باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-22 20:03 | ئاپتور: سائادەت ساتتار | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئاق كۆينەك

ئاق كۆينەك


(مىكرو ھىكايە)


سائادەت ساتتار


    خوشنامنىڭ ئۆيىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ ۋە جاراڭ-جۇرۇڭ چېقىلىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ئاۋازلىرىغا كۆنۈپ كەتكەن بولساممۇ ئۇلارنىڭ 6ياشقا كىرگەن قىزىنىڭ كارىدوردىكى يىغا ئاۋازىنىڭ بارغانسىرى بۇغۇلۇپ چىقىۋاتقانلىقىغا چىدىيالماي بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم، قىزچاق ئۆي ئىچىدىن ھەربىر ئاۋاز چىققانسىرى تاقىۋېلىنغان ئىشىكنى ئىتتىرىپ يىغلاۋاتتى. ئۇ مىنى كۆرۈپ يىتىرقاش ئىچىدە تېخىمۇ ئۈمچىيىپ يىغلاشقا باشلىدى. مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي سەل تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ئۇنى قورقۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن چىرايىمغا زورىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ كىلىپ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە قايتۇرۇپ كىردىم، ئۇنىڭ بۇ ئۆيگە ئانچە كىرگۈسى يوقلىقى بىلەكلىرىمنى ئىتتىرىپ يىغلاشلىرىدىن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنى تېزرەك گوللاش ئۈچۈن قىزىمنىڭ ئويۇنچۇقلىرى ۋە ئۇششاق يىمەكلىكلىرىنى ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭ ئالدىغا تۆكۈۋەتتىم. ئۇ ھىچنەرسىگە قارىماي تېخىچە ھېقىغداپ ئولتۇراتتى.
    ئۇنىڭغا بىرنەرسە دەپ كۆڭلىنى تىنجىتقىم كەلدىيۇ،نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي :

    -بۈگۈن يەسلىگە بارمىدىڭىزمۇ؟-دەپ سورىدىم .
    -ئاپام مىنى يەسلىگە ئېلىپ ماڭغانتى دادام ئۇنىمىدى-دىدى قىز باياتىنقى كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن ئازارچىلىق قايتا ئىسىگە كەلگەندەك ئىسەدەپ. 
    -دادىڭىز سەل خاپا بولۇپ قاپتۇ سەل تۇرۇپ ئوڭشىلىپ قالىدۇ،ئاندىن ئاپىڭىز سىزنى يەسلىگە ئاپىرىدۇ ھە ... سىز مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ، مەن دادىڭىزغا دەي بولامدۇ؟
    -ياق، دادام ئوڭشالمايدۇ.
    -نىمىشقا ؟-دەپ سورىدىم مەن ئەجەپلىنىپ.
    -ئاپام پۇل بەرمىسە دادام ئوڭشالمايدۇ، لېكىن ئاپامدا پۇل يوق ... 
    بۇ كۈتۈلمىگەن جاۋاپتىن تۇرۇپلا قالدىم. گەرچە ئۇدۇل ئىشىك خوشنىلار بولساقمۇ كارىدور-پەلەمپەيلەردە ئۇچرىشىپ قالساق بېشىمىزنى لىڭشىتىشىپلا قوياتتۇق، لېكىن بەزى خوشنىلاردىن ۋە قورودىكىلەردىن قىزچاقنىڭ دادىسىنىڭ ئەسلى خېلى ئىستىقباللىق زىيالى ئىكەنلىكىنى لېكىن توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىن خىروئىنغا خۇمار بولۇپ قېلىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى كۆپ تالاپەتكە قويغانلىقىنى، ئىدارىسىدىن ئۇنىڭ زەھەر چەككەنلىكىنى بىلىپ قېلىپ ئىشتىن ھەيدەلگەندىن كىيىن ئاشۇ بىچارە ئايالىنىڭ ئازغىنە مۇئاشى ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن تونۇش-بىلىشلارغا كۆپلەپ قەرزگە بوغۇلغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
    -بىچارە ئاجىزلارغا نىمە كۈن بۇ –دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم قىزچاقنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.
    قىزچاق بۇ ئۆينىڭ مۇھىتى بىلەن ئاستا-ئاستا تۇنۇشۇپ قالدى بولغاي، يىغىسىنى توختىتىپ قونچاققا كىيىم كىيگۈزۈپ ئويناپ ئولتۇراتتى، لېكىن ئۇدۇلدىكى ئۆيدىن پات-پات قىيا-چىيالار ياكى جاراڭ-جۇرۇڭلار ئاڭلانسا چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ تولىمۇ مەيۈس ھالەتتە ماڭا قاراپ ئۈمچىيىپ كىتەتتى ، مەن ئۇنى قۇچىقىمغا ئولتۇرغۇزۇپ ئامال بار ئۇنى ئەمىنلەشكە تىرىشتىم. ئۇنىڭغا بۇ ئۆيدىمۇ ئۇنىڭدىن سەللا چوڭ بىر ئاچاشنىڭ بارلىقىنى ئەمدى كۈندە كىرىپ بىللە قونچاق ئوينىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدىم ، ئۇنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىدىكى زەررىچە خۇشاللىق ئۇچقۇنى يۈرىكىمنى ئېچىشتۇرۇۋەتتى.
    بىز خېلىلا چىقىشىپ قالدۇق، ئۇ مەندىن توختىماي سۇئال سورايتتى، بايىقى چوڭلارغا خاس جىمغۇر، مۇڭلۇقلىقى يوقاپ ئېچىلىپ قالغان ئىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ ئۇدۇل ئۆيدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاپ قايتا جىمىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ سۇئاللىرىغا ئۈنلۈك-ئۈنلۈك جاۋاپ بېرەتتىم ھەمدە ئۇنىڭدىنمۇ سۇئاللارنى سوراپ تۇراتتىم.
    پارىڭىمىز ئاياقلىشىپ دىيىشكۈدەك گەپ قالمىغاندەك بولۇپ سۇئال ئويلاشقا باشلىدىم ۋە ئۇنىڭدىن؛
    -سىز نىمىگە بەك ئامراق ،قايسى ئىشتىن ئەڭ خۇشال بولىسىز؟-دەپ سورىدىم.
    قىزچاق بېشىنى كۆتۈرۈپ بىر خىل ئىپتىخار ۋە سۆيۈنۈش بىلەن:
    -مەن ئاپپاق توي كۆينىكى كىيىشكە بەك ئامراق،لېكىن ھازىر دادام ئاغرىپ قالدى،ئاپامدا پۇل يوق،ئاپام دادىڭىز ساقايغاندا ئېلىپ بېرىمەن دەيدۇ-دەپ جاۋاپ بەردى زور ئۈمىد بىلەن.
    ئېغىر بىر خۇرسىنىۋىتىپ قىزچاققا شاكىلات ئەكىرىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ ياش چىقىپلا كىتەي دىگەن كۆزلىرىمنى ئۇنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەپ قاچتىم.
    ئۇ قولۇمدىكى شاكىلاتنى ئالغاچ:
    -تېخى جاۋاپ تۈگىمىدى،يەنە بىرسى بار –دىدى ئوماققىنە ئەركىلەپ.
    -ھەراست، يەنە بىرسى بار قېنى جاۋاپ بېرىڭ-دىدىم مەن ئۇنىڭ چېھرىدىكى يالىتتىدە پەيدا بولغان شاتلىقتىن سۆيۈنۈپ. 
    -مەن ئەڭ خۇشال بولغان ئىش ئۆتكەندە دادام داۋالىنىپ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندا ئەمدى ھەرگىز ئاغرىپ قالمايمەن ، سىزنى كۈندە يەسلىگە ئۆزۈم بوينۇمغا مىندۈرۈپ ئاپىرىمەن، ھەر يەكشەنبىدە باغچىغا ئاپىرىپ مايمۇنغا بېرىدىغانغا چىلان-شاپتۇل ئېلىپ بېرىمەن، دىگەن ئىدى. ئەمىسە ئەمدى ئاپامنى ئۇرمايدىغانسىز دەپ سورىسام، ياق قىزىم ئەمدى ھەرگىز سىلەرنى يىغلاتمايمەن، دىگەن ئىدى. شۇ چاغدا مەن بەك خۇش بولغان لېكىن دادام گىپىدە تۇرمىدى-دەپ يەنە ئۈمچەيدى قىز.
    نىمىشقىمۇ بۇ سۇئالنى سورىغان بولغۇيتتىم دەپ ئىچىمدە ئۆزۈمنى نەچچە تەستەك سالغۇم كەلدىدە،  قىزچاقنى كۆتۈرۈپ دېرىزە تۈۋىگە كىلىپ ئەينەك ساندۇقتىكى بېلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقىنىمدا ئىشىك قوڭغۇرىقى جىرىڭلىدى.
    ئىشىكنى ئېچىپلا قىزچاقنىڭ ئاپىسىنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرى ، كۆكەرگەن يۈزلىرى، يىرتىلغان كىيىملىرى .... نى كۆرۈپ نىمە قىلارىمنى بىلمەي تولىمۇ ئوڭايسىزلاندىم-دە ، ئارانلا:
    -ئۆيگە كىرىڭ – دىيەلىدىم.
    ئۇ ئايالنىڭ ئاغزى گەپكە كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىچ-ئىچىدىن ئۆكسۈپ چىقىۋاتقان پىغانلىرى دەستىدىن نەپەس ئېلىشلىرىمۇ شۇنچە تېز ۋە تەس ئىدى.
    ئۇ قىزچاقنى قولۇمدىن ئاۋايلاپقىنە ئالدى ۋە "
رەھمەت سىزگە، ئەمدى سىزنى ئاۋارە قىلمايمىز" دىگىنىچە كەينىگە بۇرۇلدى . مەن جايىمدا خېلى ئۇزۇن تۇرۇپ ئۇلار ئۆيىگە كىرىپ ئىشىكنى تاقاپ بولغاندىن كىيىن تولىمۇ قىيمىغان ھالدا قايتىپ كىردىم ،كۆز-ئالدىمدا ئۇ قىزچاقنىڭ تال-تال كىرپىكلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان چوڭ-چوڭ كۆزلىرىدىكى لىغىرلاپ تۇرغان ياش ۋە ۋەھىمە قاپلىغان سەبىي چىرايى.
    بىچارە ئايالنىڭ ئاشۇ يۈرەكلەر بەرداشلىق بەرگۈسىز تۇرقى ....
    تاڭ سەھەردە ساقچى ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ چىرقىراشلىرى قورو ئىچىنى بىر ئالدى . يولدۇشۇم ۋە قىزىمنى يولغا سېلىۋېتىپ پول سۈرتىۋاتاتتىم. نىمىش بولغاندۇ دىگەن خىيال بىلەن بالكونغا چىقتىم، قۇتقۇزۇش خادىملىرى دەل بىز بار ئىشىكتىن كىرىپ كىتىۋاتتى، كارىدوردا ئاۋازلار ئاڭلاندى يۈگرەپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم-دە ، جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم. ئۇلار ئۆيدىن ئۈچ نوسولكىنى كۆتۈرۈشۈپ چىقتى، پۇتلىرىم تىترەپ تۇرالماي لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. ئاھ خۇدا ، نىمە قىسمەت بۇ؟ بىر ئائىلىدىكى ھەممەيلەن بۇ دۇنيانىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدىن بىراقلا قۇتۇلۇشقان ئىدى. ئاخىرقى نوسۇلكا كۆز-ئالدىمدىن ئۆتكىنىدە ئېچىنىشتىن ياش توسۇۋالغان كۆزلىرىم چەكچىيىپ قىزچاقنىڭ كۆكىرىپ كەتكەن مەڭزىدە ئۇيۇپ قالغان بىر تامچە ياشقا چۈشتى...
    ئاخشام ئۇ ئايالنىڭ"ئەمدى سىزنى ئاۋارە قىلمايمىز" دىگەن سۆزىنى نىمىشقا چۈشەنمىگەن بولغۇيتتىم؟
    شۇندىن بىرى ئۇ مەسۇم قىز قارچۇقلىرىمدا ئاپئاق كۆينەك كىيىپ تەبىئىي بۈدرە چاچلىرىنى يەلپۈتۈپ بىر قولىدا دادىسىنىڭ بىر قولىدا ئاپىسىنىڭ قولىنى تۇتۇپ ھايۋاناتلار باغچىسىغا تولىمۇ شاد-بەختىيار قىيغىتىپ كىرىپ كىتىۋاتقان كۆرۈنۈشى قېتىپ قالدى ...


مەنبە :كۆسەن مەدەنىيىتى2011-يىللىق 2-ساندىن ئىلىندى.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY