باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-11-25 10:23 | ئاپتور: نۇرچىن | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئەڭ قىممەتلىك بايلىق

ئەڭ قىممەتلىك بايلىق


(ھېكايە)


    ھەممە ئادەمنىڭ قىممەتلىك نەرسىسى بولغىنىدەك مېنىڭمۇ قىممەتلىك بايلىقىم بار. ئۇ بولسىمۇ سۆيۈملۈك ئايالىمنىڭ چېچى. چاچمۇ قىممەتلىك بايلىق ھېساپلىنامدۇ دەپ قالماڭ، ئەگەر سىزنى شۇتاپتا كوچىغا ئاچىقىپ مېنىڭ ئايالىمنىڭكىدەك يوتىسىغا چۈشىدىغان ئۇزۇن سۇمبۇل چېچى بار ئايالدىن بىر نەچچىنى تېپىپ باق دېسە، سىز دەماللىققا ئۇنداق ئايالدىن بىر كۈن كۆزۈتۈپ بىرنى ياكى ئىككى ئۈچنى ئۇچرىتالىشىڭىز مۇمكىن. ئۇندىن نېرىسىنى ئۇچرىتالمايسىز. ئايالىمنى قولتۇقلاپ مەھەللە كوچا –كويلاردىن ئۆتسەم، قىز-چوكانلار ئۇنىڭ چېچىغا ھەۋەس بىلەن قارىشىپ قېتىپلا قالىدۇ . سورۇن ، توي-تۆكۈن، مەرىكىلەردە دوست -بۇرادەرلەرنىڭ ئاياللىرى << پاھ نېمىدىگەن چىرايلىق چاچلار بۇ؟ >>  دېيىشىپ ئۇنىڭ چېچىنى سىلىشىپ كېتىدۇ. شۇنداق چاغلاردا خۇددى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەندەك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ كېتىمەن.
    بىراق بۇ قېتىم چاتاق بولدى . تاس قالدىم بۇ قىممەتلىك بايلىقىمدىن ئايرىلىپ قالغىلى، قانداق بولغىنىنى بىر باشتىن سۆزلەي:
    ئايالىمنىڭ ھەرقانداق تەلىپىنى بەجاندىل ئورۇندىغان بولساممۇ ، مۇشۇ ھاراق ئىچمە دىگەن تەلىپىنى پەقەتلا بەجا كەلتۈرەلمەي قالدىم. نېمىشقا دېسىڭىز ھاراق تاشلىدى دېگەنلىك سورۇندىن ئايرىلدى دىگەنلىك ، سورۇندىن ئايرىلدى دېگەنلىك ئەل – ئاغىنە، بۇرادەرلەرنىڭ سېپىدىن چۈشۈپ قالدى دىگەنلىك بولىدۇ-دە!  ئەل – ئاغىنىلەرگە ئارىلاشماي قانداق ياشىغىلى بولىدۇ بۇ جەمئىيەتتە. شۇڭا ئاشۇنداق سورۇن دېسە قالماي، ھاراق دېسە يانماي، كۆڭۈل قوغلىشىپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە يېقىن ئۆتىدىغان بىر نەچچە بۇرادەر سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇپ قالدۇق. رومكىلار ئايلىنىپ ، كۆڭۈللۈك پاراڭلار چىقىشقا باشلاپ، سورۇن تازا قىزىغاندا ، يانفونۇم سايراپ كەتتى، قارىسام ئايالىم ئىكەن، تازا بىر تېلفون قىلغىنىغا زەردەم قايناپ ، تېلفوننى قوپاللا ئالدىم : 
    -ھە، نېمە ئىش؟ 
    -سىز قەيەردە ؟ نېمە ھېلىغىچە ئۆيگە قايتمايسىز؟- ئۇنىڭ ئاۋازى مېنىڭكىدىنمۇ قوپال ۋە قاتتىق ئىدى.
    -ئاغىنىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ، سەل تۇرۇپ قايتىمەن - دېدىم مەن ئاۋازىمنى يېنىك تەلەپپۇزدا چىقىرىشقا تىرىشىپ. ئەمما ئۇ تېخىمۇ ئەدەپ ، تاغ گۈمۈرلىگەندەك قاتتىق ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى:
    -ئاغىنە، ئاغىنە ئەجەپ تۈگىمەيدۇ سىزنىڭ ئۇ ئاغىنە بىلەن سورۇنلىرىڭىز، سىزگە مەن ۋە بۇ ئائىلە كېرەكمۇ زادى؟ يەنە مۇنۇ قورسىقىمدىكى بالىمۇ بار. ئاغىنىلىرىڭىز، سورۇنىڭىز سىزگە بۇلاردىنمۇ مۇھىممۇ؟ سىزگە دەپ قوياي ھازىردىن باشلاپ بەش مىنۇت ئىچىدە ئۆيگە قايتىپ كەلمىسىڭىز پۇشايمانغا قاچا تاپالماي قالىسىز؟
    مۇنۇ خوتۇننى قارا قورسىقىدىكى ئەمدى ئۈچ ئايلىق بولغان بالىنى پەش قىلىپ مېنى قورقۇتماقچى بولغىنىنى، مېنىڭمۇ سەل زەردەم قايناپ قالدى :
    -ماڭا تەھدىت سېلىۋاتامسىز؟ مەن سەل تۇرۇپ قايتىمەن دېدىمغۇ؟ 
    -مەن سىزنى ھازىر قايتىڭ دەۋاتىمەن، ئەگەر گېپىمگە ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ شورى،- ئۇ شۇنداق دەپلا تېلفوننى قويۇۋەتتى. مەن سەل ئەندىكىپ قالدىم، بۇ خوتۇن ئەمدى مېنى پۇشايمان قىلدۇرغىدەك نېمە ئىش قىلار ؟ باشقىلار ئاياللارنى << چېچى ئۇزۇن ،ئەقلى قىسقا >> دەپ قويىدىكەن . بۇ گەپ راستمۇ بۇنى مەن بىلمەيمەن، ئەمما مېنىڭ بۇ خوتۇنۇمنىڭ چېچى ئۇزۇن بولغان بىلەن ئەقلى قىسقا ئەمەس. ئۇ دائىم ئادەمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدىغان بىر ئىشلارنى قىلىدۇ . مەن يەنىلا ئۆيگە بىر بېرىپ كېلىشنى لايىق تاپتىم. سورۇندىكى ئاغىنىلەرگە << سىرتتىن نەرسە ئەكىرىۋالاي>> دەپ قويۇپ ، تاكسى توسۇپ ئۆيگە يول ئالدىم.
    ئۆيگە كەلسەم خوتۇن قوللىرىنى ئىككى بېقىنىغا تىرەپ ھومايغىنىچە مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ:
    -نېمە ئىش ئىدى؟- سورىدىم مەن. 
    -بۈگۈن مېنىڭ سەۋر- تاقىتىم توشتى !- ئۇنىڭ بۇ گېپىنى چۈشىنەلمىدىم.
    -نېمىگە توشتى سەۋر تاقىتىڭىز؟
    -سىز مەن بىلەن توي قىلغاندىن بېرى سورۇن، ئەل-ئاغىنەم دەپلا يۈرىۋاتىسىز ، بۇ ئائىلە بىلەن كارىڭىز يوق. سورۇن دېسە ئۇچىسىز . بۈگۈن سىز بىلەن گەپنى ئېنىق دىيىشىمەن. 
    -نېمە گەپنى ئېنىق دىيىشمەكچى سىز ؟ - مەن سەل ئاچچىقىم كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىشقا تىرىشتىم.
    -سىز ئاشۇ تۈگىمەس سورۇن، ھاراق دېگەنلەردىن قول ئۈزمەيدىكەنسىز ، سىزگە كۆرسىتىپ قويىمەن!
    -قانداق كۆرسىتىپ قويىسىز ؟- يېنىشلاپ سورىدىم مەن. ئۇ دەرھال بېرىپ ئۈستەل ئۈستىدىكى قايچىنى قولىغا ئالدى-دە ، توم قىلىپ ئۆرىۋالغان ئىككى تال چېچىنى قايچىغا قىسىپ تۇرۇپ دېدى:
    -مانا مۇشۇنداق كۆرسىتىپ قويماقچى-مەن ئەمدى ئۇنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم-دە ، ئالمان –تالمان ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلدىم:
    -ساراڭ بولدىڭىزمۇ ؟ نېمە قىلماقچى سىز ؟
    -قويۇۋىتىڭ! - ئۇ قولۇمنى سىلكىۋىتىپ كەينىگە بىر قەدەم داجىدى:
    -مەن ساراڭ بولمىدىم ، بىلىمەن مېنىڭ بۇ چېچىم سىز ئۈچۈن جېنىڭىزدەك قەدىرلىك. بۇ سىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىڭىز. سىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىڭىز بولغىنىدەك مېنىڭمۇ قىممەتلىك ، جېنىمدىن ئەزىز كۆرىدىغان بايلىقىم بار . ئۇ بولسىمۇ سىز . سىز مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىرلىك، ئەڭ ئەتىۋار بايلىقىم. لېكىن سىز مېنىڭ بۇ قىممەتلىك بايلىقىمنى ھاراق بىلەن زەھەرلەپ، بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلارنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپ قويماقچى بولىۋاتىسىز، مېنىڭ قىممەتلىك نەرسەمنى نابۇت قىلماقچى بولىۋاتىسىز. شۇڭا ھازىر مەن سىزگە شۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى بىلمىسىڭىز بۇ گۆھىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز . مانا بۇ سىزگە دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش!- شۇنداق دەپ بولۇپلا <<گارت>>  قىلىپ چېچىنىڭ بىر غېرىچ كېلىدىغان يېرىدىن كېسىپ ، ئالدىمغا تاشلاپ قويۇپ ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەن لاسسىدە بولۇپ سافادا ئولتۇرۇپ قالدىم .بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشقا پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. ئەخمەق خوتۇننىڭ مېنى ھاراقتىن قول ئۈزدۈرۈش ئۈچۈن تاپقان ئامالىنى قارىمامدىغان، مەن ئۈچۈن شۇنچە قەدىرلىك ئۇ سۇمبۇل چاچلارنى ھەرقانچە بولسىمۇ ھاراققا تېگىشىۋەتمەسمەن. ھاراقتىن بىر ئاماللارنى قىلىپ چىقىپ كېتەلەيمەن، لېكىن ئۇ چاچلاردىن كېچەلمەيمەن. چاچ دېمەك- ئايالىمنىڭ غورۇرى دىمەك. ئۇ چېچىنى پەقەت مەن ئۈچۈنلا ئاسراپ ئاۋايلاپ شۇنچىلىك قىلغان تۇرسا.
    شۇ خىياللار بىلەن تۇرسام يانفونۇم سايراپ قالدى . قارىسام بايىقى سورۇندىكى ئاغىنە بالىلار ئىكەن. تېلفوننى ئالدىم: 
    -ئەجەپ كېلىپ بولالمايسەنغۇ بۇرادەر ؟- ئۇلار مېنى ئالدىرىتىۋاتاتتى. مەن ناھايىتى تەمكىن ئاھاڭدا جاۋاپ بەردىم:
    -مەن قايتىدىغان بولدۇم.
    -نەگە قايتىدىغان بولدۇڭ؟
    -ئۆزۈمگە ، ئۆز ئائىلەمگە قايتىپ كېتىمەن. خوش ئاغىنىلەر ، - شۇنداق دەپ بولۇپلا تېلفوننى قويۇۋەتتىم. بەلكىم ئۇلار نېمە دېگىنىمنى چۈشەنمەيلا قالغاندۇ، مەيلى ئەمدى بۇرۇنقىدەك ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش مەجبۇرىيىتىم يوق. مەن ئەمدى ئۆز مەجبۇرىيىتىم- ئەرلىك مەسئۇلىيىتىم توغۇرلۇق ئويلىنىشىم كېرەك. شۇ تاپتا قايسىدۇر بىر سورۇندا زورلانغان ھاراقنى ئىچمەيمەن دەپ تۇرىۋالغان بىر ئاغىنەمنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى يادىمغا يېتىۋاتىدۇ:
    << بىزگە جان بەرگەن ئانىمىزنىڭ ھالال سۈتىدىن ئايرىلىپمۇ ياشاۋاتىمىز-يۇ، مۇشۇ نىجىس ھاراقتىن ئايرىلساق زادى ياشىيالماسمىزمۇ. . . ؟>>

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY