باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-26 07:58 | ئاپتور: ئىبراھىم مەمەتئەيسا | مەنبە: يىڭى قاشتىشى ژورنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

گۈلخان

گۈلخان


(ھېكايە)

 

   ئۇ، سۇ يالاپ كەڭىرىپ كەتكەن قۇمساڭغۇ قىرغاققا ئۇرۇلۇپ داپشىپ ئېقىۋاتقان قاپقارا كەلكۈنگە قارىغىنىچە ئىختىيارسىز ئۆلۈمنى ئويلاپ قالدى. بۇ جاھاندا ئۇنىڭ تارتىشقۇدەك نىمىسى بار؟ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى ئاللىقاچان ئۆلگەن. بىر ۋاقىتلاردا لاپلا قىلىپ يېنىپ ئۆچكەن ياشلىق سېزىمىنىڭ قېپقالغان زەررىچە ئۇچقۇنلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ئۇنىڭ جىسمىمۇ ھېسسياتسىز مۇردىغا ئايلانغانىدى. ئۇ ئالدىغا بىر قەدەم چامدىدى. تۇيۇقسىز ئۇنڭغا بىرسىنىڭ <گۈل ،گۈل>دەپ چاقىرغان زەئىپ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى. ئۇ سۇس كۈلۈمسىرەپ بىپايان ئاسمانغا قارىدى. ئۇنىڭ چىرايىدا ئازابقىمۇ ، شادلىققىمۇ ،پ ۇشايمانغىمۇ ۋە ئارمانغىمۇ ئوخشاش گىرەلىشىپ كەتكەن ئاللىقانداق بىر چۈشىنىكسىز ئىپادە قېتىپ قالغانىدى.

      ئۇ،بەزىدەئۆزىنىڭ نېمىشكە باياشادراق بىر ئائىلىدە تۇغۇلۇپ قالمىغىنىغا ئۆكۈنەتتى. غورىگۈل تۇرمۇش ، تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرى، ئورۇنسىز تاپا-تەنە، قوپال سىلكىشلەر.....ئۇنىڭ كۈنلىرى ئەنە شۇنداق رەھىمسىز تۇرمۇش بۇيۇنتۇرقى ئاستىدا ئۆتەتتى. قىز،ئەتىگەن تۇرۇپ نامىزىنى ئوقۇۋالغاندىن كىيىن چارۋىلارغا يەم بېرەتتى، ئۆي يۇغۇشتۇراتتى، ھويلا-ئارام سۈپۈرەتتى. ئاندىن قورقۇمسىراش ئىچىدە ئازراقلا ناشتا قىلىپ، ئېتىزغا يەنە ئاللىقانداق ئىشلارغا يۈگۈرەتتى. ئۇ، قاچانلا قارىسا چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ئادەم تىللاپلا ئولتۇردىغان بىشەم ئانىسىنىڭ كوتۇلداشلىرىغىمۇ، كىچىككىنە ئىشلاردىن قۇسۇر تېپىپ، ئالەمنى مالەم قىلىدىغان دادىسىنىڭ قوپال سىلكىشلىرىگىمۇ، چوڭ ئاكىسىنىڭ غەزەپلىك ئالىيىشلىرىغىمۇ، سىڭلىسىنىڭ <دىدەك>دىگەندەك ھىڭدىن سېسىق تىللاشلىرىغىمۇ، ھەتتا ئائىلىسىدىكى چار خورازنىڭ دوق قىلغاندەك پالاق-پۇلۇق قانات قېقىشلىرىغىچە ھەممىگە، ھەممىگە كۆنۈك ئىدى. چۈنكى، ئۇ بېقىۋېلىنغانىدى.

      قىز،بۈگۈنمۇ ئەتىگەن تۇرۇپ، ئادىتى بويىچە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىرتقا ئالدىردى.قىز قەلبىدەك ساپ ھاۋا،قۇشلارنىڭ خۇشال سايراشلىرى،كۈپكۆك بىپايان ئاسمان،يېشىللىققا پۈركەنگەن مۇنبەت ئېتىزلىقلار، ئۇنڭغا بۆلەكچىلا ئىللىق تۇيۇلاتتى.

يەر ئاستىدىن قارايسەن،   

ياخشى كۆرگەن گۇناھمۇ؟ 

بىزنى ئوتتا قىينىغان ،

يارلەر قۇچاق ئاچارمۇ؟

    ھەر كۈنى مۇشۇ دەمدە ،قىز ئىش باشلىشىغىلا ئاڭلىنىدىغان بۇ ناخشا ئۇنىڭ يۈرەك تارىنى ئىختىيارسىزلا چېكىپ ئۆتەتتى. ناخشىدا ئىزھار قىلىنغان مۇھەببەت ئىلتىجاسى ئۆزىگە ئېيتىلۋاتقاندەك قىزىرىپ كېتەتتى-دە، يەنە ئۆز ئىشىغا مەشغۇل بولاتتى. ئاياق تىۋىشى يېقىنلا يەردە توختىدى. قىز ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە ھېرىس بىلەن تەلپۈنۈپ تۇرغان ئاق كۆڭلەكلىك يىگىتكە قارىدى. يىگىت ھۇدۇقتى. قارىغاندا يىگىت قىزنى ياقتۇرۇپ قالغانددك قىلاتتى. بۇنداق ئۇچرىشىش، قىزىرىپ-تارتىنىشلار نەچچە رەت داۋاملاشتى. ئاخىرى يىگىت غەيرەتكە كېلىپ،قىزغا ئىچ باغرىنى تۆكتى. <يىگىت قىزنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭغا ئۆيلىنىش نىيىتىگە كەپتۇ>.قىزنىڭ يۈرىكى گۈپۈلدەپ كەتتى. يىگىتنىڭ ھەر بىر سۆزلىرى ئۇنىڭ يۈرەك تالالىرىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، شامالدىكى ئاجىز گىياھتەك تىترىتىۋەتتى. قىز ئىتائەتمەنلىك بىلەن بىشىنى ئەگدى.

     قىزنىڭ خۇشال كۈنلىرى ئەنە شۇنداق تاسادىپىي باشلاندى.ئۇ كۈلەتتى. بادام قاپاقلىق يوغان قارا كۆزلىرىدىن بەخىت ئۇچقۇنى چاقنايتتى.

       قىز ئەمدى ئۆيىدىكى ئاھانەت، سىلكىشلەرنى بۇرۇنقىدەك ئىچىگە ئېلىپ كەتمەيدىغان بولدى. يىگىتنىڭ تاتلىق گەپلىرى، ئەركىلىتىشلىرى ئۇنىڭ يۈرەك يارىسىغا مەلھەم بولاتتى ئەلۋەتتە!

       -توۋا،-ئويلايتتى قىز ئىچىدە.-ھايات نېمە دېگەن گۈزەل،مەن قانداق بەخىتلىك-ھە!قىز يەنە يىگىتنى ئەسلىدى. ئاق خەسە كۆڭلەك، رەسمانە ئىشتان كىيۋالغان قامەتلىك گەۋدە، قاچانلا قارىسا سەمىمىيەت چاقناپ تۇردىغان بىر جۈپ كۆز، ئۆزىگە خوپ ياراشقان قاپقارا بۇرۇت...ئۇنىڭ  سۆيۈشلىرى نېمە دېگەن يېقىملىق !...قىزنىڭ تېنى بىر خىل شېرىن سېىزىمدىن جۇغۇلداپ كەتتى.

    قىزنىڭ زالىم ئاتا=ئانىسى ئۇنى ئۆزىدىن 35ياش چوڭ بىرسىگە بەرمەكچى بولۇشىتى. ئۇلارنىڭ ئېيتشىچە،ئۇنىڭ بولغۇسى ئېرى يېشى چوڭ بولغىنى بىلەن،70-80 تۇيۇقتەك قويى،بانكىدا بىرنەچچە تۈمەن پۇلى،كاتتا قورۇ جايى بار باي ئادەم ئىمىش،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسا،ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە راھەت-پاراغەتتە ئۆتەرمىش، ئۇلار قىزنىڭ بەختىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تويغا رازىلىق بەرگەنمىش، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلى ئىمىش.

     قىز ھەممە گەپنى ئۈنچىقماي تۇرۇپ ئاڭلىدى. قوشۇلمىسا ئۆزىگە ياخشى كۈن يوقلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇڭا بۇ شۇم خەۋەرنى يىگىتكە ئېيتىشقا ئالدىرىدى. ئىش چوقۇم ئوڭشىلىپ كېتىدۇ دەپ ئويلايتتى قىز، يىگىتنىڭ ۋەدىلىرىنى ئەسلەپ.

    ئەھۋال ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. بۇ تۈرگۈن يىگىت بۈگۈن باشقىچە شۈكلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇلار كوكات بېسىپ كەتكەن ئېرىق لېۋىدە ئولتۇرۇشتى. ئادەمنىڭ ئىچى سىقىلغۇدەك ئېغىر جىمجىتلىقنى ئاخىرى يىگىت بۇزدى.

     -مېنى كەچۈر گۈل،<قىزنىڭ ئىسمى گۈلخان بولۇپ، يىگىت ئۇنى گۈل دەپ چاقىراتتى>ساڭا، مۇھەببىتىمىزگە ۋاپاسىزلىق قىلدىغان بولدۇم. ئاتا-ئانام ئىككىمىزنىڭ توي قىلىشىغا ئۆلسىمۇ قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. چىڭ تۇرۇۋالسام، ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتتىن كەچسەم بولدىكەن. بەك تەڭلىكتە قالدىم. ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى ئاغرىتىشقا ۋىجدانىم چىدىماي،مۇھەببىتىمىنى قۇربان قىلىش قارارىغا كەلدىم. سېنىڭ ئائىلە شارائىتىڭ ...

      يىگىت سۆزدىن توختاپ،قىزنىڭ ئىپادىسىز چىرايىغا قارىدى.قىز ئۆكسۈپمۇ يىغلىمىدى.يىگىتكە چىش يېرىپ بىر نېمىمۇ دېمىدى. پەقەت مۇڭغا تولغان چوڭ كۆزلىرىنى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈپسۈزۈك سۇغا تىكتى. تەقدىر ئۇنى ئەخمەق قىلغانىدى.

      ئۇنىڭ ئېرى-ئاشلانمىغان قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن سالۋا تەلپەكتە بېسىلىپ،تۆۋەنگە ئىگىلىپ قالغان يوغان سالپاڭ قۇلاق،كۈيە يەپ كەتكەندەك ئالاقاشلار ئارىسىدىن جانسىز پىلدىرلاپ تۇرغان بىر جۈپ پىستە كۆز، بۆرتۈپ چىققان مەڭزىلەر ئوتتۇرىسىدا چاپلاپ قويغان خېمىرتۇرۇچتەك كۆرۈنىدىغان يوغان بۇرۇن، ساپسېرىق ئاراچ چىشلار ئارىسىدىن غەلىتە سادالارنى چىقىرىدىغان يالاق ئېغىز، تۇڭگان ساقال بۇ ئادەم تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى.

    ئېگىز پىشايۋانلار چىقىرىلىپ، ۋاسا جۈپلەپ سېلىنغان گەج تاملىق بۇ بەش ئېغىز ئۆي خېلىلا كەڭتاشا بولۇپ، ئۆي ئىگىسنىڭ قول ئىلكىدە بار ئادەملەر ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولۇپ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

    ئۇ، بۇ ئۆيگە كېلىپ ئەتىسىلا ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. تۇيۇقسىز دۆۋە-دۆۋە كىرلەر، ئۆمۈچۈكلەر تور تارتىپ، ئىستىن قارىيىپ ئەسلى رەڭگىنى يوقاتقان تام-تۇرۇسلار، قالايمىقان تاشلاپ قويۇلغان ئائىلە جابدۇقلىرى ...

      ئىشقىلىپ تۇرغان-پۈتكىنى مەينەتچىلىككە تولغان بۇ ئائىلە ئۇنىڭ كېلىپ تازلىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ئىدى. تۆت ئەردىن چىققان ئۆگەي قىز ۋاتىلداپ ئۆينى بېشىغا كىيگىنى بىلەن، ھېچ ئىشقا قولىنى ئەگرى قىلماي، كۈنبويى ئەينەككە قاراپ ئۆزىگە پەرداز قىلىپلا ئولتۇراتتى.

     ئېرىنىڭ باشقا ئىككى ئوغلى بولسا،نۇقتىسى يوق ئېشەكتەك كۈنبويى تالادىن كىرمەيدىغان بارنى يەپ، يوققا كارى بولمايدىغان لەقۋا بىر نېمىلەر ئىدى.

     ئۇ تاملارنى ئاقارتتى. نەرسە-كېرەكلەرنى جاي-جايىغا تۈجۈپلەپ قويۇپ، ئۆي ئىچىنى خېلىلا ئىسكەتكە كىرگۈزدى. بىراق ئۈچ ئانىدىن تۇغۇلغان بولسىمۇ مىجەزى قېلىپتا قويغاندەك بىر-بىرىگە تارتقان بۇ بىشەم ئاچا-ئىنىلەر رازى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنى تۇشمۇ-تۇشتىن ئەيىپلىشىپ كېتىشتى.

     -قانداق ئىش بوپكەتتى بۇ ئۆيدە، ئادەم ھېلى قويغان نەرسىسىنى ھېلى تاپقىلى بولمىغان. بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى سەن تېپىشىپ بەرمىگەندىكىن، تولا ئۇياققا-بۇياققا تۆتكەپ ئاۋارە بولمىساڭمۇ بولىدۇ. سەنمىچۇ،ئوچىقىڭغا ئوت قالاپ، تاماق ئېتىشنى بىل.

     -شۇنى دەيمەن، ئۇنىڭغا ئاتىكاچىلىق قىلىشنى كىم قۇيۇپتۇ؟ ئۇ يوق ۋاقىتتىمۇ بۇ ئۆيدە ئاق تاڭ ئېتىپ ،قاراڭغۇ كەچ بولۇپ كەلگەن، شۇنچە شاپاشلاپ كەتكىنىگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ زادى بىر مەقسىتى بار....

    قان ئىچىۋالغان ئىتتەك تۇمشۇقىنى قىپقىزىل بويۇۋالغان ئۆگەي قىزى ئىنىسىغا بولۇشتى. بىر كۈنى ، ئۇ بىر نەرسە لازىم بولۇپ قېلىپ ،قازناق ئۆيگە كىردى. ئۆيدە  چوڭ ئوغلى دادىسىنىڭ مەخپي بىر نېمىلىرىنى سالىدىغان كۆك ساندۇقنى ئاختۇرۇۋاتاتتى. ئىشىكنىڭ غىچ قىلىشىدىن چۆچۈگەن ئوغۇل ، كەينىدە ئۆزىگە شۈبھە بىلەن قاراپ تۇرغان ئۆگەي ئاپىسىغا غەزەپ بىلەن ھومىيىپ ، قوينىغا بىر نېمىنى تىقىشتۇرغان پېتى ئۇنى ئىتتىرىپ دىگۈدەك ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.ساندۇقنىڭ زەنجىرى قايرىلغانىدى. ئەتىسى ئەتىگەنلىك ناشتىدا ئېرى قايناپلا كەتتى .

   -ساندۇقتىكى ئىككى مىڭ يۈەن پۇلنى قايسىڭ ئېلىشتىڭ ؟ سەنمۇ،يا سەنمۇ؟ - ئۇ قوللىرىنى شىلتىپ ئىككى ئوغۇلغا ئالىيىپ قارىدى. ئاندىن ئايالىغا گۈلىيىپ قويدى.ئۆيدىكىلەردىن زۇۋان چىقمىدى،ئۇنىڭ چىرايى تۆمۈردەك قارىداپ ،ئەسلىدىمۇ قورقۇنۇچلۇق تەلەتى تېخىمۇ سەتلىشىپ كەتتى. ئېغىزىدىن خەپرۈك چاچرىتىپ ئوغرىنى جىمىكى يامان گەپلەر بىلەن قارغاشقا باشلىدى.

 -ۋۇ تۇزكورلار، دەۋزىخىلار، راستىڭنى ئېيتىش،بولمىسا مازارغا بېرىپ شاخ يىرمەن، قورسىقىڭ يېرىلىپ قان قۇسۇپ ئۆلۈشسەن ...

  -دادا،-چوڭ ئوغۇل دادىسىنى سۆزدىن توختاتتى،-سەن،بىزلەر سىرتقا چىقىپ كەتسەك،بۇ ئۆيدە كىم قالىدۇ؟ كىم بۇ ئۆيگە يات، بىز ھەر قانچە ئەسكى بولساقمۇ، ئۆزىمىزنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلايدىغان ۋاپاسىز ،نائەھلىلەردىن ئەمەس.  ئىشقىلىپ بالىلىرىڭدىن كۆرسەڭ خۇدا ئالدىدا بىزگە ئۇۋال قىلغان بولىسەن دادا ...

    -شۇ ئەمەسمۇ ،مەن ئۇنىڭ بۇ ئۆيگە كەلگەندىلا نىيىتىنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكىنى سەزگەن، شاپاشلاپ يۈرۈپ ،نەرسە-كېرەكلىرىمىزنى تولا يۆتكەپ ئۆينى بىر قىلۋەتتى. ئۇ ئالمىسا كىم ئالىدۇ؟

   ئۆگەي قىزى ئۇنڭىغا قاراپ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويدى.

    تۆت جۈپ كۆز ئۇنىڭغا بىگىزدەك تىكىلدى. بوزىرىپ-تاتىرىپ ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولغان تەلۋە ئەر ئاق -قارىنى سۈرۈشتۈرمەيلا، ئۇنى بىرنەچچە شاپىلاق ئۇرىۋەتتى.

   -زادى سىنىڭدىن گۇمانلانغانتىم .<ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق>دەپ سەنمۇ ئاشۇ تىگى پەس قەلەندەرلەرنىڭ قىزىغۇ، ئۇ يالاڭتۆشلەر سىنى ماڭا زورلاپ، تۆت مىڭ تەڭگەمنى شۈلىۋالدى. پۇلۇمنى ئوغۇرلاپ ھەقاچان ئاشۇ گېلىغا تىرىك تۆگە پاتىدىغان ئاچ كۆز لەرنىڭ پۇكىنىغا بېسىپ بەرگەنسەن  تايىللق. پۇلنى تاپساڭمۇ تاپىسەن،تاپمىساڭمۇ تاپىسەن،مېنىڭدىن قۇتۇلىمەن دەپ خام-خىيال قىلما...

    ئۇ نىمىمۇ دىيەلىسۇن، ئۆزىنى قانداقمۇ ئاقلىيالىسۇن؟ شۇ تاپتا يۈز بېرىۋاتقان بۇ رەھىمسىز رىئاللىق ئالدىدا خۇدامۇ سۈكۈت قىلىۋاتقاندەك ئىدى. تەلۋە ئەر ئۇنى تىللاپ قارغىغاچ، قارا -قۇيۇق ئۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ زەئىپ ئاۋازدا ئىڭرايتتى، نالە قىلاتتى. ئۇ تاياقتىن پۈكۈلۈپلا قالدى. ئېغىز-بۇرۇنلىرىدىن ئاققان قانلار پەگادا قارامتۇل ئىزلارنى قالدۇراتتى ...

   ئۇ تاڭ ئاتقۇچە قاتتىق قىزىپ كەتتى. تاياقتىن كۆكىرىپ ، غورىدەك ئىشىشىغان مەڭزىلەر ئادەمنىڭ ئىچىنى سيرىلدۇراتتى. ئۇ چىشىنى  چىشلەپ يەنە ئەتىگەنلا ئورنىدىن تۇردى، چاي قاينىتىدىغان قىزغۇچ مىس چۆگۈننى ئوچاققا ئەپلىككىنە قوندۇرۇپ ئوتۇنغا ئوت ياقتى. چارۋىلارنىڭ جېنىنىڭ  بارىچە ۋارقىرىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان بۇ جاپاكەش ئايال ، چاي قاينىتىش ئۈچۈن سرتتىن ئەكىرگەن سۈيىنى تاپىسىدىلا قويۇپ، دالدۈگۈنگەن پېتى يەنە كەينىگە ياندى.

   ئۇ قايتىپ كىرگىنىدە  تەگلىكتىن ئاجراپ ، تۈۋى تىشىلىپ كەتكەن چۆگۈنگە قاراپ رەللە بولۇپ ئولتۇرغان ئۈچەيلەننى كۆرۈپ ، قورقىنىدىن تۈگۈلۈپلا قالدى.

   -ھۇ،كۆزى يوق دەللە،ئەقلىنى چېلىپ ئىشكەن دىۋەڭ، ئانامدىن قالغان تەۋەرۈك چۆگۈننى تېشىۋەتكۈدەك ئۇنىڭدا نىمە ئۆچۈڭ بار ئىدى؟ بىزگە ئاپا بولىمەن دىگۈچە بېرىپ پاداڭنى باخساڭچۇ، دەيۈز ئوغرى...

   ئۆگەي قىزىنىڭ ۋىت-ۋىت ئېغىزى بېسىقماي تۇرۇپ، تاڭ قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ پىشانىسىدىن قىپقىزىل قانلار شۇرقىراپ ئاقتى. ئېرى ئۇنى لاخشىگىر بىلەن ئۇرغانىدى.

   -مېنى نېمە كۆرۈۋاتىسەن، پۇلنى ئوغرىلغاننى ئاز دەپ، نەرسە-كېرەكلىمنى بۇزغىلى ئاناڭنىڭ ئارپىسىنى خام ئورىغانمۇ بىز، ماڭ چىق، پۇلنى تاپ. سېرىق سىنىتىنى كەم ئەكىلىدىغان بولساڭ ئانا-ماناڭنى كۆزۈڭگە كۆرسىتىپ بۇرنۇڭدىن بۇلاق ،ئارقاڭدىن يۇمۇلاق قىلىپ چىقارمايدىغان بولسام، تۇردى دىگەن ئېتىمنى يۆتكىۋېتىمەن.....يوقال..

    ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ...

    داپشىپ ئېقىۋاتقان قاپقارا كەلكۈن قۇمساڭغۇ قىرغاقتا مۇڭلىنىپ تۇرغان گۈلخاننى بارغانچە ئۆزىگە تارتماقتا ئىدى ...     

                                                                                                     

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • تاگورنىڭ "سۇبا"ناملىق ھېكايىسىنى ئەسلەپ قالدىم.تەسىرلىك يېزىلىپتۇ.قەلەم ئىگىسىگە رەھمەت!ئۆچۈرۈش2011-7-1 16:25[3 نۇمۇر]ھەۋەس
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY