باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-10-21 19:14 | ئاپتور: نۇرمەمەت | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

سۆھبەت

  سۆھبەت

(ھېكايە)

نۇرمەمەت

    بۈگۈن كۈندىكىدەك ئوقۇغۇچىلىرىمغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن مەكتەپكە كەچلىك مۇزاكىرىگە كەلدىم. گەرچە ھاۋا سەل سوغۇق بولسىمۇ لېكىن كالتە يەڭ كۆينەك بىلەن مەيداندا يۈرگەن ئوقۇغۇچىلار خېلىلا بار ئىدى. مەنمۇ بىر چاغلاردا شۇلاردەك غەمسىز ئىدىم، ئاغرىپ قالارمەن دەيدىغان خىيال يوق ئىدى. مېنىڭ ئۇچامدىكى قىشلىق چاپان بىلەن كالتە يەڭ كۆينەك روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.

      سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن بىر قۇر ھال ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، بوش ئورۇندىن بىرىگە بېرىپ كىتاپ كۆرگەچ بالىلارنىڭ پارىڭىغا دىققەت قىلدىم. تولۇق ئوتتۇرىدا كەچلىك مۇزاكىرىگە كېلىدىغانلار ئاساسلىقى يېزىدىن كېلىپ ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان بالىلار بولغاچقا، سىنىپتا ئۆيدىن ئەكەلگەن نېنىنى سۇ بىلەن يەۋاتقان بالىلارنى كۆرگىلى بولاتتى.

      بىر ئازدىن كېيىن بىر قىز ساۋاقداش يېنىمغا بىر خاتىرە دەپتەرنى كۆتۈرۈپ كەلدى.

     --مۇئەللىم، بۇ جۈملىلەرنىڭ خەنزۇچىسىنى يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز.

    خاتىرە دەپتەرنى ئېچىپ قارىسام، مۇنۇ مەزمۇنلار كۆزۈمگە چېلىقتى.

    --مېنىڭ بىر كىچىك ئائىلەم بار.ئۆيدە ئانام، مەن ۋە كىچىك ئۇكام بار.مەن كەلگۈسىدە ساقچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.

    ئاستىغا تەرجىمىسىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن خاتىرىدىكى بۇ جۈملە مېنى ئۆزىگە تارتتى.

   --دادىڭىزچۇ؟

  --دادام يوق.

  --تۈگەپ كەتكەنمۇ يا....؟

  --ياق، تېخى ھايات.بىراق مەن كىچىك ۋاقتىمدا مېنى ۋە ئانامنى تاشلاپ كېتىپتىكەن. بىر قىمارۋار نېمە ئۇ. مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنى ئىزدەپ باردىم، بىراق ئۇ مېنى "يېتىم ئوغلاق، ھاراملىق" دەپ تىللىدى. دەپ بېقىڭە مۇئەللىم، ئۆزەمنىڭ دادىسى شۇنداق دېسە باشقىلار مېنى نېمە دەيدۇ؟ كېيىن مەن ئانامنى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەستە كۆندۈردۈم، چۈنكى مېنىڭمۇ دادا مېھرىگە قانغۇم، بىر پۈتۈن ئائىلىدە ياشىغۇم بار ئىدى. بىراق ئۇ مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ئانامغا  40000يۈەن قەرزىمنى تۆلەپ ئۆيۈمنى ياساپ جابدۇپ تويلۇقۇمغا 20000يۈەن ئەكەلسەڭ يارىشىمەن دېدى. ئانام غورۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك ئايال ئىدى، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق يىغلاپ كەتتى. بالدۇر ئۆيىمىز بىر يەردە ئىدى.ئانام بىلەن دائىم كىرىپ دادامنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلاپ بېرەتتۇق. كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىنى تازىلاۋاتقاندا ئايال كىشىنىڭ ئىچ كىيىملىرى ئۇچرايدىغان بولدى. ئانام بۇ خورلۇقلارغىمۇ چىدىغان. شۇندىن باشلاپ مەن دادامنىڭ قىمارۋاز بولۇپلا قالماي ئۇچىغا چىققان پاھىشۋاز بۇزۇقلىقىنى بىلدىم. ھازىر بىز كۆچۈپ كەتتۇق. ئانامنىڭمۇ مەن بىلەن ئانچە كارى يوق. پۇلۇم تۈگىسە پۇل بېرىدۇ، لېكىن ھالىڭ قانداق دەپ سوراپمۇ قويمايدۇ. بەلكىم مېنىڭ ئۇنى دادام بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشقا زورلىغىنىم ئېغىر كەلگەن بولسا كېرەك.

    ئۇ سۆزدىن توختاپ ئورنىغا قايتىپ كەتتى.

    سىرتقا چىقتىم. بىردەمدىلا باشقىچە سوغۇق بوپكېتىپتۇ، ئىچىمدىن بىر سوغۇق ئېقىم كېلىپ جالاقلاپ تىترەپ كەتتىم.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY