باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-7 10:24 | ئاپتور: مەرپو | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

كەچۈرۈڭ! ئەسلى سىزگە ئاشنا بولسام بوپتىكەن

    قەدىرلىكىم ! ياخشىمۇسىز ، بىلىمەن سىز چوقۇم ئىنتايىن ياخشى تۇرىۋاتىسىز ، چۈنكى سىز كۈندە روھلۇق ھالدا ئىشقا بارالايسىز ، دوستلىرىڭىز بىلەن خۇشال پاراڭلىشالايسىز ، ئاتا- ئانىڭىزنى ۋاقتى - ۋاقتىدا يوقلاپ ئۇلارنى خوش قىلالايسىز ، بۇ ماڭا ئايان ، بىراق مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم سىزنىڭ قەلبىڭىز ...
    قەلبىڭىز مەن يېقىنلىشالمايدىغان يەردە ، ئىلگىرى مەن ئۆزۈمنى قەلبىڭىزدىكى ئەڭ يېقىنىڭىز دەپ بىلەتتىم . ھازىر شۇنى ھېس قىلىپ قالدىمكى،  مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭغا يېقىنلىشالماپتىمەن ، ئېرىشەلمەپتىمەن . قەلبىڭىزنى يېقىن دىسەم كۆز ئالدىمدا ، يىراق دىسەم ئالەمنىڭ ئۇ چېتىدە ئىكەن . بىلسىڭىز مەن بۇ دۇنيادىكى سىزنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمىڭىز، سىز سۆيىدىغان، سىزنى سۆيىدىغان ، سىز ياخشى كۆرىدىغان ، سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئايالىڭىز ، بىراق مەن سىزنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىڭىزنى ھېس قىلالمايمەن .
    قاچانلاردىن باشلاپكىن ، مەن ئۆزۈمنىڭ سىز بىلەن ئىنتايىن يىراقلىشىپ كەتكەنلىكىمنى ، سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ئەرزىمەسلا بىر ئادەم ئىكەنلىكىمنى ، ئەتراپىڭىزدىكى ئادەملەردىنمۇ ناتونۇش ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ قالدىم .
    كەچۈرۈڭ! سىز ئەسلى ماڭا بۇنداق قىلمىسىڭىز بولاتتى.  بىلەمسىز ، سىز ماڭا پەرۋا قىلماس بولغان كۈندىن باشلاپ ، قەلبىمدىكى ئوبرازىڭىز ئۆزگىرىپ كەتتى ، مۇھەببەت دىگەن قەلب ئارا بۇلىدۇ ، بىر تەرەپنىڭ ھېسسىياتى سۇسلاشقان ئىكەن. يانا بىر تەرەپنىڭ مۇھەببىتىمۇ ئاجىزلاپ بارىدۇ ، ھازىر ئارلىقىمىز يىراقلاپ كەتتى ، ئۇرۇشۇشلار كۆپىيىپ كەتتى ، چۈنكى بىز بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قالدۇقتە !
    نۇرغۇن چاغلاردا ئەگەر ، بىز توي قىلماي ئاشىق- مەشۇق بولۇپ ئۆتكەن بولساق مۇشۇنداق مەسىلىگە يولۇقار بولغىيمىتۇق ؟ تۇرمۇشىمىزدا مۇشۇنداق ھەل قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەتلەربولغىيمىتتى؟ ئەگەر ئىككىمىز ئۇرۇشۇپ قالغان بولساق ئۇ ھازىرقىدەك ماڭا يول قويماس بولغىيمىتتى ، ماڭا مۇشۇنداق پەرۋا قىلماس بولغىيمىتتى دىگەندەك سۇئاللار توغرىسىدا خىياللارغا ئەسىر بولىمەن . 
    ئەگەر بىز پەقەت ئاشىق - مەشۇق بولۇپ ئۆتكەن بولساق بەلكىم تۇرمۇشىمىز بۇنداق زىددىيەتلەر بولمىغان ، قول تۇتۇشۇپ ساياھەت قىلىپ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانغان ، كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن قىزىرىپ- تاتىرىشماي ، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلىشىنى بىللە تاماشا قىلغان ، سىزنىڭ پەرۋاسىزلىقىڭىزدىن ئازابلانماي ، سىزنىڭ مىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزدىن سۆيۈنگەن بولاتتىم ...
    بىراق ھازىر ھەممە ئۆزگەردى، شۇنچە ناتونۇش بولۇپ ، بۇ ئۆزگىرىشنى ئېتىراپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن ، مەن نۇرغۇن قېتىم سىزدىن نېمىشقا بۇنچە ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز؟ ھازىرقى سىز بىلەن بۇرۇنقى سىزنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ نىمىشقا دائىم مىنىڭ ئازابلىنىپ ياش تۆكۈشۈمنىڭ سەۋەپچىسى بولۇپ قالىسىز؟ ماڭا تەسەللىي بېرىشنىمۇ خالىمامسىز؟ دەپ سورىغىنىمدا سىز پەقەت سۈكۈت قىلىشتىن باشقا ھىچقانداق ئىپادىدە بولمىغان ئىدىڭىز ، مەن ھازىر ئۆزۈمنى بەخىتلىك بولۇپ باقمىغاندەكلا ھىس قىلىمەن ، چۈنكى سىز مىنىڭ قەلبىمدە ئازار بېرىش ، ئازابلاشتىن باشقا ھېچنىمە قالدۇرمىدىڭىز ...
    مەن ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ، مۇھەببەتلىشىپ ، توي قىلىپ ئۆزۈمنىڭ بىر ئازاب گۆرىگە كىرىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ، ھازىرقى رېئاللىقنى قوبۇل قىلغۇم يوق ، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزمۇ مۇشۇنداقلا ھالاك بولامدۇ؟ مەن سىز بىلەن بۇنچىلىك يىراقلىشىپ كىتىشنى قوبۇل قىلالمايمەن ...
    قەدىرلىكىم بىلەمسىز ، مەن بۇنداق ئازابلىنىشنى كۆتىرەلمەيمەن ، ئەگەر مۇھەببىتىمىزنىڭ نىكاھىمىز ئارقىلىق ھالاك بولىشىنى بىلگەن بولسام ، سىز بىلەن توي قىلماي بىر ئۆمۈر سىزگە ئاشنا بولۇشقا رازى ئىدىم ، ئۇ چاغدا بەلكىم بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئۆزگەرمەس ئىدى .
    كەچۈرگىن تەقدىر ، مەن نىكاھتا مەغلۇپ بولدۇم ، بىز ئەسلى توي قىلماي ، مەن ئۇنىڭغا ئاشنا بولسام بوپتىكەن ...

تەرجىمە ئەسەر
l

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY