باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-10 08:55 | ئاپتور: ئايزىت | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

مۈشۈك يۈزىنى يۇيىۋاتىدۇ

مۈشۈك يۈزىنى يۇيىۋاتىدۇ


(ھېكايە)


ئايزىت


 
   بۈگۈن يەكشەنبە ئۇيقۇم ئېچىلىپ كەتكىلى خېلى بولغان بولسىمۇ، نىمىشقىدۇر ئىشقا بارمىغاچقىمۇ ئورنۇمدىن بالدۇر تۇرغۇم كەلمىدى.
    ئايالىمنىڭ يەنە مەكتەپ رەھبەرلىكى ياكى بوغالتىر بىلەن كۆرۈشۈپ باقتىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ 1-دەرىجىلىك ئۇنۋانىڭىز تەستىقلىنىشى ئۈچ يىلدىن ئاشسىمۇ نېمىشقا مۇئاشىڭىز ئۆسمەيدۇ؟سىز جىمجىت تۇرسىڭىز ،سىزنىڭ غېمىڭىزنى بىر كىم كىلىپ يېمەيدۇ.بىرەر كۈن ئىش تاشلاپ بولسىمۇ كادىرلار ئىدارىسىگە بېرىپ ئىششىڭىزنى ھەل قىلىپ كېلىڭ.بازاردا مالنىڭ باھاسى كۈندىن –كۈنگە ئۆسۈپ كېتۋاتىدۇ.ئازراق بولسىمۇ ئىقتىسادنى ئويلاپ ،تىجەشلىك بولمىساق ئەتە-ئۆگۈن بالا تۇغۇلسا ئالدىراپ قالىمىز دېگەن گەپلىرىدىن قۇلىقىمنى دەم ئېلىش كۈنىدە بولسىمۇ قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يوتقاننى بېشىمغا چىڭ چۆمكەپ جىمجىت يېتىۋېلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ ،يانغا ئۆرلىشىمگە پۇتۇم مىلىق-مىلىق يۇمشاق نەرسىگە تىگىپ كېتىپ چۆچۈپ دىڭڭىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ يوتقىنىمنى قولتۇقۇمغا قىسىپ قارىسام ئەسلى ئۇ مېنى چۆچۈتكەن ئۆيدىكى تاغىل مۈشۈك ئىكەن.
مۈشۈك مېنى چۆچۈتۈۋەتكەنلىكىنى سەزمىگەندەك ئاياق تەرىپىمدە ئالدى پۇتىنى سوزۇپ ،كۆزىنى بىر يۇمۇپ،بىردە چىمچىقلاتقىنىچە ماڭا ئەمەس ،ئىشىككە قاراپ ياتاتتى.
ئايالىمنىڭ ئۆيدىكى بەزى كىچىك ئىشلىرىغا قاراپ ئۇنىڭ ئۇششاق ئىشلىرىدا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى دەماللىققا ئاڭقىرالماي قالغىنىمدا ئۇنىڭ پەشتامىسىنى چىڭ تارتىپ ئاشخانىدا تىنىمسىز تىرىكلاپ بۇنى ئۇ يەرگە،ئۇنى بۇ يەرگە يۆتكەپ رەتلەۋاتقان،ئەينەك، پوللارنى سۈرتكەچ غىڭشىپ ناخشائېيتقان،ئۆزىچىلا ئجادى سوغاق سەي قىلىۋاتقان،گۈللەرنى سۇغارغاچ ياپلاق يوپۇرماقلىق گۈلنىڭ يوپۇرمىقىنى ئېرىنمەي بىر-بىرلەپ سۈرتۋاتقان ...ھەركەتلىرىگە سۆيۈنۈنگەچ ،قىزىقىپ قاراپ قالىمەن.ئونىڭ ئائىلە ئىشلىرىدىكى ھەركەتلىرى چاققان،قولى تەملىك ،بەكلا چىۋەر ھەم تولىمۇ ئىدىتلىق ئايال.ئۇ ئۈچ ۋاق تاماقنى ئوخشىتىپ ئىتىپ ،ئىدارىسىدىكى ئىش،سىرتتىكى دوست ،بۇرادەرلەرنىڭ ئادەمگەرچىلىكىدىن قولى بوشىسۇن ،بوشىمىسۇن ئۆيدىكى تاغىل مۈشۈكنى پەقەت ئۇنتۇلمايدۇ.كۈندە ئىشقا كېچىكىپ قالدىغان ئىش بولسىمۇ ئۇ ئەتىگەندە تاغىل مۈشۈككە يەيدىغان پارچە –پۇرات نەرسىلارنى،ئىچىدىغان سۈيىنى قۇيۇپ بېرىپ بالكوننىڭ ئېشىكىنى ،دېرىزىسىنى قىيا ئىچىپ قۇيۇپ ئاندىن ئىشقا ماڭىدۇ.
ئاجايىپ قىزىق ئىش .تاغىل مۈشۈك خۇددى ئايالىم بىلەن دىيىشۋالغاندەكلا ،ئەتىگەن ،چۈش،كەچ ئارلىقىلىرىدا ،خىزمەتكە ماڭغان كۈنلەردە ئايالىم ئىشىكتىن سىرتقا پۇتىنى ئىلىپ چىقىسىلا تاغىل مۈشۈكمۇ شىپپىدە ئۆيدىن يوقايدۇ.ئايالىم ئۆيگە قەدەم باسقان ھامان نامەلوم بىر يەردە كۆزىتىپ تۇرغاندەك ،ئۆينىڭ ئىچىدە غايىپتىن ئۆيدىن ئۈنگەندەكلا پەيدا بولىدۇ.
تاغىل مۈشۈك سەۋەپلىك ئايالىم بىلەن نەچچە قىتىم گەپ تاكالىشىپ ،نەچچە كۈن ماي تارتىشىپ قالغان كۈنلىرىمىزمۇ بولغان.
ئايالىم بىلەن ئىككىمىز تاسادىبىي تۇنۇشۇپ يېرىم يىلدەك مۇھەببەتلىشىپلا توي قىلغان ئىدۇق.مەن ئۇنى تۇنجى ئۇچراتقان كۈنىلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم.شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ دىلىنى زەرچىلىكمۇ رەنجىتكۈم كەلمەيتتى.
ئالدىراش چارچىغان كۈنلىرىمدە ئۇنىڭ ئادەتتىكى سورىغان سۇئاللىرىغا قىسقا ،سۇغاق جاۋاپ بېرىپ بولۇپمۇ ،ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆڭلۈم بىر قىسما بۇلۇپ ،ئۇ تاماق ئىتۋاتقاندا ياكى قاچا-قۇچا يۇيۋاتقاندا ئۇنىڭغا ئۇغۇرلىقچە قاراپ-قاراپ قۇيۇپ ئەخلەت چىلىكى توشمىسىمۇ ئۇنى قۇرۇقداشقا سىرتقا ماڭىمەن.ئەمما،ئايالىم باققان تاغىل مۈشۈك بىلەن ئازراقمۇ خۇشۇم يوق.
بىر كۈنى ئايالىمغا ئولتۇرغانچە، مۈشۈك بۇ چاشقان يوق سىمنوت ئۆيدە
ئىچى پۇشۇپ،غېرىبسىنىپ قالىدۇ.ئۇنى قىينىماي بىرەرسىگە بېرۋىتەيلى دېگەن گەپنى مەسلىھەت قاتارى دىيىشىمگىلا ئايالىم ئويلىمىغان يەردىن،بۇرۇنقى مۇلايىم تۇرقىدىن ئەسەرمۇ يوق شۇنچىلىك كەسكىن ھەم قۇپال ئاۋازدا بولمايدۇ ،دەپلا گېپىمنى ئۈزۋەتتى.
مەنمۇ قاراپ تۇرماي يۇمشاق كىرسولدا غەمسىز ياتقان مۈشۈكنى كۆترۈپ يەرگە ئاتتىم.مۈشۈك ئىتىشىمنى ئالدىن بىلۋالغاندەكلا گىلەمگە لوككىدە چۈشۈپ قۇيرۇقىنى ئۇيان-بۇيان ئەگرى قىلغىنىچە مىياڭلاپ بالكونغا قاراپ ماڭدى.
ئايالىم مېنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك كۆزلىرىنى مىقتەك قىلىپ كۆزۈمگە قادىلىپ بىردەم تۇرۋەتكەندىن كېيىن كۆز ياشلىرىنى سۈرتكىنىچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
دەم ئىلىش كۈنۈم ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى ھېلىدىن-ھېلى چىكىش،ئايالىم ئامراق گۇرۇچ ئۇنىدا ئەتكەن ئاچچىق سومەننى تەييارلاپ ئۇنىڭ ئىشىكنى ئىچىپ چىقىشىنى كۈتۈش بىلەن ئۈتۈپ كەتتى.
ئۇ خېلى كەچ بولغاندا مۈشۈكنى ئەنسىرەپ قىلىپ ئېشىكنى ئاچتىمۇ ئىشقىلىپ ئەيتاۋۇرچىقىپلا مۈشۈكنى چاقىردى.
مىھمانخانا ئۆيدە كىرسلودا قىڭغىيىپ تىلىۋزور كۆرۈپ ئولتۇرسام مۈشۈك شىپ-شىپ مىڭىپ كىلىپلا يىنىمدا ماڭا يەنە ئۆزىنى سۈركەپ ياتتى.تاغىل مۈشۈككە ئۆچ بولساممۇ بۈگۈنكى ئايالىم ئىككىمىز ئارسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كېتىشىىدىن ئەنسىرەپ تاغىل مۈشۈكنى قۇپاللىق بىلەن يېنىدمىن ئىتىرۋەتمەي ،پەرۋاسىز تىلىۋزورىمنى كۆرۈپ يىتىۋەردىم.ئاشخانا ئۆيدە مۈشۈكنى چاقىرىپ بېقىپ ،كىرمىگىنىگە ئەجەپلەنگەن ئايالىم ئتتىك مەن بار ئۆيگە كىرىپ تاغىل مۈشۈكنىڭ مېنىڭ يېنىمدا ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولدىمۇ ياكى كىچېك ئىشنى چوڭايتىپ ماڭا قىيداپ يۈرگىنىگە خىجالەتمۇ ئىشقىلىپ ماڭىمۇ قاراپمۇ قويمايلا ئىپادىسىز ئۇدۇل كىلىپلا تاغىل مۈشۈكنى كۆترۈپ چىقىپ كەتتى.
ئايالىم بالدۇرلا يىتىپ قالدى.مەن تىلۋزور كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ،يېرىم سائەت كىتاپ كۆرۈپ خېلى كەچ ئۇنىڭ يېنىغا كىردىم.
ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتكۈچە ئىختىيارسىزلا تاغىل مۈشۈكنىڭ يەيدىغان يىمەكلىكىگە ،ئىچىدىغان سۈيىگە قاراپ بىقىپ ،پۇتۇمنىڭ ئۇچچىدا دەسسەپ ،چىراقنىمۇ ياقماي ئورۇنغا كىردىم.
ئايالىمنىڭ ئەتىگەندىكى تاغىل مۈشۈك سەۋەپلىك ماڭا ئاچچىقى تېخىچە يانمىغان بولسا كېرەك ،تام تەرەپكە قاراپ جىمجىت ياتاتتى.ئۇنىڭ يىنىك دەم ئىلىشىدىن ئۇخلىمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئاستا ئۇنى ئۆزەمگە تارتتىم.ئۇ كەينىگە ئۆرۈلمىدى.ياستۇققا يېيلىپ تۇرغان چاچلىرىنى ھىدلىغاچ ئوڭ قولۇمنى ياستۇقنىڭ ئاستىغا كىرگۈزۈپ ئۇنىڭ دۈمبىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ قۇلىقىغا شىۋىرلاپ تۇرۇپ ،سېنى سۆيىمەن.چۈشۈمدە سېنى كۆرەي دېدىم.ئۇ خۇددى كىچىك بالىدەك بوقۇلداپ يىغلىغىنىچە قوينۇمغا ئۆزىنى ئاتتى.
مەن ئۇنىڭ ياشقا تولغان كۆزلىرىنى مېھرىم بىلەن سۈيۈپ تۇرۇپ تاغىل مۈشۈكنى باقساڭ ،باققىن ئەمما،مېنى ئۇنتۇلۇپ قالما.ئەتىگەنكى ئىشقا مۇشۇنچىلىك قىلىش كىتەمدۇ دېدىم.
ئۇ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ قوللىرى بىلەن چىچىمنى تارىغاچ نازلىق بىلەن ماڭا تاتلىق ئەركىلەيتتى.كۆزگە كۆرنەرلىك يۇڭىناپ قالغان قورسىقىنى سىلاپ تۇرۇپ سەنسەزە ئەتە ئۆگۈن بالىمىز بىلەنمۇ ئۇيۇن تالىشىپ ،تىلى بىلەن ئايىقى چىقۇچە بالىمىزغىمۇ قىيداپ، تەتۈر قاراپ يۈرەرسەنمۇ دەپ
مېنى ھەر ۋاقىت ئۆزىگە ئىنتىلدۈرۈپ تۇردىغان ئايالىمنىڭ يۈزى تۈۋەنلىكى جىلۋىنىپ تۇردىغان چىھرىگە،سەبيلىك بالقىپ تۇردىغان كۆزىگە سەپسالغىنىمچە ئۇماق، كىچىك يۈزىگە نىسپەتەن سەل-پەل يۇغاندەك كۆرۈندىغان بۇرنىنى چىمدىپ قويدۇم.ئۇ مېنى قۇچاقلاپ تارتىنىپ تۇرۇپ تولىمۇ پەس ھەم تىترەك ئاۋازدا تاغىل مۈشۈكنى ئوغلىمىز ئۈچۈن بېقۋاتمەن.دېدى.
ۋۇجۇدۇم ئايالىمنىڭ تىنىقىدىن تارىغان ئوتلۇق ،كۆيدۈرگۈچى سېزىم ئىلكىدە لەرزىگە كەلسە ،يۈرۈكۈم ئوغلىمىز ئۈچۈن بىقۋاتمەن دېگەن سۆزلەر ئىقىمىدا دۈپ-دۈپ سوقۇپ كەتتى.شۇ كۈنى كەچ تاتلىق پىچىرلاشلار بىلەن قاچان ئوخلاپ قالغىنىمزنىمۇ سىزىشمىدۇق.
ئاياق تەرپىمدە ياتقان تاغىل مۈشۈككە پەرۋا قىلماي،باشقىدىن ئورنۇمنى رەتلەپ ،يوتقانغا چۆمكىنىپ ،كۆزۈمنى يۇمغىنىمچە خىيال ياكى ئۇيقۇ ئارسىدا سوزلۇپ يىتۋالدىم.
يىراقتىن تۇنۇش ،يىقىن كىلىپ سىنچىلاپ قارسام ئەمەسلا چىرايلار،ناتۇنۇش ئادەملەر ئىشخانىغا كىرىپ ،چىقىپ يۈرىشىدۇ.تۇلۇقسىز ،تۇلۇق ئەدەبىيات،تارىخ،دەرسلىرىنى خاتىرىگە تەييارلاپ ،چۈشلۈك تاماق يېيىشنىمۇ ئۇنتۇلۇپ ھەپتە بۇرۇن دەرس تەييارلاپ ،گۇرۇپپا باشلىقىغا قول قۇيدۇرۇپ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قۇشۋاتسام سىياسى ئۆگۈنۈشكە مەسئول پارتىيە قۇرلۇشى ئىشخانسىدىكى رەھبەر ئىشىكنى چىكىپ يىغىن زالىغا كىرىپ ئۆتكەن ھەم كىلدىغان كۈنلەردىكى سىياسى ئۆگۈنۈش تېمىلىرىنى بىلۋىلىپ چىقىپ خاتىرە تۇلۇقلاشنى ئەگەر،خاتىرە كەم بولسا نۇمۇر تارتىلىپ ،يىللىق باھالاشتا بىر ئاۋاز ئىنكار قاتارى بىر تەرەپ قىلىنىش ھەققىدىكى چارىنىڭ يولتورىقىنى يەتكۈزۈپ چىقىپ كەتتى.دەرس تەييارلىقىنى يىپىپلا يىغىن زالىغا چاپتىم.
چۈشۈممۇ ياكى يىغىن زالىدا بولۋاتقان ئىشلارمۇ ئىشقىلىپ ئەيتاۋۇر بىشىمنى كۆترۈپ ئۆزەمنى ئوڭشاپ بولغۇچە يەنە ئادەملەر مېنى تەرەپ-تەرەپلەپ ھەدەپ تارتقىلى تۇردى. ئوڭ قولۇمنى مەكتەپ مۇدىرى قاتتىغىراق تۇتۋەتتىمۇ .ۋايجان دىيەلمەي ،دەردىم ئىچىمدە تۆنۈگۈن قۇشۇلغان بىر كىتاپ ،قېلىن خاتىرە كاساپىتىدىن تۇتقۇچى ئۈزلۈپ كەتكەن سومكامنىڭ نورمىدىن جىق كىتاپ ،خاتىرە سىلىنغان،چىڭقىلىپ ،تومپىيىپ كەتكەن تۇرقىنى كۆرمەسكە سېلىپ ئالدىمغا تارتىپ تۇرىشىمغىلا سول قولۇمنى تارتىۋاتقان سول قولۇمنى نۇقۇشلاپ تارتىۋاتقان ئۇقۇتۇش تەتقىقات مۇدىرىغا كېرەكلىك ماتىريالنى سۇنۋېتىپ ،ئو پۇتۇمنى قىسۋاتقان ئاياق ياكى پايپاقمۇ دەپ پەسكە قاراپ ،كۆزلىرىمنى چىمچىقلىتىپ تۇرۇپ ،ئوڭ پۇتۇمنى دەسسەۋاتقان ئەخلاق تەربىيە مۇدىرىنىڭ ئىككى گىمناستىكا ،كۈندە ئەتىگەن بايراق چىقىرىش،ئىشتىن چۈشكەندە بايراق چۈشۈرۈش ،مەكتەپ فورمىسى كىيىش تۇغۇرسىدىكى نۇمۇر تارتىش ھەم ئاگاھلاندۇرۇش رەتلەنگەن ئۇششاق رەقەملەر چۈشكەن جەدۋەلگە كۆزۈم چۈشۈپ بولغۇچە ،سول پۇتۇمنىڭ ئىتتىپاق ياچىكا،ئۇيۇشما ،پەن گۇرۇپپا مەسئوللىرى ،،،قاتارلىق ئۆزەمدىن ،ئايالىمدىن باشقا نۇرغۇن ئىسمى يېڭى ياكى چۈشنىكسىز رەھبەرلىرىمنىڭ مېنى بىردە ئۇياققا ،بىردە بۇياققا تارتىشتۇرۇپ ،تۇتقۇچى ئۈزۈلگەن سومكامنىڭ ھالى خاراپ سىرتمىسىنىڭمۇ بۇزلۇپ ئىچىنىڭ بوشاپ قالغىنىغا كۆزۈم چۈشتى.
تەرەپ-تەرەپ نۇقلاش،شەرتلەش،تارتۇشتۇرۇشتا تەرلەپ پىشانەمدىكى تەرىمنى سۈرتەي دەپ مېڭەمدىكى بۇغالتىرنىڭ ئاغرىساڭ،كېچىكسەڭ،دەرس ئالماشتۇرساڭ پۇل تۇتىمىز .بۇ ئايدا مەكتەپ مالىيە قىيىنچىلىقى سەۋەپلىك ئىككى ئايلىق تۇلۇقلىما پۇلۇڭلار كېچىكىپ كىتىدۇ.كېيىن تۇلۇقلاپ ئىشلەپ تارقىتىمەن دىگەندەك گەپلەر بىلەن چىقىم باغاقچىلىرىنى چىچىمغا ئۇلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئايالىمغا كەچرەك قايتىدىغىانلىقىمنى دىگىلى تېلفۇن قىلۋىلىش ئۈچۈن يانفۇنىمنى ئىزلەشكە باشلىدىم.ئىشتان يانچۇقىمنىڭ قاچان ئەستەر خالتىسىنىڭ يىرتىلىپ كەتكەنلىكىنى سەزمىگىنىمگە ئۆكۈنۈپ يانچۇقىمغا سالغان قولۇمنى ئىتتىك چىقىرىپ ،ئىچ يانچۇقىمغا سېلىشىمغا قولۇمغا تېلفون ئەمەس ئۇششاق،تىتلىپ كەتكەن پارچە 40-50 يۈەن ئەتراپىدىكى پۇل ئىلنىشتى.
ئەتە،توك ،سۇ ،گاز ئالدىغان كارتۇچكىغا پۇل قاچلىمىسام بولمايدىغانلىقى ئىسىمدىن كىچىپ بوغالتىرنىڭ ئىشىكى يېنىدىكى تامغا ئۈستى –ئۈستىلەپ چاپلانغان ھىساپ-كىتاپ چاپلانمىلىرى ئىچىدىن ئۇششاق يېزىلغان تۇنۇش ئىسمىمنى تىپىپ كۆڭلۈمدە ھىساباتقا چۈشۈپ كەتتىم.
ئاڭلىتىش بۆلىمىدىكى ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئالدىمىزدا كىلدىغان مائارىپ مۇپەتتىشكە ھەر بىر ئۇقۇتقۇچى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىش،ئۆتەبىر بايرىمىغىچە بۆلۈنگەن خىزمەتلەر ،تارقىتىلغان خاتىرلەر ۋاقتىدا تۇشقىزىلىپ ئىستاتىكا خادىمىغا ۋاقتىدا تاپشۇرۇلمىسا دۆلەت بەلگىلەنگەن بىر ھەپتىلىك دەم ئلىش قىسقىراپ ئەسلھەلىك يېزا ئىگىلىككە ياردەم بېرىش ئۈچۈن پارنىكقا ياردەم بېرىش ئاۋانگىراتلىرى بولدىغانلىقىنى جاراڭلىق ئاۋازدا ئاڭلىتۋاتقاندا مالىيە ئىدارىسنىڭ باشلىقدىنمۇ چوڭ ھوقوققا ئىگە خالىسا ئىككى ئاينىڭ تۇلۇقلىما پۇلىنى يېغىپ ،خالىمىسا ئۆزىنىڭ رەپتارىغا سېلىپ مالىيە باشقۇرۋاتقان بوغالتىرنىڭ قالتىسلىقى ،دۆلەت بەرگەن نۇرمال دەم ئلىش كۈنلىرىنى قىسقارتىپ ئادەم جازالاشنىڭ ئىلمي قىلىپلىرىنى ھازىرلاۋاتقان مائارىپ ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىشلەش ئىدىيىسى كۈچلۈك ئىلمىي مۇدىرنىڭ تەدبىركارلىقىغا نەزىرىمنى ئاغدۇرغاچ،دەرۋازىنىڭ سولاقلىق قارا قۇلۇپىنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ قۇيۇپ مەكتەپ قوغداش ئىشخانىسىغا يىڭىدىن كەلگەن تۆت نەپەر قوغداش خادىمىنى ئىزلىشىمگە ئىككى قوغداش خادىمى يەردىن ئۈنگەندەكلا ئالايېشىل ئامرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ دالا مانۋىر كىيىمى ،تۈمۈر قالپاق .قوغدىنىش كالتىكى تۇتقان ھالدا ئالدىمدا پەيدا بۇلۇپ دەرۋازىدىن نېمە سەۋەپ بىلەن چىقىش ھەققىدە ئىزاھات بېردىغان تىزىمغا ئېلىش خاتىرسىنى ئۇزاتتى.ئەتىگەندىن بېرى ھاجەتخانىغا بارماپتىمەن.ھاجاتخانىغا چىقىمەن دېگەننى ئېغزاكى دەرمەن دىيىشىمگە ئۇلارنىڭ بىرى قەلەم سۇنۇپ يېزىپ قويسىلا دېدى.
ھاجەتكە باردىغانلىقىمنى ،چىققان ۋاقتىمنى يېزىپ قۇيۇپ سىرتتىكى ھاجەتخانىغا كىرىپ تۇرىشىمغىلا ياندىكى ئاياللار ھاجەتخانىسىدىن ئىككى ئايالنىڭ ئەتىگەندە ئالدىراپ ناشتا قىلمايلا كەلگەنلىكى ،دەم ئېلىش كۈنلىردىن باشقا كۈنلەردە ئۆيدە ئىسسىق تاماق ئەتكۈدەك ۋاقىتنىڭ يوقلىقىنى دىيىشىپ يىقىدىن دەرس ئكتۈشكە ئەمەس پارنىكقا ،سىياسى ئۆگۈنۈش،ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىن ،كەسپى ئۆگۈنۈش خاتىرسىنى تۇلۇقلاشقا يۈگرەپ كەلمەكچى بولۋاتقان مۇپەتتىش ئۆمىكىنى ،ئىشخانىسىدا كۈندۈزمۇ چىراق ياندۇرۇپ قۇيۇپ ،پۇرقۇرتۇپ تاماكا چىكىپ كومپىيوتىردا قارت ئويناپ زىركىپ ئەسنەۋاتقان ،ھەممە نەرسىنى ئۇنتۇلسىمۇ ئەمما ،كۈندىن –كۈنگە ئاقىرۋاتقان چاچلىرىنى قارا رەڭدە رەڭلىۋىلىشنى ئۇنتۇلمايدىغان مەكتەپ مۇدىرى ھەققىدە ئاغرىنىپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ھاجەتخاندىن چىقىپلا بىر تال تاماكا چىكىپ مەكتەپنىڭ پارنىكىغا ،ئۈزۈملىرى ئۈزۋىلىنىپ يىشىل لەمپىسى قالغان ئۈزۈم باراڭلىرىغا قارغىنىمچە كۆكۈش ئىسنى بىردە ئىچىمگە سۈمۈرسەم ،بىردە سىرتىمغا پۈۋلەپ ھەتتا ئىش تاپالمىغاندەك بۇرنىمنىڭ ئىككى تۆشىكىدىن پۇقۇرتىپ تىشىمغىمۇ چىقىرىپ بېقىپ ئۆيدە تاغىل مۆشۈكنىڭ بېشىنى سىلغىنىچە مېنى ساقلاۋاتقان ئايالىمنى سېغىندىم.
يەنە كىملەر مېنى سىلكىپ تارتۋاتقانكىن توختىماي سىلكىنىشكە باشلىدىم.بۇرنۇمنى سىقۋالغان مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەمەستۇ.دەم ئالالماي ھە،ھە،ھە نېمە؟!دېگىنىمچە ياستۇقنى كۆترۈپلا تۇرۇپ كەتتىم.
ئايالىم كۈلۈمسىرىگىنىچە؛
-چۈش ئۇزراپ كەتتىمۇ ياكى سىز چارچاپ قىلۋاتامسىز؟
-چاققان يۈزىڭىزنى يۇيۇپ ناشتا قىلۋىلىڭ.
مەن ئۆيلەرنى رەتلەي.مېھمان كىلدىغاندەك قىلىدۇ.
-قاراڭ مۈشۈك يۈزىنى يۈيۋاتىدۇ –دېدى.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY