باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-7-22 16:37 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: ئجاديەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

يار شامىلى

 

يار شامىلى
 
(ھېكايە)
ھەۋەس
 
    مەن ئۇنى زادىلا ئۇنتىيالمىدىم. ئۇ ئۇنچىلا چىرايلىق ئەمەس، ئادەتتىكىچە بىر قىز ئىدى. بىراق، ئۇنىڭ يوغان قوي كۆزلىرىدىن چەكسىز يېقىنلىقنى ھېس قىلاتتىم. شالاڭ، ساپسېرىق چاچلىرى شامالدا يەلپۈنگەندە رەيھان پۇرىغاندەك يېقىملىق سېزىم بەخىش ئېتەتتى. ئانچە-مۇنچە سەپكۈن چۈشكەن تومىلاق يۈزى بەئەينى كۈنجۈت سېپىلىگەن شىرمان ناندەك يېقىشلىق تۇيغۇ بېرەتتى. ئىشقىلىپ، ئورۇق، ۋىجىككىنە بويىمۇ ماڭا قىلچە پاكار بىلىنمەيتتى. مۇھەببەتنىڭ كۆزى يوق دېگىنى شۇ بولسا كېرەك. ئۇنىڭ تەبەسسۇمى پۈتۈن بەدىنىمنى سۇ قىلىپ، تومۇر-تومۇرلىرىمدا قىيان ياسايتتى. شۇ ئەمەسمۇ؟ سۆيگۈ دېگەن بۇ نەرسە ھېسىياتنى دۇلدۇل، ئەقىلنى ئىگەر قىلىپ چاپمىغان دۆڭى، بارمىغان چۆلى قالمىغان. جەلىپكار سېھرى بىلەن ئاشىق قەلبىنى ئىلكىگە ئېلىپ، مەن-مەن دېگەن نوچىنى ھىجران كوچىسىدا ئېشەككە ئايلاندۇرىدىغىنى قىزىق!خەيىر، سۆيگەن يار ئۈچۈن ھېلىغۇ ئېشەككەن، بەتبەشىرە سۈۋەرەك بولۇشقا رازىمەن!
   - قارىڭە، كالپۇكلىرىڭىز نېمانچە قېلىن، خۇددى ئىششىپ قالغاندەك؟
     - سىزنى چىڭراق سۆيۈش ئۈچۈن- دە!
     - ئەسكىلىكىنى! قوللىڭىز نېمانچە تۈكلۈك، خۇددى مايمۇننىڭكىدەك؟
     - سىزنى مەھكەمرەك قۇچاقلاپ، ئىستىپ قويۇش ئۈچۈن-دە!
     - قېلىن! ئاغزىڭىز نېمانچە بەزەپ ھەم چوڭ، خۇددى كالچاراپ تۇرغان كالاچتەك؟
     - سىزنى كۆپرەك تەرىپلەش ئۈچۈن-دە!
     قويۇق سايە تاشلاپ تۇرغان بۈك-باراخسان دەرەخزارلىقتا ئىككىمىز شۇنداق غەلىتە سۆھبەت قىلدۇق. يوپۇرماقلار بىزگە چاۋاك چېلىپ، لەرزان يار شامىلىدا شوخ كەيپىياتقا چۆمدى. مەن ئۇنىڭ شۇنداق تەبىئىي تاتلىق ناز-كۈلكىسىدىن مەستخۇش بولۇپ، بەئەينى مۇئەللەقتە لەيلىگەندەك خۇمارلىق كۆزلىرىمنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەيتتىم.
     ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى تونۇشقان چېغىم سەپەر چېغى ئىدى. مەن دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ ئۆيگە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن پويىز ئىستانىسىغا كەلدىم. زال ئىچى يولۇچىلارغا لىق توشقان. قارىسام، بىرەر تونۇشمۇ يوق، يا مەندەك بىرەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىمۇ يوق. ھاۋا تىنجىق، ھەم نەم. خۇددى پۈتۈن جاھان تىنىقتىن توختاپ قالغاندەكلا ... قىسقىسى ، يامغۇردىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى. شۇنداق زېرىكىشلىك كەيپىياتتا ئاتنىڭ ئۈچىيىدەك ئۇزۇن ئۆچىرەتتە قېزىغا ئايلىنىپ  تۇراتتىم. بىر چاغدا ئارقامدىن بىرىنىڭ زىل ئاۋازى يار شامىلىدەك يېقىملىك كەلدى:
     - ماڭىمۇ يېرىم بېلەت ئېلىپ بېرەمسىز؟ ئۆچىرەت بەكمۇ ئۇزۇنكەن، بېجىرۋالمىسام بولمايدىغان جىددى بىر ئىشىم بار ئىدى ... - دېدى ئۇ ماڭا پۇل قىستۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسىنى ئۈمىد ۋە خىجىللىق بىلەن تەڭلەپ.
     زىيادە تارتىنچاقلىقىمدىن ياپراقتەك تىترەپ تۇرۇپ ئارانلا :
     - ھېچقىسى يوق، بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلاردىن پەقەت ئىككىمىزلىكەنمىز،-دېدىم –دە، قولاشمىغان قوللىرىمنى  ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم. قىز قۇشتەك يەڭگىل قەدەم ئېلىپ، سىرتقا قاراپ ئالدىرىدى. مەن تەئەججۇپ ۋە خىجىللىق ئىلكىدە ۋىللىدە قىزىرىپ، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسىنى ۋاراقلىدىم..... ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئايشەمگۈل ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭ مالىيە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدىم. بايا ئۇنىڭ چىرايىغا دىققەت قىلمىغانكەنمەن. مانا ئەمدى كېنىشكىسىدىكى رەسىمىگە قىزىقىپ قاراۋاتىمەن. ئۆزىغۇ ئۇنچىۋالا چىرايلىق بولمىغىنى بىلەن يوغان قوي كۆزلىرىدىن تەپچىرەپ تۇرغان تەبىئىي تەبەسسۇمى كۆڭلۈمنى ئىسسىقلا قىلىپ قويدى. نېمىلا بولمىسۇن، ئۆزەمگە ئوخشاش ھەمراھنىڭ چىققانلىقىدىن بۆلەكچىلا خۇشال ئىدىم ...
     ۋىسال- مۇھەببەتنىڭ ئۆلۈمى. ھىجران – سۆيگۈنىڭ كۆرۈمى ئوخشايدۇ. مەن ئۇنى شۇ قېتىملىق سەپەردىن كېيىن، بۇنچىۋالا ئەسەبىي ياخشى كۆرۈپ قېلىشىمنى ئەسلا ئويلىمىغانىدىم. كۈنسېرى پۈتۈن خىيال، كەيپىياتىم، ئېسىم جۈملىدىن پۈتۈن ھۈجەيرەمنى تامام ئىشغال قىلىۋالدى. ئۇ خۇددى يۇقۇملۇق ۋىرۇستەك شۇ قېتىملىق ئۇچۇرۇشۇشتىن باشلاپ ماڭا يۇققان چېغى. ئاھ، تەڭرىم! مانا ئەندى ئۆز ئىختىيارىم ئەمەس. ئۇنىڭ ئىسمى نېمە ئىدى، ئەيتاۋۇر، «ئاي»، «كۈن»، «گۈل» نىڭ قوشۇندىسى دەۋاتقان! توغرا، ئايشەمگۈل! ھەممىدىن قىزىقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرگەن چاغلىرىمدا ئايشەمگۈل ئىسىملىك ئوقۇغۇچىلارغا چالا، خاتا يازغىنى بىلەن كارىم يوق ، ئىختىيارسىز تولۇق نومۇر بېرىدىغان بولۇپ قالدىم.
     مەلۇم بىر كۈنى مەن ئۇنى ئىزدىدىم. ئىزدەش- سۆيگۈنىڭ خۇرۇچى، قەدىمى. ئۇنى قانداق يولۇقتۇرغانىدىمكىن-تاڭ ، خەيىر ، مەن ئۇنى قايتا كۆرەلىدىم! كۆز ئالدىمدا بۈك- باراخسان قارىغايزارلىق، كۆكنى تىرەپ تۇرغان مۇزچاچ تاغلار، رەڭدار گىلەمدەك گۈزەل ئانا تەبىئەت، شوخ ئېقىن كۈيلىگەن يېشىل ۋادا ئىچىدە ئۇنى قايتا ئۇچراتتىم. سالقىن تەپتى ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدىنى دىمىقىمغا يەڭگىل ئۇرغىنىدا ، ئۇ كۆز ئالدىمدىلا ھۈپپىدە ئېچىلىپ جىلۋە قىلغان قىزىل گۈل سىياقىدا نامايەن بولدى. مەن ئۇنى چاقىردىم. ئۇنىڭ قېشىغا قاراپ كىيىكتەك چاپتىم. قىزىق يېرى شۇكى، شۇنداق چىرايلىق بىر كىچىك قۇشقا ئايلىنىپ قالغان چېغىم، شۇنداق چىرايلىق سايراپتىمەنكى، لالە رەڭ بەرگىدىكى شەبنەملەر يەرگە توكۇرلاپ تۆكۈلگىنىدە ھاياجاندىن ھۇشۇمدىن كېتىپتىمەن ...
     -تۇرە قوزام، كۈن قىزىللىقتا ئۇخلىسا، كىشى قان ئىچىدە ياتقاندەك بولىدۇ، يامان بولىدۇ...
     ئاپامنىڭ يۇمشاق ئاۋازى ماڭا ھاياتلىق ئاتا قىلدى. ئەمما ، كۆزۈمنى ئاچقىنىم- ئۇنى يۈتتۈرگىنىم ئىدى ، «يۈتتۈرۈش»- سۆيگۈنىڭ تولغان مەۋسۈمىدۇر، خالاس. شۇنداق قىلىپ ئاخىر ئۇنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم. شۇ دەقىدىن باشلاپ، ئۆزەمگە تەئەللۇق بولغان «يۈرەك»ىمدىن ئايرىلدىم. چۈنكى قۇشقا ئايلانغىنى مېنىڭ شۇ ئاناردەك ئىچى لەختە-لەختە قانغا تولغان يۈرىكىم ئىدى. ئەمدى ئۇ سۆيگۈنىڭ بىچارە تۇتقىنىغا ئايلانغانىدى.
     جىگدىلەر تاتلىق پۇرىقىغا كىرگەندە يار شامىلى ئۇنىڭ قېشىغا مېنى باشلاپ ئېلىپ باردى. مەن ئۇنىڭ خۇمارلىق يوغان قوي كۆزلىرىگە تىكىلگەن چېغىمدا ئۇنىڭ ئاپتاپتەك ئىسسىق چېھرىدە قارا بۇلۇتلارنىڭ سايىسىنى كۆردۈم.
     - سىزمۇ بۇ جاھاندا باركەنسىز-ھە؟! رەھىمسىز تەغدىر ئىككىمىزنىڭ يۇلتۇزىنى ئەجەپ قوشمىدى؟ مەن سىزنى ...
     - بۇ راستىنلا سىزمۇ؟- دېدى ئۇ، - كەچكۈزنىڭ ياپرىقىدەك تىترەپ ئارانلا تۇرغان ئاجىز يۈرۈكىنى ئەتسىز ئالقانلىرى بىلەن چىڭ بېسىپ تۇرۇپ.
     - يار شامىلى كېلىۋاتىدۇ، جاھان ئەجەپ ئىسسىپ كەتكەنىدى-ھە؟!
     مەن ئۇنىڭ بۇرۇنقى يوغان جەزبىدار قوي كۆزلىرىگە سەپسالغىنىمدا، بۇرۇنقىدەك يالقۇنجاپ تۇرىدىغان سۆيگۈ نۇرىنىڭ خۇنۈكلىشىپ كەتكەنلىكىنى، كۆز ئەتراپىغا بىرنەچچە تال قورۇقمۇ چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم. تۇيۇقسىز ۆڭرەك ئېتىپ يىغلىغىم كېلىپ كەتتى. گەپ قىلاي دەپ ھەرقانچە ئېغىزىمنى ئۆمەللىسەممۇ ھېچنېمە يوق ... جىمجىتلىق... نېمىشقىدۇر ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى بۇ مېھىرلىك شولىلار مەندىن شۇنچە يىراقتىكى يۇلتۇزدەك ئاجىز تۇيۇلۇپ كەتتى. ھەممىدىن بەك ئەلەم بولغىنى شۇتاپتا ئۇ خۇددى نېپىز شايى شارپىدەك بىر نەرسگە ئايلىنىپ كۆزئالدىمدىلا بارا-بارا شامال بىلەن قېتىلىپ غايىپ بولدى. شامال شۇنداق مۇلايىملىشىپ كەتتىكى، ئۇنىڭ يۇمشاق ئالقانلىرى يۈز-كۆزلىرىمنى يەڭگىل سىلايتتى. مېنى چىڭ قۇچاقلاپ پۇرايتتى، لەۋلىرىمگە ئاچكۆزلەرچە سۆيەتتى. ئاھ، تەڭرىم! بەلكىم مۇشۇ قېتىمقىسى ئەڭ ئاخىرقىسى بولسا كېرەك. شۇندىن كېيىن، ئۇنى زادىلا كۆرمىدىم. ئەمما ھەر قېتىم تومۇزدا شۇ كونا جايغا بارسام، يار شامىلى تۇيۇقسىز پەيدا بولاتتى-دە، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئىللىق بىر سېزىم قوينىدا لەيلەيتتى. مەن زارىقىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
     - ئېھ يار شامىلى، مېنىڭ يارىم قەيەردە؟
     - ئۇ سېنىڭ تىنىقىڭدا؛ تومۇر-تومۇرلىرىڭدىكى كۈۋەجەپ ئېقىۋاتقان قاننىڭ لەززىتىدە،-دېدى ئۇ پەرۋاسىزلارچە، بۇرۇنقىدەك كۆزئالدىمدىلا بىردىن غايىپ بولدى...بوتىلىقىدىن ئايرىلغان ھىنگان تۆگىدەك بوزلاپ تۇرۇپ ، خاتىرە دەپتىرىمگە تۆۋەندىكى قۇرلارنى يازدىم :
     ....... جاھاننىڭ قىزىقى شۇنداق، سەن ئىزدىگەن نەرسە، ئەمىليەتتە يوق نەرسە! پەقەت تاپقىنىڭ ئۇنىڭ تەقلىدىي شەكلى، خالاس. بۇنىڭغىمۇ شۈكرى قىلمىساڭ، ھەممىدىن قۇرۇق قالىسەن، ئەي بىۋاپا دۇنيا ، رەڭۋازلىقىڭدىن، ئاچكۆزلىكىڭدىن ئايلىناي! ......
     تاراملاپ تۆكۈلگەن ياشلىرىمدا خەتلەر يېيىلىپ لەختە باغرىنى ئانا قەغەزگە چىڭ چاپلايتتى... ئارىدىن بىرنەچچە يىللار ئېقىن سۇدەك تۇيدۇرماي ئۆتۈپ كەتتى. تەغدىر كىشىنى نېمە قىلغۇزمايدۇ، دەيسىز؟ ئاخىرى مەنمۇ، باشقىلاردەك توۋا دەپ ياقامنى تۇتتۇم، رەھمەتلىك ئاتام ئېلىپ بەرگەن ئايالىمنىڭ ئىسمى ئايشەمگۈل بولۇپ قالغىنىچۇ؟! مانا شۇنىڭ ئۆزى بەخت!
     بىر چاغدا ھويلىدا گېزىت كۆرۈپ ئولتۇراتتىم. قىزىم ھاسىراپ-ھۆمىدىگىنىچە سىرتتىن كىرىپ كەلدى.
     - ۋاھ، يار شامىلى كەلدى! يۈرىڭە ئاتا، باغقا چىقايلىچۇ؟-دېدى قىزىم ئوغلاقتەك سەكرەپ تۇرۇپ قولۇمدىكى گېزىتنى تارتقۇشلىدى،-كېيىن ئوقۇۋېلىڭە!
     - شۇنداقمۇ؟ ئەجىبا مەن سەزمىدىمغۇ؟- تەئەججۈپ ئىلكىدە قىزىمغا شۇنداق دەۋېتىپ، چايان چېقىۋالغاندەك تۇيۇقسىز چۆچۈپ كەتتىم. -سىزگە يار شامىلىنى كىم دەپ بەردى؟
     - ئاپام.
     - ھىم! ھەقىقەتەن يار شامىلى چىقىپتۇ، ئاپىڭىز بىلەن بىللە چىقىڭ ، قىزىم، ئاتىڭىزنىڭ ئازراق ئىشى بار-ھە!
     تۇيۇقسىز بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. خوتۇنۇممۇ يار شامىلىنى ئەجەپ بىلىدىكىنە! قارىغاندا، ئىش ئۇنداقلا ئەمەس.... نېرۋىلىرىم تورمۇزلىنىپ قالغاندەك بولۇپ قېلىۋاتىمىنا ؟ھەي يۈرەكسىزلىك!
     قىزىم دومسايغىنىچە تەئەججۈپ ئىلكىدە ئاپىسىنىڭ قېشىغا كىرىپ كەتتى. بۇ خوتۇننى-زە! يار شامىلىغا قاچانلاردا ئاشىق بولۇپ قالغاندۇ؟ ئۇنى ئاز دېگەندەك ئەركە نايناق قىزىمچۇ؟ ھۇ كىسپۇرۇش!!! ئۇلارنى قانداق قىلاركىن دەپ كۆز قىرىمدا چاندۇرماي قاراپ تۇرسام، ئايالىم تېخى مەن بىلەن ھېچ كارى يوق ، قولى خېمىر يۇقى، يالاڭ ئاياقلا باغقا يۈگۈرمەسما، پىقىراۋاتقىنى جاھانمۇ ياكى مېنىڭ قاپاق كاللاممۇ؟ زادى ئاڭقىرالماي قالدىم. ئۈستى-بېشىمدىن چىپىلداپ تەر قۇيۇلغىلى باشلىۋىدى، مەنمۇ ئامالسىز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن باغقا ئاستا چىقتىم. يار شامىلى چىققان چاغدا كىچىككىنە بېغىمىز باشقىچىلا گۈزەللىشىپ كېتەتتى. ئايالىم تېرىپ قويغان گۈللەرنىڭ يەڭگىل باش ئېگىشلىرى لەرزان ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئۇسسۇلچى قىزلاردەك كۆڭۈلنى مەپتۇن قىلاتتى. بۇنىڭغا قۇشقاچلارنىڭ بىر-بىرىنى قوغلىشىپ شوخ سايرىشى قوشۇلغاندا، بۇ كىچىك زىمىن بەئەينى كەڭ يايلاقتەك تۇيغۇ بەخىش ئېتەتتى. يار شامىلى مېنى باغرىغا ئالغىنىدا، شۇ تاپتا ئوت كەتكەن تەنلىرىم سوغۇق سۇغا چۆمۈلگەندەك يايراپ كەتتى.
     قىزىق ئىش، ئۇلار قېنى، نەگە مۆكۈنىۋالغاندۇ؟ ئىزتىراپلىق خىياللار چاقماق تېزلىكىدە چېقىپ ئۆتىۋىدى، ھەيكەلدەك قېتىپلا قالدىم . نېمىدېگەن گۈزەل تەبىئەت! بۇرۇن ئۆز بېغىمىزنىڭ بۇنچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئەجەپ بىلمەپتىمەن. ئىچىمدە ئىختىيارسىز ئايالىم بىلەن قىزىمنىڭ ئەجرىگە بارىكاللا ئېيتتىم –دە، ئۇلارنى بارچە ئاۋازىم بىلەن چاقىردىم-يۇ، ئېغىزىمدىن ھېچنېمە چىقمايۋاتقىنىنى كۆرمەمدىغان؟!   ھەي ،  مېنى-زە ..........
     غۇر-غۇر چىقىۋاتقان شامالدىن قىزىم بىلەن ئايالىمنىڭ تونۇش ھىدى دىمىقىمغا كۈچلۈك ئۇرۇلدى. زۇمرەت تەڭگە يوپۇرماقلار سىرلىق شىۋىرلايتتى. پاھ، جەننەت دېسە، مۇشۇنچە بولار-ھە؟! كۆز ئالدىم بىردىنلا يورۇپ، تاتلىق بىر سېزىمدە ئانامنىڭ قۇچىقىدا بەخىرامان ياتقان چاغلىرىمغا قايتىپ كەلگەندەك ھوزۇرلاندىمكى، خۇددى شامال بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەندەك. قۇشقاچلار يار شامىلى ھەققىدە ئاجايىپ قىزىق بىر رىۋايەتنى بايان قىلىۋاتسا كېرەك. سەزگۈلىرىم باغچىمىزدىكى گۈزەل سىمفونىيەدىن قاناتلىنىپ، چەكسىز بەخت تۇيغۇسىدا لەيلەيتتىم.
     - ئېھ، يار شامىلى!

2011.7.22

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ھەۋەس ھىكايدىكى كۆرنىشنى ئەجەپ ماھىرلىقتا يېزىپ چىقىپسىز.يىقىندىن مەن ھىكايلىرىڭىزگە قاراپ ئويلاپ تۇرۇپلا قىلۋاتمەن.بىر-بىرىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك.ئۆچۈرۈش2011-7-23 15:54[5 نۇمۇر]ئايزىت
  • ياشىسۇن مۇھەببەت!ئۆچۈرۈش2011-7-23 11:20[5 نۇمۇر]نۇرچىن
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY