باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-10-22 14:24 | ئاپتور: ماچاڭى | مەنبە: ئۆز ئىجادىيەتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ھەي،شۇ پىرىنسپ دېگەن...

ھەي،شۇ پىرىنسپ دېگەن...

(ھېكايە)
ھەبىبۇللا سىيىت باھاۋۇدۇن
جاھاندا ئادەم دېگەن خەقنىڭ ئالدىغا بېرىپ چىراي ساغىرىتىشتىن ئارتۇق قېيىن ئىش بولمىسا كېرەك. ئۇ ئالدىغا بارغىنىڭغا يارىشا ھالىڭغا يېتىپ ياردەم قولىنى سۇنسىغۇ ياخشى، بېراق غازدەك غادىيۋىلىپ، سوغۇق مۇئامىلە قىلسا كىشىگە تولىمۇ ئەلەم بولىدۇ-دە!
مەن ۋىلايەتلىك سىفەن مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئائىلەمگە 150كىلومېتىر كىلىدىغان يېراقلىقتىكى ناھىيمىزنىڭ ئەڭ چەت يېزىسىنىڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلىقىمغا مانا بۇ يىل توپ-توغرا 10يىلى بولۇپ قالدى.
مەن يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ۋاقتىمدا مېنىڭ ئاتا-ئانامنىڭ يېشى 70نىڭ قۇلاق تۈۋىسىگە بېرىپ قالغان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ پارتىيە ۋە تەشكلىنىڭ خىزمەت تەقسىماتىغا بويسۇنۇپ ئەنە شۇ يېراق يېزىغا خىزمەتكە ماڭغان ئىدىم. شۇ چاغدا مەن بىلەن بىللە ھاكىمنىڭ باللېرىمۇ، ئىدارە باشلىقىنىڭ باللېرىمۇ ھەم مائارىپ ئىدارسىدا ئىشلەيدىغان بىر قسىم كادىرلارنىڭ باللېرىمۇ خىزمەتكە چەت يېزىلارغا تەقسىملەنگەن ئىدى. بىراق ھاكىم، ئىدارە باشلىقى ھەم مائارىپ ئىدارىسنىڭ كادىرلېرىنىڭ باللىرى بىرەر مەۋسۈم ئىشلەپ دېگۈدەكلا ئائىلىسىگە يېقىن مەكتەپلەرگە يۈتكىلىپ كېتىۋالدى. مەن بولسام يەككە-يېگانە قالدىم. شۇ چاغدا مېنىڭمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئائىلەمگە يېقىن يەرلەردىكى مەكتەپلەرگە  ئالمىشىپ خىزمەت قىلغۇم بار ئىدى. ھەي، بېراق شۇ ئاتا-ئانامنىڭ دېھقان بولۇپ قالىغىنىنى، دېھقان دېگەننىڭ گېپى نەگە ئۆتەتتى. شۇنداق قىلىپ چەت يېزىدا تاماقنى ئۆزۈم قىلىپ، جاپاغا چىداپ، خىزمەتنى جان-دىل بىلەن ئىشلەپ بەش يىلنى ئۆتكۈزدۈم. بۇ جەرياندا پارتىيەگىمۇ كىردىم. شۇ يىلى تەتىل مەزگىلىدە ئاتام كىسەل سەۋەبى بىلەن قازا قىلىپ كەتتى. ئائىلەمدە مەندىن باشقا بالا بولمىغاچقا ئائىلىنىڭ بارلىق ئېغىر-يېنىك ئىشلىرى ئاشۇ قېرى ئاپامغىلا قالدى.
ئادەم بالا دېگەننى قېرىغاندا ئەسقاتارمىكىن دەپ تۇغۇپ چوڭ قىلمىسا نېمە قىلىدۇ؟ ئاتامغىمۇ تۈزۈك قاراپ ھالىدىن خەۋەر ئالالمدىم. ئاشۇ ئاپامنىڭمۇ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ ياخىشى قارالمىسام مېنى قانداقمۇ بىر ئاتا-ئانامنىڭ پۇشتى ۋە بىر ۋىجدان ئىگىسى دېگىلى بولسۇن؟! شۇ ۋەجىدىن مەن مائارىپ ئىدارىسگە يۈتكلىش ئۈچۈن كۆپ كىرگەن، مەقسىتىمنى ئېنىق ئېيتقان بولساممۇ مائارىپ ئىدارىسنىڭ ئېگىز ھەم يوغان كەلگەن باشلىقى ئېبراھىم ماڭا:
-سەن بىلىسەن ناھىيمىزنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى توشۇپ كەتتى، بۇ يەرگە كەلگىنىڭ بىلەنمۇ ساڭا خىزمەت ئورنى يوق. بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز، ئوقۇتقۇچى كەمچىل يەرلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى قەتئى يۆتكىمەسلىك. شۇڭا سەن ئىشلەپ تۇرغىن-دەپ مېنى يولغا سالدى.
مەن شۇنىڭ بىلەن ئىدارە باشلىقىغا قارىشلىق بىلدۈرەلمەي دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ئىشلەشكە مەجىبۇر بولدۇم.
ھەش-پەش دېگۇچە يەنە خىزمەت بىلەن بەش يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى. بۇ جەرياندا قانچە پارچە ئىلتىماس يازغانلىقىمنى ھەم مائارىپ ئىدارىسىگە قانچە ئون قېتىم قەدەم باسقىنىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن. يەنىلا ئۇلارنىڭ ئاغىزىدىن ھېلىقى پىرىنسىپلىرى توختىماي چىقاتتى.
بۇ جەرياندا بۇ يېزىدىكى مەكتەپلەرگە نۇرغۇن يېڭى ئوقۇتقۇچىلار كېلىپ بىرەر يىل ئىشلىمەيلا جاپاسىدىن قورقۇپ يۆتكلىپ كەتتى. باشقىلاردىن ئۇققۇدەك بولسام كېلىپ كەتكەنلەرنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى ئۇرۇق-تۇققانلىرى باشلىق ئىكەن ۋە ياكى بەزىلىرىنىڭ بولسا ئاتا-ئانىلىرى ھېلىقى ئىدارە باشلىقىغا «سوۋغات»بەرگەنلەر ئىكەن.
مانا بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ئائىلەمگە كەلسەم، مېنىڭ 80نىڭ قۇلاق تۈۋىسىگە ئولۇشۇپ قالغان چاچلىرى قاردەك ئاقارغان بىچارە ئاپام قىش يازنىڭ ھەر خىل ئىسسىق-سوغاقلىرىنى ھەم تۇرمۇشنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى بېششىدىن ئۆتكۈزۈپ ھالىدىن كېتىپ ئۆيدە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ.
مەن تەتىل ۋاقتى بولغاچقا ئاپامنى دوختۇردا داۋالاتقاچ يۆتكلىش ئۈچۈن «يول»مۇ ماڭدىم. بىراق يەنىلا باشلىقنىڭ ئاغزىدىن يۆتكەپ قويىدىغاندەك ئەمەس. يەنىلا ھېلىقى «پىرىنسىپ»لار تەكرارلىناتتى. مەن ئاخىرى بولماي كۆزلېرىمگە ياش ئىلىپ باشلىقنىڭ دەرۋازىسىدىن ئاستا قەدەم تاشلاپ تاشقىرغا ماڭدىم. شۇ چاغدىلا باشلىق ماڭا ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق قىلىپ:
- سەن ھە دېسلا بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپلا تۇرما، مەن يىقىندا ئوغلۇمنىڭ تويىنى قىلىمەن.شۇڭلاشقا بىز ئالدىراش-دىدى.
مەن يولداكۆزۈمدىن تامغان ياشلارنى ئېرىتىپ تۈگۈتەلمەي خۇددى مەس بولغان ئادەمدەك يولنىڭ ئۇيان-بۇيانلىرىنى دەسسسەپ كېتىۋىتىپ، باشلىقنىڭ ھېلىقى «ئوغلۇمنى توي قىلىمەن»دېگەن سۆزىنى ئويلاپ قالدىم.
     مېنىڭ يۆتكلىش ئىشىم باشلىقنىڭ توي ئىشى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى باردۇ؟ بۇلارنىڭ ئىككىسى ئىككى ئىش ئەمەسمۇ؟! مەن بۇ ھەقتە خىيال كەپتىرىمنى ئۈزۈلدۇرمەي كۆكتە پەرۋاز قىلدۇردۇم.
     توغرا، مەن ئەمدى ئەقلىمنى تاپتىم. باشلىقنىڭ:«ئوغلۇمنى توي قىلىمەن»دېگىنى «سوۋغات ئەپكەل»دېگىنىمۇيا؟! بولمىسا بۇ ئىشنى ماڭا دەپ نېمە قىلىدۇ؟!
  مەن ئۆيگە كېلىپ ئۆيىمىزنىڭ ئىچىگە قاراپ كەتتىم. باشلىققا يارىغۇدەك بىرەر نەرسە كۆزۈمگە چېلىقمىدى. ئۆينىڭ سىرتىغا چىقتىمىدە، يەنە پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرگە كۆز يۈگۈرتتۇم. ئۆيىمىزنىڭ كەينىدىكى ياغاچلار كىچىك، شۇڭا پۇلغا يارىمايدۇ، قانداق قىلىشىم كېرەك؟! ئاخىرى كۆزۈم ئۆيىمىزنىڭ يان تەرىپىدىكى ئېغىلغا چۈشتى. ئېغىلدا ئاپامنىڭ 10يىلدىن بۇيان مېنى«توي قىلسام ئىشلىتىمەن»دەپ باققان سېمىز ئېرىك قويىدىن6بار ئىدى. مەن ئۇلاردىن ئالتىسىنىڭ ھەممسىنى ئالدىم-دە، كەچتە باشلىقنىڭ ئۆيىگە ئاپاردىم. مەن بارغاندا باشلىق ئۆيىدە بار ئىكەن. مېنىڭ قوي ئىلىپ كەلگەنلىكىمنى كۆرۈپ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۇپ تۇرۇپ:
-ھە، سەمەتجان، نېمە قىلغىنىڭىز بۇ؟ بۇ قويلارنى يېتلەپ كەپسىزغۇ؟-دىدى.
-باشلىق ئۆزىلىرى ئوغۇللىرىنىڭ تويىنى قىلسىلا كېرەك بولىدۇ ئەمەسمۇ؟! - دېدىم مەن چىرايىمغا زورمۇ-زۇر كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ.
-ھەي ئاپىسى چىراقنى ئىلىپ چىقىڭلار!-دىدى ئۇ ئايالىغا بۇيرۇق تەلەپپۇزدا.
باشلىقىنىڭ ئايالىمۇ پەنەر چىراقنى ئىلىپ چىقتى.
 -نېمە سېمىز قويلار بۇ ؟- ئايالىنىڭ ھەيران قالغانلىقىدىن ئاغزى يۇمۇلمايلا قالدى، ۋە بىردە ئېرىگە بىردە ماڭا قارايتتى.
- بولدى خوتۇن سەن سورىما، مەن ساڭا كېيىن چۈشەندۇرۇپ قويىمەن، بۇ قويلارنى ئېغىلغا سولېۋىتىپ، چاي تەييارلىغىن!-دىدى-دە باشلىق مېنى ئۆيگە باشلاپ.
مەن 10يىل جەريانىدا قانچە 10قېتىمدەك كىلىپ بىرەر قېتىممۇ كىرەلمىگەن ئۆيگە ئەمدى كىردىم. بۇرۇن«سەن»لەپ كەلگەن باشلىق ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئەمدىلىكتە مېنى«سىز»لىمەكتە، چوڭ كۆرۈپ ھۆرمەتلىمەكتە ئىدى.
     ئالدىمغا ھەش-پەش دېگۈچە ھەر خىل نازۇ-نىممەت، يېمەكلىكلەر كەلمەكتە.
-قېنى تاماق پىشقۇچە قاتتىق-قۇرۇق يېمەكلىكلەر بولسىمۇ ئالغاچ تۇرۇڭ-دىدى باشلىق تەبەسسۇم بىلەن.
مەن تەكلىپكە بىنائەن ئاز-ئازدىن يېمەكلىك ئالدىم. بىردەمنىڭ ئىچىدىلا گاز ئوچاقتا تاماق پىشۇرلۇپ ئالدىمغا ئەپكىلىندى.
      - سەمەتجان سىزنى نەچچە يىلدىنلا ئەپلىك بىرەر مەكتەپ چىقىپ قالسا يۆتكەپ قوياي دەپ قانچە تەلمۈرگەن بولساممۇ ئىش ئەپلەشمىدى، مەنمۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا خېجىل. ئەمدى سىزنىڭ ئائىلىڭىزگە يېقىن يەردىكى ھېلىقى «ئىتتپاق مەكتەپ»تىن ساتتار ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كەتتى. شۇنىڭ ئورنىغا سىزنى يۆتكەپ قويايمىكىن دەپ خىيال قىلىپ تۇرغان. مەن ئويلىغاندەك ئىش ئەمدى ئەپلىشىدىغان بولدى، سىز غەم قىلماڭ. بۆگۈن 8-ئايغا 25دېگەن گەپ. 9-ئايغا 1-دېگۈچە قولىڭىزغا يۆتكلىش قەغىزىنى تۇتقۇزۇپ قويىمەن-دىدى خۇشال ھالدا.
     مەن باشلىقنىڭ ئېغىزىدىن بۇنداق گەپلەرنىڭ چىققانلىقىغا ھەيران بولۇپ، خۇشال ھالدا خوشلىشپ ئۆيگە قاراپ ماڭدىم. مەن بۇرۇنلاردا مائارىپ ئىدارىسگە ياكى باشلىقنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا ھەر نۆۋەت ھىلىقى«ئادەم ئاز يەردىن ئوقۇتقۇچى يۆتكەيمىز»دەيدىغان پىرىنسىپنى كۆپ ئاڭلىغان، ئەمدى بۇ قېتىم ئۇنداق «پىرىنىسپ»لار نەلەرگە كەتتى.
 
(ئاپتۇرى: پىچان ناھىيە پىچان يېزا ماچاڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە)
 
مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY