باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-7-23 10:55 | ئاپتور: نۇرچىن | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئۆزىنى يەۋەتكەن ئادەم

 

ئۆزىنى يەۋەتكەن ئادەم
(ھېكايە)
 
    ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى يەۋىتىشنى قارار قىلدى . ئۇ ئۆزىنى يېمەسلىككىمۇ ھېچقانداق ئاساسى ۋە ئامالى قالمىغانىدى. ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ئادەملىكىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى .چۈنكى ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيا ئىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىغانىدى. ھەممە ئىشلار ئۇنىڭغا بىمەنە ۋە ئورۇنسىز تۇيۇلاتتى . ئادەملەرمۇ چاكىنىلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئادەملەر بارلىق رەزىللىك ۋە ئىپلاسلىقنىڭ پەيدا قىلغۇچىسى ھەم مەنبەسى ئىدى.
ئۇنىڭدا ئاۋۋال ئۆزىنى يەۋىتىش ئىستىكى قانداق پەيدا بولغانلىقىمۇ تاسادىپىي ئىش ئىدى. بىر كۈنى ئۇ باغچىدا سەيلە قىلىپ كېتىپ باراتتى . تۇيۇقسىز ياندىكى گۈللۈكتىن ناھايىتى زىل بىر ئاۋاز ئۇنى چاقىرىپ قالدى. ئۇ يانغا بۇرۇلۇپ قارىدى-يۇ، قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا گۈزەل بىر قىز ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى . ھەيران قالارلىق يېرى ئۇ قىزنىڭ يۈزىمۇ ئاق ، چېچىمۇ ئاق ، كىيىملىرىمۇ ئاق ئىدى.
 -ھوزۇرلانغىڭىز بارمۇ ؟- سورىدى قىز . قىزنىڭ قۇڭغۇراقتەك ئاۋازىدىن ئۇ تېزلا ئۆزىگە كېلىۋالدى-دە ،ناھايىتى چاققان ئىنكاس قايتۇردى:
- ھاياتنىڭ ئۆزىمۇ بىر ھوزۇرغۇ ؟- ئۇ سۇئالغا سۇئال بىلەن جاۋاپ قايتۇردى .
-مەن شۇ ھوزۇر ئىچىدىكى ھوزۇرنى دەۋاتىمەن .
< ھوزۇر ئىچىدىكى ھوزۇر > ئۇ قىزنىڭ گىپىنى ھەرخىل قىياس قىلىپ باقتى . ئۇ قانداق ھوزۇرلىنىشنى دەۋاتقاندۇ؟ ئەر بىلەن ئايال ئۇتتۇرىسىدا يەنە قانداق ھوزۇرلىنىش بولاتتى ؟ ئۇ قىياسىنى شۇنداق خۇلاسىلىدى .قىز راستىنلا شۇنداق ھوزۇرلىنىشنى دەۋاتقان بولسا . . . پاھ  ، پاھ ئۇ چاغدا . . .
ئۇ قىزغا قايتىدىن بىر سەپسېلىپ چىقتى : ئەۋرىشىم بەل ، زىلۋا بوي ، تولغان قامەت، ئۇ قىزنى كۆزى ۋە خىيالى بىلەن ھەرنېمىلەر قىلىپ چىقتى.
- قانداق؟ -دېدى قىز ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ .
- ئەلۋەتتە ھوزۇرلانغۇم بار ، بىراق نېمە ئۈچۈن؟- ئۇ ھازىرقى زاماندا بەدەلسىز ھېچقانداق ئىش بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى .
- پەقەت بىرلا شەرتىم بار ،- دېدى قىز - مېنىڭ مۇشۇ ئاپئاق چېچىمنى ھەم مۇنۇ ئاق كىيىمىمنى قارىغا ئۆزگەرتىپ قويىسىز .- قىزنىڭ بۇ گېپىدىن ئۇ ھەيران قالدى .
-نېمىشقا ئەمدى، بۇ ئاقلىق سىزگە شۇنداق يارىشىپتىغۇ ؟ شۇنداق گۈزەل تۇرمامسىز ؟
- دەل ماڭا ياراشقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاقلىقىمدىن بىزار بولدۇم ،ئاقلىق ھەممە ئادەمگە يارىشىدۇ . شۇڭا ئاقلىق ناھايىتى نورمال ھىساپلىنىدۇ، ھېچكىم دىققەت قىلمايدۇ . مېنىڭ باشقىلارنىڭ دىققەت مەركىزىدىكى ئادەم بولغۇم بار.
- ھە ،ئەمدى چۈشەندىم . بىراق مېنىڭ شۇنداق سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك قىلالايدىغىنىمغا ئىشىنەمسىز ؟
- ئەلۋەتتە ئىشىنىمەن .چۈنكى سىزنىڭ چىرايىڭىزدىن ، چېھرىڭىزدىن ، ھەممە يېرىڭىزدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىكەن .
- ھەممە يېرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ئادەم ئاقنى قارىغا ئۆزگەرتەلەمدا؟
- ئەلۋەتتە ئۆزگەرتەلەيدۇ-دە، چۈنكى نۇر بار يەردە مۇقەررەر قاراڭغۇلۇق بولىدۇ.
ئۇ ئۆمرىدە تۇنجى قىتىم ئاياللارنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ بېقىشنى قارار قىلىپ قىزنى قولتۇقلىغىنىچە يۈرۈپ كەتتى . . .
 ئۇ ئاپئاق بۇلۇتلار ئۈزۈشۈپ يۈرگەن چەكسىز ئاسماندا ئۇچۇۋاتاتتى. . . يېقىنلا بىر يەردىن ھېلىقى ئاق قىزنىڭ نازلىق ئىڭراشلىرى ئاڭلىناتتى . . . ئۇنىڭ ۋۇجۇدى شېرىن سېزىملارغا تولۇپ ، ئۆز-ئۆزىگە سىغمايۋاتاتتى . . .
ئۇ قىزنىڭ يېنىدىن تۇرغاندا ، قىز تېخى ئويغانمىغانىدى .ئۇ قىزغا نەزەز تاشلىغىنىدا چۆچۈپ كەتتى . چۈنكى قىزنىڭ چېچى راستىنلا قارىغا ئۆزگىرىپ قالغانىدى . ئۇ كۆزىگە ئىشەنمەي ئالمان–تالمان بېرىپ قزىنىڭ كىيىمىنى قولىغا ئېلىپ قاراپ باقتى ، قىزنىڭ كىيىملىرىمۇ پۈتۈنلەي قارىغا ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭدىن ئۇ ئۆزىدە ئالاھىدە بىرەر خىسلەت باردەك ھېس قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ تىۋىشىدىن قىز ئويغىنىپ كەتتى . قىز ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماستىن ، كىيىملىرىنى كىيدى -دە ،ئەينەك ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە كىرىشتى . ئۇ قىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە زەن سېلىپ قاراپ تۇراتتى .قىز ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ :
- مېنىڭ شەرتىمنى ئورۇنداپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت ، مەن ماڭاي ئەمىسە ،- دېدى .قىز شۇنداق دەپلا سىرتقا قاراپ ماڭدى.
- ئەمدى قايتا ئاقلىققا ئۆزگەرگىڭىز كېلىپ قالسا يەنە مېنى ئىزدەمسىز؟- ئۇ نېمىشقىدۇ ئىختىيارسىز ھالدا قىزدىن شۇنداق سورىغۇسى كېلىپ قالدى .
- ئەمدى سىزدە ئۇنداق خىسلەت بولمايدۇ .
- نېمىشقا ؟
- چۈنكى سىزنىڭ چېھرىڭىزدىكى نۇر پۈتۈنلەي ئۆچۈپ بولدى - قىز شۇنداق دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . ئۇ دەرھال ئەينەككە قارىدى .راست دېگەندەك ئۇنىڭ ئىلگىرىكى نۇرلۇق چىرايىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى . نۇر چاقنايدىغان كۆزلىرىمۇ خۈنۈكلىشىپ كەتكەنىدى . . .
بىر كۈنى ئۇ بىر چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ ئۆلۈپ كەتكەنىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخىرەتكە بارىدىغان يولدا كېتىۋىتىپ ، بىر ئاچال يولغا كەلگەندە سولغا قايرىلغان يول ئېغىزىدا بىر ئېلاننى كۆردى. ئېلاننىڭ ئۈستىگە يوغان قىلىپ << جەننەتكە مەرھەمەت>> دەپ يېزىلغانىدى . ئاستىغا بولسا ،ئېرىقلاردا زىلال سۇلار ئېقىپ تۇرغان ، مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان ، نەغمە –ناۋالار ياڭراپ ، قۇشلار چۇرۇقلاپ سايرىشىپ تۇرغان ، پەرىشتىدەك نازىنىن قىزلار سەيلە قىلىپ يۈرگەن ،يېشىللىققا پۈركەنگەن ناھايىتى گۈزەل بىر باغنىڭ مەنزىرىسى سىزىلغانىدى. ئۇ شۇنىڭغا ئاساسەن جەننەت مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ پەملىدى-دە ، ئاشۇ يول تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ ماڭا -ماڭا يوغان ھەيۋەتلىك بىر قۇۋۇقنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى . قۇۋۇقنىڭ ئالدىدا ئىككى مۇنكىر – نىكىرلەر دەستۇرلاردەك چوڭ بىر دەپتەرنى تۇتقىنىچە تۇراتتى .
- ئىسمىڭ نېمە ؟- سورىدى مۇنكىر بەھەيۋەت ئاۋازدا. بۇ يەرگە كىملەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئۇلار ئالدىن بىلىدىكەندە دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە. ئۇ ئىسمىنى ئېيتىپ بەردى.مۇنكىر دەرھال قۇلىدىكى دەپتىرنى ئېچىپ قارىدى -دە :
- سېنىڭ بۇ يەرگە كىرىشكە شەرتىڭ تۇشۇپ ئاشقۇدەك _ دەپلا ئۇنىڭ دولىسىدىن تۇتۇپ قۇۋۇقنىڭ ئىچىگە ئىتتىرىۋەتتى. ئۇ نېمە ئىشلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ، غايەت زور بىر ئوتنىڭ ئىچىگە دومىلاپ چۈشتى. ئۇنىڭ بەدەنلىرى كۆيۈشكە باشلىدى. ئۇ ئۆزىنى ئوتتىن قاچۇرۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە ئۆزىنى ئاتاتتى ،يۇلقۇناتتى. ئەمما ئوت ئىچىدىن چىقىپ كېتەلمەيتتى. ئۇ كۆيەتتى ،لىكىن جىسمى كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتمەيتتى ياكى ئىس –تۈتۈنگە ئايلىنىپ يوقاپ كەتمەيتتى . شۇنداق كۆيەتتى . ئۇ ئاخىر چىدىماي نالە قىلىپ ۋارقىراشقا باشلىدى:
- مەن چىدىمىدىم ،مىېنى قۇتۇلدۇرۋىلىڭلار !- ئۇنىڭ نالىسىنى ئاڭلىغان مۇنكىرلەر كىرىپ قانداق قىلغان ، ئۇنىڭ كۇكۇلىسىدىن تۇتۇپلا ئۇنى چەكسىز كەتكەن بىر پايانسىز مۇزلۇقنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويدى . بۇ ئۇنىڭغا بېشىدا سەل خۇشياققاندەك قىلدى-يۇ، كۆپ ئۆتمەيلا تۇڭلاپ تىترەشكە باشلىدى .بەدەنلىرى جاقىلداپ ،چىشلىرى كاسىلدايتتى . ئۇ بۇ يەردىمۇ سوغۇققا چىدىماي يەنە نالە قىلىشقا باشلىدى:
- ئۆتۈنۈپ قالاي مېنى چىقىرىۋىلىڭلار،  مەن بەك توڭلاپ كەتتىم،- ئۇ بار كۈچىنى يىغىپ توۋلايتتى. مۇنكىرلەر ئۇنى يەنە ئوتنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويدى ، ئۇ چىدىماي نالە قىلىۋىدى، قايتا مۇزنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قويدى . ئۇ ۋرقىرايتتى، ئوتنىڭ ئىچىگە تاشلىناتتى . يەنە ۋارقىرايتتى ، يەنە مۇزنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قويۇلاتتى . . . قىيناش ئەنە شۇنداق داۋام قىلاتتى . ئۇ تەكرار قىيناشقا بەرداشلىق بېرەلمەي مۇنكىرلەردىن سورىدى :
- جەننەت دېگەن مۇشۇنداق بولامدا؟- مۇنكىرلەر ئۇنىڭ سۇئالىدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
- كىم ساڭا بۇ يەرنى جەننەت دەيدۇ؟
- ئاۋۇ ئاچالدىكى يول ئېغىزىغا شۇنداق يېزىپ قويۇپتىغۇ ؟
- سەن شۇنىڭغا قاراپ ئۆزەڭچە جەننەتكە بارىمەن دەپ بۇ يەرگە كېلىپسەندە؟
- شۇنداق.
- ۋۇ بەدبەخ ،- مۇنكىرلەر تۇيۇقسىز غەزەپلەندى- سەن نېمەڭگە ئاساسەن جەننەتكە كىرىمەن دەپ ئويلاپ قالدىڭ ؟ جەننەت دېگەن خۇدانىڭ يولىنى تۇتۇپ ، ھالال ياشىغانلارنىڭ ماكانى . سىلەر ئادەملەر خۇدا سىلەرگە شۇنداق كاتتا ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ ، ئۇنىڭغا پىسەنت قىلماي ھەرخىل ئىپلاس ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىسىلەر .زىنا قىلىسىلەر ،مال –دۇنيا ئۈچۈن بىر –بىرىڭلارنىڭ قېنىنى ئىچىشتىن يانمايسىلەر، مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆز قېرىدىشڭلارنى سېتىپ ، مۇناپىقلىق يولىغا ماڭىسىلەر . ھالاللىقنى ئۇنتۇپ ، ئۆزۈڭلارنى ئەيش-ئىشرەت ، كەيپ –ساپانىڭ قوينىدىن تارتالمايسىلەر، قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ <ئىنسان بالىسى خام سۈت ئەمگەن > دەپ بارلىق گۇناھىڭلارنى ئاناڭلارنىڭ ھالال سۈتىگە ئارتىپ قويۇشسىلەر . ھەممە رەزىللىكنى قىلىپ بولۇپ ، تۆۋە قىلساق خۇدا كەچۈرىدۇ دەپ خۇدانىمۇ ئالداشقا ئۇرۇنىسىلەر ، شۇڭا خۇدا ئۆز ئايىغىڭلار بىلەن دوزاخقا كېلىشىڭلار ئۈچۈن ، دوزاخنىڭ يول ئېغىزىغا جەننەتنىڭ ئېلانىنى چىقىرىپ قويغان.- ئۇ مۇنكىرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ شۈمشىيىپلا قالدى. قىيناش يەنە داۋاملاشتى ،ئوتقا تاشلىناتتى ،مۇزغا ئېلىناتتى ،كۆيەتتى ،توڭلايتتى ،يەنە كۆيەتتى ، يەنە توڭلايتتى يەنە . . .
ئۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى . باياتىنقى ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ < خۇداغا مىڭ شۈكرى > دەۋەتتى . ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەنىدى . ئۇ تەرىنى سۈرتۈپ بولۇپ ، ئازراق سەگىۋىلىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىپ ، ئانچە يىراق بولمىغان ، كوچىنىڭ نېرىقى بېشىدىكى ئاۋات بازارنى كۆزلەپ ماڭدى . ئۇ بازارغا بېرىپ ئادەملەرگە قاراپ قورققىنىدىن جايىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى قالدى. چۈنكى بازاردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يالىڭاچ يۈرۈشەتتى ، تېخى يالىڭاچ يۈرۈش نورمال ئىشتەك ،ئادەملەر بىر–بىرى بىلەن چاتىقى يوق بەخىرامان كېتىپ باراتتى . ئۇنىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىز < بۇ بايىقىدەك چۈشۈممىدۇ –يە؟> دىگەن خىيال كەلدى –دە ئۇ يەر ، بۇ يەرلىرىنى چىمدىپ باقتى . ئۇ چىمدىغان يەرلىرىنىڭ ئاغرىغىنىدىن بۇنىڭ ھەقىقى رىئاللىق ، ئۆزى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ئەمەلىيەت ئىكەنلىكىگە ئىشەندى . ئۇ ئادەملەرگە قايتىدىن نەزەر سېلىپ ، تېخىمۇ ھەيران قالدى . يالىڭاچ ئادەملەرنىڭ ھەممە ئەپتى- بەشىرىسى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى . بەزىلىرىنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تۈك ئۆسۈپ بەئەينى غەلىتە بىر مەخلۇققا ئوخشاپ قالغانىدى .بەزىلىرىنىڭ بەدىنىڭ بىر يەرلىرىگە غەلىتىلا بىر خىل ئۆسمىلەر ئۆسۈپ ، ئۇزىراپ بەللىرىگە يۆگىۋىلىشقانىدى ياكى سۆرۈلۈپ يۈرەتتى . بەزىلىرىنىڭ ئىپپەتلىك جايلىرىدىن نىجاسەتلىك نەرسىلەر ئېقىپ تۇراتتى . ئىشقىلىپ ھەركىم ھەر قىسما ئىدى .ئادەملەر ئادەمگە پەقەتلا ئوخشىماي قالغانىدى. ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنى ئەسكە ئېلىپ قالدى –دە، دەرھال ئۆزنىڭ ئۈستى –بېشىغا قارىدى << ئاھ ،شەرمەندىچىلىك>> دەۋەتتى ئۇ ئۆز –ئۆزىگە . چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىمۇ پۈتۈنلەي قىپيالىڭاچ ئىدى. ئۇ ئەتراپقا قارىدى، ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق پەرۋاسىز ھالدا يۈرۈشەتتى . ئۇ دەرھال ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردى .
ئۇ ئۆيىگە بېرىپ تېخىمۇ ھەيران قالدى ، چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئاپىسى ، ھەتتا ئەمدى رەسىدە بولغان سىڭلىسىمۇ شۇنداق ئانىدىن تۇغما ،يالىڭاچ ھالەتتە بىرنىمىلەرنى قىلىپ يۈرەتتى . ئۇ خۇدۈكسىرىگىنىچە ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدى . ئۇ كىيملىرىنى تېپىشتۇرۇپ كىيدى ،ئەمما يەنە شۇ يالىڭاچ پېتى تۇراتتى . ئۇ ئۈستىگە يەنە بىر قات كىيىم كىيدى ،يەنە يالىڭاچ پىتىم ئىدى . بۇ قانداق بولغىنى ، ئۇ يەنە كىيدى ئوخشاشلا يالىڭاچ . يەنە كىيدى، يەنە. . . ئۇ ئۆزىنىڭ بار بولغان ئون نەچچە قۇر كىيمىنىڭ ھەممىسىنى ئۈستى –ئۈستىلەپ كىيپ بولدى ،لىكىن يەنىلا يالىڭاچ تۇراتتى . ئۇ ئىشىكنىڭ يېنىغا بېرىپ بېشىنى چىقىرىپ ھويلىغا قاراپ باقتى . ئۆيىدىكىلىرى باياتىقىدەكلا يالىڭاچ پېتى يۈرەتتى. << ئاھ خۇدا بۇ دۇنيادا راستىنلا ھەقىقى ئىنسان سۈپەت ئادەملەر قالماپتىمۇ نېمە ؟>>. ئۇ شۇنداق خۇرسىنغىنىچە ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلاپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ ھېلىقى ئاق قىزنىڭ سۆزلىرىنى ئويلىدى ، چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى ۋە مۇنكىرنىڭ سۆزلىرىنى ئويلىدى. <<راستىنلا ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى قالماپتۇ >> دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە . << بۇنداق بولسا قانداق ياشىغىلى بولىدۇ . ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىر- بىرىدىن تەپ تارتماي ھايا قىلماي يۈرۈشسە ، بۇنىڭ ئىپتىدائىي دەۋىردە ياشىغاندىن نېمە پەرقى ؟ شۇ دەۋىردىمۇ كىشلەر بىر يەرلىرىنى ئېتىپ يۈرۈپتىكەنغۇ ؟ توۋا ،راستىنلا زامانە ئاخىرىمۇ نېمە بۇ ؟ ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا. . . >> ئۇ ئەمدى ھەقىقەتەن ھاياتتىن ، ئادەملەردىن بىزار بولۇشقا باشلىدى . ئۆلىۋېلىشنىمۇ ئويلىدى. << ياق >>دېدى ئۇ شۇ ھامان  <<  ئۆلىۋالسام ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپ بارىدىغان گەپ ، ئۇدۇل جەننەتكە بارسامغۇ بولدى ،ئەگەر ھېلىقى چۈشۈمدىكىدەك جەھەننەم ئازابىغا سالسا ، ئۇ چاغدا. . . >> ئۇ خىيالىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ياشاشقا رايى قالمايۋاتاتتى ھەم ئۇ دۇنيانىڭ ئازاپلىرىدىنمۇ قۇرقۇپ تۇراتتى. << قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئۆزۈمنى ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالسام ھاياتلىنىڭ ئاسىيسىغا ئايلىنىپ قالىمەن ،ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزۈمنى ئۆزۈم يەپلىۋەتسەمچۇ؟ >> ئۇ ھەم ئۇ دۇنياغا بارماسلىقنىڭ ، ھەم بۇ دۇنيادا ياشىماسلىقنىڭ ئامالى ئۈستىدە نۇرغۇن قېتىم ئويلىنىپ ئاخىرى شۇنداق قارار قىلدى .
مانا شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىنى يەۋەتمەكچى بولدى .<< ئاۋۋال قايسى ئەزايىمدىن يېيىشنى باشلىسام بولار ؟ >> ئويلىدى ئۇ ئۆزىنى يېيىشنى پىلانلاپ. << ھە توغرا ، كۆزۈمدىن باشلاپ يېيىشىم كېرەك .چۈنكى بارلىق گۇناھلىق ئىشلارنىڭ باشلامچىسى ئاشۇ كۆز . ھېلىقى ئاق قىزدەك گۈزەل قىزلارنى كۆز كۆرمىسە ئادەمدە ناشايان خىياللار پەيدا بولمايتتى . ئاندىن يۈرىكىمنى يەۋىتەي ، ئەمما ئۆزگىرىش يۈرەكتىن باشلىنىدۇ .ئاندىن بۇرنۇمنى ، ئاندىن. . . >> ئۇ ئۆزى پىلانلىغىنى بويىچە ئۆزىنى يېيىشنى باشلاپ ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېغىزى قالدى. ئۇ ئېغىزىنىمۇ يەۋەتمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئېچىشىغا پۈتۈن تېنى قايتىدىن ئەسلىگە كېلىپ قالدى . ئۇ ھەيران بولۇپ قايتىدىن ئۆزىنى يېيىشنى باشلىدى . يەنە ئېغىزىنى يېمەكچى بولغاندا يەنە تېنى ئەسلىگە كېلىپ قالدى . يەنە قايتىدىن باشلىدى . ئاخىرى يەنە شۇنداق بولدى . يەنە يېدى ، يەنە ئەسلىگە كەلدى. يەنە. . .
ئۇ شۇ تەرىقىدە ئۆزىنى يېيىشنى تەكرار –تەكرار داۋاملاشتۇرىۋەردى ،ئەمما ئاخرلاشتۇرالمىدى. قارىغاندا ئۇ ئۆزىنى يېيىشنى مەڭگۈ تاماملىيالمايدىغاندەك قىلاتتى. . .
مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ئىزدىنىش روھىڭىزنى قوللايمەن!تىرىشىڭ!ئۆچۈرۈش2011-7-29 06:34[4 نۇمۇر]ھەۋەس
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY