باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-7-9 04:41 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

قىزىل دۇخاۋا دوپپا

قىزىل دۇخاۋا دوپپا


(ھېكايە)
ھەۋەس


    چىڭقى چۈشنىڭ پىشىپ كۆيۈپ كەتكەن ئاپتىپى ئۆز ئشغاليىتىدىن تەنتەنىگە چۆمۈلگەندەك قىلاتتى. جاھانغا ئوت كەتكەنمۇ نېمە؟ ئۈستى-بېشىمدىن نەچچە ئون يىللىق تەر بىراقلا قۇيۇلغاندەك چىلىق-چىلىق تەردە قالدىم. چۈشلۈك ئۇيقىغا كۆنۈككەن كۆزلىرىمنى-زە...... بارغانسېرى گازىرلىشىپ، پۈرلىشىپ ، ئاچچىق تەردىن ئېچىشىپ يۇمۇلماقچى بولاتتى. تونۇردىن سويۇلغان ناندەك كىشىلەر تەرلەپ-پىشىپ ئارقا-ئارقىدىن ئاپتوبۇستىن چۈشۈشكە باشلىدى. مەنمۇ ئېرىنچەك غازلاردەك بوينۇمنى سوزۇپ، ئالدىدىكىلەرنىڭ تېزرەك چۈشۈپ بولۇشىغا تەقەززالىق ھېسىياتىدا قارايتتىم. خۇداغا يۈز مىڭ شۈكرى ، ئاخىر يەرگە چۈشىۋالدىم. بېكەتتە بىر ئەر كىشى قۇسۇقىغا مىلىنىپ ئوڭدىسىغا ئۇخلاپ كېتىپتۇ. تومۇزدا ھاراق ۋە قۇسۇقنىڭ پۇرىقى ئىنتايىن كۈچلۈك پۇراپ ئىچىمىزنى ئېلەشتۈردى. ئۇنىڭ يېنىدىلا كالچاراپ ياتقان قىزىل دۇخاۋا دوپپىسى دىققىتىمنى ئىختىيارسىز تارتتى. ۋاھ، ماۋۇ ئامەتنى كۆرۈڭ! بىر موچەنلىك، بەش موچەنلىك، بىر يۈەنلىك پۇللار..... ئۇنىڭغا توشۇپ كەتكەنلىكتىن يېنىدا چېچىلىپ تۇراتتى . ھۇ كاساپەت قىزىل دۇخاۋا دوپپا ! ئۇنىڭ يېنىدىلا ئۆز ئىگىسىنىڭ بېشىدىن ئايرىلىپ ئوقەت قىلىۋېتىپتۇ-دە! يەردىكى پۇل توشقۇزۇلغان دوپپىسى قېشىدا سۇنايلىنىپ بىغەم ئۇخلاۋاتقان بۇ كىشى راستىنلا قەلەندەرمىدۇ؟ نېمىشقا بەزىلەر پارچە پۇل تاشلاپ بېرىدۇ؟ بۇ ئىشتىن ساۋاق ئېلىپ، قايتا ھاراقكەشلىك قىلمىسۇن دېگىنىمۇ؟ شۇنداقمۇ بولۇرمۇ؟ ھاراق ئىچىدىغان پۇل بار بولدى دەپ يەنە ئىچسىچۇ؟ زابوينىڭ پۇل توشقۇزۇلغان قىزىل دۇخاۋا دوپپىسى بۇ تومۇزدا تۇيۇقسىز شامال چىققاندەك ئەتراپتىكىلەرنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرۇپ ، بىر مەيدان قىزىق ئويۇن بولدى. مەنمۇ بەزىلەر قاتارىدا بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى قانداق بولار دەپ بىر چەتتە بىر ئاز قاراپ تۇردۇم. زابوي يەنىلا ئوڭدىسىغا ياتقىنىچە قىمىر قىلمايتتى. ئەللىك نەچچە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، بۇغداي ئۆڭلۈك، پاكار ، ۋىجىككىنە بەدىنىنى بولىشىغا تاشلاپ بەخۈدۈك ياتقان زابوينىڭ ئۇستىرا ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن ئۆسكىلەڭ چار ساقالىرى كىرپىنىڭ تىكىنىدەك دىڭ-دىڭ قىلىپ تۇراتتى. كالپۇكلىرى قېلىنلاپ قالغاندەك، داغ چۈشكەن سوقىچاق يۈزى بەئەينى توغۇتتىن يېڭىلا قوپقان ئاياللارنىڭكىدەك كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. سىنچىلاپ قاراپ-قاراپ كىمدۇر بىرىگە غۇۋا ئوخشاتتىم. راستىنلا شۇ كىشىمىدۇ؟ قانداقسىگە ئۇ بولۇپ قالدى؟ بەلكىم ئۇ ئۇچار گىلەمدە ئولتۇرۇپ ئەرىشتىكى ھەرەم باغقا قاراپ گۈزەل پەرىزات بىلەن بىللە ئۇچۇۋاتقان بولسا كېرەك. ئامەت، ئامەت !! پارچە پۇللار يەنە ئۇ يەر-بۇ يەردىن ئاسماندىن چۈشكەندەكلا مەسخىرلىك قوللاردىن ياغماقتا ئىدى. كۈلكەمنى زورىغا بېسىۋېلىپ، پارچە پۇل توشغۇزۇلغان قىزىل دوپپا ئۈستىدە ئىزتىراپلىق خىياللار بۆشۈكىدە مۈگدىدىم ...
    دەرۋەقە، مەن ئۇنى تونۇيتتۇم. بەلكىم مەن سۆھبەتلەشكەن ئاتا-ئانا شۇدۇ. مەن مەكتەپكە ئىز-دېرەكسىز نەچچە كۈن كەلمەي، «ئوقۇمىغىدەك» دەپ خالتىلىق گېپى كەلگەن ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئۆيىگە ئائىلە سۆھبىتىگە بارغانىدىم. ئۇ چاغ ھېلىمۇ ئېسىمدە، بۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى سېلىم زابوي دەيدىغۇ دەيمەن، ئىش قىلىپ، شۇ چاغدا بەزىلەر ماڭا شۇنداق دېگەندەك قىلغان. ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا كىرگىنىمدە، بېشىغا قىزىل دۇخاۋىلىق دوپپا كىيىۋالغان سېلىم ئاكىنىڭ ئاغزىدىن گۈپۈلدەپ ھاراق بۇسى پۇراپ تۇراتتى. قارىغاندا يەنە بىرنەچچە ۋاراق ئوقۇۋىلىپ «بىلىملىك»بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. قانداق قىلسام بولار؟ دېگەن ئەندىشە بىلەن سالام بېرىپ ئۇنىڭغا قول ئۇزاتتىم. ھويلىدىكى سۇپىدىلا ئولتۇردۇق. سېلىم ئاكا سۇپىدا خۇددى يەردە ئولتۇرغاندەك زوڭزۇيۇپ ئولتۇردى. توۋا دەپتىمەن، مېنى ئېغىزدا چايغا تەكلىپ قىلىپ قويۇپ، ئۆزى بىر چۆمۈچ سوغۇق سۇ ئەكەلدۈرۈپ مېنىڭ ئالدىمدىلا زوڭزۇيۇپ ئولتۇرغىنىچە گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتى. سېلىم ئاكا يارىشىملىق كىيىۋالغان قىزىل دۇخاۋىلىق دوپپىسى بىلەن كۆرۈنىشىدىن خېلى قائىدىلىك كىشىدەك سالاپىتى باردەك كۆرۈنىدىكەن. ئەمدى، ئۇنىڭ بۇ ئاۋارە ھالىتىنى كۆرۈپ، گېپىمىز بىر يەردىن چىقار دېگەن ئۈمىتتە بولغان دەسلەپكى قارىشىم بىراقلا سۇغا چىلىشىۋىدى، لاسسىدە يېلىم چىقىپ كەتتى.
    - دېھقان بالىسىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغىنىنىڭ نېمە پايدىسى ئۇكام؟-سېلىم ئاكا تىترەپ تۇرغان قوللىرىدا تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆك تاماكىسىنى ئەپلەشتۈرۈپ قىيىقچە قىلىپ تەييارلىۋالغان گېزىت قەغىزىگە ئورىغاچ، شالىنى چاچتى، -مەھەلىمىزدىكى قاسىم ئاخۇننىڭ ئوغلى ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بىر مەكتەپتە ئوقۇپ كېلىۋىدى، توپتوغرا 6 يىل دەڭا، مانا ئەمدى4 يىلدىن بېرى مەمۇرىي ئىمتىھاندا ئۆتكىنى بىلەن يۈزتۇرانە ئىمتىھاندا ئۆتەلمەي، چىقتىم يېزىسىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپ ئىشلەۋاتمامدۇ. ئۆمەر جۈيجاڭنىڭ قىزى تۇرپاندىكى بىر تېخنىكوم مەكتەپتە ئوقۇغانغۇ ، دەيمەن، ھازىر ناھىيلىك دوختۇرخانىدا رەسمىي سېستىرا بولۇپ ئىشلەۋاتمامدۇ؟ بۇنىڭغا نېمە دەيسەن ئۇكا؟ تولا دوپپامغا جىگدە سالىمەن دەپ، مېنى كولدۇرلىتىپ، تولا ۋاقتىمنى ئالماي، جىڭ ئىشنى قىلە، بىر رومكا قېقىۋالمامدۇق ...
    - ئۇھ، نېمانداق تەتۈر ئادەم سىلى، بالا مەكتەپكە بارمىسا زادىلا بولمايدۇ. مەجبۇريەت مائارىپى قانۇنىدا .........
    -ۋاي چىڭسەي قوۋۇرغام، ھاھا......... مېنى تېلىقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويما يەنە، مەھەللە شۇجىسىدەك گەپ قىلىسەنغۇ؟ ھەقاچان شۇ يېرىڭنى تارتىۋالىمىز دەپ پوپوزا قىلماقچىما؟ ،-سېلىم ئاكا گېپىمنىڭ قاق بېلىگە بىرنى تېپىپ، خىقىراپ چالۋاقاپلا كەتتى،-نەۋرەم مەكتەپكە بارسا، ئۇنىڭ ئاتىسىغا مائاش بېرەمتىڭلا؟ ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن. ئاتىسىنىڭ ئاشلىق ئىدارىسىدا بىر ئوبدان خىزمىتى بولىدىغان، ئەمدى-زە، ئۇ جايلار ۋەيران بولۇپ تاقالغاندىن كېيىن، بىكارچى بولۇپ كەتتى-شۇ؟ ئازغىنە كاپالەت تەمىناتى بىلەن بىر پۈتۈن ئۆيدىن ئىس چىقىرالامدۇ؟-
ئۇنىڭ ئاۋازى زەئىپ، خىقىراق چىقاتتى. شۇنداقلىقىغا قارىماي، ماڭا گەپ تېگەمدىغان، ئاخىرى بۇ جاھىل قېرىنى گەپتە قايىل قىلالماي، قۇرۇق قول قايتىشقا مەجبۇر بولدۇم.
    كېيىن، مەھەللىدىكى قۇلۇم-قوشنىلىرىدىن ئايرىم ئەھۋال ئىگەللىدىم. سېلىم ئاكا ئەسلىدە قارىماي شەھىرىدە نېفىت قۇدۇقى بۇرغۇلاش ئەترىتىدە ئىشچى بولغانىكەن. دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن، يۇرتىغا كېلىۋاپتۇ. ئۇ چاغلاردىمۇ بېشىغا قىزىل دۇخاۋا دوپپىسىنى چۈشۈرمەي كىيەتتىكەنتۇق. ھەمىشە كۈلكە-چاقچاق ئۇنىڭ ئاغزىدىن تاغاردىن ياڭاق تۆكۈلگەندەك چىقىدىكەنتۇق. يۇرتىغا كېلىپ، ئۇزاققا بارماي ئايالى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك ئەركە نايناق ئوغلى چېكىملىككە ئۆگىنىۋېلىپ، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋېتىپتۇ. ئۆزىغۇ ، ھازىر ئۆلۈك-تىرىكىمۇ يوق يۈرگىدەك. بىر ئادەمنىڭ پېنسىيە مائاشىدا ۋەيران بولغان ئائىلىنى باقماق ئۇنچە ئاسانمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىمۇ ئاچچىق يۇتۇپ، ھاراققا ئۆگىنىۋېلىپ «زابوي» لەقىمىنى ئالمىدىمۇ؟ ئادەم ئەڭ ئاجىز مەخلۇق. بولۇپمۇ ئەر كىشى شۇنداق ! ھاراقنىڭ كەشىپ قىلىنىشى شۇنىڭدىن بولسا كېرەك .خەيىر، سېلىم ئاكا مەست چېغىدا كەپ قاپتىمەن، ساق بولسا، شۇنداق گەپ قىلارمىكىنە؟ ئاخىرىنى قايتا ئويلاشقا پېتىنالمىدىم، قانداقتۇ بىر خىل سوغۇق چىراي، شۇ قورۇق، يۇڭ-چۇپۇر باسقان داغ بىلەن قارىداپ كەتكەن قورقۇنچلۇق چىراي..... كىممۇ يېزىدىكى مېنى تولۇقسىز مەكتەپنىڭ مۇئەللىمى بولسۇن دەپتۇ؟ كوتۇلداپ-قاقشاپلا ئۆتۈپ كېتىدىغان بىزدەك نامرات خىزمەتچىمۇ بارمىكىنە؟ گۆش ئالغىلى بارغاندا ئانچە-مۇنچە باھادا تالىشىپ قويساڭ تېخى، « زىر-زەۋىرغىچە ئىنچىكە باھا تالاشقىنىڭدىن قارىغاندا، مۇئەللىم ئوخشىمامسىلە؟»دەۋاتقان؛ بازاردىن جىقراق نەرسە-كېرەك كۆتۈرۈپ ماڭدىڭىزمۇ بولدى، «مۇئەللىم دېگەن خەقنى-زە، نېسى دېسە، ناچار مال بولسىمۇ بولىشىغا ئالىۋېرىدۇ، جىق ئالغانلىرىغا قارىغاندا، نېسى- يېرىم ئوخشىمامدا؟» دەۋاتقان؛ ئىقتىساتچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا پوتۇلكا، قەغەز، ئۇستىخان ئەكىلىش ۋەزىپىسىنى قىلساق، بەزى-ئاتا ئانىلار تەپ تارتماستىن: «مەكتەپ ئۇستىخان، ئۇستىخان دەيدىكەن، مۇئەللىمىڭلەر قاينىتىپ ئىچەمدىكەن؟»دەۋاتقان ... تويە .....كىممۇ مېنى ...مېنى.....شۇ...؟؟؟
    سېلىم ئاكىنى شۇ كۆرگىنىمچە قايتا كۆرۈپ باقمىدىم. بىرنەچچە ئايلار شۇنداق ئۆتۈپ كەتتىكى، سېلىم ئاكىنىڭ نەۋرىسى ئابدۇراھمان تۇيۇقسىز سىنىپتا پەيدا بولۇپ قالدى. قارىسام ئۇنىڭ بېشىدا بوۋىسىنىڭ بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن، شۇ كونا قىزىل دۇخاۋىلىق دوپپا تۇراتتى. يوغان قارا قۇمچاقتەك كۆزلىرىدە بىر خىل ئېغىر قايغۇنىڭ شولىسىنى كۆرۈپ ئىچىم سېرىلىپ، ئۇنى يەنە قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، تەنقىت ئۇسۇلىمنى ئۆزگەرتتىم. ئۇ بالىغا ئاتىلارچە مېھرىبانلىق بىلەن بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ، سورىدىم:
    -سىنىپىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارىشى ئالىمەن، بالام. سىزنى بەكمۇ سېغىندۇق. بىزنى ئەنسىرىتىپ نەچچە ۋاقتىن بېرى نەلەردە يۈردۇڭ. سېلىم ئاكامنىڭ سالامەتلىكى ياخشىدۇ؟
    بالا يەرگە قارىغىنىچە لام-جىم دېمىدى. بىراق ئۇنىڭ يوغان قوي كۆزلىرىدىن تاراملاپ ئىسسىق ياش ئەگىۋىدى، ھەممىنى چۈشەندىم-دە، ئىشەنگۈم كەلمەستىن ، ئۇنداق ئەمەستۇ-ھە؟ دېگەندەك ئۇنىڭغا سۇئال، تەئەججۇپ نەزىرىم بىلەن تىكىلدىم. ئەقىللىق بالا يېشىنى سۈرتىۋېتىپ، بوش تەلەپپۇزدا:
    -دادامدىن ئايرىلىپ قالدۇق،مۇئەللىم، ئۇ بەكمۇ ياخشى ئادەم ئىدى. ئاخىرى ھاراقنى تاشلىيالىدى!!!... -دېدى-يۇ، ھاياجانلانغىنىدىن گېپىنىڭ ئاخىرى بوغۇزىدا كەپلىشىپ قالدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ ، مەن ئابدۇراھمانغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشۈمنىڭ زۆرۈرلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. ئەمما ئىش ئۇنداق ئوڭاي ئەمەس. ئۇ سىنىپنىڭ قائىدىلىرىگە ھەپتىنىڭ بىرىلا چىداپ رىئايە قىلاتتى. ئەتىسىلا يەنە كونا سەنەمدە مېڭىپ، سىنىپنىڭ ئىنتىزامىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزەتتى. بىر كۈنى سىنىپ باشلىقىم ھاسىراپ-ھۆمىدىگىنىچە ئىشخانامگە كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئەھۋال مەلۇم قىلىشىچە، سىنىپتىكى بىرى ئۇنىڭ بېشىدىكى كونا دوپپىسىدىن ئىچى پۇشۇپ: «سېسىق ، مەينەت دوپپاڭنى كىيمەي كەلسەڭ بولمامدۇ، قېرى ئادەمدەك ....» دەپتىكەن، دادامدىن قالغان دوپپامنى ھاقارەتلىدىڭ دەپ، شۇ گەپنى دېگەن ساۋاقدىشىنىڭ قاڭشىرىغا كېلىشتۈرۈپ بىر مۇش ئۇرۇپتىكەن، شۇنداق قىلىپ، سىنىپنىڭ ئىچىدىلا جېدەل چىققانىكەن.
    -ھەي شۇ قىزىل دۇخاۋا دوپپا ،-دېدىم مەن ئىچىمدە،-سېلىم ئاكىنىڭ دوپپىسى ئابدۇراھمانغا كۈچلۈك غورۇر بەخش ئەتتىڭمۇ، ئەمدى؟! شۇ ئىشتىن كېيىن، خىيالىمنى يەنە شۇ قىزىل دۇخاۋا دوپپا ئىگەللىۋالدى. قىزىل رەڭلىك ھەرقانداق نەرسە، كۆزۈمگە قىزىل دۇخاۋا دوپپا بولۇپ كۆرۈنەتتى. ئەينى چاغدا ئابدۇراھمان مەكتەپتە كەلمەي توختاپ قالغاندا، مەن ئىز-دېرىكىنى قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئائىلە سۆھبىتىگە بارغانىدىم. قارىسام، بالىنىڭ يۈزىدە سۆسۈن رەڭلىك يود يۇقى تۇراتتى. يۈزى كۆيۈك سەۋەبىدىن ئىششىپ، قىزىرىپ كېتىپتۇ... مەلۇم بولدىكى، ئۇ چاغدا ئابدۇراھمان ئۆيدە يالغۇز قېلىپ، قورقۇمسىراپ زادىلا ئۇخلىيالماپتىكەن. يېرىم كېچە بولغاندا سېلىم ئاكا «خان لەيلۇن»غا توۋلىغاچ، دەلدەڭشىگىنىچە ئۆيگە كىرىپتۇ-دە، دوپپىسىنى كاڭغا تاشلاپ قويۇپ، قازان بېشىغا مېڭىپتۇ. ئابدۇراھمان دادىسىغا گەپ قىلماي، يوتقاندىن بېشىنى يېرىم چىقىرىپ، ئۇنىڭ ھەركىتىنى كۆزىتىپ تۇرغانىكەن. بىر چاغدا سېلىم ئاكا بىر پارچە نان تېپىپ، قاچىنى تاپالماپتۇ. چىراقنى ياندۇراي دېسە، نەۋرىسى ئويغىنىپ كەتمىسۇن دېگەن چېغى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈڭلۈكتىن ئاينىڭ شولىسى كاڭغا چۈشۈپ تۇرغاچقا، ئۆي ئىچىمۇ ئۇنچە قاراڭغۇ ئەمەس. كاڭغا تاشلاپ قويغان دوپپىسىغا ئاي شولىسى چۈشكەن چېغىدا ، ئۇنىڭ كۆزىگە يوغان غىدىر قاچىسىدەك كۆرۈنۈپ كەتكەن بولسا كېرەك. «بۇ بالىنى-زە، قاچىنى تاپالمايمەنغۇ، دېسەم، بۇ يەرگە تاشلاپ قويغىنى قارىمامدىغان، خەپ!» دەپ، ناننى ئۇشتۇپ دوپپىسىغا توشقۇزۇپتۇ. ئاندىن چايداننى كۆتۈرۈپ كېلىپ، قىزىق چاينى كورىلدىتىپ قۇيغانىكەن، ئۇنىڭدىن چاچراپ چىققان قايناق سۇ ئابدۇراھمانغا چاچراپ، يۈزىنى كۆيدۈرگەنىكەن. بالا ۋايجان دېگەن چاغدىلا، سېلىم ئاكا ئالاقزادە بولۇپ چىراقنى ياندۇرۇپتىكەن، ئۆزىنىڭ دوپپىسىغا قاچا دەپ نان چىلاپ، قايناقسۇ قۇيغىنى بىلىپ، قاتتىق خىجالەت بولۇپ كەتكەنىكەن.
    ئەينى چاغدا، ئابدۇراھمانلانىڭ مەھەللىسىدە بىر ئىش بىلەن بېرىپ قالدىم. ئۆتەشىمدە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرگەنىدىم، سېلىم ئاكا يەنە شۇ قىزىل دۇخاۋا دوپپىسىنى بېشىغا چىرايلىق كىيىپ چىقىپ كەلدى. تەلىيىمگە ئۇ كۈنى ئۇ ساقكەن. ئادەتتە ئۇ خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى مەست-ئەلەس يۈرەتتىكەنتۇق. بىز قىسقىچە ئەھۋاللىشىپ، ئابدۇراھماننىڭ كېلىپ-كېتىشى، ئۆگىنىشى ئۈستىدە ئۇزاق پاراڭلاشتۇق. مەن شۇ چاغدا، سېلىم ئاكىنىڭ بېشىدىن ئايرىمايدىغان شۇ كونا قىزىل دۇخاۋا دوپپىسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى قىزىقسىنىپ سورىغىنىم، ھېلىمۇ ئېسىمدە.
    -نېمىسىنى دەيسەن ئۇكا،-دېدى سېلىم ئاكا يەنە تىترەڭگۈ قوللىرى بىلەن تاماكا يۆگىگەچ،-بۇ دوپپا بوۋامدىن تەۋەرۈك دەڭا، سۆزلەپ كەلسەم گەپ جىق، ئەينى چاغدا بوۋام غۇلجىغا ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىگە قاتناشماقچى بولۇپ، مومام ياش چېغىدا بىر تاماكا خالتىسى بىلەن قوشۇپ، مۇشۇ دوپپىنى ئەستىلىك قىلىپ بەرگەنىكەن. توۋا دەيمەن، مۇھەببەتنىڭ كۈچى-دە! شۇ دوپپا سەۋەبىدىن ئۇرۇشتا بوۋامنىڭ بېشى ئامان قالغانىكەن، جۇما؟! 
    -شۇنداق بولىدۇ-دە، -دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭ بېشىدىكى بۇ تەۋەرۈك قىزىل دۇخاۋا دوپپىسىغا زوقلىنىپ قاراپ ئىستىھزا ئارىلاش،-سېلىم ئاكا، «باشقا تۇشلۇق قىرغىز يوق» دېگەندەك بولۇپ قالمىسا بولاتتى!
    سېلىم ئاكىنىڭ قارامتۇل سوزۇنچاق يۈزى پوكاندەك ئېسىلىپ، بېغىرەڭ تۈس ئالغىنىدا، شۇ گەپنى چىقىرىپ سالغىنىمغا پۇشايمان دەرياسىغا ئۆزەمنى ئاتقانىدىم. كېيىن، ئابدۇراھمان بىر مەزگىل مەكتەپكە ئىزچىل كېلىپ مېنى خۇشال قىلغانىدى. ئەمما-زە!......
    بۈگۈن تۇردى سامساق ئەپەندىنىڭ «بەش تال ئوق»ناملىق ھېكايىسىنى ئۆتكەنىدىم. ئابدۇراھمان شۇنداق قىزىقىپ ئاڭلىدىكى، دەرىستىن كېيىنكى ئىپادىسىمۇ قارىسام يامان ئەمەس ماڭدى. كېيىن ئۇقتۇمكى، سېلىم ئاكا نەۋرىسىگە بوۋىسىنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەنىكەن. ئەمدى ئۇ بېشىدىكى قىزىل دۇخاۋا دوپپىسىنى پاكىز يۇيۇپ، چىرايلىق كىيىدىغان بولدى. بۇنىڭ روھىدىكى يېڭى داۋۇلغۇشتىن سۆيۈندۈم. تېخى مەن ئۇنى ئالاھىدە بىر كۈنى تاماققىمۇ تەكلىپ قىلىۋالدىم. ئۇ ماڭا سېلىم ئاكىنىڭ ھاراقنى تاشلىغان كۈندىن باشلاپ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئۆزىنىڭ ھەربىيلىكتە بېرىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمدە ، ئۇنىڭ بېشىدىكى شۇ قىزىل دۇخاۋا دوپپىسىنى ئېلىپ، مەنمۇ ببشىمغا كىيدىم. ماڭىمۇ شۇنداق دەل كەلدىكى، ئابدۇراھماننىڭ خۇشاللىققا چۆمۈلگەن تۇنجى تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ، كۆزۈمگە غىللىدە ياش ئەگىدى. ئېھ قىزىل دۇخاۋا دوپپا!ھەقىقىي ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسى!!!


(تامام)
2011.7.8

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ئىجادىيىتىڭىزدىكى يېڭىلىقلاردىن (ھازىرچە ئاددى مۇشۇنداق دەپ تۇراي)پەخىرلىنىش ئىلكىدە ئەسەرلىىرىڭىزنى سۆيۈپ ئوقۇۋاتىمەن.ئەسىرىڭىزدىكى ھېسىيات،تىل ئىشلىتىش ...ئۆزگىچىلىكىڭىزدىن ياراتقان بەدىئىي قىممىتىڭىزدىن ئىلھام ئىېلۋاتىمەن.ئۆچۈرۈش2011-7-9 09:31[4 نۇمۇر]ئايزىت
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY