باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-7-3 11:15 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئېشەك

ئېشەك


ھەۋەس


    تالقان تۆكتى باش كۈزنىڭ سالقىن ھاۋاسى ئىشتەيلەرنى ئېچىپ، كۆڭۈلگە ئارامبەخشلىك بېغىشلايتتى. پىشقان يازنىڭ ئاپتىپىمۇ باشقىچىلا يېقىشلىق. «قىزىڭنى كۈزنىڭ ئاپتىپىغا سال، كېلىنىڭنى ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا سال» دېگەن گەپ بارغۇ؟ مۇسائاخۇن تۇنجى ساتقان ئۈزۈمنىڭ پۇلىغا بەردەم ئېشەك ئېلىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئەتىگەن مېھرىبان ئايالى ئۇنىڭغا ياستۇقنىڭ ئىچىدە يوشۇرۇن ساقلاپ، بەركىتى بولىدۇ دەپ 9 كۈن بېشىغا قويۇپ ياتقان بىر تۇتام پۇلنىڭ ھەنىۋاسىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، بۈگۈن دۆڭمازار يېزىسىدا بولىدىغان شەنبە بازىرىغا بېرىپ، ئېشەكنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بېقىشقا تاپىلىدى. ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت ئالاي دېسەم، مەن ھەيدەشنى بىلمەيمەن. ئۈچ قىزىمنى سېلىپ ، ئاپامنىڭ ئۆيىگە ئازنا قىلىپ بارساممۇ، يەنىلا ئېشەك ھارۋىسى تىنىچ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېنزىن ئىچىدىغان ياغدىن قىممەت بولۇپ كېتىۋاتىدۇ-يەي... دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ، كېچىچە كوتۇلداپ، ئۇنىڭ مەيلىنىمۇ بىر يۇۋاشراق ئېشەك سېتىۋېلىشقا تىندۇرغانىدى. مانا ئەمدى نامازدىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىسسىق چاي تەييارلاپ، ئىشىكتىن چىققاندا، ئالدى بىلەن ئوڭ پۇتىنى ئېلىپ «بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم» دەپ بوسۇق ئاتلىشىنى قايتا-قايتا جېكىلەپ، يول تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ تەقمۇتەق قىلىپ بەردى. ئەمدى گەپ ئەر بولغۇچى مۇسائاخۇندا قالدى، خالاس.
    دۆڭمازار يېزىسى بىلەن مۇسائاخۇنلارنىڭ دالانكارىز مەھەللىسى ئاز-كەم 40 نەچچە كېلومېتىر كېلەتتى. مۇسائاخۇن قاقپور سەھەردە ئايالى مەستۇرخاننىڭ تولا كوتۇلداپ كىچىك بالىغا ئۆگەتكەندەك ئۆگۈتۈشلىرى تەسىرىدە بوسۇقتىن ئوڭ پۇتۇمنى ئالىمەن دەپ سول پۇتىنى ئاۋۋال ئېلىۋالغانلىقى تاسادىپەن خىيالىغا كېلىپ، كۆڭلىمۇ بىر قىسما بولۇپ قالدى. تولا كوتۇلداپ بېشىمنى قايدۇرۋېتىپسەن، بولمىسا، مەن قايسى پۇتۇمنىڭ ئوڭ، قايسى پۇتۇمنىڭ سول ئىكەنلىكىنى پەرق قىلالمايدىغان كالۋالاردىن ئەمەستىم. خەيىر، ئوڭ بولامدۇ، سول بولامدۇ، بەرىبىر ھەر ئىككىلىسى ئۆزۈمنىڭ پۇتى بولغاندىكىن، نېمە بولاتتى. ئايال كىشى نېمە دەپ چالۋاقىمايدۇ، پوق يەپتۇ، پوق.... ھى، ھى....
    ئاپتوبۇستىكىلەر مۇسائاخۇندىن داجىغاندا، ئۇ دەرھال بىر نەرسىنى سېزىپ،خىجىل تارتقانلىقىدىن تونۇرغا نان ياققان چېغىدىكىدەك ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى. ئۇنىڭ تونۇرغا نان يېقىش تارىخىمۇ قىزىق. ئۇنىڭ ئايالى ئوغۇل تۇغىمەن دەپ يۇرتمىغان قۇمچاق، يېمىگەن قۇربانلىق قىلىنغان قوشقارنىڭ پوردىقى قالمىدى. ئىچمىگەن دورا، كۆرسەتمىگەن ئۇچۇقچى، بارمىغان مازار-غۇجاملار ئازمىدى؟ شۇنداق قىلغانغا تۇشلۇق ئاللا ئۇنىڭغا ئوغۇل يۈزى كۆرسەتمىدى. قارىسا، مەھەللىسىدىكى قېرى قىز دوك، ئىنجىمارىق ھېپىزەم سېكىلەكمۇ بىر گاس، گومۇشقا تېگىپ ئوغۇللۇق بولدى. يەنە ئۇزاققا بارماي پاقلاندەك قوشماق ئوغۇل پەرزەنتلىك بولدى، تېخى. مەھەللە كومېتىتىدىن قۇتقۇزۇش پۇلى ئېلىپ جان بېقىۋاتقانلارغا كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دېگەندەك قوش-قوش بېرىۋېرىدىكەن، تەڭشەلمىگەن ئالەم دېگىنى شۇ بولسا كېرەك؟ تىلىمىگەنلەرگە قوشلاپ-قوشلاپ بېرىۋاتقان، تىلىگەنلەرگە-زە....... شۇنداق قىلىپ بىچارە خوتۇن كېسەلچان بولۇپ قالدى. ئايالى تونۇرغا ئېڭىشسە بولمايدىكەن، سوغۇق سۇغا قول تىقسا،بولمايدىكەن، ئەيتاۋۇر بولمايدىغان نەرسىلەر بۇ ئۆيدە جىق. ئەمدى بۇ ئۆيدىن دورىخانىدەك پۇراق، شەۋەتلەرنىڭ بۇسلىرى تارقىمايدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا تاشتامبال مۇسائاخۇننىڭ ئۇچىسىغا، نان ياقىدىغان يەڭ ئۇنىڭ گۆشلۈك، تۈكلۈك قوپال قولىغا كىيدۈرۈلۈپ قالدى. بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق تەبىئىي ھەم ئامالسىز بولغان بولسىمۇ، «سايىم نوچى» ئاتىقىدىن قورقتى بولغاي، ئۇ دەسلەپ ، خۇلۇم-قوشنىلار تونۇپ قالمىسۇن دەپ، بېشىغا ئايالىنىڭ ياغلىقىنى ئېڭەكتىن چىڭ چىگىپ، گۈللۈك كۆينىكىنى كىيىپ، تاماق ئېتىش، نان يېقىش بىلەن مەشغۇل بولدى. توۋا، شۇنداق مەخپىي ئىش قىلسىمۇ، جۇغى كىچىك ، قىزغۇچ رەڭ پاختەك ئۇلارنىڭ ھويلىسىدىكى قېرى قارىياغاچ دەرىخىگە قونۇپ«خوتۇنىدىن قورقۇدۇ،خوتۇنىدىن قورقۇدۇ، خوتۇنىدىن قورقۇدۇ !...» دەپ سايرىغىلى تۇردى. ئاشۇ پاختەكنى رەگەتكە بىلەن ئاتىمەن دەپ يۈرۈپ، ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، بېلىنى سۇندۇرىۋېلىپ 6 ئاي شىپاخانىدا ياتمىدىمۇ؟ بۇ نېمە دېگەن ئەلەم-ھە؟ كىشىلەر يەنىلا ئۇنى مۇسائاخۇن دەپ چاقىرماستىن ئاساساسەن ، «سايىمئاخۇن»دەپ چاقىرىشىدۇ. ھازىر غۇ بۇ ئىشلارغا ئۇ كۆنۈك، ياشمۇ بىر يەرگە باردى-دە؟
    -ۋېييەي، ما ئادەمنى!!! پۇتۇمنى ئېزىۋەتتىلە، ۋايجان...!
    چىرايلىق بىر بوغماق چوكاننىڭ چىقىراپ، نازلىنىپ ئاغرىنىشلىرى مۇسائاخۇننىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى. ئۇ قانداقسىگە يېنىدا ئولتۇرغان بۇ چوكاننىڭ پۇتىنى دەسسىۋالغاندۇ؟ قارىغاندا، ھەي تەگسىز خىياللار ،تۈگىمەس شۇ تەگسىز خىياللارغا يەنە مەست بولۇپ كېتىپتۇ-دە! 
    -قولىڭىز خېمىر يۇقىغۇ؟-دېدى چوكان مۇسائاخۇننىڭ ئۆزۈرخاھلىق قىلىپ تۆۋەنلىك بىلەن ئېيتقان سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىغاندەك،-ناۋاي ئوخشىمامسىز؟ ئۇنداقمىكىن دېسەم، كۆينىكىڭىزدىن سەي قورىغاندىكى بۇسلا پۇراپ ئىچىمنى ئېلىشتۈرۋەتتى، ھۇش!
    بوغماق قولىدا بىر ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ، ۋالىلداپ تۇرغان يوغان، توم ئالتۇن زەنجىرىنى كۆز-كۆز قىلغاندەك مەغرۇر قىياپەتتە بوينىنى سىڭايان قىلىپ ئولتۇراتتى. مۇسائاخۇن ئەمدى بۇ چىدىماس ھەمراھىغا زەن سېلىپ قارىدى. قۇلىقىدا تەڭگىدەك چوڭلۇقتىكى ئالتۇن ھالقا، چېچىمۇ قىزىل خېنا يېقىلغانلىقتىن ئالتۇن كوكولىدەك دەرىزىدىن چۈشكەن كۈن نۇرىدا ئاجايىپ جەزبىدار تۇيۇلۇپ كەتتى. توۋا، ئالتۇن بۇتنىڭ ئۆزىكەنغۇ بۇ ؟!
    ئۇنىڭ خىيالى ئەمدى ئالتۇن شولىلارغا كەتتى. ئاپتوبۇسنىڭ يەڭگىل چايقىلىشى ئۇنىڭغا بۆشۈكنى ئەسلەتتى. قويۇق ئەتىر ۋە يۈز ماي، ئۇپپىنىڭ پۇرىقى پىنھان ھېسلىرىنى غىدىقلاپ، ئۇنى بارغانچە ياندىكى بوغماق چوكاننى قىستاشقا ئىنتىلدۈرەتتى. قانداقتۇر بىر خىل قۇرغاق ھېسىيات بىلەن كۆزلىرىنى يېرىم يۇمغان ھالەتتە ئاپتۇبۇسنىڭ يۆلەنچۈكىگە بېشىنى سىڭايان قويۇپ ،تاتلىق بىر سېزىم قوينىغا شۇڭغىدى ..... 
    قايناق بازار. كىشىلەر چۈمۈلىلەردەك مىغىلداپ بۇ يېزا بازىرىنى قالتىس ئاۋاتلاشتۇرىۋەتكەنىدى .مۇسائاخۇن تار يېزا يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا كۆزيەتكۈسىز سەپ تۈزۈپ قىزىپ كەتكەن تۈرلۈك-تۈمەن يايمىچىلاردىن ئارىلاپ كۆرۈپ كېتىۋېتىپ، مال بازىرى بولىدىغان كونا سۇسىز ئۆستەڭ ئېقىنىغا قاراپ جۆنىدى. قوي-ئۆچكە، كالا-موزايدىن تارتىپ، توخۇ-توشقان، مۈشۈك، ئىتقىچە ئەيتاۋۇر ئۆيلەردە بېقىلىدىغان ھالال-ھارام ھايۋانلارنىڭ تولىسىنى تاپقىلى بولاتتى. ئۇنىڭ كۆزى ئېشەك سودىسى بولىۋاتقان جايغا تىكىلگىنىدە، خۇشاللىقىدىن ئۇدۇللا شۇ يەرگە باردى. ئەمما بىرىنىڭ رەڭگى سەت، بىرىنىڭ خۇيى سەت، بىرىنىڭ بويى.... دېگەندەك باھانىلەر بىلەن باھادا زادىلا كېلىشەلمىدى. ئېشەكلەرنىڭ باھاسى ئىلگىرىكىدىن بىر-ئىككى ھەسسە يۇقىرى ئىدى. يانچۇقتىكى پۇلىنىڭ ھەممىسىنى بەرگەندە بىر ئېشەكقۇ كېلەتتى. بىراق تاماق يېمىسە بولامدۇ؟ كىرا ھەققى... ئىش قىلىپ باھادا يەنە بىرئاز چۈشسە بولاتتى. ئۇ شۇ خىياللار بىلەن بەنىت بولۇپ، كەسكىن بىر باھا قويالماي تۇرغىنىدا، ئۇ ئالماقچى بولغان بوز ئېشەكنى بىر چار ساقال بوۋاي ئېلىۋالدى. يەنە بىر ياشراق ئېشەكنى ئالاي دېسە، بويى بەك ئېگىز، ئۆيدىكى ھارۋىنى ئالماشتۇرمىسا يەنە بولمىغان؟ قانداق قىلغۇلۇق؟ ھارۋىمۇ يېرىم ئېشەكنىڭ پۇلىغا كېلىدۇ-دە! ھەي، مۇشۇ ھەممىنى بىلەرمەن كوت-كوت خوتۇننى-زە! پۇلدىن يەنە ئازراق قوشۇپ بەر دېسەم، ئەكەلگەن ئېشىكىڭنى بەيگىگە سالامتىڭ؟ ماڭا جۇغى كىچىك، ياۋاش مادا ئېشەك بولسا ياخشى، ھاڭگىنى ئالساڭ، قىزلىرىمنى سېلىپ ئاپاملارنىڭكىگە ماڭغان چېغىمدا، بىرەر ئېشەكنى كۆرۈپ قالسا، چىۋىسىنى پولدۇڭلىتىپ ھاڭرىغانچە بىر ياققا سۆرىسە، ياكى سۈيدۈك پۇراپ ، ناس چەككەندەك ئاسمانغا قاراپ ماڭماي تۇرىۋالسا... ئالا شەرىڭنى!...ئۇنى ھەيدەپ ماڭغان ئايال كىشىگە ئۇيات، ئۇيات!! نومۇستىن ئۆلمەمدۇ،كىشى! دېگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىغىنىدا، ئاچچىقتىن كالپۇكىنى بىرنى چىشلەپ، باھا قويالماي قالدى. شۇنداق قىلىپ، كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر ئېشەك سېتىۋالالماي، بىئارام بولۇپ، ئىچى تىتىلداپ يۈرگىنىدە ،كەينىدىن بىرىنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى:

    -سايىماخۇن، قۇشناچ بىرەر ئىشقا بۇيرىغانمۇ نېمە؟ بىر مەھەللىلىك ئاغىنىلەر-زە ،شۇنداق بولامدۇ، ئۆزى؟
    -ئاغزىڭنى يۇم پوقۋاش!
    -ھى، ھى... مۇنداقچە ھوزۇر قىلىپ ... مۇنداق قىلايلى، ھازىر تاماق ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى، قورساقنى ئەستەرلىۋېلىپ، ئاندىن ئېشەكنى مەن ئېلىشىپ بېرەي. سىلىگە يارىغنىدەك ئېشەك ئېلىپ بەرمىسەم، مېيىن چەيدو دېگەن لەقىمىمنى يۆتكىۋېتىمەن، جۇمۇسىلا. 
    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۆزۈرلەر قاچان چىقتىلا-ھوي. شەنبە بازىرىغا بارىمەن دېسىلە بىللە چىقماسمىدۇق؟
    مېيىن ئاخۇننىڭ ئارقىسىدىن بىر مەھەللىلىك ئىككى ئاغىنىسى يەنە ئاسماندىن چۈشكەندەكلا تۇيۇقسىز يەردە ئۈندى. ئۆزئارا چاقچاق، سالام-سائەتتىن كېيىن، ئاغىنىلەر قىزلار ھاراق ئىچىشىپ بېرىدىغان ئەركىن ئولتۇرىدىغان بىر ئالاھىدە ئاشخانىدا بىللە پەيزى قىلماقچى بولدى. ئاندىن ئۇلار بىرلىشىپ ، مۇسائاخۇنغا ياخشى، ئەرزان ئېشەكتىن بىرنى چوقۇم ئېلىشىپ بېرىدىغانغا ۋەدە بېرىشتى. بۇ گەپنى "ئاۋۋال" دېگەن لەقەملىك بىر بويتاق ئاغىنىسى تەشتى. 
    -بەلەن ئۇچرىشىش بولدى-دېسە، بۈگۈن تازا بىر ئولتۇرۇپ پەيزى قىلمامدۇق؟-دېدى پاكار ، دوغىلاق كەلگەن قارامۇتۇق رېشىت دۇگان تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلىگىنىچە.
    - سېنىغۇ خوتۇنۇڭ قەتئىي يول قويمايدۇ، بوپتۇ سەن قال.
    -ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ پور كۆتەك، بۈگۈن سىلەر بىلەن چىققىنىم چىققان!
    -بىز بىلەن چىقالىساڭ، ئىككىنچىلەپ«سايىماخۇن»دېمەيمىز، جۇما. 
    شۇنىڭ بىلەن، ئازراق تالاش-تارتىشمۇ بولدى. مۇسائاخۇن جىلە بولۇپ، ئېشەك ئېلىشنى يادىدىن چىقىرىپ، ئۇلار بىلەن ئۇ «جەننەت ماكان»غا تەڭ بارىدىغانغا ۋەدە بەردى. توۋا، جاھان بەزىدە شۇنداق تاركى، مۇسائاخۇن ئۈچ ئاغىنىسى بىلەن بۇ شەنبە بازىرىدا تاسادىپەن مۇشۇنداقلا ئۇچرىشىپ قالدى. مېيىن چەيداۋنىڭ يول باشلىشىدا، بۇ تۆت ئاغىنە تاكسىغا ئولتۇرۇپ، ئۇلار ناھىيە بازىرىنىڭ يېڭى شەھەر ئالاھىدە رايونىدىكى چىرايلىق قىزلىرى كۆپ، ئايرىمخانىلىق رېستۇرانغا قاراپ يول ئالدى.
ئالاھەزەل بىر ئاش پېشىمدىن كېيىن، ئۇلار تەشنا بولغان ئايرىمخانىلىق رېستۇراندا بەزمە باشلىنىپ كەتتى. « ھە-ھۇ، مانا...»بىلەن قورۇمىلار ، ھاراق، سوغۇق ئىچىملىكلەر تۈركۈملەپ شىرەگە تىزىلدى .بىر چاغدا كىمدۇ بىرى چاقىرغاندەك غەلىتە، يېرىم يالىڭاچ كىيىنىۋالغان سۆسۈن قاپاق، جىڭگىل چاچ چاققانغىنا كىيىنگەن چىرايلىق كۈتكۈچى قىزلاردىن نەچچىسى كىرىپ ،تەكەللۇپسىزلا شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇردى. كەلسە-كەلمەس گەپ، كۈلكە-چاقچاق، سېرىق يۇمۇرلارچىرايلىق كالپۇكلاردىن ئەجەپ چىقىدىكىنە؟ سايىمئاخۇندىن باشلانغان گەپ شۇنداق قىزىپ كەتتىكى، مۇسائاخۇننىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۇنى باشقىچە مەرتلەشتۈرۋەتتى. بۇيرۇتۇلغان قىممەت پۇللۇق ئىچىملىك، قورۇمىلارنى رەت قىلمىدى. شەيتان ئۈزۈم دەرىخىنى توڭگۇزنىڭ ، تۈلكىنىڭ ، ئېشەكنىڭ قېنىدا سوغۇرۇپ ئۆستەرگەنمىش. شۇڭا ئۈزۈمدىن ياسالغان ھاراقنى ئىچكەنلەر بەزىدە توڭگۇزدەك سۆرۈن، ئېشەكتەك بەت قىلىق، تۈلكىدەك يۈزى قېلىن ، قىتىغۇر بولىدىغان ئوخشايدۇ؟ مۇسائاخۇن قانداق قىلىپ، قىسقا چاچ، يىڭنا يۇتىۋالغاندەك ئورۇق، يۈزىنىڭ يېرىمنى دېگۈدەك دانىخورەك بېسىپ كەتكەن بۇ قىزنى ئېتەككە ئېلىۋالغاندۇ؟ ئاغىنىلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەمدى «سايىم ئاخۇن »ئەمەسلىكىنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچىمۇ-يە؟ بۇنىسىنى بىر نېمە دەپ كەتكىلى بولمىدى. ئىشقىلىپ، ھاراقنىڭ كۈچى زور بولسا كېرەك. ھەممەيلەن غەرق مەست ھالەتتە بىمەنە قىلىقلار بىلەن ئېشەك كۆڭلىنى ئاچماقچى بولسا كېرەك. مانا بۇ ئادەمنىڭ ئەسلى تەبىئىتى. «ئەدەپ-ئەخلاق» ئادەملەردىكى ياسالمىلىق ، نىقاپ، خالاس. 
    - ۋاي، خوتۇنىدىن قورقىدىغان«سايىماخۇن» ئېتەككە ئالغاندىكىن ، چاي پۇلى بەرمەمسەن؟-دېدى قىز ئەركىلەپ مۇسائاخۇننىڭ يۈزىنى چىمدىپ تۇرۇپ،-سەندەك لاتا قوزۇقلارنىغۇ كۆپ كۆرگەنمەن!
    -مانا «تاكىراڭ »(«بۇزۇق »دېگەن مەنىدە،يەرلىك ئاتالغۇ) ساڭا پۇل، ئاناڭنى كۆزۈڭگە كۆرسەتمىسەم ... !!!
    -ۋايجان... ھۈ،ھۈ،ھۈ.....
    «جاراڭ-جۇرۇڭ»قىلغۇچە، ئاجايىپ قۇدىرەتلىك بومبىدەك ئاچچىقى پارتلىغان مۇسائاخۇن كەينى-كەينىدىن كۈتكۈچى قىزنى ئۈچ شاپىلاق سېلىۋەتكىنى سەزمەي قالغانىدى. قىز سەنتۈرۈلۈپ شىرەگە قاتتىق سوقۇلۇپ، شىرەنىڭ ئۈستىدىكى نەرسىلەرنى ئۆرىگىنىچە دەلدەڭشىپ كېلىپ تامغا قاپسىلىپ قالدى. شىرە ئۈستىدىكى نەرسىلەرمۇ قالايمىقان ئۆرۈلۈپ، چىنە-تەخسىلەردىن بىرنەچچىسى «جاراڭ» قىلغىنىچە پولغا چۈشتى. ئاغزى –بۇرنى قان ئىچكەن ئىتتەك بويۇلۇپ، بىچارە ھالەتتە ئاچچىق ئىڭرىدى. ئۇنىڭ ئوتتۇرا چىشى چۈشۈپ كەتكەنىدى. سورۇن ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ ، قىزنىڭ قالغان ھەمراھلىرى چۇرقىراپ ئۈركۈگەن قۇشقاچلاردەك سىرتقا چاپتى. مۇسائاخۇننىڭ قېنى قىزىپ، يەنە ئۇرۇشقا تەمشىلىپ تۇرغىنىدا 110 ئامانلىق ساقچىلىرىدىن ئىككىسى كىرىپ كەلدى... ھېساب-كىتابتا مېيىن چەيدولار نەگە كەتكەندۇ؟ بۇيرۇيدىغاننى شۇلار بۇيرۇپ، ئەمدى-زە! مۇسائاخۇن ئېشەك ئالىدىغان پۇلنىڭ يېرىمنى سورۇن چىقىمىغا تۆلىگىنىدە، مەستلىكتىن يېشىلىپ، پۇشايمان دەرياسىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلىۋالدى. بەرىبىر بولغۇلۇق بولدى؟ ھەي خوتۇن، ئاغزى تاتلىق خوتۇن، نېمىشقىمۇ شېرىن گېپىڭنى زەھەر دەپ بىلگەندىمەن... مانا ئەمدى ساقچىخانىدا يېتىپتىمەن. ئايالىمغا نېمە دەرمەن؟ ئېشەك ئالغىلى بازارغا چىقىپ، ھەقىقىي ئېشەكتىن ئالغىنىمنى كۆرمەمدىغان!
    -تۈرمىدە ئۈچ يىل ياتامسەن ياكى ماڭا بىر تۈمەن يۈەن بېرىپ قۇتۇلامسەن؟
    -مەندە ئۇنچە جىق پۇل يوق، ئۆتۈنۈپ قالاي ئوماق سىڭلىم، مەن ئەسلىدە شەنبە بازىرىغا ئېشەك ئالغىلى چىققانىدىم. رەھىم قىلىڭ، يېنىمدا 500يۈەنلا پۇل قالدى. مۇشۇنى بېرەي. بولامدۇ؟ 
    -گېپىڭلار تۈگىدىمۇ؟-دېدى ئېگىز بويلۇق ساقچى كەسكىن تەلەپپۇزدا،-مۇسائاخۇنغا مىقتەك قادىلىپ،-ئادەم ئۇرۇپ، چىشىنى تۆكۈۋېتىپسەن، ئەجەپ نوچىكەنسەن-ھە؟
    -ئەزبىرايى خۇدا، مەن نوچى ئەمەس، مەن «سايىماخۇن»! بۇسەتچىلىكنى خوتۇنۇمغا ھەرگىز دېمىسىڭىز. تېخى ئۈچ قىزىم بار.... قانداقمۇ قىلارمەن!!
    مۇسائاخۇن يىغلامسىراپ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى بۇ سورۇنغا كېلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلارنى بىر-بىرلەپ بايان قىلدى. ساقچى بۇ نامرات، ئاقكۆڭۈل دېھقانغا ئىچى ئاغرىپ قالدى-بولغاي، بىر چاغدا داۋاگەرگە سالا قىلدى. قىز ئۇنىمىغانىدى، ساقچى ئاچچىقتىن كېسىلىپ، ئۆز سالاھىتىنى قايرىپ قويۇپ، بىر ۋارقىراپ سەت تىللىۋىدى، قىز پەس كويغا چۈشتى. قىز بىر تۈمەن يۈەن ئالالمايدىغانغا كۆزى يەتتى بولغاي، 500يۈەن پۇلنى ئېلىشقا ماقۇل بولدى.
    ساقچىخانىدىن چىققاندا، مۇسائاخۇن نامەرت ئاغىنىلىرىگە ئىككىنچىلەپ يۈز قارىمايدىغانغا قەسەم قىلىپ، ئىچىدە مىڭنى تىللاپ، ئىچ-قارنىنى بىر بوشىتىۋالغاندىن كېيىن، يانچۇقىدىن قېپ قالغان 9 يۈەن پۇلىغا بىرەر نانمۇ ئېلىپ يېمەستىن ، ئاچقورسىقىنى سۆرىگىنىچە ،ئۇدۇل نۆۋەتچى ئاپتۇبۇسغا قاراپ جۆنىدى. توۋا.... ماۋۇ سەتچىلىكنى كۆرۈڭ، يېزىدىن ناھىيە بازىرىغا ئېشەك سېتىۋالىمەن دەپ چىقىپ، ھەقىقىي «ئېشەك» كە ئۇچراپ قالغىنىمنى كۆرۈڭ، پېشانەم نېمە دېگەن تەتۈر مېنىڭكى ....
    -ھوش، ئۇيقىلىرىنى ئاچسىلا، يۇمشاق سافا دەپ قالدىلامۇ مۆرەمنى، ئىچىمنى ئېلىشتۈرۈپ ...
    ئاپتۇبۇسدىكىلەرنىڭ قاتتىق كۈلكىسىدە مۇسائاخۇن ئۇيقۇسىنى ئاچتى. ئۆزىنىڭ ئەتىگەنكى خوتۇننىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى سەزگىنىدە، چۆچۈپ ۋارقىراپ سالدى:
    - بۇ دالانكارىز ئەمەسما ؟-دېدى مۇسائاخۇن نېمىدىندۇر جىددىيلىشىپ يانچۇقىنى سىلاپ بېقىۋىدى، توم بىر نەرسە قولىغا ئۇرۇلدى. ئاھ، ئېشەك سېتىۋالىدىغان پۇلۇم، ئوماق پۇلۇم باركەن ئەمەسمۇ؟ بايامقى سەتچىلىك........ ھا،ھا..........
    مۇسائاخۇننىڭ تاقا-تۇقا سۆزلىرى، قورقۇنچلۇق ۋارقىراپ كۈلۈشلىرىدىن بايامقى بوغماق چوكان تېزدىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىغا شۇڭغىدى... ئاپتۇبۇسنىڭ ئىچىنى كۈلكە قاپلىدى، نېمە ئىش بولغانلىقىنى كىممۇ بىلسۇن؟ ماۋۇ ئادەم نېمە دەيدۇ؟ توۋا، ھېچنېمىسىنى بىلگىلى بولمايدىغۇ؟ دېگەندەك ئىزتىراپلىق خىياللار ھەر بىر كۆڭۈلدە سىرلىق ئۇچاتتى.
    -ماۋۇ كىشىنىڭ بېشى تەۋرەپ قاپتۇمۇ نېمە؟ ئەتىگەندىن بۇيان دالانكارىزدىن بۇ ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرغانتىڭلا، مانا ئەمدى بىر 40 نەچچە مىنۇت يول يۈرۈپ ،ناھىيە بازىرىغا كەلدىڭلا.
    ياشانغان مۇز چاچ، ئۆچكە ساقاللىق كىشى بوشقىنا كۈلۈپ تۇرۇپ ، مۇسائاخۇنغا چۈشەندۈرۈپ قويدى. ئاپتۇبۇستىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇسائاخۇنغا قىزىقسىنىپ قارىغانچە ، چىرايلىرىغا ئاپتاپ يۈگۈرتتى.
    مۇسائاخۇن نان ياققاندا تونۇرغا ئېڭىشكەن چېغىدىكىدەك ھۈپۈلدەپ قىزىرىپ، چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلگەنىدى. ئۇ ھۇشىنى تاپقاندا ، يۈزىنى چىمدىپ ئاغرىۋىدى، خۇداغا يۈز مىڭ قېتىم شۈكرى دەپ، ئېشەك ئالىدىغان پۇلىغا ،ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىت ئېلىش نىيىتىگە كېلىپ بولغانىدى.


تامام

2011.7.2

 

ئەسكەرتىش : خۇشدىل تور بېتىگە يوللانغان «ھەۋەس» ئەسەرلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقۇقى خۇشدىل تورى ۋە شۇ ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، تور بېتىمىزدىن  باشقا بېكەتلەرگە بىردەك يوللاشقا بولمايدۇ.  باشقا بېكەتلەر بىزدىن خالىغانچە كۆچۈرىۋالغان بولسا مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. پەقەت ئۇلىنىش قىلىشقىلا رۇخسەت! بېكىتىمىزدىكى ئىجادىي ئەسەرلەرنى ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ خالىغانچە خۇشدىل تورىدىن يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • خەت يامان بەك كىچككەن  كۆزۈم ئاغرىپ تۈزۈك كۆرەلمىدىمغۇ !~~ يا مىنىڭ كومپىيوتىرىمدىكى مەسىلىمۇبۇ ......ئۆچۈرۈش2012-2-13 06:39[3 نۇمۇر]لوكچەك
  • تۇرمۇشنى كۆزىتىشكە ئەجەپ ماھىر ئىكەنسىز.ئۆمرىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.ئۆچۈرۈش2011-7-23 16:03[5 نۇمۇر]ئايزىت
  • سىزنى بىر كىرىپلا تېپىۋالدىم...ئۆچۈرۈش2011-7-23 10:56[3 نۇمۇر]نۇرچىن
  • بۇ ھېكايە بەك قىزىق يېزىلىپتۇ ... مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەندەك ھېسىياتقا كېلىپ قالدىم. ھەۋەس ، قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن !ئۆچۈرۈش2011-7-4 12:12[5 نۇمۇر]مەھشىيە
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY