باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-8-18 02:56 | ئاپتور: ماچاڭى | مەنبە: ئۆزئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئۆزگىرىش

ئۆزگىرىش


(ھېكايە)
ھﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ ﺳﯩﻴﯩﺖ ﺑﺎﮬﺎﯞﺩﯗﻥ


    ئادىلجان چۈشتىن كېيىن تېلىۋىزىيە ئۇنۋېرستىتىغا ئوقىغىلى بارماي، ئۇدۇل ناھىيلىك دوختۇرخانىدىكى ئاغىنىسى شۆھرەتنىڭ يېنىغا باردى. تىنچلىق-ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، شۆھرەت ئادىلجاندىن:
    -چۈشتىن كېيىن مەكتەپكە بارمىدىڭمۇ؟- دەپ سورىدى.
    - سېنىڭ يېنىڭغا مۇھىم بىر ئىش بىلەن كەلگەن ئىدىم.
    - قانداق مۇھىم ئىش ئۇ؟ 
    -شۆھرەت، چىمەنگۈل بىلەن يۈرىۋاتقىنىمنى بىلىسەن، بىز ئادەتتە ياخشى ئۆتىمىز، لېكىن مەن ئۇنىڭ قانداقلىقىنى ھەقىقىي بىلىپ يەتمىدىم، شۇڭا ئۇنى بىلىش ئۈچۈن بىر قېتىم سىناپ كۆرەي دەيمەن، مېنىڭ ئۇنى سىنىشىم ئۈچۈن سەن بۇ قېتىم بىرياردەم قىلساڭ بوپتىكەن. بۇ ئىش سېنىڭ قولۇڭدىن كېلىدۇ.
    - قانداق ياردەم قىلىمەن؟- دەپ سورىدى ئەجەپلەنگەن ھالدا شۆھرەت.
    - قانداق ياردەم بولماقچىدى؟ سەن ناھىيمىز بويىچە ئۇستا ھەم نامىڭ بار داڭلىق دوختۇر بولغاندىن كېيىن، ماڭا « يۈرەك كېسىلى» دەپ دىئاگنوز قويۇپ، دىئاگنوز قەغىزىگە دورىلانىمۇ يېزىپ بەرگىن ھەمدە باشقىلار سوراپ قالسا، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ، داۋالىغان بىلەنمۇ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ھاياتى ئىككى يىلغا قالماي ئاخىرلىشىدۇ،-دېگىن. شۇنىڭ بىلەن مەن يالغان كېسەل بولىۋېلىپ مەكتەپكىمۇ بارماي ياتىمەن، شۇ چاغدا چىمەنگۈلنىڭ ماڭا قانداق قارايدىغانلىقى ئاشكارلىنىدۇ. قانداق بولامدۇ؟
    شۆھرەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر پەس سۈكۈت ئىچىدە تۇرغاندىن كېيىن:
    - بولىدۇ، ياخشى ئويلاپسەن. مەن ساڭا ياردەم قىلاي، توي ئىشى ئۆمۈر سودىسى ئەمەسمۇ؟-دەپ مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، قولىغا قەلەم ئېلىپ « دىئاگنوز قەغىزى»گە ئادىلجاننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى يازدى، دورىلارنىمۇ بەردى. ئادىلجان شۆھرەت بىلەن خوشلۇشۇپ قايىتىپ كەتتى.
    ئادىلجان شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆيىدە « كېسەل» بولۇپ ياتتى.
    ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ئادىلجاننىڭ ئاغىنىسى ھەم ساۋاقدىشى ئەركىن كىرىپ كەلدى ۋە:
    - ئادىلجان ياتىسەنغۇ، مەكتەپكە بارىدىغان ۋاقىت توشۇپ كەتسە؟- دەپ سورىدى ھەيران بولۇپ. 
    - تۈنۈگۈن مەكتەپكە كېتىۋىتىپ مەيدەم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئاخىرى چىدىيالماي دوختۇرغا كۆرۈندۈم، دوختۇر تەكشۈرۈپ، ماڭا«ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك كېسىلى» دەپ دىئاگنوز قويۇپ مۇنۇ دورىلارنى بېرىپ، ئۆيدە داۋالىنىشىمنى ئېيتتى،- دېدى ئۇ ئۈچ بولاق دورىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا.
    ئەركىننىڭ چىرايى دەرھال ئۆزگەردى-دە:
    - كېسەلگە ئامال قىلغىلى بولمىغىدەكمۇ؟- دەپ سورىدى.
    - دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، كېسەلنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇدەك، شۇڭا زادى ئامال يوق دەيدۇ،- دېدى ئادىلجان قولىغا « دىئاگنوزقەغىزى» نى ئېلىپ،- سەن مەكتەپكە بارساڭ ئابلىز مۇئەللىمگە كېسەللىك ئەھۋالىمنى ئېيتىپ، بۇنى بېرىپ قويغىن، ياخشى بولۇپ قالسام بارارمەن.
ئەركىن بىلىكىدىك ىسائەتكە قارىدى، سائەتنىڭ ئىستىرېلكىسى ئىككىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇ ئورنىدىن ئاستا قوزغىلىپ، سائەتنىڭ توشۇپ قالغانلىقىنى ۋە ئادىلجاننىڭ يېنىغا پات-پات كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ مەكتەپكە ئىتتىك يۈرۈپ كەتتى.
    ئەركىن مەكتەپكە بېرىپ دەرسخانىغا ئالدىراپ كىردى-دە، ئۆز پارتىسىدا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاشقا باشلىدى. 
    ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرس ۋاقتىمۇ توشتى. ئەركىن سىنىپ مۇدىرى ئابلىز مۇئەللىمگە ئادىلجاننىڭ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، يانچۇقىدىن « دىئاگنوز قەغىزى» نى چىقىرىپ سۇندى، ئابلىز مۇئەللىم «دىئاگنوز قەغىزى»نى ئېلىپ، « ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك كېسىلى» دېگەن خەتلەرنى ئوقۇپ، يۈرۈكى رىتىمسىز سوقۇشقا باشلىدى-دە:
    - ھەي، ئادىلجانغا چاتاق بوپتۇ، ئۇنىڭ ئوقۇشىزە،- دېدى ئىچى سىيرىلغان ھالدا.
    بۇ ئەھۋالىنى ئۇققان چىمەنگۈلنىڭ چىرايىدا جىددىيلىك كۆرۈلدى، قۇلىقىغا ئىشەنمىگەندەك ئەركىندىن ئادىلجاننىڭ ئەھۋالىنى قايتا-قايتا سورىدى-دە، دەرسىخانىدىن چىقتى.
    ئادىلجان «كېسەل » بولۇپ يېتىپ قالغان تۆت كۈندىن بېرى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، ساۋاقداشلىرى،خىزمەتداشلىرى ۋە ئاغىنىلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلمەي دېگۈدەك ئۇنى يوقلاپ تۇردى. پەقەت ئادىلجاننىڭ ئىككى يىلغا يېقىن يۈرگەن قىزى چىمەنگۈل كەلمىدى. بەشىنچى كۈنى كەچتە ئادىلجاننىڭ ئاغىنىسى ئەركىن چىمەنگۈلنىڭ ئادىلجانغا يازغان بىر پارچە خېتىنى ئېلىپ كەلدى.
    خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى: 
    << قەدىرلىك ئادىلجان ، ياخشىمۇ سىز؟ ئەھۋالىڭىز قانداقراق، ياخشى يېتىپسىزمۇ؟ مەن سىزنى يوقلاپ بارماقچى ئىدىم، لېكىن ۋاقىت بەك قىس بولغاچقا بارالمىدىم، بوش ۋاقتىم چىقسا بارارمەن. بۇنىڭدىن بەش كۈن بۇرۇن ئەركىن ئارقىلىق سىزنىڭ«ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك كېسىلى»گە گىرىپتار بولغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ، خۇددى بىرسى يۈرىكىمنى پىچاق بىلەن تىلغاندەك تولغىنىپ كەتتىم-دە، ئاخىر دەرسمۇ ئاڭلىماي ئۆيگە قايتىپ بېرىپ، ئۆزۈمنى كارۋاتقا ئېتىپ يىغلاشقا باشلىدىم. يىغا ئاۋازىم قاتتىق چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئانام ھۇجرامغا كىرىپ مېنىڭ يىغلاش سەۋەبىمنى قايتىلاپ سوراشقا باشلىدى. مەن سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى ئانامغا دېمەي، دېگەنىدىم. بىراق مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە دېمەسلىكك ەمەندە چارە بولمىدى. يىغلاپ تۇرۇپ سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى ئانامغا دەپ سالدىم. ئانام گىپىمنى ئاڭلاپ، ماڭا تەسەللى بەردى ۋە مېنىڭ كۆڭلۈمنى ياساپ چىقىپ كەتتى. ئاخشىمى ئاتام بىلەن ئانام مېنى تاغامنىڭ ئوغلىغا ياتلىق بۇلۇشقا قىستىدى. چوڭلار بىزنىڭ بېشىمىزنى قوشۇپ قويۇشقا ئون يىل بۇرۇن پۈتۈشۈپ قويغان ئىكەن. ئاتام بىلەن ئانامغا يالۋۇرغان بولساممۇ ئۇلار گېپىمگە قۇلاق سالمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۆزەم قىلچىمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان بىر نەۋرە ئاكام بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. سىزگە يۈز كېلەلمەيمەن، مەندىمۇ نېمە ئامال بولسۇن، مېنى كەچۈرۈڭ ئادىلجان، مەنمۇ سىزنىڭ مېنى كەچۈرۋىتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن، سىزدىن شۇنى ئۈتۈنىمەنكى، ئازاپلانماڭ، پەقەتلا ئازاپلانماڭ، مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. >>
    ئەركىن ئادىلجاندىن:
    - نېمە دەپ يىزىپتۇ؟- دەپ سورىدى.
    - چىمەنگۈل مەندىنمۇ ناسىۋىتىنى ئۈزۈپتۇ.
    - يالغان ئېيتمىغانسەن؟
    - ئىشەنمىسەڭ كۆرۈپ باق،- ئادىلجان قولىدىكى خەتنى ئەركىنگە بەردى. ئەركىن خەتنى بىر قۇر ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئادىلجاننىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، كونىلار بىكاردىن « ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالسى ئىچىدە» دېمەپتىكەن-دە، دېدى ئىچىدە.


( ئاپتور  پىچان ناھىيە پىچان يېزا ماچاڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە )

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY