باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2012-1-5 09:50 | ئاپتور: ھەبىبۇللا سىيىت باھاۋۇدۇن | مەنبە: ئىجادىي | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ھەي، شۇ ئاتا-ئانىلارنىزە...

ھەي شۇ ئاتا-ئانىلارنىزە...

(ھېكايە)

ھەبىبۇللا سىيىت باھاۋۇدۇن

 

   كەچ كۈز. ئەتراپ سوۋۇشقا باشلىدى. دەل-دەرەخلەرنىڭ كۈزدە تاۋلىنىپ سارغايغان ئالتۇن رەڭلىك بەرگىلىرى شاخلىرى بىلەن خوشلىشىپ ، بىر-بىرلەپ يەرگە ئاستا -ئاستا چۈشمەكتە ئىدى.
   چۈشتىن كېيىن مەكتەپ مۇدىرى ئەنۋەر بارلىق سىنىپ مۇدىرلىرىغا چوڭ زالدا يىغىن ئاچتى.
   يىغىندا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئاساسەن ھەرقايسى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمگەكنى سۆيۈش ۋە جاپا -مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈستۈرۈش، شۇنداقلا دېھقان ئاتا-ئانىلارنىڭ قەدرىگە يېتىپ، ئەمگەك مېۋىلىرىنى قەدىرلەش ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى«تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش» ئەمگىكىگە تەشكىللەيدىغانلىقىمىزنى ، بۇ قېتىمقى ئەمگەككە تەشكىللەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئەمگەك قىلىشنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە مەكتەپ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئاز-تولا پۇل تېپىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئورۇنلايدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى.
   مەكتەپ مۇدىرى ئەنۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىللىق ئايرىمىسى بويىچە پۇل تېپىش ۋەزىپىسىنى ئېلان قىلدى. مەكتەپ بويىچە تاپىدىغان ئومۇمىي پۇل 160 مىڭ يۈەن بولۇپ، مېنىڭ سىنىپىمدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچى كۈنىگە 20 يۈەندىن يەتتە كۈنلۈك ئەمگەكتە 140 يۈەندىن پۇل تاپقاندا، سىنىپىمنىڭ ئەمگەك ۋەزىپىسى ئورۇنلىنىدىكەن.
   ئەمگەكنىڭ تۈرى تەك كۆمۈش ئەمگىكى بولۇپ، ئەتە باشلىنىدىغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەتمەن ياكى گۈرجەك ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، نان-چاي مەسىلىسىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئىگە بولىدىغانلىقى، ۋەزىپىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان سىنىپلارنىڭ ئەمگەك ئاخىرىدىكى خۇلاسە يىغىنىدا تەقدىرلىنىدىغانلىقى، ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمىغانلارنىڭ چوڭ يىغىندا نامى ئاتىلىپ تەنقىدلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
   يىغىندىن تارقاپ، ئىشخانىغا قايتىپ كېتىۋىتىپ كۆڭلۈمدە: " مەكتەپ بەلگىلەپ بەرگەن پۇل ئۆلچىمىغۇ بەك يۇقىرى ئەمەسكەن، بىراق مۇشۇ تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقتىكى بالىلار بىلەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ بولغىلى بولارمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاق نانچى، ئەمگەكنىمۇ سۆيۈپ كەتمەيدۇ، ھۇرۇن ھەم ئاتىكاچى تۇرسا. بۇ بالىلارنى ياخشى يەۋال، ياخشى كىيىۋال. پۇل خەجلەپ، ئويۇنلا ئوينا -دېسە خۇش بولۇپ، ئەمگەك دېسە بېشى ئاغرىپ، ئادەمنى تولا سۆزلىتىپ، ئىش خۇشياقمىسا. ھەي! قانداق بولۇپ كېتەر؟"دېگەنلەرنى ئويلاپ غەمگە پاتتىم.
   سىنىپىمدا بۇ يىل باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ، 9 -ئايدا تولۇقسىز بىرىنچى يىللىققا قوبۇل قىلىنغان، ئاغزىدىن ئاپىسىنىڭ ئوغۇز سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان، بىر-بىرىدىن ئەركە چوڭ بولغان 45 نەپەر ئ.وقۇغۇچى بار ئىدى. ئورنۇمدا ئولتۇرۇپ، ئۆزۈم مەسئۇل سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن تاپىدىغان پۇلنى ھېساپلاش ماشىنىسىدا ھېساپلاشقا باشلىدىم.
   ھەر بىر ئوقۇغۇچى 140 يۈەندىن پۇل تاپقاندا 45 نەپەر ئوقۇغۇچى6300 يۈەن پۇل تېپىشى كېرەك ئىكەن. يېنىمدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىق 4 -سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى ئىمىن چىرايىنى بىر قىسما قىلىپ مەندىن:
   - سەن نەچچە پۇل تاپىدىكەنسەن؟-دەپ سورىدى.
   -6300 يۈەن تاپىدىكەنمەن، سەنچۇ؟ -قايتۇرۇپ سورىدىم.
   - مەن 7400 يۈەن تېپىشىم كېرەك ئىكەن -دېدى ئۇ جاۋابەن.
   - سېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن، پۇل تېپىشىڭ ھەر ھالدا قىيىنغا چۈشۈپمۇ كەتمەس-دېدىم ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساپ.
   - لېكىن بۇ 7400 يۈەن دېگەنمۇ ئاز پۇل ئەمەستە.
   -بۇ دېگىنىڭمۇ توغرا، لېكىن نېمە ئامال بار؟ سىنىپ مۇدىرى بولغانغا تويغۇزىدىغان بولدى بۇ مەكتەپ.  مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ۋەزىپە ئېغىر بولۇپ كەتتى-دەپ يا تەگەشكىلى ياكى ئۇرۇشقىلى بولمىسا يە!
    ھەر ئىككىلىمىز جىمىپ قالدۇق.
    - مەكتەپتىكى 250 ئوقۇتقۇچى ئالدىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۇنداق تەربىيلەيمەن، مۇنداق تەربىيلەيمەن، رەھبەرلىك تاپشۇرغان ھەر قانداق ۋەزىپىنى تولۇق ئورۇندايمەن -دەپ ۋەدە بېرىپ، باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىپ سىنىپ مۇدىرى بولغان تۇرسام. ئەمدى قانداق قىلارمەن؟-دەپ ئويلىدىم ئېغىر ئۇھسىنىپ.
    يەتتىنچى سائەتلىك قوڭغۇراق چېلىندى، ئەمگەك قىلىش ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، سىنىپىمغا قاراپ ماڭدىم.
    سىنىپقا كىرىپ، ئوقۇغۇچىلىرىمغا تەكشى قارىۋەتكەندىن كېيىن،  مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئەتىدىن باشلاپ تەك كۆمۈش ئەمگىكىگە بارىدىغانلىقىمىزنى، ئەمگەك ۋاقتىنىڭ يەتتە كۈن بولىدىغانلىقىنى، بۇ يەتتە كۈندە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ 140 يۈەندىن پۇل تېپىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش كېرەكلىكىنى، ئەمگەككە بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق قاتنىشىغانلىقىنى، ئەمگەك مەيدانىغا كەتمەن ياكى گۈرجەك شۇنداقلا يەنە نان-چاي ئېلىۋېلىش لازىملىقىنى، بۇ قېتىمقى ئەمگەك قىلىشنىڭ پەقەت پۇل تېپىشلا بولماستىن بەلكى يەنە ئەمگەك ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ئەمگەكنى، ئەمگەكچىلەرنى سۆيىدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان روھنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، ئەمگەكنى گۇرۇپپىلار بويىچە بۆلۈپ ئورۇندايدىغانلىقىمىزنى، شۇڭا جەزمەن ئەمگەك قورالى ئېلىپ كېلىش كېرەكلىكى ھەققىدە بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ، سىنىپ يىغىنىنى ئاخىرلاشتۇردۇم. 
    ئىشخانىغا كىرسەم بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئاللىقاچان ئۆيلىرىگە كېتىپ بولغان ئىكەن.
    ئۆيۈم ناھىيە بازىرىدا بولغاچقا كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن قاتنايتتىم.
    قاش قارايغان ۋاقىت بولغاچقا، ئاخىرقى ئاپتوبۇسقا يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ئارانلا ئۈلگۈردۈم. ئاپتوبۇس بىلەن ئالاھەزەل 15 مىنۇتتەك ماڭغاندىن كېيىن يان تېلېفونۇم سايراپ كەتتى. كۆڭلۈمدە: " بىرەر مىشچان ئوقۇغۇچۇمنىڭ ئاتا -ئانىسى قىلغان تېلىفوندۇ تايىنلىق؟" دەپ ئىككىلەنگىنىمچە يانفوننى ئالدىم. قارشى تەرەپ دەرھاللا:
    -ۋەي! قادىر مۇئەللىممۇ، مەن سىزنىڭ سىنىپىڭىزدىكى پەرىزاتنىڭ ئاتىسى داۋۇت ساۋۇت بولىمەن، شورباغ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى بولىمەن. بىزنىڭ تېرىلغۇ يېرىمىز بولمىغاچقا ئۆيدە كەتمەن-گۈرجەك دېگەندەك نەرسىلەر يوق. ئۇندىن باشقا قىزىمىزنى ياخشى ئوقۇساڭلا بولدى دەپ ئۆي ئىشلىرىغىمۇ سېلىپ ئۆگەتمىگەن، شۇڭا ئىشلىيەلمەيدۇ، شۇنى سىزگە ئېيتىپ قويماقچى ئىدى-دېدى قوپاللىق بىلەن.
    -داۋۇت ئاكا، بۇ مېنىڭ شەخسەن ئورۇنلاشتۇرۇشۇم ئەمەس-دەپ ئەمدى گەپ باشلىشىمغىلا قارشى تەرەپ تېلېفوننى قويىۋەتتى. مەن قايتا -قايتا تېلېفون قايتۇرغان بولساممۇ قارشى تەرەپ زادىلا تېلېفوننى قوبۇل قىلمىدى. خۇددى بۇندىن كېيىن مەن بىلەن زادىلا ئالاقە قىلمايدىغاندەك. 
  " قانداق ئادەمدۇ بۇ؟ مەن مۇئاۋىن يېزا باشلىقى، بالام ئەمگەك قىلالمايدۇ -دېگەنمۇ گەپمۇ؟ يېزا دېگەندە ئەمگەك قىلماي بولامدۇ؟ يېزا باشلىقى دېگەن دېھقانلارنى بېيىشقا يىتەكلەيدىغۇ؟ مۇشۇمۇ يېزا باشلىقى بولدىمۇ؟ ئەمگەك قورالى بولمىسا قۇلۇم-قوشنىلىرىدىن ئارىيەت ئالسا بولىدىغۇ! "دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە.
    تۇيۇقسىز يانفونۇم يەنە سايراپ كەتتى. يېزا باشلىقى بايىقى سۆزلىرىدىن خىجىل بولۇپ تېلېفون قىلغانمىدۇ-يا؟ -دېگەنلەرنى ئويلاپ تېلېفوننى ئالدىم. بىراق بۇ بىر ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئىدى.
    -ۋەي! قادىر مۇئەللىممۇ؟ مەن شۆھرەتجاننىىڭ ئاپىسى ئامىنە. ئىتتىپاق كەنت كوممۇتىتىنىڭ شۇجىسى ئابلا رىشىتنىڭ ئايالى بولىمەن. مۇنداق ئىش ئىدى، ئوغلىمىزنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس. نېمە ئۈچۈن دەمسىز؟ ئۈچ يىل بۇرۇن ئوغلىمىزنى سوقۇر ئۈچەي ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرغان. ھازىرغىچە تەل-تۆكۈس ياخشى بولۇپ كېتەلمىدى. دوختۇرلار " بالاڭلار ئىككى-ئۈچ يىلغىچە ئېغىر-يېنىك نەرسىلەرنى كۆتۈرمىسۇن، ئۆزىنى ياخشى ئاسرىسۇن-دېگەن ئىدى ، شۇڭا بالىمىزنىڭ ئەمگەككە قاتناشسا بولمايدىغانلىقىنى سىزگە ئېيتىپ قويۇش ئۈچۈن تېلېفون قىلىشىم-دەپلا تېلېفوننى قويىۋەتتى. 
    - ۋەي ئامىنە ئاچا! -دەپ چاقىرىشلىرىم بىكار كەتكەن بولۇپ، خۇددى بۇنىڭدىن كېيىن بالىسىنى ئوقۇتمايدىغاندەك.
    ئاخىرقى بېكەتتە ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ، خۇددى كەچ قالغان بازارچىدەك تېز-تېز قەدەم بىلەن ئۆيگە قاراپ كېتىۋاتاتتىم. يانفونۇم يەنە سايراشقا باشلىدى. بۇ تېلېفوننى ئالايمۇ، ئالمايمۇ؟ -دەپ بىر ھازا ئىككىلەنگەن بولساممۇ يەنىلا ئالدىم.
    -ۋەي! قادىر مۇئەللىممۇ؟ مەن ئىتتىپاق كەنتىنىڭ مۇدىرى ئابلىز بولىمەن. ئوقۇغۇچىڭىز ئۈمىدجاننىڭ ئاتىسى. مەن كەنتتە بەك ئالدىراش بولغاچقا، ئېتىزىمىزدىكى تەكلەرنى تېخىچە بىر تەرەپ قىلىپ بولالمىغان ئىدۇق، ھاۋا سوۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ تەكلىرىمىزنى چۈشۈرۈپ كۆمىۋالايلى دېگەن، باشقا ۋاقىتتا ئەمگەك قىلايلى دېسەك بالىنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەنمىز. خەۋەردار بولۇپ قالسىڭىز-دېگىنىچە تېلېفۇننى قويىۋەتتى.
    مەن ئابلىز مۇدىرغا ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، بالىنى چوقۇم ئەمگەككە ئەۋەتىشكە كۆندۈرۈش ئۈچۈن قايتا -قايتا تېلېفون ئۇرغان بولساممۇ، قارشى تەرەپ قەستەن تېلىفونۇمنى ئالمىدى. خۇددى ئەمگەك تۈگىگەندە بالىسى باشقا مەكتەپكە ئالمىشىپ كېتىدىغاندەك.
    ئۆيگە كىرىپ ئويلىنىپ قالدىم. ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن قويىۋېتىپ يېرىم سائەت بولمايلا ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىسىنى ئەمگەككە ئەۋەتمەسلىك ئۈچۈن رۇخسەت سورىدى. ياق، رۇخسەت سورىدى ئەمەس، بەلكى ماڭا بالىسىنىڭ مەكتەپ ئۈچۈن ئەمگەك قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويدى. ئەتە تاڭ يورۇيدىغانغا يەنە ئون نەچچە سائەت بار تۇرسا، يانفونۇمنى ئېتىۋەتكىنىم تۈزۈكمۇ قانداق؟ بۇ ئاتا-ئانىلار كۆز ئالدىنىلا كۆرۈپ، بالىلىرىنىڭ جاپا چەكمەسلىكى ئۈچۈن ھەر خىل باھانە -سەۋەپلەر بىلەن ئۇلارنى ئەمگەكتىن قاچۇرۋاتىدۇ -دەپ ئويلىدىم.
    -ياق، تېلېفونۇمنى ئېتىپ قويسام بولمايدۇ. ئاكام ئۈرۈمچىدە داۋالىنىۋاتقان تۇرسا، جىددى تېلېفون قىلسا قانداق قىلىمەن؟ -دەپ ئويلاپ يەنىلا ئەتمەسلىكنى قارار قىلدىم. كۆپ ئۆتمەيلا بۇ يانفون 4-قېتىم سايراشقا باشلىدى. مەن بىر ھازا ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن، يەنىلا تېلېفوننى ئالدىم.
    -ۋەي! قادىر مۇئەللىممۇ؟ مەن سىنىپىڭىزدىكى ھۆرمەتگۈلنىڭ ئاتىسى مەمەت ئەيسا بولىمەن. گۈلباغ كەنتىدە مەمەت داموللا دېسە يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە تونىمايدىغىنى يوق. مۇنداق ئىش ئەپەندىم، ھۆرمەتگۈل بالىلارنىڭ ئۈچۈنچىسى، يەنى يالغۇز قىز. ئۆيدە ياكى سىرتتا بولسۇن بەك ئەركە. ئۆيدە دېگىنىنى قىلىپ بېرىپ ئەركە ئۆگۈتۈپ قويۇپتىمىز. ھېلى مەكتەپتىن كېلىپلا " بىزنى مەكتەپتىن بىر ھەپتە ئەمگەككە سالغۇدەك" دەپ يىغلىغىنىچە باتناپ يېتىۋالدى. قانداق قىلىمىز ئەمدى؟ يا گېپىمىزنى ئاڭلىمىسا. قىز بالا دېگەن ئاجىز، شۇڭا ئەمگەككە بارمىغان بولسا، بىر قېتىم ئېتىبار قىلغان بولىسىڭىز مۇئەللىم، شۇنى سىزگە ئېيتىپ قوياي دەپ تېلېفون قىلىشىم ئىدى-دەپلا تېلېفوننى قويىۋەتتى.
    مەن قايتۇرۇپ تېلېفون قىلىپ، ئەمگەكنىڭ ئىشىنى چۈشەندۈرەي دەپ ئويلىدىميۇ، چۈشەندۈرۈشتىن يالتايدىم.
    بۇ تېلېفون قىلغانلار ئادەتتىكى كىشىلەر ئەمەس. بىرى يېزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىككىنچىسى كەنت كوممۇتىتىنىڭ شۇجىسىنىڭ ئايالى، ئ.ۈچىنچىسى كەنت مۇدىرى، تۆتىنچىسى بولسا كەنتنىڭ چوڭ موللىسى، شۇنداقلا يۇرت ئاتىسى سانىلىدىغان مەمەت داموللا ئىكەن ئەمەسمۇ؟! ئۇلارغا ھازىرقى ۋەزىيەتنى، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈش كېتەمدۇ؟
    ئۇلار ھەممىنى بىلىدۇ، ھەممىنى چۈشىنىدۇ. ئۇلار بالىلىرىدەك ۋاقىتلىرىدا مەكتەپلەردە تەربىيلەنگەن. مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتلىرىدا كىتاپلاردىن، ئوقۇتقۇچىلىرىدىن: « ئەمگەك قىلىش شەرەپلىك»، «ئەمگەك دۇنيانى، ئىنسانلارنى ياراتقان»، «ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق، ئىشلىمىگەننىڭ چورۇق»دېگەندەك نۇرغۇنلىغان ئەقلىيە سۆز، ماقال-تەمسىل ۋە پەلسەپەۋىيلىك ھەقىقەتكە تويۇنغان ئىبارىلەرنى ئۆگەنمىگەن ۋە ئاڭلىمىغان بولغىيتتىمۇ؟!
    مۇشۇ مۆتىۋەرلەرنىڭ بالىلىرى چوڭ بولغاندا ئاتا -ئانىلىرىغا ئوخشاش يېزا باشلىقى، كەنت باشلىقى، داموللامغا ئوخشاش ئادەم بولالىسىغۇ جاپا تارتماي جاھاندارچىلىق قىلىپ جېنىنى باققۇدەك، لېكىن دېھقان بولۇپ قالسا، مۇشۇنداق ئەمگەك سۆيمىسە جېنىنى قانداق باقار؟ -دېگەنلەرنى خىيال قىلىپ چوڭقۇر ئويغا پاتتىم.

ھەي!  مۇشۇ ئاتا-ئانىلارنىزە......

(ئاپتور: پىچان ناھىيە پىچان يېزا ماچاڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە)

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY