باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2012-1-5 09:52 | ئاپتور: ھەبىبۇللا سيىت باھاۋۇدۇن | مەنبە: ئىجادىي | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئىچەرمەنلەر رىقابىتى

ئىچەرمەنلەر رىقابىتى

(ھېكايە)

ھەبىبۇللا سىيت باھاۋدۇن

 

    قارا قىش كۈنلىرى شەھەرلەردە ياكى ئىدارىلەردە ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتقان كىشلەرنىڭ بولغىنى بىلەن يېزىلاردا بولۇپمۇ بىزنىڭ گۈلباغ يېزىدا ئىش بولمىغاچقا كىشىلەر ئاساسەن بىكارچىلىقتا ئۈتىدۇ.
   بىكارچىلىق ئادەمنى بەك زېرىكتۈرگەچكە، ئۇلارنىڭ بىر نەچچىسى بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ قارت ئويناش، تېلىۋىزور كۆرۈش ۋە ھاراق ئىچىش بىلەن كۈنلىرىنى « مەنىلىك» ئۆتكۈزۈشىدۇ. 
    يەكشەنبە كۈنى ئىدى. سىرتتا سوغۇق قاتتىق بولىۋاتتى. ۋەلى، پەرھات، شاۋكەت ۋە ئەنۋەرلەر تۇرغاننىڭ ئۆيىدە تېلىۋىزور كۆرگەچ ھاراق ئىچىشىپ ئولتۇراتتى. توساتتىن ئۆيگە تۇرغاننىڭ ئاغىنىسى ئىمىن ئىككى بوتۇلكا ھاراقنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى.
    -كەل ئاغىنە، كەل تازا ۋاقتىدا كەپسەن، بىراق ھاراق ئېلىپ كىرگىنىڭ نېمىسى؟ - دېدى تۇرغان ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ.
    - يالغۇز جېنىڭغا ئىككى بوتۇلكا ھاراق ئېلىۋالغىنىڭ نېمسى ئاغىنە -دىدى چاقچاق ئارلاش ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان بويى پاكار، دوغىلاققىنە كەلگەن ئاق يۈزلۈك ۋەلى.
    -ھەي ئاغىنە، سەنغۇ ئاران 50گىرام ھاراق ئىچسەڭ، چىرايىڭ خۇددى ئېشەكنىڭ ئۆپكىسىدەك قىزىرىپ ، ئالەمنى- مالەم قىلىپ، ئاشقازىنىڭ ھاراقنى قوبۇل قىلالماي بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئىتمۇ ئىچمەيدىغان ئۇماچتىن بىر داس تەييار قىلىسەن. مەن ساڭا ئوخشىمايمەن، مەن بىرەر بوتۇلكا ھاراقنى ئىچىۋەتسەممۇ يەنە كۆرمىدىم دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپلا كېتىمەن-دىدى كۆرەڭلىگەن ھالدا ئىمىن.
    -ھەي ئاداش، سەن ئۆزۈڭ ئېيتتىڭ، ئاچ قالغان قورساقنى توقلاش ئېغىر كېلىپ شۇنداق قىلىدىغان ئوخشىمامسەن؟ ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، باشقىلارنى شىر چاغلىغىن. سەن ئىچكەن ھاراقنى مەنمۇ ئىچەلەيمەن. بىز ئىككىمىز بىر ئىچىشىپ باقساق بولغىدەك.
    -سەن ھالىڭغا چۇشلۇق گەپ قىل، مەن بىلەن تولا رىقابەتلىشىمەن دېمە، مۇبادا ئۇتتۇرۇپ قويساڭ بېرىدىغانغا نەرسەڭ چىقماي قالسا، يۈزۈڭ خېنەن خورىزىدەك قىزىرىپ قالارمىكىن ھە قاچان؟
    -مەن ساڭا ئۇتتۇرۇپ قويسام، ۋەلى دېگەن ئىسمىمنى يۈتكەپ، قۇلىقىمنى ساپالدا كېسىپ بېرىمەن! تولا كۆرەڭلەپ كەتمە، كۇسۇرۇمنىڭ مەيدە يانچۇقى بار دېگەندەك قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلىپ .
    -گېپىڭ گەپمۇ؟ ئۇنداق بولسا مۇشۇ يەردىكى ئاغىنىلەر ھەممىمىز يۈتكىلىپ بازارغا كىرەيلى!
    -بولىدۇ. شۇنداق قىلايلى. 
    - ھە راسىت، نەچچىدىن بىر نەرسە تىكىشىمىز.
    -سەن دېگىن.
    - مەن دېگەنگە چىدىمايسەن ھەقاچان ، شۇڭا سەن دېگىن.
    -ئۇنداق بولسا 500 يۈەن بولسا قانداق؟ 
    -بولىدۇ، ئەكەل قولۇڭنى.
    ئۇلار تۇرغاننىڭ ئۆيىدىن يۈتكىلىپ، دېيىشكىنى بويىچە ئۈچ كىلومېتىر يېراقلىقتىكى كىچىك يېزا بازىرىغا بېرىپ، بۇرۇن كېلىشكەن بويىچە قورساقلىرىنى راۋرۇس ئەستەرلىۋېلىپ، ھەر بىرى ئىككى بوتۇلكىدىن ھاراقنى شىرەگە ئايرىم-ئايرىم تىكلىدى ۋە ۋاقىت بەلگىلەپ ئىككى سائەتنىڭ ئىچىدە ھەر ئىككىسى ھاراقلىرىنى ئىچىشىپ بولدى-يۇ، بىراق ئۇلار ئولتۇرۇپ قېلىپ قوپالمايتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا نازارەتچىلىك قىلىۋاتقان «دوست» لىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئېلىپ كېتىشىتى.
    بۈگۈن دۈشەنبە بولۇپ، ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، يۈز-كۆزلىرىمنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يېزىنىڭ ئەتىگەنلىك ساپ ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىش ئۈچۈن سىرتقا چىققان ئىدىم. شۇئان مەھەللىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن ئاڭلانغان يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدىم.
    مەھەللىمىزدىن يىغا چىققان تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقان پەتىچىلەردىن ئۇققىدەك بولسام ھېلىقى تۈنۈگۈنكى ۋەلى بىلەن ھاراق ئىچىشىپ بەيگىگە چۈشكەن ئىمىن ئۆلۈپ قاپتۇدەك.


(پىچان ناھىيە پىچان يېزا ماچاڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY