باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-11-19 13:54 | ئاپتور: ماچاڭى | مەنبە: ئۆزئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

مېنىڭ ئايالىم

مېنىڭ ئايالىم


(ھېكايە)
ھەبىبۇللا سىيىت باھاۋۇدۇن


مەن ئىككى ھەپتىلەر ئىلگىرى گېزىتكە«مېنىڭ سۆيگۈنۈم» دېگەن تېمىدا بىر پارچە شېئىر يېزىپ ئەۋەتكەن ئىدىم. مانا بۆگۈن گېزىت چىقىشى بىلەن ئىشخانىدىكى ھەممە ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ گېزىتلىرىنى قوللىرىغا ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. مەنمۇ ئادىتىم بويىچە گېزىتنىڭ 4-بېتىنى يەنى «ئەدەبىيات گۈلزارى» بېتىنى ئەڭ ئاۋۋال كۆرۈشكە باشلىدىم.
پاھ، پاھ! بۇ مەن ئۈچۈن نېمە دېگەن خۇشاللىق ئىش ھە؟! مېنىڭ ھېلىقى شېئىرىم گېزىتنىڭ «ئەدەبىيات گۈلزارى» سەھىپىسنىڭ 1-سىتونىغا بېسىلىپتۇ ئەمەسمۇ! مەن شۇ تونۇش مىسرالارنى قايتا خۇشاللىق بىلەن ئوقۇۋاتقىنىمدا، مەن بىلەن بىر ئىشخانىدا خىزمەت قىلىدىغان ئايالىم ئايشەم:
-نېمە بولدى، ئۆزىڭىزچىلا خۇشال بولۇپ كېتپسىزغۇ؟- دەپ سوراپ قالدى.
-مېنىڭ ئۆتكەندە يازغان ھېلىقى شېئىرىم گېزىتكە بېسلىپتۇ ئەمەسمۇ!
-قېنى مەن كۆرۈپ باقاي- دەپ قولۇمدىكى گېزىتنى ئالدى-دە، بىر قۇر ئوقۇغاندىن كېيىن، چىرايىنى تۈرۈپ:
-ھەي يۈزسىز ئالا كۆڭۈل، بىر خوتۇن ئېلىپمۇ يەنە باشقا بىرسىنى سۆيگۈنۈم-پۆيگۈنۈم، يارىم-پارىم دەپ يۈرۈيدىغانغا نومۇس قىلساڭ بولمامدۇ؟ مەن تېخى سېنى باشقىلاردىن يازغۇچى دەپ ئاڭلاپ، قەلەم ھەققى كۆپ كەلسە، كۆپ كىيىپ، كۆپ يەپ دوست-دۈشمەن ئالدىدا ياخشى كۈن كەچۈرۈپ يۈرۈيمىزمىكىن دەپ سەن بىلەن توي قىلسام ، بۈگۈنكى كۈندە مەندىن چېنىپ باشقىلارنى سۆيگۈنۈڭ قىلماقچىمۇ؟ بولدى سەندىن خېتىمنى ئالىمەن، يۈر ھۆكۈمەتكە! - دەپ مېنى ئەيىپلىگىلى تۇردى ۋە مېنى ھۆكۈمەتكە مېڭىشقا قىستاپ تۇرىۋالدى.
مەن ئايالىمنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلغاندىن كېيىن كۈلگۈنۈمچە:
-بۇ دېگەن شېئىر، بۇنىڭغىمۇ شۇنچىلىك قىلغان بارمۇ؟-دېدىم.
-شېئىرمۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى-دە، ئىدىيەڭدە شۇنداق ئىش بولمىسا شۇنداق شېئىر يازالامسەن؟! تولا ۋالاقتەككۈرلۈك قىلىپ مەندىن قۇتۇلىمەن دەپ ئويلىما، يۈر دېگەندىن كېيىن يۈر! -دېگىنىچە چاپىنىمنىڭ پېشىنى تارتىپ ھۆكۈمەتكە مېڭىشقا ئۈندىدى.
مەن ئۇنداق دەپمۇ، مۇنداق دەپمۇ ئايالىمغا شېئىردىكى پىكىرنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشتىن يۈكسەك دەرىجىدە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەلمىدىم-دە، ئاخىرى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھۆكۈمەتكە ئاجرىشىش ئۈچۈن ماڭدۇق.
بىز ئىدارىدىن ئايرىلىپ 50-60مېتىردەك مېڭىشىمىزغا توساتتىن:
-ئالىمجان، ئالىمجان!- دېگەن ئاۋاز ئارقامدىن ئاڭلاندى. مەن شۇئان ئارقامغا قارىدىم، ئارقامدا ئەخمەتجان تۇراتتى.
-گېزىتنى ئوقۇپ قارىسام، گېزىتنىڭ قېتىدىن بىر پارچە خەت چىقتى، سىنچىلاپ قارىسام، بۇ سىزنىڭ قەلەم ھەققىڭىزكەن- دېدى ئۇ.
-رەھمەت سىزگە-دەپ ئۇنىڭ قولىدىن ھېلىقى چەكنى ئالدىم.
-نېمە ھېلىقى شېئىرىڭىزغا قەلەم ھەققى كەپتىما؟- دەپ كۆزلىرىنى يوغان قىلىپ چەككە تىكىلدى ئايالىم ئايشەم.
-ھە...-دىدىم مەن سوغۇقلا قىلىپ.
-قانچە يۈەن ئىكەن؟
-32 يۈەن.
-بۇنى ماڭا بېرىڭ سۆيگۈنۈم، مەن سىزنى ئىككىنچىلاپ خاپا قىلمايمەن. ئەمدى بۇندىن كېيىن نېمە دەپ يازسىڭىز يېزىڭ. لېكىن قەلەم ھەققى مېنىڭ بولسۇن.-دېدى ئۇ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ ئايشەم.
-چاتاق يوق،- دېدىم-دە، ئايالىمنىڭ ھېلىقى ئىشلىرىغا بىردە ئاچچىقىم، بىردە كۈلگۈم كېلىپ ئىشخانىغا تېز-تېز قەدەم تاشلاپ كىرىپ كەتتىم.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY