باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-10-22 14:03 | ئاپتور: ماچاڭى | مەنبە: ئۆز ئىجادىيەتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

يۇيۇلغان پۇل

 

 
يۇيۇلغان پۇل
(ھېكايە)
ھەبىبۇللاسىيىت باۋۇدۇن
 
    كەچقۇرۇن ئىشتىن قايتىپ ، ئۆيگە كىرىشىمگىلا ئايالىم ئايشەم مېنىڭ ئۈستى بېشىمغا قارىۋەتكەندىن كېيىن :
__ كىيىم –كېچەكلىرىڭىزنى سېلىپ بېرىڭ ، بىرئازكىربولۇپ قاپتۇ، يۇيۇپ بېرەي_ دېدى ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرۇپ .
مەن ياتاق ئۆيگە كىرىپ كېيىملىرىمنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ،ئاندىن ئايالىمغا يۇيۇش ئۈچۈن ئەپچىقىپ بەردىم.ئايالىم مېىنىڭ كېيىم-كېچەكلىرىمنى دەرھاللا كىرئالغۇغا سېلىۋەتتى.
※                  ※                 ※
 
     ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كەتتى.بىرئەتىگىنى ئىشقا ماڭاي دەپ تۇرسام ئايالىم ماڭا :
__ بۈگۈن كەچتە دوستۇم رۈشەنگۈل قاتارچايغا چاقىرىپتۇ ، كەچ سائەت 6دە «ئارزۇ رېستۇرانى»غا بارىدىكەنمىز، سىزنىڭ مەكتەپتە ئىشىڭىز ھەقىقەتەن تولا، مەن قاتارچايغا بارغىچە ھەقىچان كېلەلمەيسىز، شۇڭا كۈننىڭ ئەتىگىنىدە ماڭا چايغا قويىدىغان 200يۈەن پۇلنى بېرىۋەتسىڭىز __ دېدى .
ئۆيىمىز شەھەردە بولسىمۇ ئەر-ئايال ئىككىمىز يېزىدا ئىشلەيدىغان بولغاچقا نەچچە كۈننىڭ ياقى ئايلىق ئاپتۇبۇس بېلىتى ئالساق دەپ ساقلاۋاتقان 200يۈەن پۇل كۆڭلىكىمنىڭ يانچۇقىدا بارئىدى، شۇئان كۆڭلىكىمنىڭ يانچۇقىغا قول سالدىم .پۇل يوق تۇرىدۇ، ئاختۇرمىغان كىيىملىرىمنىڭ يانچۇقلىرى قالمىدى .نەچچە كۈندىن بۇيان نېمىگە پۇل خەجلىگىنىمنى ۋە نېمە سېتىۋالغانلىقىمنى خىيال قىلىشقا باشلىدىم . خىيال قىلسام نەچچە كۈندىن بۇيان ھېچنىمىگە پۇل خەجلىمەپتىمەن ۋە ھېچنىمىمۇ سېتىۋالماپتىمەن .
ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ گۇمانىم ئاخىر قىزىمغا چۈشتى، چۈنكى ئۇ بىرنەچچە يىللار ئىلگىرى يەنى كىچىك ۋاقتىدا ئۆيىمىزدە بولسۇن ياكى باشقىلارنىڭ ئۆيىدە بولسۇن يانچۇق ۋە سومكىلاردىن پۇل ئېلىپ قويىدىغان ئادىتى بارئىدى . قىزىمنىڭ بۇ يامان ئادىتىنى ئۆيدىكى ئايالىم ۋە ئوغلۇممۇ بىلەتتى.
__ كەچۈرۈڭ ، نەچچە كۈندىن بۇيان ئايلىق بېلەت ئالارمىز دەپ ساقلاۋاتقان 200يۈەن پۇل يوق تۇرىدۇ ، ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى، 3 كۈن ئىلگىرىلا بارئىدى .
__ ئاخشام، تۈنۈگۈن ئاخشام ئولتۇرۇشتا بولدۇق دەپ ئۆيگە كەچ كىرگەنتىڭىز، شۇ ئولتۇرۇشتا خەجلىگەنسىزھەقىچان، ئەرخەق دېگەن مەس بولغاندا خەجلىگەن پۇلىنى بىلەلمەيدۇ، سىز ئولتۇرۇشتاخەجلىۋېتىپ خۇپسەنلىك قىلىۋاتامسىز يا ؟!
      __ نەدە مەن پۇل خەجلەيمەن، ئۇلارمېنى باشلىقىم دەپ مېھمان قىلغان تۇرسا، قاملاشمىغان گەپ قىلىدىكەنسىز خوتۇن ، ئۇندىن باشقا مەن ھازىر ھاراق ئىچمەيدىغان تۇرسام قانداقمۇ مەس بولاي .
__ ئۇنداق بولسا يانچۇقىڭىزغا چاشقان چۈشكەن ئوخشىمامدۇ پۇل يەيدىغان ؟
       __ قىزىق گەپ قىلىدىكەنسىز، بىنا ئۆيدە چاشقان نېمە ئىش قىلسۇن ؟
     ئايالىم ماڭا ۋە ئوغلۇمنىڭ چىرايىغا قاراپ چىققاندىن كېيىن ئاخىرى تاماق يەۋاتقان قىزىمغا قارىدى ۋە :
        __ ئارزىگۈل پۇلنى سەن ئالدىڭمۇ-يە؟ __ دەپ سورىدى .
        __ مەن نەدە يۈرۈپ پۇل ئالغۇدەكمەن__ دېدى ئۇ ئاپىسىغا تىكىلىپ تۇرۇپ .
     __ بولدى سىز مەكتەپكە مېڭىپ تۇرۇڭ، مەن پۇلنى ئالغان ئادەمنى تاپماي قويمايمەن __ دېدى ئايالىم قىزىمغا قاراپ .
مەن مەكتەپكە ئالدىراپ ماڭدىم، چۈنكى بۈگۈن ۋىلايەتتىن رەھبىرى كادىرلار مەكتەپنىڭ<<ئىككى ئاساسەن>>خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلمەكچى ئىدى .
※                  ※                 ※
چۈشتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كىردىم ، ئايالىم كىرىسلودا خامۇش ھالەتتە ئولتۇرۇپتۇ ،قىزىمغا قارىدىم ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرى قان ھالەتتە ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا ياتاتتى .
        __ پۇل چىقتىمۇ ؟ __ دەپ سورىدىم ئايالىمدىن.
       __ نېمىنى چىقىدۇ ؟ __ دېدى ئۇ روھسىز ھالەتتە.      
__ ئاچچىقىم كېلىپ ئۇنى ئۇرۇپ بېشىنى يېرىۋەتتىم ، قولىنىمۇ سۇندۇرۇۋەتتىم ، مېنى بۇبالا ساراڭ قىلىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ، بۇرۇنمۇ ئۆيدىن كۆپ قېتىم 50يۈەن، 100يۈەن پۇللارنى ئوغۇرلاپ، مەن ئالمىدىم دەپ تۇرۇۋېلىپ تاياق يېگەندىن كېيىن ئاندىن تاياق زەربىسىگە چىدىماي، ئىقرار قىلىپ ئالغان پۇلنى چىقارغان ئىدى .
     __ پۇلنى ئالغان بولساڭ چىقارساڭ بولمامدۇ، ئاپاڭنىمۇ، ئۆزەڭنىمۇ تەتۈرقىينىماي__ دېدىم قىزىمغا ئاچچىقىم بىلەن .
    __ مەن پۇلنى ئالمىغان تۇرسام نېمىنى چىقىرىمەن ؟ __ دېدى قىزىم يىغلاپ تۇرۇپ .
   __ ۋىلايەتتىن مەكتەپكە تەكشۈرۈشچىلەركەلگەن ئىدى، شۇڭا ئۇلارنى تاماققا ئاپارغاچ مەنمۇ سىرتتا تاماق يەيمەن، ماڭا قارىماي تاماق قىلىپ يەۋېرىڭلار __ دەپ سىرتقا ماڭدىم .
  __ كىيىملىرىڭىزنى يەڭگۈشلىۋېلىڭ، بىرئاز مەينەت بۇلۇپ قاپتۇ __ دېدى ئايالىم .
     __ بولىدۇ، دېدىم _ دە، كاستۇم بۇرۇلكامنى ئالماشتۇرۇپ كېيىپ، يانچۇقۇمغا ئاۋالقى چاپاننىڭ يانچۇقىدىكى تېلېفون دەپتىرىمنى سالدىم، بىراق يانچۇقتا قەغەز باردەك قىلاتتى.نېمىدۇ بۇ؟ دېگىنىمچە يانچۇقتىن قەغەزنى چىقاردىم .
يانچۇقتىن چىققىنى ئەسكى پارچە-پۇرات قەغەز بولماستىن بەلكى ئەتىگەندىن بۇيان ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان 200يۈەن پۇل ئىدى .ئۇ كىرئالغۇدا يۇيۇلۇش جەريانىدا تىتىلىپ ئۇششاق قەغەز پارچىلىرىغا ئايلانغان ئىدى .
__ 200 يۈەن پۇل مۇشۇنداق بۇلۇپ كېتىپتۇ مانادېدىم ئايالىم ۋە بالىلىرىمغا ئۇششاق پۇل پارچىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ .
__ ئۆزەڭ دىققەت قىلماي پۇلنى يۇيۇپ تىتىۋېتىپ، مېنىڭدىن كۆرۈپ مېنى ئەتىگەندىن بۇيان قىيىن-قىستاققا ئېلىپ تىللاپ ،ئۇرۇپ بېشىمنى يېرىۋەتتىڭ،قولۇمنى سۇندۇرۇۋەتتىڭ، ئەمدى پۇلۇڭلارنەدىن چىقتى ؟ گۇناھ كىمدىكەن ؟ __ دېدى يىغلاپ تۇرۇپ قىزىم .
قىزىمنىڭ ئېچىنىشلىق يىغىسىغا قاراپ ئايالىممۇ يىغلاپ تاشلىدى-دە ، ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ تۇرۇپ :
__ مېنى كەچۈرگىن قىزىم، مەن سېنى خاتا ئەيىبلەپ ئازابلاپ قويدۇم، بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇماننىڭ ئىشى، گۇمان ئىماننى قاچۇرار دېگەن راست ئىكەن __دېگىنىچە قىلغان سۆز-ھەرىكەتلىرىگە پۇشايمان قىلىپ كۆزىگە تارام-تارام ياشلارنى ئالغىنىچە قىزىمنى باغرىغا باستى.
  
 
(ئاپتور: پىچان يېزا ماچاڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە)
 
مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY