باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-7 10:28 | ئاپتور: مەرپو | مەنبە: تەرجمە ئەسەر | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

مەن كەتتىم ، ئۇنى قەدىرلەڭ

    قەدىرلىكىم ! كەچۈرۈڭ مەن ئاخىرى سىزگە « ئاجرىشىپ كېتەيلى » دىيىش قارارىغا كەلدىم!
    ئۆزۈمنى ئەزەلدىن ئىنتايىن ئاجىز چاغلايتتىم . شۇڭا نىكاھىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بېرىشىچە تىرىشىپ ، كۈندە سىز ئەڭ ئامراق تاماقنى ئېتىپ، سىز ئامراق پىلاستىنكىنى قويۇپ ، ھەممە ، ھەممىنى سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز بويىچە قىلىپ ، سىزنى ئۆزۈمچە بەخىتلىك قىلىشقا تىرىشقان ، سىزنىڭ مەندىن بىزار بولىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ سىزگە ھىچقانداق شەرت قويۇپ باقمىغان ئىدىم، ئەمما ھازىر كاللامدىن ئۆتتى ، قانچە ئۇزۇن يىللىق ھىسسىياتمۇ بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىكەن.
    مۇزىكا تورىدا ئىككىڭلارنىڭ سۈرىتىنى ، ئىككىڭلارنى مەلۇم بىر مېھمانخانا ئالدىدا خوشلىشىۋاتقىنىڭلارنى كۆرگەن ، توي قىلغىنىمىزنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنى سىز ئۇنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئالغان ئىدىڭىز ، ئۇ قىز ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى ...
    مەن سىزنىڭ ئۇنىڭغا يازغان خىتىڭىزنى ئوغۇرلۇقچە ئوقىغان ئىدىم ، خىتىڭىزدىكى ھەر بىر ئىبارىڭىز ، كىشىگە شۇنچە شېرىن مۇھەببەت ھېس قىلدۇراتتى ، شۇنچە تەسىرلىك ئىدى ، مەن كۆرۈپ تۇرۇپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم ، تىخى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ، بۇ ماڭا يېزىلغان خەت ، سىزنى مىنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىدۇ دەپ، ئۆز- ئۆزۈمنى ئالدىغان ئىدىم ، خىتىڭىزدە گەرچە ئاجرىشىشنى تىلغا ئالمىغان بولسىڭىزمۇ، لىكىن كۈنلەردىن بىر كۈنى، بىز راستتىنلا ئاجرىشىپ كىتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ ، سىزنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن قورققان ئىدىم.
    قەدىرلىكىم ! مەن سىزنى سۆيەتتىم ، ئائىلىمىزنى سۆيەتتىم ، شۇڭا سىز دىمىگەندىكىن ، مەنمۇ ھىچنىمىنى سورىمىغان ئىدىم، پەقەت سىز ئۇخلاپ بولغاندىن كىيىن ئوغۇرلۇقچە پۇخادىن چىققۇچە يىغلىۋالاتتىم ، بىلەمسىز؟ مەن سىزنىڭ ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلسەممۇ ، ئۆزۈمچە ئۇ مەن بىلەن شۇنچە يىل بىللە ئۆتتى، ھەم ئۆتىۋاتىدىغۇ دەپ ، ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرەتتىم . سىزنىڭ ئاجىرىشىشنى تىلغا ئالمىغانلىقىڭىز مىنىڭ بەختىم ، سىز پەقەت قايتىپ كىلىپ ماڭا ھەراھ بولسىڭىز ، مەن ئەتكەن تاماقنى يىسىڭىز ، تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىز، ئاندا -ساندا مىنى قۇچاقلاپ ماڭا بولغان مۇھەببىتڭىزنى ئىپادىلەپ قويسىڭىز ماڭا مۇشۇلارلا كۇپايە ئىدى ، مەن سىزنى راستتىنلا ياخشى كۆرەتتىم ، شۇڭا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان ، سىزنى «مىنىڭ» دەپ بىلگەن ئىدىم، مۇشۇنداق تىنچ تۇرمۇشىمىزنى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلايتتىم ، ئەگەر تۈنۈگۈن ئاخشام دوستىڭىزنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەرمىگەن بولسىڭىز، مەن قاچانغۇچە ئۆز-ئۆزۈمنىڭ بەخىت تۇيغۇسىدىن چىقماي ياشار بولغىيتتىم؟
    سىز ماڭا دوستىڭىزنىڭ ھىكايىسىنى سۆزلەپ بەردىڭىز " بىر دوستۇم توي قىلغىلى 6 يىل بولغان ئىدى ، ئايالى شۇنداق ياخشى بولغاچقا ئۇ ئۆزىنى ئايالىمنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن دەپ ئويلايتتى ، بىراق ئۇلار توي قىلىپ 4- يىلى ئۇ بىر قىزنى ئۇچرىتىپتۇ ، ئۇ قىز ئۇنىڭغا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىپتۇ ، ئۇنىڭغا خوتۇنى ھېس قىلدۇرمىغان خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرۇپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇھەببەتلىشىپتۇ، ئوغۇرلۇقچە كۆرىشىش، ئۇچرىشىشلار ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپتۇ، ئۇ قىز ئىنتايىن ئەقىللىق ئىكەن ، شۇڭا شۇنچە ۋاقىت بولسىمۇ توي قىلىش دىگەندەك تەلەپلەرنى تىلغا ئېلىپمۇ باقماپتۇ ، ئۇ ھىلىھەم ئايالىنى ياخشى كۆرىدىكەن . چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى ئۇنى ئىنتايىن چوڭ بىلىدىكەن، كۆيىنىدىكەن ، تۇرمۇشىدا ھەمدەم ئىكەن ، ئايالىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۇ ئايرىلىپ كىتىشكە ھىچقانداق سەۋەپ تاپالماپتۇ، شۇڭا ئۇ ئايالىدىن ۋاز كىچەلمەيدىكەن ، لىكىن ھازىر ئۇ قىزنىڭ بويىدا قاپتۇ ، شۇڭا قىز توي قىلايلى دەپتۇ ، قىز ئۇنىڭ بىلەن 4 يىل يۈرۈپ ئۇنىڭغا بارلىقىنى ئاتىغاچقا ، ئۇ قىزنى رەت قىلىشقا ئامالسىز ئىكەن" ھىكايە مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سىز ماڭا قاراپ : " سىزنىڭچە دوستۇم قانداق قىلسا بولار؟ "دەپ سورىدىڭىز .
    مەن جاۋاپ بەرمىدىم ، چۈنكى ئۇ دوستىڭىزنى ھىكايىسى ئەمەس بەلكى سىزنىڭ ھىكايىڭىز ئىدى . سىز راستتىنلا قانداق قىلارىڭىز بىلمەيلا قالغان ئىدىڭىز...
تۈنۈگۈن كىچە سىز ئۇخلاپ بولغاندىن كىيىن مەن ، سىزنىڭ تاتلىق ئۇيقۇدىكى تۇرقىڭىزغا، تونۇش يۈزلىرىڭىزگە قاراپ سىزنى سۆيگۈم كەلدى ، چۈنكى بۇ مىنىڭ سىزنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سۆيگىنىم بولۇپ قالدىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان ئىدى . قەدىرلىكىم سىز تۇيمىدىڭىز ، كۆز ياشلىرىم باغرىڭىزنى نەمدىدى ، لىكىن سىز يەنىلا تۇيمىدىڭىز، بەلكىم سىز چۈشىڭىزدە ئۇنى كۆرىۋاتقان ، ئۇنىڭ بىلەن تاتلىق سىردىشىۋاتقان بولسىڭىز كېرەك .
    قەدىرلىكىم ! مەن كەتتىم ، مىنىڭ كىتىشىم ئەڭ ئاقىلانىلىك بولىشى مۇمكىن ، قەدىرلىكىم بۇندىن كىيىن مەن يىنىڭىزدا يوق ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ ، ئۆينى پاكىز يىغىشتۇرۇپ قويدۇم ، توك كورىسىدا تاماق بار قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىسسىتىپ يەڭ ، بۇ مىنىڭ سىزگە ئىتىپ بەرگەن ئاخىرقى تامىقىم، قەدىرلىكىم سىزنىڭ ئاشقازان ياللۇغىڭىز بار ، شۇڭا ۋاقتى-ۋاقتىدا تاماق ، يەڭ ،ئاچ يۈرسىڭىز سالامەتلىككە زىيانلىق ، دوستلىرىڭىز بىلەن ھاراقنى ئازراق ئىچىڭ، مەن يەنە كالا سۈتىنى بىر يىللىق ئالدىن زاكاز قىلىپ قويدۇم، پۇلنىمۇ تۆلىۋەتتىم ، ئۇلار ئۆيگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ، كۈندە ئەتىگەن كەچ قاينىتىپ ئىچىشنى ئۇنتۇماڭ ، سىز ئامراق پىلاستىنكىنى كومپىيۇتىرنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قويدۇم . ھە راست ، سىز ماڭا تۇنجى قىتىم سوۋغا قىلغان ھىلىقى كىچىك مۈشۈكئېيىقتىن باشقا ھىچنىمىنى ئالمىدىم ، بۇندىن كىيىن ئۇ سىزنىڭ ئورنىڭىزدا  ماڭا ھەمراھ بولىدۇ...
    مەن كەتتىم، گەرچە 6 يىل تۇتقان ئۆيۈمگە كۆزۈم قىيمىسىمۇ، لىكىن يە نىلا كىتىشكە مەجبۇرمەن، مەن سىزنى شۇنچە يىل ياخشى كۆردۈم ،سىزنىڭ بەختىڭىز مىنىڭ بەختىم ، سىزگە بەخت تىلەيمەن .
    قەدىرلىكىم ! مەن كەتكەندىن كىيىن سىز ئۇنى قەدىرلەڭ! ئۇنى سۆيۈڭ! ئۇنىڭغا سۆيگۈ ئازابى ھېس قىلدۇرماڭ ، بالىڭىز تۇغۇلغاندا مەن ئۈچۈن پېشانىسىگە سۆيۈپ قويۇڭ ، ئۇنىڭغا مىنىڭ بەخت تىلەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قويۇڭ!
مەن ھىلىھەم سىزنى ياخشى كۆرسەممۇ ، سىزنى سۆيسەممۇ لىكىن بۇندىن كىيىنكى ھەممە، ھەممە سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز!

مەنبە: (خەنزۇچە) ئائىلە ۋە نىكاھ
تەرجىمە ئەسەر
 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY