باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-23 03:02 | ئاپتور: قۇدرەت | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

بۇرۇتلۇق خانىم

بۇرۇتلۇق خانىم

 

قۇدرەت ئېلى

 

دوختۇرنىڭ بۇرۇتلۇق خانىم توغرىسىدىكى خىياللىرى دائىم مۇشۇ يەرىدىن باشلىناتتى...

خانىم دوختۇر تەڭلىگەن چاينى خوشياقماسلىق بىلەن ئېلىپ،ئالدىدىكى ئۈستەلگە قويۇپ قويدى.كۆزىدىن باشقا يېرىنى تۇسۇۋالغان ماسكىسى كىشىنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ قوياتتى.كۆزلىرىدىن نىمىگىدۇر ئالدىراپ تۇرىۋاتقاندەك، قورۇنۇپ قالغاندەك بىر خىل ھالەتتە ئولتۇراتتى. دوختۇر ئۇنىڭ گەپ باشلىشىشىنى كۈتكەچ ئۆز ئىشىنى قىلىۋەردى. خانىمدىن سۆز كۈتۈپ خېلى ئۇزۇن ساقلىدى.خانىم ئاخىرى ئېغىز ئاچتى.

- دوختۇر ،-دېدى ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن،ئاۋازى ئەرلەرنىڭكىدەك بوم ئىدى،- دىيىشتىنمۇ خىجىل بولىمەن.ئەمما دىمەي ئامالىم يوق. ماڭا ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش ساقال- بۇرۇت چىقىپ كەتتى.

ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئېيتتى.كۆزلىرى ئۇۋالچىلىق تارتقان كىچىپ بالىنىڭ كۆزلىرىدەك ئۈمدسىز يېنىپ تۇراتتى.بېشىغا كەلگەن بۇ ئىش بەكلا ھار كەلگەندەك قىلاتتى.سۆزلىگەچ ماسكىسىنى ئېلىۋەتمەكچى بولدى.قوللىرى تىترەپ تۇراتتى.يات بىرىنىڭ ئالدىدا ئوڭايسىزلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى پۈتۈنلەي چاندۇرىۋاتاتتى.ئۇ ماسكىسىنى ئېلىۋىتىپ دوختۇرغا يۈزلەندى.ئارقىدىنلا يەنە ماسكىسىنى تارتىۋالدى. دوختۇركۆز ئەينەك تاقىۋالغان بولۇپ ،ئورۇق،كىچىك يۈزى گەۋدىسىگە كىچىك كېلىپ قالغاندەك كۆرىنىدىغان بىر ئادەم ئىدى.ئۇ خانىمنىڭ تولۇن ئايدەك تولغان،ئاق يۈزىدە 20ياشلىق يىگىتلەرنىڭكىدەك قارا،يۇمران بۇرۇتنى،نەچچە تال ئۇزۇن ساقالنى كۆرۈپ،ئۇنىڭدا ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى ۋە ئۇنىڭدىن بىر خىل يىرگەنگەندەك بولدى.

-سىزدە بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگىلى قانچىلىك بولدى؟

-بەش يىلدىن ئاشتى.بارمىغان دوختۇرخانام ،كۆرۈنمىگەن دوختۇرۇم قالمىدى.ئەمما ھىچ ئۈنۈمى بولاي دېمدى.قېرىشقاندەك بارغانسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. سىز بىلمەيسىز،ئايال كىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولمايدىكەن.

خانىم يىغلىۋىتىشكە تاس-تاس قىلىۋاتاتتى.دوختۇرغا قاراپ نەچچە جۈملە سۆزلەيتىيۇ،يەنە يەرگە قارىۋالاتتى.

-بۇنى چۈشىنىمەن،-دېدى دوختۇر ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ،-ئادەمنىڭ كۆڭلى غەش بولىدۇ.ئەمما بىلىشىڭىز كېرەككى؛پاسسىپ روھى كەيپىيات ھەر قانداق كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىشقا پايدىسىز.

ئايال ھېچنىمە دېمىدى.دوختۇر ئۆز تەسەللىسىنىڭ ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلدى.قارىغاندا خانىم پۈتۈنلەي ئۈمدسىزلەنگەندەك قىلاتتى.كۆز ياشلىرىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن دەرىزىدىن سىرىتقا قارىۋالغاندى.

-سىز كۆرۈنگەن دوختۇرلار نېمە دېدى؟

- مەندە ئەرلىك ھورمۇن ئېشىپ كېتىپتىمىش.ھېلى ئۇنداق ،ھېلى بۇنداق داۋالاپ بېقشىتى،ئەمما ئۈنۈمى بولمىدى.ئاللاھنىڭ ئالدىدا نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيدىمكىن ،بىلمەيمەن...

كۆز ياشلىرى ماسكىسىغا سىڭىشىپ كەتمەكتە ئىدى.دوختۇر خانىمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىپ تۇراتتى.ئۇ بۇرۇتلۇق خانىمنىڭ قەلبىدىن چەكسىز ئازابنىڭ ھېدىنى سەزدى.ئۆزىنى ئۇنىڭ ئاشۇ ئازابلىرىغا ئورتاقلىشىۋاتقاندەك،ئۆزىنى تىپتىنىچ ھالەتتە توختاپ قالغان بىر مەنزىرە ئىچىدە ئولتۇرغاندەك ھېس قىلدى. خانىمنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئىسىتىكى پەيدا بولماقتا ئىدى.شۇنداق بولغاندىلا ئۇنىڭ جىسمانىيتىدىكى بۇ غەلىتە ،يېقىمسىز ئۆزگىرشلەرنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقالايدىغاندەك ئويلاپ قالدى.

-ئەگەر مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز ،ئۆز تۇرمۇشىڭىز توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز،-دېدى دوختۇر خۇددى ئۇنىڭدىن ئۆتۈنىۋاتقاندەك ئاھاڭدا.

خانىم ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. دەرىزە ئالدىغا كەلدى.قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن رەختتە تىكىلگەن قاراكۆك رەڭلىك پەلتۇيى بەكمۇ ياراشقاندى.قاپقارا ،قويۇق چاچلىرى دومبىسىدە يېيىلىپ ياتاتتى.ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، دوختۇرنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى.خۇددى كۆزىچە ئىمتىھان ئېلىۋاتقاندەك بىر دەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:

-بۇنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟سىز ئىلگىرى مەندەك بىمارلارنى ئۇچراتقانمۇ؟ئۈنىمى قانداق بولغان؟-دەپ ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ سۇئالنى بىراقلا سورىدى خانىم.تەلەپپۇزى قاتتىق ئىدى.كەسكىن بىر جاۋابقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىۋاتاتتى.ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرى ،نەملەشكەن كىرپىكلىرى گويا ئەتراپى مەجنۇنتاللار بىلەن ئورالغان بۇلاققا ئوخشاش سۈزۈك ۋە پاكىز كۆرىنەتتى.

 -ئەلۋەتتە ھاجىتى بار،كۆپلىگەن كىشىلەر كېسەللىكنى پەقەت ئۇزۇقلۇق بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇنداقلا بولىشى ناتايىن. نۇرغۇن كېسەللىكلەر ئادەمنىڭ دائىملىق روھى-كەيپىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.   ،-دېدى دوختۇر دانە-دانە سۆزلەپ،-بۇنداق ئىشقا يولۇققانلار بىر سىزلا ئەمەس.مەن بۇنداق كېسەللىكلەرنى كۆپ ئۇچراتقان.داۋالاپمۇ باققان .ساقىيىشنى خالىغانلىرى ساقايدى،ئەكسىچىللىرى ئەكسىچە بولدى.

دوختۇر گەرچە يالغان سۆزلەۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يالغانلىرى ئارقىلىق خانىمغا ئىشەنچ ئاتا قىلماقچى بولىۋاتاتتى.خانىم دوختۇرغا تەئەججۈپ ئىلكىدە بىر قاراپ قويۇپ،‹‹سەنمۇ بىر كاسكا ئوخشايسەن...››دىگەندەك باشقا ياققا قارىۋالدى.

-شۇ تاپتا نىمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن.‹‹ساقىيىشنى خالىمىسام بۇ يەردە پوق بارمۇ ماڭا ؟››دەپ ئويلاۋاتىسىز.مەن دائىم بىمارلارغا ئىشلىتىدىغان ‹‹خالاش››دىگەن بۇ سۆز دوختۇرغا ماسلىشىش ،داۋالاش ئۇسۇلىنى قۇبۇل قىلىش ،دوختۇرنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

خانىم دوختۇرنىڭ چىرايىغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن،ئىستاكاننى ئېلىپ چاينى تۈنجى ئوتلىدى.قارىغاندا خېلى ئۇزۇن سۆزلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.دوختۇر ھېلىلا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك كۆرىنىدىغان كۆزەينىكىنى ئوڭ قولى بىلەن سەل كۆتۈرۈپ قويۇپ،خانىمنىڭ ھېكايىسىغا قۇلاق سالدى.

-مەنمۇ ئىلگىرى نۇرغۇن قىزلارغا ئوخشاش ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بىر ياش ئىدىم. ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندە ھەتتا ناھىيىمىزنىڭ ئەلىيۇل ئەلاسى بولغانمەن.ئۇ چاغلاردا ناھيىدە شىتاتلىق كادىرلار تولىمۇ ئاز ئىدى.شۇ سەۋەبتىن ھەر يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ، يۇقىرى نۇمۇر ئالغانلاردىن تاللاپ ، بىۋاستە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردىغان سىياسەت بار ئىدى.يۇقىرى نۇمۇر ئالغانلىقىم ئۆز پۇتۇمغا پالتا چاپقانلىقىم بولىشنى مەن نەدىن بىلەي؟شۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدىم.ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ناچار بولغاچقا ،بۇ ئىش ئۆيدىكىلەرگىمۇ ياغدەك ياققاندى.دادامنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىنى رەت قىلالمايتتم.خىزمەتكە قاتناشتىم.ناھىيىلىك رادىئو –تېلۋىزىيە ئىدارىسىدا دىكتور بولدۇم.ئارىدىن بىر يىل ئۆتە –ئۆتمەيلا،ئانامنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بويىچە توي قىلدىم.ئېرىم بولغۇچى ھەربىيلىكتىن قايتىپ كېلىپ ساقچى بولغان ،يېشى ئوتتۇزلاردىن ئاشقان،بېشىنىڭ يېرىمى پاينەكلىشىپ كەتكەن نەۋرە ئاكام ئىدى.ئانام باي ئاچىسىنىڭ ئوغلىغا مېنى ياتلىق قىلىش ئارقىلىق،ئەينى چاغدا بوۋامدىن قالغان مىراسلارنى تالىشىپ جىدەللەشكەندىكى ئاداۋەتلەرنى يۇيىۋەتمەكچى ئىدى. شۇ چاغدا مەندە ئاتا-ئانامنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى رەت قىلالىغۇدەك جۈرئەت يوق ئىدى.   بارلىق نەۋرە تۇققانلارنىڭ ئىچىدە پەقەت شۇنىلا ياقتۇرمايتتىم.قېرىشقاندەك تەقدىر مېنى ئۇنىڭغا باغلاپ قويدى. ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئۈچ ئايدىلا ئاجرىشىپ كەتتىم.

خانىم چايدىن يەنە بىر ئوتلىدى.كۆز قارچۇقلىرى بىر نوقتىغا تىكىلگەن بولۇپ ،ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللارنى تولۇقى بىلەن ئەسلەشكە تىرىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.چىرايىدا ھەر خىل ئىپادىلەرنى تېپىش مۇمكىن ئىدى.

-نېمىشقا شۇنچە تىزلا ئاجراشتىىڭىز ؟-دەپ سورىدى دوختۇر ئېھتىيات بىلەن .ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنى‹‹بۇرۇت دىلوسى››دا  يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەندەك ھېس قىلماقتا ئىدى.

-ئۇنىڭ نۇرغۇن ناچار ئادەتلىرى بار ئىدى.ھەر كۈنى غەرق مەسىت بولغىچە ھاراق ئىچەتت.ھەتتا توي كۈنىمۇ ئۆلگۈدەك ھاراق ئىچىۋاپتۇ.شۇ كۈنىلا مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر ياشاپ بولالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەن. ئىمان-ئىتىقادتىن مەھرۇم ئىنسان ئىدى. ئاتا-ئانىسىمۇ ،مەنمۇ گەپ قىلىپ ئاڭلىتالمىدۇق.قىمار ئوينايتتى.نەشىمۇ چىكەتتى.مۇئاشىنى يەتكۈزەلمەي مەندىن ،ئانىسىدىن پۇل سورايتتى.يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئۇ ئۆز مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا ئويلاشنى بىلمەيدىغان بىر تەلۋە ئىدى.سەل ئۈنلۈكرەك گەپ قىلسام، مۇش كۆتۈرۈپ قوپاتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنلەمچىلىكى بەك كۈچلۈك ئىدى.ھېلى ‹‹ئۇنىڭ بىلەن چاتىقىڭ بارىكەن›› دەپ ئۇرۇشسا،ھېلى ‹‹بۇنىڭ بىلەن چاتىقىڭ بارىكەن›› دەپ جىدەل قىلاتتى.ھەربىيلىكتە ئۈگەنگەن گۇمپىللىرىنى مېنى ئۇرۇشقا ئىشلىتەتتى.دەپ بېقىڭا،مۇشۇنداق قىلىۋەرسە كىممۇ چىدايدۇ؟

خانىمنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى.دوختۇر كۆز ئالدىدىكى بۇ بەخىتسىز ئايالغا نىمە دەپ تەسەللە بېرىشنى بىلمىگەندەك ئىلاجىسىز بىر ھالدا ئولتۇراتتى.دوختۇر خانىمنىڭ ئورۇق يۈزىنىڭ تەكتىدە سابىق ئېرىگە بولغان چۇڭقۇر نەپرەتنى كۆرگەندەك بولدى.يەنە كوچىلاپ سوراپ ، ئۇنى ئازابلاشنى خالىمىدى.

خانىمنىڭ دوختۇرغا سۆزلەپ بېرىۋاتقانلىرى راست ئىدى.ئۇ ئەينى چاغدا ھەقىقەتەن ئەقىل-پاراسىتى كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرىدىغان، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك ساھىپجامال ئىدى.ناھيە بازىرىدىكى يىگىتلەرنىڭ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلمايدىغانلىرى يوق ئىدى. ئۇنىڭمۇ كۆڭلىگە پۈككەن ھايات ئارمانلىرى بار ئىدى.ئۆزىنى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن دەپ قارايتتى. كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قارايتتى.ئۆز تۇرمۇشى ھەققىدە شىرىن خىياللارنى قىلاتتى.رەتلىك ،پاكىزە ئۆيىنىڭ بولىشىنى ،ھەمىشە ئېرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدىغان لاياقەتلىك بىر ئايال بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى.ئېرى بىلەن ئىناق ئۆتۈپ،بالىلىق بولۇشنى، باللىرىغا دەرس تەكرارلاپ بېرىشنى خىيال قىلاتتى.بىراق ئۇ تۈنجى قەدەمدىلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ،ئويلىغانلىرىنىڭ بىرىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى.خۇددى ئەمدىلا تۆت قۇلاق بولغان قوغۇن مۆلدۈرگە ئۇچرىغاندەك  غوبارسىز قەلبى يارىلاندى.‹‹ھەممە ئەر كىشى مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ؟››دەپ ئويلايدىغان بولدى.ئۇ ئېرى بىلەن ئۆي تۇتقان ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۆزىنى خۇددى ھاراق بوتۇلكىسى بىلەن ياتقاندەكلا ھېس قىلدى.دىمىغىغا ھامان بىر سېسىق پۇراق ئۇرۇلۇپ تۇراتتى.ھەمىشە ئۇيەر-بۇيەرلىرى كۆكەرگەن بىر ھالدا يۈرەتتى.ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ مۇشۇنداق بىر ئەرزىمەس ئادەمنىڭ قولىدا قەدىرسىز ئۆتۈپ كېتىشىنى خالىمىدى.قېيناتا،قېيناسىنىڭ نەسىھەتلىرى،ئاتا-ئانىسىنىڭ توسۇشىغا قارىماي ئاجىراشماقچى بولدى.ھاراقكەش ئېرى كۆپ يالۋۇردى.ئەيىبلىرىنى چوقۇم تۈزىتىدىغانلىقى توغرىسدا ۋەدە بەردى.ئاتا-ئانا، ئىدارە رەھبەرلىرى،دوستلىرىنىڭ نەسھىتى،ئېرىنىڭ يالۋۇرۇشلىرى بىر تىيىن بولدى. قەتئىلىك بىلەن سوتقا ئەرىز قىلدى.ئېرى تەلەپ قىلغان‹‹تويغا كەتكەن پۇل››نى تولۇقى بىلەن قايتۇرۇپ ئاجراشتى.

-گەرچە ئايال كىشى بولساممۇ ،خېلى-خېلى ئەرلەرنى ئۆزەمگە تەڭ قىلمايدىغان ئايالمەن،- دەپ ئىشەنچ بىلەن سۆزلىدى خانىم،-بۇ جاھاندا ئۆرە تۇرۇپ سىيگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئەر كىشى دەپ كەتكىلى بولمايدىكەن.يا ئاتا-ئانىسنى ،يا ئۇرۇق –تۇققانلىرىنى،يا ئەل-ۋەتىنىنى رازى قىلالمايدىغان ئۇنداق ماز پاينەك ئەرلەردىن مەندەك ئاجىز خوتۇن مىڭ ياخشىكەن.

ئۇنىڭ ئاۋازى دوختۇرغا گۈلدۈرماما ئاۋازىدەك ئاڭلىنىپ كەتتى.ئۆزىنىڭ ئازابلىرىنى تولۇق سۆزلەلەۋاتقاندەك قىلاتتى.تىلى بەك راۋان ئىدى.ئۇنىڭ تەلەپپۇزىمۇ شۇنداق ئۆلچەملىك ئىدى .دوختۇر ئۇنىڭ ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەتكە تولىمۇ ماس كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى. سۆزلىرىدىن نىكاھتا مەغلۇپ بولغان ئاياللاردا گەۋدىلىك كۆرۈلۈدىغان ئەرلەرگە ئۆچ بولۇپ كېتىشنىڭ پىسخىكىلىق سەۋەبىنى ،بۇرۇتلۇق خانىمنىڭ ئەركىشلەرگە خاس خاراكتىرىدىن ئۇنىڭ كەچمىشلىرى پەيدا قىلغان ئازابنى تېخىمۇ چۇڭقۇر چۈشەنمەكتە ئىدى.بۇرۇتلۇق خانىمىنىڭ سۆزلىگەن چاغدىكى ھاياجانلىنىشلىرىدىن بۇ ئىشلارنىڭ ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئېغىر روھى بېسىم بولغانلقىنى بىلگىلى بولاتتى.خانىم چايدىن يەنە بىر ئوتلاپ قويدى.

ئۇ ئاجراشقاندىن كېيىن بىر مەزگىل تىنچ ياشىدى.خۇددى قىز چاغلىرىدىكدەك ھاياتقا قايتىدىن ئۈمدلىك باقتى.خىزمىتىنى بېرىلىپ ئىشلىدى.ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشىتىن ئۆزگە ھېچنىمىنى ئويلىماسلىققا تىرىشتى.خانىمنىڭ تىلى بىلەن ئېيىتقاندا ئۇ كۈنلىرىنى سەھەر تۇرۇپ چېنىقىش،‹‹ئىخلاس فىرىما ››بىلەن ناشتا قىلىش،قىزغىن كەيپىيات بىلەن ئىشقا بېرىشتىن باشلاپ،چۈشتە ۋە كەچتە ئانىسى تەييار قىلىپ قويغان خام تائاملارنى تاتلىق قىلىپ پىشۇرۇپ، دادىسى بىلەن ئانىسىغا كۆپرەك يىگۈزۈشتە ئاياقلاشتۇراتتى.زۆرۈر بولغان توي –تۆكۈن ،مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆلۈم –يىتىملەرگىلا باراتتى.ئارتۇقچە بولغان بايرام ۋە ياكى غەيرى بايرام مۇناسىتى شەكلىدىكى ئاممىۋى يىغىلىشلارغا بارغۇسى كەلمەيتتى.تولۇق ئوتتۇردا بىرگە ئوقۇغان بىر نەچچە دوستلىرى بىلەنلا باردى-كەلدى قىلىشىپ يۈردى.ئۇنىڭغا كۆيۈنىدىغان كىشىللىرى ئۇنىڭغا قايتا ياتلىق بولۇش توغرۇلۇق كۆپلەپ ئىدىيۋى تەربىيە ئىشلەپ بېقىشتى .ئەمما ئۈنىمى بولمىدى.كىشى كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئۇنداق ئىدىيۋى تەربىيىنىڭ ھىچ بىر كېرىكى يوق ئىدى.ئىنساننىڭ خالىشىغا ھۆرمەت قىلمايدىغان تەربىيىنى كىشىنىڭ ئاڭلىغۇسى كەلمەيتتى.

دوختۇر ھەر قېتىم خانىم توغرىسىدا ئويلىغاندا خانىمنىڭ يۇقىرقى سۆزلەرنى دەۋاتقاندا تارتىنىش دىگەننى ئاللىقاياقلارغىدۇر چۆرىۋىتىپ،ئەركىن –ئازادە كەيپىياتقا قايتقانلىقىنى ئېسىگە ئالاتتى. كەچۈرمىشىنى سۆزلەشكە بېرىلىپ كەتكەچكە ،تارتىنىشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتان بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.بارغانسىرى ئوبرازلىق بايان قىلىۋاتاتتى.

-ئۇلارنى ئۆز پىرىنسىپىم بويىچە ياشىشىمغا رۇخسەت قىلىشقا كۆندۈرۈپ بولالمىدىم .ئاتا-ئانام ،يەنە شۇ دوستلىرىم ماڭا لايىق تېپىپ،مېنى تىزرەك ئەرلىك قىلىش بىلەن پايپىتەك بولۇپ كېتىشىتى.مەن ئەرگە تەگسەم ئۇلارغا نىمە پايدىسىدۇ؟دەپمۇ ئويلاپ قالاتتىم.ئۇلارنىڭ ماڭا ياخشى بولسۇن دەپ شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلسەممۇ،خۇددى مەن بىلەن قارىشىلىشىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.چىرايلىق يېزىلغان ‹‹ئەر››دىگەن خەتمۇ كۆزۈمگە سەت كۆرىنەتتى.ئەمدى يەنە توي قىلىپ ،يەنە ئاجرىشىشنى خالىمايتتىم.بۇ ئازابنى يەنە تارتىپ قالىدىغانلقىمنى دىلىم تۇيغان بولسا كېرەك.ئەرلەرنىڭ ‹‹مەن ئەر كىشى ،نىمە قىلسام بولىدۇ ››دىيىشىگە يول قويالمايدىغانلىقىمنى بىلەتتىم.ئەمما شۇ كۈنلەردە دادام ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.ئۇ مېنى ياتلىق قىلمىسا كۆزى ئوچۇق كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇپ مېنى مەجبۇرلاپ قويدى.

-ئىككىنجى قېتىملىق نىكاھىڭىزمۇ ئوڭۇشلۇڭ بولماپتۇ-دە؟-دېدى دوختۇر ئورۇق بىلكىگە بوش كېلىپ قالغان سائىتىگە قاراپ قويۇپ.

-شۇنداق ،-دېدى خانىم ئېغىر خۇرسىنىپ،-نىكاھ دىگەن يولغا ئوخشايدىكەن.سىز قاتناش قائىدىسىگە ھەر قانچە رىئايە قىلىپ ماڭسىڭىزمۇ ،قارشى تەرەپ دىققەت قىلمىسا ھادىسە چىقىۋەرگەنگە ئوخشاش ئىشكەن.مەن ماڭغان بۇ يولدا بىرى ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەن بولۇپ چىقتى.يەنە بىرى ماشىنىدا ناشايان ئىشلارنى قىلىپ قويدى.

خانىم ئاچچىق ئۆتمۈشتىن خورلۇق ھېس قىلغان ئىدى.دوختۇر كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرماقچى بولدى.

-تاماق ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ.خالىسىڭىز چۈشلۈك تاماقنى بىللە يىگەچ پاراڭلاشساق ،قانداق؟

خانىم دوختۇرنىڭ تەكلىۋىنى رەت قىلىشنى ئاللىبۇرۇن ئويلاپ قويغاندەك كەسكىن بىر ئاھاڭدا دېدى:

-ئايالىڭىز سىزنى دەپ تاماق ئىتىدۇ،سىز ئۆيدە تاماق يىيىشىڭىز كېرەك.مەن بازار ئارلىغاچ تۇراي .چۈشتىن كېيىن ئىشقا چىققاندا داۋاملاشتۇرايلى.

-ئۇنىڭ تامىقىنى يىمىگىنىمگە ئۈچ يىلدىن ئاشتى،-دېدى دوختۇر بىر خىل زەئىب ئاۋازدا خۇددى ئىڭرىغاندەك.

-سىزمۇ...؟

بۇرۇتلۇق خانىم سۇئالىنى دەرھال توختاتتى.ھىچ گەپتىن-ھىچ گەپ يوق ھېلى تونۇشقان بىر يات ئەردىن ‹‹سىزمۇ ئاجراشقانمۇ؟››دەپ سوراش بىر ئاز بىنۇرماللىق بولامدۇ-قانداق؟ دەپ ئويلاپ قالغاندى.

-ئۇ تۈگەپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولدى،- دېدى دوختۇر يەنە بايىقىدەك ئاھاڭدا ئورنىدىن تۇرغاچ،-تۇغۇتىدا تۈگەپ كەتكەن.

-بالىچۇ؟-دەپ جىددى سورىدى خانىم.

-بالا ھايات، ئانام بېقىپ بېرىۋاتىدۇ.

-ئەمىسە مەن بىر ئەر كىشى بىلەن ئەمەس،بىر دوختۇر بىلەن تاماق يىگىلى ماڭدىم،دەپ بىلەي-دېدى خانىم ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىگەندەك.

-بۇنىڭ پەرقى بارمۇ ؟-سورىدى دوختۇر.

-كەچۈرۈڭ.مەن بىرئاز ئاشۇرىۋەتكەن بولۇشۇم مۇمكىن.كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەۋىرەي؛ مېنىڭ نەزىرىمدە ئەرلەرنىڭ يېرىمى ھاراقكەش،يېرىمى شەھۋەتپەرەس.شۇڭا بۇ خەق بىلەن يەنە ئارلاشقۇم يوق.

-ئەر خەق دىگەن بۇ نىمىلەر بەك ئەسكى -ھە؟-دەپ چاقچاققا ئايلاندۇرىۋەتتى دوختۇر.

-ئەمىسە مەن مېھمان قىلىشىم كېرەك.

خانىم شۇنداق دەپلا ئورنىدىن تۇردى.بۇ سۆزنىڭ دوختۇرنىڭ كۆڭلىگە كېلىش بىلەن قىلچە ھېسابلاشمىغاندەك قىلاتتى.ئۇ ئەرلەرگە زىيادە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئىپادىلەشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋالغاندەك قىلاتتى.

ئۇلار بىنادىن چىقىپ،يولنىڭ قارشى تەرپىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىشتى.شۇنچە چوڭ ئاشخانىدىن بوش ئورۇن تاپماقمۇ تەس ئىدى.خەنزۇچە كېيىنىۋالغان بىر كۈتكۈچى قىز ئۇلارنى ئىككى كىشلىك بىر بوش ئورۇنغا باشلاپ باردى.ئۇلار يانمۇ-يان ئولتۇرۇشتى.ئۈستەلنىڭ قارشى تەرىپىدە بىر جۈپ قىز –يىگىت چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى.ياش-قۇرامى يىگىرمىلەردە بولۇپ،ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىدەك كۆرىنەتتى.يىگىتنىڭ قىزغا سۈنئى يېقىنچىلىق قىلىشلىرىدىن تونۇشقىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغانلىقىنى،قىزنىڭ قەستەن بىپەرۋا قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئۇزۇنغا بارمايلا ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى،يەنە شۇنداق تۇرۇپمۇ بىللە تاماققا كىرگەنلىكىدىن ھەر ئىككەيلەندە مەلۇم بىر ئېھتىياجنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.دوختۇر بۇرۇتلۇق خانىمنىڭ ئۇلارغا نەپرەت بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.قىز ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇرغان ئورۇق ئەپەندى بىلەن ماسكىلىق خانىمغا خۇددى ئالدىراش چاغدا پۇتقا پۇتلاشقان نەرسىگە قارىغاندەك بىر قاراپ قويۇپ ،تىلىنى ئۆزگەرتىپ خەنزۇچە سۆزلەشكە باشلىدى.ھازىرقى ياشلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلەتتى.

-ئاڭلىسام يېڭىدىن بىر دىسكوخانا ئېچىلىپتۇ، بىزىلىشى بەك رومانتىكمىش.چىراقمۇ ياقمايمىش.ھىچكىم بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى يوقمىش.ئويناپ كېلەمدۇق؟-دەپ سورىدى يىگىت ئىنچىكە بارماقلىرى بىلەن مۇدەتتىن بۇرۇن شالاڭشىپ كەتكەن چاچلىرىنى تارىغاچ قىزنىڭ كۆزىگە قاراپ.

-ھېلىقى كۈنىدىكىدەك سائەت 12بولماي تۇرسىلا قوغلايدىغان يەردۇ،ھەقاچان،-دېدى قىزنەچچە قەۋەت مايلار ئاستىدىكى چىرايلىق يۈزلىرىگە ‹‹ھېلىقى كۈنىدىكى››رەنجىشلىرىنى قايتىدىن نامايەن قىلىشقا تىرىشىپ.

شۇ ئارىدا بايىقى كۈتكۈچى قىز بىر تەخسە لەڭپۇبىلەن بىر تەخسە راڭپىزا ئېلىپ كېلىپ قىز –يىگىتنىڭ ئالدىغا قويدى.ئاندىن دوختۇر بىلەن خانىمغا يۈزلىىنىپ ،ئۇلارنىڭ نىمە تاماق يەيدىغانلىقىنى سورىدى.

 -مەن گۆشپولو يەي،-دېدى دوختۇر كۈتكۈچىگە ۋە خانىمغا قاراپ:

-سىزچۇ؟-دەپ سورىدى.

خانىم دوختۇرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغاندى.ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاداپ ئچىۋاتقان سېغىن كالىدەك شالاپشىتىپ راڭپىزا يەۋاتقان يىگىتكە قاراپ قېتىپ قالغاندى.يىگىت قىز بىلەنمۇ كارى يوق ھالدا ئىشتىھا بىلەن يىمەكتە ئىدى.

دوختۇر بۇرۇتلۇق خانىمنى تۇرتۇپ تۇرۇپ سورىدى.

-ماڭىمۇ ئوخشاش،بىراق يېرىم بولسۇن،-دېدى ئوڭايسىز بىر ھالدا.

دوختۇر ئۇنىڭ كەيپىياتىدىكى تۇراقسىزلىقنى ھېس قىلدى.بىردە شۇنداق كەسكىن،بىردە يۇۋاش-يومشاق،مۇلايىم،خىيالچان.

قىز بىلەن يىگىت ‹‹يەم››لىرىنى يەپ بولۇپلا دۇئامۇ قىلماستىن ئورنىدىن تۇردى. لەڭپۇبىلەن راڭپىزىغا دۇئا ئارتۇق كېتىدۇ دەپ قارىسا كېرەك.

-بۇ كەمنىڭ ئەركەكلىرىگە نىمە بولغاندۇ دەيمەن.ئىچىشىگە پىۋا ئىچىدۇ،يىيىشىگە راڭپىزا يەيدۇ.دەپ بېقىڭا،ئاشۇ يىگىت چوڭ بولسا قانداق ئادەم بولار؟-دەپ كۆزى بىلەن ئىمتىھان ئالدى بۇرۇتلۇق خانىم.

-ئېگىز ئادەم بولارمىكىن،-دەپ كۈلۈپ كەتتى دوختۇر.

بۇرۇتلۇق خانىممۇ كۈلدى.بىراق دوختۇر ئۇنىڭ كۈلگەن چاغدىكى چىرايىنى كۆرەلمەيتتى.بۇ ئۇنىڭ دوختۇرنىڭ ئالدىدا تۈنجى قېتىم كۈلىشى ئىدى.دوختۇر بۇرۇتلۇق خانىمنى ‹‹كۈلۈشنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئايال›› دەپ ئويلىمىغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭ كۈلىشى نەچچە سائەتتىن بېرىقى كەيپىياتىغا نىسبەتەن يېڭىلىقتەك بىلىندى.

ئۈستىگە گۆش بېسلغان ،كىشمىش ئارلاشتۇرۇپ ئېتلگەن پولو كەلتۈرۈلدى. خانىم ئىشچان ئائىلە ئاياللىرىغا خاس چاققانلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ،چايلارنى قىزىققا يەڭگۈشلىدى.ئاندىن ئورۇن يۆتكەپ ، دوختۇرغا ئۇدۇل ئولتۇردى.بۇرۇتلۇق چىرايىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن دوختۇرنى دالدا قىلماقچىدەك قىلاتتى.دوختۇرمۇ بۇنى چۈشەندى.بىلىپ-بىلمەي ئۇنىڭغا قاراپ سېلىپ، ئۇنى ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشنى خالىمايتتى.خانىم بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تىز-تىز يەيتتى.تاماق يىيىلىپ بولغىچە ھېچكىم گەپ قىلمىدى. خانىم چايدىن بىر ئوتلاپلا ماسكىسىنى تاقىۋالدى.خۇددى بىر مەزگىللىك جىددى پەيت ئۆتۈپ كەتكەندەك بولدى.

ئۇلار تاماققا دۇئا قىلىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.خانىم كۈتكۈچى قالدرۇپ كەتكەن تالۇننى دوختۇردىن بۇرۇن ئېلىۋالدى.دوختۇر ئارتۇقچە دەتالاش قىلىشنى خالىمىدى.خانىمنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.

ئۇلار ئاشخانىدىن چىقتى.ئىشىك ئالدىدا 30ياشلاردىكى بەسىتلىك،چىرايى ئاناردەك قىزىل،قويۇق ساقاللىرىنى ئۆستۈرۋالغان ،جۈل-جۈل كىيىملىك بىر تىلەمچى ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا پەيدا بولدى.دوختۇر يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ ،ئۇنىڭغا پارچە پۇل بەردى.تىلەمچى يىگىت دوختۇرغا ئېسىل جەننەت تىلىگەچ ،خانىمغا ئىلتىجا قىلدى.

-سېنىڭ نەرىڭ يىگىتكە ئوخشايدۇ،-دەپ ۋارقىراپ كەتتى خانىم،-بەش ئەزايىڭ بىجىرىمكەن،ياشكەنسەن،مەندەك بىر تۈل خوتۇندىن پۇل تىلەۋاتقىنىڭنى قارا.

دوختۇر نىمە دىيىشىنى،نىمە قىلىشىنى بىلمەستىن مېڭىپ كەتتى.يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار چىشى يولۋاستەك غەزەبلەنگەن خانىمغا قاراپ قېلىشتى.تىلەمچىمۇ زۇۋان سۈرمەي يۈرۈپ كەتتى.خانىم تىز-تىزچامداپ دوختۇرغا يتىشىۋالدى.ئۇ بىر ئاز ئاشۇرىۋەتكەندى.

ئۇلار دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا قايتىپ كىرىشتى.

-ئەر كىشى دىگەن ئەر كىشىدەك بولمامدۇ،-دېدى خانىم بايا ئولتۇرغان ئورۇندا ئولتۇرىۋىتىپ ئۆز-ئۆزىگە.

دوختۇر ھېچنىمە دېمىدى.پەقەت خانىمنى چۈشىنىش جەھەتتە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەندەك بولدى.

-ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى.كېيىن قانداق ئىشلار يۈز بەردى؟

-مەن سۆزلەپ نەگە كەلگەن بولغىيدىم؟بايىقى تىلەمچى ئەجەبمۇ ئاچچىقىمنى كەلتۈردى. 

-ماشىنىدا چاتاق چىقارغان ئىككىنجى شوپۇرنىڭ ھېكايىسىدىن باشلاپ سۆزلىسىڭىز بولىدۇ،-دەپ كۈلۈپ كەتتى دوختۇر.ئۇنىڭ ئورۇق يۈزى كۈلگەندە پۈرلىشىپ كەتكەن قولياغلىققا ئوخشاپ قالاتتى...

-قاراڭ ،ئادەم ھاياتتا شىلتىپمۇ سالىدىكەن ئاشۇنداق.مەن مۇشۇ قىسقىغىنە ھاياتىمدا ئىككى قېتىم شىلتىپ سالدىم،-دېدى ئايال يەنە ھەسرەتلىك ئاھاڭدا.

-‹‹شىلتىپ سېلىش›› دىگەن نىمە؟مەن ھىچ چۈشەنمىدىمغۇ ،-دېدى دوختۇر.ئۇ راست چۈشەنمىگەندى.

-بىز كىچىك چاغلاردا مەھەللىدىكى چوڭلار كالتەك توپ ئوينايتتى.بىز ئۇنى ‹‹قاچقاق توپ››دەپ ئاتايتتۇق.بۇ بىر كۆڭۈللۈك پائالىيەت بولۇپ قىش كۈنلىرى بىكارچىلىقتا ئويلىناتتى.مەھەللىدىكى يىگىرمە ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك قاتنىشاتتى.ھەتتا 60ياشتىن ئاشقان بوۋايلارمۇ ئوينايتتى.ھازىرغۇ بۇنداق ئويۇنلار يوقاپ كەتتى. بۇ ئويۇندا بىر تەرەپ تۇخۇمچىلىك چوڭلۇقتىكى ئىچىگە رېزىنكە سېلىنىپ،نەچچە قەۋەت پاختا رەخىت بىلەن ئورالغاندىن كېيىن تومراق يىپ بىلەن كەشتىلەپ توقۇلىدىغان توپنى قارشى تەرەپكە ئادەم بويى ئىگىزلىكتە ھاۋاغا تىك تاشلاپ بېرەتتى. يەنە بىر تەرەپ بىر گەز ئوزۇنلىقتىكى ‹‹ۋاسا ››دەپ ئاتىلىدىغان يۈز چىقىرىلغان ياغاچ كالتەك بىلەن ئۇراتتى. بىر ئادەمنىڭ بىر قېتىملا توپ ئۇرۇش پۇرسىتى بولاتتى.بىر قېتىمدىلا توپنى ئۇرالمىسا ئەسىرگە چۈشكەن ھېسابلىناتتى.بۇنىڭدىكى توپنى ئۇرالمىغاننى يەرلىك شىۋىدە ‹‹شىلتىش››دەپ ئاتايتتى.مەن تۇرمۇشۇمدىكى توپنى ئىككى قېتىم شىلتىپ سالغان ئايال.

-‹‹ماشىنىسى يارلانغان شوپۇر توپنى ئىككىنجى قېتىممۇ شىلتىدى›› دىگەندەك بوپتۇ-دە،-دەپ كۈلدى دوختۇر.خانىممۇ كۈلۈپ كەتتى. ئاۋازى بوم چىقاتتى.

-تىنىچ ياشاۋاتقان شۇ كۈنلەردە تولۇق ئوتتۇردىكى بىر دوستۇم ماڭا بىر لايىق تاپقان بولدى.ئۆزى ۋىلايەتتە ئىشلەيدىكەن.بىر قېتىم ئاجراشقانكەن.تەقى-تۇرقىمۇ ئادەتتىكىچە بىر‹‹ يىگىت››مۇ ،‹‹ئادەم››مۇ ،ئىشقىلىپ بىر نىمە ئىدى.كۆڭلۈم يوق بىر ھالدا ئۇنىڭغا تەگكەن بولدۇم.توي خېلى چوڭ بولغان بىلەن بۇ توينىڭ ئىچىدىكى بەخىت كىچىك ئىدى.ئۇنىڭغا تېگىشىمدە ئاساسلىق ئويلىغىنىم ئەرگە تەگمىسەم تۈگىمەس تاپا-تەنە،گەپ-چۆچەكلەردىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى.ئىرادەمنى تىڭشاپ باقسام يەنە بىر قېتىم سىناپ باققۇممۇ باردەك ئىدى.خۇددى قىمارۋاز ھوشۇق ئاتقاندەك تەلەي سىناپ بېقىشقىلا بولاتتى. مەنچە سەل -پەل بالدۇر بولۇپ قالغاندەكلا تۇيۇلسىمۇ مەن يەنىلا سىناپ باقتىم.ئۇتتۇرۇپ قويدۇم.

ئۇ كەچكىچە پۇل تېپىشنىڭلا گېپىنى قىلىدىغان بىر ئادەم ئىدى.ھەر كۈنى بىردىن يېڭى ئىشنى ئويلاپ قوپاتتى.تېخى تاپمىغان پۇللىرىنى خەجلەشنىڭ يوللىرى توغرىسىدا ئويلىنىپ يۈرەتتى. ئىشقىلىپ بىر ‹‹ئەر››ئىدى...

بۇرۇتلۇق خانىم شۇلارنى دەۋاتقاندا چىرايى بۆلەكچىلا ئۆزگىرىپ كەتتى.غەزىۋى ئۆرلەشكە باشلىغاندەك قىلاتتى.

ئۇ نۆۋەتتىكى ئېرىنى ياقتۇرۇپ كېتەلمىگەن بولسىمۇ،يەنىلا مۇشۇنداق ياشاۋىرىشنى تاللىغاندى.‹‹باشتا كەلمىگەن تەلەيدە ئانامنىڭ ھەققى بارمىدى؟››دەپ ئويلاپ ،چىداپ ياشىماقچى بولغاندى.ئېرى قانداقتۇر بىر ئىشلار بىلەن ئالدىراشلا يۈرەتتى.باشلىقلىرىغا زىيادە خوشامەت قىلىپ،بىرەر پايدىغا ئېرىشىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپلا يۈرەتتى.مۇئاشى ئۇنى –بۇنى مېھمان قىلىش بىلەنلا تۈگەيتتى.خانىمنىڭ كەتكەن پۇللارغا ئىچى ئاغرىمايتتى.پەقەت پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەركەكنىڭ باشقىلار ئالدىدا كۈچۈكلىنىپ ئۆتۈۋاتقانلىقىغا ئىچى ئاچچىق بولاتتى.ئۆينىڭ چىقىملىرىنى ئاڭلىق ھالدا ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئېرى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆتۈۋاتقان يىلىمان تۇرمۇش ئۇنى ھەر دەقىقە بىزار قىلىپ تۇراتتى.خىزمىتى ناھيىدە بولغاچقا چۈشلۈكى ئۆيىگە قايتالمايتتى.ئەتىگەندە كىرا ماشىنىسى بىلەن كېتىپ ،كەچتە قايتىپ كېلەتتى.ھەپتىلىك ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشنى ئۆي تازىلاش،ۋە ئېرىنىڭ بەش كۈنلۈك چۈشلۈك تامىقى ئۈچۈن خام تائام تەييارلاش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئەنە شۇنداق بىھۈدە ئۆتۈپ كەتتى.خانىم ئېرىدىن خاپىلىق تارتمايتتى.خۇشاللىقمۇ كۆرمەيتتى.خۇددى ۋاقىتلىق ئەر –خوتۇنلارغا ئوخشاپ قالغاندى.بىر-بىرى بىلەن كارى يوق ئىدى.خانىمنى قەلبىدە بىر ئەرگە يەتكۈدەك مىھرى -مۇھاببەت قالمغاندەك قىلاتتى.

بىر كۈنى خانىم ئەمدىلا ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرىۋىدى، ئىستانسسا باشلىقى ئۇنى ئىشخانىسىغا چاقىرىتتى ۋەچۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە ۋىلايەتتە ئېىلپ بېرىلىدىغان ‹‹دىكتورلارنى تەربىيەلەش كۇرسى››غا قاتنىشىشنى ئۇقتۇردى.خانىم دەرھال يولغا چىقتى.ناھيە بىلەن ۋىلايەتنىڭ ئارلىقى بىر سائەتلىك يول ئىدى.ئۇ يىتىپ كەلگەندىن كېيىن ،كىيىم يۆتكىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە كەلدى.ئىشىكىنى ئاچماقچى بولىۋىدى،ئېچىلمىدى.ئىشىك ئىچىدىن تاقالغاندى.ئۇ ئېرىنى ‹‹ئۇخلاپ قالغان چېغى...›› دەپ ئويلىدى ۋە ئىشىكنى كۈچەپرەك چەكتى،سادا يوق.ئۇ يەنىمۇ كۈچەپرەك چىكىۋىدى،ئېرى جاۋاپ قايتۇردى.

-كىمو؟

-مەن،ئايجاھان.

-...

ئېرى ھېچنىمە دېمىدى.پەقەت ئۆي ئىچىدىن دۈكۈلدەپ ماڭغان ئاۋازلارلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.ئىشىك ئېچىلمىغان ۋاقىت ئۇزارغانسىرى خانىم تىت-تىت بولدى.ئۆز ئۆيى ئالدىدا بۇنداق ئۇزۇن ساقلاش كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇردىغان بىر ئىش ئىدى.ئارىدىن بەش مىنۇتلار ئۆتكەندە خانىمنىڭ تاقىتى تۈگىدى.ئۇ ئىشىكنى كۈچەپ ئۇردى.ئىشىكقۇ ئېچىلدى ،ئەمما خانىم كۆرۈشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان بىر مەنزىرە كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى.ئېرى پاخپايغان چاچلىرىنى تۈزەشكىمۇ ئۈلگۈرمىگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئارقىسىدا گىرىملىرى بۇزۇلغان ،30ياشلاردىكى بىر چوكان تاياق-توقماقلىق بىر توپ كىشىلەر ئارىسىدا قالغان لالما قانجۇقتەك دىر-دىر تىترەپ تۇراتتى.خانىمنىڭ پۇت-قولىدا دەرمان قالمىدى.ئۇ ئېرىنىڭ بۇنچە سەت ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى ھېس قىلىپ باقمىغاندى.ئۇ ئاۋۋال ئېرىگە،ئاندىن چوكانغا شۇنچىلىك سەت ئالىيىپ قارىدىكى ؛ئەگەر بۇ نەزەرنى كۈچكە ئايلاندۇرغىلى بولسا،ئىككەيلەن يەرگە كىرىپ كەتكەن بولاتتى.ئەمما ھىچ ئىش يۈز بەرمىدى.ئېرى قېلىن يۈزىنى داپتەك قىلىپ :

-بۇ،بۇ...بۇياق ...مېنىڭ نەۋرە سىڭلىم بولىدۇ،-دەپ تونۇشتۇرماقچى بولدى.خانىم بۇ ئەخلاقسىز ئەرنىڭ پاكىت ئالدىدىمۇ يەنە نەيرەڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا چىداپ تۇرالمىدى.

-چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق،ئەركەك بولغاندىن كېيىن قىلغان ئىشىڭنى ئىتىراپ قىلىشىڭ كېرەك،-ئۇ ئېرىنى تۈنجى قېتىم‹‹سەن››لىگەنلىكىنى ھېس قىلىپ تۇراتتى. ئۆزىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كونتىرول قىلماقچى بولدى.

-مەن،مەن...-دەپ دۇدۇقلىدى چوكان.ئۇنىڭ بىچارە تۇرقى خانىمغا دائىم ھاڭگا تىلەپلا يۈرىدىغان تۇغماس مىدىنى ئەسلىتىپ قويدى.

-كۆزۈمدىن يوقال!!!-دەپ ۋارقىردى خانىم بىگىز بارمىقىنى ئۇنىڭ كۆزىگە تەڭلەپ.

چوكان خۇددى ئاشۇ بۇيرۇقنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا دەرھال كىرىسلوغا تاشلاپ قويغان سومكىسىنى ئېلىپ ،چىقىپ كەتتى.ئېرى نىمە قىلىشىنى ،نىمە دىيىشىنى بىلمەي گاستەك ئۇيان-بۇيانغا قاراپ تۇراتتى.خانىم ياتاق ئۆيگە كىردى.ھەممە نەرسە گويا خانىمنىڭ ھاياتلىق ئۈمىدى كەبى ۋەيرانە ھالدا تۇراتتى.

-ئەسلىدە خېلى كارامىتىڭ بار ئىكەن-ھە-دېدى ئۇ تاشقىرقى ئۆيگە چىقىپ ،-ئۇ ماڭا قارىغاندا ‹‹ۋايجان››نى كۆپرەك دەمدىكەن.ئىشەنمە،ھەممىسى يالغان.ئۇ مەندىن چىرايلىقراق بولسىغۇ كاشكى.ئەركەك بولساڭ مەندىنمۇ گۈزەلرەك بىرىنى تاپساڭچۇ؟‹‹خېلى بىر ئېرىم بارئىكەن››دەپ مەنمۇ خوش بولۇپ قالاتتىم.مەن ئەجەپ سېنىڭ ئەرلىكىڭنىڭ بۇنچە قاتتىقلىقىنى بىلمەي يۈرۈپتىمىنا؟ھەقىقى ئەركەك سەندەك بولمايدۇ.ماڭا كۆڭلۈڭ بولمىسا ئوچۇقىنى دىسەڭ بولمامتى؟ئەگەر ئۇنىڭغا كۆڭلۈڭ چۈشۈپ قالغان بولسا،مېنىمۇ قويۇپ بەرگۈڭ كەلمىگەن بولسا،ماڭا ئاشۇ تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرسەڭ،ئۈستۈمگە ئالاي دىسەڭ،ئەگەر سەندە ئىككى خوتۇننى رازى قىلالىغۇدەك مادار بولغان بولسا، قەسەم قىلىمەنكى ؛مەن قوشۇلغان بولاتتىم. بولدى بۇلارنى دىيىشنىڭ ھاجتىمۇ قالمىدى،ئاجرىشىمەن.

خانىم ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ شۇنچىلىك تەمكىن تۇرالىغىنىدىن ھەيران قالماقتا ئىدى.ئېرىنىڭ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ‹‹بىر قېتىم پۇرسەت بېرىش››توغرىسىدىكى يېلىنىشلىرغا پەرۋا قىلماستىن ،كىيىممۇ يۆتكىمەيلا چىقىپ كەتتى...

-دەل ئاشۇ دەقىقىدە دۇنيادىكى بارلىق ئەرلەردىن قاتتىق رەنجىدىم،-دېدى ئۇ ئۈمدسىزلىك بىلەن چايدىن يەنە بىر ئوتلاپ،-ياراتقۇچى ئەجەپ ئاياللارنىڭ تەقدىرىنى ئۇلارغا باغلاپ قويۇپتۇيۇ،ئۇلارنى سەل ۋىجدانلىقراق ياراتماپتۇ دىسە.

-ئەرلەرنىڭمۇ،ئاياللارنىڭمۇ ياخشى-يامىنى بار ،-دېدى دوختۇر دەرھاللا.

بۇرۇتلۇق خانىمنىڭ ئەرلەر توغرىسىدىكى يەكۈنى ئۇنىڭ كۆڭلىگە سەل تەگكەندى.خۇددى دوختۇرنىمۇ قوشۇپ تىللىۋەتكەندەك يۈزلىرى قىزىغاندەك بولدى. ئالدىن پەرەز قىلغىنىغا ئوخشاش خانىم ئەرلەرگە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان ھالەتكە يەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىنى بىر –ئىككى ئېغىز نەزىرىيە بىلەن ئۆزگرتىۋىتىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى.ساختا تەرەققىيات بىلەن تەڭ چۇڭقۇرلىشىپ بېرىۋاتقان ئەخلاق كىرزىسى ئەر-ئاياللار تورمۇشىغا غايەت زور بېسىم پەيدا قىلماقتا ئىدى.

-ئادەم نېمىنى خارلىسا ھامان بىر كۈنى شۇنىڭغا مۇھتاج بولىدۇ،- دېدى دوختۇر بىر خۇلاسىگە كەلگەندەك تەلەپپۇزدا،-ھازىرقى ئادەملەر مۇھاببەتنى خارلاپ قويىۋاتىدۇ،ئۆزى مۇھتاج نەرسىنى خارلاۋاتىدۇ.نۇرغۇن بالىلاردا كالتىسىي كەمچىل بولىۋاتقاندەك،نۇرغۇن چوڭلاردا مۇھاببەت كەمچىللىك كېسىلى بار.

-توغرا دېدىڭىز،-دېدى ئايال دوختۇرنىڭ ئاغزىدىكى گەپنى يۇلۇپ ئېلىپ،دوختۇرنىڭ دىگەن گەپلىرى ئىچىدە پەقەت مۇشۇ گەپلا ئۇنىڭغا ياققاندەك قىلاتتى،-يېقىندا بىر دوستۇم ئىش ئورنىدىن قېلىۋىدى،يولدىشى ئۇنىڭ بىلەن مەجبۇرىي ئاجراشتى.ھازىرقى ئەرلەرنىڭ بەزىللىرى ئاياللارنىڭ ھوجۇدىنى ئەمەس،بەلىكى مۇئاش كارتىسىنى ئالىدىكەن .بەزىللىرى مەجبۇرىيەت ئۈچۈنلا ئۆيلىنىدىكەن.دىگەنلىرىم خاتا ئەمەستۇ؟باياشات ئائىلىنىڭ ئوغلى نامراتنىڭ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان،ئۇنىڭ ئىشقىدا ھەممىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان مىساللار ماڭا ئۇچراپ باقمىدى.

 -ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمەپسىز-دە؟

خانىم ھەسرەتلىك بىر ئۇھ تارتىپ قويدى.بۇ ‹‹ئۇھ››خانىمنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق مەغلۇبىيىتىنى تامامەن ئىسپاتلاپ تۇراتتى.چىرايىدىن تەقدىرگە تەن بەرگەن ئادەملەردە كۆرۈلىدىغان روھى بوشلۇق روشەن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.شۇ چاغدىكى ئەھۋالدا ئۇ گەرچە ئېرىنىڭ قىلمىشىنى كەچۈرىۋىتەلمىسىمۇ ،يەنە ئاجرىشىپ ئائىلىسىدىكىلەرنى پاراكەندە قىلماسلىقنى ئويلىغان ئىدى.نەچچە ئايلىق بۇرۇقتۇملۇققىمۇ كۆنۈپ قېلىۋاتاتتى.ئەسلىدىمۇ مەجبۇرىيەت ئۈچۈنلا ئېرى بىلەن بىرگە بولاتتى.شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ ئېرىنى يېنىغا يولاتمىدى.بۇ خىل ‹‹يېنىغا  يولاتماسلىق››ئېرىگىمۇ تازا خوشياققاندەك قىلاتتى.كۈنجۈرگە تويۇنغان ئۇيدەك پۇشۇلداپ ئۇخلىغىنى ئۇخلىغان ئىدى.

بىر يەكشەنبە كۈنى خانىم ھەپتىلىك كۆكتات سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا چىقىپ كېتىۋاتاتتى.قورا دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە ئالدىغا يەردىن ئۈنگەندەكلا ھېلىقى‹‹ تۇتۇلما››چوكان پەيدا بولدى ۋە يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ نالە قىلىشقا باشلىدى.

-خۇدا ھەققىدە مېنى كەچۈرۋەتسىلە،مەن ئەسقەرجاننىڭ بۇرۇنقى ئايالى،ئۇنى جان-ئىخلاسىم بىلەن ياخشى كۆرەتتىم.ئەينى چاغدا ئانام ئەسكىلىك قىلىپ ئاجراشتۇرۋالغان.ئارىدا بالاڭلارمۇ يوقكەن،ئۇنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىلا...ھوھوھو...

-ھەي،ھەي،ئورنىڭدىن تۇر،ئادەم تۇرۇپ ئادەمگە تىزلانما.ئاڭلىمىغان گەپتىن بىرنى ئاڭلىدىم-دە بۈگۈن.مەندىن ئەر سوراپ كەلدىڭما؟ئەر دىگەن خېمىرتۇرۇچ ئەمەسقۇ سوراپ ئىشلىتىدىغان؟ئەسقەرجاننىڭ دارىمىدى يا ساڭا؟

چوكان جادۇ كۆزلىرىدىن يۇم-يۇم ياش تۆكۈپ يىغلايتتى.بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا ھېسداشلىقى كەلگەندەكمۇ بولدى.بىر ئايال يەنە بىر ئايالنىڭ دىلىغا بۇنىڭدىنمۇ قاتتىق ئازار بەرسە بولمايدىغاندەك ھېس قىلدى.

-ئەسقەرجاننىڭمۇ سىزنى ئالغۇسى بارما؟-دېدى خانىم چوكاننى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ،-ئۇنى ‹‹سىز››لەپ سۆزلىگىنىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى .ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئىچ ئاغرىتقان ئىدى.

-شۇنداق.لېكىن ئۇ سىزگە بۇ گەپنى دىيەلمەيدۇ.

-ئۇ دىيەلمىسە، مەن دىيەلەيمەن.يۈرۈڭ، قانداق گەپ بولسا ئۆيگە كىرىپ دىيىشەيلى.ئۈچىمىز بىر يەرگە كېلىپ بۇ ئىشنى بۈگۈنلا بىر تەرەپ قىلىۋىتەيلى.

خانىم كۆڭلىدە چوكاننى باشلاپ ئۆيگە كىرمەكچى،ئاندىن بۇ ئىشنى كەسكىن ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىپ،ئۆينى چوكانغا بىكارلاپ بېرىشنى ئاللىبۇرۇن قارار قىلىپ بولغان ئىدى.لىكىن چوكان ئۇنداق يۈزلىشىشكە ئۇنىمىدى.خانىم يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى كاللىسىغا سىغدۇرالمىغان بولسىمۇ،چوكانغا نەپرەتلىك قارىغان چاغدىكى ئەلپازىدىن قىلچىمۇ ئەسەر قالمىغان ئىدى.

ئۇ ئۆيگە كىرگەندە ئېرى كىرىسلودا يېتىپ ئۇخلاۋاتاتتى. خىزمەت ۋە پوداقچىلىقتىن بىكار بولسىلا ئۇخلايتتى.تۈگىمەس بىر ئۇيقۇنىڭ ساھىبى ئىدى.ئۇ ئېرىنى چاقىرمىدى،ئاغزى مەينەت بولۇپ كېتىدىغاندەك.تۈرتمىدى،قولى مەينەت بولۇپ كېتىدىغاندەك.تېلىۋۇزورنى ئۈنلۈك قويۇپ قويدى.ئېرى ئويغۇنۇپ كەتتى.

-بوشراق قويسىڭىز بولمامدۇ؟ئادەمنى ئۇخلاتماي...-دەپ غودۇڭشىدى ئۇ ئەسنەپ.قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەن بولۇپ ،بەكلا سەتلىشىپ كەتكەن ئىدى.

-بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى،-دېدى خانىم ئېرىگە قارىماي.

-يائاللا،ئەجەپمۇ تۈگەتمىدىڭىز شۇ ئىشنى،مەن خۇدا ھەققىدە قەسەم قىلدىمغۇ، ئەمدى ئۇنداق ئىشنى قىلمايمەن دەپ.

-بۇرۇنقى ئايالىڭىز مېنى ئىزدەپ كەپتىكەن.ئۇ ‹‹ئەسقەرجاننى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ ››دەيدۇ.

- ساراڭمۇ نېمە ئۇ؟

-ئۇ ساراڭ بولسا، سىزمۇ ساراڭ.سىلەر بىر جۈپ ساراڭلار بىر-بىرىڭلارغا تازا ماس كېلىسىلەر.ئەسلى ئەركەك دىگەن تۈكۈرگەن تۈكۈرۈكنى ئاغزىغا ئالماسلىقى كېرك ئىدى.ئىتمۇ سۆڭەك يىگەندە ئاۋۋال قوڭى بىلەن كىڭىشەرمىش.سىزنىڭ ئىتچىلىكمۇ ئەقلىڭىز يوقلىقىغا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ.

-سىز نىمە دېدىڭىز؟

-قوشۇلدۇم.

-قەتئى بىر قارارغا كەلدىڭىزما؟

-شۇنداق.چۈنكى مەن كۆڭلى يوق بىرى بىلەن ياشاشنىڭ قانچىلىك ئازاب ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن.‹‹ياخشى ئىت ئۆلۈكىنى كۆرسەتمەپتۇ››دەيدىغان گەپ بار.ئوشۇق گەپ ئىشەككە يۈك.ياخشىلقچە بولسىمۇ،يامانلىقچە بولسىمۇ چوقۇم ئاجرىشىمەن.

ئېرى ھېچنىمە دېمىدى.ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇلار ئاجرىشىپ كەتتى.خانىم ئۆز تۇرمۇشىدا ئۇچراتقان ئىككى ئەر تۈپەيلىدىن ھاياتقا،ئادەملەرگە بولغان ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقاندى.ئەرلەرسىز ياشىغىلى بولمايدىغان ئىش بولسا ئۇ ئۆلۈشكە رازى ئىدى.نىكاھ ئۇنىڭ نەزىرىدە ھېچنىمە ئەمەس بولۇپ قالغان ئىدى.‹‹ئەرگە تەگدىم ››دەپ دەرد تارتقۇچە ،قالغان ئۆمرىنى تەنھا ئۆتكۈزىۋەتمەكچى بولدى.ئەرلەرنىڭ شەخسىيەتچىلىكى،ئالا كۆڭۈللىكى ئۇنىڭ قەلبىدە ساقايماس بىر يارا پەيدا قىلغاندى.ئەتراپدىكى ھەر بىر ئەر بىر يارلاندۇرغۇچىدەك كۆرىنەتتى.ھەتتا كېسەلچان دادىسىمۇ ئانىسىنى ئازابلاش ئۈچۈن قەستەن كېسەل بولىۋالغاندەك بىلىنەتتى.ئۇ كۈنلىرىنى خىزمەت قىلىش،ئۆزى بىلەن قۇرداش ھەم تەقدىرداش بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن ئارلىشىپ ئۆتۈش بىلەنلا ئۆتكۈزەتتى.

شۇندىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا ئۇ ئازابلىق ئۆتمۈشىنى بارا-بارا ئۇنتۇشقا باشلىدى.ئەمما ئۈمدۋارلىقتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.كۆڭلى غايەت زور مۇز پارچىسى بىلەن باسۇرۇپ قويۇلغاندەك ،سوغوق ھەم جىمجىت تۇراتتى.مەيلى خوشنا-خۇلۇم، تونۇش-بىلىش،خىزمەتداشلار بولسۇن ‹‹ئەر››لا بولىدىكەن،ئۇ ئامالنىڭ بارىچە پاراڭلىشىشتىن قاچاتتى.سالاملىشىشقىمۇ رايى يوق ئىدى.ئۇلارسىزمۇ ياخشى ياشاپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.كۈنلىرى خاتىرجەم ،تىنىچ ئۆتمەكتە ئىدى.ئۆزىمۇ بارغانسىرى ھۆسنىگە تولۇپ بارماقتا ئىدى.بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا نۇرغۇن لايىق چىقتى.ھەممىسى ‹‹ئەر دىگەننىمۇ كۆردۈم.ئەمدى ئەرگە تەگمەيمەن››دىگەن جاۋاب بىلەن ئۆ يوللىرىغا راۋان بولۇشتى.نەسىھەت قىلغۇچىلارمۇ ھاردى بولغاي، ‹‹بولدى›› قىلىشتى.‹‹ئەركەك جىنى بار ئىكەن››،‹‹قوش جىنىسلىق ئوخشايدۇ››دەپ گەپ تاپقۇچىلارمۇ چارچىدى بولغاي ،كۆزدىن يوقۇلۇشتى.نەچچە يىللار ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى.ئۇ ياشاۋاتقان دۇنيا شۇنداق تىنچ بولۇپ قېلىۋىدى،ياراتقۇچى ئۇنىڭغا ساقال-بۇرۇت چىقىرىپ ئازابلاشقا باشلىدى.بۇ ئازاب ئىككى ئەر پەيدا قىلغان ئازابنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ ئېشىپ چۈشتى. ئاۋازىمۇ ئايسىرى بوملىشىپ بېرىشقا باشلىدى.

بىر كۈنى ئىستانسسا باشلىقى ئۇنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى.گەپنى ئۇنىڭ‹‹خىزمەتتە ئەستايىدىل،كەسىپتە پىشقان...››لىقىدىن باشلاپ، ئاخىردا ئۇنىڭ دىكتورلۇق قىلماي،خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ تەرجىمانلىقىنى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.ئۇنىڭ قوشۇلماي ئامالى يوق ئىدى.ئاۋازىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆزىمۇ ھېس قىلغان ئىدى.بۇ ئىش ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېغىر روھى بېسىم بولدى.ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان دىكتورلۇق كەسپىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغاندى.باشقىلار بىلەن بولغان ئارلىقى تېخىمۇ يىراقىلىشىپ كەتكەندەك تۇيۇلاتتى.

-سىز كۆرۈنگەن دوختۇرلار نېمە دېدى؟

- ‹‹ئەرلىك ھورمۇن ئېشىپ كېتىپتۇ››دەيدۇ.ھېلى ئۇنداق ،ھېلى بۇنداق داۋالاپ بېقشىتى،ئەمما ئۈنۈمى بولمىدى.ئاللاھنىڭ ئالدىدا نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيدىمكىن ،تاڭ...

-قانداق داۋالاش ئېلىپ باردى؟

-دورا-ئوكۇل ئىشلەتتى.يەنە...

-يەنىچۇ؟

-نۇمۇسۇمنى قويۇپ تۇرۇپ دەۋىرەي.مەسئۇل دوختۇرۇم بىر كۈنى ماڭا بىر پىلاستىنكا بېرىپ‹‹ھەر كۈنى بىر قېتىم كۆرۈڭ››دېدى،ئۆيگە ئاپپىرىپ كۆرسەم سېرىق پىلاستىنكا ئىكەن.شۇنداق خورلۇق ھېس قىلدىم.ئادەمنى زاڭلىق قىلغاندەك...تىلىفۇن قىلىپ راسا تىللىدىم.

-سىزدىكى بۇ خىل غەيرىي ئالامەتلەر ھەقىقەتەن ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن بولغان.نىمىشقا شۇنداق بولغانلىقىغا كەلسەك ،بۇنى ئۇدۇللا چۈشەندۈرمەكمۇ تەس.ئادەم بەدىنى بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ فىزولوگىيىلىك قۇرۇلما.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدىنى ئۆزگىچە قۇرۇلما.سىزھازىرمۇ ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر ئايال.بىلىشىڭىز كېرەككى؛ياراتقۇچى ھەممە نەرسىنى ئۆز جۈپتى بىلەن ياراتقان.ئەرلەر ئاياللارسىز،ئاياللار ئەرلەرسىز ياشىيالمايدۇ.جۈپسىز ياشاش تەڭپۇڭسىزلىقتۇر.قەيەردە تەڭپۇڭسىزلىق كۆرۈلىدىكەن ،شۇ يەردىن چاتاق چىقىدۇ.ئىنسان ئاجىزدۇركى؛ئۇ قانۇنىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئادەم بەدىنىدە مەلۇم خىل ماددا كەم بولسا ،بىر خىل كېسەللىكنى پەيداقىلىدۇ.مۇھاببەتمۇ بىر خىل كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ماددا.بۇ خىل ماددا ئادەم بەدىنى،روھى،پىسىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدا كەم بولسا بولمايدۇ.سىز ئۇزۇن مەزگىل ئەرلەرنىڭ مۇھاببىتىدىن مەھرۇم بوپسىز.ئاياللىق ھورمۇن ئىشلەپچىقرىش توسالغۇغا ئۇچرىغان .ئەرلىك ھورمۇن ئېشىپ كەتكەن.

-قانداق قىلىشىم كېرەك؟

-نىمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش كېرەك.سىز ھەقىقى ئەرنىڭ مۇھاببىتىگە مۇھتاج.

-قېنى شۇ ھەقىقى ئەر؟-خانىم تەئەددى بىلەن سورىدى.دوختۇر نېمە دىسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.خانىمنىڭ سۆزى ئۇنىڭ قەلبىنى سىلكىۋەتكەندەك بولدى.دوختۇر قىلچە چاندۇرماستىن:

-ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىگىز،ئاۋاق ،كۆزەينەك تاقىغان بىرى ھازىر بىر ئايال بىمار بىلەن پاراڭلاشماقتا .ئۆزىگە تاساددىپىي ئۇچراپ قالغان ئىككى ناچار ئەر سەۋەبىدىن دۇنيادىكى بارلىق ئەرلەرنى ‹‹ناچار››غا چىقىرىۋەتكەن بىر ئايالغا نىمە دىيىشىنى بىلمەي ئولتۇرىدۇ،-دېدى ئۆزىگە ئانچە ماس كەلمەيدىغان شوخلۇق بىلەن.

خانىم يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ كەتتى.ماسكىسى كۈلكىسىنى بوغۇپ قويۇۋاتاتتى.

- يەنە بىر قېتىم سىناپ بېقىشنى خالىمامسىز؟مەرتەم-مەرتەم ،ئۈچ مەرتەم دەپتىكەن.تەلىۋىڭىز بەك يۇقىرىمۇ يا؟

-ئۇنداق ئەمەس،مېنىڭ تەلىۋىم ھەرگىزمۇ يۇقىرى ئەمەس ئىدى.قەلەندەر بولسىمۇ ۋىجدانى بار،ھامىيلىقىدىكى خوتۇن باللىرىغا مەسئۇل بولۇشنى بىلىدىغان،ئۆزى سەت بولسىمۇ،دىلى چىرايلىق،كىيىمى مەينەت بولسىمۇ،كۆڭلى پاكىز بولسىلا ياخشى ئەر دەپ قارايتتىم.ئەمما ئەمدى يەنە سىناپ باققۇدەك جۈرئەت مەندە قالمىدى.

خانىم شۇنداق راۋان سۆزلەيتتى.ئىنكاسىمۇ ئىتتىك ئىدى.

-ئۇنداق دىمەڭ،كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالامسىز تېخى.

-ئەگەر شۇنداق بىر ئەر كىشى چىقىپ،مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالسا ،مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى بولغان بولاتتىم،- خانىم شۇنداق دىگەچ ئورنىدىن تۇردى،-مەن قايتاي.ۋاقتىڭىزنىمۇ كۆپ ئېلىپ قويدۇم.

-سىزگە قارىتا داۋالاش لاھىيىسى تۈزۈپ چىقىشىم كېرەك،-دېدى دوختۇرمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ،-ئالدىمىزدىكى دەم ئېلىش كۈنى كېلەلەمسىز؟

-كېلەلەيمەن.ئەمىسە شۇنداق بولسۇن.شەنبە كۈنى كۆرىشەيلى.خوش.

-خوش.

خانىم چىقىپ كەتتى.دوختۇر ئورۇق بىلىكىگە بوش كېلىپ قالغان سائەتىگە قاراپ قويۇپ،ئۈستەل ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى...

دوختۇرنىڭ  خانىم توغرىسىدىكى خىياللىرى دائىم مۇشۇ يەردە ئاياقلىشاتتى...

(تۈگىدى)

 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ھاھا ... راست دەيسىز ئەنىشتە. ئۆچلۈك قىلماڭ گىرىتار بولارسىز دېگەن شۇ - دە !ئۆچۈرۈش2011-8-1 06:36[3 نۇمۇر]مەھشىيە
  • ئەرلەرگە ئۆچ بولغاندىن كىيىن، ئاللا سەنمۇ ئەر بوپ باق دەپتۇدەئۆچۈرۈش2011-6-27 03:35[5 نۇمۇر]ئەنىشتە
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY