باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-8-18 02:45 | ئاپتور: ماچاڭى | مەنبە: ئۆز ئىجادىيەتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ھېيتنىڭ خاسىيىتى

ھېيتنىڭ خاسىيىتى
(ھېكايە)
ھەبىبۇللا سىيىت باھاۋدۇن


    ئاتام ئۇزۇن يىل كېسەل تارتىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندىن كېيىن، تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالاتقان بولساقمۇ ئاخىرى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، بىز بىلەن خوشلىشىپ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.
    بىز ئاتامنىڭ بەش نەزىر، يەتتە نەزىرىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆگەي ئاپام ھاشىخان ئاتامدىن مىراس قالغان تېرىلغۇ يەر، تەك، ھارۋا، تېلىۋىزور، گىلەم شۇنداقلا ئاتام ھايات ۋاقتىدا ياساپ ساتارمەن دەپ راسلاپ قويغان ئوقۇغۇچىلار پارتا - ئورۇندۇقلاردىن 50يۈرۈش ... قاتارلىقلارنى ئىگەللەپ سوقۇدىغانلىرىنى سوقۇپ دېگۈدەك كۇپاڭ ئۆيلەرگە ئەكىرىپ، سولاپ جايلاشتۇرغىلى تۇردى. بۇ ئىشلارنى كۆرسەممۇ كۆرمەسكە سېلىپ، بىر نەچچە كۈننى ئاتامدىن ئايرىلىشنىڭ قايغۇسى ئىچىدە كۆڭلۈم يېرىم ھالدا ئۆتكۈزدۈم.
    مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە ماڭا ئاتامدىن ئايرىلىش بەك ئېغىر كەلگەن ئىدى، چۈنكى ئاتام مېنى بىر پارچە گۆش ھالەتتىنمۇ شۇنچىلىك ئادەم قىلىپ بېقىپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقىچە بولغان ئارلقىتا ئاتام ماڭا ھەم ئاتا ھەم ئاپا بولۇپ جاپايىمنى بەك كۆپ تارتىپ ماڭا مېھرىنى بەرگەن ئىدى.
    مەن ئۆگەي ئاپامنىڭ مۇشۇ كۈنلەردە قىلىۋاتقان مىراس قارامداش ئىشىنى لىللا ئورۇندا تورۇپ گەپ قىلاي دېدىميۇ، لېكىن ئاتامنىڭ بېشىنى يەرلىككە تۈزۈك قويىلا-قويۇلمايلا بۇ گەپلەرنى دەپ يۈرسەم قەدىردان ۋە سۆيۈملۈك ئاتامنىڭ روھى قورۇنماسمۇ؟! دېگەن ئېتىقادىم بىلەن ئۆگەي ئاپامغا ئېغىز يېرىپ گەپ قىلىشقا پېتىنالمدىم.
    قانداق گەپ قىلىمەن؟ گەپ قىلىسام توغرا چۈشەنسىغۇ ياخىشى ئىش، بىراق توغرا چۈشەنمەي خاتا چۈشۈنۈپ بىر نېمە دېسە، مەن بىر نېمە دېسەم ئاخىرى ئۇرۇشساق يۇرت- مەھەللە ئىچىدە خەق نېمە دەيدۇ؟ توغرا چۈشەنگەنلەر بولسا مەمەتئاخۇننىڭ  مىراس قالغان نەرسىلەرنى ھاشخان دېگەن ئايال مەمەت ئاخۇننىڭ بېشى ئاخىرەتتە ياستۇققا قويىشىغىلا بالىسىغا بەرمەي قارامداپ ئېلىۋالغىلى تۇرۇپتىكەن، ،مەمەت ئاخۇننىڭ بالىسى سەمەت ئاخۇن «ئۇنداق قىلسىلا بولمايدۇ ئاپا»دەپتىكەن، ھاشىخان دېگەن ئايال بالىلىرى بىلەن مىراس تالىشىپ ئۇرۇشۇپتۇ دەر، توغرا چۈشەنمىگەنلەر بولسا مەمەت ئاخۇننىڭ بالىسى سەمەت ئاخۇن كىمنىڭ كىچىكى ئاتىسى ئۆلۈپ بىر نەچچە كۈن بولمايلا بايلىققا تويماي، ئاپىسى بىلەن مىراس داۋاسى قىلىشىپ، ئىزانى، ھايانى بىر يەرگە قايرىپ قويۇپ، ئۇرۇشۇپتۇ» دېسە خەقكە نېمە دەپ چۈشەندۈرگۈلۈك؟! دېگەنلەرنى ئويلاپ يەنە بىر نەچچە كۈننى كۆزۈم كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆزەمنى كوردەك، قۇلىقىم ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سېلىپ گاستەك كۈنلىرىمنى خامۇشلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزدۇم.
    ئارىدىن يەنە بىر نەچچە كۈن ئۈتۈپ كەتتى. مەن قاش قارايغان مەزگىلدە،  ئېتىزدىن ئەمگەك قىلىپ ئۆيگە كەلسەم ئايالىم ئىبادەت سۇيۇق تاماق ئېتىپ، پۇشۇرۇپ ئولتۇرغان ئىكەن. مەن گەپ- سۆز قىلمايلا ئايالىم ئۇسۇپ بەرگەن ئاشتىن ئىككى قاچا ئىچىۋىتىپ تەرلەپ كەتتىم-دە، ياغلىق بىلەن يۈزۈمنى ئېرتىپ كاڭدا ئولتۇرۇشۇمغىلا ئايالىم سۆز باشلىدى:
    -سەمەت ئېيتىڭا، بىز مۇشۇ ھويلىدا ياشايمزمۇ، ياشىمايمىزمۇ؟
    ئۆگەي ئاپامنىڭ نەچچە كۈندىن بۇيانقى ھويلىدا قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئايالىممۇ كۆرگەن گەپ. ئۇ مۇشۇ ئىشلارنى ئېڭىغا سىغدۇرالماي مەندىن سۇئالىغا جاۋاپ بېرىشىمنى كۈتمەكتە ئىدى. 
    مەن گاس، گاچا ئادەمدەك بىر نۇقتىغا تىكىلگىنمچە ئولتۇراتتىم.
    - ھەي سەمەت دېگەن ھاڭۋاقتى، ئوخلاپ قالغان ۋاقتىڭدا تىلىڭنى مۈشۈك يەپ كېتىپ، گاچا بولۇپ قالدىڭمۇ-يە؟! ئەجەپ گەپ قىلماس بولۇپ قاپسەنغۇ؟ سەن مۇشۇنداق ھاڭۋاقتى بولساڭ باشقىلار سېنىڭ مال- مۇلكۈڭنى قاقتى- سوقتى قىلىپ ئېلىۋىلىپ، سېنى قاق سەنەم قىلىپ قويىدۇ. سېنىڭدەك خامۇش، گومۇشقا نېمشقىمۇ تەگكەندىمەن؟! ئېسىت، ئېسىت، نېمىشقا بۇرۇن بۇنىڭ خامۇشلىقىنى، گومۇشلىقىنى بىلمىگەندىمەن؟!سەن ئۆلۈپ كەتكەن ئاتاڭنىڭ بالىسمۇ، يا ئەمەسمۇ؟ ئېسىت سېنىڭ ئوغۇل بالىلىقىڭ...
     ئايالىم غورۇرىمغا تېگىدىغان گەپلەرنى بەك كۆپ قىلىپ كەتكەچكە، ئۇندىن باشقا ئۆگەي ئاپامغا نەچچە كۈننىڭ ياقى ئاچچىقىم كېلىپ ئىچىم لازا خالتىسىغا ئوخشاپ قالغاچقا، غەزىپىمنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي ئايالىم ئىبادەتنى تاراس-تۇرۇس ئىككى شاپىلاق ئۇرۇۋەتتىم. ئۇ ئىككى شاپىلاق زەربىسىدىن ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىغا گۈپ قىلىپ يىقىلىدى-دە، يەنە دەرھال ئورنىدىن تورۇپ، ئالمان- تالمان ئاتا- ئانىسنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتتى.
    ئارىدىن ھەپتە ئون كۈندەك ئۈتتى. مەن بۇ جەرياندا ئۆيدىكى ئىككى بالىغا ھەم ئاتا، ھەم ئاپا بولۇپ ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىپ، ھېرىپ كېلىپ بالىلىرىم كىچىك بولغاچقا، قازان بېشىغا ئۆتۈپ تاماق ئىتىپ، بالىلارنى توقلاش ئىشلىرىنى شۇنداقلا ئۆيدىكى كىر- قاتلارنى يۇيۇش ئىشلىرىنى قىلىپ ھۇش-كاللام چىقتى. چۈنكى بۇرۇنلاردا تاماق ئېتىپ، كىر- قات يۇيۇپ باققان ئادەم ئەمەس ئىدىم. 
    ئايالىم يامانلاپ كەتكەندىن بۇيان ئۇنىڭ قەدرى تازا ئۆتۈلدى. ئۆينىڭ، ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئىشلىرى ماڭا قېلىپ، تۇنجى رەت ئۇنى بىھۇدە ئۇرۇپ قويغىنىمغا پۇشايمان قىلغانمۇ بولدۇم.
    ئارىدىن ئۈچ كۈندەك ئۆتۈپ، ئاغىينىلىرىم مېنىڭ جاپا تارتىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ ئارىغا كىرىشىپ، قېيىن ئاتام، قىيىنئاپاملارغا، ئايالىمغا بىر مۇنچە خىزمەت ئىشلەپ ئايالىم ئىبادەتنى ئۆيگە ئەپكىلىپ قويدى. مەن بىر نەچچە كۈنگىچە ئايالىم ئىبادەتكە ئارتۇقچە گەپ قىلمدىم.
    ئاتام ۋاپات بولۇپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئىككى ئايمۇ ئۈتۈپ كەتتى. مۇشۇ جەرياندا ئۆگەي ئاپام ھاشىخان ئاتامدىن مىراس قالغان نەرسىلەرنى ئۆي ۋە كۇپاڭلىرىغا يىغىپ سولاپ بولدى. يەرلەرگە بولسا قىزى بىلەن ئىككىسى ئىشلىمەكتە ئىدى. مېنى خۇددى ئاتامنىڭ ئۆگەي بالىسى قاتارىغا چىقىرۋەتتىمۇ نېمە؟ مەن ۋە ئايالىم ئاپامنىڭ كۆڭلىدىن چىقىرۋىتىلگەن ئوخشىمامدىمەن؟ دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم ۋە بىر كۈنى ئىچىمدىكى دەرتلىرىمنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي، ئۆگەي ئاپامغا ئېغىز ئاچتىم:
    - ئاپا ساڭا دەيدىغان گەپلىرىم بار ئىدى- دىدىم ئۇنىڭغا.
    - ھە نېمە گەپ؟- دىدى ئۇ چىرايىنى جىددى تۈسكە كىرگۈزۈپ تۇرۇپ.
    - مەنمۇ ئايرىم ئائىلە قۇرغان ئادەم، ئاتامدىن قالغان يەر، تەك، مال-مۈلۈكلەرگە مەنمۇ بىر ئاز شېرىك بولايمىكىن دەيمەن، يەر، تەك بولمىسا جاننى جان ئەتمەك بىر ئاز تەسكە چۈشۈدىكەن- دىدىم. 
    - سەن يەر، تەكنى مەندىن ئالساڭ بىز ئانا-بالا قانداق قىلىپ جاننى باققۇدەكمىز؟ سەن دېگەن ئوغۇل بالا. ئۇنىڭدىن باشقا ياش، سىلەر باشقا كىشلەرنىڭ يەرلىرىنى كۆتىرە ئېلىپ تېرىپ تىرىكچىلىك قىلساڭلارمۇ بولىدۇ، مەن قېرى جېنىم بىلەن ئۇنداق قىلالمايمەن، بارى يوق يەر ئارانلا تۆت مو ، ئىككى جانلىقلا يەر، سەن يېرىمنى ئېلىۋالساڭ نېمىسى قالىدۇ بۇ يەرنىڭ؟ مەن يەر، مۈلۈكلەرنى ساڭا بەرمەيمەن-دىدى غەزەپكە تولۇپ ئاچچىقى بىلەن.
    ئۇ ئۇنداق دەپ، مەن مۇنداق دەپ ئىككى تەرەپ ئاتامدىن قالغان يەر ۋە تەك شۇنداقلا مال- مۈلۈكلەردىن ئىبارەت مىراسلارنى تالىشىش جەريانىدا ئۆز-ئارا كېلىشەلمەي گەپ تاكاللىشىپ ئۇرۇشۇپ قىلىپ، ئۆز-ئارا باردى - كەلدى قىلىشماي، بىر-بىرىمىزگە تەتۈر قارىشىپ، گەپمۇ قىلىشماي يۈردۇق. 
    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىدىن يەتتە يىل ئۈتۈپ كەتتى. بۇ يەتتە يىل جەريانىدا مەھەللىدىكى بىر قىسىم ئەمگەك خۇشياقماس كىشىلەرنىڭ 15 مودەك تەكلىگىنى ھۆددىگە ئېلىپ ئىشلەپ، تۇرمۇشۇمنى گۈلدەك ئورۇنلاشتۇرۋالدىم. يەتتە يىل جەريانىدا تاپقان پۇلۇمغا خىشتىن بەش ئېغىزلىق ئۆينىمۇ سېلىۋالدىم، بانكىدا  30مىڭ يۈەندەك پۇلۇم, ئېغىلدا 10 تۇياق قويۇم ھەم ئىككى تۇياق كالام بار بولدى.
    مەن بۇرۇنقىدەك خىيالدا بولغان بولسام، ئاتامدىن قالغان تۆت مو يەرنىڭ ئىككى مو يېرىگە قاراپ ئولتۇرغان بولسام باي بولۇش يىراقتا تۇرسۇن ئايالىم ۋە ئىككى بالامنىڭ جېنىنىمۇ باقالماي يۈرەر ئىكەنمەن. ھازىر ئويلىسام بىر ھېساپتا ئۆگەي ئاپامنىڭ ماڭا يەر بەرمىگىنىمۇ ياخشى ئىش بولۇپتۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن.
    ھەش-پەش دېگۈچە بۇ يىلقى قۇربان ھېيتمۇ كۈن-كۈنلەرنى، كۈنلەر بولسا ئايلارنى قوغلاپ قىشتا يىتىپ كەلدى. بۈگۈن ئايەم بولۇپ، قۇياش باشقا كۈنلەردىكىگە قارىغاندا ئوچۇق ھەم يورۇق چىققان بولۇپ، قۇياش ئۆزىنىڭ نۇرلىرى بىلەن نەچچە كۈندىن بۇيان ياققان قارلارنى ئېرىتىپ، ئۆزىنىڭ نۇرى ۋە مېھرىنى ئانا زىمىنگە سېخىيلىك بىلەن سەپمەكتە ئىدى.
   ئۆتكەندە روزى ھېيتتا مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئۈتەشتىن بۇرۇن كەنتىمىزنىڭ ياش ئىمامى ناماز ئەھلىگە ۋەز-نەسىھەت قىلىپ:
    - ھاراق شاراپنى ئىستىمال قىلماسلىق كېرەك، ھاراق-شاراپنى كۆپ ئىستىمال قىلىۋەرگەندە ئادەمنى ئىش خۇشياقماس قىلىپلا قويماي، بىر قىسىم ناشايان ئىشلارنى بىلىپ-بىلمەي قىلىپ سالىمىز، ئۇندىن باشقا گەپ قىلىشمايۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقان، خۇلۇم-خۇشنىلار بولسۇن ئۆز-ئارا ھېيت مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ گەپ قىلىشىپ قالىنى، شۇ چاغدىلا ئىمانىمىز يېڭىلىنىپ،كۆڭلىمىز يورۇيدۇ، ئۆزىمىزنى ئازادە، ئەركىن، خۇشال ھېس قىلىمىز؛ ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەت قىلايلى، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالايلى، چۈنكى ئاتا-ئانىلار بىزنىڭ مۇشۇدۇنياغا كۆز ئىچىشىمىزغا، ئاپىرىدە بولىشىمىزغا سەۋەپ قىلغان كىشىلەردۇر. بىز ئاتا-ئانىلارسىز مەۋجۇت بولغان ئەمەس. ئاتا-ئانىلارنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن- دېگەن سۆزلىرى يادىمغا كېلىۋىلىپ، مېنى يەتتە يىلدىن بۇيان ئازاپلاپ كەلمەكتە ئىدى.
    ئۆگەي ئاپام ھاشىخان بىلەن گەپ قىلىشمىغان يەتتە يىلدىن بۇيان ئۈيىمىز بىر يەردە بولغاچقا كۈندە دېگۈدەك ئۇچرىشاتتۇق، يۈرۈگۈم ئۆرتىنىپ ئۆزەمنى، يۈرۈگمنى پارچىلىنىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، ئۆگەي ئاپامنى، قىزى ھەمراخاننى بىرەر ئورۇن ياكى بىرەر جايدا كۆرسەملا روھىم قورۇلۇپ، ئەركىم بۇغۇلغاندەك ئۆزەمنى بىچارە سېزىدىغان بولۇپ قالدىم.
    بۈگۈن ئەتىگەندىن بۇيان كاللامغا: « ئۆگەي ئاپاملار بىلەن گەپ قىلىشىپ بۇرۇنقىدەك ياخشى ئۆتسەك بولمامدىغاندۇ؟» دېگەن خىيال كىرىۋالدى. ئولتۇرسام- قوپسام، ئۆيگە كىرسەم- چىقسام شۇلا خىيال. خۇددى قېرى قىزنىڭ خىيالىغا يىگىت كىرىۋالغاندەك. بۈگۈن بۇ خىيالىمنى ئايالىمغا دەۋالمىسام ئىچىم ئاچچىق بولۇپ ۋاقتى كەلسە پارتلاپ كېتىدىغان بومبىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. بۇ خىيالىمنى ئايالىمغادەيمۇ، دېمەيمۇ؟ دېسەم نېمە دەر؟ مۇبادا دېسەم ئايالىم « ھەي كالۋا، ھۇشى يوق، ساڭا ئاتاڭدىن قالغان يەر، تەك، مال-مۈلۈكلەرنى شۇ ئاپاڭ ئىگەللىۋىلىپ بەرمىسە، يەنە بۈگۈنكى كۈندە شۇلارغا يېلىنىپ گەپ قىلىمىزمۇ؟» دېسە نېمە دەرمەن؟- دەپ ئويلاپ، بېشىمنىڭ ئىچى-تېشى بەك قاتتى. ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ نېمىلا بولمىسۇن دەپ باقاي، دېگەن نىيەتتە گەپ تەشتىم:
    - ئىبادەت، ئۆگەي ئاپام بىلەن گەپ قىلىشىپ، تۈزۈلىشىپ قالساقمىكىن دەپ ئويلاپ يۈرگىلى ھەپتىدىن ئاشتى. سىزنى ئەيىپلەپ كىتەرمىكىن دەپ ئېغىز ئاچالماي يۈرگەنتىم. سىزنىڭچە بولارمۇ؟- دىدىم.
    - ناھايىتى ياخشى ئويلاپسىز، مەنمۇ شۇنداق دەپ ئويلاپ يۈرگىلى بىر نەچچە كۈن بولغان، ھېيتنىڭ باھانىسىدا بىز كىچىك ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى يوقلاپ كىرىپ ، بىزدىن ئۈتكەن يەرلەر بولسا بوينىمىزغا ئالساق يەنىلا ئاچچىقلىنىپ يۈرمەس، قەدىمدىن تارتىپ ئىگىلگەن باشنى قىلىچ كەسكەن ئەمەسقۇ؟! مۇنداق قىلايلى پۇلىمىز بولغاندىن كېيىن ئاپىمىزغا 100 يۈەنلىك، سىڭلىمىزغا 100 يۈەنلىك كىيىم- كېچەك ئېلىپ كىرەيلى، ئېغىلدا قويلىرىمىز بولغاندىن كېيىن ئەتە قۇربان ھېيت نامىزىنى ئۆتەپ بولۇپ، مەسچىتتىن يېنىپ ئاتا - ئانىڭىزنىڭ قەبرە بېشىنى يۇقلىۋەتكەندىن كېيىن ئۆيگە قايىتپ كىرسىڭىز قوينىڭ يوغىنىدىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىپ بېرەيلى، شۇندىلا ئۆگەي ئاپىمىز بىزدىن مىڭ مەرتىۋە رازى بولۇپ، ئوتتۇردىكى ئاداۋەتلەر يۇيۇلۇپ، ئاتىمىزنىڭ روھىمۇ بىزدىن خۇش بۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟- دىدى.
    - توغرا ئېيتتىڭىز،  شۇنداق قىلايلى- دىدىم ئايالىمنىڭ گېپىنى قۇۋەتلەپ. بىز قۇربان ھېيتنىڭ ئۇلۇغ ئايەم كۈنىدە ئايالىم ئېيتقاندەك ھاشىخان ئاپامغا، سىڭلىمىزغا 100 يۈەنلىكتىن كىيىم-كېچەك ئىلىپ، بىر لېگەن گۆشلۈك پولونى ئېتىپ ، خۇددى بۆكىمىزنى ئېلىپ قالىدىغاندەك مىڭ تەسلىكتە ئاستا قەدەم ئېلىپ يەتتە يىل قەدەم باسمىغان ئاپىمىزنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. بىزنىڭ كىرگىنىمزنى كۆرگەن ئۆگەي ئاپام ھاشىخان شۇنداقلا سىڭلىمىز ھەمراخان ھاڭ-تاڭ بولۇپ كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەندەك قاققان قوزۇقتەكلا تۇرۇپ قالدى.
    -سالام ئاپا، سالام سىڭلىم ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!- دىدىم.
    -سىلەردىن بولسۇن بالىلىرىم- دەپلا ئاپام ھاشىخان بىزگە ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى، بىر چەتتە سىڭلىم ھەمراخانمۇ بىزگە قاراپ يىغلىماقتا ئىدى.
    -يىغلىما ئاپا، ئۆتكەندە بىز سېنىڭ ئالدىڭدا كىچىكلىك قىلىپ قويۇپتىمىز. شۇ سەۋەپتىن مال-دۇنياغا بېرىلىپ سەتلىشىپ، يۇرت-جامائەت ئالدىدا يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، ئىككى ئوتتۇردا ئاداۋەت پەيدا بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت گەپلەشمەي ناھايتى سەت ئىش قىلدۇق، بىزنى كەچۈرگىن! بالا دېگەن ئانىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈگە بالا-دە- دېدىم مەنمۇ كۆزلىرىمگە ياش ئىلىپ.
    - ئۇنداق دېمىگىن بالام، ئۇ چاغدا مەندىنمۇ ئۆتتى. مەن مال-دۇنياغا بېرىلمىگەن بولسام ئانا-بالا ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ كېتەر ئىدۇق. مەن شۇ كۈنلەردە رەھمىتى ئاتاڭدىن ئايرىلىپ ئەس يادىم جايىدا ئەمەس، تۇتقان قويغۇنۇم ھەتتا كاللاممۇ جايىدا ئەمەس، نېرۋام چېچىلىپ بىر ساراڭنىڭ ئۆزىگە ئايلىنىپ قاپتىمەن، «ئادەم قېرىغاندا ئېشەك تېزىگى ئالتۇنغا ئايلىنىپ كۆرۈنىدۇ» دېسە نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن. شۇ چاغدا شۇنداق بۇلۇپ قاپتىمەن. ئاتاڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن بۇيان سىلەر بىلەن زىدىيەتلىشىپ قېلىپ، يەتتە يىل جەريانىدا كۆپ ئازاپلاندىم. ھازىر ئويلىسام مەندىن كۆپ سەۋەنلىك، خاتالىقلار ئۈتۈپتۇ، كەچۈرگەن بولساڭلار-دېدى ئۆگەي ئاپام يىغلاپ. 
    - بولىدۇ ئاپا بىزنى سەن، سېنى بىز كەچۈرۈپ ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىپ، بۇرۇنقىدەك بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ ئۈتەيلى، بۇرۇنقى ئاداۋات زىدىيەتلەر بۈگۈندىن باشلاپ ئۇلۇغ ئايەم كۈنىدە يوقالسۇن-دېدىم ئاپامغا قاراپ.
    - شۇنداق بولسۇن بالام، ناھايىتى توغرا گەپ قىلدىڭ، ئەقلىڭگە مىڭ مەرتىۋى باركاللا بالام. قېنى تۆرگە ئۆتۈڭلار بالىلىرىم - دېدى ئاپام ئۆينىڭ تۆرىسىنى ئىما قىلىپ.
    -قېنى ئاپامدىن كەلسۇن- دېدىم مەن تەكەللۇپ قىلىپ. 
    - ياق بولمايدۇ بالىلىرىم ، بۈگۈن باشقا كۈنلەرگە ئوخشىمايدىغان ئۇلۇغ ئايەم ھەمدە ناھايتى ئەھمىيەتلىك كۈن بولدى ئەمەسمۇ؟-دېدى ئاپام. بىز ئاخىرى ئۆينىڭ تۆرىسىگە چىقتۇق. قائىدە بويىچە دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئايالىم:
    -ئاپا، سىڭلىم بىز سىلەرگە نەچچە يىلنىڭ ياقى ئوبداق قارىيالمىدۇق، شۇڭا بۇ قېتىم سىلەردىن ئەپۇ سورىغاچ، ئاددى بولسىمۇ يوقلىغاچ، ئايەم مۇناسۋىتى بىلەن كىردۇق-دېدى ئايالىم سىڭلىمغا كىيىم-كىچەكلەرنى تەڭلەپ تۇرۇپ. 
    - ئۇنداق قىلمىساڭلارمۇ بولمامدۇ، بىز سىلەرنى يوقلىيالمايۋاتساق- دىدى ئاپام خىجىل بۇلۇپ.
    بىز بۇنىڭدىن يەتتە يىل بۇرۇنقى بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يېدۇق، ئۆيدىكى ھەممىمىز يەنى ئاپام، سىڭلىم، مەن، ئايالىمنىڭ كۆڭلى چەكسىز شاتلىققا، بەخىتكە، ئەركىن- ئازادىلىككە تولغان ئىدى.
    ئارىدىن بىر كېچە ئۆتۈپ ئەتىسى ئۇلۇغ قۇربان ھېيت كەلدى. مەن ئاپاملارغا ئېغىلدىن يوغان بىر قوينى ئېلىپ چىقىپ، سويۇپ قۇربانلىق قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلىدىم. بىز ھەممىمىز چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەن ئىدۇق. زېمىنمۇ، ئاسماندىكى قۇياشمۇ ماڭا كۈلۈپ تۇرغاندەك كۆرىنەتتى... .مانا بۇ خۇشاللىق ئۇلۇغ قۇربان ھېيتنىڭ خاسيىتىدىن بولسا كېرەك.


(ئاپتور پىچان ناھىيە پىچان يېزا ماچاڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە)

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY