باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-8-3 17:25 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

خوتۇن

خوتۇن


(ھېكايە)
ھەۋەس


    مەن« خوتۇن » ھەققىدىكى بۇ ھېكايەمنى يېزىۋاتقان چېغىمدا، خوتۇنۇم كونا ئادىتى بويىچە يېزىقچىلىق ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى جالاقلىتىپ ئېچىپ، كۆزلىرىنى ئىسپانىيەنىڭ مۇسابىقە بۇقىلىرىدەك چەكچەيتكىنىچە لەۋسۇرۇخنى بولۇشىچە سۈرگەن قېلىن ئەتلىك كالپۇكلىرىدىن تاتىلدىغان پىلىموتتەك مېنى گەپ-سوراق ئوقىغا تۇتتى:
    -كومپېيۇتېرنى ئەمدى ماڭا بېرىڭ، QQ يوۋشى ئوينىۋالاي، ناۋادا بەرمەيدىكەنسىز توكنى ئۈزىۋېتىمەن، بىكا!
    -ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟-دېدىم مەن نارازىلىقىمنى بىلدۈرۈپ،-يېرىم سائەت ساقلاڭ، ئاندىن بېرەي-ھە؟!
    -ھوش، تولا ئىچىمنى ئېلەشتۈرمىڭە! «ئىجادىيەت»دەپ كەتكىنى تېخى، مۇنداقچە «بىرنەرسىلەرنى يېزىۋاتىمەن »دېگىن، ئۇنداق بىر تىيىن پايدىسى يوق نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ، ئۆمۈرنى زايە قىلىپ..... سىزدەك تور قۇرۇتىنى كىم بىلمەيدۇ؟ مەن چىقىپلا كەتسەم، QQ نى ئېچىپ قىزلار بىلەن پاراڭلىشىىسىزغۇ، تايىنلىق!!!
    -«سەن تاز دېگۈچە، مەن دەۋالاي»دېگەندەك گەپ بولدىغۇ؟....ھەي!!!
    شۇنداق قىلىپ ، يېزىۋاتقان ھېكايەمنى تاشلاپ قويۇپ، خوتۇنۇمنىڭ كوتۇلداشلىرىدىن بىزار بولۇپ، تەستە كەلگەن ئىلھام قىزى بىلەن خوشلۇشۇپ، قاراڭغۇ تۈن قوينىغا ئۆزەمنى ئاتتىم. بالىلارمۇ چوڭ بولۇپ قالدى، ئەمدى-زە، ئۆزئارا تەگىشىپ يۈرسەك، ئۇيات، ئۇيات!! خەپ خوتۇن، ئالۋاستى خوتۇن!

******************************************

    ئەمدى گەپنى خوتۇنۇمدىن باشلاي، خوتۇنۇم ئاقپۇشماق، بويى پاكار ، پىڭگىۋىندەك سېمىزلىكىگە بېقىپ، ئىنتايىن ھەركىتى ئاستا، ئەمما –زە، ئاغزى ئىتتىك، ئايھانناس! قىپقىزىل لەۋسۇرۇخلۇق گۆشلۈك كالپۇكلىرىدىن گەپ-تىل دېگەن كىندىكنىڭ ئاستىدىكىلەردىن تارتىپ چىقىدىغان بولسا، ئۇخلاپ قالسىڭىزمۇ قۇلىقىڭىزنىڭ تۈۋىدە غۇۋا ياڭراپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشىش پۈتۈن كۈن ئاۋارىچىلىقتا قېلىشتىن ئىبارەت. سىزدىن ئازراقلا كەتتىمۇ بولدى. ئالە شەرىڭنى، تۈلكىدەك بۇزلاپ يىغلايدىغان بولسا، ياشلىرى دەريا-دەريا ئېقىپ خۇددى ئۆزى مىڭ يىللىق ئۇۋالچىلىقتا قالغاندەك ، خولۇم-قوشنا ھەننىۋاسىغا ئەپتى-بەشىرىڭنى ئاشكارە قىلىۋېتىدۇ.
    -مەنمۇ بىرنەچە قاپ ئېلىپ ئىچىپ باقسام بولغۇدەك،-دېدى ئايالىم تېلىۋىزوردىكى «ئورۇقلىتىش كاپسۇلى»ئېلانىغا مەستانە بولۇپ،-بىلىمنى چۈمۈلىنىڭكىدەك قىلىۋەتمىسەم! ھى، ھى... ئۇ چاغدا ماڭا نېمە ئېلىپ بېرىسىز؟
    -بازاردىكى ئەڭ مودا كىيىملەردىن خالىغىنىڭچە ئال،-دېدىم مەن ئۇنىڭ ھاياجان ئىلكىدىكى پەيزىنى ئۇچۇرۋەتمەسلىك ئۈچۈن،-دېگىنىڭ ھېساب! ھېلىغۇ 299 سومكەن، 20099 سوم بولسىمۇ ئېلىپ بېرەي، خوتۇن!
    ئايالىم شۇ تاپتا قىزىم بولمىغان بولسىدى، كونا ئادىتى بويىچە قۇلىقىمدىن چىڭ قاماللاپ تۇتۇپ، چوكۇلدىتىپ بىرنى سۆيۈپ قويغان بولاتتى. ئۇ يوغان گۆشلۈك بوينىنى ئۇچىۋاتقان چاغدىكى ياۋا غازنىڭ بوينىدەك سوزۇپ، ئېلاندىكى تېلفۇن نومۇرىنى قايتا-قايتا ئاڭلاپ خاتىرلەپ ئۈلگۈردى. بىرئازدىن كېيىن، بايامقى كىنو يەنە قويۇلىۋىدى، ئايالىم يەنە كوتۇلدىغىلى تۇردى:
    -بىر ئادەم كۈنىگە 6 كىلو سۇ ئىچىشى، 24 كىلوگرام كۆكتات يېيىشى كېرەك. شۇنى بىلەمسىز؟ سىز سۇنى بەك ئاز ئىچىسىز، شۇڭا ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىڭىز ئاغرىپلا تۇرىدۇ. ئامېرىكىلىق بىر ئالىم شۇنداق بايقاپتىكى، سۇ—ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى!
    -ۋاي-ۋۇي، نېمىلا دېسە دېمەمدۇ، مېنى كىنو كۆرگىلى قويامسىز؟...زادى!
    -مانا بۇ بىر كېسەللىك! سۇنى ئاز ئىچكەنلىكنىڭ روشەن ئىسپاتى. سىز زىيادە سەپرا، بىلدىڭىزمۇ؟ سۇنى ئاز ئىچكەندە ئادەمنىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ....
    -سىزلا كۆرىۋېلىڭە!-ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان ئاچچىقىمنى تەستە بېسىپ، قولۇمدىكى تىزگىنەكنى ئايالىمنىڭ ئالدىغا «پاققىدە!»تاشلاپ قويۇپ، كومپېيۇتېر بار ئۆيگە بۇرۇلدۇم. كىچىك قىزىمنى تەستە ئالداپ، كومپېيۇتېرنى ئالدىم-دە، ئەدەبىيات-سەنئەت تور بەتلىرىنى ئاختۇردۇم. پۈتۈن بەدىنىم بوشۇشۇپ، ھېچنېمە خۇشياقمىدى. كۆڭۈل خاتىرجەملىكى بولمىسا، كىشىنىڭ بەدىنىمۇ بوشۇشۇپ، رېزىنكىدەك بولۇپ قالىدىكەن. توۋا، دېمىسىمۇ مەن ئىچىملىكنى ئانچە قىلىپ كەتمەيتتىم. ئايالىم« ئۇ كىتابتا مۇنداق دەپتۇ»،«بۇ ژۇرنالدا مۇنداق دەپتۇ»، «ماۋۇ گېزىتتە ئادەم كۈنىگە ..... يېيىشى كېرەككەن. »دېگەننى يادىدا شۇنداق چىڭ ساقلىۋالاتتى ھەم قاتتىق ئەمەل قىلىپ ، شۇنى قىلىپ باقاتتى. كىمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئىستىكى يوق دەيسىز؟ بىراق ئايالىمنى-زە!! ئۆتكەندە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە «كۈنىگە ئۈچ ياپراق زەنجىۋىلنى خام يېسە، بىر قاچا مېھرىگىياھ شورپىسى ئىچكەن بىلەن باراۋەر»دېگەننى ئوقۇپتۇ-دە، دەرھال بازارغا چىقىپ خام زەنجىۋىلنى ئېلىپ كېلىپ يالپاغداپ توغراپ، شورپا سېلىپتۇ. سۈيىنى ئىچىپ، تىرىپىنىمۇ قوشۇپ يەۋالغىنى بار. توۋا، ئىشتىن قايتىپ كەلسەم، قورسىقى كۆپۈپ ناغرىدەك بولۇپ كېتىپتۇ. ئايالىمنىڭ شۇ چاغدىكى قىياپىتى ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە «بىر تېمىممۇ يەل چىقمايۋاتىدۇ. قاراڭ، چوڭ تەرەتمۇ يوق، قورسىقىم بارغانچە يوغىناپ يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى، قانداق قىلاي ئەمدى»دېگىنىچە بېشىنى پەس قىلىپ، كاسسىنى ئېگىزگە قىلىپ قوڭغۇزغىلا ئوخشاپ قاپتۇ. ئۇنىڭچە، شۇنداق قىلسا، يەل چىقارمىش! نېمە چىقاتتى؟ ئاخىرى ئىڭراپ يىغلىغىلى تۇردى، ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ، تاكسىغا سېلىپ ، جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ باردىم. ئۈچ سائەتلىك جەڭدىن كېيىن، ئايالىمنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ قالدى. بىراق ئۈچ يۈەنلىك زەنجىۋىل 300يۈەننى سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى-دە! پۇلغۇ تېپىلىدۇ، بىراق ئايالىم تاسماس قالدى-دە، كېتىپ قالغىلى، قانداقمۇ قىلارئىدىم-ھە؟  ئۇ نېمىشقىمۇ شۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلىپ ساۋاق قىلمايدىغاندۇ. مانا ئەمدى«سۇ-ھاياتلىق»دېگەن ئەقىدىنىڭ تەسىرىدە كۈنىگە 6 كىلوگرام سوغۇق سۇ ئىچىپ، بۆرەك كېسەل بولۇپ قالسا، قانداق قىلارمەن، كۆكتاتنىغۇ جىق يېگەنلىكىدىن ئارانلا بولسا، ئىچى سۈرۈپ، دورىدىن نېرى بولالمايدۇ. ئۇ يەپ كەتكەن كالتىسىي تولۇقلاش كاپسۇللىرى، قان تولۇقلاش كاپسۇللىرى، ئورۇقلىتىش كاپسۇللىرى....... تېرىنى ئاسراش ، گۈزەللەشتۈرۈشكىچە ئەيتاۋۇر تېلىۋىزوردا نېمىنى ئېلان قىلسا، شۇنى ئەكەلدۈرۈپ سىناپ باقىدۇ. ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى قانچە ئاسرىغانسېرى شۇنچە سەمىرىپ، غىچلا كېسەل چىرماپ مىجەزىمۇ يوچۇنلا بىر خوتۇنغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدىغۇ-تاڭ!
    ئۇنىڭ گىرىم جازىسىغا قارايدىغان بولسىڭىز، تۈرلۈك-تۈمەن ماي-بوياقتىن تارتىپ، ساغلاملىق دورىلىرىغىچە ئارلىشىپ قالايمىقان تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بەزى دورىلارنى يېيىشكە ۋاقتى يەتمەي، ۋاقتىمۇ ئۆتۈپ كەتتىمىكىن بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ، ئايالىم بىر چاغدا، ۋىتامىن E نى يېسە ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ، دېگەننى بىر يەردە ئوقۇۋالغان چېغى 10 نەچچە قۇتا ۋىتامىن E يەپ شۇنىڭ كاساپىتىدىن پىڭگىۋىندەك سەمىرىپ كەتمىدىمۇ. ھەي، ئۇنىڭ كاللىسىغا «دورىلار»تەسىر قىلىۋاتامدىكىن، مىجەزىمۇ بارغانچە ئوساللىشىپ كېتىۋاتىدۇ.
    بىر كۈنى ئايالىم لەغمەن ئەتكەنىدى. ئادەتتە لەغمەندىن كېيىن بىر چىنە ئاچ سۈيى ئىچەتتىم. ئايالىم ماڭا كايىدى:
    -مەنتاڭ (ئاش سۈيى)ئىچسە، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى تاپىدىكەن. بولدى ئىچمەڭ، چاي ئىچىڭ.
    -مېنىڭ مەنتاڭ ئىچكۈم بار!
    -بولمايدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە كىراخمال جىق، نېمىشقا زاسۈي (ئۆپكە –ھېسىپ)نى كۆپ يېسە، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ؟ بىلەمسىز؟ بۇ يەردىكى مەسىلە، ئۆپكىدە جىق ئۇن سۈيى بار ! ئۈن سۈيى دېمەك كىراخمال دېمەك.....
    -يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بولساممۇ ئىچىمەن، قانداق؟
    غەزەپتىن ئىچىم تىتىلداپ تېرىكىپ قالدىم، ئىچىم سىقىلىپ شۇنداق بىئارام بولدۇمكى، بايا يېگەن لەغمەن زەھەرگە ئايلىنىپ مەيدەمنى ئاغرىتقىلى تۇردى. قىزلىرىم بىردە ئاپىسىغا، بىردە ماڭا قارىغىنىچە ، كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپلا قالدى. ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، چاينىمۇ ئىچمەي ، كومپېيۇتېر بار ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. تاماقتىن كېيىن، ئايالىم ئاش سۈيى بىلەن چېچىنى يۇيۇپتىكەن، بېشى يۇيۇقسىز داسقىلا ئوخشاپ قاپتۇ. كىچىك قىزىم بۇ غەلىتە خەۋەرنى يوشۇرۇن يەتكۈزۈپ قويدى. چىقىپ قارىسام، ئايالىمنىڭ بېشى ئاش سۈيى بىلەن پارقىراپ سۈيىنى سىقماي تاشلاپ قويغان يۇغۇچتەك پارقىراپ يۇندىسى ىسرغىپ تۇرۇپتۇ. شەيتىنىم تۇتۇپ شۇنداق كۈلۈپ كەتتىمكى، ئايالىممۇ خاپا بولۇش تۈگۈل ئۇمۇ كۈلۈپ كەتتى.
    -سىز مېنى زاڭلىق قىلماڭ،- دېدى ئايالىم كۈلكىسىنى ئاران بېسىپ،-ئاش سۈيىدە چاچ يۇيسا، ئالامەت بەلەن بولىدۇ، چاچنىڭ نىخى يوغىناپ ئوزۇقلىنىدۇ، «جۈيۇۋ » قىلدۇرغان بىلەن باراۋەر...
    -بولدى، بولدى، سەن خەقنى-زە،-دېدىم مەنمۇ شەيتىنىمنى تەستە كونتىرول قىلىپ،-«ئايال خەق دېگەن توپىدىن باشقىسىنى سۈرىدۇ، بېنزىندىن باشقىسىنى چاچىدۇ» دېگىنى راستكەن جۇمۇ، ۋاي ئۆلەي....
    -«ساراڭنىڭ ئوڭى يوق، پاشىنىڭ قوڭى يوق» دېگەندەك ئاشۇنداق بىرنېمىلەر تاپقان گەپ ئۇ،-دېدى ئايالىم بوش كەلمەي، ئەمدى ئۇ ئەقلىنى تاپقان بولسا كېرەك، كەسكىن تەلەپپۇزدا مېنى بومباردىمانغا تۇتتى:
    -سىزدەك قارا قويۇق ئوزۇقلىنىدىغانلار ئېغىر كېسەلگە گىرىپدار بولمىغۇچە، بۇرنۇڭلارغا يېمەيسىلەر. ئۆتكەندە، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ، كۆكتاتنى كۆپ يېۋىدىڭىز قەۋزىيىتىڭىز ساقايمىدىمۇ؟ سىز ئەمدى ساقىيىۋېلىپ، مېنى مازاق قىلىۋاتامسىز...... مەن بولمايدىغان بولسام، پوقىڭىزنى ئىككىگە بۆلەلمەيسىز...
    -بۆكتەك چىقىرىپ بېرەي، سىز بۆلۈپ قويۇڭە!
    -ۋاي بېشىنى يەيدىغان ..... ئەمدى كېلىپ سېنىڭ پوقۇڭنى....
    ئايالىم ھۆڭرەك ئېتىپ يىغلىغىلى باشلىدى. قانداق قىلغۇلۇق؟ كۈپكۈندۈزدە .....قوشنىلار نېمە دەپ قالۇر؟ ئاھ خۇدا ! ئۆزەڭ بار، غىپلا سىرتقا قاراپ قاچتىم. بۇ «جەڭ»دە ئايالىم ئاخىرى «بىئو خىمىيەلىك قورال»ىنى ئىشلىتىپ، مېنىڭ ئۈستۈمدىن يەنە غالىپ كەلدى. مۇشۇ خوتۇن خەقنى –زە، ھە دېسە سۈيدۈكىنى ئېقىتىپ، ئادەمنى ئوسال ئەھۋالغا قويىدۇ. ھەي خوتۇن، قۇۋ خوتۇن، تۈلكە جىن خوتۇن مېنىڭ تىيتاڭ (ئىنچىكە ) تومۇرۇمنى تۇتىۋالغان ئوخشايسەن. مەنمۇ زىيادە تارتىنچاق، ئاقكۆڭۈل بولغاندىكىن، ئۇ تولۇق پايدىلىنىپ، يىغا ئارقىلىق مەسىلىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەتتى. بوپتۇ، ئۇرۇشقىدەك نېمە ئىشتى-ئۇ؟ يىغىپ كەلسىڭىز تۇتامى يوق بىر گەپلەرغۇ!؟
    ئايالىم بىلەن ئۇنداق-مۇنداق گەپلەر بولغان بىلەن كەچقۇرۇن ھىجىيىشىپ ئەپلىشىپ قالىمىز. ئۇ ماڭا كىتاب رىسالىسى بويىچە بىرقانداق دورىلىق ئىچىملىكلەرنى تەييارلاپ بېرىدۇ. مەن ماختاپ ئىچسەم، گۈلقەلىرى ئېچىلىپ، ئاغزى تاتلىق بولۇپ كېتىدۇ: 
    -ئىككىمىز تەڭ قېرىپ تەڭ ئۆلۈپ كەتسەك، نېمە ئارمان؟
    -جېنىم مەن سىزنىڭ قۇچىقىڭىزدا جان ئۈزۈشنى ياخشى كۆرىمەن، سىز مەندىن ئارتۇق ياشايسىز؟ سىز يېمەك-ئىچمەككە بەك دىققەت قىلىسىز ئەمەسمۇ؟
    -ئاغزىڭىزنى يېپىڭ!!!.... دەرھال كاسسىڭىزنى كۆتۈرۋېتىڭ !
    خۇشاللىق ئەلچىسى ئائىلىمىزدە كەلگىنىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى بەختىيارلىق ئىلكىدە تاتلىق سېزىملار قوينىدا كەچتە ئۇۋىسى ئالدىدا جەم بولغان قۇشقاچلاردەك بىر ھازا چۇرقىراپ كېتىمىز. بۇ خۇشاللىق قاچانغىچە داۋاملىشار؟ يەنە ئايالىمنىڭ غەلىتە «ئۆلچەم»لىرىنى ئويلىسام، بەدىنىم تىكەنلىشىپ، ئازابتىن شۈركىنىپ كېتىمەن. ئۇ كىتاب بويىچە يېمەكلىككە شۇنچە دىققەت قىلغانسېرى ، شۇنچە كۆپ كېسەلگە گىرىپتار بولماقتا ئىدى. قانداق قىلسام ئۇنى بۇ «ئېلان ئاشىقى»لىق كېسىلىدىن قۇتقۇزىۋالىمەن! خەجلەنگەن پۇلغا ئىچىم ئاغرىمىسىمۇ، ئۇنىڭ كۈندىن-كۈنگە باشقىچە بىر مەخلۇققا ئايلىنىپ قېلىۋاتقىنىنى ئويلىسام ، ئىختىيارسىز ۋۇجۇدۇمنى سۈر باسىدۇ.
    ئۇزاققا بارماي بولغۇلۇق ئاخىر بولدى. خوتۇنۇمغا بىر يىلان ياستۇقىچىلىك چوڭلۇقتا مۈڭگۈز پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ بىزدىن يوشۇرۇپ يۈرۈپتىكەن.  بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ، بېشىنىڭ سول بۇرجىكىگە بىر تال مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقىپتۇ. بىچارە خوتۇننىڭ ھالىغا يېتىپ، كۆرسەتمىگەن دوختۇرخانام قالمىدى، ئاپارمىغان شەھەر . بۇ مۈڭگۈزنى كېسىپ ئېلىشقا بولمايدىكەن، ناۋادا چېقىلىپ قويساق، ئاقىۋىتى يامان بولۇرمىش. چېقىلمىساق، سالامەتلىككە ھېچقانداق تەسىرى يوقمىش. بۇنىغۇ مەيلى دەپ يۈرسەك، چوڭ قىزىمغا بۇرۇت چىقىپ، ئەر كىشىدەك بولۇپ قالغىنىنى دېمەمسىز. ھەممىسى ئايالىمنىڭ بالىلارغا زورمۇ-زو «بۇنى ئىچ، ماۋۇ دورىنى يە»دەپ ، ئاخىرى غەيرى يېتىلىش نەتىجىسدە ، جىنىس شەكلىدە ئۆزگىرىش بولغانكەن. ئاھ خۇدا، بۇ خوتۇن قاچانمۇ تۈزىلەر؟ ئۇنىڭ كاللىسىدا «كىتابتا مۇنداق دەپتۇ، گېزىتتە مۇنداق دەپتۇ....» دېگەنلەر قاچانمۇ چىقىپ كېتەر؟ ئايالىمنى قانچە ئويلىسام، مېنى شۇنچە نەس باسىدۇ! مەنمۇ شۇلاردەك بولۇپ قالىدىغاندەك... خەيىر، ئاللاغا ئامانەت! «باشقا كەلگەندە باتۇر» دەپ يۈرۈشكە ئەمدى بولمايدۇ-دە!!! ئەمدى سېنى ئۆزگەرتمىسەم، چەكلىمىسەم بولمىغۇدەك » دەيمەنۇ، نېمىشقىدۇر غەزەپتىن ئىختىيارسىز توۋلاپ سالىمەن:
    -ھەي خوتۇن، كوت-كوت خوتۇن، ئالۋاستى خوتۇن، تۈلكە جىن خوتۇن!!!!!!!


2011.8.3

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ھەۋەس يىقىندىن قاراتمىلىقى كۈچلۈك ئەسر يېزىشقا چۈشۈپ كەتتىڭىز.ھەربىر ئەسىرىڭىزدىكى ھايات ھەقىيقىتىنى يۇرتۇتقىنىڭىزدىن ،تىلنى ئۆتكۈر ئىشلەتكىنىڭىزدىن سۈيۈنۋاتمەن.ئۆچۈرۈش2011-8-8 03:12[5 نۇمۇر]ئايزىت
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY