باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-23 12:13 | ئاپتور: قۇدرەت | مەنبە: ئۆزى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

قارا پەلتۇلۇق ئەپەندىلەر

قارا پەلتۇلۇق ئەپەندىلەر


قۇدرەت ئەلى


    ئىسمايىل ئەپەندى قولىدىكى تاماكىنى كۈلدانغا بېسىپ ئۆچۈردى. ئورنىدىن تۇرۇپ شىلەپىسىنى كىيدى. ئۇ ئېگىز بويلۇق ئادەم بولۇپ، شىلەپە كىيىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئون نەچچە شىلەپىسى بار ئىدى. ئايالىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆيدە ئۆزى يالغۇز تۇراتتى. ئۇ بۈگۈنكى دەم ئېلىش كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا بىر خىيالغا كېلەلمەي بىردەم مېڭىپ يۈردى. ئاخىرى بۇرادىرى ئادىل ئەپەندىگە تېلېفۇن ئۇردى.
    -بۇرادەر، قانداق ئەھۋالىڭ؟
    -يامان ئەمەس، ئۆزۈڭچۇ؟
    -بەكلا ئىچىم پۇشۇپ تۇرىدۇ، خالىيراق بىرەر جاي تېپىپ بىردەم ھاراق ئىچىشسەك قانداق؟
    -مەيلى، دېگىنىڭدەك بولسۇن، قەيەردە ئۇچرىشىمىز؟ 
    -‹‹بەخت نۇرى ››دا ئۇچرىشايلى، بىلىسەنغۇ ھېلىقى سېمىز خوتۇننى، ھى، ھى.....
    -ماقۇل....
    ...................................................................
    ئىسمايىل ئەپەندى چاي ئىچكەچ ئادىل ئەپەندىنى ساقلاپ ئولتۇردى.
    -قىزلاردىن بىرەرى ھەمراھ بولسۇنمۇ؟
    سېمىزلىكتىن بەدەنلىرى لىغىرلاپ تۇرىدىغان قاۋاقخانا خوجايىنى ئايال سۆزلىگەچ كەلدى. ئۇنىڭ ئېرى خېلى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۈچ قىزى بىلەن قاۋاقخانىنىڭ ئىشلىرىنى ئوبدانلا يۈرۈشتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. يېشىنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغىنىغا قارىماي، ئاشۇرۇپ گىرىم قىلىۋالغانىدى. 
    -ھاجىتى يوق، -دېدى ئىسمايىل ئەپەندى، بىر بۇرادىرىم كەلمەكچى، سەيلەرنى ئاندىن بۇيراي.
    - مەيلى ئەمىسە، چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇڭ.
    ئادىل ئەپەندى تاماكا چەككەچ، چاي ئىچىپ ئولتۇردى. يېرىم سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئىسمايىل ئەپەندى كۈلۈمسىرىگىنىچە كىرىپ كەلدى. ئۇلار ئۆزئارا ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، خوجايىننىڭ قىزىنى چاقىرىپ سەي ۋە ھاراق بۇيرىدى.
    -سېنى نىمە ئۈچۈن دائىملا مۇشۇ يەرگە كېلىدىكىن دېسەم، ئەسلىدە ئاۋۇ تومبۇلاق بىلەن چىقىشىپ قاپتىكەنسەندە، -دېدى ئىسمايىل ئەپەندى كۈلۈپ.
    -ساراڭدەك سۆزلىمىگىنە،- دېدىى ئادىل ئەپەندى، -كىچىككىنە بىر قىزغا گەپ قىلىپ يۈرسەم بولسا ....
    ئادىل ئەپەندىنىڭ ئاھاڭىدىن ‹‹سەن مېنى بىر بۇزۇق دەپ ئويلاپ يۈرەمسەن، ئۇنداق كىچىك قىزلارغا كۆز سالىدىغان ئادەملەرگە ئوخشاتقىنىڭ ئۈچۈن خاپا بولساممۇ ئەرزىيدۇ›› دېگەندەك مەنا بارلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. سەي ۋە ھاراقلار كەلتۈرۈلدى. ئۇلار بىردەم سەي يېگەندىن كېيىن، ئىسمايىل ئەپەندى ھاراق بوتۇلكىسىنى قولىغا ئالدى. 
    - مۇكاپات چىقامدۇ؟
    - چىقىدۇ.
    - چىقمايدۇ.
    - كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ. چوڭ مۇكاپات باردەكلا......
    - كۆڭۈلنىڭمۇ خاتالىشىدىغان چاغلىرى بولىدۇ.
    - چىقىپ قالسا، بۈگۈنكى جەمئىي چىقىمنى سەن قىلىسەن، چىقماي قالسا،ئاكاڭ قارىغاي ھەممە پۇلنى چىقىرىدۇ. 
    - چاتاق يوق.
    ئىسمايىل ئەپەندى بوتۇلكىنى ئېچىپلا ۋاقىرىدى:
    -ۋاھ، يۈز كوي دېگىنە، يۈز كوي ....
    -ھە، مىڭ كوي دېمىگىن يەنە، چوقۇم ئىككى كوي.
    -ھەر نېمە بولسا پۇل چىقتى،-دېدى ئىسمايىل ئەپەندى.-بۈگۈن يەنە سېنى نەس باستى.
    -ئەمدى ھەرقانچە ئىچسەڭمۇ مەست بولمايسەنغۇ –سەن؟ 
    - ھا ھا ھا.......
    ئۇلار ئۆزئارا پاراڭلاشقاچ ئىچىشكە باشلىدى. سورۇنغا بارا-بارا جان كىرىشكە باشلىدى.
    -توي قىلىشنى ئويلاشمىدىڭغۇ؟-دېدى ئادىل ئەپەندى دوستىغا كۆيۈنگەن ھالدا قاراپ-ۋاقتىدا ئۆيلىنىۋالساڭ بولاتتى.
    -ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت، بۇ ئىش توغرىسىدا پاراڭلاشمىساق قانداق؟
    - مەيلى ئەمىسە، ئۆزۈڭ ئويلاپ بىر ئىش قىلارسەن.
    -راستىنى دېسەم، ئايال كىشىنىڭ خاپىلىقىدىن قورقۇپ كېتىپتىكەنمەن، بولمىسىغۇ مېنىڭمۇ ئوماق بالامنى ئەركىلىتىپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرگۈم بار. بولدى، بۇ گەپلەرنى قويايلى، ھېلىلا مەست بولۇپ قالىمەن بىكار،ئاز-ئاز قۇيە!
    ئىسمايىل ئەپەندى ھاراق ئىچىۋېتىپ، ئىشىكتىن بىرسىنىڭ پۇكەيگە يۆلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىۋاتقانلىغىنى كۆردى. ئۇ كىشى ئېگىز بوي، بېشىغا قارا شىلەپە، ئۈستىگە قارا ئۇزۇن پەلتۇ كىيىۋالغانىدى. بىر قاراشتا كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك بەستلىك، قاملاشقان ئەر ئىدى. ئىسمايىل ئەپەندى ئۇنى يان تەرەپتىن كۆرگەچكە، ئۇنىڭ چىرايىنى تولۇق كۆرەلمىدى. ھېلىقى ئەپەندى ھاراقنى بوتۇلكا بىلەنلا كۆتۈرۈپ ئىچىشكە باشلىدى. بۇ ھال ئىسمايىل ئەپەندىگە غەلىتە تۇيۇلدى بولغاي:
    -قارا، ئاۋۇ ئادەمگە، بېشىغا ئېغىر دەرتلەر كەلگەندەك قىلىدۇ،-دېدى.
    -ئېھتىمال، ئادەتتە كۆزىمىزگە بەختلىك قىياپەتتە كۆرۈنگەن ئادەملەر ئىچىدىمۇ نۇرغۇن بەختسىزلەر بار.
    ئۇلار ئۈن-تىنسىز ھالدا قارا پەلتۇلۇق ئەپەندىگە قاراپ ئولتۇرۇشتى. شۇ ئارىدا ھېلىقى ئەپەندى بۇرۇلۇپ ئۇلار تەرەپكە قارىدى. قولىدىكى بوتۇلكىدىكى ئاخىرىقى ھاراقنى بىر كۆتۈرۈشتىلا ئىچىۋەتتى. ئادىل ئەپەندى ئىسمايىل ئەپەندىگە قاراپ قويۇپ:
    -ئۇنىڭ بىلەن بىر پاراڭلىشىپ باقمامدۇق. ئېھتىمال بىرەر قىزىق ھېكايە ئاڭلارمىز؟ 
    -مەيلى، دېگىنىڭدەك قىلايلى.
    دەل شۇ چاغدا قارا پەلتۇلۇق ئەپەندى بۇ ئىككەيلەنگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى. ئىسمايىل ئەپەندى جاۋابەن باش لىڭشىتتى. ئادىل ئەپەندى ئۇنى خانىگە تەكلىپ قىلىپ، ئىشارەت قىلدى. قارا پەلتۇلۇق ئەپەندى خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويغاندىن كېيىن، سەل ئېگىلىپ رەھمەت ئېيتتى. ئاندىن كۈتكۈچىنى چاقىرىپ، بىر نېمىلەرنى دېدى. يانچۇقىدىن بىرتال تاماكا ئېلىپ تۇتاشتۇرغاچ ، ئۇلار تەرەپكە ماڭدى. ئۇ خانىگە كىرىپ ئىككىيلەن بىلەن ناھايىتى قىزغىن سالاملاشتى. بىر قاراشتا ئۇ ناھايىتى تەربىيە كۆرگەن ئادەمدەك قىلاتتى. ئىسمايىل ئەپەندى ئۇنى ئۇنچە بەك قىزغىن كۈتۈشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ھېس قىلغاندەك ئۇنىڭغا سۇسلا سالام قىلدى.
    -قۇرۇقلا ئولتۇرۇپسىلەرغۇ، ئاچ قورساققا ھاراق ئىچسە بەكلا زىيانلىق،-دېدى قارا پەلتۇلۇق ئەپەندى،-ھەي كۈتكۈچى، بۈگۈن ئۈچەيلەن ئوبدان بىر ئىچىشەيلى.
    -بىزمۇ ئەمدىلا كېلىۋىدۇق،- دېدى ئادىل ئەپەندى ئۇنىڭ «قۇرۇقلا ئولتۇرۇپسىلەرغۇ» دېگەن گېپىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ.
    ئىسمايىل ئەپەندىنىڭ كەيپى ئۇچۇشقا باشلىغانىدى. چۈنكى بۇ يېڭى مېھمان كىرمەي تۇرۇپلا چوڭچىلىق قىلىشنى باشلىۋەتكەنىدى.
    ئاڭغىچە كۈتكۈچى قىز سەيلەرنى ئەكىرىشكە باشلىدى. قارا پەلتۇلۇق ئەپەندى ھەقىقەتەن مەرتلىك كۆرسىتىۋاتاتتى. ئۇ باياتىنقى پىچىرلىشىدا نۇرغۇن سەيلەرنى بۇيرىغانىدى. ئالى دەرىجىلىك ھاراق، تاماكىلار سەيلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ بولغانىدى.
    -يالغۇز ھاراق ئىچىش بەكلا زىرىكىشلىك بولىدىكەن،-دېدى قارا پەلتۇلۇق ئەپەندى بىرىنچى رومكىنى قولىغا ئېلىپ،-ھەر نېمە بولسا سىلەر دوستلار بىلەن ئۈلپەتلىشىپ ئولتۇرىدىغان بولدۇم، يات كۆرمىگىنىڭلارغا رەھمەت، خوشە!
    -يات-پات دېگەن نېمە گەپ ئۇ،-دېدى ئادىل ئەپەندى دەرھاللا،-پۇل تاپقۇچە دوست تاپ دەيدۇ ئەمەسمۇ، قېنى خوشە.
    ئۈچەيلەن بىردەم ھاراق ئىچىشكەچ، تاماقلاردىن يېگەچ پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ پارىڭى ئوبدانلا قىزىپ گەپلىرى بىريەردىن چىقىپ، كونا تونۇشلاردەك بولۇپ كەتتى. ئىسمايىل ئەپەندى يېڭى بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، رومكا بىلەن بوتۇلكىنى قارا پەلتۇلۇق ئەپەندىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى ۋە:
    -ئاغىنە بولۇپ قېلىۋاتىمىز، ئەمدى سېنىڭ قولۇڭدىن بىر بوتۇلكا ئىچەيلى،-دېدى.
    -ياق، ئۇنداق قىلساق قاملىشامدۇ،- تەكەللۇپ قىلدى ئەپەندى.- مەن دېگەن بۇ سورۇنغا مېھمان، شۇنداق بولغاندىكىن، سىلەرنىڭ بەرگىنىڭلارنى ئىچىمەن. 
    -سىزنىڭ قولىڭىزدىنمۇ بىر بوتۇلكا ئچسەك ئوبدان بولاتتى-دە،-گەپ قىستۇردى ئادىل ئەپەندى. ئۇنىڭ چىرايى ھاراق تەسىرىدىن قىزىرىپ، كۆزلىرى يوغىناپ كەتكەنىدى. شۇ تاپتا ئوبدانلا ھاياجانلىنىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ ئولتۇرغان ئۆيىنىڭ ھاۋاسىمۇ بىر ئاز ئىسسىپ كەتكەنىدى. تاماكىنىڭ كۆكۈچ ئىسلىرى ئۆينىڭ ھاۋاسىنى بەكلا قاپلاپ كەتكەنىدى.
    -ئوخشاش كىم قۇيسا بولىۋىرىدۇ ئەمەسمۇ، قېنى بىرنى قۇيىڭە ماڭا.
    قارا پەلتۇلۇق ئەپەندىنىڭ كەيپىياتى بارا-بارا كۆتۈرۈلۈپ ، دوستانلىقى ئېشىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇزۇندىن-ئۇزۇن پاراڭلارنى قىلىپ ،ئىككەيلەننى ئاغزىغا قارىتىۋالغاندى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە ،ئىلگىرى خېلى پۇل تاپقان سودىگەر ئىكەن. قولىدىكى نەق پۇل مىليۇندىن ئاشقانىكەن. بىراق ئاكىلىرى ئۇنى قويىۋىتىپتىمىش. شۇنىڭدىن كېيىن سودىگەرچىلىكتىن رايى قايتىپ،ئويناپ يۈرىۋاتقانمىش... ئۇ ئاخىردا: 
    -سىلەر ھەقىقەن ئېسىل كىشىلەركەنسىلەر،-دېدى ھاياجان بىلەن ،-سىلەر بىلەن دوست بولغىنىم بولغان. لىكىن بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېجىرىدىغان مۇھىم ئىشىم بار ئىدى. يېرىم سائەتلا ئولتۇرالايمەن. شۇڭا تېزرەك ئىچىشكەن بولساق .
    -ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئەلۋەتتە بولىدۇ،-دېدى ئادىل ئەپەندى تەربىيە كۆرگەن ئادەملەرگە خاس مىجەزى بىلەن.
    ئىسمائىل ئەپەندى قارا پەلتۇلۇق ئەپەندىنىڭ كۆزىگە قاراپ ،كۈلۈمسىرگىنىچە ئولتۇراتتى. ئۇ ئاشۇ قاراشلىرى بىلەن ئالدىدىكى بۇ كىشىنى چۈشىنىپ باقماقچى بولغاندەەك قىلاتتى. ئىسمائىل ئەپەندى ئۇنى گەرچە ناچار ئادەملەر قاتارىغا چىقىرىۋىتىشكە ھىچقانداق ئاساسىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرى قۇلىقىغا بەكلا سۈنئىي ئېيتىلغاندەك ئاڭلىنىۋاتاتتى. دىمىسىمۇ بۇ ئەپەندى شۇ تاپتا مۇشۇ ھالى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر سىياقىغا مەجبۇرىي كىرىۋالماقچى بولىۋاتاتتى. ئەمما ئۇ ئادىل ئەپەندىگە ياراپ قېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئادىل ئەپەندى ھە دىسىلا ئۇنىڭ ئاغزىنى تاتلاپ ،ئۇنىڭ ئاغزىدىن كۆپرەك ‹‹ئاجايىپ ›› لارنى ئاڭلىغۇسى بارلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.
سەيلەر يېيىلدى، ھاراقلار ئىچىلدى، تاماكىلار راسا چىكىلدى. قارا پەلتۇلۇق ئەپەندىمۇ بۇ ئىككەيلەن بىلەن ئوبدانلا چىقىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلماقتا ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن ،ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ دېدى:
    -كەچۈرۈڭلار ئەپەندىلەر ،بىرسى بىلەن ئۇچرىشىشقا كېلىشىپ قويىۋىدىم. 
    -ئۇنداق دىمەڭ ئەپەندى،-دىدى ئادىل ئەپەندى يېقىنچىلىق بىلەن ،-سىز كەتسىڭىز بىز نىمە قىلىمىز ئولتۇرۇپ، يەنە بىردەم ئولتۇرۇشۇپ بېرىڭ ،بىللە قايتايلى.
    قارا پەلتۇلۇق ئەپەندى بۇ ئىشتا قانداق قىلىشىنى بىلەلمەيۋاتقاندەك بىر ھالدا، ئىككى دولىنى كۆتۈرۈپ قويدى ۋە ئەدەپ بىلەن :
    -سىلەردىن ھەقىقەن ئايرىلغۇم كەلمەي قېلىۋاتىدۇ . ئەپەندىلەر، قىسقىغىنا ۋاقىتتا ئوبدانلا دوست بولۇپ قېلىۋىدۇق، مۇنداق قىلايلى، مەن ئىشلىرىمنى تۈگىتىپلا بۇ يەرگە كېلەي، سىلەرنى ساقلىتىپ قويماسلىققا ۋەدە بېرىمەن. ھەي كۈتكۈچى، بۇياققا كېلىڭە، ماۋۇ ئىككى ئەپەندىمنى كۆردىڭىزمۇ؟ ھە، ئۇلارغا نىمە لازىم بولسا ئەكىلىپ بېرىۋىرىڭ، ھېساباتنى مانا مەن قىلىمەن ...
    -بولدى ئەپەندى،كايىماڭ، سىز چوقۇم شۇنداق قىلىڭ، سىزنى ساقلىغىنىمىز ساقلىغان. بۈگۈن قانغۇچە ئىچىپ بىر كۆڭۈل ئاچايلى. ئاجايىپ بىر ئۇچرىشىپ قاپتۇق ...
    ئادىل ئەپەندى ئۇنى قايتا-قايتا تەكلىپ قىلىپ خېلى سۆزلىدى.
    قارا پەلتۇلۇق ئەپەندى چىقىپ كەتتى. ئىسمائل ئەپەندى ئادىل ئەپەندىگە ئىككى ئېغىز تەككۈزۈپ قويماقچى بولدى.
    -ئۇ ئاكاڭ كەلگۈچە زېرىكىپ قالىدىغان بولدۇڭ-دە؟ ئۇنچىۋالا خۇشامەت قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟ يا يەيدىغىنىڭ ئۇنىڭكىدە بولمىسا ...
    -مۇسۇلماندەك گەپ قىلە ئىسمائىل،-دېدى ئادىل ئەپەندى رەنجىپ،-ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىمنىڭ نەرى خاتا؟ ئۇ بىزگە نىمە زىيان سالدى؟ سەي بىلەن ھاراقنىڭ پۇلىنى ھېسابلىمىغاندىمۇ ، ئۆزىمۇ ئاغىنە تۇتۇپ قويسا بولغۇدەك ئادەم تۇرمامدۇ؟ سەنمۇ ھىس قىلغانسەن ، خېلى تەربىيە كۆرگەن ئادەمكەن.
    ئىسمائىل ئەپەندى ئارتۇقچە دەتالاش قىلىشنى، شۇنداقلا خەقنى دەپ دوستىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشنى خالىمىدى. ئۇ بۇ ئىشقا ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۇۈپ قويۇش ئۈچۈن، ئالدىدىكى ھاراقنى ‹‹خوش››مۇ دىمەستىن گۈپپىدە ئىچىۋەتتى. ئادىل ئەپەندىمۇ نۆۋىتىدىكى ھاراقنى سۆزسىز ئىچىپ، بۇ گەپلەرنىڭ كۆڭلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى. ئىككى دوست خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭ قىلىشماستىن ،تاماكا چىكىشىپلا ئولتۇردى. شۇ ئارىدا خوجايىن ئايال چاي ئېلىپ كىردى.
    -يېقىملىق قىزلاردىن ئىككىنى كىرگۈزەيمۇ، خوجىللىرىم،-دېدى ئۇ چاي قۇيغاچ ئەركىلەپ.
    -ھاجىتى يوق،-سوغوقلا جاۋاب قايتۇردى ئىسمائىل ئەپەندى.
    -ھاجىتى يوق دىمەي، تايىنىمىز بوش دەڭا ،-دەپ ئۇلارنىڭ ھەۋىسىنى تاتلىدى، خوجايىن ھاياسىز نەزىرىنى ئىكەيلەنگە تەڭ ئۈلەشتۈرۈپ.
    ھەر ئىككەيلەن ئوشۇقچە بىر نىمە دىمىدى. خوجايىن چىقىپ كېتىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قارا پەلتۇلۇق ئەپەندى كىرىپ كەلدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كەيپى تېخىمۇ چاغ بولۇپ قالغاندەك كۆرىنەتتى.
    -سىلەرنى كۆپ ساقلىتىۋەتتىممۇ؟- دېدى ئۇ كىرىپلا.
    -ياقەي، بىز تېخى بىر رومكىدىن ھاراق ئىچىشتۇق. قېنى ئەمدى بىز ئۈچەيلەن بىر رومكىدىن كۆتۈرىۋىتەيلى.
    ئادىل ئەپەندى ئىسمايىل ئەپەندىدىن ئاغرىنغان كۆڭلىنى قارا پەلتۇلۇق ئەپەندىدىن ئاۋۇندۇرماقچى بولغاندەك، ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلدى. شۇ ئارىلىقتا قارا پەلتۇلۇق ئەپەندىنىڭ يانفۇنى سايراپ قالدى.
    -ھە، كەلدىڭما، توققۇزىنچى نۇمۇرلۇق خانىغا كىرىۋەر،-ئۇتېلېفۇندا شۇ گەپلەرنى قىلىپلا تېلېفۇننى ئۈزدى ۋە ئىككەيلەنگە يۈزلىنىپ:
    - بىر يۇرتلۇق ئاغىنە ئىدى، باياتىن يولدا ئۇچراپ قېلىۋىدى، تەكلىپ قىلىپ قويغانىدىم. كۆڭلۈڭلەرگە كەلسە كىرمىسىمۇ بولىدۇ.
    - نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىز بۇرادەر، سىزنىڭ دوستىڭىز بىزنىڭ دوستىمىز. ئۈچ ئادەم ئولتۇرغاندىن تۆت ئادەم ئولتۇرسا ئەلۋەتتە ياخشىدە. خانىنىڭ ياپۇن پاسۇنىدا ياسالغان ئىشىكى ئېچىلىپ بىر ئەپەندى كىرىپ كەلدى. ئادىل ئەپەندى بىلەن ئسمايىل ئەپەندى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ سالاملاشتى. كىرگۈچى ئوخشاشلا بېشىغا شىلەپە، ئۇچىسىغا قارا ئۇزۇن پەلتۇ كىيگەنىدى. ئىككىسىنىڭ كىيگەن كىيىملىرى ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى. ئەمما بۇ كىيىم، كىرگەن ئەپەندىگە ھەقىقەتەن ماس كەلگەن بولۇپ، خۇددى ئاشۇ بىر قۇر كىيىم بىلەنلا تۇغۇلغاندەك تەبىئىي ياراشقانىدى. سورۇندىكى ئادەملەرنىڭ كۆپىيىشى ئىسمايىل ئەپەندىگە ياقماي قالدى. ئۇ ئەزەلدىن كۆپ ئادەم بار سورۇندا ھاراق ئىچسە ئۆزىنى كۆڭۈللۈك تۇتالمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىلدۈرمەستىن ھاراق قۇيدى. يېڭى مېھمان ئۆزىنى بىر قۇر تۇنۇشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ھاراقنى كۆتۈرىۋەتتى. ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەر ئۆتكەن چاغدا سورۇنغا يەنە بىرەيلەن كىرىپ كەلدى. ئۇمۇ بېشىغا شىلەپە، قارا ئۇزۇن پەلتۇ
كىيگەن بولۇپ، ئاۋۋالقى مېھمانلارغا بەكمۇ ئوخشاپ كېتەتتى.
    - سىزنى تاپماق تاپماق ھەجەپمۇ تەس بولدى.- دېدى ئۇكىرىپلا ئاۋۋالقى مېھمانغا.- ئىكىيلەن بۇ يېڭى مېھماننى بەس- بەستە تونۇشتۇردى.
    - بۇياق، مەن بىلەن بىر يۇرتلۇق .
    - بىز كىچىكىمىزدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان .
    ئەسلىدىكى ئىككى كىشىلىك سورۇن بەش كىشىلىك بولدى. ئادىل ئەپەندى بۇ سالاپەتلىك ئەپەندىلەرگە ھەۋەس بىلەن قاراپ قوياتتى. ئۇ يېڭى مېھمانلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن سەي، ھاراق بۇيرۇتتى. ئەكسىچە ئىسمايىل ئەپەندى تېرىكمەكتە ئىدى. مېھمانلار تۇنۇشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇ ھېچقايسىسىنىڭ ئىسمىنى ئېسىگە ئالالماي قالغانىدى. شۇڭا كۆڭلىدە ئۇلارنى سورۇنغا كىرگەن تەرتىپى بويىچە «بىرىنچى مېھمان»، «ئىككىنچى مېھمان»،«ئۈچىنچى مېھمان» دەپ ئىسىم قويىۋالدى.
ئۇ يېڭى بوتۇلكىنى ئېچىپ، ئەمدىلا كىرگەن«ئۈچىنچى مېھمان»غا ھاراق قۇيدى. ھاراق بەكلا تولدۇرۇپ قۇيۇلغاچقا، سۇنغىچە ئازراق تۆكۈلۈپ كەتتى. 
    - بۇئىش قاملاشمىدى، كۆپچىلىكنىڭ رىسقىنى يەرگە تۆكۈۋەتتى،- دەپ ھىجايدى بىرىنچى مېھمان. قالغانلارمۇ «شۇنداق، قاملاشمىغان ئىش بولدى»دېيىشتى.
    - مەست بولدۇڭمۇ- نىمە؟-دەپ غۇدۇڭشىپ قويدى ئادىل ئەپەندىمۇ.
    - ھاراق ئىچكەن كىشى مەست بولماي، گاس بولامتى ئەمىسە،-دېدى ئىسمايىل ئەپەندى ئاچچىقى كەلگەندەك ئاھاڭدا.
    - ھېچقىسى يوق،كىچىك ئىش،-دەپ ھىجايدى بىرىنچى مېھمان،- بۇ ئاغىنىمىز سەل تەڭشىلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. بولمىسا مۇنداق قىلايلى، ئادىل ئەپەندى قۇيسۇن.
    بۇ گەپ ئادىل ئەپەندىگە ياقتى. ئۇمۇ شۇنداق پۇرسەت بولسا، ئۆزىنىڭ سېرىق يۇمۇرلىرى ئارقىلىق سورۇندىن ئوت چىقارماقچى، ئۇ ئۈچ مېھمانغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويماقچى، ئىسمايىل ئاغىنىسىگە بولسا، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىنى چوڭ كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويغۇسى كېلىۋاتاتتى.
    - مېنىڭ پىكرىم دېدى ئادىل ئەپەندى روھلىنىپ،- بۇرادىرىمىز ئىسمايىل ھەقىقەتەن ھاراقنى كۆپ ئىچەلمەيدۇ، مەنمۇ شۇنداق. شۇڭا ساقىلىقنى يەنىلا سىز قىلسىڭىز.
    ئىسمايىل ئەپەندى ئىچىدە«كىم قۇيسا قۇيمامدۇ» دەپ ئويلاپ ئولتۇراتتى.
    - ئۇنداقتا بىز،- دېدى بىرىنچى مېھمان،- دېمۇگۇراتىيە ئاساسىدا بىر ساقى سايلاپ چىقايلى.
    - شۇنداق قىلايلى.
    بىرىنچى مېھمان سايلامغا يىتەكچىلىك قىلدى:
    - كونا ساقىنى قوللايدىغانلار قول كۆتۈرۈڭلار.
    ھېچكىشى قولىنى كۆتۈرمىدى.
    - ئادىل ئەپەندىنى سايلايدىغانلار! 
    - ئىسمايىل ئەپەندى قول كۆتۈرۈپ قويدى. ئادىل ئەپەندى كۆتۈرەي دېدىيۇ، خىجىل بولدى. قول كۆتۈرگەن تەقدىردىمۇ ئىككى ئاۋاز مەغلۇپ بولىدۇ-دە. بىرىنچى مېھمان ئۆزىنى كۆرسىتىۋېدى. ئىسمايىل ئەپەندىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى قول كۆتۈرۈشتى.
    - بىرگە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدىڭىز ئاكا،- دېدى ئىككىنچى مېھمان.
    - شۇنداق، ئاكام ھامان غالىبىيەتچى،-دېدى ئۈچىنچى مېھمان.
    - ئەسلىدىلا سىز بولسىڭىز بولاتتى،- دېدى ئادىل ئەپەندى كۈلۇمسىرەپ. ئىسمايىل ئەپەندى گەپ قىلمىدى. بىرىنچى مېھمان ئۇنىڭغا يەر تېگىدىن قاراپ قويۇپ سۆز قىلدى:
    - سورۇنىمىزنىڭ تەرتىپلىك، كۆڭۈللۈك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرنەچچە تۈرلۈك سورۇن قائىدىسىنى ئېلان قىلىمەن. كۆپچىلىكنىڭ قاراپ چىقىپ، مۇۋاپىق بولسا ماقۇللىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
    بىرىنچى مېھمان خۇددى ھەربىي قانۇننى ئوقۇۋاتقاندەك كۆتۈرەڭگۈ ئاھاڭ بىلەن داۋاملاشتۇردى: 
    -بىرىنجى؛ سورۇندا ئىختىيارى پاراڭ قىلىشقا بولمايدۇ.ئىككىنجى؛ ئۆز-ئارا ئىتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق گەپ- سۆز بىردەك چەكلىنىدۇ. ئۈچىنجى؛ ھەرقانداق قارار ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ماقۇللىنىدۇ. تۆتىنجى؛ سورۇندىكىلەرنى ‹‹كونا،يېڭى››دەپ ئايرىشقا بولمايدۇ. بەشىنجى ؛...
ئۇ ئون نەچچە تۈرلۈك قائىدە –تۈزۈمنى ئوتتۇرغا قويغاندىن كېيىن:
    -سورۇندا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئادىل ئەپەندىنى باش مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىدىم،-دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.
    -ئاكىمىز تولىمۇ دانادۇر،-دەپ خۇشامەت قىلدى ئىككىنجى مېھمان .
    -ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە،-دەپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ئادىل ئەپەندى. 
    ئىچىش يەنە باشلاندى. ھەر كىم بىردىن سېرىق لەتىپە سۆزلەش شەرتى بىلەن ئىچمەكتە ئىدى. نۆۋەت ئىسمايىل ئەپەندىگە كەلگەندە، ئۇ قىزارغان كۆزلىرىنى ئولتۇرغانلارغا تىكىپ:
    - كەچۈرۈڭلار، مەن بۇنداق لەتىپىنى بىلمەيدىكەنمەن،- دەپلا ئىچىۋەتتى.
    - شىكايەت،- دەپ ۋارقىرىدى ئادىل ئەپەندى،- كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنداق شىكايەت قىلىمەنكى، بۇرادىرىمىز بولغان ئىسمايىل ئەپەندى سورۇننى، شۇنداقلا ساقىنى كۆزگە ئىلماي ، تەرتىپ-قائىدىنى قەستەن بۇزۇپ،، لەتىپە سۆزلىمەي ھاراق ئىچتى. بۇنداق ناچار ئىدىيەلەر تۈزىتىلمەيدىكەن، سورۇننى جانلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا تەسىر يىتىدۇ. ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ خۇشاللىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭا بۇنداق قىلمىشلارنى بىخ ھالىتىدە يوقىتىپ، قائىدە تۈزۈمنىڭ ھاياتى-كۈچىنى نامايەن قىلىش زۆرۈردۇر. 
    بىرىنجى مېھمان ئادىل ئەپەندىنىڭ سۆزمەنىلىكىگە قايىل بولۇپ ،كۈلۈپ كەتتى.
-    شىكايەت قۇبۇل قىلىندى،-دېدى ئۇ ۋارقىراپ،-قانداق جازا بېرىشنى كۆپچىلىك قارار قىلساڭلار بولىدۇ.
    بەس-مۇنازىرە باشلاندى.
    -يۈز كوي جەرىمانە تۆلىسۇن.
    ھەر بىرىمىزگە بىردىن كەپتەر گۆشى...
    -مىدە ئىشەكنى دوراپ ھاڭراپ بەرسۇن. 
    -دەرھال ئىجرا قىلىنسۇن !-دەپ ۋارقىردى بىرىنجى مېھمان.
    ئىسمائىل ئەپەندى بۇ ئىشلارنىڭ بارغانسىرى تېتىقسىزلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى.ئۇ رەت قىلىۋىدى،باشقىلار ‹‹ئىجىرا قىلسۇن ››دەپ تۇرۋالدى.ئاخىردا يەنىلا بىرىنجى مېھمان خۇلاسە قىلدى:
    - بوپتۇ،ئۈچ تۈرلۈك جازانىڭ ئىككىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن. يۈز يۈەن جەرىمانە تۆلىسۇن.
ئىسمائى ئەپەندى يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلمەي قالدى. ئۇ دىمەڭ ،بۇ دىمەڭ بىلەن ئۇ ئاخىرى يەنىلا يۈز يۈەننى چىقىرىپ ئۈستەلگە قويدى. ئىككىنجى مېھمان ‹‹ۋاقىتلىق بوغالتېر››نامى بىلەن پۇلنى يانچۇقىغا سالدى.
    شېئىر ئوقۇپ ھاراق ئىچىش نۆۋىتى ئۈچىنجى مېھمانغا كەلگەندى.ئۇ رومكىنى قولىغا ئېلىپ شېئىر ئوقۇدى:
ھاراق،ئىچىمەن سېنى،
مەسىت قىلىسەن مېنى.
مەست قىلساڭ ئەگەر،
قۇسۇۋىتىمەن سېنى.››
    -بارىكاللا، قالتىس، ئارىمىزدا مۇنداق تالانت ئىگىللىرىمۇ باركەن ئەمەسمۇ. بۈگۈنكىدەك سورۇندا ھاراق ئىچىپ ئۆلسەكمۇ رازى بىز،-ۋالاقلىدى ئادىل ئەپەندى يەنە.
    -‹‹بارىكاللا››ڭدىن ئۆرگىلەي ،شۇمۇ شىئىر بولامدۇ؟-دەپ غودۇڭشىدى ئىسمائىل ئەپەندى.
بەختىگە يارىشا ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى باشقىلار ئاڭلىمىدى.
    ئۈچىنجى مېھمان ھاراقنى تولىمۇ تەستە ئىچىپ تۈگەتتى. ئىچتىيۇ دەرھال شارقىرتىپ قۇستى.
    -شىكايەت !-دەپ جار سالدى ئىسمائىل ئەپەندى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ.
    -قېنى مەرھەمەت ،-دەپ سىپايىگەرلەرچە ھىجايدى بىرىنجى مېھمان.
    -بۇ ئەپەندى سورۇنىمىزنى يۈندە ئازگىلىغا ئوقخشىتىپ قالدىمىكىن –تاڭ، قىلچە ھېيىقماستىن ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ ئالدىغا شارقىرتىۋەتتى. ئوتتۇز ئوغولنىڭ كۆڭلى بولغان ھاراقنى خارلىغانلىق بىزنى خارلىغانلىق. بۇنداق ئەھۋاللارمۇ ۋاقتىدا تۈزىتىلمەيدىكەن، سورۇنىمىز كەلكۈندە قېلىپ ،بىز قۇسۇققا غەرىق بولغۇدەكمىز.شۇڭا قاتتىق جازالاپ ئىبرەت قىلىش زۆرۈردۇر.
    بىرىنجى مېمان ئۇنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ ،بىلىنەر-بىلىنمەس باش لىڭشىتىپ قويدى. قارىغاندا ‹‹ھەقىقەت ئالدىدا پىل ئوسۇرۇپتۇ ››دىگەندەك ئەھۋال يۈز بېرىۋاتاتتى. 
    -مەن ئۇنداق قارىمايمەن،-دەپ قارشى چىقتى ئادىل ئەپەندى،-بۇ‹‹قاراپ تۇرۇپ باشقىلارغا تۆھمەت قىلىش››دەپ ئاتىلىدىغان جىنايەت بولۇپ، يىڭنىنى خار قىلىپ كۆرسىتىشتەك بىر خىل ناچار قىلمىش. زەھەرخەندىلەرچە قىلىنغان چېقىمچىلىق. ھەر ئادەمنڭ مىجەزى ئوخشاش بولمايدۇ. توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
    بىرىنجى مېھمان ئادىل ئەپەندىگە قاراپ ‹‹ھەقىقەتەن يارايدىكەنسىز ››دىگەن مەنىدە كۈلۈپ قويدى. ئۇ سۆز قىلماستىن باشقىلارغا نۆۋەت بىلەن قاراپ قوياتتى. ئادىل ئەپەندىمۇ شۇ تاپتا بەكلا خۇشال كۆرىنەتتى. ئۇ شۇ تاپتا بىرىنجى مېمان ئالدىدا ئۆزىنىڭ خېلى سۆزمەن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويغاندى. بىرىنجى مېماننىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرىشىدىن ئۇ شۇنداق سۆيۈندى.خۇددى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئاشۇ كۈلۈمسىرەشلەر ئارىسىدا كۆرگەندەك بولدى. ئۇ يەنە شۇنى ھېس قىلدىكى، بۇ خىل ئۇسۇل ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئەسقاتىدىغاندەك قىلاتتى.
    -مەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي،-دەپ گەپ ئالدى ئىككىنجى مېمان،-يولداش ئىسمائىل ئەپەندى شىكايىتىدە ئۇنىڭ قۇسقانلىقىنى ناھايىتىمۇ چوڭ جىنايەت قىلىپ كۆرسىتىشكە
جىق تىرىشتى. بەكمۇ ئەپسۇسكى، مەن ئۇنىڭ پىكىرىنى قوللاشقا ئامالسىزمەن.ھۆرمەتلىك ساقى جانابلىرى، ئۇنىڭدىن بىر نەچچە سۇئال سورشىمغا رۇخسەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن.
    -رۇخسەت.
    -ئىسمائىل ئەپەندى ،سىزدىن سوراپ باقاي،ئۇ قۇسقان چاغدا سىزگە چاچرىدىما؟
    -ياق، ئەمما مەن دىققەت قىلمىغان بولسام چاچرىماقچى ئىدى.
    -مانا،مانا،بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى؛ ئۇ كۆڭلىدە كۆپچىلىككە ئاداۋەت ساقلاپ ،باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان. ئەڭ يامان بولغىنى شۇكى؛ ئۇ يولداشلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقىنى چېچىپ ۋە ئۇنى كاززاپ ئاغزى بىلەن كۆكلەتمەكچى بولغان. ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر ،شۇنى بىلشىمىز كېرەككى؛ بىزنىڭ سورۇنىمىز باراۋەرلىك سورۇنى، دوستلۇق سورۇنى. مۇنۇ ئادەم گوياكى بىر شۇمبۇيا،ئۇ قەيەردە پەيدا بولسا ،شۇ يەرنى پالاكەت باسىدۇ .شۇنداق تەكلىپ بېرىمەنكى؛ئۇبۈگۈنكى سورۇننىڭ بارلىق چىقىمىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن سىرت، بۇ سورۇنغا داۋاملىق قاتنىشىش سالاھىتىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىشى ھەم دەرھال سورۇندىن ئايرىلىشى كېرەك.
    -زۇۋانىڭنى يىغ،-غەزەپ بىلەن ۋارقىردى ئىسمائىل ئەپەندى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بارا-بارا بوزەكلەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتمەكتە ئىدى،-مەن بىر موچەنمۇ تۆلىمەيمەن، ھازىرلا قايتىمەن، ئۆزۈڭ ئولتۇرىۋېلىش.
    -پۇلنى تۆلىمەيسەن؟-گۈلەيدى ئىككىنجى مېھمان .
    -ھەر قايسىڭنى دادىسى ئەمەس مەن بېقىۋىردىغان،ئاۋۋال بىرىڭ كېلىشتىڭ ،ئاندىن ئۈچ بولۇشتۇڭ. ھە بوپتۇ دەپ مېھمان قىلسا تېخى ھەددىڭدىن ئېشىشىپ...بىردەم ئولتۇرسام خوتۇن باللىرىڭنىمۇ ئەكىلىدىغان ئوخشايسەن.
    ئىككىنجى مېمان ئۇنىڭغا قارىتىپ بىر مۇش ئېتىۋىدى،ئىسمائل ئەپەندى ئۇنىڭغا چاققانلىق قىلىپ تەككۈزمىدى. شۇ چاغدا ئادىل ئەپەندى سەكرەپ تۇرۇپ ،دوستىنى بىر شاپىلاق سالدى.
    -سەن نىمە بولدۇڭوي ئەمدى؟-دېدى ئادىل ئەپەندىگە.
    ئادىل قىزارغان كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا مىختەك تىكىپ :
    - مەن سەنلەرنى ‹‹باقتىم››دەيسىنا؟!!! 
    - ‹‹مەن›› دىگىنىم ‹‹بىز ››دىگىنىم ئەمەسمۇ ئادىل،-ئسمائىل ئەپەندىنىڭ كۆزلىرىگە ياش ئولىشىۋاتاتتى.
    - كۆتۈر ئۇنداق گېپىڭنى. سورۇن دىگەن شۇ،-دېدى ئادىل ئەپەندى ،ئاندىن ئۇلارغا قاراپ ،-بولدى ئۇ قايىتسۇن، سىلەر بىلەن ئۆزۈم ئولتۇرۇشاي.
    ئىسمائىل ئەپەندى بۇ يەردە ئۆزىنىڭ بەكمۇ يالغۇز، بىچارە ھالدا قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئادىلنى ئاللىبۇرۇنلا ئۆز سەنىمىگە دەسسىتىپ بولغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتى.
    ئىسمائىل ئەپەندى ئەلەم ئىچىدە قاۋاقخانىدىن چىقىپ كەتتى. سىرىتنى ئاللىبۇرۇن تۈن ۋەھىمىسى قاپلاپ بولغان ئىدى.
    ئۇ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ،كېچىچە ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇخلىيالمىدى. 
    تاڭ ئاتارغا يېقىن ئىشىك ئەنسىز چىكىلدى. ئىسمائل ئەپەندى تېزلىك بىلەن ئىشىكنى ئېچىۋىدى، قىپيالىڭاچ بىر گەۋدە كۆز ئالدىدا نامايەن بولدى. ئىسمائىل ئەپەندى قورققىنىدىن غال-غال تىترەپ تۇرۇپ ، غەيرەت بىلەن:
    -كىم سەن ؟!~–دەپ ۋارقىرىدى.
    -مەن، مەن ئادىل... ئۇلار مېنى بۇلاپ ،كىيىملىرىمنىمۇ سالدۇرۋالدى...
    ئادىل ئەپەندى ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ بوينىغا ئېسىلدى.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ئەركىنجان ئەمەتنى ئويلاپ قالىمەن.بۇ ئەسەرنى ئۇقۇسام.ئۆچۈرۈش2011-7-23 16:05[5 نۇمۇر]ئايزىت
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY