەرۋايىڭغا ئالمىغاندەك تۇرساڭ ئاندىن چۈچۈيدۇ. ئەر كىشىنىڭ قانچىلىك ئەقىلىسىزلىكىنى كۆردۇڭمۇ؟ گۈلدەك ئايالى تۇرسا نەدىكى قېرى خوتۇنلارغا... بولدى، بۇلارنى دەپ كۆڭلۈڭنى رەنجىتىپ قويماي. ئەمسە شۇنداق بولسۇن. ئەتە ئەتىگەندە كىرىمەن. 

    ئۇ تۈنۈگۈن قۇندۇزئاي بىلەن مۇشۇنداق پاراڭلارنى قىلىشىپ خوشلاشقان. ئەتىگەن ئۇ يەنە كىرىپ«ماۋۇ بىر نەرسىنى ئشىلىتىشنى ئۆگىنىپ قوي»دەپ، بۇ تىلفۇننى بېرىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ھۆرىگۈلنىڭ ئاخشامدىن بۇيان كۆڭلى جايىدا ئەمەس، باشقا چاغلاردا ئۆيگە كىرمىسە ئاچچىقى كىلىپ يىغلايتى، قارغايتى، ئارقىدىن قايتا-قايتا ناماز ئوقۇپ ئېرىگە ئىنساب تىلەيتى. لىكىن توي قىلغاندىن بۇيان ئېرىنى بىرەر قىتىم سەن دەپ، ئالىيىپ قاراپ باقمىغان، كىيىم كىيىمەن دەپ جىدەل قىلىپ باقمىغان، كىيىم ئېلىپ بەرمىدى دەپ يامانلاپ كەتكەن خوتۇنلارنى ئەكىلىپ قويۇش ئۈچۈن بارغاندا«بۇ دۇنياغىمۇ تويىمىز، ئاخىرى بىر پارچە رەختكە ئورۇلۇپ بۇ دۇنيادىن كىتىمىز. بۇنداق كىيىم-كىچەكنى دەپ ئائىلىدىكى ئىناقلىققا تەسىر يەتكۈزمەڭلار»دەيدىغان ھۆرىگۈل ئۈلۈشكۈن تۇنجى قېتىم ئېرى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشتى. ئېرى ئىشىكتىن كېرىشىگىلا:

    - بۇ ئۆيگە نېمە دەپ كەلدىلە. ئەشۇ يەردە قونۇۋەرسىلە بولمامتى. تەڭ كىچىدە ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى ھارام قىلىپ؟

    - نېمە دېدىڭ؟ نەدە قونىمەن؟

    - شۇنىمۇ مەن دەپ بېرەمدىم؟ مەريەم سەتەڭنىڭكىدە.

    ھۆرىگۈل بۇنى ئېغىزىدىن چېقىرىپ بولۇپ، ئىچىدە ئاپلا دەپ قالدى. چۈنكى ئۇ ئېرى بىلەن مەريەم سەتەڭ توغرىسىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغىلى خىلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، باشتا ئىشەنمىگەن. چۈنكى مەريەم سەتەڭ دېگەن ئايالنىڭ قېزىمۇ ھۆرىگۈلدەك كىلەتتى. كىيىنچە ئىشەنگەن بولسىمۇ «ئەر-خوتۇن ئارىسىدىكى ھايا-پەردىشەپ يوقاپ كەتمىسۇن. ئۇمۇ ماڭا بىلىندۈرمىگەندىكىن، مەنمۇ يۈزىگە سېلىپ شەرمەندە قىلماي، بىر كۈنلەردە ئىنسابقا كىلىپ قالا»دەپ گەپ قىلمىغان. بېراق بۈگۈن دەپ سالدى.

    - ھە، مۇنداق دە. بەك نوچى بولۇپ كەتتىڭمۇ نېمە؟ ئېرىڭنى ئۆيدىن ھەيدەپ خەقنىڭ ئۆيىگە بار دەيدىغان. ئۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدىكەنمەن؟

    - ئۆزلىرىگە ئايان.

    - تاياق يېگۈڭ كىلىۋاتىدۇ ھە سېنىڭ.

    - يېمىگەن تاياقمىتى؟ ئۇ قېرى خوتۇنۇڭنى ئۇر دەپ، بېقىپ كۈچلەندۈرۈپ قويۇۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟

    - بىكار جۇمۇ ماۋۇ پاسكىنا نېمە دەيدۇ- ئەمەتمۇ ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەن گەپنى دەڭسىمەيلا دەپ قالغىنىنى ھېس قىلىپ بولغۇچە ھۆرىگۈل ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى.

    - مەن پاسكىنىما؟ ھە. پاسكىنا دېگەن سەن. ھۇ دەيۈز! مەن سېنىڭ ئايالىڭ تۇرسام شۇنداقمۇ تىللامسەن.

    ھۆرىگۈل ئېرىنىڭ ياقىسىغا قانداقسىگە ئېسىلىپ سالغىنىنى بىلىپ بولغۇچە، ئەمەت ھۆرىگۈلنىڭ يۈزىگە بىر تەستەك سالدى ۋە ھۆرىگۈلنىڭ قولىدىن بىر سىىلكىپلا ياقىسىدىن ئاجرىتىپ، سېرىتقا قاراپ ماڭدى.

    -نەگە؟ 

    -مەريەم سەتەڭنىڭكىگە.

    -يانچۇقۇڭدىكى پۇلنى قويۇپ ماڭ. قېنى پۇلۇڭ بولمىسا تونۇمدىكەن ئۇ خوتۇن سېنى.

    ئەمەت ئايالىغا تونۇمىغاندەك قاراپ قويۇپ چاپاننى سېلىپ تاشلاپ بېرىپلا چىقىپ كەتكەنچە، مانا ھازىرغىچە خەۋىرى يوق. «بۇرۇنغۇ كەتسەڭ يەنە مۇشۇ ئۆيگە كىلىسەنغۇ دەپ ئولتۇرىۋىرەتتىم. بىراق، مۇشۇ چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمەي ئۇ ئايالغا تېخىمۇ كۆنۈپ قالسا زىيان تارتىدىغىنى يەنە مەن بولارمەن؟ قانداق يېپىشىپ قالدىم بۇ قۇندۇزئايغا. نېمىلەرنى دەپ كەتتىم، بۇ ئايالمۇ تۇرمۇشنىڭ خاپىلىقىنى جىق تارتىپ مۇشۇنداق بولۇپ قالغان. نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇمۇ مېنىڭ غېمىمنى يەپ شۇنداق دەۋاتسا ھەي، ئايال بولماق ھەجەپ تەسكەن. قۇندۇزئاينى باشقىلار ئۇنى بۇنى دېگەن بىلەن ئىچىدە بىر پاتمان دەردى بار. »...

    ھۆرىگۈل يەنە ئەينەك ئالدىغا كەلدى. ئۇنىڭ قاپقارا ئەگىم قاشلىرى ۋە چوڭ قارا كۆزلىرى، بۇغدايئۆڭ پارقىراق يۈزلىرى، نىپىز ئوماق لەۋلىرى ئەزەلدىن گېرىم بويۇملىرى دېگەنلەرنى كۆرۈپ باقمىغان. ئۇ بۇ نەرسىلەرنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمەي قۇندۇزئاي كىرگەندە سورايچۇ، دەپ كىيىملىرىنى كەيگەچ تۇردى. قۇندۇزئاينى خىلى ساقلىسىمۇ كىرمىگەچكە، ئۆگەنگىنى بويىچە قۇندۇزئايغا تىلفۇن ئۇردى.

    -مەن ماۋۇ بېرى نېمىلەرنىڭ قايسىنى ئاۋال سۈرۈپ قايسىنى كىيىن سۈرىمەن دېگەنلەرنى بىلمىدىم. ئۆزۈڭ كىرمىسەڭ بولمايدىغان ئوخشايدۇ. 

    -توۋا، جاھاندا سەندەك خوتۇندىن يەنە بېرى چىقسا قۇلىقىمنى ساپالدا كىسىپ بېرىمەن جۇمۇ .

    -ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، يۈزۈمگە سۇۋاپ قويساملا بولماس ئۇ نەرسىنى. بۈگۈن ئۆگىتىپ قويساڭ ئاندىن كىيىن ئۆزۈم قىلىمەن. تىزراق كىر.

    قۇندۇزئاي ئىشىكتىن كىرىپلا ھۆرىگۈلگە قاراپ كۈلۈپ تاشلىدى.

    -توۋا، مايمۇندەك قىلىپ ئولتۇردۇڭما يۈزۈڭنى. كىيىملىرىنى كىيىۋالغىنىنى.

    -شۇ مەشىق قىلىپ باققان. يالىڭاچ ئولتۇرامدىم كەيمەي.

    -كىيىم دېگەننىچۇ گېرىمنى قىلىپ بولۇپ ئاندىن ئاۋايلاپ كىيىمىز. نېمە ئۇ مەڭزىڭدىكى. 

    -ماۋۇ قىزىل نەرسىكەن.

    -ھا ھا ھا. ھەي ئۇ دېگەن قاپاققا سۈرىدىغان نەرسە.

    شۇنداق پاراڭلار بىلەن قۇندۇزئاي ھۆرىگۈلگە گېرىم قىلىپ، چاچلىرىنى تۈرمەللەپ، زىبۇ-زىننەتلىرىنى تاقىدى. قۇندۇزئاي ھۆرىگۈلنىڭ ياغلىقىمنى ئارتىۋالاي دېگىنىگە ئۇنىماي، ياغلىقىنى ئۇنىڭ بوينىغا سېلىپ قويدى. ئۇلار شەھەرنىڭ چېتىگىرەك جايلاشقان سۈزۈكئاي رىستۇرانىنىڭ زالىغا كىردى. ھۆرىگۈل بۇندىن بۇرۇنقى رىستۇراندا ئۆتكۈزۈلگەن توي-مەرىكىلەرگە قاتناشقىنى كەلگىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇنداق چايغا تۇنجى قېتىم كىلىشى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئورنى سەھنىگە يېقىن جايدىكى ئىككىنجى ئورۇن بولۇپ، سورۇن تېخى باشلانماي تۇرۇپلا ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ياڭراتقۇدىن چېقىۋاتقان قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋاز ھۆرىگۈلنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋەتكەچكە ئۇ سىرتقا چىقىپ كەتتى.

    ھۆرىگۈل مەريەم سەتەڭگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىپ ئولتۇراتتى. سورۇن باشلىنىپ يېرىم سائەت بولغاندا، چېچىنى بېشىنىڭ چوقىسىغا تۈرمەللەپ، ئالدىغا بىر قانچە تال چېكە چاچ چۈشۈرۋالغان، خۇددى تىلۋوزۇردىكى كىيىم مودىللىرىغا ئوخشاپ قالغان مەريەم سەتەڭ كىرىپ كەلدى. گېرىم دېگەنمۇ يامان نېمىكەن، مەريەم سەتەڭنىمۇ خۇددى 30ياشلىق ئاياللاردەك قىلىپ قويۇپتۇ. ئۇ ئۇچىسىغا ھال راڭ چېكەن كۆينەك كىيىپ، بوينىغا سېلىۋالغان سۈزۈك ھال راڭ شارپىسىنى مۈرىسى ۋە بىلەكلىرىگىچە چۈشۈرۋالغان بولۇپ ھەممە ئايالنىڭ ئالدىغا كىلىپ يۈز يېقىشىپ كۆرۈشتى ۋە تۆردىكى بىر ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى. باشقىلار خۇددى ئالاھىدە مېھماننىڭ ئالدىدا قول باغلاپ تۇرغاندەك ئۇنىڭغا قاراپ يالغاندىن ھېجىيىپ قويىشىپ، ئىچىدە بولسا نېمىلەرنىدۇر دەپ غودۇراپ ئولتۇرىشاتتى.

    -قارا، شۇڭا ئېرىڭنى تارتىۋاپتىكەن بۇ سېرىق مۈشۈك. قېرىغىننى تۇيمايدىغان بۇزۇق. چېرايىڭنى ئىچىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ ئولتۇر. ھە راست، بىلەمسەن؟

    -ھە، نېمىنى؟

    -تانسىنى؟

    -ھە؟

    -ۋاي ئانام. شۇ ئىشنى چالا قىپتىمەن ئەمەسما؟ قاراپ تۇر، ھېلى كۆرىسەن.

    ئۇسۇل ئويناش باشلانغاندا مەريەم سەتەڭنىڭ ئوينىغان ئۇسۇللىرىغا قاراپ ھۆرىگۈل ھەيران قالدى. ئۇخۇددى كەسپى سەنئەتچىلەردەكلا ئوينايتى. يان ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قېلىشتى. ھۆرىگۈل سەھنىدە ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئاياللارنىڭ ھەرىكەتلىرى، بىر-بىرىگە قاراپ چېقىراۋاتقان قىلىقلىرى، قاش ئېتىشلىرىغا قاراپ تېنى شۈركىنىپ كەتتى. تانسا مۇزىكىسى باشلانغاندا ياندىكى ئۈستەلدىكى سېمىز بىر ئەر مەريەمنى تانسىغا تارتتى. ئۇ خۇددى توزدەك پىرقىراپ تانسا ئويناۋاتاتتى.

    -قوپە، ساڭا ئۆگىتىپ قوياي. بۇ دېگەن ۋالىس. بەك ئاسانلا ئۆگىنىۋالىسەن.

    -ياق، زادى مەن كىلىدىغان يەر ئەمەستى بۇ. ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇپ، بىر كۈن پوقتا ئېغىز ئاچقاندەكلا ئىش بولمامدۇ بۇ ماڭا. ماڭ كىتەيلى!

    -ساراڭمۇ سەن. چاينىڭ 200كوي پۇلىدىن سېرىت ماۋۇ تاماققىلا 30يۈەن تۆلەيمىز جۇمۇ. 

    -بولدى. باش-كۆزۈمنىڭ سەدىقىسى بولسۇن.

    ھۆرىگۈل قەئىي چىڭ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇلار ئىككىسى«بالىلار يالغۇز قالغان، قورقۇپ قالمىسۇن»دېگەننى باھانە قىلىپ رىستۇراندىن چېقىشتى. دېمىسىمۇ ھۆرىگۈلنىڭ ئۈچ ئوغلى بەك كەپسىز بولۇپ، ئۇ ھېلى بىر ئىش بولۇپ قالارمۇ، دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرالماي قالغان ئىدى. قۇندۇزئاي يول بويى غۇدۇراپ ماڭدى.

    - كۆردۈڭمۇ مەريەكنى. بۈگۈن قانداق قىلىش لازىملىقىنى بىلىۋالغانسەن.

    - بۈگۈن پوق يەپ بۇ ھالدا يۈرۈپتىمەن مەن-ھۆرىگۈل شۇنداق دېگەچ ياغلىقىنى بوپينىدىن ئېلىپ بېشىغا ئارتىۋالدى.

    - نېمانداق گەپ قىلىسەن، مەن سېنى زورلاپ ئەكەلدىمما؟

    - بۈگۈن خۇددى بىرسى مېنى كۆرۈپ قالغاندەك يۈرۈكۈم بەك سوقۇپ كىتىۋاتىدۇ. ھەجەپ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ بىرمۇنچە گۇناھنى يۈدۈۋالدىما! خۇدايا توۋا.

    - بۇ كۈندە زادى «ياخشىلىقنىڭ كۆتى تۆشۈك». شۇنچە ھاقارەتلەرگە چېداپ يۈرمىسۇن، مەندەك قىسمەتكە دۇچ كەلمىسۇن دەپ كۆڭۈل بۆلسەم. بۇ كۈندە غىت قىسىپ ئولتۇرغان ياخشى زادى.

    - مەن سەندىن خاپا بولمىدىم، ئۆزۈمگە دەۋاتىمەن. كۆڭلۈم پاراكەندە. سەن بولساڭمۇ رەنجىمەي تۇرغىن. باشقا گەپنى قىلىشقاچ ماڭايلى بولدى.

    - مەن ساڭا دېمىگەن گەپلىرىمدىن دەپ بېرەي. سەن كىشىلەرگە دەپ يۈرۈيدىغانلاردىن بولمىغاندىكىن. مېنىڭ ئېرىمنىڭ ناھىيىمىز سەنئەت ئۆمەكنىڭ ئۇسۇلچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىسەن. چوڭ ئوغلۇم مەردان قۇيۇپ قويغاندەك دادىسى، ئىلاھىم خۇيىنى دورىمىغاي. ئۇ بىر ئۇسۇلچى قىزغا بۇزۇلۇپ مەندىن ئاجىرشىپ كەتمەكچى بولغان. شۇ چاغلار ئىككىنجى ئوغلۇم مەۋلان بىر ياشقا كىرگەن ۋاقىت ئىدى. ئاجراشمايمەن دېسەم ماڭا تۆھمەت چاپلاپ خېتىمنى بەردى. ھۇ ئىپلاس، قانداق بەدنام چاپلىدى دېمەمسەن، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بىر نەشىكەش ئاغىنىسى بار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۈستىدىن چۈشۈپ قالدىم دەپ گەپ تارقىتىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان. مەن ئۇنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان. شۇنداق قىلىپ بىز ئاجىرشىپ كەتكەن. ئۆي ۋە ئىككى بالا ماڭا قالغان. مەن ئەشۇ ئەرنىڭ كەينىدىن ئۇنىڭ يۇرتىغا مۇساپىر بولغان ئەقىلسىزمەن. ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىغا قايسى يۈزۈم بىلەن بارىمەن دەپ شۇ يەردە كىچىك بىر ئاشخانا ئاچقان. مېنى بۇزۇق دەپ قارايتىڭغۇ سەنمۇ بۇرۇن، بەلكىم ھازىرمۇ شۇنداق ئويلايدىغانسەن.

    - توۋا دە. قۇندۇز. مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن.

    - ئويلىساڭمۇ توغرا. دېمىسىمۇ مەن شۇنداق. ئاشخانا ئېچىۋاتقان چېغىمدا بىر قانچە ئەبلەخ مېنى بۇزۇق بولغاچقا ئېرى خېتىنى بەرگەن دەپ ئىزدەپ كەپتۇ. بۇ نەھاقارەت. كىيىن تۇنجى قىتىم ماڭا چېقىلغان يات ئەر ناھىيىلىك بازار باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى ئۆمەر گودۇز. ساڭا دېمەپتىمەن.مەن باشتا كوچىدا ئۆپكە-ھېسىپ قۇيۇپ ساتقان.شۇ چاغدا قاتناشقا تەسىر كۆرسەتكەن، قانۇنسىز تىجارەت قىلغان دەپ يايمىلارنى يىغىپ ئەكىرىپ كەتكەن. مەنمۇ نەرسىلىرىمنى ئالغىلى بارغاندا شۇنداق ياخشىچاق بولۇپ كەتكەنئۇ ئۆمەر گودۇز. كىيىنچەسالام-سائەت قىلىشىدىغان بولدۇق. مەن رەسمىي كىچىك ئاشخانا ئاچقان چاغدا ئۇ پۈتۈن رەسمىيەتلەرنى ھەل قىلىپ بەرگەن. بىر كۈنى كەچتە دۇككاننى تاقاي دەپ تۇرسام... بولدىلا. كىيىنچە ئۆگىنىپ قالدى. ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن، مەنمۇ ھەم كۆنۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئايالى دۇكىنىمغا كىلىپ جىدەل قىلغاندا بۇ ئىش ئاخرلاشتى. چوڭ بالام باشلانغۇچقا كىرگەن ۋاقتى ئىدى. باشقىلار ھاراملىق دەپ تىللاپتىكەن، يىغلاپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردىن كۆچۈپ بۇ يەرگە كەلدۇق. ئۆينى سېتىۋىتىپ، بۇ يەردىن بىر ئاشخانا ئىجارىگە ئىلىپ ئاچتىم. ئاۋۇ مەريەكنىڭ قېزىنىڭ ئېرى ئاشخانامغا تولا تاماققا كىلەتتى. مېنى ئېرىدىن كۈنلەپ ئۇرۇشۇپ بوزەك قىلدى. باشتا يىغلاپ يالۋۇردۇم، ھېچ بوشايدىغاندەك ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن مانا ئەمسە دەپ مەريەكنىڭ ئوغلىنى كۆندۈرۋالدىم. بۇ پاتقاققا پېتىپ قالسا ئۆزىنى تارتماق تەسكەن. بىر يىل ئاۋال مەردان بالامنى ئىچكىرىدىكى گۇمپا ئۆگىتىدىغان بىر مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەنتىمغۇ. ئۇ مېڭىش ئالدىدا ماڭا«ئانا، ياخشى ئۆگىنىپ سېنى بوزەك قىلغان ئەرلەنى ئۇرىمەن، ئۆچۈڭنى ئېلىپ بېرىمەن»دېگىنىنى ئاڭلاپ، بەك يىغلاپ كەتتىم. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇنداق ئىشتىن قول ئۈزگەن. ئۇ بالاممۇ تەتىل قىلىپ كەلگىلى بىر ئايچە بولدى.قايسى كۈنى ئۆگزىدە شوخلىلارنى ئاپتاپقا يېيىۋاتاتتىم. ئادەتتە ئۆزۈم يالغۇز بولسام ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ ئولتۇرىمەن. ئىشىك قېقىلىۋىدى، قارىسام بالامكەن. ئىتتىك چۈشۈپ ئىشىكنى ئاچاي دەپ شوتىدىن چۈشۈۋاتسام مەريەكنىڭ ئاۋازى:

    - مەردانجان بالامغۇ بۇ. چوپچوڭلا بولۇپ كەتكىنىنى. ئاچۇقۇچ يوقما؟ ئىشىك تاقاقمىكەن.

    - ياق. زەنجىرلاغلىقكەن. ئانام يا ئۇكام ئىچىدە ئوخشايدۇ. 

    بۇ چاغدا مەريەك بالامنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ، ئەتراپىغا قارىۋىتىپ:

    -ئەمسە كىرمەڭ. ئىچىدە ئانىڭىز مېھمان كۈتىۋىتىپتۇ. سىز كىرسىڭىز خىجىل بولۇپ قالىسىز. چۈشەندىڭىزمۇ؟ داداشلار بار ھەقىچا ئىچىدە...

    ئۇ شۇنداق دەپ پىخىلدىغىنىچە كىتىپ قالدى. نېمە بولدۇممكىن، باشقا چاغ بولسا تىللاپ ۋەتىۋەرىكىنى چىقىرۋىتەتتىم. بالامنىڭ چىرايىغا قارىسام قان دىدارى قالماپتۇ. بىچارە بالام كەينىگە يېنىۋاتاتتى. ئىتتىك ئىشىكنى ئېچىپ چاندۇرماي ئاچتىم. ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا:

    -سىنى يەنە ئەسكى ئەرلەر بوزەك قىلىۋاتامدۇ؟

    -ياق، جېنىم بالام. ھېچكىم بوزەك قىلمىدى. ئۇنداق خوتۇنلارنىڭ گىپىگە ئىشەنمە.

    مەن شۇنداق دەپ مەرداننى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتىم. ئۇمۇ يىغلىدى، تۇيۇقسىز«مەن دادامغا ئۆچ»دېدى. مەنمۇ نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. ئەمدى 11ياشقا كىرگەن تۇرسا ئۇ تېخى. بۇنداق خورلۇق تارتسا قانداق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشنى ئويلاپ يۈرۈۋاتسام ئۇ بۇزۇقنىڭ ئېرىڭنىمۇ بۇزغانلىقىنى ئاڭلاپ سېنى ئىزدەپ كىردىم.

    -مەن ئارقىلىق مەريەم سەتەڭدىن ئۆچۈڭنى ئالماقچى بولدۇڭ؟

    -ئۇنداق ئويلىساڭ بولمايدۇ. سەن ئۆچ ئېلىشنى ئويلىمىدىڭمۇ؟

    -ئاللاغا تاپشۇردۇم. سەۋرچان بولاي. بىر يەردىن چىقار. سەنمۇ ئېچىڭگە ئېلىپ كەتمە. راستىمنى دېسەم ئەمدى ساڭا بولغان قارىشىم ئۆزگەردى. ئەمدى قايتا ئۇ قەدەمنى باسما.

    ھۆرىگۈل بىلەن قۇندۇزئاي شۇنداق خوشلاشتى. ھۆرىگۈل قۇندۇزئاينىڭ قىسمەتلىرىنى ئاڭلاپ ئايالنىڭ قىممىتى ۋە ئىززىتى ئۈچۈن ياخشى بىر ئەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلدى. ئەمەتمۇ ئاجرىشىمەن دەپ تۇرۇۋالارمۇ؟ ھۆرىگۈل ئۇنىمىسا ئۇمۇ قۇندۇزئاينىڭ ئېرىدەك... ياق، ھۆرىگۈل خىيالىنىڭ ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇ ئىشىكتىن كىرگەندە يولدىشى ئۆيدە تىلۋوزۇر كۆرۈۋاتاتتى. ئەمەت ھۆرىگۈلنىڭ ئۈستىبېشىغا قاراپ ھەيران قالسا، ھۆرىگۈل ئېرىنىڭ بۇنچە بۇرۇن تاكسىنى كىچىلىك نۆۋەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئۇدۇل ئۆيگە كەلگىنىگە ھەيران ئىدى.

    -نېمە ئۇ يۈزۈڭدىكى، مايمۇندەك!

    -خەق قىلسا چىرايلىق كۆرۈنۈپتىكەن، مەنمۇ چىرايلىق بولاي دەپ.

    -سەن ئەشۇنداق خەقنى دورىساڭ يارىشامدا؟ 

    -يارىشىدىغاندۇ؟

    - يۈزۈڭنى يۇيۇۋىتىپ ئاندىن قارا ماڭا.

    - بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقتى. بۇرۇنلا كىلىۋاپلىغۇ ئۆيگە.

    ئەمەت جاۋاب بەرمىدى. ئۇ ئۈلۈشكۈندىن بۇيان كۆرگەنلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى. ئۇ ھۆرىگۈل بىلەن ئۇرۇشۇپ قىلىپ، تولۇق ئىشەنچ بىلەن «ھوجرا»غا قايتىپ ئىشىكنى چەككىنىدە، قىزى ئاچتى ۋە ئانام ئۇخلاپ قالدى، نېمىشقا تىلفۇن قىلىپ قويمىغانسىز، بولمىسا مېنىڭكىدە قونۇڭ، دەپ باشلاپ ماڭدى. ئەمەت قىزنىڭ كەينىدىن قويدەك ئەگىشىپ ماڭدى، مەريەمنىڭ قىزىنىڭ ئۆزىنى كۈتۈشكە تەييارلانغىنىنى كۆرگەن ئەمەت سەل گۇمانسىراپ قالدى. چۈنكى ئۇ ھەر قانچە بولسىمۇ بۇلار ئۇنداق نومۇسسىز باسقۇچقا يىتىپ كەتمىگەندۇ دەپ ئويلايتى تۇيۇقسىز مەريەمنىڭ ئۆيىدىن ئاڭلانغان ئەرنىڭ ئاۋازى ئۇنى سەگەكلەشتۈردى ۋە مەريەمنىڭ قىزىنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي ھويلىغا چىقىپ مەريەمنىڭ ئىشىكىنى قاتتىق چەكتى ۋە ۋارقىرىدى. ئۇ ھويلا دەقىقە ئىچىدە قىقاس-سۈرەنگە تولغان بولسا، مەريەم سەتەڭنىڭ ئىككى ئېغىز گېپى بىلەن يەنە بىردەمدىلا بېسىقىپ قالدى. قاتتىق تىل ئاڭلىغان ئەمەت بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ھازىرغىچە مەريەمنى ئۇنداق دەپ ئويلىمىغان، ئۇ مەريەمنىڭ مۇھەببەت ھەققىدىكى سۆزلىرىنى راست دەپ ئويلىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ياش پەرقىنى مىسال قىلىپ، خالىسا توي قىلىدىغىنىنى، بولمىسا مۇشۇنداق ئۆتۈشكىمۇ رازى ئىكەنلىكىنى ئىيتقان ئىدى. شامدەك ئېرىپ كەتكەن ئەمەت ئايالىنىڭ بىشەملىكىدىن دىلى قاتتىق رەنجىپ، ئۇنىڭغا توي تەلىۋى قويۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن ئەمەسمىدى؟!. بىراق...

    ئۇ نېمىدىگەن نادان! ئۇ ئەمدى ئازمايمەن دەپ ئەھدى قىلدى ۋە بۈگۈن رىستۇراننىڭ ئالدىدا ئايالىنى كۆرۈپ، ئۆز ئايالىغا ئىگە بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنى رىستۇران ئىچى ۋە يولدا يوشۇرۇن كۆزىتىپ كەلدى. قۇندۇزئاي بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان پۇرسەتتە ئۆيگە بالدۇرراق بېرىپ تىلۋوزۇرنى ئېچىپ ئولتۇرۋالدى.

    -مەن خاتا قىلدىم. ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن. ماڭا ئىشەن. سەنمۇ بۇنداق بىمەنە ئىشلارنى قىلىپ يۈرمە.

    -مەن شۇ ئۆزگىرىپ باقاي دەپ...

    -بولدى. مەن ئۆزگىرىمەن، ئۆزگىرىپ ياخشى ئەر، ياخشى دادا بولىمەن. ماڭ يۈزۈڭنى يۇي!


2009- يىل 28-فىۋرال ئۈرۈمچى
 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY