يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-7 13:43 | ئاپتور: مەرپو | مەنبە: تەرجمە ئەسەر | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
ئوڭ قولۇمدا بەخت ، سول قولۇمدا ئەسلىمە
كونا يىلنىڭ ئاخىرقى كېچىسى ئۆزۈم يالغۇز ، ناخشا ئاڭلىغاچ ، قەلبىم جىمجىت، ئازاپسىز ھالدا، ئۆزۈم دەملىگەن چاينىڭ تەمىنى تېتىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، شۇ تاپتا ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىۋاتىمەن . تۇرمۇشۇمدىن تولىمۇ قانائەت ھىس قىلىۋاتىمەن ، بەخىت بەلكىم مۇشۇنداق بىر تۇيغۇ بولسا كېرەك ؟!
ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرىكى كۈندىلىك خاتىرەمنى ۋاراقلاپ ، ئەسلىمىلەر قوينىغا چۆمدۈم، ئۆتمۈشۈم نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرگە ، ئازراق كۆڭۈلسىزلىكلەرگىمۇ شۇنداقلا ھاياتلىق ئاتا قىلغان ئەڭ شېرىن ھېس - تۇيغۇلارغىمۇ تولغان ، مانا بۇ خاتىرەم شۇ ئۆتمۈشۈمنىڭ ئابىدىسى ...
بۇرۇن دوستلىرىمدىن خەت تاپشۇرۋالغاندا ئىنتايىن خۇش بولاتتىم ، لىكىن ھازىر ئۇنداق ھىس قىلمايدىغان ، ھەر بىر خەت تاپشۇرۋالغان چىغىمدا ئارلىقىمىزنىڭ يىراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغان بوپ قالدىم ، بەلكىم مەن پىشىپ -يىتىلىۋاتقاندىمەن ...
بۇ بىر يىللىق ھاياتىمنى ئەسلەش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىمكى، مەن ئالدىراشلىق ئىلكىدە ، تۇرمۇش غىمىدە يۈرگەن كىشىلەر ئارىسىدىن ، ئۆزۈمگە تونۇش سىمانى ، مەن بىلەن تەقدىرداش بولالايدىغان ، ماڭا ھاياتنىڭ تولىمۇ گۈزەل ھەم قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرالايدىغان ، كۈلكىسى ئارقىلىق كۈلكەمگە چىنلىق بەخىش ئېتىدىغان ، ياخشى تىلەكلىرى ئارقىلىق چۈشلىرىمگە شېرىنلىق ئاتا قىلىدىغان ، ۋەدىلىرى ئارقىلىق كەلگۈسى تۇرمۇشۇمنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان «ئۇ»نى ئىزدەپتىمەن .
ياشلىقىم سۆيمەي، سۆيدۈرمەي، كۆيۈپ، كۆيدۈرمەي ، ماڭا قېرىلىق تۇيغۇلىرىنى ئاتا قىلىۋىتىپتۇ . بەلكىم ياشاش ئۇسۇلۇمنى ، كۆزقاراشلىرىمنى ئۆزگەرتىپ ئۆز تۇرمۇشۇمغا ئۆزۈم مەنە بېرىدىغان كۈنلەرگە كىلىپ قالغاندىمەن ، يىللار سائەت ئىستىرىلكىسىدەك ھارماي ئايلىنىپ ماڭا ھاياتلىقنىڭ قىمىمىتىنى مەنىلىرىنى بىلدۈرىۋاتقاندۇ ، لىكىن ئەسلىمىلىرىم شۇنىڭغا گۇۋاھكى ، مەن گەرچە قەلبىمدىكى ئۆزۈم لايىھىلىگەن غايىۋى ئوبرازنى ئۇچراتمىغان بولساممۇ، لىكىن قېرىنداشلىرىم ، دوستلىرىم ، خىزمەتداشلىرىم بىلەن كۈنلىرىمنى ئىنتايىن مەنىلىك ئۆتكۈزۈپتىمەن. بۇمۇ مەن ئۈچۈن بىر غەلىبە ، ئوڭ قولۇمدا بەخت ، سول قولۇمدا ئەسلىمە گۈللىرىنى كۆتۈرۈپ يىڭى يىلدىن يېڭىچە مەنە تېپىشقا تىرىشاي !
مەنبە: www.07938.com
تەرجىمە ئەسەر
l
- مەزمۇن قاتارى
-
- تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
- ئىنكاس يوللاش
- تەۋسىيە