باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2012-12-1 10:13 | ئاپتور: ياسىن ئەبەيدۇللا | مەنبە: خۇشدىل مۇنبىرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

كۆزەينەكلىك خانىم

      مەن ھەركۈنى  ئىشتىن چۇشكەن چېغىمدا، ئەينىكى كىچىك كۆزەينەك تاقىغان بىر خانىمنىڭ قارا خۇرۇم سومكىنى چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ئالدىراش كېتىۋاتقىنىنى كۆرەتتىم. مەيلى يازنىڭ ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى بولسۇن، ياكى قىشنىڭ لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان كۈنلىرى بولسۇن، ئۇ ئوخشاشلا خۇددى بىرى ئۇنى ئالدىرتىۋاتقاندەك تېزماڭاتتى. دەسلەپتە ئانچە بەك دىققەت قىلىپ كەتمىدىم، كېيىن كۈندە ئۇچرىتىۋەرگەچ، تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قالدىم. بەلكىم ئۇنىڭ ئېرى ئاچچىقى يامان ئادەمدۇر. بالدۇر كېلىپ تاماق ئەتمىسە تاياققا قېلىشى مۇمكىندۇ ۋە ياكى ئۆيدە ئۇنىڭغا قاراشلىق ياشانغان ئاتا-ئانىسى، كىچىك بالىسى باردۇ. ئۇنىڭ بوينىنى تىك تۇتۇپ، ئەتراپىغا قاراپمۇ قويماي مېڭىشى، چوققىسىغا تۈرۇۋالغان چېچى ۋە كىيۋالغان كىيىمىلىرى ئۇنى بىر خىل سوغۇق، باشقىلارغا ئاسانلىقچە يېقىنلاشمايدىغان ئايالدەك تەسىر بېرەتتى.
بىر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئازراق ئالما ئېلىپ ئۆيگە قاراپ ماڭغانىدىم، زېرىكىپ قالغان كۈنلىرىمدە، ئالمىنى بىرتالدىن پاكىز ئاقلاپ يېيىشكە ئادەتلىنىپ قالغانىدىم. ئاغىنە- بۇرادەرلەر كەلسىمۇ ئالدىغا ئالما قوياتتىم. نەنمىنغا يېقىنلاپ قالدىم، يىراقتىن ئايلانمىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كۆك رەڭلىك پىرامىدا كۆرۈنۈشكە باشلىغانىدى. تۇيۇقسىز قولۇمدىكى ئالما سېلىنغان خالتا يىرتىلىپ ئالمىلار دۇمىلاپ چۈشتى. ھۇ، پىخسىق ئالمىچى! ئاشۇ بىر تال خالتاڭنى مەندىن ئايىمىساڭ نېمە بولا، مەن باشتىلا ئۇ خالتىنىڭ ئالمىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئاپىرىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدىم. مانا ئەمدى بۇ ئالمىلار يولدا چېچىلىپ ياتىدۇ. مەندە ئۇنى سالغۇدەك نەرسە بولمىسا، قانداق قىلارمەن؟ شۇ ئويلار بىلەن باققالنى ئىچىمدە تىللاپ، كىشلەرنىڭ ئاياغ ئاسىتىدا تۇرغان پارقىراق، قىزىل سىزىقلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان ئالمىلارغا ئېچىنىپ قاراپ قالدىم. يولدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر بىرماڭا بىر يەردىكى ئالمىلارغا ئەجەپلىنىپ ئۆتۈپ كېتىشتى. ئالمىلاردىن بىرى دۇمىلاپ نەق يولنىڭ ئوتتۇرسىغا بېرىپ توختىغانىدى، بىر باۋما كېلىپ مىجىپ ئۆتۈپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز «ھەي ئىسىت !» دەۋەتتىم. چېچىلغان ئالمىلارنىڭ يېنىدا نازۇك، پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن بىر جۈپ پۇت  توختىدى، مەن ئورنىدا قىمىر قىلماي تۇرغان بۇ پۇتلارنىڭ ئىگىسگە بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىمدا سەل ھەيران قالدىم. كۆزەينەكلىك خانىم( مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمىگەندىن كېيىن شۇنداق ئاتاشقا مەجبۇرمەن.) قولىدا بىر سۇلياۋ خالتىنى ماڭا تەڭلىگىنىچە تۇراتتى. مەن بوش ئاۋازدا ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ قولىدىن خالتىنى ئالدىم- دە، يەردىكى ئالمىلارنى تېرىشكە باشلىدىم.
- خالتام ئۈچۈن ئالمىڭىزدىن بىرنى ئېلىۋالدىم.
مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇنىڭ چىرايى بۇرۇنقىدەك سوغۇق، ئىپادىسىز تۇراتتى.
-مەيلى، ئېلىڭ! -دېدىم مەن ئۇنىڭغا. ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ كېتىپ قالدى، مەن يەردىكى ئالمىلارنى ئالدىراش تېرىۋالدىم. كۆڭلۈمدە بولسا كۆزەينەكلىك خانىمنى ئويلاۋاتاتتىم. ئۇ نېمشقا باشقىلاردەك پەرۋاسىز كېتىپ قالمىغاندۇ، ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىپ يۈرگىنىمنى بىلىپ قالغانمىدۇ؟ ئەجەبا ئاياللارنىڭ كەينىدە بىر كۆزى بار دېگەن گەپ راسىتمىدۇ؟ ئۇنى يولدىكى ھەممە نەرسىگە پەرۋاسىز ئايال دەپ ئويلايتتىم. قارىغاندا مەن خاتا ئويلاپ قالغان ئوخشايمەن.
ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتتى، قىشنىڭ بىر كۈنى قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغان چاغ ئىدى. مەن يىغىن سەۋەبىدىن ئىشتىن كەچ يانغانىدىم. يېقىندىن بېرى ئانچە ئىسسىمايۋاتقان ئۆيۈمگە قايتقۇم كەلمەي، ئاغىنەمنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. تۆت كوچىدىن ئەمدىلا قايرىلىشىمغا «ۋايجان! » قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ مەندىن ئون قەدەملەر نېرىسىدا بىر ئايال يىقىلىپ چۈشتى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. مەندىن بۇرۇنراق يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرىنىڭ ئۇنى يۆلەپ قويۇشىنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن ئارىدىن ئون مىنۇتلار ئۆتكەن بولسىمۇ بىرەرى كېلىپ يۆلەپ قويمىدى. ھېلىقى ئايال تۇرۇش ئۈچۈن ئازراق تىرمىشىپ باققان بولسىمۇ تۇرالماي قېلىۋاتاتتى، قارىغاندا ئۇ خېلى قاتتىق چۈشكەن بولسا كېرەك. مەن ئاخىرى يەنىلا بېرىپ ئۇنى يۆلەپ قويۇشۇم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن بارغىنىمدا ئۇ يىراقراق يەرگە چۈشۈپ كەتكەن كۆزەينىكىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشۋاتاتتى. كۆزەينەكنى ئېلىپ بەرگىنىمدە، ئاللىقاچان ماڭا تىكىلىپ تۇرغان كۆزلەرگە قاراپ ئىچىمدە ئىختىيارسىز«كۆزەينەكلىك خانىم» دەۋەتتىم.
-رەھمەت!- دېدى ئۇ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بىر تاتلىق كۈلۈمسىرەش پەيدا بولۇپ  چاقماق تېزلىكىدە غايىپ بولدى.
مەن گەپ قىلمايلا ئۇنىڭغا قولۇمنى سۇندۇم، ئۇنىڭ تىتىرەپ تۇرغان قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ماڭغۇدەك ھالى يوقلۇقىنى بىلىپ، تاكسى چاقىرماقچى بولدۇم،
- ئۆيۈم يېقىنلا يەردە ،–دەپ قوشۇلمىدى ئۇ.
- ئۆيىڭىزدە كىم بار چاقىرىپ بېرەي؟- دېدىم مەن يېنىمدىن يانفوننى ئېلىپ.
- ھېچكىم يوق.- دېدى ئۇ باشقا تەرەپلەرگە قاراپ.
ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ يالغۇزلۇقى مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. ئېڭىمدا ئۇنىڭ بىر ئائىلىسى بولۇشى كېرەكتەك بىر تۇيغۇ بار ئىدى. تۇرۇپلا يېنىمدىكى بۇ ئايالغا قايتىلاتىن قارىشىم كېرەكتەك ھېس قىلدىم.
-ئاتا-ئانىڭىزمۇ يوقمۇ؟- دېدىم مەن.
- ......
ئۇنىڭدىن جاۋاپ كەلمىدى،  يىقىلىپ قالغان بىر ئايالنى تاشلاپ قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. يات بىر ئايالنى كۆتۈرۈپ مېڭىۋاتقىنىمدا كاللامدا ئۇ ئايال توغرسىدا چۈشىنىكسىز بىر خىياللار بار ئىدى. ئۇ شۇنچىلا يېنىك ئىدىكى، پەيدەك دېگەن سۆز ئىختىيارسىز تىلىمغا كەلدى. ئۇ ئايال ماڭا يول كۆرسىتىپ بەرگەن ۋاقىتتىن باشقا چاغدا كۆزەينەك ئاستىدىكى كۆزلىرىنى يۇمۇۋالاتتى. مەن بولسام  قونجى ئۇزۇن ئايىغىم بىلەن يوغان-يوغان دەسسەپ ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە ماڭدىم. پەلەمپەيلەردىن چىقىپ ئالتىنچى قەۋەتكە- ئۇنىڭ ئۆيى بار قەۋەتكە چىقىۋاتقىنىمدا ، ئۇنىڭ ئۇدۇل قوشنىسى بولسا كېرەك، چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بىر بوۋاي چىقىپ، كۆزەينىكىنىڭ ئۈستىدىن ماڭا چەكچىيىپ قاراپ كەتتى. مەن گويا يامان ئىش قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغاندەك كۆزلىرىمنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ يانغا قارىغاچ، پەلەمپەيلەردىن يۇقىرى ئۆرلىدىم. مەن چىقىپ  ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا توختىغاندىلا بۇ چاقماق سىزىقلىق قېلىنراق كۆڭلەڭ ۋە چىبەرقۇت شىم كىيگەن قارىماققا زىيالىي سۈپەت كۆرۈنىدىغان بوۋاي ئاستا ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
مەن ئۆيگە كىرىپ بىرخىل ئىللىق مۇھىتنى ھېس قىلدىم. ئۇنى ئاۋايلاپ كارۋاتقا ياتقۇزىۋاتقان چېغىمدا تاملارغا چاپلانغان رەسىملەرنى كۆرۈپ ئۈلگۈردۈم. ئۆي مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىگە پەقەت ئوخشىمايتتى. ئىشلارغا سوغۇق، پەرۋاسىز قارايدىغان بىر ئايالنىڭ ئۆيىمۇ  ئۆزىدەك بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايتتىم. ئۆي ئىچىدىكى جابدۇق، تامدىكى رەسىم ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ئىجادكارلىققا تولغان ئىدى.
- ئۆيۈمگە كەلگىنىڭىزدە ئالدىڭىزغا ئىسسىق بىر چىنە چايمۇ ئېلىپ كېلەلمىدىم.-دېدى ئۇ.
- كېيىنكى قېتىمدا قۇيارسىز!- بۇ گەپنى دەپ قويۇپ ، گويا ئۆزۈمنى خاتا گەپ قىلىپ قويغاندەك ھېس قىلدىم. «كېيىنكى قىتىم ؟ يەنە كېلىمەنمۇ؟» مەن ئۇنىڭغا قارىدىم. ئاغرىقتىن قىينىلىۋاتقانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، بىر خىل خۇشچىراي ھالەتتە كۆرۈنەتتى. يولدا كۆرۈنگەن كۆزەينەكلىك خانىمغا ئوخشىمايلا قالغانىدى.
- مەن قايتاي،- دېدىم مەن ۋە ئىشىك تەرەپكە ماڭدىم. ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى ئەمدىلا تۇتىشىمغا ئۇنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
- ھەي!
مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىغىنىمدا ، ئۇنىڭ خىجىل بولغاندەك گەپ قىلماي تۇرغىنىنى كۆردۇم. ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى، نېمىگە خىجىل ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. كاللامدىن ئاللىقانداق گۇناھلىق ئىشلارمۇ كەچتى.
-ئەتە ئەتىگەن كېلەلەمسىز؟ بۇ ھالىتىم بىلەن تاماققا چىقالماسلىقىم مۇمكىن. شۇڭا سىرتتىن يەيدىغان نەرسە ئەكىرىپ بېرەرمۇ دەپ ئويلىغانىدىم، -دېدى ئۇ ئاخىرى.
-بىلمەيمەن.
-مەن ئىشىنىمەن سىز چوقۇم كېلىسىز. مەڭ بۇ ئاچقۇچنى ئېلىڭ! كەلگىنىڭىزدە ئىشلىتەرسىز،- ئۇ شۇنداق دەپ يېنىغىلا قويۇلغان سومكىدىن ئاچقۇچنى ئېلىپ ماڭا قارىتىپ ئاتتى.
- سىزگە چوقۇم كېلىمەن دەپ ۋەدە بېرەلمەيمەن.- دېدىم مەن ئاچقۇچنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن.
مەن شۇنداق دېدىم ۋە ئالدىراپ ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا چىقتىم. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە كاللامغا كەلگەن ئىشلار ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئىچىمدە كەچۈرۈم سورىدىم. دوستۇمنىڭ يېنىغىمۇ بارغۇم كەلمەي، ئۇنىڭغا تېلفون قىلىپ بارالمايدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قويۇپ، ئۆيۈمگە قاراپ ماڭدىم. سوغۇق ئۆيۈمگە كېلىپ، تېزلا يوتقانغا كىرىۋالدىم ۋە ئەتە بېرىش-بارماسلىق توغرىسىدا ئويلاندىم. شۇنچە ئويلاپمۇ قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي، چىگىش خىياللار ئىچىدە ئۇخلاپ قاپتىمەن.
ئەتىسى بەكلا بالدۇر ئويغىنىپ كېتىپتىمەن، يەنە ئۇخلاي دەپ يېتىپ باقساممۇ ئۇيقۇم كەلمىدى. تۇيۇقسىز ئاخشامقى ئىشلار يادىمغا كېلىپ، بىرئاز ئويلىنىپ ياتقاندىن كېيىن كۆزەينەكلىك خانىمنىڭ ئۆيىگە بېرىشنى قارار قىلدىم. يولدىن نان قاتارلىق يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. تۇرۇپ ئۆزۈمنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن كۈلگۈم كەلدى، ئەسلا تونۇمايدىغان بىر ئايال ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ يۈرىمەن-ھە! ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمدە تېخى ئويغانماپتۇ. نەرسىلەرنى تاشلاپ قويۇپلا كەينىمگە يېنىپ خىزمەت ئورنۇمغا قاراپ ماڭدىم.
چۈشتە كەلسەم ئۇ تېخى ئويغانماپتۇ، ئېلىپ كىرگەن نەرسىلەرمۇ مەن تاشلاپ قويغان ھالەتتە تۇراتتى. مەن بۇنى كۆرۈپ ئەجەپلىنىپ ئۇنىڭ پېشانىسگە قولۇمنى قويدۇم، پېشانىسى ئوت بولۇپ كەتكەنىدى. شۇئان ئۇنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا ماڭدىم. دوختۇر مېنىڭ ئالاقزادە بولغان قىياپىتىمنى كۆرۈپ، ئۇنى ئېلىپ داۋالاش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، بىراق ھايال ئۆتمەيلا چىققان دوختۇر ماڭا:
- چوڭ ئىش يوق، ئاسما ئوكۇل ئۇرساق ھۇشىغا كەلسە ئۆيگە قايىتسا بولىدۇ. بىراق بىر قانچە كۈن ياخشىراق ئارام ئالسۇن.-دېدى. ئاسما ئوكۇل بىرەر سائەت ماڭغاندىن كېيىن ئۇ ھۇشىغا كەلدى. مەن مەسئۇل سېستىراغا ئۇنى تاپشۇرۇپ  قويۇپ ئىشقا كەتتىم.
مەن ئىشتىن كەلگىنىمدە ئۇ ئاللىقاچان كېتىپ قاپتۇ. ئۆيىگە كەلگىنىمدە، يوتقان يېپىنىۋېلىپ تېلىۋىزور كۆرىۋاتقان ئۇنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدۇم. كىرىپ بىر ئاز ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ماڭا بەرگەن ئاچقۇچنى ئۇنىڭغا سۇندۇم.
-ئەمدى كەلمەيدىكەنسىزدە؟-دېدى ئۇ ئاچقۇچنى ئالماي تۇرۇپ.
- نېمىشقا كېلىمەن؟-دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ. ئۇنىڭغا ئاچقۇچ سۇنغان قولۇم شۇ ھالدا ئىدى.
-سىز بىر ئاغرىق ئايالنى مۇشۇنداق تاشلاپ قويماقچىمۇ؟- دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
-ساقايدىمىكىن دەپتىمەن.
-دوختۇرلار بىر قانچە كۈن ئارام ئېلىڭ دېدى، باشلىقىمغىمۇ تېلفون قىلىپ ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت سورىدىم.
-مەن سىزگە نېمە قىلىپ بېرەلەيتتىم. ئۆمرۈمدە كېسەلگە قاراپ باققان ئادەم ئەمەسمەن. بوپتۇ، سىرتتىن يەيدىغان نەرسە ئېلىپ كىرىپ بېرەرمەن.- شۇنداق دېدىم ۋە ئاچقۇچنى قايتىدىن يانچۇقۇمغا سالدىم.
شۇنداق قىلىپ ئەتىسىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كۈندە قاترايدىغان بولۇپ قالدىم، ھېلىقى ئۇدۇل قوشنىسى بوۋاي ماڭا پات-پات ئۇچراپ قالاتتى. ئۇنىڭ ماڭا گۇمانىي نەزەردە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرساممۇ پەرۋاسىزلىق بىلەن ئۇ ئۆيگە كىرەتتىم ياكى چىقىپ كېتەتتىم. مەن بۇ جەرياندا كۆزەينەكلىك خانىم بىلەن يېقىنلىشىپ قالدىم، بەزى كۈنلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئۇزاق پاراڭلىشىپ قالىمەن. بىراق كاللامدا ئۇنىڭغا نىسبەتەن بىر سۇئال جاۋاپسىز تۇراتتى. ئاشۇ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە بارغان كۈندىن باشلاپ ئىزچىل« نېمشقا ئۇنىڭ ئائىلىسى يوقتۇ؟ يا ئاتا-ئانىسى، يا ئېرى، بالىسى بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟» دەپ ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم. تۆتىنچى كۈنى يەنى بىر يەكشەنبە كۈنى ئۇ پۈتۈنلەي ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىنى مېنى ئۆيىدە تاماق قىلىپ مېھمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بارغىنىمدا ئۇ ئاشخانىدا ئالدىراش بىر نەرسىلەر قىلىۋېتىپتۇ. مەن ئۇنىڭ مېھمانخانىسىدا ئولتۇرۇپ ساقلىغاچ، ئۇنىڭ بۇلۇڭغا قويۇلغان كىچىككىنە ئۈستىلىدىكى كىتاپلىرىنى ۋاراقلاپ ئولتۇردۇم. كىتاپلارنى كۆرىۋاتقان چېغىمدا ئۇ يەردە بىر كىچىك ئالبۇمنىڭ بارلىقىنى بايقاپ قالدىم ۋە ئۇنى ئېلىپ كۆردۈم. رۇخسەتسىز ۋاراقلاشنىڭ توغرا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ ئولتۇرمىدىم. ئالبۇمدا رەسىملەر كۆپ ئەمەس ئىدى. كىچىك بىر قىزچاقنىڭ ئا-ئانىسى بىلەن چۈشكەن بىر قانچە پارچە رەڭسىز  رەسىمى ۋە يەنە چىرايلىق، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، چىرايىدىن كۈلكە ئوخچۇپ تۇرغان 22-23 ياشلاردىكى ياش قىزنىڭ بىر قانچە كىيىم كىيگەن ئوخشىمايدىغان ھالەتتىكى رەسىملىرى بار ئىدى، رەسىملەرنىڭ كۆزەينەكلىك خانىمنىڭ بۇرۇنقى چاغلىرى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. مەن ئالبۇمنى كۆرۈپ تۇرغان چېغىمدا ئۇ مېزىلىك ھىدىنى تارىتىپ تۇرغان لەغمەندىن ئىككى تەخسىنى كۆتۈرۈپ كىردى. ئۇ مېنىڭ چىرايىغا دىققەت بىلەن قاراپ تۇرغىنىمنى ۋە قولۇمدىكى ئالبۇمنى كۆرۈپ سورىدى.
- ئوخشىمامدىكەنمەن؟
- ئوخشىمايدىكەنسىز!
-نەرىم ئوخشىمايدىكەن؟- دېدى ئۇ تاماقنى قويۇۋېتىپ سەل جىددىيلىشىپ.
- ئۇ سىزدىن ياش ھەم چىرايلىق ئىكەن.-دېدىم مەن چاقچاق تەلەپپۇزىدا.
- ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە، ئۇ دېگەن ئالتە يىل بۇرۇنقى چىرايىم تۇرسا!- دېدى ئۇ كۈلۈپ.
تاماقنى ئىشتىھا بىلەن تېزلا يەپ بولدۇم، ئۇنىڭ زورلاشلىرىغا قارىماي يەنە يېيىشنى خالىمىدىم، چۈنكى بۇ مېنىڭ ئادىتىم ئىدى. يەنە يېسەم كۆپ كېتىدىغانلىقى ئۆزۈمگە ئايان ئىدى.
- ئاچا، سىزدىن بىر ئىشنى سورىسام بولامدۇ؟- دېدىم مەن.
-سوراڭ؟- دېدى ئۇ ئاقلاپ بولغان ئالمىنى ئىككىگە پارچىلاپ يېرىمنى ماڭا سۇنغاچ.
- رەھمەت، مەن بايا رەسىمدە كۆرگەن كىچىك قىزنىڭ يېنىدىكى سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزمۇ؟
-ھەئە،- دېدى ئۇ ۋە قولىدىكى ئالمىنى ئۈستەلگە قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- ئۇلار مېنىڭ ئاتا-ئانام. سىزنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىڭىزنى بىلدىم. ئۇنداقتا مەن سىزگە سۆزلەپ بېرەي. مەن جەنۇپنىڭ بىر ناھىيە بازىرىدا تۇغۇلغانىكەنمەن. دادام بانكا خادىمى ، ئاپام مۇئەللىم ئىدى. مەن كىچىك چاغلىرىمدا ئۆزۈمنى بەخىتلىك چاغلايتتىم، بەخىتلىك دېيىشكە ھەقلىق ئىدىم. بىر تاللا قىز بولغاچقا بەكلا ئەركە ئىدىم، ئۆزۈم ئامراق چىرايلىق كىيىم ۋە ئوماق قونچاقلارغا ئاسانلا ئېرىشەلەيتتىم. مېنىڭ ھاياتىم بۇ ئائىلىدە تاكى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققۇچە خۇشال-خۇرام بەخت ئىچىدە ئۆتتى. شۇ چاغقىچە دۇنيادا بىزنىڭ ئائىلىدەك بەخىتلىك ئائىلە يوق دەپلا ئويلايتتىم. بىراق بۇ بەخىتلىك ئائىلە ئاپامنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلىشى بىلەن توزىدى. ئاپامنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن داداممۇ، مەنمۇ ئۆزگەردۇق. يېرىم يىلغا قالماي دادامنىڭ قايتا توي قىلماقچى بولغانلىقىنى پەقەت كۆڭلۈمگە سىغدۇرالمىدىم. يات بىر ئايالنىڭ ئاپامنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنىمۇ خالىمىدىم. شۇڭا مەن قارشى چىقتىم، ئەمما دادام بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىدى، ھەتتا مېنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن دېيىشلىرىمگىمۇ كارى بولمىدى. ئەتە توي دېگەن كۈنى يىغىپ قويغان ئازراق پۇلۇمنى ئېلىپلا چىقىپ كەتتىم. ئاپتوبۇس بىلەن بۇ شەھەرگە كەلگىنىمدە، تەلىيىمگە بۇرۇن بىز بىلەن قوشنا ئولتۇرغان ئايال ئۇچراپ قېلىپ ماڭا يول كۆرسىتىپ ، ئۆي ئىجارە ئېلىپ بەردى ۋە ئۆزى ئىشلەۋاتقان تاللا بازىرىدىن ئىشمۇ تېپىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ بۇ يەردىكى ھاياتىم باشلاندى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ ئىككى يىللاردىن كېيىن توي قىلدىم. ئالبۇمدىكى ئۇ چىرايلىق قىز مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن چاغلىرىمدىكى رەسىملەر. بىراق ئېرىم ۋاپاسىز، يارىماس ئادەم چىقىپ قالدى. ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئۇزاق ئۆي تۇتالمىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن كۇرۇسلارغا قاتنىشىپ  تىل ئۆگەندىم، بوغالتىرلىق ئۆگەندىم ۋە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن تاللا بازىرىدىن چىقىپ ھازىرقى شىركەتكە كېلىپ ئىشقا چۈشتۈم. مانا بۇلار سىز بىلمەكچى بولغانلىرىڭىزدۇ.
- دۇنيادىكى بىردىنبىر تۇغقىنىڭىز دادىڭىز ئىكەن، ئۇنى قايتا كۆردىڭىزمۇ، سېغىنمىدىڭىزمۇ؟
-پەقەت قايتا كۆرۈپ باقمىدىم، بىراق يالغۇز قالغانلىرىمدا ئاشۇ بەخىتلىك ئائىلەمنى، دادامنى سېغىنىپ قالىمەن. بىراق نېمىشقىكىن ئۇنىڭ قېشىغا بارمىدىم. باشقىلاردىن ئاڭلىسام دادام ھەر قېتىم كەلگەندە مېنى ئىزدەيدىكەن. مەن قېچىپلا يۈردۇم.-دېدى ئۇ كۆزىدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ تۇرۇپ.
- ئەمەلىيەتتە سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا چوڭ ئىشمۇ يوق ئىكەنغۇ، ئانىڭىزغۇ ئاللىقاچان خۇدانىڭ دەرگاھىغا كېتىپتۇ، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن. دادىڭىز ھايات ۋاقتىدا قەدرىنى قىلغىنىڭىز ياخشى دەپ ئويلايمەن.
- مەنمۇ يالغۇز قالغان چاغلىرىمدا بەكرەك شۇنداق ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. بولۇپمۇ سىزنى ئاۋارە قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ بەك ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئاشۇ ئۇنتۇلۇپ قالاي دېگەن ئائىلە ئىللىقلىقى مېنى چاقىرۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ. سىزنىڭچە مەن قايتىپ كەتسەم توغرىمۇ؟-دېدى ئۇ.
- بۇنىڭغا مەن بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، باشقا نەرسىلەرنى تېپىۋالغىلى بولغان بىلەن ئاتا-ئانا، قېرىنداشلارنى بىر كەتسە قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ، ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى تۇغقان قىلىۋالغىلى بولمايدۇ، بۇنى مەن دېمىسەممۇ ئۆزىڭىز بىلىسىز، لېكىن شۇنچە يىللاردىن بېرى تىرىشىپ بۇ شەھەردە مۇشۇنچىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپسىز، بۇمۇ ئاسان ئەمەس. قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى مەندىن سورىماڭ، بەلكى ئۆزىڭىزدىن سوراڭ.
گەپلىرىمنى ئاڭلاپ ئۇ خىياللارغا چۆمۈپ كەتتى، ئادەم شۇنچە كۆپ يىللاردىن بېرى ئىشىنىپ كەلگەن، ئەقىدە قىلغان نەرسىنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغاندا، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق قاراشلىرىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. قايتىدىن تۇرغۇزماقچى بولغان قاراشلارنىڭ توغرا- ياكى خاتا ئىكەنلىكى ھەققىدە يەنىمۇ ئويلىنىدۇ.
ئارىمىزدا شۇ گەپلەر بولۇنۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. شىركەتنىڭ بىر توختامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا شەھەرگە بېرىشىمغا توغرا كەلدى. ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بۇ قىش بولماس شەھەردە ئىككى ھەپتە تۇرۇپ توختامنى ھەل قىلدىم ۋە ئازراق كەسپىي جەھەتتىكى تەربىيلىنىشنى قوبۇل قىلدىم. ئۈرۈمچىگە  قار چۈشىۋاتقان بىر سەھەردە قايتىپ كەلدىم. قسقىغىنا ئارام ئېلىپلا شىركەتكە قاراپ ماڭدىم، چۈنكى باشلىققا دوكلات قىلىشىم كېرەك ئىدى. باشلىقىم دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى مەردلىك بىلەن ماڭا ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش رۇخسىتى بەردى. تاسادىپىي بېرىلگەن دەم ئېلىش رۇخسىتىدىن مەن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. تۇرۇپلا يادىمغا كۆزەينەكلىك خانىم كېلىپ ، ئۇنى بىر يوقلاپ قويماقچى بولدۇم.
ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىختىيارسىز يانچۇقلىرىمنى ئاختۇرۇپ كېتىپتىمەن، بىراق تېزلا ئاچقۇچلارنى ئاللىقاچان قايتۇرۇپ بەرگىنىم ئېسىمگە كېلىپ ئىشىك چېكىشكە مەجبۇر بولدۇم. ئەسلى ئاچقۇچ بىلەن كىرىشكە شۇنچىلا كۆنۈپ كېتىپتىمەن، بۈگۈنكى ئىشىك چېكىش بىلەن ئۆزۈمنى بۇ ئۆيگە يات ھېس قىلدىم. بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇنقى قىزغىنلىقلىرىممۇ پەسكويغا چۈشتى. قايتا-قايتا چۈكىشلەردىن كېيىنمۇ ئۆيدىن سادا بولمىدى، ھەيران بولدۇم ، بۈگۈن ئۇنىڭ ئىشلەيدىغان كۈنى ئەمەس ئىدىغۇ!
ئاخىرى ئىشىك ئېچىلدى، بىراق بۇ كۆزەينەكلىك خانىمنىڭ ئىشىكى ئەمەس، ھېلىقى ئادەمگە گۇمان بىلەن قارايدىغان بوۋاينىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلىشى ئىدى.
-پەرىدە قىزنى ئىزدەمسەن؟- دېدى ئۇ كۆزەينەكنىڭ ئۈستىدىن قاراپ.
-شۇنداق،- دېدىم مەن سەل ئەيمىنىپ.
-سەن ئۇنىڭ نېمىسى؟
- مەن... مەن ئۇنىڭ ئىنىسى.-دېدىم دۇدۇقلاپراق.
- ئىنىسى دېگىن، ئۇمۇ شۇنداق دىگەنىدى. يۈر ئۆيگە كىر، ئۇنىڭ ساڭا قالدۇرغان گەپلىرىنى يەتكۈزەي.
بوۋاينىڭ ئاخىرقى گەپلىرىدىن ئۇنىڭ سەپرا مىجەز، چىقىشقىلى بولمايدىغان قېرى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۆيگە كىرگىنىمدە بوۋايدىن ياشىراق كۆرۈنىدىغان، سالاپەتلىك بىر خانىم قارشى ئالدى.
- پەرىدە قىز ئىككى كۈن بۇرۇن يۇرتىغا ماڭدى. ئۇ مېڭىشتىن بۇرۇن ئالايىتەن بىز بىلەن خوشلاشقىلى كىرىپتۇ.-دېدى بوۋاي ئالدىدىكى چاينى ئازراق ئىچىپ جايىغا قويغاندىن كېيىن.
- يۇرتىغا كەتتى؟- دېدىم مەن سەل ھەيران بولۇپ.
- ھەئە، ئۇ سېنىڭ ئىزدەپ كېلىدىغىنىڭنى ئېيتقانىدى. بۇ قىز بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان قوشنا بولساممۇ كۆپ پاراڭلىشىپ كەتمەيتتۇق. يېقىندىن بۇيان ئۇ بىزنى ئىزدەپ تۇردى. قىزىمىزدەك ئىشلىرىمىزنى قىلىشىپ بەرگەن، بىراق تۇيۇقسىزلا كېتىدىغان بولۇپ قالغانىدى، كۆڭلىمىز يېرىم بولدى.
بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ يولغا چىققىنىمدا ئەتىگەندىن بۇيان ياغقان قار توختاپ قالغانىدى. ‹‹ئۇ ئاخىرى كېتىشنى قارار قىلىپتۇ-دە، قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىنى سېغىنىدىغان ۋاقتى بولىدۇ›› دەپ ئويلىدىم. خىياللار ئىلكدە مېڭىپ ، نەنمىنغا يېقىنلاپ قاپتىمەن. بېشىمنى كۆتۈرۇپ كۆك رەڭلىك پىرامىداغا قارىغىنىمدا ، تۇيۇقسىز خىيالىمدا بىر مەنزىرە پەيدا بولدى. قولۇمدا بىر خالتا ئالما كۆتۈرۈپ كېتىۋاتاتتىم، خالتا  يىرتىلىپ ئالىمىلار يەرگە چۈشۈپ دۇمىلاپ چېچىلىشقا باشلىدى. ، بىر ماشىنا كېلىپ يولنىڭ ئوتتۇرىدا توختاپ ئەڭ چىرايلىق ئالمىنى يەنجىپ ئۆتۈپ  كەتتى. قاتتىق ئازاپلىنىپ تۇرغىنىمدا كۆزلىرىم چېچىلىپ تۇرغان ئالمىلارنىڭ يېنىدا توختاپ قالغان، نازۇك پاشنىلىق ئاياغ كىيگەن پۇتقا چۈشتى. بۇ پۇتلارنىڭ ئىگىسى كىچىك ئەينەكلىك كۆزەينەك تاقىغان، چاچلىرىنى چوققىسىغا تۈرىۋالغان بىر خانىم  ئىدى. ئەپسۇس بۇ پەقەت خىيال بولۇپ ئۇنىڭ رېئاللىقتا قايتا يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى...

 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY