باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-24 07:58 | ئاپتور: رىزۋانگۈل يۈسۈپ | مەنبە: ئجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

يامغۇر پەسلى

يامغۇر پەسلى


رىزۋانگۈل يۈسۈپ


     سىم -سىم يامغۇر يېغۋاتاتتى...
    يولنىڭ قاسنىقىدىكى گۈل دەرىخى قىزلارنىڭ لېۋىدەك ئاجايىپ چىرايلىق چىچەكلىگەندى.يامغۇر تامچىلىرى چېچەك بەرگىلىرى ئۈستىدە شەبنەمدەك يالتىراپ تۇراتتى. كوچىدا ئادەملەر ئانچە كۆپ ئەمەس، پىيادىلەر يولىدىن يېشىل مۇخلار ئۈنۈپ چىققانىدى. ئۇ گويا پايانداز ئۈستىدە كېتىۋاتقاندەك ئاۋايلاپ ئاستا كىتىۋاتاتتى. ئۇ تۇتىۋالغان كۈنلۈكنىڭ ئۈستىدىكى گۈل كەشتىسى بەكلا چىرايلىق كۆرىنەتتى. يامغۇر تامچىلىرى كۈنلۈك ئۈستىدىن سىيرلىپ چۈشۈپ يەرگە ئاستا-ئاستا تامچىلايتتى. ئايال بەكلا چىرايلىق ياسانغانىدى. ھالرەڭ لەۋ سۇرخى سۈزۈك چىرايىغا ئاجايىپ ياراشقانىدى.
    بۈگۈن ئۇنىڭ توي خاتىرە كۈنى ئىدى. ئەمما يولدىشى كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇ سەمىمىي ، ئائىلىسىگە كۆيىنىدىغان ئەر ئىدى. ئەمما ،ھەمىشە مۇھىم خاتىرە كۈنلەرنى ئۇنتۇلۇپ قالاتتى. توي قىلغىنىغا 15يىل بولغىنىغا قارىماي ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرەر قىتىممۇ سوراپ قويمىغانىدى. ئۇنىڭ بۇلارنى ئويلىسىلا كۆڭلى يېرىم بولاتتى. ئەمما ئېرىدىن خاپا بولۇشنىڭ ئورۇنسىزلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى. ئەر ئالدىراش يۈرەتتى. بۇنداق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى ئېسىدە تۇتىدىغانغا ۋاقتى يەتمەيتتى.
    ئايال ئەتىگەندىن بېرى ئېرىنىڭ تېلفون قىلىشنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتتى، چۈشتە ئېرى تېلفون قىلدى. ئەمما بۈگۈنكى توي خاتىرە كۈنى توغۇرلۇق ئېغىز ئاچمىدى. ئۇ يەنە ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى. ئايالمۇ ھېچنىمە دېمىدى. ئەمما كۆڭلى شۇنچىلىك يېرىم بولدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە بىلىنگەن بۇ كۈنلەر بەلكىم ئېرى ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەستۇر. ئۇ بەلكىم سىرتتا قانداقتۇر مۇھىم ئىشلار ئۈچۈن پايپىتەك بولۇپ يۈرگەندۇ ...
    ئۇ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى چىرايلىق تۇرقىنى ئېرىنىڭ كۆرۈشىنى بەكلا خالايتتى.ئېرى تۇيۇقسىز قايتىپ كەلسە ،ئايالنىڭ شۇنچىلىك چىرايلىق تۇرقىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قېلىپ قاراپ قالسا...ئەمما ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا بۇ خىل تاسادىبىيلىقنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقى ئىنىق ئىدى. ئايال بەكلا ئاستا كېتىۋاتاتتى. ئاپپاق ئايىغى بىلەن مۇخلارنى دەسسىۋەتمەسلىككە تىرىشاتتى. يامغۇرنىڭ تامچىلىغان ئاۋازى مۇزىكىدەكلا يىقىملىق ئىدى. نەمخۇش ھاۋا كۆڭۈلگە ياقاتتى. گۈل بەرگىلىرى ئۈستىدىكى يامغۇر تامچىلىرى ھىسياتچان ئايالنىڭ كۆز ياشلىرىنى ئەسلىتەتتى. ئايالنىڭ ئالدىدا بىر جۈپ قىز –يىگىت كېتۋاتاتتى. قىزيىگىتنىڭ بىلىكىگە ئېسىلىپ يىگىتكە يۆلەنگىنىچە ماڭاتتى. يىگىت قولىدىكى كۈنلۈكنى پات-پات قىز تەرەپكە سۈرۈپ قوياتتى. ئايالنىڭ بۇلارغا مەسلىكى كەلدى. قىزىق ئىش ،ئۇمۇ ئېرى بىلەن بىر يەرگە بارغاندا ئېرىنىڭ بىلىكىگە ئىسىلىپ سەلگىنە يۆلىنىپ مېڭىشقا ئامراق ئىدى. ئايالنىڭ يۈرىكىدە تاتلىق بىر ھىسيات ئاستا-ئاستا مەۋج ئۇرۇشقا باشلىدى. ئەمما، ئايالنىڭ بۇ ھىسياتچان يۈرىكىنى ئېرى مەڭگۈ چۈشەنمەيتتى.
    ئايال مېڭىپ –مېڭىپ ھۈپپىدە گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان باغچا ئالدىغا كەلدى.ئۇ بۇ باغچىغا بالىلارنى ئويناتقىلى ئېلىپ كەلگەندىن باشقاق ئۆزى يالغۇز ، ھەتتا ئېرى بىلەنمۇ بىللە كەپ باقمىغانىدى. ئۇ باغچىنى ياقتۇراتتى. باغچىغا بالىلىرىنى ئويناتقىلى ئەكەلگەنلىرىدە بالىلىرىنى ئويۇنغا قۇيۇپ بېرىپ ، ئۆزى ئەتراپتىكى گۈزەللىكتىن جىممىدە ھوزۇر ئالاتتى. سۇلارنىڭ شارقىرىغان ئاۋازىنى ،گۈللەرنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى ،قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى زوق بىلەن ئاڭلايتتى. ئايال باغچىغا كىردى،دىماغلىرى گۈپپىدە گۈل ھىددىغا تۇلۇپ كەتتى. يامغۇرنىڭ سىمىلدىغان ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. گۈللەردىن ،چىملىقلاردىن نەمخۇش توپا پۇرىقى كېلەتتى.
    ئايال باغچە ئېچىنى ئاستا ئايلىنىشقا باشلىدى. كېتۋىتىپ ئۇ ئېرىنىڭ يېنىدا بولۇشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلىپ قالدى.
    ئايال تۇيۇقسىز چىپپىدە توختاپ قالدى.يىراقتا بىر ئەر ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئەر ئېگىزدە ،بىر تۈپ قارا ياغاچ دەرىخىنىڭ تۈۋىدە تۈۋىدە تۇراتتى. ئەر يېنىدىكى ئاشۇ دەرەخكە سېلىشتۇرغاندا تولىمۇ مەزمۇت ،ھەيۋەتلىك كۆرىنەتتى.
    ئايالنىڭ يۈرىكى گۈپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. ئەردىن ئىتتىكلا كۆزىنى قاچۇرۇپ ،كۈنلۈك ئاستىغا سەلگىنە يۇشۇرۇپ ،ئالدىغا قاراپ مېڭىپ كەتتى. ئايالنىڭ قەدەملىرى ئاستا ئىدى. ئۇ ئىگىزگە قايتىلاپ قارىمىدى. يول-ئاستا-ئاستا ئېگىزلەپ باراتتى. يولنىڭ قاسنىقىدىكى قارىياغاچ دەرىخىنىڭ يۇپۇرماقلىرى ئەتراپقا بۈككىدە يېيلىپ تۇراتتى. ئايالنىڭ يۈرىكىدە يەنە تاتلىققىنە ھسىيات مەۋج ئۇرۇشقا باشلىدى. ئېرى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىزلا پەيد ابۇلۇپ قالسا... 
    ئۇ كۈچلۈك ئاياق تىۋىشىدىن تۇرۇپلا ئەندىكىپ ،بېشىنى كۆتەردى. يولنىڭ قايرىلىش دوقمۇشىدا چوقچۇيۇپ تۇرغان بىر تۈپ دەرەخنى ،دەرەخ يېنىدا ئۆزى تەرەپكە قاراپ كېلۋاتقان ھېلىقى ئەر كىشىنى كۆردى. ئەر ئايالدىن كۆزىنى ئۈزمەي كېلەتتى. قەدەملىرى ئاستىلاپ ،ئايالنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئىختىيارسىز توختاپ قالدى.
    ئايال ھەممىنى –ئۇ ئەرنىڭ ئۆزىدىن كۆز ئۈزمەي قاراۋاتقانلىقىنى ،يېنىدىلا توختىغىنىنى كۆرۈپ تۇراتتى. ئەمما ،ئۇ توختىمىدى، ئۇ ئالدىغا قاراپ تېخى نەچچە قەدەملا ماڭغانىدى، بىردىنلا كۈچلۈك شامال كەلگەندەك ئايالنىڭ قولىدىكى كۈنلۈك ئۇچۇپلا ئەرنىڭ يېنىغا بېرىپ توختىدى. ئايال كەينىگە يېنىپ ،ئە رئۇزاتقان كۈنلۈككە قول تەڭلىدى.

    -رەھمەت سىزگە!- دېدى ئايال ئاستاغىنە .ئەر كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.ئايال مېڭىشقا تەمشەلدى. 
    -مەن تېخى سىزنى يامغۇر پەرىسىمىكىن دەپ قاپتىمەن،-دېدى ئەر تۇيۇقسىزلا. 
    -مەنمۇ سىزنى باغچا قاراۋۇلىمىكىن دەپ قاپتىمەن.-دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ .
    ھەرئىككەيلەن بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتى. ئايال ئۆزىنىڭ بۇنچىلىك ئېچىلىپ كۈلۈپ باقمىغىنىغا بەكلا ئۇزاق بولغىننى ئىسىگە ئالدى.
    -خالىسىڭىز بىرگە ئايلىنايلى -دېدى ئەر.
    ئايال ئىختىيارسىز ماقۇل بولدى. 
    يامغۇر سىمىلداپ يېغۋاتاتتى .ئەمما،ئاسمان بىتى سۈزۈك ئىدى.گۈل بەرگىلىرىدە يامغۇر تامچىلىرى شەبنەمدەك يالتىرايتتى.
    -جەنۇپتىن بىر يىغىنغا كەلگەن ئىدىم،-دېدى ئەر ئاستا كېتىۋىتىپ ،-بۈگۈن ئۆزەمچىلا يامغۇردا ئايلانغۇم كەلدى. ئايلىنىپ كېلىپ بۇ باغچا ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن .بۇ باغچىنى كۆرۈپ كىتەي دەپ كىرگەنىدىم. - ئەرنىڭ ئاۋازى سالماق ۋە ئۇرغۇلۇق ئىدى. ئايال بۇخىل ئاۋازنى ياقتۇراتتى.
    -يۇرتىڭىزدا باغچا يوقمۇ؟-دەپ سورىدى ئايال.
    -باغچا بار ،ئەمما بۇ باغچىدەك چىرايلىق ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇپ تەرەپتە يامغۇر ئاز ياغىدۇ.ياغسىمۇ بۇنداق يىقىملىق سىم-سىم يامغۇر يوق دەڭا ...
    يامغۇر سەلگىنە ئەدەپ قالدى. ئەرنىڭ قولىدا كۈنلۈك يوق ئىدى. يامغۇ رتامچىلىرى ئۇنىڭ چاچلىرىغا ،كىيىملىرىگە تاراسلاپ چۈشۈشكە باشلىدى.ئايال قولىدىكى كۈنلۈكنى ئەر تەرەپكىرەك سۈردى. يامغۇر ئەمدى ئايالنىڭ مۈرىلىرىگە تاراسلاپ چۈشۈشكە باشلىدى.
    -بولدى، ئۆزىڭىز تۇتىۋېرىڭ.سىم-سىم يامغۇر دېگەن ھىچ گەپ ئەمەس. دەپ ئويلاپ كۈنلۈك ئېلىۋالماپتىمەن. ھىچنىمە بولمايدۇ.كىيىملىرىم ھۆل بولۇپ قالسا ياتاققا بارغاندا ئالماشتۇرۋالىمەن.
    ئۇلار ئىتتىك-ئىتتىك مېڭىپ ئۇدۇل تەرەپتىكى دۇكانغا كىرىشتى.بۇ بىر سوغاق ئىچىملىك دۇكىنى ئىدى.دۇكاندا ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال ئولتۇراتتى. ھايال ئۆتمەي دۇكاندىن قايتىپ چىقىشقا توغرا كەلدى.دۇكان ئىچى بەكلا تار، ئايالنىڭ قاراشلىرى بەكلا سوغۇق ...
    يامغۇر يەنە ئاستىلاپ سىمىلداپ يىغىشقا باشلىدى. ئايالنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتكۈسى يوق ئىدى. ئۇ بۇرۇندىن سىم-سىم يامغۇردا سىرتتا ئايلىنىشنى ياخشى كۆرەتتى. 
    ئۇلار يەنە مېڭىشقا باشلىدى. يول بارا-بارا ئېگىزلەپ باراتتى. ئەر 40ياشلاردىكى شۇنچىلىك سالماق ھەم كىلىشكەن ئەر ئىدى. پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئەقىل –پاراسەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.
    -بۈگۈن مېنىڭ توي خاتىرە كۈنۈم ئىدى،-دېدى -دە، ئايال ئىختىيارسىز ھالدا ،-ئۆزۈم يالغۇز ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى.ئېرىم كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن. ئۇ كېلەر ھەپتە قايتىپ كىلىدۇ،-ئايال شۇلارنى دەۋىتىپ مەيۈسلا كۈلۈپ قويدى. 
    -بۈگۈن سىز ئۈچۈن راستتىنلا ئالاھىدە كۈنكەن،-دېدى ئەر ئىتتىكلا.
    -يامغۇردا ئايلىنىپ يۈرۈشنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن كۇپايە.
    ئايال شۇلارنى دەۋىتىپ يۈرىكىدە يەنە تاتلىق ھېسلار ئۇرغۇشقاق باشلىدى.
    ئەر بىردىنلا توختاپ ،گۈللۈكتىن ئاجايىپ چىرايلىق ئىچىلغان بىر تال ئەتىرگۈلنى ئۈزۈپ كېلىپ ئايالغا ئۇزاتتى.
    -توي خاتىرە كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!-دېدى ئەر. 
    -رەھمەت ،-دېدى ئايال كۈلۈپ تۇرۇپ ،شۇغىنىسى مۇشۇبىر تال گۈل ئۈزگىنىڭىز ئۈچۈن باغچا قاراۋۇلىغا جەرىمانە تۆلەيدىغان بولدىڭىز.
    -جەرىماننى چوقۇم تۆلەيمەن.بۇ ھىچقانچە گەپ ئەمەس.مۇھىمى ،سىز خۇشال بولسىڭىزلا بولدى.
    ئەتىرگۈل ئوتقاشتەك جۇلالىق ،ئايالنىڭ لەۋلىرىدەكلا چىرايلىق ئىدى.يامغۇر يەنە سەل ئەدەشكە باشلىدى.ئايال كۈنلۈكنى ئەر تەرەپكە سۈردى.يامغۇر سۈيى كۈنلۈكتىن ساقىپ ھەر ئىككەيلەننىڭ مۈرىسىگە توكۇلداپ چۈشۈشكە باشلىدى.ئۇلارنىڭ بىلەكلىرى بىر-بىرىگە تېگىشىپ تۇراتتى.يامغۇر تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.ئايال توڭۇپ سەلگىنە تىترەشكە باشلىدى ھەم ئىختىيارسىز ئەرنىڭ بىلىكىگە قولىنى ئۆتكۈزۈپ ئەرنى قولتۇقلىۋالدى. ھالرەڭ كۈنلۈك ئۇلارنى يامغۇردىن دالدا قىلىپ تۇراتتى.ئۇلارنىڭ قەدەملىرى تەكشى ئىدى. ئەرنىڭ سالماق ئاياغ تىۋىشىغا ئايالنىڭ نازۇك ئاياغ تىۋىشى سىڭىپ كەتكەنىدى. ئايالنىڭ قولىدىكى ئەتىرگۈل قىپقىزىل جۇلالىنىپ تۇراتتى.
    ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە باغچىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە چىقىشتى. يامغۇر سەل توختاپ سىمىلداپ يىغىشقا باشلىغاندى.
    -نېمىدېگەن چىرايلىق ،-دېدى ئەر ئەتراپقا قاراپ.
    -راست ،بۇ يەر ھەقىقەتەن گۈزەل ،بولۇپمۇ يامغۇر پەسلىدە ،-دېدى ئايال.
    ئۇلار شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزاق تۇرۇشتى. ئەتراپقا ئاستا-ئاستا گۇگۇم پەردىسى يېيلىشقا باشلىدى.
    -قايتىپ كېتەيلى -دېدى ئايال ئاستا.
    ئۇلار ئاستا چۈشۈشكە باشلىدى.ئايال يەنە ئەرنىڭ بىلىكىگە قولىنى ئۆتكۈزۈپ قولتۇقلىۋالدى.ئايال ئەرنىڭ رىتىملىق يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلاپ كېلەتتى.
    -مېنىڭچە بولسا مۇشۇ يول پەقەت تۈگمىسىكەن دەيمەن.ئىككىمىز قولتۇقلىشىپ مۇشۇ ماڭغانچە يىراق –يىراقلارغا كەتسەك ياخشى بولاتتى،-دېدى ئەر.
    -نەگە ؟سىزنىڭ يۇرتىڭىزغىما ؟-دەپ سورىدى ئايال كۈلۈپ.
    -ياق،تېخىمۇ يىراققا ،سىزنى ھەم مېنى ھىچكىم تاپالمايدىغان يەرگە كېتىپ باقساق دەيمەن.
    ئايال تېخىمۇ كۈلۈپ كەتتى.ئەرمۇ كۈلدى.بۇ سۆزلەرنىڭ چاقچاقلىقى ،مەڭگۈ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. بىردىنلا ئايالنىڭ ئېسىگە بالىلىرى كەلدى.
    -بالىلىرىم مېنى ساقلاۋاتىدۇ ھەقىچان ،مەن ماڭاي!
    ئايال ئالدىراپ قالدى. ئېنىقكى ،بالىلىرى چوقۇم ئۆيدە ئۇنى ساقلاۋاتاتتى.
    -مەن ئۇزۇتۇپ قۇياي-دېدى ئەر.
    ئەر بىر تاكسىنى توسۇپ ئايالنى ئۇزۇتۇپ قويدى. تاكسى غۇيۇلداپ قوزغالدى.ئەرنىڭ چىرايى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن لاپپىدە غايىب بولدى.
    سىرتتا سىمىلداپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى. ئايالنىڭ قولىدىكى گۈل قىپقىزىل جۇلالىنىپ تۇراتتى. 


مەنبە يېشىل ئارمان

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ئەجەپ ئاقكۆڭۈل ئەركەن ،مۇنداق ئەرلەر يوققۇ دەيمەن ھازىرئۆچۈرۈش2011-7-3 05:10[0 نۇمۇر]بەخىت
  • رەخمەت سىزگە!دېدى ئايال ئاستىغىنە .ئەر كۈلۈمسىرەپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى.ئايال مېڭىشقا تەمشەلدى.
    مەن تېخى سىزنى يامغۇر پەرىسىمىكىن دەپ قاپتىمەن،-دېدى ئەر تۇيۇقسىزلا.
    -مەنمۇ سىزنى باغچە قاراۋۇلمىكىن دەپ قاپتىمەن.،-دېدى. كۈلۈپ تۇرۇپ .
    ھەر ئىككەيلەن بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈشۈپ كەتتى.ئايال ئۆزىنىڭ بۇنچىلىك ئېچىلىپ كۈلۈپ باقمىغىنىغا بەكلا ئۇزاق بولغىننى ئىسىگە ئالدى.
    _خالىسىڭىز بىرگە ئايلىنايلى دېدى ئەر.
    ئايال ئىختىيارسىزماقول بولدى.
    يامغۇر سىمىلداپ يىغۋاتاتتى .ئەمما،ئاسمان بىتى سۈزۈك ئىدى.گۈل بەرگىلىرىدە يامغۇر تامچىلىرى شەبنەمدەك يالتىرايتتى.
    -جەنوپتىن بىر يىغىنغا كەلگەن ئىدىم،_دېدى ئەر ئاستا كېتۋىتىپ ،_بۈگۈن ئۆزەمچىلا يامغۇردار ئايلانغۇم كەلدى.ئايلىنىپ كېلىپ بۇ باغچە ئالدىغا كىلىپ قاپتىمەن.بۇ باغچىنى كۆرۈپ كىتەي دەپ كىرگەندىم.ئەرنىڭ ئاۋازى سالماق ۋە ئۇرغۇلۇق ئىدى.ئايال بۇخىل ئاۋازنى ياقتۇراتتى.
    _يۇرتىڭىزدا باغچە يوقمۇ؟_دەپ سورىدى ئايال.
    _باغچە بار ،ئەمما بۇ باغچىدەك چىرايلىق ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنوپ تەرەپتە يامغۇر ئاز ياغىدۇ.ياغسىمۇ بۇنداق يىقىملىق سىم-سىم يامغۇر يوق دەڭا...
    يامغۇر سەلگىنە ئەدەپ قالدى.ئەرنىڭ قولىدا كۈنلۈك يوق ئىدى.يامغۇ رتامچىلىرى ئۇنىڭ چاچلىرىغا ،كىيىملىرىگە تاراسلاپ چۈشۈشكە باشلىدى.ئايال قولىدىكى كۈنلۈكنى ئەر تەرپكىرەك سۈردى.يامغۇر ئەمدى ئايالنىڭ مۈرىلىرىگە تاراسلاپ چۈشۈشكە باشلىدى.
    _بولدى،ئۆزىڭىز تۇتۇۋېرىڭ.سىم-سىم يامغۇر دېگەن ھىچ گەپ ئەمەس.دەپ ئويلاپ كۈنلۈك ئىلۋالماپتىمەن.ھىچنىمە بولمايدۇ.كىيىملىرىم ھۆل بۇلۇپ قالسا ياتاققا بارغاندا ئالماشتۇرۋالىمەن.
    ئۇلار ئىتتىك-ئىتتىك مېڭىپ ئۇدۇل تەرەپتىكى دۇكانغا كىرىشتى.بۇ بىر سۇغاق ئىچىملىك دۇكىنى ئىدى.دۇكاندا ئوتتورا ياشلىق بىر ئايال ئولتۇراتتى.ھايال ئۆتمەي دۇكاندىن قايتىپ چىقىشقا توغرا كەلدى.دۇكان ئىچى بەكلا تار،ئايالنىڭ قاراشلىرى بەكلا سۇغۇ ...
    ئۆچۈرۈش2011-6-25 13:34[3 نۇمۇر]سەرۋى
  • مەنزىرە تەسۋىرى بەكلا ئۆزگىچە ئىكەن.
    راسلا ئاياللار توي قىلىپ 15 يىلىدىن كىيىنمۇ رۇمانتىك كىلەمدىغاندۇ؟
    ئۆچۈرۈش2011-6-24 16:36[3 نۇمۇر]ئەخمەق
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY