باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-9-6 15:31 | ئاپتور: ماچاڭى | مەنبە: ئۆزئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

كۆپۈك(ھېكايە)

كۆپۈك

(ھېكايە)
ھەبىبۇللا سىيىت باھاۋۇدۇن


    گۈلباغ مەكتەپ ئادەتتە ھەر بىر ئوقۇتقۇچىدىن ھەر مەۋسۈمدا ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ھېس قىلغان، يەكۈنلىگەن، يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە ئىپادىلەنگەن تەجرىبە-ساۋاقلىرى ئاساسىدا ئىلمىي قىممىتى بار ماقالىلەردىن ئىككىدىن- ئۈچ پارچىغىچە يېزىپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلاتتى.
    ئوقۇتقۇچىلار ماقالە يېزىىپ مەكتەپكە تاپشۇرغاندىن كېيىن، مەكتەپ گۇرۇپپا تەشكىللەپ نۇمۇر قويۇپ باھالايتتى. ماقالە ئالاھىدە ياخشى بولسا دەرىجىگە ئايرىپ مەكتەپ بويىچە مەۋسۇم ئاخىرىدا مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلاتتى ھەم ماقالىنى ياخشى يازغان ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ماقالىسىنى ئوقۇپ تەجرىبە تونۇشتۇراتتى. 
    ئەگەر ئوقۇتقۇچىلار بىر مەۋسۇمدا ئىككىدىن -ئۈچ پارچىغىچە ماقالە يېزىپ تاپشۇرالمىسا مەكتەپ«ئوقۇتقۇچىلار پائالىيىتىنى نۇمۇر قويۇپ باھالاش نىشانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن نۇمۇر بېرىلمەيلا قالماستىن ھەتتا ماقالە تاپشۇرمىغان ئوقۇتقۇچى لاياقەتسىز باھالىنىپ كېيىنكى مەۋسۇمدا ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىنمايتتى.
    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ھەر خىل تەكشۈرۈش، ۋەزىپىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن بىر مەۋسۇممۇ توشۇپ قالدى. تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى رازىيە ھەرقانچە ئويلىنىپمۇ بىرەر پارچە كىشىنى قايىل قىلغۇدەك ماقالە يېزىپ پۈتتۈرەلمىدى.
    مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش-تەتقىقات مۇدىرى زورىگۈل بۇندىن ئۈچ كۈن بۇرۇنقى يىغىندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يازغان ماقالىلىرىنى تىزدىن مەكتەپ ئوقۇتۇش-تەتقىقات ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇشىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. رازىيەنىڭ ئىشخانىداشلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى يازغان ماقالىلىرىنى مەكتەپكە تاپشۇرۇپ بولغان ئىدى. رازىيە ماقالىنى تاپشۇرالمىسا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئاخىرى كەسىپداش دوستى ئايشەمگۈلگە يالۋۇرپ: 
    -دوستۇم ئايشەم، سىزنىڭ يولدىشىڭىز يازغۇچى بولغاندىن كېيىن ماڭا بىر-ئىككى پارچە ماقالە يېزىپ بەرسە بوپتىكەن. ئالدىمىزدىكى ئۆتكەلدىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈۋالساملا يولدىشىڭىزنىڭ، شۇنداقلا سىزنىڭ قىلغان ياخشىلىقىڭىزلەرنى ئۇ دۇنيا-بۇدۇنيا ئۇنتۇمايتتىم.-دىدى.
    -بولىدۇ دوستۇم. دوسىت دىگەننى ئۆلتۈرۈپ يېگىلى بولمىسا، مۇشۇنداق باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتمىغان دوستنى دوست دېگىلى بولامدۇ، مەن سىزگە ياردەم قىلاي. سىز ئەنسىرمەڭ-دەپ رازىيەنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى ئايشەم.
    ئايشەم دەرىسى يوق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ دوستى رازىيەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن شورباغ مەكتەپتە خىزمەت قىلىدىغان يولدىشى زاھىرنىڭ يېنىغا باردى-دە، يولدىشىغا ئېغىز ئېچىپ:
    -ئوقۇتقۇچىلار ماقالە يېزىپ مەكتەپكە تاپشۇرمىسا بولمايدىكەن. شۇڭا يازغان ماقالىلىرىڭىزدىن بەش-ئالتە پارچە بەرگەن بولسىڭىز، مەكتەپكە تاپشۇراتتىم. ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئىككىدىن ئۈچ پارچىغىچە ماقالە تاپشۇردىكەنمىز، دوستۇم رازىيەمۇ ماقالە يازالماپتىكەن، ياردەم قىلغان بولسىڭىز-دەپ بەك يالۋۇرۇپ كەتتى.- شۇڭا ئىككىمىزگە بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز-دېدى. 
    -يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدىن بۇيان يازغان 9-10پارچە ماقالەمغۇ بار، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك «شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلى بىلەن «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»گە ئەۋەتىۋەتكەن. شۇڭا بەرگىلى بولماسمىكىن، مۇبادا ئېلان قىلىنىپ قالسا سىزگىمۇ، دوستىڭىزغىمۇ سەت بولىدۇ-دېدى زاھىر يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن.
    -ماقالىلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا قاچان ئەۋەتكەن؟-دەپ سورىدى ئايشەم.
    -ماقالىلەرنى ئەۋەتىۋەتكىلى 4-5 ئاي بولۇپ قالدى. ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى چىققان گېزىت-ژۇرناللارنى كۆرۈپ چىقىمەن، ھېچ يەردە كۆرۈنمەيدۇ. ماقالىلىرىم بېسىلىدىغاندەك ئەمەس-دېدى زاھىر ئايشەمگە قاراپ.
   -4-5 ئايغىچە بېسىلمىغان ماقالە ئەمدى ھەرگىز بېسىلمايدۇ، قۇرۇق تاما قىلىپ ئولتۇرىۋەرمەي ماقالىلىرىڭىزنى ماڭا بېرىپ، خۇش قىلىدىغانلارنى خۇش قىلغاچ تۇرۇڭ. ماقالىلىرىڭىز گېزىت-ژۇرناللارغا بېسىلغان تەقدىردىمۇ مەكتىپىمىزدىكى باشلىقلارنىڭ گېزىت-ژۇرناللاردىكى ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ۋاقتى يوق، شۇڭا بۇ ھەقتە ئەنسىرەپ كەتمەڭ-دېدى ئايشەم.
    زاھىر مۇئەللىم ئايالى ئايشەمنى قايىل قىلىشقا كۆزى يەتمەي، ئاخىرى يېقىنقى 1-2يىلدىن بۇيان يازغان ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا يەكۈنلىگەن تەجرىبە-ساۋاقلىرى، يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراشلىرى ئىپادىلەنگەن، ئىلمىي قىممىتى يۇقۇرى ماقالىلىرىدىن 9-10پارچە قاچىلانغان بارماق دېسكىنى «مۇشۇنىڭ ئىچىدە ھەممىسى بار»-دېگىنىچە ئايالىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
    رازىيە مۇئەللىم دوستى ئايشەم ئىلىپ كەلگەن بارماق دېسكىدىن ماقالىلەرنى چىقىرىپ، ئىچىدىن ئۈچ پارچىسىنى تاللاپ مەكتەپ ئوقۇتۇش-تەتقىقات مۇدىرى زورىگۈلگە تاپشۇرۇپ بەردى.


*********************

    گۈلباغ مەكتەپ مەكتەپ مۇدىرى، ئىلمىي مۇدىر، مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىر، ئوقۇتۇش-تەتقىقات مۇدىرى، ئەخلاق-تەربىيە مۇدىرى، ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، شۇنداقلا ماقالە، شېئىر، ھېكايىلىرى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئالىي دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىدىن ئىبارەت يەتتە كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئىلمىي ماقالىلەرنى باھالاش گۇرۇپپىسى پۈتۈن مەكتەپتىكى  50تىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنىڭ يېزىپ تاپشۇرغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى مەكتەپ بېكىتكەن «مەكتەپ ئىلمىي ماقالىلەرنى باھالاشنىڭ ئۆلچەم ۋە شەرتلىرى»گە ئاساسەن باھالاشقا كىرىشتى.
    ماقالىلارنى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈچ كۈنلۈك ئەستايىدىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن باھالاشنىڭ نەتىجىسى چىقتى. نەتىجىدە رازىيە تاپشۇرغان «كۇڭ يىجى ئوبرازى ھەققىدە» ناملىق ماقالە 1-دەرىجىگە، «ئوبراز تىكلەش ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوبرازىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئەھمىيىتى» ناملىق ماقالە 2-دەرىجىگە، ئايشەم تاپشۇرغان <« تاغام ژيول»ھېكايىسىنى قانداق ئۆتتۈم>ن املىق ماقالە 3-دەرىجىگە ئېرىشتى. قالغان ئوقۇتقۇچىلار يازغان ئالتە پارچە ماقالە رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، قالغان 40 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىگە بولسا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن كونا، شۇنداقلا ئوي-پىكىرلىرىدە يېڭىلىق يوق، ئىجادى قىممىتى ۋە بەدىئىيلىكى تۈۋەن، سۆز-جۈملىلىرى راۋان ۋە چۈشۈنۈشلۈك ئەمەس دەپ خۇلاسىلىنىپ، باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن باھالاش نەتىجىسى «مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارلاش تاختىسى»دا ئېلان قىلىنىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا ئاشكارلاندى.
    بۈگۈن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بولۇپ، مەكتەپ چوڭ يىغىن زالىدا ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش، بۇ يىلقى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش شۇنداقلا مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇنەۋۋەر ماقالە ئاپتورلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا چوڭ يىغىن زالىغا يىغىلىش ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. ئوقتۇرۇشنىڭ روھىغا ئاساسەن بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار يىغىن زالىغا كىرىشكە باشلىدى. شۇ ئەسنادا مەكتەپنىڭ گېزىت-ژۇرناللىرىنى تارقىتىشقا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى سائادەتگۈل مەكتەپ مۇدىرىغا پوچتاليون يېڭى ئېلىپ كەلگەن گېزىت-ژۇرناللارنى بەردى. مەكتەپ مۇدىرى ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا بەكمۇ ئامىراق بولغاچقا، يېڭى كەلگەن گېزىت-ژۇرناللارنى يىغىن باشلانغۇچە كۆرۈپ باقاي-دەپ ئويلاپ «شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلى بىلەن «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»نىڭ ئىچىدىكى ماقالىلەرنىڭ ماۋزۇسىنى بىر قۇر كۆرۈپ ئۈلگۈردى.
    ئۇ كۆرگەن گېزىت-ژۇرناللاردا قوشنا شورباغ مەكتەپتىكى كاتتا يازغۇچى، ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ناھىيىگە داڭقى بار ئالىي دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى زاھىر سېلىمنىڭ نامىدا مەكتەپتىكى رازىيە مەن يازغان دەپ تاپشۇرغان «كۇڭ يىجى ئوبرازى ھەققىدە»، «ئوبراز تىكلەش ۋە ئۇقۇتقۇچىلار ئوبرازىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئەھمىيتى»دېگەن ئىككى پارچە ماقالىسى تۇراتتى. مەكتەپ مۇدىرى ماقالىنى كۆرۈپ يا كۈلۈشنى،  يا ئاچچىقلاشنى بىلمەي ئەجەپلەنگەن ھالدا بېشىنى قاشلىغىنىچە "بۇ قانداق ئىش بۇلۇپ كەتتى؟ يەتتە كىشىلىك ئىلمىي ماقالە باھالاش گۇرۇپپىسى ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ باھالاپ چىققان ماقالىلەر بۈگۈنكى كۈندە باشقا ئوقۇتقۇچىنىڭ نامى بىلەن گېزىت-ژۇرنللاردا ئېلان قىلىنىپ يۈرگىنىنى قارىمامدىغان، بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى؟ بۇ ئىككى پارچە ماقالىنىڭ ھەقىقىي ئاپتورى كىمدۇ؟" دىگەنلەرنى ئويلىدى.
    مەكتەپ مۇدىرى ئالىم «شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلى بىلەن «شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى»دىكى زاھىر سىلىمنىڭ ئىسمى ئاستىدىكى ماقالىلەرنى كۆرمىگەن بولسا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى رازىيە 1-،2-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ماقالە ئاپتورى بولۇپ 300يۈەن ۋە 200يۈەندىن جەمىئىي 500يۈەن نەق پۇل بىلەن 1200نەپەر ئوقۇغۇچى، 50تىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىدا بىر مۇنچە مەدھىيە سۆزلىرى بىلەن گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە مەيدىسىگە قىزىل گۈل تاقىغان ھالدا تەقدىرلەنگەن بولاتتى. 
    "قانداق قىلىش كېرەك؟" دېگەنلەرنى ئويلىغان مەكتەپ مۇدىرى ئاخىرى مۇنەۋۋەر ماقالە ئاپتورى بولۇپ باھالانغان رازىيەنى ئىشخانىسىغا چاقىرتتى ۋە ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ سالماقلىق بىلەن:
    -سىز ئۆتكەندە ياخشى ماقالىلەرنى يېزىپ، ماقالە باھالىغۇچىلارنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ياخشى تەسىر قالدۇرغان ئىدىڭىز. شۇ سەۋەپلىك سىز يازغان ماقالىلەرمۇ 50پارچە ماقالە ئىچىدە تاللىنىپ، 1-، 2-دەرىجىلىك باھالانغان ئىدى. ھازىرقى يىغىندا مۇكاپاتلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىز. ھازىر يېڭى چىققان گېزىت-ژۇرناللارغا قارىسام سىز يازغان ماقالىلەر شورباغ مەكتەپتىكى زاھىر سىلىمنىڭ نامىدا بېسىلىپ چىقىپتۇ. بۇ قانداق ئىش، مانا ئۆزىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ-دېگىنىچە قولىدىكى گېزىت-ژۇرناللارنى رازىيە مۇئەللىمگە سۇنۇپ بەردى.
    رازىيە مۇئەللىم مەكتەپ مۇدىرى بەرگەن گېزىت-ژۇرناللارنى بىر قۇر كۆرۈپ، بۇندىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى ئۆزى" مەن يازدىم" دەپ مەكتەپكە تاپشۇرغان چوڭ ھەجىملىك ئىككى پارچە مۇكاپاتلىق ماقالىنىڭ بىرىنىڭ «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»دە، يەنە بىرىنىڭ«شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلىدا زاھىر سىلىمنىڭ نامىدا بېسىلىپ، «ئەسلى بۇ ماقالىلەرنى مەن يازغان، سەن دېگەن باشقىلارنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەيدىغان ساختىپەز، كۆچۈرمىچى» دەۋاتقاندەك بىلىنىپ، ماقالە ئاپتورى، ماقالە ئىسمى گېزىت-ژۇرنال يۈزىدە ئۆزىگە چەكچىيىپ تۇراتتى. 
    " مەكتەپ مۇدىرى چوقۇم مەن تاپشۇرغان ماقالەم شەرىپىگە مېنى ماختاپ كېتىدۇ" دەپ ئىشخانىغا مەغرۇر كىرگەن رازىيە مۇئەللىم گېزىت بىلەن ژۇرنالدىكى باشقىلارنىڭ ئىسمى بىلەن بېسلغان ماقالىنى كۆرۈپ، مەكتەپ مۇدىرى ئالدىدا نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، خۇددى يېلى قاچقان توپتەك بوشىشىپ، قورۇلۇپ ھەم تەرلەپ چېكىسىدىن تامغان تەرلەر يۈزلىرىنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى. ئۇ نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولۇپ، خىجالەتچىلىك ئىچىدە خۇددى قوقاسنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك قىينىلىپ كەتتى. ھازىر ئۇنىڭغا كىرىپ كىتەي دېسە يەر قاتتىق، چىقىپ كىتەي دىسە ئاسمان ئېگىز بىلىنمەكتە ئىدى.
    -مۇدىر مىنى كەچۈرۈڭ، مەن ئەسلى ماقالە يازالماي، ئىشخانىدىشىم ئايشەم ئارقىلىق ئۇنىڭ يولدىشى زاھىر سېلىمنىڭ ماقالىسىنى بارماق دېسكا ئارقىلىق مەكتەپكە ئەكەلدۈرۈپ چىقىرۋالغان ئىدىم-دىيەلىدى ئۆمچەيگىنىچە.
    شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مەكتەپ بەلگىلەپ بەرگەن ئىككىدىن- ئۈچ پارچىغىچە ماقالە يېزىپ تاپشۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمايلا قالماي، مەكتەپ بويىچە مۇنەۋۋەر ماقالە ئاپتورى بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا مەغرۇر چىقىپ، مۇكاپاتلىنىش، شۆھرەت قازىنىش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلاندى.


2010-9-12 پىچان
«تۇرپان»ژۇرنىلى 2011-يىل 3- ساندىن ئېلىندى.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY