باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-7-1 06:08 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئالتۇن ھالقا

ئالتۇن ھالقا


ھەۋەس


    تۇرمۇشتا كېچە كۆرگەن رومانتىك چۈشتىكىدەك قىزىق ئىشلار بولىدىكەن . رېئاللىقتا كۆرگەنلىرىڭ ئوڭۇڭدا مانا مەن دەپ يۈز بەرگەندە،«توۋا»دەپ ياقا چىشلىمەي تۇرالامسىز؟ بۇ ئىش بەئەينى بىر چۈشتىكىدەك شۇنداق يۈز بەردىكى....... ئەسلى ئىش مۇنداق بولغان:

..............................................................

    ئانامنىڭ رەھمەتلىك ئاتامدىن قېپقالغان تەۋەرۈك بىر ئالتۇن ھالقىسى بولىدىغان. ئانام بىچارە ئالاھىدە كۈنلەر بولمىسىلا ئۇنى تاقاپ يۈرمەيتتى. بۈگۈن چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ، ئۇنى يوقلاپ كەلگەنىدىم. ئانام يەنە شۇ كونا گۈللۈك كۆينىكىنى كىيىۋاپتۇ. توزۇپ تۇرغان ئاقۇش چاشلىرى، قارىداپ قېرىلىق يەتكەن تاتىراڭغۇ يۈزى، مۆلدۈرلەپ تۇرغان يۇۋاش قوي كۆزىنىڭ ئەتراپىغا سانسىز قورۇقلار چۈشكەنىدى. ئانام ئاتام بار چاغدا ياقتۇرۇپ كىيىۋالىدىغان بەش يىل بۇرۇنقى شۇ كونا كىيىمى بىلەن تۇراتتى. ئۇنىڭغا ئىنچىكىلەپ قارىغىنىمدا ئىچىم سېيرىلىپ كەتتى.
    -ئاپا، باشقا كىيىمىڭ يوقمۇ؟ نېمە ئاۋارە چىراي كىيىملەرنى كىيىۋالغانسەن؟ بىر قارىسام مىجەزىڭ يوقتەك، بىر قارىسام ، ئۇيقۇڭ تازا قانمىغاندەك، قاپاقلىرىڭ قىزىرىپ قاپتىغۇ؟ 
    -ئۇنداق ئەمەس بالام، شۇ مىجەزىم يوق.
    -دوختۇرخانىغا ئاپىرايمۇ يە،-دېدىم مەن سەل جىددىيلىشىپ،-چىرايلىق يېڭى كۆينىكىڭنى كىيىپ دەرھال تەييار بولغىن.
    -ياقەي، يوقىلاڭ خىياللاردا بولما قوزام، -دېدى ئاپام تامىقىنى يەڭگىل چىكىلدىتىپ، -تېگىنى بىلمىگىچە بولدى قىلمايدىغان ئوخشايسەن، بۇ مېجەزىڭ رەھمىتى ئاتاڭنى تارتقان-دە!........
    ئانامنىڭ مىشىلداپ يىغلىشى مېنىڭمۇ كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياش كەلتۈرۋەتتى. نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي، بېشىم چۈشۈپ كەتتى. 
    -ھېچقىسى يوق، شۇ بىر ئالتۇن ھالقىنىڭ ئىشى، -دېدى ئانام ئارىدىكى جىملىقنى بىرىنچى بولۇپ بۇزۇپ، -تۇيۇقسىز يۈ... تۈپ.... كەتتى!!....شۇ...
    -نېمە؟! ئۇ دېگەن رەھمىتى ئاتامنىڭ ساڭا تويلۇق ئۈچۈن بەرگەن قىممەتلىك سوۋغىتى ئىدىغۇ، ئاپا، قانداقسىگە.......ئەمدى......
    بېشىم پىررىدە قايغاندەك كۈڭلۈم بىئارام بولۇشقا باشلىدى. بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ قالغان گېپىمنى يۇتىۋەتتىم. شۇ تاپتا بۇ گەپ قانداقسىگە بۇ بېشەم ئاغزىمدىن ئوقتەك چىقىپ كەتتى، ئاھ  خۇدا، بىچارە ئانامنىڭ كۈڭلىگە نېمىشقىمۇ ئازار بەرگەندىمەن، ئۇنىڭ ئاتامنىڭ ھىجران دەرت - ئەلىمى يېتىپ ئاشاتتىغۇ؟! تۇيۇقسىز كاللامنى سىلكىۋېتىپ، ئەقلىمنى قايتا تېپىۋالدىم. چىرايىمغا زورمۇزور كۈلكە يۈگۈرتۈپ:
    -شۇ ھالقىمىدى؟ بوپتۇ ئاپا، مەن ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ گىراملىقىنى ئېلىپ بېرىمەن، خاتىرجەم بول-ھە؟! -دەپ ئۇنىڭ كۈڭلىگە تەسەللىدىن ئىسسىق ئاش تارتتىم. خەيىر، ئانامنىڭ مىسكىن چىرايىغا كۈلگە نۇرى سايە سالغانلىقىنى كۆرگىنىمدە ،دولقۇنلىغان يۈرىكىمنى چىڭ بېسىۋالدىم.

.....................................................


    ئاپامنىڭ ئالتۇن ھالقىسىنىڭ ئورنىنى ھەرقانداق ئالتۇن ھالقا ئالالمايدۇ. ئۆيگە يە ئوغرى كىرمىگەن تۇرسا، كىم ئالغاندۇ؟ بىر يەرگە چۈشۈرۈپ قويغانمۇ -يە؟ ئاپامنىڭ دېيىشىچە ئالتۇن ھالقا يۈتكەن كۈننىڭ ئاۋىلىدا قوشنىمىز نىساخان بۈۋىم كىرگەنىكەن، ئۇ سېمىز بولغىنىغا قارىماي، ئايىقى شۇنداق يەڭگىل، بۇقىنىڭكىدەك يوغان بوينىدا يوغان ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان ئايال. بېشىنى قارا لېچەك بىلەن چىڭ چۆمكەپ يۈرەتتى، قاچانلا قارىسىڭىز ، قولىدىن تەسۋىي چۈشمەيتتى. دىن توغرىسىدا جىق نەرسىلەرنى سۆزلەپ يۈرگىنى بىلەن، نېمىشقىدۇر،لاۋىلداپ تۇرغان ئالتۇن چىشلىرىدىن بىر خىل سوغۇق كۈلكە چىقاتتى. يېشى چوڭ بولسىمۇ، بىرلا قارىغان كىشىگە كۈك كەپتەرنىڭكىدەك ئويناق كۆزلىرىدىن ياش ھېسىياتچان چوكانلاردىكىدەك بىلىنەتتى. ئىش قىلىپ ماڭا ئۇنچە ياقمايتتى. بىراق، ئالتۇن ھالقا ئاشخانىدىكى كارىۋاتنىڭ بىر بۇرجىكىدە تۇرغان تۇرسا، يە ئۇ جايغا ئاپامدىن باشقىسى كىرمىسە، ئۇنى جىن ئالدىمۇ -يە؟ ئاھ خۇدا قانداق قىلسام بولار،«جىننىڭ خوتۇنى بەش تالاق» دەپ بۇلۇڭ -پۇشقاقلارغىچە ئىزدەپ باقتىم . نىساخان بۈۋىممۇ شۇ كۇندىن بېرى كىرىپ باقماپتۇ. كۈندىلا بىزنىڭ ئۆيدە ئاپامغا بىرنېمىلەرنى دەپ، ماڭا قىز تونۇشتۇرۇپ ھالى قالمايتتى. بىراق، قانداقمۇ ئۇنىڭدىن گۇمانلانغىلى بولسۇن. بۇ ئىشلارغا بىر نېمە دېمەك تەس.
    ئارىدىن نەچچە كۈن شۇنداق كۈڭۈلسىز، زېرىكىشلىك ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى ئەمدىلا مەھەللە دوقمۇشىغا كېلىۋاتسام ، بىرنەچچە قولۇم-قوشنىلارنىڭ بىر يەكچەشمە موماينى چۆرىدىۋېلىپ، بىرنېمىلەرنى دېيىشىپ پاراڭلىشىپ تۇرۇپتۇ. مەنمۇ نېمە بولغاندۇ بۇ يەردە دېگەن خىيال بىلەن شۇ جايغا كېلىپ قاپتىمەن. بايىقىلار نىڭ ھەممىسى دېيىشىۋالغاندەك ماڭا قىزىقىش نەزىرى بىلەن قاراشتى.
    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھە، غوپۇرئاخۇن، سىزمۇ بىر پال ئاچقۇزۇپ باقامسىز؟
    -ياقەي، سىلەرنى كۆرۈپ كۆرۈشىۋالاي دەپ كېلىشىم.
    -زىيالىي، قىلغان ئىشى خىيالىي دەپ، بۇياققا ئۆتۈڭلار، مۇنداق ئەمەلىي ئىش قىلىڭلار ، غوپۇرئاخۇن.
    -كۆڭۈللىرىگە بىر شەيتان كىرىۋاپتۇ، بالام، -دېدى موماي سىڭا كۆزىنى تىكىپ، -قارىسام بىر غەمگە پېتىپ قاپسىز. پالغا ئىشەنمە ، پالسىزمۇ يۈرمە، دانىيال ئەلەيھىسسالامنىڭ پالى چۈشتى ساڭا بالام، كېلە ئولتۇرە.
    ئۈستى بېشى توپا -چاڭ باسقان، تاشلاندۇق كونا جۇۋىدەك چاڭگىباش بۇ موماينىڭ ساغىرىپ، شالاڭلاپ كەتكەن ئىنچىكە چىشلىرى ئارىسىدىن سېسىق بىر پۇراق بىلەن ئۇنىڭ قورقۇنچلۇق سىڭا چېقىر كۆزىدىن يىڭنىنىڭ ئۇچىدىكىدەك سارغۇچقىنە سوغۇق بىر نۇر قوشۇلۇپ، تۇيۇقسىز ئۈستى -بېشىمغا سوغۇق سۇ سېپىلگەندەك تېنىمنى شۈركەندۈرۋەتتى. توۋا، ۋىجىككىنە بويى قىڭغىر دوناي، كوتا جىگدە دەرىخىدەك سۈرلۈكلىكىنى كۆرۈڭ. شەيتاننىڭ ئۆزى شۇمۇدۇ -يە؟ تېخى ،«ئىچىڭگە شەيتان كىرىۋاپتۇ»دەيدا، ھۇ، قىزىل كۆز دەججال قېرى....
    ئارسالدىلىق ئىلكىدە قولۇم -قوشنىلارنىڭ ھە -ھۇسى بىلەن بۇ پالچىنىڭ بىچارە بىر تۇتقىنىغا ئايلاندىم. كۆڭلۈمدىكى غەمنى ئوچۇقلا ئېيتتىم. موماي، سەت ھىجىيىپ خىقىرغىنىچە، ھاسىراپ -ھۈمىدەپ تۇرۇپ، ئالا-تاغىل تاشلىرىنى بىرنەچچە گۇرۇپپىغا ئايرىپ، دۇرۇت ئوقۇغاچ، دوم-دوم قويغىلى تۇردى.
    -مانا ماۋۇسى ئالتۇن ھالقا، ماۋۇسى ئوغرى شۇ. .مانا ئالتۇن ھالقىلىرى يۈتمەپتۇ بالام، كونا قىزىل ساندۇقنىڭ ئىچىدە سولاقلىقكەن. قۇلۇپى روس قۇلۇپىكەن. ئاپىڭىز بۇ تەۋەرۈك ھالقىدىن ئايرىلىپ قالغاچ، تولا يىغلاپ دەردى ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەچ، ئۇنى ساندۇقىدا مەخپىي ساقلاۋاتقان ئوغرى9 كۈن ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكۈدەك...
    - ياپىر، باشقىلارنىڭ قارغىشىغا قالسا، شۇنداق بولىدۇ. ئاللا ھەممىنى ئۈستىمىزدىن كۆرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئالەمدە سورىقى بولمايدىغان ھېچ ئىش يوق...
    قۇلۇم -قوشنىلار قوناقلىققا چۈشكەن قۇشقاچلاردەك چۇرقىرىشىپ، بىر-بىرىنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماي، تەڭلا سۆزلەۋاتقىنىدا، ھاياجانلانغىنىمدىن 10 يۈەن پۇلنى چىقىرىپ پالچىغا بەردىم -دە، ئۇ ماڭا 5 يۈەننى قايتۇرسىمۇ ئالماستىن، بۇ يېڭىلىقلارنى ئاپامغا دېمەكچى بولۇپ ئۆيگە چاپتىم.
    بىراق ئاپام :
    -بىر ھالقىنى دەپ بىرەرى ئۆلۈپ قالسا، خەقلەر بىزنى جادىگەركەن دېمەمدۇ؟ كىممۇ بىزگە قىزىنى بېرىدۇ؟ ناۋادا ئالتۇن ھالقىغا مۇھتاج بىرىسى بولسا ،مەيلى بالام، مەن ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئۇنىڭغا تارتىشمايمەن. شۇنىڭغا سەدىقە بەرگىنىم بوپقالسۇن.
    دېگىنىچە، تېخمۇ بىئارام بولۇپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى. ھالىدىن خەۋەر ئالاي دەپ پايپېتەك بولسام، ماڭا پەرۋا قىلماي، تېخىچە ئاچچىقلاپ، گەپ قىلماي يۈردى. مەنمۇ بىرقىسما بولۇپ قالدىم.
    ئاپامنىڭ يۈتكەن ئالتۇن ھالقىسى توغرىسىدىكى« مەخپىي گەپلەر» غەيۋەت دوقمۇشىدىن ئۆي -ئۆيلەرگە تاراپ، قىزىق بىر گەپ تېمىغا ئايلاندى. مانا بۈگۈن پالچى دېگەن 9 كۈننىڭ7 سىمۇ تېنچ ئۆتۈپ كەتتى. بىرەر كىشىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىمۇ يوق. پالچىنىڭ شۇ پالىدىن كېيىن مەھەللە ئىچىنى بىر خىل قايغۇلۇق، خۇنۈك مۇھىت قاپلىدى. يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن، پالچىنىڭ گېپىنىڭ يالغان ياكى ئەمەسلىكى ئىسپاتلىناتتى. ئەمما قوشنىمىز نىساخان بۈۋىم يىغلىغىنىچە ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى. ھېيتلىق بورداۋاتقان كۆك قوشقىرى ئېغىلدىن چىقىپ كېتىپ، بىز ئاپتاپقا سېلىپ قويغان بىر دوم قوناق بېشىنى جىق يەۋېلىپ، بىر كېچىدىلا ھارام بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ ئۇ ئايالنىڭ چىرايىدا قان دىدارىدىن ئەسەرمۇ يوق ھالەتتە كۆرگىنىمىزدە، ئىچىمىز ئاغرىدى. شۇ. ئەتلىك تومىلاق يۈزى سەل پۇرلىشىپ كېتىپتۇ. چىرايى كېسەل تارتقاندەك سۇلغۇن، ئاۋازىمۇ زەئىپ ، تاقا-تۇققا چىقاتتى. يە گۇناھ بىزدە بولمىسا...  پەقەت ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىدۇق.
    -ئاپا، ھالقاڭنى شۇ خوتۇن ئالغانمۇ -يە؟-دېدىم مەن تەستە جۈرئەت قىلىپ، -بولمىسا، قويى بىكاردىن بىكار بىزنىڭ قوناقنى جىق يەۋېلىپ ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟
    -سېسىق ئاغزىڭنى يۇم!، -دېدى ئاپام ئاچچىقتىن كېسىلىپ، -ئەمدى يەنە يوقىلاڭ گەپ قىلىپ مېنى ئۆلتۈرەي دەمسەن، سېنى تۇغقىچە......
    ئاپام مىشىلداپ يىغلاپ كەتتى. مەنمۇ مۇشۇنداق« كۇپۇرلۇق سۆزلەر» نى قىلغىنىمغا قاتتىق ئازابلاندىم. كەچتە ئۇيقۇ كېلەمدىغان. ھەي پالچى، كىشىنى ھەر كويلارغا سالىسەن جۇمۇ، مۇشۇ يېرىڭنى-زە؟ جاھاننىڭ قانداق قىزىق ئويۇنلىرى بار يەنە؟ نېمىلا بولمىسۇن، ئالتۇن ھالقا تېپىلىدىغان تۇرسا ، دېگەندەك رەزىل خىياللاردا مەست بولۇپ يۈردۈم. ناۋادا پالچىنىڭ گېپى راست بولسا....
    شۇ خىياللار بىلەن قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئالاھەزەل، ۋاقىت كالا ھارۋىسىدەك ئۆتۈۋاتقان شۇ مىنۇتلاردا بولسا كېرەك، ئەيتاۋۇر، يە چۈشۈمدۇ؟ ئىشقىلىپ، قوللىرىمنى تارتقۇچلاپ، مېنى غۇۋا بىر ئاۋاز چاقىرۋاتاتتى. ھېلىقى قورقۇنچلۇق بەتبەشىرە يەكچەشمە دوك موماينىڭ خىقىراق ئاۋازىدەك قىلاتتى. چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچسام، ئەتراپقا ئەمدىلا يورۇق چۈشۈپتۇ. بىرىنىڭ شىپىلدىغان ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى. يېرىم يالىڭاچلا، ھويلىغا چىقتىم. بىر سايە كىچىكلەپ، يەنە چوڭىيىپ كەينىگە تېز-تېز شىپىلداپ يېنىپ كەتتى. بىر چاغدا ، قوشنىمىز نىسابۈۋىمنىڭ دەرۋازىسى غىچىلداپ يېپىلغىنىنى ئاڭلىدىم. بىر ئىشنى تۇيۇپ، يۈگۈرۈپ دەرۋازا قېشىغا باردىم. يەردە بىر پارچە چىرايلىق قاتلانغان قىزىل بولاق لاتا تۇراتتى. قولۇمغا ئېلىپلا ئاچتىم. ئاھ خۇدا، ئالتۇن ھالقا، ئاپامنىڭ ئالتۇن ھالقىسى! ئاپا، ئالتۇن ھالقاڭ قايتىپ كەلدى!........

........................................................


    بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دېمىگەن بولساقمۇ، ئالتۇن ھالقىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى قىزىق مىش-مىش گەپلەر مەھەللە دوقمۇشىدا پەيدا بولدى. بىراق نىساخان بۈۋىمنىڭ رەڭگى-رۇخسارى باشقىچىلا چىرايلىق بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنىلا ئىلگىرىكىدەك تازا ئېچىلالمىغان بولسىمۇ، بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ -چىقىپ يۈرۈيدىغان بولدى. بىزمۇ چاندۇرمىدۇق. ئەمما، ئېچىق قازاننى تۇۋاقلاپ قويغان بىلەن، كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويغىلى بولمىدى-دە! توۋا ، كىم دېگەندۇ؟ ئەمدى نېمىلا بولسا بولىۋەرمەمدۇ، ئاپامنىڭ تەۋەرۈك ئالتۇن ھالقىسىمۇ تېپىلدى. بىراق ، كىشىلەر قىزىق بولىدىكەن، بۇ مەخپىي سىرلارنىڭ قانداقسىگە ئايدىڭلىشىپ تارقىلىپ كېتىشى يەنە بىر سىر ئىدى. شۇنداق قىلىپ، مۇشۇ «مۆجىزە» پالچىنىڭ داڭقىنى چىقىرىۋەتتى. بىراق پالچى يەكچەشمە موماينىڭ ئىزى كەنتىمىزگە قايتا بېسىلمىدى. ھېچكىممۇ ئۇنى كۆرمەپتۇ. بەزىلەر سىلەر زىيادە ئاقكۆڭۈلۈك قىلغاچقا ، خىزىرغا يولۇقۇپسىلەر دېدى. كىشىلەرنىڭ نەزىرى بىزگە باشقىچىلا يېقىن، قىزغىن چۈشىدىغان بولدى. كوچىدىن ئۆتۈپ قالغىدەك بولسام، چوڭ -كىچىكى مەندىن ئاۋۋال ماڭا سالام بېرىدۇ -تېخى. مەنمۇ بەزىدە چاقچاق قىلىپ، ماڭا خىزىر يولۇققان راست، دەپ ئۇ گەپلەرنىڭ ئالدى-كەينىنى كۆپتۈرۈپ، سىرلىقلاشتۇرۇپ سۆزلەپ ئىچى تارلارنىڭ ئىچىنى تېخىمۇ ئىچىشتۇرۇپ، ھەسەت لازىسىنى سۈركەيتتىم. نېمىشقىدۇر، ماڭا قىزىنى بېرىدىغانلار جىقلاپ كېتىۋىدى، بىرەرىگىمۇ كۆڭلۈم تارتمايدىغان بولۇپ قالدى. ئانچە-مۇنچە كۆيۈپ يۈرگەنلىرىممۇ شۇنداق. ئىشقىلىپ، توي قىلىشقا قىزىقماس بولۇپ قېلىۋاتاتتىم. بويتاقلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، تەنھا بۆرىدەك مەغرۇر ياشاشقا كۆنۈكۈپ قالغان چېغىم. يا كۆڭلۈمگە شۇ يەكچەشمە پالچى موماي كىرىۋالغانمۇ -يە؟ ئەيتاۋۇر، مەن ئەمدى ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغان ئوخشايمەن. ئۇ ماڭا ساختا قىياپەتكە كىرىۋالغان چۆچەكلەردىكى ھۆر-پەرىزاتتەك تۇيغۇدا قۇرۇتتەك قەلبىمنى غاجىماقتا. ھەي،شۇ تەۋەرۈك ئالتۇن ھالقا، ھەممىنى تاپقان سەن؟!


( تامام)
2011.7.1

ئەسكەرتىش : خۇشدىل تور بېتىگە يوللانغان «ھەۋەس» ئەسەرلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقۇقى خۇشدىل تورى ۋە شۇ ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، تور بېتىمىزدىن  باشقا بېكەتلەرگە بىردەك يوللاشقا بولمايدۇ.  باشقا بېكەتلەر بىزدىن خالىغانچە كۆچۈرىۋالغان بولسا مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. پەقەت ئۇلىنىش قىلىشقىلا رۇخسەت! بېكىتىمىزدىكى ئىجادىي ئەسەرلەرنى ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ خالىغانچە خۇشدىل تورىدىن يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • مەن بۇ ئەسەرنىڭ بىشىدىن تارتىپ كەينىگىچە بىرخىل جىددى مۇھىت ئىچىدە ئۇقۇپ تۈگەتتىم.ئويلىغانلىرىم كۆپ ...ئالدىرماي كەينىگە ئۇلاپ قالدۇراي.ئۆچۈرۈش2011-7-3 03:33[3 نۇمۇر]ئايزىت
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY