باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-11-26 11:16 | ئاپتور: ماچاڭى | مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

باغاق ئۈستىدىكى ئويلار

ﺑﺎﻏﺎﻕ ئۈستىدىكى ئويلار


(ھېكايە)


ھەبىبۇللا سىيىت باۋدۇن


    كېرەم مۇدىر بۈگۈن ئەتىگەندىلا بىر پارچە توي باغىقى تاپشۇرۋالدى. بۇ باغاق كېرەم مۇدىرنىڭ ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقىغان ساۋاقدىشى، ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەمەتنىڭ ئوغلى ئىلھامجاننىڭ 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان توي مەرىكىسنىڭ باغىقى ئىدى.
    كېرەم مۇدىر باغاقنى تۇتقىنىچە خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ ئىشخانا ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭغاچ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاشقا باشلىدى: 

     ھەي، ئەقىللىق ئادەم باشقىچىلا كېلىدىكەن جۇمۇ، بىز ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر سىنىپتا ئوقىۋاتقان مەزگىلدە ئۇ: < ساۋاقداش دېگەن ساۋاقداش، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىرىمىز ئوقۇتقۇچى يەنە بىرىمىز مەكتەپ مۇدىرى، ئىدارە باشلىقى، باشقارما باشلىقى، ۋالىي، نازىر ھەتتا رەئىس بولۇپ كەتسەكمۇ بىر-بىرىمىزنى ئۇنۇتمايمىز. بىرەيلەننىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە باشقىلىرىمىز قاراپ تۇرماي ياردەم قولىمىزنى سۇنىمىز> دېگەنىدى. مانا بۈگۈن ئۇنىڭ ماڭا باغاق ئەۋەتكىنى مېنى ئۇنۇتمىغىنى ئەمەسمۇ؟! ھە راست، بۈگۈن دېگەن جۈمە، بۈگۈن راۋرۇس تەييارلىق قىلىپ، ئەتە ئەتىگەن سائەت بەشتە مەكتىپىمىزنىڭ SANTANA ماركىلىق ماشنىسىغا چۈشۈپ ماڭساق، ئۇلار ئورنىدىن تۇرغىچە يېتىپ بارىمىز-دە، كۆرۈشۈپ بولۇپ: ھە ئەمەت ۋالىي، بىز قىلىدىغان نېمە ئىشلار بار؟ دەپ سوراپ ۋالىينى خۇش قىلىۋىتىمەن ئەمەسمۇ، مېڭىشنىغۇ ئەتە ئەتىگەن سائەت بەشتە ماڭىمەن، لېكىن كىملەرنى ئەگەشتۈرۈپ  ماڭىمەن، توي مەرىكىسىگە نېمە سوۋغات قىلىمەن؟! بۇنى ئوبدان ئويلاشماي بولمايدۇ.
    ئەمەت نېمىلا دېگەن بىلەن ئىككى ناھىيە بىر شەھەرنى سوراۋاتقان ۋالىي-دە! دۇرۇس، ئەمدى ئەقلىمنى تاپتىم، بۇ مەكتەپتە ھايت دېسەم، ھۇيت دەيدىغان، سىزغان سىزىقىمدىن چىقالمايدىغانلار بار ئەمەسمۇ؟! مەن ئۇلاردىن مەمەت، تۇرسۇن، ئېلى، غوپۇر ۋە ھاشىملارغا ئەمەت ۋالىينىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىگە بارىمىز دېسەم، بۇ گەپ ئۇلارغا مايدەك ياقىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن چۈجىلەر ئانىسىغا ئەگەشكەندەك مېنىڭ ئارقامدىن ئەگىشىپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ بەشەيلەننى ۋالىينىڭ ئىش-كۈشلىرىغا سېلىۋىتىمەن. ئۆزەم بولسام ئەمەت ۋالىي بىلەن بىر قاتاردا تۇرۇپ ياخشى يەپ، ياخشى ئىچىپ ئاخىردا قۇرۇق كېلىپ قالدىم، دەپ 2000 يۈەن نەق پۇلنى كونۋېرتقا سېلىپ، ئۇنىڭغا سوۋغات قىلىپ، ئۆزەمنىڭ يۈز-ئابرويۇمنى كۆتۈرىمەن. ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1500 يۈەننىڭ ئورنىنى كاسىر مائاش تارقاتقاندا ئۇنىڭغا ھېلىقى بەشەيلەننىڭ مائاشىدىن ھەر بىرىدىن 300 يۈەندىن تۇتقۇزۇپ تولدۇرىمەن، قالغان 500يۈەننى قايتا ئوقىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىدىن كاسىرغا دەپ چىقىم قىلغۇزىمەن. ئۇ بەشەيلەن مېنىڭ ئالدىمدىغۇ غىڭشالمايدۇ، مۇبادا غىڭشىسا مەنمۇ 500 يۈەن چىقىم قىلدىمغۇ؟ يەنە نېمە گەپ، دەپ ئۇلارغا بىر ئالىيىمەن-دە، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غىدىڭ-پىدىڭ قىلالمايدۇ.
    كېرەم مۇدىر مۇشۇ خۇشاللىقىدا قوللىرىدىن قاس چىقىرۋىتىپ، ھېلىقى بەش ئوقۇتقۇچىغا تويغا بارىدىغانلىق ھەققىدىكى « خۇش-خەۋەر»نى يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن مۇدىر ئىشخانىسىدىن چىقىپ تېز-تېز قەدەم تاشلاپ ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىغا كىرىپ كەتتى.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY