يوللانغان ۋاقىت: 2011-7-26 11:14 | ئاپتور: ماچاڭى | مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
مېنىڭ قوشنام
مېنىڭ بۇرۇنقى قوشنام ئۆمەرجان مۇئەللىمنىڭ خىزمىتى شەھەرگە يۆتكىلىۋېدى، شەھەردىن بىريۈرۈش بىنا ئۆي سېتىۋىلىپ ، خوتۇن – بالىلىرىنى ئېلىپ شەھەرگە كەتتى . ئۇلار شەھەرگە يۆتكىلىپ كەتكەندىن كېيىن كۆڭلىمىز بىرقىسمىلا بولۇپ خۇددى ئۆزىمىزنى بىرەر ئەزايىمىز كەمدەكلا ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق . چۈنكى مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر ئۆمەرجان مۇئەللىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن ئىجىل – ئىناق ، ئۇرۇق- تۇغقاندەك ياخشى ئۆتەتتۇق .
ئارىدىن بىرەر ئايدەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۆمەرجان مۇئەللىمنىڭ ئۆيىگە «بىز بۇ ئۆينى سېتىۋالدۇق» دەپ يېشى 45ياشلار ئەتراپىدىكى ئۆزى ئورۇق ، چىرايى كۆمۈردەك قارا ، كىيىم-كېچەكلىرى رەتسىز ۋە مەينەت ، ساقال-بۇرۇتى ئۆسۈپ كەتكەن خۇددى تۈرمىدىن ھېلىلا چىققان ئادەمنى ئەسلىتىدىغان غاپپار ئىسىملىك بىر كىشى سېمىز ئايالى بىلەن بەش بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كەلدى . مەن ، ئايالىم ۋە بالىلىرىم خۇشال بولۇشۇپ ، يېڭى قوشنىلارنىڭ ئۆي-بىساتلىرىنى توشۇشۇپ بەردۇق . چۈنكى «يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى» دىگەن ئىدىيە ئېڭىمدا ھۆكۈمران ئىدى .
يېڭى قوشنام غاپپارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا بىر ئېرىق بولۇپ ، ئۆيدىن چىقىش ، كىرىشتە ، ھارۋا ۋە ۋېلىسپىت ئېلىپ كىرىش ، چىقىشلىرىدا بولسۇن ناھايىتى قىيىنچىلىق تۇغۇلاتتى .
ئۆيۈمنىڭ كەينىدە نۇرغۇن ياغاچلىرىم بولغاچقا ماگىزىندىن مىخلارنى ئەپكىلىپ ، ئېرىقنى مېتىر بىلەن ئۆلچەپ ، ياغاچلارنى كېسىپ ، بىر كۆۋرۈك ياساپ بەردىم ، بۇنىڭلىق بىلەن غاپپار ۋە ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى ناھايىتى خۇشال بولۇشۇپ كەتتى .
بىركۈنى ئەتىگەندە چېيىمنى ئىچىپ بۇلۇپ ، كىيىم-كېچەكلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ خىزمىتىمگە ماڭاي دەپ ئىشىك ئالدىغا چىقىشىمغا بىر چۆگۈننى كۆتۈرگىنىچە يېڭى قوشنام غاپپار ئۆيگە كىردى ۋە :
- ئەپەندىم چاي قايناتقان بولسىلا بىرئاز بەرسىلە بوپتىكەن ، ئۆيدە ئوتۇن-كۆمۈر يوق بولۇپ قاپتىكەن ، چاي قاينىتالمىدۇق- دېدى .
-ھە قايناتقان ، ئۆيدە بالىلار بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بەرسۇن – دەپ بالىلارنى ئىما قىلىپ ئالدىراشلىقىمنى ئېيتىپ مەكتەپكە كەتتىم .
يەنە بىر كۈنى ئەتىگەندە ئالدىراش يەنە مەكتەپكە ماڭاي دەپ تۇرسام ، توساتتىن يەنە غاپپار چۆگۈننى كۆتۈرۈپ ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولدى-دە :
-ئەپەندىم سۇلىرى بارمىدۇ ؟ بۈگۈن ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن ۋاقچە تۇرۇپتىكەنمىز، تۇرۇبا سۈيى توختاپ كېتىپتۇ- دەپ ھىجىيىپ تۇراتتى .
-ئېلىڭ، ئۆيدە بار- دېدىم چىرايىمنى تۈرۈپ .
«مېنىڭ بۇ قوشنام مىجەزى ئاجايىپ بىر قوشنىمۇ نېمە؟»
يەنە بىر كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ئىشىك چېكىلدى ، ئىچىمدە ئاچچىقىم كېلىپ «كىمدۇ بۇ قاغا پوق يېمەستە ئىشىكنى چەككەن ؟» دەپ غودۇڭشىغىنىمچە ئىشكنى ئاچتىم . ئىشىك ئالدىدا ھېلىقى ئاجايىپ قوشنام غاپپار ھىجايغىنىچە:
– ھە ئەپەندىم ، ساقال ئالغۇچنىڭ پىچىقى بارمىدۇ؟-دەپ ئۆسۈپ كەتكەن ساقال-بۇرۇتىنى سىلىغىنىچە سورىدى .
-بار،- دېدىمدە ، بىر پىچاقنى ئېلىپ بەردىم .
غاپپارنىڭ ئىككى قىزى بولۇپ ، ئۇلار دائىم دېگۈدەك بىزنىڭ بالىلاربىلەن بىزنىڭ ھويلىدا ئوينايتتى ، بىركۈنى بازاردىن بەش كىلوگرام قوي گۆشىنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ پارچىلاپ قازانغا سېلىۋاتساق ، ئۇنىڭ قىزلىرى كۆرۈپ قېلىپ بىردەم ئوينىغاندىن كېيىن ئۆيىگە چىقىپ كەتتى-دە ، ئىككى سائەتتىن كېيىن بىر قىزى يوغان بىركورىنى كۆتۈرۈپ ھويلىنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ :
-ھەبىبۇللا مۇئەللىم ئاتام ئۆزلىرىنى سالغان گۆشلىرىنىڭ شورپىسىنى بەرسۇن دەيدۇ-دېدى .
مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايالىمغا قارىدىم ، ئايالىممۇ ماڭا بېرەيمۇ دېگەندەك قاراپ تۇراتتى .
-گۆشنىڭ شورپىسىنى قوشنىلارغا بېرىڭە –دېدىم .
ئايالىم كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ، مېھرىبان ، يۇمشاق كۆڭۈل ئايال بولغاچقا قوشنامنىڭ قىزىنىڭ يوغان كورىسىنى توشقۇزۇپ دېگۈدەك شورپا بېرىپ ، گۆشنىمۇ بىر-ئىككى پارچە قوشۇپ ئاندىن ئۇنى يولغا سالدى . مەن ئۆيگە كىرىپ بېشىمنى تاتىلىغاچ ئىچىمدە " بۇ قوشنام ئاجايىپ بىرغەلىتە قىلىقى ۋە مىجەزى بارقوشنىمۇ نېمە؟ ئادەمنى تۈزۈكرەك بىرەر چۈشلۈك تاماق يىگىلىمۇ قويمىغان ؟ ئەمدى گۆش يېيىشنى خىيال قىلغىلىمۇ بولمايدىغان بولدىمۇ نېمە؟ " دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم .
قارا قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرىنىڭ بىرى ئىدى . قاش قارايغان ۋاقىتتا ئۆيدە تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتىم ، ئىشىك چېكىلدى .
-ھە ئەپەندىم ، ئولتۇرۇپسەنمۇ؟ - دېگىنىچە يەنە قوشنام غاپپار كىرىپ كەلدى .
-مۇنداق ئىش ئەپەندىم ،-دېدى ئۇ سۆزىنى باشلاپ ،- بۇندىن ئىككى ئاي بۇرۇن لەمجىن بازىرى خاندۇ4-مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئابلىكىم ئىسىملىك بىربالىنىڭ نىكاھ تويىنى قىلىپ بەرگەنتىم (ئۇ توي-تۆكۈندە ناغرا-سۇناي چالاتتى)ئۇ چاغدا ئۈزۈملەرنى ساتالمىدۇق ، كېيىن بىركەلسەڭ بېرەرمىز دېگەنىدى ، بۇ قېتىم موتسىكىلىت بىلەن بېرىپ پۇلنىڭ ئۆسۈملىرى بىلەن ئەكىلەي دەيمەن ، شۇڭا ماۋۇ قىشلىق ئايىقىڭ بىلەن ئىشتىنىڭنى بېرىپ تۇرغىن ، ئىككى سائەتتە قايتىپ كېلىمەن. -دېدى ئايىقىم بىلەن ئىشتىنىمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ .
-خاپا بولمىغىن قوشنام ، ھېلى قورساقنى ئەستەرلىۋىلىپ، سائەت يەتتىدىن توققۇزغىچە مەكتەپكە بېرىپ كومپىيۇتېر ئۆگەنمىسەم بولمايدۇ-دېدىم .
ئۇ بىردەم ئولتۇرۇپ ، ئورنىدىن تۇردى-دە :
-مەن بىلىمەن ، مۇئەللىم دىگەننىڭ مەكتەپتە بەك ئىشى كۆپ ، شۇڭا كۈندۈزى بەك ئالدىراش ئىشلەيسىلەر، ئەتە ئاخشامغۇ ئايىقىڭ بىلەن ئىشتىنىڭ بىكار بولۇر ھە؟!- دەپ چىرايىمغا تىكىلىپ تۇراتتى .
-ئەتە ئاخشام يەنە مەكتەپكە بېرىپ خەنزۇچە ئۆگىنىمەن ، ھازىرقى ۋاقىتتا خەنزۇچە ئۆگەنمىسەك ، كومپيۇتېر ئۆگەنمىسەك 21-ئەسىردىكى ساۋاتسىزلاردىن بولۇپ قالىمىز، دەۋرنىڭ تەلىپىگە لايىقلىشالمايمىز، بىز ياخشى ئۆگەنمىسەك سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارنى ياخشى ، لاياقەتلىك تەربىيىلىيەلمەيمىز ، شۇڭا مېنىڭ كۈندۈزىمۇ ، ئاخشىمىمۇ ، ئۆزەممۇ ، كىيىم-كېچەكلىرىممۇ بىكار ئەمەس-دېدىم ئاچچىقىم بىلەن .
ئۇ مەندىن خاپا بولۇپ ، چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
مەن ئويلىنىپ قالدىم . ماقال-تەمسىللەردە «يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى» دەيدىغان گەپ بارئىكەن ، لېكىن مىنىڭ بۇ يېڭى قوشنام كەلگىلى بىر ئاي بولا-بولمايلا ، چىرايىمنى ئېچىپ بەرسەم ، مېنى چۆمۈچ ئاخۇن كۆرۈپ قالدىمۇ –نېمە؟ ھەركۈنى دېگۈدەك تۇرۇپ سۇ دەۋاتقان ، تۇرۇپ چاي دەۋاتقان ، يەنە تۇرۇپ ساقال ئالغۇچ دەۋاتقان ، تۇرۇپ كۆمۈربولسا بەرگىن دەۋاتقان ، ئەمدى بۈگۈن ئۇ تەرەققىي قىلىپ كىيىۋاتقان كىيىملىرىمنى سورىدى . ئۇ يەنە تەرەققىي قىلىدىغان ، مەن ئۇ سورىغان نەرسىلەرنى بېرىۋىرىدىغان بولسام مېنى كىيىمسىز يالىڭاچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويامدۇ-نېمە؟ مەن ئۆزەمگە پۇختا بولمىسام بولمىغۇدەك «يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشنا ئوسالمۇ نېمە؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم .
- مەزمۇن قاتارى
-
- تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
- ئىنكاس يوللاش
- تەۋسىيە