باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-11-15 23:59 | ئاپتور: ئۆزەم | مەنبە: بەش بارماق | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

قاسىمكا سىز زادى نەلىك؟

قاسىمكا سىز زادى نەلىك؟

(خوتەنى)

 

    قار يېغىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە ئۆيدە بولسام ئانامغا دەپ ئاشكۆكى ، پىننىلىرى تازا تەڭشەلگەن چۆچۈرىنى ئوخشىتىپ ئەتكۈزۈپ ئىچىپ مەشكە لىققىدە كۆمۈر سېلىۋىتىپ تازا ئۇخلىغان بولاتتىم . ئۈرۈمچىدە ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ -دە ، ئەتىگەندە سانجىدىن ماڭغاندا ئېچىلىپ تۇرغان ھاۋادا چۈشتىن كىيىن قار يېغىشنى كىم بىلىپتۇ . بۈگۈن ئۆيدىكىلەرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۈرۈمچىگە ئىنىمنىڭ مەكتىپىگە ئۇنى يوقلاپ كەلگەنىدىم . كوچا ئاپتوبۇسى ئۇزۇن ماڭدى ، دەرىزىمۇ قىرو باغلاپ سىرتنى كۆرگىلى بولمىغاچقا ئىككى بېكەت بالدۇر چۈشۈپ قاپتىمەن . ئۇكامغا نەچچە پۇل بەسەم بولا، يېنىمدا تېخى جىق پۇل بولمىسا تازىمۇ بىر ...
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .- بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم ،  پىيادىلەر يولىدا چەتتىكى دۇكانلار ئالدىدىكى يولدا بېشىغا شىلەپە ،ئۈستىگە خۇرۇم چاپان كىيىۋالغان قىرىق ياشلادىن ھالقىغان خېلى سۆلەتلىك كۆرىنىدىغان تەمبەل بىر كىشى ماڭا قاراپ سالام قىلىپ ئۈلگۈرگەنىدى. بۇ ئەتراپتا ئۇيغۇرلار كۆپ ئەمەس ، سالام قىلىپ تۇرغان بۇ كىشىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىرخىللا ئىللىپ قالدى ، ھەم ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى ئىزدەپ كېلىپ مەكتەپنى تاپالمايدىغان ئىشلار كۆپ ئۇچرايدىغان بولغاچقا مەنمۇ سالام قايتۇرغاچ ، ئۇ كىشىنىڭ ئالدىغا ماڭدىم . مەن كۆچەت ئاستىغا دۆۋىلىنىپ قالغان قارنى ئەگىپ ئۆتۈپ بولغىچە ئۇ كىشىمۇ قارنى غاچىلدىتىپ دەسسەپلا ئالدىمغا كەلدى . 
    -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،- ئىككى قوللاپ كۆرۈشۈپ .ئىللىق سالاملاشتۇق .
    - ئۇكام سزمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇمسىز ؟
    -ياق ئاكا ، مەن ئىنىمنى ئىزدەپ كەلگەنتىم . سىلى بىرەرىنى ئىزدەپ كەلگەنمىتىلە ؟
    - ھەئە ، قوشنىمىزنىڭ بالىسى مۇشۇ مەكتەپتە ئۇقۇيدۇ ، سىز نەدىن ئۇكام؟
    - خۇتەندىن. 
    -ھە ، مېنىڭ ئىسمىم قاسىماخۇن ، داۋانچىڭدىن بولىمەن . مەن ئەتىگەن ئايالىمغا دورا ئالغىلى دوختۇرخانىغا كەلگەنتىم ئۇكام ، كوچا ئاپتوبۇسىدا ئىككى بالا يېنىمدا تۇرغاندەك قىلىۋىدى ، ماشىنىدىن چۈشۈپ يانچۇقۇمنى ئاختۇرسام بىر پۇڭ يوق تۇرىدۇ ...
    - پۇللىرى خېلى كۆپمىتى ئاكا؟- بەكلا ئىچىم ئاچچىق بوپ كەتتى .
    -شۇ قوشنىمىز بالىسىغا 500 سوم كىرگۈزگەن بالىغا بىرىپ قويسىلا دەپ ، ئايالىمنىڭ بىر ئايلىق دورىسىغا 900سومنى تەييارلاپ بىللە ئېلىپ كىرگەنىدىم . -بۇ كىشىنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرقىغا قاراپ يېنىمدا بولسا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلغۇم كەلدى . بىراق مەندەك ئوقۇغۇچىنىڭ ھالىنى ئۆزەڭلار بىلىپ تۇرۇپسىلەر.
    - ھەممىسىنى ئوغرىلاپ كېتىپتۇما ؟
    - پۇل مۇشۇ ئىچ يانچۇقۇمدا ئىدى ، - دىگىنىچە چاپىنىنىڭ ئىچ يانچۇقىنى كۆرسەتتى .- ئەمدى ئۆيگە قايتىپ كېتەي دىسەم ، يانچۇقۇمدا پەقەت پۇل قالمىدى . كىراغا 13.5سوم كېتەتتى ، سىزدە ئارتۇق بولسا بېرىپ تۇرسىڭىز ئۇكام ، مەن چىقىپ بولۇپ سىزنىڭ تېلفۇنىڭىزغا قاچىلاپ قوياي ئۇكام . 
    -ھە، ئەمىسە بۇ 20 يۈەننى ئەپ كېتىڭ ئاكا ، كەچ بوپ قالسا كېتەلمەي قالىسىز ، قايتۇر مىسىڭىزمۇ بولىدۇ .-دىدىم شۇنچىلىك بولسىمۇ ياردەم قىلالىغىنىمدىن خۇش بولۇپ.
    -تېلفون نومۇرىڭىزنى دەپ بېرىڭ ئۇكام ،- دىدى ئۇ كىشى پۇلنى ئېلىپ سۆيۈنگەن ھالدا .
    - بولدى ، بولسا جىقراق ياردەم قىلغۇم بارتى ئاكا ، مەندىمۇ جىق يوقكەن .
    - بولدى ئۇكام ، نومۇرىڭىزنى دەپ بىرىڭ... -قاسىمكام چىڭ تۇرىۋېلىپ ، نومۇرۇمنى يېزىۋىلىپ كەتتى... مەنمۇ ئىنىمنىڭ يېنىغا كەتتىم . كىيىن ئۇ ئىشلامۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى . ئۈرۈمچىدە ۋاقىت ھەقىقەتەن تېز ئۆتىدۇ . ھەش-پەش دېگىچە ياز كىرىپ ئالدىراش رېتىمغا قىززىق ھاۋا قېتىلىپ، ئۈرۈمچى كىشىگە قايناق تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى .
    مەھەللىدە يېقىن ئۆتكەن بىر نەچچە ئاغىنەم جاھان كۆرگەچ ، ئازراق تاش ئېلىپ چىقىپتۇ. بالىلارنىڭ يېنىغا ئالدىرىغانچە تاكسىلارمۇ قېرىشقاندەك توختىماي كېتىۋاتاتتى.
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، -تۇيۇقسىز بېرىلگەن بۇ سالامغا ئىتتىك يېنىمغا قارىدىم . شىلەپە كىيىپ چاپىنىنى بېلىكىگە ئېلىۋالغان ، بىر يەردە كۆرگەنلا تونۇش چىراي ....
    - ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، سىلى ....
    - مېنىڭ ئىسمىم قاسىماخۇن ، سىز ئۈرۈمچىلىك ئوخشايسىز ئۇكام ، مەن مىچۈەندىن بولىمەن ...- تونۇش سىما ، تونۇش ئاۋاز .
    - ھە، مەن ئۈرۈمچىدىن ئەمەس ئاكا .
    - مەن سىزنىڭ تۇرقىڭىزغا قاراپ ئۈرۈمچىلىك ئوخشايدۇ دەپتىمەن ئۇكام ، بايا ما دوختۇرخانىغا ئايالىمغا دورا ئالغىلى كوچا ماشىنىسىدا كېلىۋاتسام، يېنىمدا سىزدەك بالىلاردىن ئىككىسى بارتى ...- بۇ كىشىنىڭ يالغان ئېيتىۋېرىشىگە تاقەت قىلالمىدىممۇ يا ئىشىمغا ئالدىرىدىممۇ ...
    - سىلى داۋانچىڭلىق قاسىماخۇن بولماملا ؟-كۆزىگە تىكىلىپ سورىدىم . 
    - سىز .....
   - مەن خوتەنلىك، قاسىمكا -دېدىم ئۇرغۇلۇق قىلىپ -سىلىنىڭ قوشنىلىرىنىڭ بالىسى ئوقۇيدىغان مەكتەپتە ئىنىم بار.
    قاسىمكام مېنى تونىدىمۇ يا گېپىم غەلىتە ئاڭلاندىمۇ تۇرۇپلا قالدى. نەچچە ئاي ئۆتتى ، يېڭى مەۋسۈم باشلانغاچقا جەنۇبى قوۋۇقتىكى يەرئاستى سودا سارىيىدىن بىر نەچچە قۇر كىيىم سېتىۋېلىشنى ئويلاپ ، بىر ئاغىنەم بىلەن كىردىم . مەن ھاجەتخانىغا كېتىپ كەلسەم ، تونۇش بىر گەۋدە ئاغىنەمگە ھەدەپ سۆزلەۋېتىپتۇ . ئالدىغا ئۆتۈپ قارىسام :
    - مەن ۋۇجىاچۈدىن ئۇكام .... -شۇنداق كۈلكەم قىستاپ كەتتى.
    - قاسىمكا سىلى زادى نەلىك ؟

    ئاغىنەم بۇ ئىككىمىزنىڭ تونۇشلىقىدىن ھايران بولۇپ قېتىپلا قالدى ...
 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY