يوللانغان ۋاقىت: 2011-7-30 08:50 | ئاپتور: گۈلزىبان | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
كونا ساپما كەش
كونا ساپما كەش
گۈلزىبان
سائەتنىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى بىلەن ئۇ تاتلىق ئۇيقىنىڭ قوينىدىن قىيمىغان ھالدا قايتىپ كەلدى . ئۇ كۆزلىرىنى ئاستىغىنە ئېچىپ ئورنىدىن تۇردى-دە ، يەنە شۇ كونىراپ كەتكەن ساپما كەشىنى كىيىپ ياتاق ئۆيدىن پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ چىقىپ كەتتى .
ئۇ ئوغلىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ بالىسىنىڭ ئوچۇق قالغان - قالمىغانلىقىغا قارىدى- دە ، ئاستا ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ، كونىراپ ئۆڭۈپ كەتكەن پەرتۇقنى چىگىپ ئەتىگەنلىك ناشتىلىق تەييارلاشقا باشلىدى. ئۇ بالىسى ۋە يولدىشى ئۈچۈن كۈن چىقماستىنلا خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن ئىدى .
ئۇ ناشتىلىقنى ئۈستەل ئۈستىگە تىزىپ بولغاندىن كېيىن كىرىپ تاتلىققىنە ئۇخلاۋاتقان ئون ياشلىق ئوغلىنى ئەركىلىتىپ ئويغىتىشقا باشلىدى: < قوزام بالام ، قوپقىن . قارا ، تاڭ ئېتىپ بولدى > دەيتتى ئۇ توختىماستىن . بالا بولسا ئىڭرىغىنىچە ئورنىدىن تۇردى . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ يولدىشىنى ئويغاتتى . ئۇلار بىرلىكتە غىزالانغاندىن كېيىن ، ئۇ بالىسىنى مەكتەپكە ، يولدىشىنى خىزمەتكە ئۇزۇتۇپ قويۇپ ، قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى . ئۇ ساپما كەشىنى سۆرەپ پوللارنى سۈرتەتتى . ئۆيلەرنى رەتلەيتتى . ئۇ چۈشكە ئۈلگۈرتۈپ سىرتقا كۆكتات سېتىۋالغىلى چىقتى . ئۇنىڭ ئۇچىسىدا يەنىلا شۇنداق كونا ھەم ئاددىي كىيىم ئىدى . ئۇ كۆكتاتلارنى سېتىۋېلىپ كىرىپ ، يەنە بالىسى ۋە يولدىشى ئۈچۈ تاماق تەييارلاشقا كىرىشتى . تاماقمۇ تەييارلىنىپ بولدى . ئۇ يەنە شۇ ساپما كەشىنى سۆرىگىنىچە چىقىپ چۈشلۈككە كەلگەن بالىسى ۋە يولدىشىنىڭ ئالدىغا تاماق قويۇشقا باشلىدى . ئۇنىڭ ئەتكەن تاماقلىرى شۇنچىلىك تەملىك ئىدىكى ، تاماقنىڭ مېزىلىك ھىدلىرى دىماغدىن ئۆتۈپ دىلنى ئاجايىپ گۈزەل ھېسلارغا تولدۇراتتى . ئەمما بالا تاماقنى غودۇڭشىغىنىچە يەپلا مەكتەپكە كېتىپ قالدى . يولدىشىمۇ تاماقنى يەپ بولۇپلا خىزمەتكە كەتتى . ئۇ بولسا بالىسىنىڭ ئاشقان تامىقىنى يىغىشتۇرۇپ قالدى .
ئۇ ساپما كەشىنى سۆرىگىنىچە ئۆي تازىلاۋاتاتتى . ئۆي ئاددىي بولسىمۇ شۇنداق رەتلىك ئىدىكى ، كىشىنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرەتتى . بۇ ئۆيگە بىر كىرگەن كىشىلا ئۇنىڭ ئۆي تۇتۇشقا ماھىر ئايال ئىكەنلىگىنى مانا مۇشۇ پاكىزە ھەم رەتلىك ئۆيگە قاراپلا بىلىۋالاتتى .
ئۇ ئەمدىلا ئۆينى تازىلاپ بولۇپ ، كىچىككىنە يېتىپ ئارام ئېلىۋېلىشنى ئويلىدىيۇ ، سائەتكە قاراپ ، كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى . يەنە شۇنداق مەززىلىك ، يەنە شۇنداق ئوخشىغان تائام ئۈستەل ئۈستىدە ھازىر بولدى . ئۇلار بىرلىكتە تاماق يېدى ، ئاندىن بالا دەرس تەييارلاشقا كىرىپ كەتتى . يولدىشى بولسا ، پۇتلىرىنى ئۇزۇن سوزغىنىچە كىرىسلودا سوزۇلۇپ ئولتۇرۇپ كىنو كۆرىۋاتاتتى . ئۇ ئۇدۇل بالىسىنىڭ ياتاق ھۇجرىسىغا كىردى- دە ، ئوغلى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ، تا ئوغلىنىڭ دەرسلىرى تۈگىگىچە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى ۋە ئوغلىنى ئۇخلىتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى . بۇ چاغدا ئۇنىڭ يولدىشىمۇ كىرىسلودا ئۇخلاپ قالغان ئىدى . ئۇ يولدىشىنى چۆچۈتۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كېلىپ يولدىشىنى ئاستىغىنە ئويغاتتى ۋە تېلىۋىزورنى ئۆچۈردى.
ئەمدى ئۇنىڭ كەچلىكى خىزمىتى باشلاندى . سائەت 11 غا داڭ ئۇردى . ئەمما ئۇ تېخى ئۇخلىمىغان ئىدى . چۈنكى ئۇ يولدىشىنىڭ ئەتىكى كىيىملىرىگە دەزمال سالمىسا ، بالىسىنىڭ ماتىرياللىرىنى رەتلىمىسە بولمايتتى . ئۇ بۇ ئىشلارنى قىلىپ بولۇپ ھارغىنلىق بىلەن ئۆزىنى كارىۋاتقا بوشقىنە تاشلىدى- دە ، بىر كۈنلۈك ھېرىش- چارچاشلار بىلەن ئۇيقۇغا كەتتى .
سائەت بەش بولغاندا جىرىڭلاشقا باشلىدى . ئۇنى يەنە مۇشۇنداق بىر كۈن ساقلاۋاتاتتى .
ئارىدىن 10 يىل ئۆتتى، كۈنلەر مانا مۇشۇنداق تەرىقىدە ئۆتتى . ئۇنىڭ ھېلىقى ساپما كەشى ياكى پەرتۇقلىرى ئالماشمىدى . ئەگەر ئۇنىڭدا ئۆزگۈرۈش بولدى دېسە ، ئۆزگۈرۈش پەقەت ئۇنىڭ ئاق سانجىلىشقا باشلىغان چاچلىرى ۋە سىزىق-سىزىق بولۇپ قورۇق بېسىشقا باشلىغان يۈزلىرىدە ئىدى .
ئۇ بالىسى ۋە يولدىشىغا بارلىقىنى بەرگەن بولسىمۇ ، بالىسى ئەل قاتارى يولىدا ماڭالمىدى . تاپتىن چىقتى لايغا پاتتى . يولدىشى بولسا ئۆزىنىڭ بۇ تىرىشچان ھەمراھىنى ئۇنتىدى. ئۇنىڭ بەدەللىرىنى ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى نۆلگە تەڭ قىلدى . ئەمما بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئۇ خالىغان ھەم ئويلىغان ئەمەس . ئۇ توي قىلىپ تا ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ چەككەن جاپاسى ۋە تۆلىگەن بەدەللىرىگە بىرەر ئالتۇن ئۈزۈك ياكى بۇلاپكا تەلەپ قىلغان ئەمەس . ئۇ پەقەت بالىسى ۋە يولدىشىنىڭ بىر ئېغىز ، پەقەت ۋە پەقەت شۇ بىر ئېغىز رەھمەت سۆزىگە تەشنا ئىدى. ئەپسۇس، ئۇلار بۇ ئاددىي ئائىلە ئايالىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈنسىز قۇربانلىق بېرىۋاتقانلىقىنى سەزمىدى.
- مەزمۇن قاتارى
-
- تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
- ئىنكاس يوللاش
- تەۋسىيە