باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-9 02:32 | ئاپتور: ئۆزقۇت | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئالاھىدە تەجرىبە

ئالاھىدە تەجرىبە


لى خوڭجۈەن


يېزىلىق ئىككى ئادەم بىر كىچىك شەھەرگە كېلىپ بىر سارايدا قونۇپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى فورسۇن<弗尔逊>شەھىرىنىڭ داڭلىق تېۋىپلىرى دەپ ئاتىشىپ بۇ شەھەردە بىر ئاي تۇرۇپ، بىر ئالاھىدە تەجرىبە ئىشلەيدىغانلىقىنى، ساراي خوجايىنىنىڭ بۇ گەپنى ھېچقانداق ئادەمگە ئېيىتىپ سالماسلىقىنى تاپىلاپتۇ. ساراي خوجايىنى ئىختىيارسىز ھەيرانلىق ھېس قىلىپ، ئۇلاردىن قانداق تەجرىبە ئېلىپ بارىدىغانلىقى سوراپتۇ.
ياقا يۇرتلۇق ئادەم ئىنتايىن سىرلىق تۈستە:
-بىز فورسۇن<弗尔逊>شەھىرىدە ئۆلگەن ئادەمنى تىرىلدۈرەلەيدىغان ئاجايىپ بىر مۆجىزىنى ياراتتۇق،--- ئۇ سۆزلىگەچ ساراي خوجايىنىغا فورسۇن<弗尔逊>شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئىمزا قويۇپ بەرگەن بىر ئىسپاتنى كۆرسىتىپتۇ.
ساراي خوجايىنى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ناھايىتى تىزلا بۇ خەۋەرنى تارقىتىۋىتىپتۇ. كىشىلەر بۇ خەۋەرگە ئانچە پىسەنت قىلىشماپتۇ.
ئەمما نەچچە كۈن ئۆتەر-ئۆتمەيلا بۇ ئىككى ياقا -يۇرتلۇقلارنىڭ غەلىتە يۈرۈش-تۇرىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. ئەسلىدە ئۇلار ھەمىشە قەبرىستانلىققا بېرىپ-كېلىپ يۈرۈيدىكەن، شۇنداقلا باينىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ياش خانىمىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئەڭ ئۇزۇن تۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىچىك شەھەردە زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان ساراسىمىگە چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ.
ناھايىتى تىزلا بۇ ئىككى ياقا يۇرتلۇق بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋاپتۇ. بۇ خەتنى ھېلىقى باي يازغان بولۇپ، خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان ئىكەن: «مەن ھېلىقى قازا قىلغان خانىم-بىر گۈزەل پەرىشتە بولىمەن، بىراق ئېغىر كېسەل جىسمىمنى زەئىپلەشتۈرۈۋەتتى، مەن ئۇنىڭ كېسەللىكلەر بىلەن قايتا تىرىلىشىنى ھەرگىز خالىمايمەن». كونۋېرت ئىچىدە يەنە قوشۇمچە نۇرغۇن پۇل چېكى بار بولۇپ، تاپان ھەققى قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئىكەن.
بۇ خەتكە ئۇلىشىپ ئۇلارغا يەنە باشقا نۇرغۇن خەتلەر كېلىشكە باشلاپتۇ.
چوڭ دادىسىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ ۋارىسى بولغان بىر ئادەمدىن كەلگەن خەتتە مۇنداق يېزىلغان ئىكەن: «سىلەر چوڭ دادامنى پاراكەندە قىلماي جىم ياتقىلى قويۇڭلار!»
ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باشقا بىر ئەرگە تەككەن ئايال خېتىدە مۇنداق يېزىپتۇ: «مېنىڭ يولدىشىم ئاللا بۇرۇن قېرىپ كاردىن چىققان، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا يەنە ياشىشىنى خالىمايدۇ»
ئىككى ياقا يۇرتلۇققا خەتلەر خۇددى قاردەك ئۇچۇپ كېلىۋىرىپتۇ، ھەربىر كونۋېرتنىڭ ئىچىدىن بىر تال پۇل چىقىدىكەن. بىراق بۇ ئىككى ياقا يۇرتلۇق كىشىلەرنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىگە پىسەنتمۇ قىلىپ قويماي، قەبرىستانلىققا بېرىپ-كېلىش ئادىتىنى ئاۋالقىدەك داۋاملاشتۇرىۋىرىپتۇ.
ئاخىرى بۇ شەھەرنىڭ شەھەر باشلىقىمۇ ئولتۇرالماي قاپتۇ، چۈنكى ئالدىنقى نۆۋەتلىك شەھەر باشلىقىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە تېخى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بولۇپ، ئۇ شەھەر باشلىقىلىق تەختىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدىكەن. شەھەر باشلىقى بۇ ياقا يۇرتلۇق ئىككىسىگە ئاقچىلاردىن سوۋغات ئەۋەتىپتۇ، يەنە خېتىدە مۇنۇلارنى يېزىپتۇ: «ئەپەندىلەر مەن سىلەرنىڭ ئۆلگەن ئادەمنى تىرىلدۈرەلەيدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن، بىراق بۇنداق مۆجىزىنىڭ بۇ يەردە يۈز بېرىشىنى خالىمايمەن، شۇڭا مەن سىلەرگە بىر ئىسپات يېزىپ بەردىم، سىلەر تېزدىن بۇ شەھەردىن ئايرىلىلىڭلار» .
ياقا يۇرتلۇق ئىككەيلەن ئىچىدە كۈلۈشكىنچە قەغەز پۇل بىلەن ئىسپاتنى يانچۇقىغا تىقىپ، ئىنتايىن مەمنۇنىيەتلىك بىلەن بۇ شەھەردىن چىقىپ كېتىپتۇ. 


 文化博览«مەدەنىيەت كۆزنىكى» ژۇرنىلىنىڭ 2006- يىللىق 12-سانىدىن
ئەنۋەر يۇنۇس تەرجىمىسى (مارالبېشى ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش- تەتقىقات ئىشخانىسىدىن)

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY