باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-23 09:19 | ئاپتور: مۇتىللا قىرانى | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

سۆيۈملۈك كۈنلەش

سۆيۈملۈك كۈنلەش


مۇتىللا قىرانى


    بۇ كېچىمۇ ئۇخلىيالمىدىم، بۇ يەنە ئۆلگۈر تېلېفوننى ئېتىۋەتمىگىنىمنىڭ جازاسى. ئۇنىڭ قاچانلاردا تېلېفون نومۇرۇمنى بىلىۋالغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيمەن. بەلكىم، ئۆزۈم ئېيتىپ بەرگەندىمەن ياكى باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ بىلگەندۇ؟ يېرىم كېچىدە، ئۇنىڭ تېلېفون قىلغىنى يوشۇرغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتكە ئايلانغان ئىدى.
    چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم، چۈشەندۈرەلمىدىم. تۈگىمەس سۇئاللارغا كۆمۈلدۈم، تىلىم تۇتۇلدى. ھېكايىنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەيتتىم، يالغاننىمۇ توقىيالمىدىم. تېلېفون ئايالىمنىڭ قولىدا ئىدى، لەنىتى رەڭلىك قوڭغۇراق ئاۋازى تېخىچە توختىمايۋاتاتتى.
    تېلېفون ئۇرۇشىنىڭ باشلانغىنى نېكەم. مېنىڭ كاللامدا يالغاننى توقۇش ياكى راستىنى تاپشۇرۇش توقۇنىشى بولىۋاتاتتى. ئايالىمنى رەنجىتىشنى خالىمايتتىم. تېلېفوننى ئېلىۋالماقچى بولدۇم، لېكىن جۈرئەت قىلالمىدىم. ئايالىمنىڭ بۇنداق سۆزمەنلىكىنى بىلمەپتىكەنمەن، نەچچە دەقىقىدە قارشى تەرەپنى گاچا قىلىۋەتتى.
    تېلېفون ئۈزىلدى، مەن تۇتۇلدۇم. ئۇنىڭ مەنىلىك قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىدىم، كۆزلىرىمنى ئېلىپ قاچتىم. دەھشەتلىك جىمجىتلىق ئۇزۇنغا بارمىدى. ئۇنىڭ بېقىندىشى، زۇۋانىمنى پۈتۈنلەي ئۆچۈردى. سۇئال دېڭىزىدا تۇنجۇقۇشقا باشلىدىم. ئۈزۈپ چىقىپ كېتىشنى ئويلىغانسېرى، تېخىمۇ تەكتىگە چۈشۈپ كەتتىم.
    چۈشەندۈردۈم، قايىل قىلالمىدىم. چۈشەندۈرگەنسېرى گۇناھلارغا پىتىپ كىتىۋاتاتتىم. يالغاندىن بولسىمۇ، ھەممىنى ئىقرار قىلمىسام بولمايدىغىنىنى بىلەتتىم. قاراڭغۇدىن تاماكىنى ئىزدەپ تاپتىم، بىر نەچچە قېتىم ئاچچىق شورىغۇم كېلىۋاتاتتى. لېكىن، ئوت ياقالمىدىم. تۇيۇقسىز خۇمارىمنىڭ بېسىققىنىدىن ئەمەس، ئوت يورۇقىدا كۆزلىرىمىزنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىشىدىن قورقاتتىم.
    ھەممىنى ئىقرار قىلدىم. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەن ئۆمۈرلۈك بالاغا قالدىم. تەنە سۆزلەشلەرنىڭ تۈگىمەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلەي. بۇرۇنلا پەرەز قىلالىغان بولسام، يالغاندا چىڭ تۇرماسمىدىم دەپ ئويلىدىم. لېكىن، يالغاننى مەڭگۈ راست قىلىپ ئۆتكىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئوبدان بىلەتتىم. ئاچچىق چېقىۋېلىشلاردىن خالى بولالمىساممۇ، راستىنى ئېيتىپ يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدۇم.
ئۇنىڭغا نېمىلەرنى چۈشەندۈرۈپ، نېمىلەرنى يوشۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. ئۆيىمىزنىڭ سوراقخانىسىدا ھەممىنى ئېيتتىم. دوستلۇق، مۇھەببەت، سۆيگۈ، ئەقىدە، خىيانەت ھەققىدە ئۇزۇن لېكسىيەلەرنى بايان قىلدىم. ئەپۇ سورىدىم، كەچۈرىشىنى ئۆتۈندۈم، قەسەم قىلدىم. يەنىلا گۇماندىن ساقىت بولالمىدىم.
ئۇ يەنە مېنى قۇچاقلىدى. بارلىقىمنى بىر ئۆزىگىلا ئاتىشىمنى ئۆتۈندى. مەن ئۇنىڭ تېخىچە، بارلىقىمنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمىغانلىقىدىن ھەيران بولدۇم. ئۇنىڭدىن سۆيۈندۈم، بارلىقىنى ماڭا ئاتىغانلىقىدىن بەختىمنى كۆردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلمىغان ئىدىم.
    ئايالىمنى مېھىر بىلەن باغرىمغا باستىم. تىترەۋاتقان لەۋلىرىگە لەۋ يېقىپ تۇرۇپ، ئۇنى سۆيىدىغىنىمنى ئېيتتىم.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ھېكايە دېتالى قىزىقارلىقكەندۇق،بىراق تېلفۇنكېلىش جەريانىدىكى پىسخىك تەسۋىر،گەپ-سۆز كونكرېت،جانلىق يېزىلغان بولسا،تېخىمۇ ياخشى چىقاركەن.ئۆچۈرۈش2011-7-22 11:16[3 نۇمۇر]ھەۋەس
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY