يوللانغان ۋاقىت: 2011-9-13 09:17 | ئاپتور: ئەخمەق | مەنبە: ئەخمەق | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
قاراش
قاراش
(ئەخمەق)
ئۇ ئالدى تەرەپتىن بىر قىزنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ قالدى ، قىز ئۆتۇپ كەتكەندىن كېيىن كەينىگە بۇرۇلۇپ قىزنىڭ قارىسى يۇتكىچە قاراپ تۇردى .
بىر مەزگىلدىن كېيىن قىزنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى،
شۇنىڭدىن ئېتبارەن ئۇ قىزغا باغلىنىپ قالدى .
ئۇ ھەركۇنى قىزنىڭ ئىش ئورنىغا بىرىپ قارايتتى ، قىزنىڭ ئىشتىن چۈشكەندە ، ئۆتەر يولىدا دوقمۇشتا تۇرۇپ قارايتتى .
ئۇ پەقەت قارايتتى ، مۆلدۇرلەپ ، تەلمۇرۇپ قاراپلا تۇراتتى .
قىزغا خىيالىدا نۇرغۇن گەپلەرنى قىلاتتى ، قىز تاتلىق كۇلۇپ جىمجىتقىنا قۇلاق سالاتتى .
قىز ھەربىر ئالدىدىن ئۆتكىنىدە تىترەك باساتتى ، بەزىدە ئۆرە تۇرغۇدەكمۇ ماجالى بولماي تۇرغان يېرىدە ئولتۇرۋالاتتى.
ئۇ بىر نەچچە يىل شۇنداق قارىدى ، دەسلەپ قارىغان پېتىچە ...
ئۇ ئاخىرى توي قىلدى ، ھاراقنى ئانچە ئىچىپ كەتمەيتتى ، بەزىبىر بىزەڭ دوستلىرى زورلاپ تۇرىۋالاتتى . سەل قىزىغاندىن كىيىن قىزنىڭ ئىشلەيدىغان يېرىگە بېرىپ ئۇ يەر - بۇيەرلەرگە سەپسېلىپ قاراپ كىتەتتى ، شۇنچىلىك ئاستا قەدەملەر بىلەن كەينىگە قارىغان پېتى ئۆيىگە كېتەتتى ...
مەزمۇن قاتارى
-
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
ئىنكاس يوللاش
![]() |
ئىزدەش |
تەۋسىيە